ئىسلامنىڭ ئىرقى ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇشى مۇبارەك ساھابە بىلال بىن راباەنىڭ قىسقىسى

ئىسلامنىڭ ئىرقى ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇشى مۇبارەك ساھابە بىلال بىن راباەنىڭ قىسقىسى

ئىسلامنىڭ ئىرقى ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇشى
مۇبارەك ساھابە بىلال بىن راباەنىڭ قىسقىسى

الإسلام ومكافحة التمييز العنصري باللغة الأويغورية
(قصة الصحابي الجليل بلال بن رباح رضي الله عنه)


ئابدۇكېرەم شەيها نىڭ ئوغلى ئابدۇراخمان
د. عبد الرحمن بن عبد الكريم الشيحة

تەرجىمىسى
European Islamic Research Center (EIRC)
ياۋروپا ئىسلام تەتقىقات مەركىزى

المركز الأوروبي للدراسات الإسلامية
 
www.islamland.com


بِسْمِ اللّهِ الرَّحْمنِ الرَّحِيمِ
ناھايتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن
جاھالەت ئۇمۇملاشقان، ئورمان قانۇنى (كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى بۇزەك قىلىدىغان قانۇن) باش كۈتۈرگەن، بۇتلارغا ئىبادەت قىلنىپ ئۈلۈكلەر يىيىلگەن، زىنا پاھىشىلەر ئېلىپ بېرىلغان، سىلە رەھىملەر ئۈزىۋېتىلگەن، ئىرقى ئايرىمىچىلىق ئۇمۇملۇشۇپ كىشىلەر ئاتالمىش ئالاھىدىلىك،ۋە خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە ھەرخىل ئىجتىمائىي تەبىقىلەرگە بۆلۈنۈپ، كۈچلۈكلەر ئاجىزلارغا زۇلۇم قىلىپ، بايلار كەمبەغەللەرنى يەپ، كىشىلەر بىر بىرىنى قۇل قىلىۋېلىشقان مانا مۇشۇنداق بىر دەۋىردە دۇنيا مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەۋەتىلىشى بىلەن يۇرۇپ كەتتى.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام قۇرۇق ئوت-چۆپلەرگە تۇتاشقان ئوتتەك تىز سۈرئەتتە كېڭىيىدىغان دەئۋىتىنى ئوتتۇرغا قۇيا- قويمايلا شۇ دەۋىردە ئۇمۇملۇشۇپ كەتكەن ئۆلچەملەر پۈتۈنلەي ئۆزگەردى ئاندىن بۇ دەئۋەت نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھاۋايى- ھەۋەسلىرى ۋە قىزىقىشلىرىغا قارشى كەلدى، شۇ سەۋەپتىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى كىشىلەرنىڭ ماللىرىنى يولسىزلارچە يەۋالىدىغان ھەر بىر زالىم ھۈكۈمران دۈشمەن تۇتتى، بۇ پەقەت ئۇنىڭ ئىنسانلارنى "ئاللاھنىڭ غەيرىگە قۇل بۇلۇشتىن ئازات بۇلۇش نەتىجىدە ئنسانىيەت نەپسى ئۈزىنى ئىگەللىۋالغان ياكى قۇل قىلىۋالغان ھەرقانداق ھۈكۈمراندىن قۇتۇلۇش "قا چاقىرىدىغان تەۋھىد شەرىئىتىنى (قانۇنىنى) ئېلىپ كەلگەنلىكى ئىدى.
جاھالەتكە قارشى تۇرۇش، ئاشكارا ۋە يۇشۇرۇن زىنا پاھىشىلەرنى چەكلەش بۇ شەرىئەتنىڭ پىرىنسىپى ئىدى، بۇ شەرىئەت زۇلۇم ۋە ناھەقچىلىكنى چەكلەيتتى، جەمىئىيەتتە ئۇمۇملىشىپ كەتكەن، رەڭ، جىنىس ياكى ئىرقى ئوخشاشماسلىق ئاساسىغا قۇرۇلغان سىنىپى بۈلۈنۈشلەرنى تامامەن يۇقۇتاتتى،
بۇ شەرىئەت ئىنساننى ئاللاھ تەئالا ئىرادە قىلغان ھۆرمەتلىنىش ئورنىغا قۇياتتى ۋە ئۇنى مۇستەملىكىچىلەر ئۇلار ئۈستىدىن بىكىتىپ قويغان خارلىق ۋە شەرمەندىچىلىكلەردىن قۇتۇلدۇرۇپ ئۇلارغا بۇ قانخورلار تارتىۋالغان ھۇقۇقىنى بىرەتتى.
كىشىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەۋەتىلىشتىن بۇرۇن ئىنسانغا ياكى شەكىلگە كىرگۈزۈلگەن تاشقا ۋە ياكى ئۇيۇپ قۇيۇلغان ياغاچقا ئىبادەت قىلاتتى، ۋە ئۈزىنىڭ قېرىندىشى بولغان ئىنسانلارنى ئۈزى تۈزۈپ چىققان ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتىن ئوخشاشلا زالىم بولغان تۈزۈلمىلىرى بىلەن قۇل قىلاتتى،
مانا بۇ زالىم تۈزۈلمىلىرى بىلەن ئۇنىڭ تىرىشچانلىقلىرى ۋە ھۆرمىتىنى يۇقۇتۇپ ئۇنىڭ ھالال ئەمگىكىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلاتتى، شۇ سەۋەپتىن ئىسلام جەمىئەتنى ھەر خىل ئىجتىمائىي قاتلاملارغا بۆلىۋېتىدىغان بارلىق زالىم تۈزۈلمىلەرگە قارشى تۇردى.
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كىلىپ مۇنداق دەپ جاكاارلىدى: ئەي.ئىنسانلار بىلىڭلاركى ھەقىيقەتەن سىلەرنىڭ رەببىڭلار بىردۇر، ۋە ئاتاڭلار بىردۇر، بىلىڭلاركى ئەرەپلەرنىڭ ئەجەملەردىن، ئەجەملەرنىڭ ئەرەپلەردىن، ئاق تەنلىكنىڭ قارا تەنلىكتىن قارا تەنلىكنىڭ ئاق تەنلىكتىن بولغان پەرقى پەقەت تەقۋالىق بىلەنلا بۇلۇدۇ.
ھىندىستانلىق بىراخمان دىنىدىكىلەرنىڭ قۇلىدىكى ئاتالمىش <مۇقەددەس> كىتاپلىرى كىشىلەر ئارىسىدىكى پەرىقنى ئۇلارنىڭ ماددىسى ۋە تۇنجى پەيدا بۇلىشىغا قاراپ بېكىتىپ مۇنداق دەيدۇ: بەراھمان <ئۇلارنىڭ ئاتالمىش ئىلاھى> بىراخمان دىنىدىكىلەرنى ئېغىزىدىن ياراتقان، كەشتەرىيلەرنى بىلىكىدىن، پەيسائىي تۈرىدىكىلەرنى يۇتىسىدىن، سەۋدىرائىي تۈرىدىكىلەرنى پۇتىدىن ياراتقان.
ۋە ئۇلارنىڭ كىتاپلىرى مۇشۇ تەبىقىلەر ئارىسىدىكى ئنسانىي ۋەزىپىلەرنى تەقسىملەپ ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمىنى نىجىسلار، ئىلاھنىڭ يۇتىسىدىن يارىتىلغانلار، ئۇنداق بولغان ئىكەن ئۇلار تۈۋەن قاتلامدىكى پەس كىشىلەر، ئۇلار پەقەت پەس ئىشلارنىلا قىلىدۇ، ئۇلار پەقەت بىراخمان دىنىدىكىلەرگە خىزمەت قىلىش ئۈچۈنلا يارىتىلغان دەپ ئىتىقاد قىلىشىدۇ، ئەنە شۇنىڭدەك قەدىمقى يۇنانلار ۋە رۇملار ئۆزلىرىنى باشقا مىللەتلەر يارىتىلغان ماددىغا تامامەن ئوخشىمايدىغان باشقا ماددىلاردىن يارىتىلغان دەپ ئىتقاد قىلاتتى، ئۇلار باشقا مىللەتلەرنى "ياۋايىلار" دەپ ئاتايتتى، بۇ ئايرىمىچىلىقنى ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭ پەيلاسوپى ئارىستوتىل بايان قىلىپ مۇنداق قارار قىىدۇ:[ئىلاھلار ئىككى تۈرلۈك ئىنسان ياراتقان بۇلۇپ بىر تۈرلۈكنى ئەقىل ۋە ئىرادە بىلەن تەمىنلىگەن مانا بۇ يۇنانلىقلار تۈرى بۇلۇپ ئۇلارنى ئۈزىنىڭ زىمىندىكى خەلىپىسى بۇلۇش ۋە بارچە ئىنسانلارنىڭ خۇجايىنى بۇلۇش ئۈچۈن مۇشۇنداق مۇكەممەل رەۋىشتە ياراتقان، يەنە بىر تۈرىنى بولسا جىسمانىي كۈچ ۋە جىسىمغا بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك نەرسىلەر بىلەنلا تەمىنلىگەن، مانا بۇلار ياۋايى مەدىنىيەتسىز كىشىلەر بۇلۇپ ئىلاھلار بۇلارنى بۇ تاللانغان كىشىلەرگە قۇل بولسۇن ئۈچۈن مۇشۇنداق كەمتۈك رەۋىشتە ياراتقان].
شۇنىڭدەك يەھۇد ۋە ناسارالارمۇ ئىسلام كىلىشتىن ئىلگىرى ئۆزلىرىنى باشقا ئىنسانلاردىن پەرىقلەندۈرۇپ تۇرىدىغان ئالاھىدە مەرتىۋىسى ۋە ئورنى بار ئاللاھنىڭ تاللانغان خەلقى دەپ قارايتتى چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىنى باشقا ئىنسانلارنىڭ ماددىسىغا ئوخشىمايدىغان باشقا بىر ماددىدىن يارىتىلغان دەپ ئىتىقاد قىلاتتى، شۇڭلاشقا ئۇلار ئۆزلىرىدىن باشقا كىشىلەرگە ئۇلارنىڭ ماددىسى ئىتىبارى بىلەن كەمسىتىش نەزىرىدە قارايتتى ۋە ئۇلارغا "جۇۋەيم"دىگەن نامنى ئىشلىتەتتى مانا بۇ ئاتالغۇ يەھۇدىيلاردىن باشقا كىشىلەرگە ئىشلىتىلىدىغان بۇلۇپ، ئۇنىڭ مەنىسى:كاپىرلار، بۇتپەرەسلەر ۋە نىجىسلار دىگەن بۇلاتتى. دىمەك ئۇلار ئۆز ئىتىقادىدا ئۆزلىرىدىن باشقا كىشىلەرنى تۈنجى يارىتىش بۇيىچە بولغاندا تۈۋەن كىشىلەر بولغانلىقى ئۈچۈن قۇل قىلىش ۋە پايدىلنىشقا ھەقلىقمىز دەپ قارايتتى، ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
وَمِنْ أَهْلِ الْكِتَابِ مَنْ إِن تَأْمَنْهُ بِقِنطَارٍ يُؤَدِّهِ إِلَيْكَ وَمِنْهُم مَّنْ إِن تَأْمَنْهُ بِدِينَارٍ لاَّ يُؤَدِّهِ إِلَيْكَ إِلاَّ مَا دُمْتَ عَلَيْهِ قَآئِمًا ذَلِكَ بِأَنَّهُمْ قَالُواْ لَيْسَ عَلَيْنَا فِي الأُمِّيِّينَ سَبِيلٌ وَيَقُولُونَ عَلَى اللّهِ الْكَذِبَ وَهُمْ يَعْلَمُونَ.
ئەھلى كىتابتىن بەزى كىشىلەر باركى، ئۇنىڭدا كۆپ مال ئامانەت قويساڭمۇ ساڭا ئۇنى قايتۇرۇپ بېرىدۇ؛ ئۇلاردىن يەنە بەزى كىشىلەرمۇ باركى، ئۇنىڭدا بىر دىنار ئامانەت قويساڭمۇ ئۇنىڭ بېشىدا تۇرمىغىچە (يەنى قايتا - قايتا سۈيلىمىگىچە) ئۇنى ساڭا قايتۇرۇپ بەرمەيدۇ. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار: «ئۈممىلەرنىڭ مېلىغا خىيانەت قىلساق بىزگە گۇناھ بولمايدۇ (يەنى بىزنىڭ دىنىمىزدا بولمىغانلارنىڭ ماللىرى بىزگە ھارام ئەمەس)» دېدى، ئۇلار بىلىپ تۇرۇپ اﷲ نامىدىن يالغاننى توقۇيدۇ.
سۈرە ئال ئىمران 75-ئايەت
ئىبنى كەسىير بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىدە مۇنداق دەيدۇ: يەنى ئۇلارنى ھەقنى ئىنكار قىلىشقا ئېلىپ بارغان نەرسە شۇكى ئۇلار (بىزنىڭ دىينىمىزدا ئۇممىيلارنىڭ "ئەرەپلەرنى دىمەكچى"پۇل ماللىرىنى يىسەك كىرەك يوق چۈنكى ئاللاھ ئۇنى بىزگە ھالال قىلىپ بەرگەن) دەيتتى.
دىمەك ئۇلارنىڭ باشقا خەلىقلەرگە بولغان كۆز قارشى تۈۋەن كۈرۈش بۇلۇپ باشقىلارنى ئاللاھ شۇلارغا قۇل بۇلۇش ئۈچۈن ياراتقان دەپ قارايتتى.
ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ ھەقىيقىتىنى ۋە بارچە ئىنسىانلارنىڭ پەرىقسىز باپ-باراۋەر ئىكەنلىكىنى، بۇنداق خاتا قاراشنىڭ پەقەت ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى قۇرۇق ئارزۇ ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
وَقَالَتِ الْيَهُودُ وَالنَّصَارَى نَحْنُ أَبْنَاء اللّهِ وَأَحِبَّاؤُهُ قُلْ فَلِمَ يُعَذِّبُكُم بِذُنُوبِكُم بَلْ أَنتُم بَشَرٌ مِّمَّنْ خَلَقَ يَغْفِرُ لِمَن يَشَاء وَيُعَذِّبُ مَن يَشَاء وَلِلّهِ مُلْكُ السَّمَاوَاتِ وَالأَرْضِ وَمَا بَيْنَهُمَا وَإِلَيْهِ الْمَصِيرُ.
يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار: «بىز ﷲ نىڭ ئوغۇللىرىدۇرمىز (يەنى ئاتا - بالىدەك يېقىنمىز) ۋە (بىز ﷲ نىڭ دىنىدا بولغاچقا) دوستلىرىدۇرمىز» دېدى. ئېيتقىنكى، «(ئۇنداق بولسا) ﷲ نېمە ئۈچۈن سىلەرگە گۇناھىڭلار تۈپەيلىدىن ئازاب قىلىدۇ؟» بەلكى سىلەر باشقا كىشىلەرگە ئوخشاش ﷲ ياراتقان ئىنسانسىلەر، ﷲ خالىغان ئادەمگە مەغپىرەت قىلىدۇ؛ خالىغان ئادەمگە ئازاب قىلىدۇ. ئاسمانلارنىڭ، يەر يۈزىنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ پادىشاھلىقى ﷲ قا خاستۇر، ئەڭ ئاخىر بارىدىغان جاي اﷲ نىڭ دەرگاھىدۇر
سۈرە مائىدە 18-ئايەت
شۇنىڭدەك ئەرەپلەرمۇ ئىسلام كىلىشتىن بۇرۇنقى جاھىلىيەت دەۋرىدە ئۆزلىرىنى مۇكەممەل ئىنسانىي تەبىئەتكە ئىگە كىشىلەر، باشقىلار بولسا تۈۋەن ئىنسانىي تەبىئىتى مۇكەممەل بولمىغان كىشىلەر دەپ قارايتتى.
ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا ئەقىدىسىنىڭ خاتالىقىنى، پىكىرلىرىنىڭ ئازغۇن پىكىر ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ بەردى، ھەمدە بۇ سۈزىنى مانا مۇشۇنداق بۈلۈنۈش ۋە تەپرىقىچىلىقنى يۇقۇتۇش ئۈچۈن كەلگەن ئىسلام شەرىئتىنىڭ تەلىماتلىرىغا بىنائەن باشقىلارنى ھۆرمەتلەش، تۈۋەن كۆرمەسلىك،قاتارلىق ئىشلاردا ئەگىشىپ ماڭىدىغان ئۈلگە، نەمۇنە قىلىپ بەردى.
ئىبنى ئۈمەر (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) دىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە ئۇ مۇنداق دەيدۇ:پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەن چۈشۈمدە ئارلىشىپ كەتكەن نۇرغۇن ئاق- قارا قويلارنى كۆردۈم دىگەندە ساھابىلار ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئۇنى قانداق چۈشەندىڭ دەپ سورىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:ئەجەملەر سىلەرگە دىينىڭلاردا ۋە نەسەبلىرىڭلاردا ئورتاق بۇلۇدۇ، دەپ جاۋاپ بەردى، ساھابىلار ئىي ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئەجەملەرمۇ شۇنداق بۇلامدۇ؟ دەپ سورىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئەگەر ئىيمان سۇرەييا دىگەن يۇلتۇزغا ئېسىقلىق بولغان تەقدىردىمۇ (يەنى شۇنچىلىك يىراقتا بولسىمۇ) ئەلۋەتتە ئۇنىڭغا ئەجەملەردىن بىر تۈركۈم كىشىلەر ئېرىشىپ ئۇنىڭ بىلەن باشقا كىشىلەرنىمۇ بەخىتلىك قىلىدۇ.
دىمەك ئىنسانلار كان بايلىقلىرىغا ئوخشايدۇ، ھەر بىر تۈردىكى ئىنسانلارنىڭ ئەسلى يارىتىلىش ۋە پەيدا بۇلۇشىدىكى ماددىسىغا قاراپ ئەمەس بەلكى ئنسان تەبىئىتىدە بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاللاھ خاسلاشتۇرۇپ بەرگەن ئالاھىدىلىكى بار،
مۇكەممەللىك ئاللاھ تائالاغا خاس، كەمتۈكلۈك، يىتەرسىزلىك ۋە ئەيىپ نوقسانلار بولسا پەيغەمبەر ۋە ئەلچىلەردىن باشقا بارلىق ئادەم باللىرىنىڭ بەلگىسىدۇر.
مانا بۇ تەلىماتلار مۇسۇلمانلارنىڭ قەلبىگە تەسر قىلدى دە ئۇلار باشقىلارغا ئادىللىق قىلىشقا ۋە مۇشۇ تەلىماتلارغا ئۇيغۇن ھالدا مۇئامىلە قىلىشقا باشلىدى.
مۇستەۋرىدۇلقۇرەشىي ئەمىر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىدا مۇنداق دەيدۇ: مەن رەسۇلۇللاھ سەللەلاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دىگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: « قىيامەت رۇملۇقلار (ياۋرۇپالىقلار) ئەڭ كۆپ ۋاقتىدا قايىم بولىدۇ » ئەمىر ئىبنى ئاس ئۇنىڭغا دىگەنلىرىڭنى ئېنىقلاپ سۆزلە دېدى: مۇستەۋرىد مەن رەسۇلۇللاھ سەللەلاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ئاڭلىغاننى دەۋاتىمەن دېدى. ئەمىر ئىبنى ئاس ئۇنداقتا بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئۇلاردا تۆت خىسلەت بار:
بىرىنجى: ئۇلار پىتنە _ پاساتچىلىققا ئەڭ بەك سەۋىر قىلدىغان كىشلەردۇر.
ئىككىنجى: بېشىغا كەلگەن بالا _ مۇسىبەتتىن ئەڭ تېز سۈرئەتتە قۇتۇلىدىغان كىشلەردۇر.
ئۈچىنجى: مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن قايتا ئۇرۇش ئېچىشقا ئالدىرايدىغان كىشلەردۇر.
تۆتىنجى: يىتىم مىسكىنلەرگە ۋە ئاجىزلارغا بەك ياخشىلىق قىلىدىغان كىشىلەردۇر.
ۋە يەنە ناھايتى ياخشى يەنە بىر سۈپىتىمۇ بار، ئۇ بولسىمۇ: ئۇلار پادىشالىرىغا تۇلۇق بويسۇنغانلىقتىن ئۇلارنىڭ زۇلۇم قىلىشىدىن قۇتۇلۇپ قالىدىغان كىشىلەردۇر، (يەنى پادىشاھلىرى ئۇلارغا زۇلۇم قىلمايدۇ).
[مۇسلىم رىۋايەت قىلغان]
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دەل مانا مۇشۇنداق يىرگىنىشلىك بۈلۈنمىچىلىكنى بىكار قىلىش ئۈچۈن كەلگەن بۇلۇپ ئەركىنلىك ئۇ ئېلىپ كەلگەن شەرىئەتنىڭ پىرىنسىپلىرىدىن ئىدى، مانا بۇ ئۇنىڭدىن كىيىنكى خەلىپىلەر ئىجرا قىلغان شەرىئەت قائىدىلىرىگە ئۇيغۇن بولغان، بارلىق ئىنسانىيەتكە مۇتلەق بولغان ئەركىنلىك بۇلۇپ، ئۇلار ھاكىم بىلەن مەھكۇمنى ۋە ياكى باي بىلەن كەمبەغەل ئوتتۇرسىنى ئايرىمىغان.
ئەنەس (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) مۇنداق دەيدۇ:مىسىرلىق بىر كىشى ئۈمەر (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) نىڭ قېشىغا كىلىپ ئىي مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى مەن زۇلۇمغا قارشى سەندىن پاناھلىق تىلەيمەن دىدى، ئۈمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ئەلۋەتتە پاناھلىق بىرىمەن دىدى، ئۇ كىشى مەن ئەمرىبنى ئاس (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) نىڭ ئوغلى بىلەن مۇسابىقىلىشىپ ئۇنى يىڭىۋەتكەن ئىدىم، ئاندىن ئۇ مىنى «مەن دىگەن ئىسىل كىشىلەرنىڭ ئەۋلادى » دىگەن پېتى ئۇرۇپ كەتتى دىدى، ئاندىن ئۈمەر (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) ئەمرىبنى ئاسقا (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) ئوغلىنى ئېلىپ كىلىشكە بۇيرۇپ خەت يازدى، ئۇ كەلدى، ئاندىن ئۈمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ھېلىقى مىسىرلىق قېنى؟ قامچىنى ئېلىپ ئۇر دىدى، ئۇ ئەمرىبنى ئاسنىڭ ئوغلىنى قامچا بىلەن ئۇرۇشقا باشلىدى، ئۈمەر: ئىسىل كىشىلەرنىڭ باللىرىنى ئۇرە دەپ تۇراتتى، ئەنەس مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى ئۇ شۇنداق ئۇرۇپ كەتتىكى بىزمۇ ئەسلىدە ئۇنىڭ ئۇرىشىنى ياخشى كۈرەتتۇق، لېكىن ئۇ ئۇرۇشتىن توختىمىدى ھەتتا بىز ئۇنىڭ ئۇرۇشتىن توختىشىنى ئارزۇ قىلىپ قالدۇق، ئاندىن ئۈمەر ھېلىقى مىسىرلىققا قامچىنى ئەمرىبنى ئاسنىڭ تاقىر بېشىغىلا قويغىن دىدى، ئۇ مىسىرلىق ئېيتتىكى:ئىي مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى مىنى ئۇرغىنى ئۇنىڭ ئوغلى مەن ئۇنىڭدىن قىساسىمنى ئېلىپ بولدۇم دىدى، ئاندىن ئۈمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ:كىشىلەرنى ئانىلىرى ھۆر ھالەتتە تۇققان تۇرسا سىلەر ئۇلارنى قاچاندىن بىرى قۇل قىلىۋالدىڭلار دىدى، ئەمرى ئىبنى ئاس: ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىيرى مەن بۇ ئىشنى بىلمەپتىمەن، ئۇ مىنىڭ يېنىمغا كەلمەپتۇ دىدى.
 [ئبنى ئابدۇلھەكەمنىڭ تارىخ كىتابىدىن ئېلىندى]
 شۇنىڭدەك قۇرئان كەرىم ئۇپ-ئۇچۇق ھالەتتە بارلىق ئىنسانلار ئارىسىدا نۇرغۇن ئوخشاشماسلىقلار ۋە پەرىقلەر بولغان بولسىمۇ بىر ئىنسان يەنە بىر قېرىندىشى بولغان ئىنسان بىلەن ئوخشاش ھالەتتە بۇلۇدۇ، بارلىق ئىنسانلار باپ-باراۋەر دىگەن ھەقىيقەتكە چاقىردى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنى كىشىلەر ئارىسىدا كەڭ تارقاتتى. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:
 يَا أَيُّهَا النَّاسُ اتَّقُواْ رَبَّكُمُ الَّذِي خَلَقَكُم مِّن نَّفْسٍ وَاحِدَةٍ وَخَلَقَ مِنْهَا زَوْجَهَا وَبَثَّ مِنْهُمَا رِجَالاً كَثِيرًا وَنِسَاء وَاتَّقُواْ اللّهَ الَّذِي تَسَاءلُونَ بِهِ وَالأَرْحَامَ إِنَّ اللّهَ كَانَ عَلَيْكُمْ رَقِيبًا.
ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىر ئىنساندىن (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن) ياراتقان، شۇ ئىنساندىن (يەنى ئۆز جىنسىدىن) ئۇنىڭ جۈپتىنى (يەنى ھەۋۋانى) ياراتقان ۋە ئۇلاردىن (يەنى ئادەم بىلەن ھەۋۋادىن) نۇرغۇن ئەر - ئاياللارنى ياراتقان پەرۋەردىگارىڭلاردىن قورقۇڭلار، بىر - بىرىڭلاردىن نەرسە سورىغاندا نامى بىلەن سورايدىغان اﷲ تىن قورقۇڭلار، سىلە - رەھىمنى ئۈزۈپ قويۇشتىن
ساقلىنىڭلار. اﷲ ھەقىقەتەن سىلەرنى (يەنى پۈتۈن ئەھۋالىڭلارنى) كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر
سۈرە نىسا 1-ئايەت
دىمەك ئىنساننىڭ ئەسلى، كىلىپ چىقىشى ۋە مەنبەسى بىر بۇلۇپ ئۇ بولسىمۇ ئادەم ئەلەيھىسسالامدۇر.
چۈنكى رەببىمىز ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
إِنَّ مَثَلَ عِيسَى عِندَ اللّهِ كَمَثَلِ آدَمَ خَلَقَهُ مِن تُرَابٍ ثِمَّ قَالَ لَهُ كُن فَيَكُونُ.
شۈبھىسىزكى، اﷲ نىڭ نەزىرىدە ئىسانىڭ مىسالى (ئۇ ئاتىسىز يارىتىلغانلىقتىن) ئادەمنىڭ (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ) مىسالىغا ئوخشايدۇ. ئادەمنى اﷲ (ئاتا - ئانىسىز) تۇپراقتىن ياراتتى، ئاندىن ئۇنىڭغا: «ۋۇجۇدقا كەل» دېدى - دە، ئۇ ۋۇجۇدقا كەلدى (ئىسانىڭ ئىشى ئادەمنىڭ ئىشىدىن ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس(
 سۈرە ئال ئىمران 59-ئايەت
ئاندىن ئاللاھ ئۇنى كۈپۈيۈشنىڭ مەنبەسى قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
وَمِنْ آيَاتِهِ أَنْ خَلَقَكُم مِّن تُرَابٍ ثُمَّ إِذَا أَنتُم بَشَرٌ تَنتَشِرُونَ
ﷲ نىڭ سىلەرنى تۇپراقتىن ياراتقانلىقى، ئاندىن سىلەرنىڭ ئىنسان بولۇپ زېمىندا تارىلىپ يۈرۈشۈڭلار اﷲ نىڭ (كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر
سۈرە رۇم 20-ئايەت
بارلىق ئىنسانلار بىر ئاتا بىر ئانىدىن بارلىققا كەلگەن شۇڭلاشقا ئۇلارنىڭ بىرىنىڭ يەنە بىرىدىن ئەسلى ماددىسى سەۋەپلىك ئارتۇقچىلىقى بولمايدۇ، ئاللاھ تائالا ئىنسانلار ئىچىدىن تۇنجى ياراتقان كىشى بارلىق ئىنسانلارنىڭ ئاتىسى بولغان ئادەم ئاتىمىزدۇر، ئاندىن ئاللاھ تائالا ئۇنىڭدىن بارلىق ئىنسانلارنىڭ ئانىسى بولغان ئايالى ھەۋۋانى ياراتقان، ۋە بارلىق مەخلۇقاتلارنىڭ ئاخىرلىشىشىغا ئىزنى قىلغان ۋە قىيامەت بولغانغا قەدەر ئىنسانىيەتنىڭ كۈپىيىشىنى بۇ ئىككىسىدىن بۇلىدىغان قىلىپ بىكىتتى.
كىشىلەر بىر ئەسلىدىن يارىتىلغان تۇرۇپ بىر بىرىدىن پەخىرلەشمەيدۇ، بىر بىرىنى خارلاپ قۇل قىلىشمايدۇ، بىر بىرىنى تۈۋەن كۈرۈشمەيدۇ،
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھ تائالا سىلەردىنجاھىلىيەتتىكى ئۈزىنى چوڭ تۇتۇش ۋە ئەجداتلىرى بىلەن پەخىرلىنىشلەرنى بىكار قىلىۋەتتى، كىشىلەر ئىككى تۈرلۈك بۇلۇپ تەقۋادار مۇئمىن، ۋە بەخىتسىز پاجىردۇر كىشىلەر ئادەمنىڭ ئەۋلادى، ئادەم بولسا تۇپراقتىن يارىتىلغان.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دىدى:
وَمَا كَانَ النَّاسُ إِلاَّ أُمَّةً وَاحِدَةً فَاخْتَلَفُواْ وَلَوْلاَ كَلِمَةٌ سَبَقَتْ مِن رَّبِّكَ لَقُضِيَ بَيْنَهُمْ فِيمَا فِيهِ يَخْتَلِفُونَ
ئىنسانلار (ئەسلىدە) بىر دىن (يەنى ئىسلام دىنى) دا ئىدى. كېيىن ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشتى (يەنى دىنلار كۆپەيدى، بۇتلارغا چوقۇنۇشتى). پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئالدىنئالا ئېيتقان سۆزى (يەنى جازالاشنى قىيامەتكە قالدۇرۇشتىن ئىبارەت تەقدىرى) بولمىسا ئىدى، ئۇلارنىڭ ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلىرى ئۈستىدە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەلۋەتتە ھۆكۈم چىقىرىلاتتى (يەنى دىندا ئىختىلاپ قىلىشقانلىرى ئۈچۈن، ئۇلارغا بۇ دۇنيادىلا جازا بېرىلەتتى
سۈرە يۈنۈس 18 - ئايەت
دىمەك ئىنسانلار ئىچىدىن بۇرۇن يارىتىلغانلىرى ۋە بۇندىن كىيىن يارىتىلدىغان كىشىلەر ھەممىسىنىڭ ئەسلى ماددىسى ۋە كىلىپ چىقىشى بىر بۇلۇپ ئۇلارنىڭ باشلىنىشى بىر دىن ۋە بىر تىلدا ئىدى لېكىن ئۇلار كۈپىيىش بىلەن زىمىندا بۈلۈنۈپ كەتتى، ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقىلىپ كەتتى، ئاندىن تەبئىي زۈرۈل بولغان بىر نەتىجە بارلىققا كەلدى، ئۇ بولسىمۇ بۇنداق بۈلۈنۈش ۋە تارقىلىشقا ئەگىشىپ كىلىدىغان تىل، رەڭ،ۋە مىجەزنىڭ ئوخشاشماسلىقى ئىدى، مانا بۇ مۇھىتنىڭ تەسىرىدە يۈز بىرىدىغان زۈرۈل بىر نەتىجە بۇلۇپ بۇ ئوخشاشماسلىقتقن تەپەككۇر ئۇسلۇبى، تۇرمۇش ئۇسلۇبى ۋە شۇنىڭدەك ئەقىدىلەردىكى ئوخشاشماسلىق كىلىپ چىقاتتى. شۇڭلاشقا ئاللاھتائالا ئۇلارنى تۇنجى مەنبەگە قايتۇرۇش ئۈچۈن ئەلچىلەرنى ئەۋەتتى، ئۇ بولسىمۇ يەككە-يىگانە ئاللاھقا شىرىكسىز ئىبادەت قىلىشتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
وَلَقَدْ بَعَثْنَا فِي كُلِّ أُمَّةٍ رَّسُولاً أَنِ اعْبُدُواْ اللّهَ وَاجْتَنِبُواْ الطَّاغُوتَ فَمِنْهُم مَّنْ هَدَى اللّهُ وَمِنْهُم مَّنْ حَقَّتْ عَلَيْهِ الضَّلالَةُ فَسِيرُواْ فِي الأَرْضِ فَانظُرُواْ كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الْمُكَذِّبِينَ.
بىز ھەقىقەتەن ھەر بىر ئۈممەتكە: «ﷲ قا ئىبادەت قىلىڭلار، شەيتاندىن (يەنى شەيتانغا، بۇتلارغا، كاھىنلارغا ئوخشاش ھەرقانداق مەبۇدقا ئىبادەت قىلىشتىن) يىراق بولۇڭلار» دەپ پەيغەمبەر ئەۋەتتۇق، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا اﷲ ھىدايەت قىلغانلىرىمۇ بار، گۇمراھلىققا تېگىشلىك بولغانلىرىمۇ بار. يەر يۈزىدە سەير قىلىپ يۈرۈپ (پەيغەمبەرلەرنى) ئىنكار قىلغانلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆزىتىڭلار.
 سۈرە نەھىل 36-ئايەت
ھەقىيقەتەن ئىسلام كىشىلەرنىڭ تاشقى كۈرنىشىگە پەرۋا قىلىپ كەتمەيدۇ، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: بەزىبىر چاڭ-تۇزاڭ بېسىپ كەتكەن، تۇپىغا مىلىنىپ كەتكەن، كىيىملىرى جۇل-جۇل، كىشىلەر تۈۋەن كۈرۈپ قاراپمۇ قويمايدىغان شۇنداق بىر كىشىلەر باركى ئەگەر ئۇ ئاللاھقا قەسەم قىلسا ئەلۋەتتە ئاللاھ ئۇنىڭ قەسىمىنى ئۇرۇنلاپ بىرىدۇ (يەنى ئەگەر ئۇ بىرە ئىشنىڭ يۈز بىرىشىگە قەسەم قىلسا ئاللاھ ئۇ كىشىنى ھۆرمەتلىگەنلىكى ۋە ئۇ كىشىنىڭ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىكى مەرتىۋىسىنىڭ يۇقۇرلىقى سەۋەبىدىن ئۇ ئىشنى ئۇرۇنلاپ بىرىدۇ).
ۋە يەنە مۇنداق دەيدۇ:بەزىبىر ئىشىكلەر ئالدىدىن قوغلىنىدىغان، چاڭ-تۇزاڭ بېسىپ كەتكەن كىشىلەر باركى ئەگەر ئاللاھقا قەسەم قىلسا ئاللاھ ئۇنى ئۇرۇنلاپ بىرىدۇ.
(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)
مانا يىرگىنىشلىك بۈلۈنمىچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ رەڭ، جىنس، ۋە ئىرقىي ئوخشاشماسلىقىدىن پايدىلنىدىغان بىر تۈركۈم كىشىلەر بارلىققا كەلگىنىدە ئىسلام شەرىئىتى ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى يولنى ئۈزۈپ تاشلىدى، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئادەم باللىرىنىڭ رەڭلىرى، مىجەزلىرى ۋە تەبىئىتىنىڭ ئوخشاشماسلىقىنىڭ سەۋەبىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: شەك-شۈبھىسىزكى ئاللاھتائالا ئادەمنى زىمىننىڭ ھەممە يىرىدىن ئالغان بىر ئۇچۇم تۇپراقتىن ياراتتى، شۇڭلاشقا ئادەم باللىرى (تۇپرىقى ئېلىنغان)زىمىنغا قارتا بارلىققا كەلدى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە قىزىل، قارا، ئاق، سېرىق، ۋە شۇنىڭغا يېقىن بولغانلىرى بار، ۋە مۇلايىم، قۇپال، ناچار، ۋە ياخشى بولغانلىرى بار.
 دىمەك ئىنسانلار جىنسى، رەڭگى، تىلى ۋە تەنلىرى قانداق بۇلۇشتىن قەتئىي نەزەر ھەممىسى بىر خىل ھالەتتە دۇر، چۈنكى ھەممىسى ئاللاھ ئالدىدا پەرىق ۋە ئوخشاشماسلىق ھاسىل بۇلىدىغان بىر نەرسىدىن باشقا ھەممە شەيئىدە ئوخشاشدۇر، ئۇ بولسىمۇ كىشىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ شەرىئىتىنى تەتبىقلاشقا يېقىن ياكى يىراق بۇلىشى ۋە ئۆزلىرىگە ۋە جەمىئىتىگە تەقدىم قىلغان ياخشىلىق ۋە ئىسلاھاتىدۇر.
ئاللاھتائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:
يَا أَيُّهَا النَّاسُ إِنَّا خَلَقْنَاكُم مِّن ذَكَرٍ وَأُنثَى وَجَعَلْنَاكُمْ شُعُوبًا وَقَبَائِلَ لِتَعَارَفُوا إِنَّ أَكْرَمَكُمْ عِندَ اللَّهِ أَتْقَاكُمْ إِنَّ اللَّهَ عَلِيمٌ خَبِيرٌ
ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىز ھەقىقەتەن بىر ئەر، بىر ئايالدىن، (ئادەم بىلەن ھەۋۋادىن ئىبارەت) بىر ئاتا بىر ئانىدىن ياراتتۇق ئۆز ئارا تونۇشۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرنى نۇرغۇن مىللەت ۋە ئۇرۇق قىلدۇق، ھەقىقەتەن ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلار ﷲ نىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك ھېسابلىنىسىلەر (يەنى كىشىلەرنىڭ بىر - بىرىدىن ئارتۇق بولۇشى نەسەب بىلەن ئەمەس، تەقۋادارلىق بىلەن بولىدۇ)، ﷲ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر.
 سۈرە ھوجرات 13-ئايەت
دىمەك ئاللاھ تائالا سىلەرنى نۇرغۇن مىللەت ۋە ئۇرۇقلاردىن (قەبىلىلەردىن) قىلىشى بىر مىللەتنىڭ يەنە بىر مىللەتتىن، بىر ئۇرۇقنىڭ يەنە بىر ئۇرۇقتىن ئارتۇق بولغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس بەلكى بۇنداق ئايرىش ئاراڭلاردىكى تۇنۇشۇشنىڭ ۋە پەرىقلەندۈرۈشنىڭ ۋاستىسى بولسۇن ئۈچۈندۇر، خۇددى شەخىسلەر تۇنۇلىشى ۋە باشقىلاردىن پەرىقلىنىشى ئۈچۈن ھەر بىرى ئايرىم ئىسىم قوللانغانغا ئوخشاش.
ۋە يەنە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
 وَلَقَدْ كَرَّمْنَا بَنِي آدَمَ وَحَمَلْنَاهُمْ فِي الْبَرِّ وَالْبَحْرِ وَرَزَقْنَاهُم مِّنَ الطَّيِّبَاتِ وَفَضَّلْنَاهُمْ عَلَى كَثِيرٍ مِّمَّنْ خَلَقْنَا تَفْضِيلاً
شەك - شۈبھىسىزكى، بىز ئادەم بالىلىرىنى ھۆرمەتلىك قىلدۇق، ئۇلارنى قۇرۇقلۇقتا (ئۇلۇغلارغا) مىندۇردۇق، دېڭىزدا (كېمىلەرگە) چىقاردۇق، ئۇلارنى شېرىن يېمەكلىكلەر بىلەن رىزىقلاندۇردۇق، ئۇلارنى مەخلۇقاتلىرىمىزنىڭ نۇرغۇنىدىن ئۈستۈن قىلدۇق.
 سۈرە ئىسرا 70- ئايەت.
مانا بۇ ھۆرمەتلەش ئايرىلماستىن بارلىق ئىنسانلارغا ئۇمۇم بۇلۇپ ئاللاھتائالا بۇنى بىر جىنىسنى قۇيۇپ يەنە بىر جىنىسقا، بىر جامائەتنى قۇيۇپ يەنە بىر جامائەتكە خاس قىلغان ئەمەس.
ۋە يەنە ئاللاھتائالا مۇنداق دەيدۇ:
وَهُوَ الَّذِي جَعَلَكُمْ خَلاَئِفَ الأَرْضِ وَرَفَعَ بَعْضَكُمْ فَوْقَ بَعْضٍ دَرَجَاتٍ لِّيَبْلُوَكُمْ فِي مَا آتَاكُمْ إِنَّ رَبَّكَ سَرِيعُ الْعِقَابِ وَإِنَّهُ لَغَفُورٌ رَّحِيمٌ
ﷲ سىلەرنى (ئۆتكەنكى ئۈممەتلەرنىڭ) ئورۇنباسارلىرى قىلدى، ﷲ سىلەرنى بەرگەن نېمىتىگە شۈكۈر قىلسۇن دەپ، بەزىڭلارنى بەزىڭلاردىن بىر قانچە دەرىجە يۇقىرى قىلدى، پەرۋەردىگارىڭ (ئاسىيلىق قىلغۇچىلاردىن) ئەلۋەتتە تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر، (ئىتائەت قىلغۇچىلارنى) ئەلۋەتتە مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (ئۇلارغا) ناھايىتى مېھرىباندۇر.
 سۈرە ئەنئام 165-ئايەت
بارلىق ئىنسانىيەت مۇستەسناسىز رەۋىشتە ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش، كائىناتنى گۈللەندۈرۈش، ۋە ئاللاھتائالا يۇقارقى ئايەتتە بايان قىلغان ئۇرۇنباسار بۇلۇش مەجبۇرىيتىنى ئۇرۇنلاش ئۈچۈن يارىتىلغان، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئوخشاشماسلىق ۋە پەرىىق ئەسلى يارىتىلىش ماددىسىدا بولماستىن بەلكى رىزىقتا، ئەخلاقتا، ياخشىلىق قىلىش ۋە ئەسكىلىك قىلىشتا، كۆرۈنۈش، شەكىل ۋە رەڭلەردە قىلىنغان. بۇنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە ئاللاھتائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:
أَهُمْ يَقْسِمُونَ رَحْمَةَ رَبِّكَ نَحْنُ قَسَمْنَا بَيْنَهُم مَّعِيشَتَهُمْ فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا وَرَفَعْنَا بَعْضَهُمْ فَوْقَ بَعْضٍ دَرَجَاتٍ لِيَتَّخِذَ بَعْضُهُم بَعْضًا سُخْرِيًّا وَرَحْمَتُ رَبِّكَ خَيْرٌ مِّمَّا يَجْمَعُونَ
پەرەۋردىگارىڭنىڭ رەھمىتىنى ئۇلار تەقسىم قىلىپ بېرەمدۇ؟ بىز ئۇلارنىڭ ھاياتىي دۇنيادىكى رىزقىنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تەقسىم قىلدۇق، ئۇلارنىڭ بەزىسى بەزىسىنى (ھەق بېرىپ) ئىشقا سالسۇن دەپ، ئۇلارنىڭ بەزىسىنىڭ دەرىجىسىنى بەزىسىدىن ئۈستۈن قىلدۇق، پەرەۋردىگارىڭنىڭ رەھمىتى ئۇلارنىڭ توپلىغان نەرسىلىرى (يەنى پۇل - ماللىرى) دىن ياخشىدۇر.
 سۈرە زۇخرۇپ 32-ئايەت
ئىنسانلار ئىسلام بىكىتىپ بەرگەن مانا بۇ باراۋەرلىككە بىنائەن مۇستەسناسىز رەۋىشتە تۆۋەندىكى ئىشلاردا باراۋەردۇر:
--- ھەرقانداق ئىنساننىڭ جىنسى، ئىرقى ۋە ياكى رەڭگى قانداق بۇلۇشتىن قەتئىي نەزەر قانۇنلۇق ھەق-ھۇقۇقلىرىنى قوغداش، مۇتلەق بولغان ھايۋانىي ئەركىنلىكتىن ئايرىپ دىننىڭ قائىدىسى بىلەن تەرتىپكە سېلىنغان ئەركىنلىكتىن بەھرىمەن بۇلۇشتا باراۋەر، بۈگۈنكى كۈندىكى مەدەنىيلەشكەن دۇنيا بۇ ھايۋانىيلارچە بولغان مۇتلەق ئەركىنلىكنىڭ ئاچچىق نەتىجىلىرىنىڭ تەمىنى تېتىۋاتىدۇ، بۇ ئاچچىق نەتىجىلەر رەزىللىكنىڭ تارقىلىشى سەۋەپلىك كۆپ قىسىمى دادىلىرىنىڭ ئىسمىنىمۇ بىلمەيدىغان شەخىسلەر ئارقىلىق ۋەيران بۇلۇش ۋە يىمىرلىشكە باشلىغان جەمىئەتلەرنى ۋە ئەخلاقىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭ جىنايەتچىلىرىگە توشۇپ كەتكەن تۈرمىلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: ئى ئىنسانلار بىلىڭلاركى ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ رەببىڭلار بىردۇر، ئاتاڭلار بىردۇر، بىلىڭلاركى ئەرەپلەرنىڭ ئەجەملەردىن ئەجەملەرنىڭ ئەرەپلەردىن، ئاق تەنلىكنىڭ قارا تەنلىكتىن قارا تەنلىكنىڭ ئاق تەنلىكتىن تەقۋالىقتىن باشقا نەرسە بىلەن ئارتۇقچىلىقى بولمايدۇ. بارلىق ئىنسانلار شەرىئەت ھۆكۈملىرى ئالدىدا باراۋەر بولۇپ جىنس، ئىرق ۋە ياكى رەڭ سەۋەپلىك ئايرىلمايدۇ، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
إِنَّ اللّهَ يَأْمُرُكُمْ أَن تُؤدُّواْ الأَمَانَاتِ إِلَى أَهْلِهَا وَإِذَا حَكَمْتُم بَيْنَ النَّاسِ أَن تَحْكُمُواْ بِالْعَدْلِ إِنَّ اللّهَ نِعِمَّا يَعِظُكُم بِهِ إِنَّ اللّهَ كَانَ سَمِيعًا بَصِيرًا
شۈبھىسىزكى، ﷲ سىلەرنى ئامانەتلەرنى ئىگىسىگە قايتۇرۇشقا، كىشىلەر ئارىسىدا ھۆكۈم قىلغاندا ئادىل ھۆكۈم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، ﷲ سىلەرگە نەسىھەت قىلغان ئىشلار نېمىدېگەن ياخشى، ﷲ ھەقىقەتەن (سۆزۈڭلارنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر.
 سۈرە نىسا 58- ئايەت
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: ئىي ئىنسانلار سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەن كىشىلەرنى ئارىسىدا يۈزلۈك ئادەملەر ئوغۇرلۇق قىلسا گەپ قىلىشماي ئاجىز بىچارىلەر ئوغىرلىق قىلسا جازا يۈرگۈزۈشلىرى ھالاك قىلىۋەتكەن، ئەگەر مۇھەممەدنىڭ قىزى پاتىمە ئوغۇرلۇق قىلغان تەقدىردىمۇ ئەلۋەتتە ئۇنىڭ قۇلىنى كېسىمەن.
شۇنىڭدەك ئۇلار يەنە مەسئۇلىيەت، جازا ۋە ساۋاپتىمۇ باراۋەر بۇلۇدۇ، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
فَمَن يَعْمَلْ مِثْقَالَ ذَرَّةٍ خَيْرًا يَرَهُ، وَمَن يَعْمَلْ مِثْقَالَ ذَرَّةٍ شَرًّا يَرَهُ
كىمكى زەررىچىلىك ياخشى ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى كۆرىدۇ، كىمكى زەررىچىلىك يامان ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ.
سۈرە زەلزەلە 7-8- ئايەت
ئىنسانىي ھۆرمەتنىڭ ھەق – ھۇقۇقلىرىدىمۇ باراۋەر بۇلۇپ بىراۋ رەڭگى، جىنسى، مەزھىبى، ياكى ئەقىيدىسى سەۋەپلىك ئەزىيەت بىرىلمەيدۇ، بۇ ھەقتە ئاللاھتائالا مۇنداق دەيدۇ:
وَلاَ تَسُبُّواْ الَّذِينَ يَدْعُونَ مِن دُونِ اللّهِ فَيَسُبُّواْ اللّهَ عَدْوًا بِغَيْرِ عِلْمٍ كَذَلِكَ زَيَّنَّا لِكُلِّ أُمَّةٍ عَمَلَهُمْ ثُمَّ إِلَى رَبِّهِم مَّرْجِعُهُمْ فَيُنَبِّئُهُم بِمَا كَانُواْ يَعْمَلُونَ
مۇشرىكلارنىڭ خۇدانى قويۇپ ئىبادەت قىلىدىغان بۇتلىرىنى تىللىماڭلار، (ئۇنداق قىلساڭلار) ئۇلار بىلمىگەنلىكلىرىدىن ھەددىدىن ئېشىپ ﷲ نى تىللايدۇ. شۇنىڭدەك بىز ھەر ئۈممەتكە ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىنى چىرايلىق كۆرسەتتۇق، ئاندىن ئۇلارنىڭ قايتىپ بارىدىغان جايى ﷲ نىڭ دەرگاھىدۇر، ﷲ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئۇلارغا ئېيتىپ بېرىدۇ (يەنى ياخشىغا مۇكاپات بېرىدۇ، ياماننى جازالايدۇ(.
 سۈرە ئەنئام 108- ئايەت
قانلىرى، ماللىرى ۋە يۈز _ ئابرويىنىڭ ھاراملىقىدىمۇ باراۋەر بۇلۇپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ قانلىرىڭلار، ماللىرىڭلار، (يەنى بىر _ بىرىڭىلارنىڭ قېنىنى تۆكۈش، مال _ مۈلكىنى ئېلىۋېلىش) خۇددى مۇشۇ شەھرىڭلار مەككە، مۇشۇ ئېيىڭلار، مۇشۇ كۈنۈڭلار سىلەرگە ھارام بولغىنىدەك ھارامدۇر، (بۇ كۈنننىڭ ھۆرمىتىنى دەپسەندە قىلىش ھارام بولۈاندەك ھارامدۇر). بۇ يەردە بارلىرىڭلار يوقلارغا يەتكۈزۈپ قويسۇن، چۈنكى بۇ يەردە بار كىشى ئۆزىدىنمۇ بەكراق ئېسىدە تۇتىۋالالايدىغان كىشىگە يەتكۈزىشى مۇمكىن.»
كىشىلەر لاياقەتلىك بۇلۇش، ئۆلچەملىك بۇلۇش، باراۋەر بۇلۇش ئۈستىگە
قۇرۇلغان جەمىئەتتكى رەھبەرلىككە ئىگە بۇلۇشتا باراۋەر.
ئەدىيىلكىندي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلنىدۇكى، پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: « ئىي ئىنسانلار سىلەر قايسى بىر كىشى بىزنىڭ
بىرەر خىزمىتىمىزگە ئورۇنلاشتۇرۇلسا ئاندىن ئۇ ئەمىلىدىن بىزگە يىڭنە چاغلىق
ياكى ئۇنىڭدىنمۇ تۆۋەنرەك بىرەر نەرسىنى يۇشۇرسا، ئۇ خىيانەتچى بۇلۇپ
قىيامەت كۈنى ئۇنى ئېلىپ كېلىدۇ ».
ئاندىن ئەنسارىلاردىن قارا بىر كىشى _ ھېلىمۇ ئىسىمدە _ ئورنىدىن تۇرۇپ
مۇنداق دېدى: ئى رەسۇلۇللاھ مېنى خىزمىتىمدىن توختىتىۋەتسىلە!
_ نېمىشقا؟
_ مەن سىلىنىڭ بۇ ھەقتە دىگەن سۆزلىرىڭنى ئاڭلىدىم.
_ مەن ھېلىھەم شۇنداق دەيمەنكى بىز قايسى بىر كىشىنى بىرەر ئىشقا ئورۇنلاشتۇرساق، ئۇ ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن ھەممىنى ئېلىپ كىلىشى كېرەك، بىرىلگىنىنى ئېلىپ چەكلەنگەنگەنلىرىدىن توختىشى لازىم.
_ كىشىلەر ئاللاھ بۇ كائىناتقا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان بايلىقلاردىن پايدىلىنىشتا
باراۋەردۇر.
 ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:
يَا أَيُّهَا النَّاسُ كُلُواْ مِمَّا فِي الأَرْضِ حَلاَلاً طَيِّباً وَلاَ تَتَّبِعُواْ خُطُوَاتِ الشَّيْطَانِ إِنَّهُ لَكُمْ عَدُوٌّ مُّبِينٌ [168]
 « ئى ئىنسانلار! يەر يۈزىدىكى ھالال _ پاكىز نەرسىلەردەن يەڭلار، شەيتاننىڭ يوللىرىغا ئەگەشمەڭلار، چۈنكى شەيتان سىلەرگە ئۇچۇق دۈشمەندۇر »
 سۈرە بەقەرە 168 _ ئايەت
 يەنە شۇنىڭدەك ئۇلار ئاللاھقا شىرىكسىز يالغۇز ھالەتتە ئىبادەت قىلىشتا باراۋەر بولۇپ ئىسلام رەڭلىرى، جىنىسلىرى، ئىرىقلىرى ئوخشاش بولمىغان بارچە
ئىنسانلارغا چۈشكەن، چۈنكى ھەممىسى ئاللاھنىڭ بەندىسىدۇر.
 بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
يَا أَيُّهَا النَّاسُ اعْبُدُواْ رَبَّكُمُ الَّذِي خَلَقَكُمْ وَالَّذِينَ مِن قَبْلِكُمْ لَعَلَّكُمْ تَتَّقُونَ [21]
 « ئى ئىنسانلار! تەقۋادارلاردىن بولۇشۇڭلار ئۈچۈن، سىلەرنى ۋە سىلەردىن بۇرۇنقىلار (يەنى ئۆتكەنكى ئۈممەتلەر) نى ياراتقان پەرۋاردىگارىڭلارغا ئىبادەت قىلىڭلار»
 سۈرە بەقەرە 21 _ ئايەت
بەلكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شەرىئىتى يېرگىنىشلىك ئىرىقچىلىقنى سۆرەپ كىلىدىغان
ياكى ئۇنى ئەسلىتىدىغان بارلىق نەرسىلەرنى بىكار قىلغان ھالدا كەلگەن.
ۋاسىلە ئىبنى ئسقەئىدىن رىۋايەت قىلىنغانكى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئەسەبىيەت دېگەن نېمە؟ دەپ سورىدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «زۇلۇم ئۈستىدە تۇرىۋاتقان قەۋمىڭگە ياردەم بېرىشتۇر » دەپ جاۋاپ بەردى.
دىمەك دوست تۇتۇش ياكى ئادا جۇدا بۇلۇش مىللەتچىلىك سەۋەبىدىن بولماستىن
بەلكى دىن ئۈچۈن بولىدۇ. ھەقىقەتەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن: « قانداق بىر كىشى نامەلۇم بايراق ئاستىدا ئەسەبىيەتلىك (مەزھەپچىلىك) قىلىپ ئۇرۇشقان، ئەسەبىيەتلىك قىلىپ غەزەپ قىلغان بولسا، جاھىلىيەت ئۆلىمىدە ئۆلگەن بولىدۇ. يەنى (ئازغۇنلۇق ئۈستىدە ئۆلگەن بولىدۇ).
دىمەك ئىسلامدىكى ئۆلچەم تېگى تەكتىنىڭ ئېسىل بۇلىشى ۋە ياكى نەسەب ئەمەس، ئەلۋەتتە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم رۇملۇق سۈھەيبكە، پارىسلىق سەلمانغا، ھەبەشىستانلىق بىلالغا ئۇلارنىڭ جەننەت ئەھلىدىن ئىكەنلىكىنى بېشارەت بەرگۈزگىدەك دەرىجىدە دوستلۇق ئىزھار قىلغان.
ھالبۇكى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تاغىسى ئەبۇلەھەبكە ئۆچمەنلىك، يامان كۆرۈش ۋە ئاداۋەت ئىزھار قىلغان ئىدى. بۇ كىشى ھەققىدە قاتتىق ئازاپ بىلەن تەھدىت سالغان ھالدا قىيامەت كۈنىگىچە تىلاۋەت قىلنىدىغان قۇرئان نازىل بولغان. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
 فِي جِيدِهَا حَبْلٌ مِّن مَّسَدٍ [5]
 « ئەبۇ لەھەبنىڭ ئىككى قولى قۇرۇپ كەتسۇن! (ئەمەلدە) قۇرۇپ كەتتى. ئۇنىڭغا مال _ مۈلكى ۋە ئېرىشكەن نەرسىلىرى ئەسقاتمىدى. ئۇ لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتقا (يەنى دوۋزاخقا) كىرىدۇ. ئۇنىڭ ئوتۇن توشۇغۇچى (يەنى سۈخەنچى) خوتۇنىمۇ لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتقا كىرىدۇ. ئۇنىڭ بوينىدا مەھكەم ئېشىلگەن ئارغامچا بولىدۇ».
سۈرە مەسەد 5 ئايەت
بىز بارلىق ئىنسانلارغا چۈشۈرۈلگەن، مۇسۇلمانلارنىڭ تۇنجى دەستۇرى بولغان قۇرئان كەرمدە ھەبەشىستانلىق قارا قۇل بولغان لوقمان ھەكىمنىڭ نامىنى ئۇچرىتىمىز. بۇ كىشىگە ئاللا ھېكمەت ئاتا قىلغان ۋە بۇ كىشىنى ماختاپ، پەزىلىتىنى بايان قىلىپ تولۇق بىر سۈرە چۈشۈرگەن.
ئۇنىڭدىن سىرت نۇھ، ئىبراھىم، ئال ئىمران، مەريەم، يۈسۈپ، يۇنۇس ۋە مۇھەممەدلەرگە ئوخشاش بەزى پەيغەمبەر ۋە ئەلچىلەرنىڭ ۋە پاك سىددىقلارنىڭ ناملىرى بىلەن ئاتالغان
نۇرغۇن قۇرئان سۈرىلىرى بار. بۇ پەقەت مۇسۇلمانلار قەلبىدە بارلىق ئىنسانلار ئارىسىدىكى باراۋەرلىك پىرىنسىپىنى مۇستەھكەملەش ۋە ئۇنىڭ ئۇلارنىڭ زېھنىدا داۋاملىق ھازىر بولۇش ئۈچۈندۇر.
ھەبەشىستان بولسا ئافرىقىلىقلارنىڭ زېمىنى بولۇپ ئۇنىڭ كۆپ قىسىم ئاھالىسى قاراتەنلىك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىنى تۇنجى دەۋەت باسقۇچىدا قۇرەيشلەر ئۇلارغا ئەزىيەت بەرگەن ۋە زۇلۇم قىلغان ۋاقتىدا شۇ يەرگە ھىجرەت قىلىشقا بۇيرۇپ مۇنداق دىگەن: « ھەقىقەتەن ھەبەشىستان زېمىنىدا ھېچكىمگە زۇلۇم قىلمايدىغان بىر پادىشاھ بار، سىلەر ئاللاھ قىيىنچىلىقلىرىڭلارغا چىقىش يولى بەرگەن، ئۇنى كۆتۈرۋەتكەنگە قەدەر ئۇنىڭ دۆلىتىگە بېرىڭلار ».
ھەبەشىستان پادىشاھى نەجاشى ۋاپات بولغاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « ئۇنىڭ نامىزىنى ئوقۇڭلار » دىگەن.
ساھابىلار: ئى رەسۇلۇللاھ ھەبەشىستانلىق قۇلنىڭ نامىزىنى ئوقۇمدۇق؟!! دەپ سورىغاندا ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە بۇ ئاياتنى نازىل قىلغان:
وَإِنَّ مِنْ أَهْلِ الْكِتَابِ لَمَن يُؤْمِنُ بِاللّهِ وَمَا أُنزِلَ إِلَيْكُمْ وَمَآ أُنزِلَ إِلَيْهِمْ خَاشِعِينَ لِلّهِ لاَ يَشْتَرُونَ بِآيَاتِ اللّهِ ثَمَنًا قَلِيلاً أُوْلَئِكَ لَهُمْ أَجْرُهُمْ عِندَ رَبِّهِمْ إِنَّ اللّهَ سَرِيعُ الْحِسَابِ.
ئەھلى كىتاب ئارىسىدا ھەقىقەتەن اﷲ قا ئىمان كەلتۈرىدىغان، سىلەرگە نازىل بولغان كىتابقا (يەنى قۇرئانغا)، ئۆزلىرىگە نازىل بولغان كىتابقا (يەنى تەۋراتقا ۋە ئىنجىلغا) ئىشىنىدىغانلار بار؛ ئۇلار ﷲ تىن قورقىدۇ، اﷲ نىڭ ئايەتلىرىنى ئازغىنا بەدەلگە تېگىشمەيدۇ (يەنى ئۇلارنىڭ كىتابلىرىدىكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرى ۋە شەرىئەت ئەھكاملىرىنى، راھىبلارغا ئوخشاش، دۇنيانىڭ ئەرزىمەس نەرسىلىرىنى دەپ ئۆزگەرتىۋەتمەيدۇ)، ئۇلارغا پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ساۋاب بېرىلىدۇ. ﷲ ھەقىقەتەن تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر .
 سۈرە ئال ئىمران 199 _ ئايەت
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:« قېرىندىشىڭلارغا مەغپىرەت تەلەپ قىلىڭلا » دىگەن، ئاندىن ئۇلار بىلەن نامازگاھدا سەپ تۈزۈپ تۆت تەكبىر بىلەن ئۇنىڭ نامىزىنى ئۇقىغان.
ئىسلامدىكى باراۋەرلىككە دەۋەت قىلىش پىرىنسىپى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرى ئارىسىدا ئىشلىتىپ قويىدىغان قۇرۇق سۆز ياكى ئارزۇ _ ئارمانلار بولماستىن بەلكى ئۇنى ئەمەلىي رەۋىشتە تەتبىقلىغان.
مانا بۇ رەسۇلۇللاھنىڭ ئازاتگەردىسى ۋە ئازادگەردىسىنىڭ قاپقارا، پاناق بۇرۇن ئوغلى ئۇسامە ئىبنى زەيدكە قاراڭ!
 ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى ۋە قىزى پاتىمەنىڭ ئوغلى ھەسەننى قۇچىقىغا ئېلىپ: « ئى ئاللاھ بۇ ئىككىسىنى ياخشى كۆرگىن! چۈنكى مەن ئۇ ئىككىسىنى ياخشى كۆرىمەن دەيتتى ». پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى ئائىشە ئانىمىز رەسۇلۇللاھنىڭ:« كىم ئاللاھنى ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسىنى ياخشى كۆرسە، ئۇسامەنى ياخشى كۆرسۈن! » دىگەن سۆزىنى ئاڭلىغىنىمدىن كېيىن، بىراۋنىڭ ئۇسامەنى ئۆچ كۆرۈشى لايىق ئەمەس دەيتتى. ۋە يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:« كىم مېنى ياخشى كۆرسە، ئۇسامەنى ياخشى كۆرسۈن! » دىگەن.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۆزىگە ئەمەلىيتىنى ئەگەشتۈرۈپ قىلاتتى. ئائىشە (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇسامەنىڭ ماڭقىسىنى سۈرتۈپ قويماقچى بولغىنىدا، قويسىلا مەن سۈرتۈپ قوياي دېدىم. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى:
 « ئى ئائىشە ئۇنى ياخشى كۆرگىن! چۈنكى مەن ئۇنى ياخشى كۆرىمەن ».
 بەلكى ئۇنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئازات قىلىنغان قارا تەنلىك بىر كىشى تۇرۇقلۇق، رۇملۇقلارغا قارشى ئۇرۇشتا مۇسۇلمانلار قوشىنىغا قوماندان قىلىپ قويدى ۋە چوڭ _ كاتتا ساھابىلار بار قوشۇنلارغا ئەمىر قىلىپ قويدى.
ئاندىن بەزى ساھابىلەر (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن) خۇددى ئۇسامەگە بۇ ئىشنى كۆپ بوپ كەتتى دە قارىغاندەك بۇ ھەقتە گەپ _ سۆز قىلىشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنى بىلگىنىدە مۇنبەرگە چىقىپ ئاللاھقا ھەمدۇ _ سانا ئېيتىپ مۇنداق دېدى:« ئەگەر سىلەر ئۇنىڭ ئەمىرلىكى ھەققىدە تەنە قىلىشقان بولساڭلار، ھەقىقەتەن سىلەر بۇرۇن ئۇنىڭ دادىسىنىڭ ئەمىرلىكىدىمۇ تەنە قىلىشقان ئىدىڭلار. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى! ھەقىقەتەن ئۇ ئەمىر بولۇشقا ئەرزىيدىغان، شۇنىڭغا لايىق كىشى. ھەقىقەتەن ئۇسامەنىڭ دادىسى زەيد ئىبنى ھارىس ماڭا ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلەرنىڭ قاتارىدىن، ئۇنىڭ ئوغلىمۇ دادىسىدىن كېيىن ماڭا ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلەردىن.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇسامەنىڭ قوشۇنى رۇملۇقلارغا قارشى ئۇرۇشقا يولغا چىقىشتى بۇرۇن ۋاپات بولغان بولۇپ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن كېيىن خەلىپىلىكنى ئەبۇبەكرى (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) قولىغا ئالدى. ئۇ رەسۇلۇللاھنىڭ ۋەسىيتىنى ئىجرا قىلىشتا چىڭ تۇردى.
ئۆمەر (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) ئەنسارىلار بۇ قوشۇنغا ياش جەھەتتە ئۇسامەدىن چوراق بىرسى قوماندان بولغان بولسا دەپ قارايدىكەن دىۋىدى، ئەبۇبەكرى: ئى خەتتابنىڭ ئوغلى (ئۆمەرنى دېمەكچى) ئۆلگۈر ئۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەلگىلىگەن تۇرسا، سەن ئۇنى قالدۇرۋېتىشقا بۇيرىۋاتامسەن؟!! ئەگەر مەن ئۆزۈمنى يىرتقۇچ ھايۋانلار بولاپ قاچىدۇ دەپ ئويلىغان تەقدىردىمۇ ئەلۋەتتە ئۇسامەنىڭ قوشۇنىنى ماڭغۇزىمەن دەپ غەزەپلەنگەن ئىدى.
مانا بۇ ياش قارا تەنلىك قوماندان ئۇسامە مەدىنە مۇنەۋۋەردىن قوشۇنلىرىنى باشلاپ يولغا چىقدۇ، ئەبۇبەكرى ئۇنى ئۇزۇتۇپ بىرگە چىقىدۇ. بۇ چاغدا ئۇسامە ئېتىغا مىنىۋالغان ئىدى. قارىسا ئەبۇبەكرى ئۇنىڭ يېنىدا پىيادە مېڭىۋاتقان، ئۇسامە بۇ خىل ھالەتتىن ھايا قىلىپ ئەبۇبەكرىگە:
ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسىنىڭ خەلىپىسى، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى! چوقۇم سەنمۇ ئۇلاغقا مىنىسەن ياكى بولمىسا مەن ئۇلاغدىن چۈشىمەن دەيدۇ. ئەبۇبەكرى: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى! سەن چۈشمەيسەن مەنمۇ مىنمەيمەن. مەن پۇتلىرىمنى ئاللاھ يولىدا بىرەر سائەت توپىغا مىلىسەم نېمە بوپتۇ؟!! دەيدۇ.
ئاندىن ئەبۇبەكرى ئۇسامەدىن (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن) ئۆمەر رەزىيەللاھۇنىڭ ھۆكۈم ئىشلىرىدا ئۆزىگە ياردەملىشىشى ئۈچۈن مەدىنىدە قېلىپ قېلىشىغا رۇخسەت سورايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەبۇبەكرى قوماندان قانچىلىك كىچىك بۇلىشىدىن قەتئىينەزەر رۇخسەت سوراش ھەققىدە ئەڭ كاتتا بىر ئۈلگىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام باراۋەرلىك پىرىنسىپىنى تەتبىقلاشتا ئۆز شەخسىيتىدىن باشلىغان، ئېنىقكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قەۋمى ئارىسىدا ئەڭ ئېسىل نەسەپلىك، ئەڭ شەرەپلىك جەمەتتىن ئىدى. قەبىلىسى بولسا ئەرەپلەر ئىچىدىكى ئەڭ ياخشى قەبىلىدىن بولۇپ بۇنىڭ ھېچكىم تالاش _ تارتىش قىلىپ ئولتۇرمايدىغان مەرتىۋىسى بار ئىدى.
شۇنداق تۇرۇقلۇق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيتتى: « سىلەر مېنى ناسارالار مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسانى ماختاپ كۆككە كۆتۈۋەتكەندەك كۆككە كۆتۈرۋەتمەڭلار،شەكسىزكى مەن بىر قۇل، ئۇنداق بولغان ئىكەن سىلەر مېنى ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەڭلار ».
بەلكى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەرتىۋە، نەسەب ۋە شەرەپ جەھەتلەردە مۇشۇنداق كاتتا ئورۇندا تۇرۇپمۇ ھاممىسىنىڭ قىزى زەينەپ بىنتى جەھىشنى ئازاتگەردىسى بولغان زەيدكە ياتلىق قىلغان.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۈچى يەتكەن بارلىق ئىشلارنى ئۆزى قىلاتتى. بۇنداق قىلىش ئىسلام شەرىئىتىنىڭ مۇشۇنىڭدەك ئېسىل پىرىنسىپلىرىنى ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ قەلبىگە ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىدى.
مانا بۇ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى كۆزۈتۈش، ئۇلارنى ئايرىپ قويماستىن ھال _ ئەھۋالىنى سوراپ تۇرۇش بىلەن بولاتتى.
ئەبۇھۈرەيرە (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) مۇنداق دەيدۇ: مەسجىدنى سۈپۈرۈپ تازىلايدىغان بىر قارا تەنلىك ئايال ياكى بىر ياش بالا بار ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى كۆرمىدى، ئاندىن ئۇ ئايال ياكى ئۇ بالا توغرۇلۇق سورىدى. ساھابىلەر ئۇ ۋاپات بولۇپ كەتتى دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا خەۋەر قىلماپسىلەرغۇ دېدى. (ساھابىلەر ئۇ بالا ياكى ئايالنىڭ ئىشىنى كىچىك ساناشقاندەك قىلاتتى) رەسۇلۇللاھ مېنى ئۇنىڭ قەبرىسىگە باشلاپ بېرىڭلاردېدى.
ساھابىلەر باشلاپ ئېلىپ باردى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ نامىزىنى چۈشۈردى ۋە مۇنداق دېدى: «ھەقىقەتەن بۇ قەبرىلەر قاراڭغۇلۇققا توشۇپ كەتكەن ئىكەن، شەكسىزكى ئاللاھ تائالا بۇ قەبرىلەرنى مېنىڭ ناماز ئوقۇغانلىقىم سەۋەپلىك نۇرلاندۇرىۋېتىدۇ». بەلكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سوۋغا _ سالاملىرىدا رەڭ ياكى جىنىس بويىچە ئايرىماستىن ئۆزىنى دۇنيادىن يىراق تۇتۇپ ئۆزنەپسىدىن باشقىلارنى يۇقىرى بىلەتتى.
ھەكىم ئىبنى ھىزام مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام جاھىلىيەت دەۋرىدە ماڭا ئەڭ سۈيۈملۈك كىشىلەردىن ئىدى. ئۇ پەيغەمبەر بولۇپ ئاشكارا بولغان ۋە مەدىنىگە بارغان ۋاقتىدا ھەكىم ئىبنى ھىزام بازارغا چىقىپ زىيەزىننىڭ (قەدىمقى يەمەن پادىشاھلىرىنىڭ بىرى) ئەللىك دەرھەمگە سېتىلىدىغان بىر تونىنى ئۇچىرتىپ قېلىپ رەسۇلۇللاھقا ھەدىيە قىلىش ئۈچۈن سېتىۋالدى، ئاندىن ئۇنى رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىغا ئېلىپ باردى.
ئۇ رەسۇلۇللاھنىڭ توننى ھەدىيە سۈپىتىدە ئېلىشىنى مەقسەت قىلغان ئىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنى ئالغىلى ئۇنىمىدى.
(ئۇبەيدۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: مەن رەسۇلۇللاھنى بىز مۇشرىكلاردىن بىر نەرسە قۇبۇل قىلمايمىز لېكىن پۇلغا سېتىۋالىمىز دىدىمىكىن دەپ ئويلايمەن) ئاندىن مەن ئۇنى پۇلغا سېتىپ بەردىم. كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە كەلگەندە ئۇ توننى كېيىپتۇ. مەن ئۇنى رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنبەر ئۈستىدە كەيگەن ھالىتىنى كۆردۈم. مەن شۇ كۈنلەردە رەسۇلۇللاھنىڭ شۇ توننى كەيگەن ھالىتىدىن گۈزەلراق بىر شەيئىنى قەتئىي كۆرۈپ باقمىغان ئىدىم. كېيىنچە رەسۇلۇللاھ ئۇ توننى ئۇسامە ئىبنى زەيدقا بەرگەن ئىكەن. ئاندىن ئۇنى ھەكىم ئۇنى ئۇسامەنىڭ ئۈستىدە كۆرۈپ، ئى ئۇسامە سەن زىيەزىننىڭ تونىنى كىيىۋاتامسەن؟!! دەپتۇ.
ئۇسامە: ھەئە. ئەلۋەتتە مەن زىيەزىندىن ياخشى مېنىڭ دادام ئۇنىڭ دادىسىدىن، ئانام ئۇنىڭ ئانىسىدىن ياخشى دەپتۇ.
ئۇسامەنى بۇ گەپنى دېگۈزگەن زادى نېمە؟
شەكسىزكى ئۇ ئىسلامدۇر. ئىسلام بارلىق كىشلەرنىڭ ئارىسىنى جىنسى ياكى رەڭگىگە قارىماستىن باراۋەر قىلغان. ئۇلارغا ھەق _ ھوقۇقلىرىنى بەرگەن. مانا بۇ ھەقلەر ئىچىدە قەلبىدىكىنى ئىپادىلەش ھەققى بار بولۇپ، ئۇلار ئىلگىرى ئۇنىڭدىن مەھرۇم ئىدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرى بىلەن بىرگە ئولتۇراتتى، ئۇلار بىلەن پاراڭلىشاتتى، چاقچاقلىشاتتى ۋە ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى سوراپ دەرتلىرىنى ئاڭلايتتى. ئىسلام تەلىماتىغا قارشى كەلگەن گەپ _ سۆز، ئىش _ پائالىيەتلىرىنى تۈزەپ قوياتتى. بولۇپمۇ باشقىلارنى تۆۋەن كۆرۈش، ھاقارەتلەش بولىدىغان ئىشلاردا شۇنداق ئىدى.
مەئىرۇر ئىبنى سۇۋەيد مۇنداق دەيدۇ: مەن ئەبۇزەر (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) بىلەن رەزە دېگەن جايدا ئۇچراشتىم ۋە ھالبۇكى ئۇنىڭ ئۈستىدىمۇ بىر تون، خىزمەتكارىنىڭ ئۈستىدىمۇ بىر تون تۇرىدۇ (يەنى خىزمەتكارى بىلەن ئوخشاش كىيىۋاپتۇ). مەن بۇنىڭ سەۋەبى توغرىسىدا سورىدىم. چۈنكى بۇ شۇ ۋاقىتتىكى كىشلەرنىڭ ئادىتىگە خىلاپ ئىش ئىدى.
ئۇ مۇنداق دەپ جاۋاپ بەردى: مەن بىر ئادەم بىلەن تىللىشىپ قالغان ئىدىم، ئاندىن ئۇ كىشىنى ئانىسى سەۋەپلىك ئەيىپلىدىم، ئاندىن رەسۇلۇللاھ ماڭا مۇنداق دېدى: « ئى ئەبۇ زەر! سەن ئۇنى ئانىسى سەۋەپلىك ئەيىپلەۋاتامسەن؟ ھەقىقەتەن سەن جاھىلىيەت سۈپەتلىرى بار ئادەم ئىكەنسەن، قېرىندىشىڭلار سىلەرنىڭ خىزمەتچىڭلار ۋە قۇلۇڭلاردۇر. ئاللاھ ئۇلارنى سىلەرنىڭ قول ئاستىڭلاردا قىلدى. قانداق كىشىنىڭ قېرىندىشى ئۇنىڭ قول ئاستىدا بولسا، ئۇنىڭغا ئۆزى يىگەننى يىگۈزسۈن، ئۆزى كەيگەنگە ئوخشاش كەيگۈزسۈن! سىلەر ئۇلارغا قىلىپ بولالمايدىغان ئىشلارنى بۇيرىماڭلار، ئەگەر بۇيرۇپ قالساڭلار ئۇلارغا ياردەم بېرىڭلار!».
مانا بۇ ھەبەشىستانلىق قارا تەنلىك قۇل بىلال ئىبنى رەباھ بولۇپ بۇنىڭ ئىسلامدا ئېرىشكەن يۈكسەك مەرتىۋىسى، يۇقىرى ئورنى پەقەت ئۇنىڭ كەمتەرلىكىنى، ھەق ئىگىلىرىنىڭ ھەققىنى تۇنىشتىن باشقىنى زىيادە قىلالمايتتى.
كىشىلەر ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭ پەزىلىتى ۋە ئاللاھ ئۇنىڭغا نېسىپ قىلغان ياخشىلىقلارنى سۆزلىشەتتى. ئۇ بۇ ماختاشلارنى ئاڭلاپلا ئۆز نەپسىگە ھەققىنى تونۇتۇپ قويۇش ۋە ئۇنى مەغرۇرلىنىپ كېتىشتىن، ئۆزىنى چوڭ تۇتۇپ قېلىشتىن توسۇش ئۈچۈن ياشلىرى مەڭزىگە سىرغىپ چۈشكەن ھالدا: مەن تېخى تۈنۈگۈن ھەبەشىستانلىق بىر قۇل ئەمەسمىدىم؟!!دەيتتى.
ئۇنىڭغا بەزى كىشىلەرنىڭ ئۇنى رەسۇلۇللاھدىن كېيىنكى تۇنجى خەلىپە ۋە پەيغەمبەرلەردىن كېيىنكى مەخلۇقاتلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى بولغان ئەبۇبەكرىدىن (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) ئارتۇق كۆرۈشكەنلىك خەۋرى يەتكەن ۋاقتىدا، ئۇ مۇنداق دىگەن: سىلەر مېنى قانداقمۇ ئۇنىڭدىن ئارتۇق كۆرىسىلەر؟!! مەن پەقەت ئۇنىڭ ياخشىلىقلىرىدىن بىر ياخشىلىقى بولىمەن.
بۇ كىشى كەبىگە كىرىپ ئۇنىڭ ئىچىدىكى بۇتلارغا: شەكسىزكى سىلەرگە ئىبادەت قىلغان كىشىلەر مەغلۇپ بولىدۇ ۋە زىيان تارتىدۇ دىگەن ھالدا ئۇلارغا تۈكۈرگەن كىشىدۇر.
بۇ كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ جەننەت ئەھلىدىن ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بەرگەن كىشى بولۇپ، بىر كۈنى بامدات ۋاقتىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « ئى بىلال! ماڭا ئىسلامدا ئاللاھنىڭ ساۋابىنى ئەڭ بەك ئۈمىد قىلىپ قىلغان ئەڭ كۆپ ئەمىلىڭنى ئېيتىپ بەرگىن، چۈنكى مەن جەننەتتە سېنىڭ ئالدىمدا مېڭىۋاتقان ئاياق تېۋىشىڭنى ئاڭلىدىم » دېگندە بىلال: مەن كىچە ياكى كۈندۈزنىڭ بىرەر ۋاقتىدا تاھارەت ئالساملا، شۇ تاھارىتىم بىلەن ماڭا ئوقۇش تەقدىر قىلىنغان
مەلۇم نامازلارنى ئوقۇشتىن باشقا ئەڭ بەك ساۋاپ ئۈمىد قىلىدىغان بىرەر ئەمەلنى قىلغىنىم يوق دىگەن.
بۇ كىشى ئاللاھ ئۇ ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش بۇزەك قىلىنغانلار ھەققىدە قىيامەتكىچە تىلاۋەت قىلنىدىغان قۇرئان چۈشۈرگەن زاتتۇر. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى قۇرەيش كاتتىۋاشلىرى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەبەشىستانلىق بىلال، پارىسلىق سەلمان، رۇملۇق سۈھەيب ۋە ئۇندىن باشقا ئىبنى ئۇممۇ ئەبدى، ئەممار، خەبباب قاتارلىق ئاجىز مۇئىمىنلەر بىلەن بىرگە ئولتۇرغان ۋاقتىدا ئۇنىڭ يېنىغا كېلىشتى. ئۇلار رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىدا بۇ مۇئىمىنلەرنى كۆرۈپ ئۇلارنى تۆۋەن كۆرىشىپ رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا كېلىپ مۇنداق دېدى: بىز ئەرەپلەر ئارتۇقچىلىقىمىز بىلىنگۈدەك بىزگە خاس بىر سورۇن قىلىشىڭنى ياخشى كۆرىمىز، چۈنكى ئەرەپلەرنىڭ ئەلچىلىرى يېنىڭغا كېلىپ تۇرىدىكەن، بىز ئەرەپلەرنىڭ بىزنى بۇ قۇللار بىلەن بىرگە تۇرغانلىقىمىزنى كۆرۈپ قېلىشتىن نومۇس قىلىدىكەنمىز. بىز قېشىڭغا كەلگەن ۋاقتىمىزدا ئۇلارنى قوپۇرۋەتكىن، بىز كەتكەندە ئۇلار بىلەن خالىغانچە ئولتۇرىۋال.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « بولىدۇ » دەپ جاۋاپ بەردى. ئۇلارئۇنداقتا بۇھەقتە ھۆججەت يېزىپ بەرگىن دىدى.
بۇ ۋەقەلىكنى رىۋايەت قىلغۇچى دەيدۇكى: پەيغەمبەر ئەليھىسسالام قەغەز ئەكىلىشكە بۇيرۇپ ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى يېزىشقا چاقىردى. (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئارقىىلىق ئۇلارنىڭ قەلبىنى مايىل قىلماقچى ۋە كۆندۈرمەكچى ئىدى. چۈنكى بۇنداق بولغاندا ئىسلام ۋە ئىسلام ئەھلى كۈچەيگەن بولاتتى لېكىن ئىسلام شەرىئىتىدە بۇنداق قىلىشنىڭ ئورنى يوق بۇلۇپ پىرىنسىپ دىگەن پىرىنسىپ، قىممەت دىگەن قىممەت ئىدى).
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مۇنداق ۋەھىي چۈشتى:
 وَإِذَا جَاءكَ الَّذِينَ يُؤْمِنُونَ بِآيَاتِنَا فَقُلْ سَلاَمٌ عَلَيْكُمْ كَتَبَ رَبُّكُمْ عَلَى نَفْسِهِ الرَّحْمَةَ أَنَّهُ مَن عَمِلَ مِنكُمْ سُوءًا بِجَهَالَةٍ ثُمَّ تَابَ مِن بَعْدِهِ وَأَصْلَحَ فَأَنَّهُ غَفُورٌ رَّحِيمٌ [54]
ﷲ نىڭ رازىلىقىنى دەپ ئەتىگەندە، ئاخشامدا پەرۋەردىگارىغا ئىبادەت قىلىدىغانلارنى (يېنىڭدىن) قوغلىۋەتمىگىن، ئۇلارنىڭ ھېسابىدىن ساڭا ھېچ نەرسە يۈكلەنمەيدۇ (يەنى ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى ئۈچۈن سەن جاۋابكارلىققا تارتىلمايسەن). سېنىڭ ھېسابىڭدىنمۇ ئۇلارغا ھېچ نەرسە يۈكلەنمەيدۇ، ئۇلارنى قوغلىۋەتسەڭ، زالىملاردىن بولۇپ قالىسەن , ئۇلارنىڭ: «ﷲ ئارىمىزدىن (ھىدايەت قىلىش بىلەن) ئىنئام قىلغان كىشىلەر مۇشۇلارمۇ؟» دېيىشلىرى ئۈچۈن، ئۇلارنى بىر - بىرى بىلەن مۇشۇنداق سىنىدۇق (يەنى پېقىر، ئاجىز كىشىلەرنى ئىمان ئېيتقۇزۇش بىلەن، باي، چوڭ كىشىلەرنى سىنىدۇق). اﷲ شۈكۈر قىلغۇچىلارنى ئوبدان بىلىدۇ ئەمەسمۇ؟ (يەنى شۈكۈر قىلغۇچىلارنى ﷲ ھىدايەت قىلىدۇ بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ئىمان ئېيتقانلار يېنىڭغا كەلگەن چاغدا: «سىلەرگە ئامانلىق بولسۇن، پەرۋەردىگارىڭلار (بەندىلىرىگە) رەھمەت قىلىشنى (ئېھسان قىلىش يۈزىسىدىن) ئۆز ئۈستىگە ئالدى، سىلەردىن كىمكى بىلمەستىن بىرەر يامانلىق قىلىپ قويۇپ، ئاندىن كېيىن تەۋبە قىلسا ۋە (ئەمەلىنى) تۈزىسە، ﷲ ئەلۋەتتە ئۇنىڭغا مەغپىرەت قىلىدۇ ۋە رەھىم قىلىدۇ» دېگىن.
 سۈرە ئەنئام 52 _54 ئايەتلەر
ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قولىدىكى ۋاراقنى تاشلىۋېتىپ بىزنى چاقىردى. بىز كەلدۇق ۋە ھالبۇكى رەسۇلۇللاھ: « سىلەرگە ئامانلىق بولسۇن! پەرۋەردىگارىڭلار بەندىلىرىگە رەھمەت قىلىشنى (ئېھسان قىلىش يۈزسىدىن) ئۆز ئۈستىگە ئالدى » دەۋاتقان ئىكەن. بىز ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئولتۇراتتۇق، تۇرۇپ كەتمەكچى بولسا بىزنى قالدۇرۇپ كېتىپ قالاتتى، ئاندىن ئاللاھ مۇنۇ ئايەتنى چۈشۈردى:
وَاصْبِرْ نَفْسَكَ مَعَ الَّذِينَ يَدْعُونَ رَبَّهُم بِالْغَدَاةِ وَالْعَشِيِّ يُرِيدُونَ وَجْهَهُ وَلَا تَعْدُ عَيْنَاكَ عَنْهُمْ تُرِيدُ زِينَةَ الْحَيَاةِ الدُّنْيَا وَلَا تُطِعْ مَنْ أَغْفَلْنَا قَلْبَهُ عَن ذِكْرِنَا وَاتَّبَعَ هَوَاهُ وَكَانَ أَمْرُهُ فُرُطًا [28]
سەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ رازىلىقىنى تىلەپ، ئەتىگەن - ئاخشامدا ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىدىغانلار(يەنى ئاجىز، كەمبەغەل مۇسۇلمانلار) بىلەن سەۋرچان بىللە بولغىن، ھاياتىي دۇنيانىڭ زىبۇزىننىتىنى (يەنى مۇشرىكلارنىڭ چوڭلىرىنىڭ سۆھبىتىنى) دەپ، ئۇلارنى كۆزگە ئىلماي قالمىغىن، بىز دىلىنى زىكرىمىزدىن غەپلەتتە قالدۇرغان، نەپسى خاھىشىغا ئەگەشكەن، ئىشى ھەددىدىن ئاشقان ئادەمنىڭ (سۆزى) گە ئەگەشمىگىن .
ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىز بىلەن بىرگە ئولتۇراتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۇرۇپ كېتىدىغان ۋاقىت كەلگەندە بىز بۇرۇن تۇرۇپ ئۇنى قالدۇرۇپ قوياتتۇق، ئاندىن ئۇ تۇراتتى.
تېخى تۈنۈگۈن قۇل بولۇپ مانا بۈگۈن ئىسلامى بىلەن يولباشچىغا ئايلانغان بىلال كىم؟
بىز ئۇنىڭ قىسسىسىنى خالىد مۇھەممەد خالىدنىڭ يازمىسىدىن ئاڭلايلى! ئۇ مۇنداق دەيدۇ: مانا بۇ كىشى (بىلال ئىبنى رەباھ) ئىسلامدىكى تۈنجى مۇئەززىن، ھەق نىداسىنى ئاشكارا قىلغۇچى ۋە باتىل بۇتلارنى چېقىپ تاشلىغۇچى بىلالدۇر.
پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھىس _ تۇيغۇ، قەلىپلىرىدە ئورۇن ئالغان بىلانى كىممۇ تونۇمىسۇن؟!
ئىسلام باشلانغاندىن ھازىرقا قەدەر ۋە ئاللاھ خالىغان ۋاقىتقىچە ئاز دىگەندىمۇ ھەر ئون ئادەمنىڭ يەتتىسىنىڭ بىلالنى بىلىدىغانلىقىنى كۆرىمىز. يەنى ئەسىرلار بويى ۋە ئەۋلادلار داۋامىدا ئىسلامدىكى كاتتا ئىككى خەلىپە ئەبۇ بەكرى بىلەن ئۆمەرنى (ئاللاھ ئۇ ئىككىسىدىن رازى بولسۇن) تونۇپ يەتكەن نەچچە يۈز مىليون كىشلەر بار.
مەسىلەن سىز مىسىر، سۇدان، تۇنىس، ماراكەش، ئالجىرىيە، ئافرىقا ئويمانلىقلىرى، ئاسىيا تۆپىلىكلىرى ۋە مۇسۇلمان ياشايدىغان زېمىننىڭ ھەر قانداق بۇلۇڭلىرىدىكى تۇنجى ئوقۇش يېشىدا ئۆمىلەۋاتقان ھەر قانداق بىر كىچىك مۇسۇلمان بالىدىن بالام بىلال كىمۇ دەپ سورسىڭىز، ئۇ سىزگە: بىلال پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇئەززىنى، خوجايىنى ئۇنى دىنىدىن ياندۇرۇش ئۈچۈن قىززىتىلغان تاش بىلەن ئازاپلىغاندا سەۋىر قىلىپ «ئاللاھ بىردۇر، ئاللاھ بىردۇر» دېگەن قۇل دەپ جاۋاپ بېرىدۇ.
سىز ئىسلام بىلالغا بەرگەن بۇ مەڭگۈلۈك ئەسلىمىنى كۆرگەن ۋاقتىڭىزدا شۇنى بىلىپ قويىشىڭىز كېرەككى ئۇ مۇسۇلمان بۇلىشتىن ئىلگىرى ئۆز ھاياتىنى ساقلاپ قالالىغۇدەك خورما بەدىلىگە خوجايىنىڭ تۆگىسىنى باقىدىغان بىر ئاددىي قۇلدىن ئۆزگە كىشى ئەمەس ئىدى. لېكىن ئۇنىڭ سەمىمىي ئىيمانى، ئىشەنگەن دىنىنىڭ يۈكسەكلىكى ئۇنى ھاياتى تارىخىدا ئىسلامدىكى كاتتا، شەرەپلىك، ئېسىل كىشلەر ئارىسىدا يۈكسەك ئورۇنغا ئىگە قىلدى.
شۇنىسى ئېنىقكى نۇرغۇن ئالىي مەرتىۋىلىك، ئېسىل نەسەبلىك، يۈز _ ئابرويلۇق، نوپۇزلۇق كىشلەر ھەبەشىستانلىك قۇل بىلال ئېرىشكەن بۇ مەڭگۈلۈك ئەسلىمىنىڭ ئوندىن بىرىگىمۇ ئېرىشەلمىدى. بەلكى نۇرغۇن تارىخىي قەھرىمانلارمۇ بىلال ئېرىشكەن بەزى نام _ شۆھرەتكە ئىرىشكەن ئەمەس.
ئۇنىڭ تېرىسىنىڭ قارىلىقى، يۈز _ ئابروي ۋە نەسەبىنىڭ تۆۋەنلىكى ئۇنىڭ بىر قۇل سۈپىتىدە باشقىلار ئالدىدىكى تۆۋەنلىكى ئۇنى ئۇ ئىسلامنى دىن قىلىپ تاللىغان ۋاقتىدا ئۇنىڭ سەمىمىيتى، جەزمىيتى، پاكلىقى، پىداكارلىقى ۋە ئىخلاسى ئۇنى لاياقەتلىك قىلىپ قويغان بۇ يۈكسەك ئورۇنغا ئىگە بولۇشتىن مەھرۇم قويمىدى.
ھەقىقەتەن كىشلەر بىلالدەك قۇللارنى ئۇلار يات نەسەبكە تەۋە ئادەملەر، ئۇلارنىڭ بىرەر ئىشقا سالاھىيتى يوق، كۈچىمۇ يوق، ھاياتىنىڭ ھېچنىمىسىگە ئىگە ئەمەس، چۈنكى ئۇ خوجايىننىڭ پۇلغا سېتىۋالغان مۈلكى، ئۇ خوجايىننىڭ بىر قانچە قوي _ تۆگىلىىرى ۋە چارۋىلىرىنىڭ ئارىسىدا بېرىپ كىلىپلام يۈرىدۇ دەپ ئويلىشاتتى.
ۋە بۇنداق مەخلۇقلار ھېچ ئىش قىلالمايدۇ ۋە ھېچ نەرسە بولالمايدۇ دەپ گۇمان قىلشاتتى، ئاندىن قارىسا ئۇ ئۇشتۇمتۇت بارلىق گۇمانلارغا قارشى چىقتى.
دىمەك ئۇ ئىيمان ئېيتىشقا قادىر بولالىدى. باشقىلار ئۇنىڭغا ئوخشاش ئىيمان ئېيتىشتىن بەك يىراقتا ئىدى.
ئاندىن ئۇ ئىسلامنىڭ ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۈنجى مۇئەززىنى بولدى. مانا بۇ مۇسۇلمان بولغان ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگەشكەن بارلىق قۇرەيش كاتتىلىرى ۋە چوڭلىرى ئۆزى ئۈچۈن ئارزۇ قىلدىغان بىر خىزمەت ئىدى.
توغرا..... بىلال ئىبنى رەباھ
بۇ ئىسىم ئىپادىلەۋاتقان قەھرىمانلىق، ئەزىمەتلىك نېمىدىگەن كاتتا ھە!!!
شەكسىزكى ئۇ ھەمامە ئىسىملىك بىر قارا دېدەكتىن تۇغۇلغان ھەبەشىستانلىق، ھەمامە بىلالنىڭ تەقدىرىنى مەككىدىكى ئۇمەييە ئىبنى خەلەپ ئەلجۇمەھىينىڭ قۇلى بولۇشقا ئۆزگەرتىۋەتكەن، چۈنكى ھەمامە ئۇمەييە ئىبنى خەلەپ جەمەتىدىكى بىرەيلەننىڭ خىزمەتچى دىدەكلىرىدىن ئىدى.
بىلال قۇللۇق تۇرمۇشتا ياشايدىغان بولۇپ ياشاۋاتقان كۈنىسىدىن ھېچ بىر نېسىۋىسى بولمىغان ئەتىسىدىن ھېچ بىر ئۈمىد يوق قۇرۇق _ قاقشال بولۇپ كەتكەن ھالەتتە كۈنلىرىنى ئۆتكۈزەتتى.
كىشىلەر مەككىدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ خەۋەرلىرىنى ئۆز ئارا بىر _ بىرىگە يەتكۈزىشكە باشلىغان ۋاقتىدا بۇ خەۋەرلەر بىلالنىڭ قۇلاقلىرىغا يىتىپ كېلىشكە باشلىدى.
چۈنكى ئۇ خوجايىنلىرىنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ مېھمانلىرىنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالاتتى. بولۇپمۇ ئۆزى ئۇنىڭ قۇللىرىنىڭ بىرى بولغان بەنى جۈمەھ قەبىلىسىنىڭ ئاقساقاللىرىدىن بىرى ئۇمەييە ئىبىنى خەلەفنىڭ سۆزلىرىگە بەكراق قۇلاق سالاتتى.
ئۇنىڭ خوجايىنى ئۇمەييە بەزىدە دوستلىرى بىلەن بەزىدەد قەبىلىسىنىڭ شەخسلىرى بىلەن رەسۇلۇللاھ ھەققىدە تولۇپ _ تاشقان غەزەپ، غەم _ ئەندىشە ۋە يامانلىقلار بىلەن پاراڭلىشاتتى. بىلالنىڭ قۇلاقلىرى مانا بۇ ساراڭلارچە ئېيتىلغان غەزەپ سۆزلىرى ئارىسىدىن بۇيىڭى دىننى تەسۋىرلەپ بېرىدىغان سۈپەتلەرنى ۋە بۇ دىن ئېلىپ كەلگەن تەۋھىد (ئاللاھنى بىر، يەككە _ يىگانە ھېچ شىرىكى يوق دەپ ئېتىقاد قىلش) ۋە ئېسىل ئەخلاقلارغا چاقىرىش، باراۋەرلىك ۋە ئەركىنلىككە چاقىرىش قاتارلىق گەپ سۆزلەرنى ئاڭلايتتى. ئۇ بۇ نەرسىلەرنىڭ ئۆزى ياشاۋاتقان مۇھىتقا نىسبەتەن يېڭى بىر سۈپەتلەر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلاتتى. شۇنىڭدەك ئۇنىڭ قۇلاقلىرى يەنە ئۇلارنىڭ بۇ گۈلدۈرمامىدەك قورقۇنۇشلۇق سۆزلىرى ئارىسىدىن ئۇلارنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ شەرىپىنى، راسچىللىقىنى، ئامانەتدارلىقىنى ۋە چۈشەنچىسىنىڭ چوڭقۇرلىقىنى ئېتىراپ قىلىدىغان سۆزلەرنى ئاڭلايتتى.
شۇنداق ئۇ يەنە ئۇلارنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن بۇ دىندىن تەئەججۈپلىنىپ ھودۇقۇپ كەتكەنلىكىنى ۋە بىر _ بىرىگە مۇھەممەد ھېچ قاچان يالغان گەپ قىلىپ باقمىغان ئۇ سېھرىگەرمۇ ئەمەس، ساراڭمۇ ئەمەس شۇنداقتىمۇ بىز بۈگۈن ئۇنىڭ دىنى تەرەپكە قاراپ يۈگۈرەۋاتقانلارنى توسۇش ئۈچۈن ئۇنى كەمسىتىش ۋە ئەيىپلەشتىن باشقا يول يوق دىيىشكەنلىرىنى ئاڭلاپ تۇراتتى.
ئۇ يەنە خوجايىنلىرىدىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئامانەتدارلىقى، ۋاپادارلىقى، باتۇرلۇقى، ئەخلاقلىقلىقى، پاكلىقى، ئەقلىنىڭ ئۆتكۈرلىكى قاتارلىق سۈپەتلىرى ھەققىدىكى پاراڭلىرىنى ئاڭلاپ تۇراتتى.
ۋە يەنە ئۇلارنىڭ رەسۇلۇللاھنى دۈشمەن تۇتۇش ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇشقا ئېلىپ بارغان سەۋەپلەر ھەققىدىكى پىچىرلاشلىرىنى ئاڭلىغان ئىدى.
مانا بۇ سەۋەپلەر بىرىنجىدىن: ئۇلارنىڭ ئەجداتلىرىنىڭ دىنىغا بولغان مۇھەببىتى
ئىككىنجىدىن: قۇرەيشلەرنىڭ شان _ شەرىپىنىڭ كېتىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەش بولۇپ، بۇ شان شەرەپنى ئۇلارغا پۈتۈن ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى ھەج پائالىيتى ۋە باشقا ئىبادەتلەرنىڭ پايتەختى سۈپىتىدىكى دىينى مەركىزىنى قايتۇرۇپ بېرەتتى. ئۇنىڭدىن باشقا ھاشىم جەمەتىدىن پەيغەمبەر چىققانلىقى سەۋەبىدىن ئۇلارغا بولغان ئۆچمەنلىكمۇ بار ئىدى.
كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىلال ئىبنى رەباھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئاللاھنىڭ نۇرىنى كۆرىدۇ ۋە تاللانغان روھنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلايدۇدە رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا بېرىپ مۇسۇلمان بولىدۇ.
بىلالنىڭ ھاياتىدا مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن ئىلگىركىدەك يەپ _ ئىچىش، ئۇخلاشلام بولغىنىدەك تىنىچلىق بولمىدى.
ئوزۈن ئۆتمەي ئۇنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىق خەۋىرى تارقالدى. ئۇنىڭ جۈمەھ قەبىلىسىدىن بولغان خوجايىنلىرىنىڭ باشلىرى پىرقىراپ ئايلىنىپ كەتتى. مانا بۇ باشلارنى ھاكاۋۇرلۇق چوڭايتىپ، مەغرۇرلۇق ئېغىرلاشتۇرۋەتكەن ئىدى.
زىمىن شەيتانلىرى قۇللىرىدىن بىرىنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ئۆزلىرىگە ئومۇمىيۈزلۈك رەسۋالىق ۋە ئار_ نۇمۇس ئېلىپ كەلگەن بىر كاچات دەپ قارىغان ئۇمەييە ئىبنى خەلەفنىڭ ئۈستىگە ئولىشىۋالغان ئىدى.
ئۇلارنىڭ ھەبەشىستانلىق قۇلى مۇسۇلمان بولۇپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشەمدۇ؟
ئۇمەييە كۆڭلىدە: شۇنداقتىمۇ كېرەك يوق، بۈگۈنكى قۇياش خوجايىنغا ئاسىيلىق قىلغان بۇ قۇلنىڭ ئىسلامىنىڭ يوقۇلىشى بىلەن پاتىدۇ دەيتتى.
لېكىن بۇ قۇياش پەقەت بىلالنىڭ ئىسلامى بىلەنلا پاتماستىن بەلكى كۈنلەرنىڭ بىرىدە قۇرەيشنىڭ بارلىق بۇتلىرى ۋە بۇتپەرەسلەرنىڭ يوقۇلىشى بىلەن پاتتى.
ئەمما بىلالنىڭ ئىسلام ئۈچۈنلا شەرەپ بولماستىن (گەرچە ئىسلام ئۇ شەرەپكە ئەڭ لايىق بولسىمۇ) بەلكى بارلىق ئىنسانىيەتكە شەرەپ بولغان بىر مەيدانى بار ئىدى.
شەكسىزكى بىلال خۇددى ئاللاھ ئۇنى «تىرىسىنىڭ قارا بۇلىشى ئۆزىنىڭ قۇل بۇلىشى ئىيمانىلا بۇلىدىكەن، رەببىگە مۇستەھكەم ئېسىلىدىكەن، ئۆ ھەققىنى مۇستەھكەم تۇتىدىكەن ئۇنىڭ
كاتتىلىقىغا تەسىر يەتكۈزەلمەيدۇ» دىگەن ئۇقۇمغا ئۈلگە قىلىپ كۆرسەتكەندەك ئەڭ يۇقىرى چەكتىكى تۈرلۈك ئازاپلارغا يۈكسەك رەۋىشتە بەرداشلىق بەرگەن ئىدى.
بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆز زامانىسىدىكى ۋە ھەر قانداق ئورۇندىكى ئۆز دىندا بولغان ياكى بولمىغان كىشلەر ئۈچۈن شۇنداق بىر دەرىس بەرگەن ئىدىكى ئۇنىڭ مەزمۇنى: «قەلىبنىڭ ئەركىنلىكى ۋە ئۇنىڭ مۇستەقىللىقى زېمىن توشقىچىلىك ئالتۇنغا سېتىلمايدۇ ۋە زېمىن توشقىچىلىك ئازاپقا تېگىشىلمەيدۇ»
دەۋەتنىڭ بېشىدا تۇنجى بولۇپ ئىسلامىنى ئاشكارلىغان كىشلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، ئەبۇبەكرى، ئەممار ۋە ئانىسى سۈمەييە، سۈھەيب، بىلال، مىقداد قاتارلىق يەتتە كىشى بولۇپ، رەسۇلۇللاھنى ئاللاھ تاغىسى ئەبۇ تالىپ ئارقىلىق قوغداپ قالدى. دىمەك ئەبۇ تالىپ رەسۇلۇللا نى مۇداپىئە قىلىپ قوغداپ قالدى.
ئەمما ئەبۇ بەكرى بولسا ئۇنى ئاللاھ ئۆز قەۋمى بىلەن قوغداپ قالدى. باشقىلار نى بولسا مۇشرىكلار تۇتۇپ ئۇلارغا تۆمۈر كىيىمنى كەيدۈرۈپ ئۇلارنى قۇياش ئاستىدا ئېرىتىۋەتتى.
بىلالدىن باشقا بۇلارنىڭ ھەممىسى مۇشرىكلار ئىرادە قىلىشقان نەرسىگە بوي سۇنۇشتى. لېكىن بىلال ئاللاھ يولىدا ئۆز نەپسىنى خار قىلدى، ۋە ئۆز قوۋمىنى خار قىلدى. ئاندىن مۇشرىكلار ئۇنى تۇتۇپ كىچىك بالىلارغا تاپشۇردى. ئۇلار ئۇنى مەككىنىڭ جىلغىسىدا ئايلاندۇرۇشقا باشلىدى ۋە ھالبۇكى بىلال «ئەھەد، ئەھەد» ئاللاھ بىر، ئاللاھ بىر دەيتتى.
ئۇ دىندىن قايتۇرلىشى ياكى يالغاندىن بولسىمۇ رازى بولىشى ئۈچۈن يالىڭاچلانغان ھالدا ئۇششاق تاشلار ئۈستىگە قويۇلاتتى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئىسلام بۇ بىچارە ھەبەشىستانلىق قۇلدىن بارلىق ئىنسانىيەتكە قەلىبنى ھۆرمەت قىلىش ئۇنىڭ ئەركىنلىكىنى ۋە مۇستەقىللىقىنى قوغداش ھەققىدە بىر ئۇستاز ياساپ چىققان.
مۇشرىكلار ئۇنى سايلىق ئۆتكۈر جەھەننەمگە ئايلانغان چۈش ۋاقتىدا ئېلىپ چىقىپ يالىڭاچ پېتى يالقۇنجاۋاتقان ئۇششاق تاشلار ئۈستىگە تاشلايتتى، ئاندىن بىر قانچە كىشى ئورنىدىن يۆتكەيدىغان ئوتتەك قىززىپ كەتكەن تاشنى ئېلىپ كىلىپ ئۇنىڭ كۆكرىكى ۋە بەدەنلىرى ئۈستىگە قوياتتى. بۇ ۋەھشى ئازاپ ھەر كۈنى تەكرارلىناتتى. ئاخىرى ئۇنى ئازاپلىغان بەزى جاللاتلار ئۇنىڭ ئازابىنىڭ قاتتىقلىقىدىن ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىپ قالدى.
ئۇلار ئاخىرى بىلالنى ئۇلارنىڭ شان _ شەرىپىنى ساقلاپ قالغۇدەك، قۇرەيشلەر ئۇلارنى قۇلىنىڭ بەرداشلىق بېرىشى ۋە مۇستەھكەملىكى ئالدىدا خارلارچە مەغلۇپ بولىشتى دىمىگۈدەك بىر ئېغىز بولسىمۇ ئىلاھلىرىنىڭ ياخشى گېپىنى قىلىپ بېرىش بەدىلىگە قويۇپ بېرىشكە رازى بولۇشتى. لېكىن ئۇ يالغاندىن دىيەلەيدىغان ئۇنىڭ بەدىلىگە ئىيماننى يوقاتماستىن ھاياتىنى، ئۆز نەپسىنى سېتىۋالالايدىغان، ئۇنىڭغا رازى بۇلىشتىن ۋاز كېچەلەيدىغان مۇشۇنداق ئاددىي بىر كەلىمە سۆزنىمۇ قىلىشنى رەت قىلدى.
توغرا! ئۇ بۇ سۆزنى دىيىشنى رەت قىلىپ ئۇنىڭ ئورنىغا «ئەھەد، ئەھەد» ئاللاھ بىر، ئاللاھ يەككە _ يىگانە دىگەن كەلىمىنى تەكرارلاشقا باشلىدى. ئۇلار ئۇنىڭغا: بىز دىگندەك دىگىن دەيتتى.
ئۇ ئاجايىپ زاڭلىق قىلغان، چىدىغۇسىز دەرىجىدە مەسخىرە قىلغان ھالدا ئۇلارغا: تىلىم بۇ گەپنى ياخشى سۆزلىيەلمەيدۇ دەپ جاۋاپ بېرەتتى.
بىلال داۋاملىق ئېرىتىۋەتكۈدەك قىززىقلىق ئىچىدە قىززىق تاش ئاستىدا تۇراتتى. كۈن كىرىپ كېتەي دىگەندە ئۇلار ئۇنى تۇرغۇزۇپ بوينىغا ئارغامچا سېلىپ كىچىك بالىلىرىنى ئۇنى سۆرەپ مەككىنىڭ تاغلىرىدا ۋە كۆچىلىرىدا ئايلاندۇرۇشقا بۇيرۇيتتى.
بىلالنىڭ تىلى «ئەھەد، ئەھەد» دىگەندىن باشقا سۆزنى دىمەيتتى. كەچ كىرگەندە ئۇلار بىلال بىلەن سودىلىشاتتى.
ئەتە ئىلاھلىرىمىز ھەققىدە ياخشى گەپلەرنى دىگىن، لات، ئۇززا مېنىڭ رەببىم دىگىن، بىز سېنى ئۆز مەيلىڭگە قويىۋېتىمىز، بىزمۇ سېنى ئازاپلاپ خۇددى بىز ئازاپلانغاندەك چارچاپ كەتتۇق دەيتتى.
ئۇ «ئەھەد، ئەھەد» دىگەن پېتى بېشىنى لىڭشىتىپ تۇراتتى.
ئۇمەييە ئىبنى خەلەف غەم _ ئەندىشە ۋە ئاچچىقتىن يېرىلغۇدەك بولۇپ ئۇنىڭ مەيدىسىگە مۇشتى بىلەن بىرنى سالدى ۋە ئى ناچار قۇل سېنى بىزگە قايسى شۇملۇق ئېلىپ كەلگەن بولغىيدى لات، ئۇززا بىلەن قەسەمكى مەن سېنى چوقۇم قۇللارغا ۋە خوجايىنلارغا ئىبرەت قىلىمەن دەپ توۋلاپ كەتتى.
بىلال بولسا جەزمى ئىشەنگەن بىر مۆئىمىن سۈپىتىدە «ئەھەد، ئەھەد» دەپ جاۋاپ بەردى.
ئۇنىڭغا كۆيۈنگىچىلىك رولىنى ئېلىش ۋەزىپىسى تاپشۇرۇلغان بىرسى كېلىپ قايتىدىن سودىلىشىپ، پارڭلىشىپ مۇنداق دېدى: ئى ئۇمەييە بولدى قىل! لات بىلەن قەسەمكى ئۇ بۈگۈندىن تارتىپ
ئازاپلانمايدۇ، ھەقىقەتتەن بىلال بىزدىن، ئانىسى بىزنىڭ دىدىكىمىز ئۇ ھەرگىزمۇ ئىسلامى سەۋەپلىك بىزنىڭ قۇرەيشلەرنىڭ سۆز چۆچەكلىرى ۋە مەسخىرسىگە قېلىشىمىزغا رازى بولمايدۇ.
بىلال بۇ مەككار كاززاپ يۈزلەرگە تىكىلپ قارىدى ۋە تاڭنىڭ نۇرىدەك تەبەسسۈم قىلىپ ئېغىزىنى ئېچىپ قويدى، ئاندىن ئۇلارنى تەۋرىتىۋەتكۈدەك تەمكىنلىك ئىچىدە «ئەھەد، ئەھەد» دېدى.
تاڭ ئېتىپ چۈش ۋاقتى يېقىنلاشتى. بىلال قاتتىق ئىسسىق تەرەپكە ئېلىپ مېڭىلدى. ھالبۇكى ئۇ سەۋىر قىلىپ، ئەجىر ئۈمىد قىلىپ بەرداشلىق بېرىپ تۇراتتى. بىلال ئازاپلىنىۋاتقان ۋاقىتتا ئەبۇبەكرى ئۇلار تەرەپكە يېتىپ كەلدى ۋە ئۇلارغا: ئاللاھتىن قورۇقمامسىلەر؟ سىلەر بىر ئادەمنى رەببىم ئاللاھ دېگەنلىكى ئۈچۈن ئۆلتۈرەمسىلەر؟ قاچانغىچە بۇنداق بولىدۇ دەپ ۋارقىرىدى.
ئۇمەييە: ئۇنى سەن بۇزىۋەتكەن ئەمدى ئۇنى بۇ ئازاپتىن ئۆزۈڭ قۇتۇلدۇرغىن دېدى. ئاندىن ئەبۇبەكرى ئۇمەييە ئىبنى خەلەفكە ئۇنىڭ ئەسلى پۇلىدىن كۆپراق ئېلىپ، ئۇنى ئەركىن قويىۋەت دەپ ۋارقىرىدى.
ئۇمەييە خۇددى غەرىق بوپ كەتكەندىن كېيىن قۇتقۇزۇش كېمىسى تاپقاندەك بوپ كەتتى.
 ئەبۇبەكرى ئۇنى ئازات قىلىش پۇلىنى ئېغىزىدىن چىقارغان ۋاقتىدا ئۇمەييە چىن قەلبىدىن رازى بولۇپ خۇشال بولدى. چۈنكى ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە بىلالنى بويسۇندۇرۇشتىن ئۈمىدىنى ئۈزۈش ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكەن ئىدى. ئۇلار سودىگەر بولغاچقا، ئۇلارغا نىسبەتەن ئۇنى سېتىش ئۇنىڭ ئۆلۈپ قالغىنىدىن پايدىلىق ئىدى.
ئۇلار ئۇنى ئەبۇبەكرىگە ساتتى. ئەبۇبەكرى ئۇنى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئازات قىلىۋەتتى. بىلال ئەركىن، ھۆر كىشلەر ئارىسىدىن ئورۇن ئالدى. ئەبۇبەكرى بىلالنى قولتۇقلاپ ئەركىنلىك تەرەپكە ئېلىپ ماڭغىنىدا ئۇمەييە ئۇنىڭغا ئالە بولدى. لات ۋە ئۇززا بىلەن قەسەمكى، ئەگەر سەن ئۇنى پەقەت بىر ئۇقىيەگە (ئالتۇن بىرلىكى) ئالىمەن دېگەن بولساڭمۇ، ساڭا سېتىۋەتكەن بولاتتىم دېدى. ئەبۇبەكرى بۇ سۆزلەردىكى ئاچچىق ئۈمىدسىزلىك ۋە ئارزۇلىرىنىڭ تۈگەشكەنلىكىنى چۈشەندى. ئۇنىڭ بۇ سۆزىگە جاۋاپ بەرمەسلىككە لايىق ئىدى. لېكىن بۇنىڭدا قېرىندىشىغا ۋە ئوخشىشىغا ئايلانغان بۇ كىشىنىڭ ھۆرمىتىنى كەمسىتىش بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇمەييەگە: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئەگەر سىلەر يۈز ئۇقىيەدىن تۆۋىنىگە ئۇنىمىغان بولساڭلار، ئەلۋەتتە مەن شۇنى بەرگەن بولاتتىم دەپ جاۋاپ بەردى.
ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ ھەمراھىنى ئېلىپ رەسۇلۇللاھقا ئۇنى ئازات قىلۋەتكەنلىكى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىش ئۈچۈن باردى. بۇ كاتتا بىر بايرام بولدى.
رەسۇلۇللاھقا ئىيمان ئېيتقان مۇسۇلمانلار مەككىدە قۇرەيشلەر تەرەپتىن قاتتىق ئەزىيەتلەرگە ئۇچراۋاتاتتى. شۇڭلاشقا رەسۇلۇللاھ ئۇلارنى خاتىرجەم بولىشى، قۇرەيشلەردىن بولغان مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ ئەزىيتىدىن يىراق تۇرىشى ئۈچۈن مەدىنىگە ھىجرەت قىلشقا بۇيرىدى.
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋە مۇسۇلمانلار مەدىنىدە مۇقۇملىشىپ بولغاندىن كېيىن رەسۇلۇللاھ نامازغا ئەزان ئوقۇشنى يولغا قويدى.
ئۇنداقتا كىم نامازغا ھەر كۈنى بەش قېتىم مۇئەززىن بولىدۇ؟ تەكبىر _ تەھلىللىرى بىلەن ئوپۇقتا مۇڭلۇق سايرايدۇ؟
ھەقىقەتەن ئۇ بولسىمۇ ئون ئۈچ يىلدىن بىرى ئازاپ ئۇنى ئاجىزلاشتۇرۇپ كاۋاپ قىلۋەتكەن ھالەتلىرىدىمۇ «ئاللاھ بىر، ئاللاھ يەككە _ يىگانە» دەپ توۋلاپ كەلگەن بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدۇر.
مانا بۈگۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىسلامنىڭ تۈنجى مۇئەززىنى بولۇشقا ئۇنى تاللىدى. ئۇ مۇڭلۇق، تەسىرلىك ئاۋازى بىلەن ئەزان كەلىمىلىرىنى ياڭرىتىپ قەلىپلەرنى ئىيمانغا، قۇلاقلارنى ھەيۋەتكە تولدۇرۋەتتى.
ئەزاننىڭ تېكىستى:
اللهُ أكبر اللهُ أكبر ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر (ئاللاھ ھەممىدىن چوڭدۇر)
اللهُ أكبر اللهُ أكبر ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر (ئاللاھ ھەممىدىن چوڭدۇر)
أشهد أن لا إله إلا الله ئەشھەدۇ ئەنلائىلاھە ئىللەللاھ (گۈۋاھلىق بېرىمەنكى ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر)
أشهد أن لا إله إلا الله ئەشھەدۇ ئەنلائىلاھە ئىللەللاھ (گۈۋاھلىق بېرىمەنكى ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر)
أشهد أن محمدا رسول الله ئەشھەدۇئەننە مۇھەممەدەن رەسۇلۇللاھ (گۈۋاھلىق بېرىمەنكى مۇھەممەد ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇر)
أشهد أن محمدا رسول الله ئەشھەدۇئەننە مۇھەممەدەن رەسۇلۇللاھ (گۈۋاھلىق بېرىمەنكى مۇھەممەد ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇر)
حي على الصلاة ھەييە ئەلەسسالاھ (نامازغا كېلىڭلار)
حي على الصلاة ھەييە ئەلەسسالاھ (نامازغا كېلىڭلار)
حي على الفلاح ھەييە ئەلەلفلاھ (نىجاتلىققا كېلىڭلار)
حي على الفلاح ھەييە ئەلەلفلاھ (نىجاتلىققا كېلىڭلار)
اللهُ أكبر اللهُ أكبر ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر (ئاللاھ ھەممىدىن چوڭدۇر)
لا إله إلا الله لائىلاھە ئىللەللاھ (بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر)
لېكىن قۇرەيش مۇشرىكلىرىنىڭ كۆڭلى مانا بۇ يېڭى دىننىڭ كۈنسايىن يۈكسىلىۋاتقانلىقى ۋە ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىدە ئارام تاپمايتتى. شۇنداق قىلىپ ئاخىرى مۇسۇلمانلار بىلەن مەدىنىگە ئۇرۇش ئېچىپ كەلگەن قۇرەيش قوشۇنلىرى ئوتتۇرسىدا ئۇرۇش باشلىنىپ كەتتى.
بۇ ئۇرۇش ۋەھشىيلەرچە شىددەت بىلەن ناھايىتى قاتتىق ئېلىپ بېرىلىۋاتاتتى، بىلال مۇسۇلمان بولۇپ تۇنجى قېتىم قاتناشقان بۇ ئۇرۇشتا (بەدىر ئۇرۇشى) شىددەت بىلەن ھۇجۇم قىلىپ جەۋلان قىلىۋاتاتتى.
بۇ ئۇرۇشنىڭ شۇئارىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «ئەھەدۇن ئەھەد» ئاللاھ بىردۇر، ئاللاھ بىردۇر دېگەن كەلىمە بولۇشقا بۇيرىغان ئىدى. بۇ ئۇرۇشتا قۇرەيشلەر يۈرەك پارىلىرىنى چىقارغان ئىدى. ئەسلىدە بىلالنىڭ خوجايىنى بولغان، ئۇنى ۋەھشىيلەرچە ئازاپلىغا ئۇمەييە ئىبنى خەلەف ئۇرۇشقا چىقىشتىن يېنىۋېلىش نىيىتىگە كەلگەن ئىدى.
ئەگەر ئۇنىڭ دوستى ئۇقبە ئەبنى مۇئىيت ئۇنىڭ ئۇرۇشتىن ۋاز كەچكەنلىك، ھۇرۇنلۇق قىلىپ ئولتۇرۋالغانلىق خەۋىرىنى بىلگىنىدە چوغداننى كۆتۈرۈپ كېلىپ كىشلەر ئارىسىدا ئولتۇرغان ھالىتىدە ئۇچراشقىنىدا ئالدىغا چوغداننى قويۇپ ئۇنىڭغا: ئى ئەبۇئەلى بۇنىڭدا ئىسرىق سېلىپ ئولتۇرۇپ تۇرغىن، سەن ھەقىقەتەن ئاياللاردەك بولۇپ قاپسەن دېمىگەن بولسا ئۇرۇشتىن يېنىۋېلىش نىيتىگە كەپ بولغان ئىدى. ئۇمەييە ئۇنىڭغا ئاللاھ سېنى ۋە سەن ئېلىپ كەلگەن نەرسىلەرنى رەھمىتىدىن يىراق قىلۋەتكەي دەپ ۋارقىراپ كەتتى. ئاندىن ئۇ ئۇرۇشقا چىققۇچىلار بىلەن بىرگە چىقىشتىن قاچىدىغان بىرەر چارە تاپالماي ئاخىرى ئۇرۇشقا چىقتى.
ئەسلىدە ئۇقبە ئەبنى مۇئىيت ئۇمەييە ئىبنى خەلەفنى بىلال ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش كۈچسىز مۇسۇلمانلارنى ئازاپلاشقا ئەڭ بەك كۈشكۈرتكەن كىشى ئىدى. بۈگۈن دەل مۇشۇ كىشى ئۇنى ئۇنىڭ ۋە ئۆزىنىڭ ئۆلۈم مەيدانى بولغان بەدىر ئۇرۇشىغا چىقىشقا قىزىقتۇرۋاتاتتى. ئەگەر ئۇقبە ئۇنى بىز يۇقۇردا كۆرگىنىمىزدەك دەرىجىدە ئاشكارا قىلىۋەتمىگەن بولسا ئۇ ئەلۋەتتە بۇ ئۇرۇشتىن قېلىپ قالغان بولاتتى. لېكىن ئاللاھ تائالا مەقسىدىگە يەتكۈچى زاتتۇر.
ئۇمەييە چىقسۇن، چۈنكى ئۇنىڭ بىلەن ئاللاھنىڭ قۇللىرىدىن بولغان بىر قۇلنىڭ كونا ھىساۋاتى بار. ئەمدى ئۇ قەرىزنى تاپشۇرۇش ۋاقتى يېتىپ كەلدى. چۈنكى ھېساپ ئالغۇچى زات ئاللاھ ئۆلمەيدۇ.
شۇنداق بىر ماقال _ تەمسىل باركى: «باشقىلارغا قانداق قىغان بولساڭ، ئۇلارمۇ ساڭا شۇنداق قىلىدۇ» «قازىنىڭدا نېمە بولسا چۆمۈچىڭگە شۇ چىقىدۇ»
ئۇمەييە پاك مۆئىمىنلەرنى ئازاپلاشتا كۈشكۈرتىشلەرگە قۇلاق سالىدىغان خاھىشلىرىنى ئورۇنلاشقا ئالدىرايدىغان ئۇقبەنىڭ ئۆزى ئۇمەييەنى ئۆلىدىغان ئورۇنغا يېتىلەۋاتاتتى.
كىمنىڭ قولىدا ئۆلىدۇ؟
بىللالنىڭ ئۆز قولىدا ئۆلىدۇ. بىلال ئۇنى يالغۇز ئۆلتۈرىدۇ!
ئۇمەييە زەنجىر _ كىشەنلەر بىلەن كىشەنلەپ قويغان، قاتتق ئازاپلىغان قۇلىنىڭ ئۆز قولىدا ئۆلىدۇ.
نەق مۇشۇ قۇل بىلەن ئۆلتۇرلىدۇ. يەنى ئۇ قۇل بۈگۈن يەنى بەدىر ئۇرۇشىدا ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلارنى ئۆچ ئاداۋەت ۋە دۈشمەنلىك بىلەن خارلىغان قۇرەيش جاللاتلىرى بىلەن ئۇچرىشىشنى بەلگىلىگەن بىر ۋاقىتتا ئۆلتۈرىدۇ.
بۇ ئىشلار تولۇق يۈز بەردى. ئىككى تەرەپ ئوتتۇرسىدا ئۇرۇش باشلانغان، جەڭ مەيدانلىرى مۇسۇلمانلار تەرەپتىن دىيىلگەن «ئەھەد، ئەھەد» دېگەن شوئارلىرى بىلەن تەۋرەپ كەتكەن ۋاقتىدا ئۇمەييەنىڭ يۈرىكى قورقۇنىشتىن چىقىپ كېتەي دەپ قالدى ۋە ئۇنىڭغا ئۆلۈم سىگنالى يېتىپ كەلدى.
تېخى تۈنۈگۈن بىر قۇل قورقۇنىش ۋە ئازاپ ئاستىدا تەكرارلاۋاتقان بۇ كەلىمە «ئەھەد، ئەھەد» بۈگۈن دىننىڭ بىر پۈتۈن شوئارى ۋە بۇ بىر يېڭى ئۇممەتنىڭ ھەممىسىنىڭ شوئارىغا ئايلىنىپ كەتتىمۇ؟!
«ئەھەد، ئەھەد» ئاللاھ بىردۇ، ئاللاھ يەككە _ يىگانە زاتتۇر دىگەن كەلىمە شۇنداق بولۇپ كەتتىمۇ؟!
مۇشۇنداقلا بۇلۇپ قالامدۇ؟ مۇشۇنداق تېز سۈرئەتتە مۇشۇنچىۋالا دەرىجىدە يۈكسىلىپ كەتتىمۇ؟!
قېلىچلار گىرەلىشىپ ئۇرۇش ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقتى. بۇ ئۇرۇش ئاخىرلىشاي دېگەندە ئۇمەييە ئىبنى خەلەف رەسۇلۇللاھنىڭ ھەمراھى بولغان ئابدۇرراخمان ئىبنى ئەۋفنى كۆرۈدۇدە، ئۇنىڭغا ئىلتىجا قىلىپ ئۇنىڭدىن ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش مەقسىتىدە ئۇنىڭ ئەسىرى بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.
ئابدۇرراخمان ئۇنىڭ تەلىپىنى قۇبۇل قىلىپ پاناھلىق بېرىدۇ. ئاندىن ئۇنى بۇ قاتتىق ئۇرۇش ئارىسىدىن يۇشۇرۇن بىر ئورۇنغا ئېلىپ ماڭىدۇ. بىلال يولدا ئۇنى كۆرۈپ قېلىپ: كۈپرىنىڭ بېشى ئۇمەييە ئىبنى خەلەف ئەگەر ئۇ نىجاتلىققا ئېرىشسە مەن نىجاتلىققا ئېرىشەلمەيمەن دەپ توۋلىدى ۋە ئۇزۇندىن بېرى مەغرۇرلۇق، كىبىر چوڭايتىۋەتكەن بۇ باشنى يۇلۇپ ئېلىش ئۈچۈن قېلىچىنى كۆتەردى.
بۇ چاغدا ئابدۇرراخمان ئىبنى ئەۋف: ھەي بىلال ئۇ مېنىڭ ئەسىرىم دەپ ۋارقىرىدى.
مۇشۇنداق ئۇرۇش قاتتىق قايناۋاتقان ھالەتتىمۇ ئەسىر بولامدۇ؟ قېلىچى بىر قانچە مىنۇت ئىلگىرى مۇسۇلمانلار جەسەتلىرى ئۈستىدە قىلغان قىلمىشلىرى سەۋەبىدىن قان تېمىتىپ تۇرغان ھالەتلىرىدىمۇ ئەسىرگە ئېلىنامدۇ؟
ياق... بۇ بىلانىڭ كۆز قارىشىدا ئەقىللەرنى كەمسىتىش، مەسخىرە قىلغانلىق ئىدى. ئۇمەييە راستىنلا يېتەرلىك مەسخىرە قىلغان ۋە كەمسىتكەن ئىدى.
ئۇ ئىلگىرى شۇ دەرىجىدە مەسخىرە قىلغان ئىدىكى بۈگۈنكىدەك بۇنداق جىددى پەيتكە بۇنداق ھالەتكە قالدۇرمىسىمۇ بولاتتى.
بىلال ئۆزى يالغۇز دىينى قېرىندىشى ئابدۇرراخمان ئىبنى ئەۋفنىڭ ھىمايىسىنى بۇزۇپ كىرەلمەيدىغانلىقىنى بىلىپ يەتكىنىدە مۇسۇلمانلار ئارىسىدا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: ئى ئاللاھنىڭ ياردەمچىلىرى مانا بۇ كۇفرىنىڭ بېشى ئۇمەييە ئىبنى خەلەف ئەگەر ئۇ نىجات تاپسا، مەن نىجات تاپالمايمەن دەپ توۋلىدى.
قېلىچلىرىدىن ئۆلۈم پۇراپ تۇرىدىغان بىر توپ مۇسۇلمانلار يېتىپ كىلىپ ئۇمەييە ۋە ئوغلىنى قورشىۋالدى. ئۇمۇ قۇرەيشلەر بىلەن بىر سەپتە ئۇرۇش قىلاتتى.
ئابدۇرراخمان ئىبنى ئەۋف ھېچنىمە قىلالمىدى بەلكى ئۇ قىستاڭچىلىق پارچە _ پارچە قىلۋەتكەن ئۇرۇش كىيىملىرىنىمۇ قالالمىدى.
بىلال ئۇمەييەنىڭ ئۆتكۈر قېلىچلار ئاستىدا يىقىلغان جەسىتىگە ئۇزۇن قاراپ تۇرغاندىن كېيىن مۇڭلۇق ئاۋازى بىلەن «ئەھەد، ئەھەد» دەپ توۋلىغان ھالدا تېز _ تېز يۈگىرەپ كېتىپ قالدى.
بۇ ئورۇندا بىلالدىكى كەڭ قورساقلىق پەزىلىتى ھەققىدە ئىزدىنىپ ئولتۇرۇشقا ھەققىمىز يوق دەپ ئويلايمەن. چۈنكى ناۋادا بىلال بىلەن ئۇمەييە ئوتتۇرسىدىكى بۇ ئۇچرىشىش باشقا بىر شارائىتتا بولغان بولسا ئىدى، بىز ئۇنىڭدىن كەڭ قورساق بۇلۇش ھەققىنى سورىغان بولساق بولاتتى.
بىلالدەك ئىيمانلىق ۋە ئۇنىڭدەك تەقۋادار بىر كىشىنىڭ بېخىللىق قىلىشى لايىق ئەمەس ئىدى، لېكىن ئۇئىككىسى ھەر تەرەپ ئۆز دۈشمىنىنى يوقۇتۇش ئۈچۈن كەلگەن، قېلىچلار پارقىراپ تۇرغان، ئۆلگەنلەر يېقىلىۋاتقان، ئۆلۈم ۋە ھالاكەت سەكرەپ يۈرىۋاتقان بىر ئۇرۇشتا ئۇچرىشىپ قالدى.
ئاندىن بىلال بەدىنىدىن بارماق ئۇچىچىلىك ئورۇننىمۇ قالدۇرماي ئازاپلىغان ئۇمەييەگە قاراپتۇرامدۇ؟!
ئۇنى قەيەردە كۈتۈپ تۇرىدۇ؟! قانداق كۈتۈپ تۇرىدۇ؟! ئۇرۇش مەيدانلىرىدىمۇ قاراپ تۇرسىنمۇ؟! ۋە ھالبۇكى ئۇرۇش مۇسۇلمانلارنىڭ باشلىرىدىن تاپالىغانلىرىنى ئۈزۈپ تاشلاۋاتقان تۇرسا!
ئەگەر ئۇمەييە بىلالنىڭ بېشىنى شۇ چاغدا كۆرۈپ قالغان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۈزۈپ تاشلىۋەتكەن بولاتتى.
بۇ ئىككىسى ئۇچراشقان بۇنداق شارائىتتا بىلالدىن نېمىشقا چىرايلىق مۇئامىلە قىلمايدۇ دەپ سورىشىمىز مەنتىقىغا ئۇيغۇن بولماي قالىدۇ.
كۈنلەر ئۆتۈپ مەككە پەتىھ بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىگە ئۇنمىڭلىغان مۇسۇلمانلارنىڭ بېشىدا تەكبىر ئوقۇغان، شۇكرى ئېيتقان ھالەتتە كىرىدۇ ۋە ئۇدۇل كەئىبە تەرەپكە قاراپ يۈزلىنىدۇ.
قۇرەيشلەر بۇ مۇقەددەس ئورۇننى بىر يىلنىڭ كۈنلىرىنىڭ سانىدەك بۇتلارغا توشقۇزىۋەتكەن ئىدى. ئەلۋەتتە ھەق كېلىپ باتىل يوقالدى. بۈگۈندىن باشلاپ نە ئۇززا، نە لات، نە ھۈبەل دىگەندەك بۇتلارمەۋجۇت ئەمەس. ئىنسان بۈگۈندىن باشلاپ تاشقا باش ئۇرمايدۇ، بۇتقا باش ئۇرمايدۇ.
كىشلەر ھەرگىزمۇ تەڭدىشى بولمىغان، يەككە _ يىگانە، كاتتا ھەممىدىن بۈيۈك ئاللاھتىن باشقىسىغا چىن كۆڭلىدىن ئىبادەت قىلمايدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كەئىبىگە بىلالنى ئۆزىگە ھەمرا قىلغان ھالدا كىرىدۇ. كىرە _ كىرمەيلا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ پال سېلىۋاتقان ھالىتىنى تەسۋىرلەپ بېرىدىغان ئويۇپ ياسالغان بىر ھەيكەلنى كۆرىدۇدە غەزەپلىنىپ مۇنداق دەيدۇ:
مَا كَانَ إِبْرَاهِيمُ يَهُودِيًّا وَلاَ نَصْرَانِيًّا وَلَكِن كَانَ حَنِيفًا مُّسْلِمًا وَمَا كَانَ مِنَ الْمُشْرِكِينَ [67]
ئىبراھىم يەھۇدىيمۇ ئەمەس، ناسارامۇ ئەمەس ۋە لېكىن توغرا دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى، ﷲ قا بويسۇنغۇچى ئىدى، مۇشرىكلاردىن ئەمەس ئىدى
سۈرە ئال ئىمران 67 _ ئايەت
 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلالنى كەئىبىنىڭ ئۈستىگە چىقىپ ئەزان توۋلاشقا بۇيرۇيدۇ. بىلال ئەزان ئوقۇماقتا... پاھ بۇ نېمە دىگەن گۈزەل ۋاقىت! نېمىدىگەن گۈزەل ماكان! نېمە دىگەن ياخشى پۇرسەت ھە...!
مەككىدە جانلققلار ھەركەتتىن توختىدى، نەچچە ئونمىڭلىغان مۇسۇلمانلار بىلالنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ ئەزان كەلىمىلىرىنى ھۆرمەت بىلەن، پەس ئاۋازدا تەكرارلاپ خۇددى سۈكۈتتە تۇرغان جانلىقلاردەك تۇرۇپ كەتتى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككە ئەھلىگە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى؟ « ئى قۇرەيش جامائىتى! شەكسىزكى ئاللاھ سىلەردىن جاھالىيەتتىكىدەك تەكەببۇرلۇق قىلىش ۋە ئەجداتلاردىن پەخىرلىنىشنى بىكار قىلۋەتتى. ئىنسانلار ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن، ئادەم تۇپراقتىن يارىتىلغان».
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شۇنداق رىۋايەت قىلغانكى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككە پەتىھ بولغان كۈنىسى كىشىلەرگە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ئى ئىنسانلار! شەكسىزكى ئاللاھ سىلەردىن جاھالىيەتتىكىدەك تەكەببۇرلۇق قىلىش ۋە ئەجداتلاردىن پەخىرلىنىشنى بىكار قىلدى. كىشلەر ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ. بىرى: ئاللاھ ئالدىدا ياخشى تەقۋادار، سېخىي كىشىدۇر. يەنە بىرى: ئاللاھ ئالدىدا پاسىق، گۇناھكار، خار كىشىدۇر. بارچە ئىنسان ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ بالىلىرى، ئاللاھ ئادەم ئەلەيھىسسالامنى تۇپراقتىن ياراتقان.
 ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
يَا أَيُّهَا النَّاسُ إِنَّا خَلَقْنَاكُم مِّن ذَكَرٍ وَأُنثَى وَجَعَلْنَاكُمْ شُعُوبًا وَقَبَائِلَ لِتَعَارَفُوا إِنَّ أَكْرَمَكُمْ عِندَ اللَّهِ أَتْقَاكُمْ إِنَّ اللَّهَ عَلِيمٌ خَبِيرٌ [13]
ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىز ھەقىقەتەن بىر ئەر، بىر ئايالدىن، (ئادەم بىلەن ھەۋۋادىن ئىبارەت) بىر ئاتا بىر ئانىدىن ياراتتۇق ئۆز ئارا تونۇشۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرنى نۇرغۇن مىللەت ۋە ئۇرۇق قىلدۇق، ھەقىقەتەن ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلار ﷲ نىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك ھېسابلىنىسىلەر (يەنى كىشىلەرنىڭ بىر - بىرىدىن ئارتۇق بولۇشى نەسەب بىلەن ئەمەس، تەقۋادارلىق بىلەن بولىدۇ)، ﷲ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر
سسۈرە ھۇجىرات 13 _ ئايەت
شۇنداق رىۋايەت قىلىنغانكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۆزىنىڭ ئاخىرىدا غەلبە قىلغان ھالەتتە تۇرۇپ: «ئى مەككە ئەھلى! سىلەر مېنى نېمە قىلىدۇ دەپ ئويلايسىلەر؟» دېدى.
ئۇلار: ياخشىلىق قىلىدۇ دەپ ئويلايمىز. چۈنكى سەن ئېسىل قېرىندىشىمىز، ئېسىل قېرىندىشىمىزنىڭ ئوغلى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: قايتىپ كېتىڭلار سىلەر ئازات قىلىندىڭلار دېدى.
مۇشرىكلار ئۆيلىرىدە تۇرۇپ بۇ گەپلەرگە ئىشىنەي دىمەيتتى. بۇ مۇھەممەد ۋە ئۇنىڭ تېخى تۈنۈگۈن مۇشۇ دىيارددىن قوغلىۋېتىلگەن كەمبەغەللىرى شۇمۇ؟!
بۇ راسمۇ! ئۇنىڭ بىلەن نەچچە ئونىمڭ مۇسۇلمان بىللە تۇرىدىغۇ؟!
بىز قارشى تۇرغان، قوغلاپ چىقىرىۋەتكەن، ئەڭ سۆيۈملۈك ئادەملىرىنى ئۆلتۈرىۋەتكەن بۇ كىشى راس شۇمۇ؟!
بىزگە تولۇق كۈچى يېتىدىغان ھالەتتە تۇرۇپ بىزگە «كېتىڭلار سىلەر ئازات» دەپ خىتاب قىلىۋاتقان بۇ كىشى راس شۇمۇ؟!
بىلال پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەم بارلىق جەڭلەرگە قاتنىشىپ بىللە ياشىدى. ئۇ نامازغا ئەزان ئوقۇيتتى. ئۇنى قاراڭغۇلۇقتىن يۇرۇقلۇققا چىقارغان، قۇللۇقتىن ئەركىنلىككە چىقارغان، ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىنى يۇقۇرى كۆتۈرگەن بۈيۈك دىننىڭ شوئارلىرىنى جانلاندۇراتتى ۋە ھىمايە قىلاتتى. بىلالنىڭ ئۆزىنىڭ جەننەت ئەھلىدىن بولىدىغانلىقى بىلەن بېشارەت بەرگەن رەسۇلۇللاھقا بولغان يېقىنلىقى كۈنسايىن ئېشىپ بېرىۋاتاتتى. لېكىن بىلال ئەسلىدىكىدەك ئېسىل، كەمتەر ھالەتتە تۇرىۋەردى. ئۇ ئۆزىنى تېخى تۈنۈگۈن قۇل بولغان بىر ھەبەشىستانلىق دەپ قارايتتى.
ئى بىلال سەن ئەمدى قۇل ئەمەس! بەلكى سەن ئىسلام سايىسى ئاستىدا خوجايىنغا ئايلاندىڭ، رەسۇلۇللاھنىڭ ئىككىنچى خەلىپىسى بولغان ئۆمەر ئىبنى خەتتاب سەن توغرىلىق سەن ئازات بولغان كۈنىدە: ئەبۇبەكرى بىزنىڭ خوجايىنىمىز، ئۇ بىزنىڭ خوجايىنىمىزنى ئازات قىپتۇ دېگەن ئەمەسمۇ؟!
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رازى بولغان، رازى قىلىنغان ھالدا ۋاپات بولدى. ئۇنىڭدىن كېيىن مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشىنى رەسۇلۇللاھنىڭ خەلىپىسى ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۈستىگە ئالدى.
بىلال رەسۇلۇللاھنىڭ خەلىپىسى ئەبۇبەكرىنىڭ يېنىغا بېرىپ مۇنداق دېدى: ئى رەسۇلۇللاھنىڭ خەلىپىسى ھەقىقەتەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «بىر كېچە _ كۈندۈز جەڭ مەيدانىدا راباتتا تۇرۇش بىر ئاي روزا تۇتۇپ كېچىسى قىيامدا تۇرغاندىن ياخشى، ئەگەر ئۇ ئۆلۈپ كەتسە بۇرۇن قىلغان ئەمىلى ئۈزۈلۈپ كەتمەيدۇ، رىزقىمۇ ئۈزۈلۈپ كەتمەيدۇ ۋە قەبرى ئازابىدىن ساقلىنىپ قالىدۇ».
 ئەبۇبەكرى ئۇنىڭغا: بىلال سەن نېمىنى خالايسەن؟ دېدى.
بىلال: ۋاپات تاپقۇچە ئاللاھ يولىدا راباتتا تۇرۇشنى خالايمەن.
ئەبۇبەكرى: ئۇنداقتا بىزگە ئەزاننى كىم ئوقۇپ بېرىدۇ؟ دېدى.
بىلال كۆز يېشى تۆككەن ھالدا: مەن رەسۇلۇللاھتىن كېيىن ھېچكىمگە مۇئەززىنلىك قىلمايمەن دېدى.
ئەبۇبەكرى: ئى بىلال بۇ يەردە قېلىپ بىزگە مۇئەززىنلىك قىلىپ بەر دېدى.
بىلال: ئى رەسۇلۇللاھنىڭ خەلىپىسى ئەگەر سەن مېنى ئۆزۈڭ ئۈچۈن سېتىۋېلىپ ئازات قىلغان بولساڭ مېنى ئېلىپ قالغىن، ئەگەر ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن سېتىۋېلىپ ئازات قىلغان بولساڭ، ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن مېنى ئۆز مەيلىمگە قويىۋەت دېدى.
ئەبۇبەكرى: ئى بىلال مەن سېنى ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن ئازات قىلدىم. مەن سېنى ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن ئازات قىلدىم دېدى.
بىلال شامغا بېرىپ ئۇ يەردە راباتتا تۇردى. ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئەزان ئوقۇشى مۇئىمىنلەرنىڭ ئەمرى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئۇنھۇنىڭ شامنى زىيارەت قىلغاندا بولغان. مۇسۇلمانلار ئۆمەردىن بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ئۆزلىرىگە بىر ۋاخ نامازغا ئەزان ئوقۇپ بېرىشكە ئېلىپ كېلىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. مۆئىمىنلەرنىڭ ئەمرى ئۆمەر بىلالنى چاقىردى. ھالبۇكى بۇ ۋاقىتتا ناماز ۋاقتى يېتىپ كەلگەن ئىدى. ئۆمەر بىلالدىن بۇ نامازغا ئەزان ئوقۇپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىپ سورىدى.
بىلال ئۆگزىگە چىقىپ ئەزان ئۇقىدى. ئىلگىرى بىلالنىڭ رەسۇلۇللاھقا مۇئەززىنلىك قىلۋاتقان ھالىتىنى كۆرگەن ساھابىلەر يىغلاپ كەتتى. ئۇلار خۇددى بۇندىن بۇرۇن پەقەت يىغلاپ باقمىغاندەك يىغلىشىپ كەتتى. ئۆمەر ئەڭ قاتتىق يىغلىدى.
پەلەك جارچىسى بىلال ئۆز ئىرادىسى بويىچە ئۆلۈم كەلگەنگە قەدەر داۋاملىق شام شەھەرلىرىدە راباتتا تۇردى.
ئۇ ۋاپات تاپقان كىسىلىدە ئايالى ئۇنىڭ يېنىدا تۇرۇپ: ۋاي ئىسىت! بۇ قايغۇنى، دەپ ئاۋاز قىلاتتى.
ئۇ ھەر قېتىمدا كۆزىنى ئېچىپ: ۋاي خۇشاللىق دەيتتى. ئاندىن ئۇ ئاتمىش نەچچىگە يېقىنلاشقان بۇ ئۆمرىدە، بىز ئەتە دوستلىرىمىز مۇھەممەد ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرى بىلەن كۆرۈشىمىز، دېگەن سۆزلەرنى تەكرارلىغان ھالەتتە ئەڭ ئاخىرقى نەپەسلىرىنى ئۈزدى.
ئاندىن دەمەشىق قەبرىستانلىقىدىكى كىچىك ئىشىكنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىندى.
دېمەك دەمەشىق تۇپراقلىرى ھەق ئۈچۈن قۇربان بۇلۇش ۋە پىرىنسىپ ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرۇش داۋامىدا ئېگىز تاغلاردەك مۇستەھكەم تۇرغان ئىسلامنىڭ كاتتا كىشلىرىنىڭ بىرىنىڭ جەسىدىنى ئۆز قېتىغا ئالدى.
ئەي بىلال ئاللاھ سەندىن رازى بولسۇن ۋە سېنى رازى قىلسۇن!


خاتىمە
رەببىڭنىڭ نامى بىلەن سورايمەنكى ماڭا بىر ئېيتقىنە بۇ دىن ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ قەلىبلىرىدە قالدۇرۇپ كەتكەن ئالىجاناپلىق، يۈكسەكلىك، ئۇلۇغلۇق، ئىززەت نېمە دىگەن كاتتا ھە!
شەكسىزكى بۇ دىن ھەق ئاۋازى بولۇپ قەلىپنىڭ خۇشاللىقىغا ئارلىشىپ ئۇنى ئاللاھ تائالاغا ئېسىلىدىغان، ئاللا تائالانىڭ كۈچ قۇدرىتىگە بويسىنىدىغان، ئۇ زات يولىدا ئۇچراتقان ھەر قانداق جاپا _ مۇشەققەت ۋە دەرت _ ئەلەملەرنى ئۇنتۇپ كېتىدىغان بەلكى ئۇنى خۇددى شەھۋەتپەرەسلەر شەھۋەتلىرى بىلەن شوغۇللانغاندا ھۇزۇرىنى ھېس قىلىشقاندەك، ھۇزۇر ھېس قىلىپ قويىدىغان قىلىپ قويىدۇ. لېكىن ھەسرەت نادامەتنى ئېلىپ كېلىدىغان ھۇزۇر ھالاۋەت بىلەن، نىئمەتلەر بىلەن قوشۇلغان جەننەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغان ھۇزۇر _ ھالاۋەت ئوتتۇرسىدا پەرق بەك چوڭ. شەكسىزكى ئۇلار توغرا يولنى تاللىغان بولۇپ، بۇ يول ئۇلارنى ئۇلار ئاللاھنىڭ ھۇزىرىدائۇچرىتىدىغان بەخت _ سائادەتكە يەتكۈزىدۇ. ئۇلار ئېرىشكەن بۇ بەخت _ سائادەتكە ئېرىشىش قېيىن ئەمەس. لېكىن ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىشكە غەيرەت _ شىجائەت بولۇش كېرەك.
ھەقىقەتەن ئۇلار جەننەتكە ئېلىپ بارىدىغان يولنىڭ يالغانچىلىقىنى، خىيانىتىنى ياكى ئالدامچىلىقىنى كۆرۈپ باقمىغان مانا بۇ ئەلچىگە ئەگىشىش ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتكەن.
سىز ئۇلارنىڭ مۇسۇلمان بولىشدىن ئىلگىرى رەسۇلۇللاھ ھەققىدە سۆز قىلغۇچىنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىڭ! ئۇ كىشى ئەبۇسۇفيان ئىبنى ھەرب بولۇپ، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: ھىرەقلە ئۇنىڭغا قۇرەيش كارۋانلىرى ئىچىدە تۇرغىنىدا ئەلچى ئەۋەتىپتۇ، ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەبۇسۇفيان ۋە قۇرەيش كافىرلىرى بىلەن سۈلھى تۈزۈشكەن مۇددەتتە شامدا تىجارەت قىلاتتى. ئاندىن ئۇلار ھىرەقلەنىڭ يېنىغا كەپتۇ. ئۇلار ئىليا دېگەن جايغا كەلگەن ئىدى.
ھىرەقلە ئۇلارنى سورۇنغا چاقىردى. ھالبۇكى ئەتراپىدا رۇم كاتتىلىرى بار ئىدى. ئاندىن ئۇلارنى ۋە تەرجىمانىنى چاقىرىپ، قايسىڭلار ئۆزىنى پەيغەمبەر دەپ ئاتىۋالغان بۇ ئادەمگە نەسەب جەھەتتە ئەڭ بەك يېقىن؟ دېدى.
ئەبۇ سۇفيان مۇنداق دەيدۇ: مەن نەسەب جەھەتتە ئەڭ يېقىن بولىمەن دېدىم
ھىرەقلە: ئۇنى ھەمراھلىرى بىلەن قوشۇپ ماڭا يېقىنراق ئەكىلىڭلار، ھەمراھلىرىنى ئارقىسىدا قويۇڭلار دېدى. ئاندىن تەرجىمانىغا: ئۇلارغا ئېيتىپ قوي! مەن بۇ كىشىدىن (ئەبۇسۇفيان) ئۇ ئادەم (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى دېمەكچى) توغرىسىدا سورايمەن. ئەگەر ئۇ ماڭا يالغان گەپ قىلسا، ئۇلار ئۇنى يالغان ئېيتتى دىسۇن دېدى.
ئەبۇ سۇفيان مۇنداق دەيدۇ: ئەگەر كىشىلەر ئۈستۈمدىن يالغان سۆزلەرنى رىۋايەت قىلىپ يۈرىشىدىن نومۇس قىلمىغان بولسام، ئەلۋەتتە ئۇ كىشى (رەسۇلۇللاھ) توغرىسىدا يالغان گەپقىلغان بولاتتىم.
ئاندىن ئۇ (ھىرەقلە) مەندىن تۇنجى بولۇپ سورىغان ئىش شۇ بولدىكى، ئۇ مۇنداق دېدى:
ئاراڭلاردا ئۇنىڭ نەسەبى قانداراق؟
_ ئۇ ئارىمىزدا نەسەبلىك
بۇ سۆزنى (پەيغەمبەرلىكنى) بۇندىن بۇرۇن سىلەردىن بىرەرسى دەپ باققانمۇ؟
_ ياق
_ ئۇنىڭ ئاتا _ بوۋىلىرى ئىچىدە پادىشاھ بولغانلار بارمۇ؟
_ ياق
_ ئۇنىڭغا يۈزلۈك ئادەملەر ئەگىشىۋاتامدۇ ياكى ئاجىز كىشلەرمۇ؟
_ ئاجىز كىشلەر ئەگىشىۋاتىدۇ.
_ ئۇلار كۆپىيىۋاتامدۇ ياكى ئازلاۋاتامدۇ؟
_ كۆپىيىۋاتىدۇ.
_ ئۇلاردىن بىرەسى شۇ دىنغا كىرىپ بولغاندىن كېيىن ئۇنى ئۆچ كۆرۈپ رازى بولماي يېنىپ
كەتتىمۇ؟
_ياق.
_ ئۇ بۇ سۆزنى (پەيغەمبەرلىكنى) دېيىشتىن بۇرۇن سىلەر ئۇنىڭغا يالغان سۆزلىدى دەپ تۆھمەت قىلىپ باققانمۇ؟
_ ياق.
_ ئۇ ۋەدىگە خىيانەت قىلامدۇ؟
_ ياق، لېكىن بىز ھازىر ئۇنىڭ بىلەن ئەھدە ئىچىدە بۇندىن كېيىن نېمە قىلىدۇ بىلمەيمىز. (ئەبۇ سۇفيان مۇنداق دەيدۇ: مۇشۇ سۆزدىن باشقا بىرەر سۆزنى كىرگۈزۈش ئىمكانىيتىم بولمىدى).
_ سىلەر ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇش قىلىپ باقتىڭلارمۇ؟
_ ھەئە.
_ ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئۇرۇشىڭلار قانداق بولدى؟
_ ئارىمىزدىكى ئۇرۇش بىردە بىر بولدى، يەنى بىر قېتىم بىز يەڭسەك، بىر قېتىم ئۇ يەڭدى.
_ ئۇ سىلەرنى نېمگە بۇيرۇيدۇ؟
_ ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىڭلار. ئۇنىڭغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۇرمەڭلار. ئاتا _ بوۋىلىرىڭلار دەپ يۇرگەن نەرسىلەرنى تاشلاڭلار». ئۇ يەنە بىزنى ناماز ئوقۇشقا، راست سۆزلەشكە، ئىپپەتلىك بولۇشقا، ئۇرۇق _ تۇققانچىلىقنى ئۇلاشقا بۇيرۇيدۇ.
ئاندىن كېيىن ھىرەقلە تەرجىمانىغا مۇنداق دېدى:
ئۇنىڭغا دېگىن: مەن سەندىن ئۇنىڭ نەسەبى توغرىلىق سورىدىم، سەن ئۇنى ئاراڭلاردا نەسەبلىك كىشى دېدىڭ. ئەلچىلەر ئەنە شۇنىڭدەك قەۋمىنىڭ نەسەبلىكلىرىدىن ئەۋەتىلىدۇ. بۇندىن بۇرۇن ئاراڭلاردا ھېچكىمنىڭ پەيغەمبەرلىك داۋاسى قىلمىغانلىقىنى ئېيتتىڭ، ئەگەر پەيغەمبەرلىك دەۋاسى قىلغان بىرەر كىشى بولغان بولسا، مۇھەممەدنى ئۇنى دوراپ پەيغەمبەرلىك دەۋاسى قىلغان دەيتتىم.
مەن سەندىن ئۇنىڭ ئاتا _ بوۋىلىرى ئارىسىدا پادىشاھ بولغانلار بارمۇ دەپ سورىدىم، سەن ياق دەپ جاۋاپ بەردىڭ، ئەگەر ئۇنىڭ ئاتا _ بوۋىلىرى ئارىسىدا پادىشاھ بولغانلار بولغان بولسا، بۇ ئاتىسىنىڭ پادىشاھلىقىنى تەلەپ قىلىۋاتقان كىشى ئىكەن دىگەن بولاتتىم.
مەن سەندىن سىلەر ئۇنى بۇ گەپنى دېيىشتىن بۇرۇن يالغانچىلىق بىلەن تۆھمەت قىلىپ باقتىڭلارمۇ دەپ سورىدىم، سەن ياق دەپ جاۋاپ بەردىڭ. ھەقىقەتەن مەن بىلىمەنكى ئۇ كىشلەرگە يالغان ئېيتىشنى تاشلاپ ئاللاھقا يالغان ئېيتمايدۇ.
مەن سەندىن ئۇنىڭغا يۈزلۈك ئادەملەر ئەگىشىۋاتامدۇ ياكى ئاجىز كىشلەرمۇ دەپ سورىدىم، سەن ئاجىز كىشلەر دەپ جاۋاپ بەردىڭ. ئەنە شۇلار پەيغەمبەرنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىدۇر.
 مەن سەندىن ئۇلار كۆپىيىۋاتامدۇ ياكى ئازلاۋاتامدۇ دەپ سورىدىم، سەن كۆپىيىۋاتىدۇ دەپ جاۋاپ بەردىڭ. ئىيماننىڭ ئىشى پۈتكەنگە قەدەر شۇنداق بولىدۇ.
مەن سەندىن ئۇلاردىن بىرەرسى ئۇ دىنغا كىرگەندىن كېيىن نارازى بولۇپ ياكى ئۆچ كۆرۈپ يېنىپ كەتتىممۇ دەپ سورىدىم، سەن ياق دەپ جاۋاپ بەردىڭ، ئىيمان دېگەن خۇشاللىقى قەلىبكە ئارلىشىپ كەتكەن ۋاقتىدا ئەنە شۇنىڭدەك بولىدۇ.
مەن سەندىن ئۇ كىشلەرنى ئالدامدۇ دەپ سورىدىم، سەن ياق دەپ جاۋاپ بەردىڭ. ئەلچىلەر ئەنە شۇنىڭدەك كىشلەرنى ئالدىمايدۇ.
مەن سەندىن ئۇ سىلەرنى نېمىگە بۇيرۇيدۇ دەپ سورىدىم، سەن ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسىنى ھېرىك كەلتۈرمەسلىككە بۇيرۇيدۇ، بۇتلارغا ئىبادەت قىلىشتىن توسىدۇ، ناماز ئوقۇشقا، راستچىل بولۇشقا، ئىپپەتلىك بولۇشقا بۇيرۇيدۇ دەپ جاۋاپ بەردىڭ. ئەگەر سەن دېگەن ئىشلار راست بولىدىغان بولسا، ئۇ پات يېقىندا رۇم زېمىنىنىمۇ ئىگەللەيدۇ. مەن ئۇنىڭ چوقۇم چىقىدىغانلىقىنى بىلەتتىم، لېكىن سىلەردىن چىقىدۇ دەپ ئويلىماپتىكەنمەن.
ئەگەر مەن ئۇنىڭ يېنىغا يېتىپ بېرىشىمنى بىلگەن بولسام ئىدىم، ئەلۋەتتە كۆپ جاپالارغا ئۇچرىساممۇ كۆرۈشكەن بولاتتىم. ئەگەر ئۇنىڭ يېنىدا بولغان بولسا، ئەلۋەتتە ئۇنىڭ پۇتىنى يۇيۇپ قويغان بولاتتىم.
ئاندىن رەسۇلۇللاھ سەللەلاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دىھيە ئەلگە ئىبىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بۇسرانىڭ كاتتىسىغا ئەۋەتكەن خەتنى تەلەپ قىلدى، ئاندىن دىھيە ئۇنى ھىرەقلەگە بەردى.
ھىرەقلە ئۇ خەتنى ئوقۇدى، قارىسا بۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن ئىدى:
 ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن
ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى مۇھەممەدتىن رۇم كاتتىسى ھىرەقلەگە...
توغرا يولغا ئەگەشكەنلەرگە سالام بولسۇن! مەقسەتكە كەلسەك:
مەن سېنى ئىسلام چاقىرقى بىلەن چاقىرىمەن. مۇسۇلمان بول، سالامەت قالىسە. ئاللاھ ساڭا ئىككى ھەسسە ئەجىر بېرىدۇ. ئەگەر يۈز ئۆرىسەڭ شەكسىزكى ساڭا خەلقىڭنىڭمۇ جىنايىتى يۈكلىنىدۇ، ۋە ئى ئەھلى كىتاب! (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) نېمە ئۈچۈن ئىبراھىم توغرىسىدا مۇنازىرىلىشىسىلەر؟ (ئىبراھىمنى ئۆزۈڭلارنىڭ دىنىدا دەپ گۇمان قىلىسىلەر؟) ھالبۇكى، تەۋرات بىلەن ئىنجىل ئىبراھىمدىن كېيىن نازىل بولدى. (سۆزۈڭلارنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى) چۈشەنمەمسىلەر؟
ئەبۇ سۇفيان مۇنداق دېدى: ئۇ يۇقارقى سۆزلىرىنى دەپ ھېلىقى خەتنى ئوقۇپ بولغان چاغدا ئۇنىڭ ئەتراپىدا ۋاراڭ _ چۇرۇڭلار، ئاۋازلار يۇقۇرى كۆتۈرلۈپ كەتتى، بىز ئۇنىڭ ھوزۇرىدىن چىقىرۋېتىلدۇق، ئاندىن مەن ھەمراھلىرىمغا مۇنداق دېدىم: ھەقىقەتەن مۇھەممەدنىڭ ئىشى بەك چوڭىيىپ كېتىپتۇ، ئۇنىڭدىن رۇملۇقلارنىڭ پادىشاھىمۇ قورقىۋاتىدۇ. مەن ھېلىھەم ئۇنىڭ ئاشكارا بولدىغانلىقىغا ئىشىنەتتىم، ئاخىرى ئاللاھ مېنى ئىسلامغا ھىدايەت قىلدى.
 ئىليانىڭ پادىشاھى ئىبنى نازۇر ۋە ھىرەقلە شام ناسارالىرىنىڭ باش ئېپىسكوپلىرى ئىدى. ئىبنى نازۇرشۇنداق بايان قىلىدۇكى: ھىرەقلە ئىلياغا كەلگەن ۋاقتىدا بىر كۈنى غەمكىن ھالەتتە تاڭ ئاتقۇزدى، ئاندىن ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى بەزى كىشىلەر بۈگۈن باشقىچە تۇرىدىلىغۇ؟ دېدى.
ئىبنى نازۇر مۇنداق دەيدۇ: ھىرەقلە يۇلتۇزغا قارايدىغان كاھىن ئىدى، ئۇلار ئۇنىڭدىن سورىغان ۋاقتىدا ئۇ مەن بۈگۈن كېچە يۇلتۇزغا قارىغىنىمدا خەتنە قىلىدىغانلارنىڭ پادىشاھىنىڭ ئاللىقاچان مەيدانغا كېلىپ بولغانلىقىنى كۆردۈم، ھازىر كىشىلەردىن كىم خەتنە قىلىدۇ؟ دېدى.
ئۇلار: يەھۇدىلاردىن باشقىلار خەتنە قىلمايدۇ لېكىن بۇنىڭدىن غەم قىلما، سەن باشقۇرىۋاتقان شەھەرلەرگە خەت يازغىن، ئۇلار ئارىسىدىكى يەھۇدىلارنى ئۆلتۈرىۋەتسۈن دېدى.
بىر چاغدائۇلار شۇ ئىشلار بىلەن تۇرغىنىدا ھىرەقلەگە غەسسان پادىشاھى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەققىدە خەۋەر يەتكۈزۈپ ئەۋەتكەن ئەلچىسى كەلتۈرۈلدى، ھىرەقلە بۇ ئىشلاردىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، بېرىپ قاراپ بېقىڭلار ئۇ خەتنە قىلغانمىكەن ياكى ياقمۇ دېدى.
ئۇلار ئۇنىڭغا قاراپ چىققاندىن كېيىن، ئۇنىڭ خەتنە قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى. ئاندىن ھىرەقلە بۇ ئۇممەتنڭ پادىشاھى راستىنلا مەيدانغا كەپتۇ دېدى. ئاندىن ھىرەقلە رۇمىيە دىگەن يەردىكى بىردوستىغا خەت يازدى، ئۇ ئىككىسى ئىلىمدا ئوخشاش ئىدى.
ھىرەقلە ھىمس شەھرىگە قاراپ ماڭدى، ئۇ ئۇ يەرگە بارماي تۇرۇپلا ئۇنىڭغا دوستىدىن پەيغەمبەرنىڭ چىققانلىقى، ئۇنىڭ ھەقىقى پەيغەمبەر ئىكەنلىكى ھەققىدە بىر پىكىردە ئىكەنلىكى يېزىلغان خەت كەلدى.
ئاندىن ھىرەقلە رۇم كاتتىلىرىنىڭ ھىمىسدىكى سارىيىغا كېلىشىنى ئېلان قىلدى، ئۇلار كەلگەندىن كېىن ساراينىڭ ئىشىكلىرىنى تاقاشقا بۇيرىدى، ئىشىكلەر تاقالدى. ئاندىن ئۇ چىقىپ: ئى رۇم جامائەسى! نىجاتلىققا ئېرىشكىڭلار بارمۇ؟ توغرا يولدا ماڭغۇڭلار بارمۇ؟ پادىشاھلىقىڭلارنىڭ مۇستەھكەم تۇرىشىنى خالامسىلەر؟ ئەگەر قىزىقساڭلار مانا بۇ پەيغەمبەرگە بەيئەت بېرىڭلار دېدى. ئاندىن ئۇلار خۇددى ياۋا ئىشەك ئۈركىگەندەك ئۈركۈپ ئىشىك تەرەپكە قاراپ قاچتى. ئۇلار ئىشىكنىڭ تاقالغانلىقىنى بىلدى، ھىرەقلە ئۇلارنىڭ ئۈركۈپ قېچىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن، ئىيمان
ئېيتىشىدىن ئۈمۈد ئۈزگىنىدە، ئۇلارغا قايتىپ كېلىڭلار، مەن بايامقى سۆزلەرنى دىنىڭلاردا قانچىلىك چىڭ تۇرىدىغانلىقىڭلارنى سىناپ بېقىش ئۈچۈن ئېيتقان، مەن سىلەرنىڭ دىنىڭلاردا چىڭ تۇرىدىغانلىقىڭلارنى كۆردۈم دىدى. ئاندىن ئۇلار ئۇنىڭغا سەجدە قىلدى ۋە ئۇنىڭدىن رازى بۇلۇشتى.
ھىرەقلەنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئەھۋالى ئەنە شۇنىڭدەك بولدى.
بۇ ھەدىسنى سالىھ ئىبنى كىيسان، يۈنۈس ۋە مەئمەر زۈھرىدىن رىۋايەت قىلغان.
تامام!
ئاخىردابارلىق گۈزەل ماختاشلار ئاللاھ تائالاغا بولسۈن!!!
 
 
www.islamland.com