ئىسلامى رومانتىكاىلىق

ئىسلامى رومانتىكاىلىق

ئىسلامى رومانتىكاىلىق
الرومانسية في السلام باللغة الأويغورية

 

ئابدۇكېرەم شەيها نىڭ ئوغلى ئابدۇراخمان
د. عبد الرحمن بن عبد الكريم الشيحة


تەرجىمىسى
ياۋروپا ئىسلام تەتقىقات مەركىزى
المركز الأوروبي للدراسات الإسلامية

 
www.islamland.com

 


ئىسلامى رومانتىكاىلىق

 ئىسلامدىكى كىشىنىڭ ئايالىغا بولغان مۇھەببىتى توغرىسىدا گەپ بولغىنىدا گەپنىڭ ئاساسى تېمىسىى چوقۇم مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بولۇشى كېرەك. چۈنكى ئۇ ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن جىمى جاھان ئەھلىگە ئاللاھنىڭ شەرىئىتىنى ئۆگىتىشى ۋە ئىنسانلارنىڭ ئۇنىڭ ئەخلاقىنى ئۈلگە قىلىشى ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن. شۇڭلاشقا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارنىڭ ئەگىشىشى ۋە ئىقتىدا قىلىشى ۋاجىپ بولغان يولباشچىسىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:«سىلەرگەـ اﷲ نى، ئاخىرەت كۈنىنى ئۈمىد قىلغان ۋە اﷲ نى كۆپ ياد ئەتكەنلەرگە ـ رەسۇلۇللاھ ئەلۋەتتە ياخشى ئۈلگىدۇر»)  (.
 دېمەك، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئىنسانلارغا بەلگىلىگەن شەرىئەت ۋە ئەخلاق پىرىنسىپلىرىنى يەتكۈزگۈچىدۇر. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىش – ھەرىكەتلىرى، گەپ – سۆزلىرى ئىسلام شەرىئىتىنىڭ ئاساسىدۇر، شۇڭا ئۇ مۇسۇلمانلاردىن مەيلى چوڭ، مەيلى كىچىك بولسۇن، خۇسۇسى ۋە ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ ھېچقايسىنى يوشۇرماستىن ئۇلارغا ئۈلگە كۆرسىتىپ بەردى، كېيىن بۇ ئىشلار مۇسۇلمانلار ئارىسىدا مەشھۇر بولۇپ، ئەۋلاتمۇ – ئەۋلات ئۆگىنىلدى ۋە مىراس قالدۇرۇلدى، بۇ ئارقىلىق مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىنى ئاللاھنىڭ ياخشى كۆرىشىگە مۇيەسسەر قىلىدىغان يوللارنى تونىدى، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «(ئى مۇھەممەد ! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەر اﷲنى دوست تۇتساڭلار، ماڭا ئەگىشىڭلاركى، اﷲ سىلەرنى دوست تۇتىدۇ، (ئۆتكەنكى) گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ. اﷲ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر»( ).
 ئىسلامنىڭ ئاساسى كىشنى ئۆزى ياخشى كۆرگەنگە بويسۇندۇرىدىغان، ئۇنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بىجا كەلتۈرگۈزۈپ، چەكلىگەنلىرىدىن ياندۇرىدىغان مۇھەببەتتۇر. كىشى بۇ مۇھەببەتنىڭ سەۋەبىدىن ئۆزى ياخشى كۆرگەن زاتنىڭ ياخشى كۆرىدىغان ئىشلىرىنى كۈچىنىڭ يىتىشىچە ئورۇنداپ ئۇ زاتقا يېقىنچىلىق ئىزدەيدۇ. ھەقىقەتەن بۇ مۇھەببەتنىڭ ئەڭ بۈيۈكى ۋە شەرەپلىكراقى ئاللاھقا بولغان مۇھەببەتتۇر، ئاللاھقا بولغان مۇھەببەت مۇسۇلماننى شەخسىيەتچىلىكتىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئۇنىڭ مەنىۋىيىتىنى بېيىتىدۇ، بۇ ئارقىلىق مۇسۇلمان ئۆز پايدا – مەنپەئەتىنىلا كۆزلەش ئۈستىگە قۇرۇلغان شەخسىيەتچىلىكتىن خوشلىشىپ، كىشىلەرگە ئۇلاردىن ھېچقانداق جاۋاپ تەمە قىلماستىن ياخشىلىق، رەھىمدىللىك قىلىدىغان بولىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىنكىسى بولسا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ياخشى كۆرۈش بولۇپ، كىشى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۆز جېنى، مېلى ۋە بالا – چاقىلىرىدىن بەكراق ياخشى كۆرمىگىچىلىك ھەقىقى مۆمىن بولالمايدۇ، چۈنكى ئۇ ئىنساننىڭ ھېدايىتىگە سەۋەپكاردۇر، ئىنساننى ئاللاھنىڭ يوللىرىغا باشلىغۇچىدۇر، ئىنسانلارغا ئۇلارنى ئاللاھنىڭ جەننىتىگە ئۇلاشتۇرۇپ، دوزاختىن يىراقلاشتۇرىدىغان دىننىڭ ئەھكاملىرىنى يەتكۈزگۈچىدۇر، شۇڭا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مانا مۇشۇنداق بۈيۈك ياخشى كۆرۈشكە ھەقلىقدۇر، لېكىن يەنە شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇمۇ ئاللاھنىڭ بەندىسى، قۇلى ۋە ئاللاھقا بويسۇنىشى لازىم بولغان زاتتۇر، ئۇنى ئاللاھ ئۇنىڭغا بەرگەن ماقاملاردىن ئارتۇقچە ماقاملارغا كۆتۈرۈش توغرا بولمايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:«ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەرنىڭ ئاتاڭلار، ئوغۇللىرىڭلار، قېرىندىشىڭلار، خوتۇنلىرىڭلار، ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرىڭلار (ھەمدە ئۇلاردىن باشقىلار)، تاپقان پۇل ـ ماللىرىڭلار، ئاقماي قېلىشىدىن قورققان تىجارىتىڭلار، ياخشى كۆرۈدىغان ئۆيلىرىڭلار سىلەر ئۈچۈن اﷲ تىن، اﷲ نىڭ پەيغەمبىرىدىن ۋە اﷲ نىڭ يولىدا جىھاد قىلىشتىنمۇ سۆيۈملۈك بولسا (يەنى شۇلار بىلەن بولۇپ كېتىپ، اﷲ نىڭ پەيغەمبىرىگە ياردەم بەرمىسەڭلار)، ئۇ ھالدا سىلەر تاكى اﷲ نىڭ ئەمر (يەنى مەككىنى پەتھى قىلىش ئىزنى) كەلگۈچە كۈتۈڭلار، اﷲ پاسىق قەۋمنى (يەنى اﷲ نىڭ دىنىنىڭ چەك ـ چېگرىسىدىن چىقىپ كەتكۈچىلەرنى) ھىدايەت قىلمايدۇ»( ).
 كىمكى ئىسلام دىنىنى كىشىگە ئېغىر ۋە قاتتىق بىر دىن دەپ ئويلىسا خاتالاشقان بولىدۇ، توغرىسى: ئىسلام دىنى ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئىنساننىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىكى چوڭ – كىچىك ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىگە توغرا يول كۆرسىتىپ، ھەر بىر ئىشنى مۇناسىپ ئورنىغا قويغان، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلام دىنى پەقەت ئېتىقات، ئەھكام ۋە ئەخلاق دىنى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇ يەنە ئىسلامىي چۈشەنچىدىكى مۇھەببەت دىنىدۇر، بۇ مۇھەببەت ھەممىگە ئورتاق بولۇپ، كىشىنى ئۆزىنى ئوراپ تۇرغان پۈتكۈل كائىناتقا مۇھەببەت، رەھىمدىللىك، كۆيۈمچانلىق، خەير – ئېھسان، مەدەنىيلىك ۋە گۈزەل ئەخلاق بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا ئۈندەيدۇ، شۇڭا ئۇ پەقەت ئەر – ئايال ئوتتۇرىسىدىكى ياخشى كۆرۈش بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ، ۋە ياكى ئۇ ئۆزى ياخشى كۆرگەنلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلىپ، يامان كۆرىدىغانلارغا ناچار مۇئامىلە قىلىشمۇ ئەمەس، شۇڭلاشقا بىز بۇ رىسالىمىزدە ئىسلامى مۇھەببەت چۈشەنچىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن، مۇسۇلماننىڭ پۈتكۈل كائىنات بىلەن بولۇشقا تېگىشلىك ئەخلاقى سۈپەتلىرىدىن بەزىلىرىنى مېسال كەلتۈردۇق.


ئابدۇكېرەم شەيها نىڭ ئوغلى ئابدۇراخمان

www.islamland.com
[email protected]


مۇسۇلماننىڭ ئەخلاقى

مۇسۇلمان دېگەن كىشىلەر ئۆز ماللىرى، جانلىرى ۋە ئىززەت-ئابرويىنى ئىشىنىپ تۇرۇپ تاپشۇرالىغان كىشىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «سىلەرگە مۆئمىندىن خەۋەر بەرمەيمۇ، مۆئمىن دېگەن كىشىلەر ئۆز ماللىرى ۋە جانلىرىنى تولۇق ئىشىنىپ تاپشۇرالىغان كىشىدۇر، مۇسۇلمان دېگەن مۇسۇلمانلار ئۇنىڭ تىلى ۋە قولىنىڭ يامانلىقىدىن سالامەت قالغان كىشىدۇر»( ).
 مۇسۇلماننىڭ ياخشىلىقى بۇنىڭ بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ. ئۇ باشقىلارغا ياخشىلىقنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇلاردىن ھېچ نەرسە تەمە قىلماستىن ياخشىلىق قىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھارامدىن ساقلان، كىشىلەرنىڭ ئابىدراقى بولىسەن، ئاللاھ ساڭا تەقسىم قىلغانغا رازى بولساڭ كىشىلەرنىڭ بايراقى بولىسەن، خوشناڭغا ياخشىلىق قىلساڭ مۆئمىن، ئەمىن بولىسەن، ئۆز نەپسىڭ ئۈچۈن ياخشى كۆرگەننى باشقا كىشىلەرگىمۇ ياخشى كۆرسەڭ، مۇسۇلمان بولىسەن»( ).
 مۇسۇلمان ئۆز نەپسى ۋە جەمىيەتكە ۋە ھەتتا ئۆز دۈشمىنىگىمۇ ئادىل بولىدۇ. كىشىلەرنى باشقىلارنىڭ خاتالىقى ئۈچۈن جازالىمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇشىرىكلاردىن ئۆزىگە ئازار بەرگەن، ئۆزىنى مەككىدىن چىقىرىۋەتكەن ۋە چىقىرىۋىتىشكە ياردەم بەرگەن قەۋملەرگە بىرەر قوشۇن ئەۋەتسە، شۇ قوشۇننى ئايرىم بىر جايغا يىغىپ، قوشۇننىڭ قۇماندانىغا ئاللاھتىن قورقۇشقا ۋە قول ئاستىدىكى مۇسۇلمانلارغا ياخشىلىق قىلىشقا نەسىھەت قىلاتتى، ئاندىن مۇنداق دەيىتتى: «ئاللاھنىڭ يولىدا ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن غازات قىل، ئاللاھقا كاپىر بولغان، تانغان دىنسىزنى ئۆلتۈرگىن. غازات قىل، ئولجا-غەنىيمەتكە خىيانەت قىلما. ئەھدە، توختام ۋە كېلىشىمنى بۇزما، ئۆلتۈرگەندە كۆز ۋە قۇلاقلارنى كېسىپ قىينىما، كىچىك بالىلارنى ئۆلتۈرمە»( ).
 مۇسۇلمان ئۆزىنى ئوراپ تۇرغان تەبىئەتنى ۋە تەبىئەتتىكى ھەممە نەرسىنى قوغدايدۇ، ھايۋانلارغا ئازار بېرىشكە رازى بولمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يۈزى داغلانغان بىر ئېشەكنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ مۇنداق دېگەن: «سىلەرگە مېنىڭ ھايۋانلارنىڭ يۈزىنى داغلىغان ۋە ھايۋانلارنىڭ يۈزىگە ئۇرغانلارغا لەنەت ئېيىتقانلىقىم يەتمىدىمۇ؟»( ). مۇسۇلمان ھايۋانلارغا مۇلايىم ۋە رەھىمدىل بولىدۇ. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قاچىنى مۈشۈككە يېقىنلاشتۇرۇپ، يانتۇ قىلىپ بىرەتتى، ئاندىن مۈشۈك ئۇ قاچىدىكى سۇنى ئىچەتتى»( ).
 مۇسۇلمان تەبىئەتتىكى جانلىقلارنى قوغدايدۇ، ئۇلارنى قورقۇتمايدۇ، ھېچبىر سەۋەپ - مەنپەئەتسىز ئوۋلاپ ئۆلتۈرمەيدۇ. ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىر سەپەردە بىللە بولغان ئىدۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھاجىتىنى راۋا قىلغىلى كەتتى، بىز بىر قۇشنىڭ ئىككى بالىسى بىلەن بىللە تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ بالىلىرىنى ئېلىۋالدۇق. ئۇ قۇش قېشىمىزغا كېلىپ قاناتلىرىنى قاققىلى تۇردى، شۇ ئەسنادا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كەلدى، ۋە ئۇ قۇشنى كۆرۈپ: «كىم بۇنىڭ بالىسىنى ئېلىۋالدى؟ ئۇنىڭ بالىسىنى قايتۇرۇپ بېرىڭلار» دېدى. ۋە يەنە بىر چۆمۈلە ئۇۋىسىدىكى ئوتنى كۆرۈپ: «بۇ ئوتنى كىم ياقتى؟» دەپ سورىدى، بىز «بىز» دەپ جاۋاپ بەردۇق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئوت بىلەن پەقەت ئوتنىڭ رەببىلا جازالاشقا لايىقتۇر» دېدى( ).
 مۇسۇلمان كىشىلەرنىڭ ماكانلىرىنى بۇزمايدۇ، ئۇلارنىڭ ئارامگاھلىرىغا ئەخلەت ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەرنى تاشلىمايدۇ. ۋە باشقا قىلىش چەكلەنگەن ئىشلارنى قىلمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىشىلەرنىڭ يوللىرىغا ۋە سايىدايدىغان جايغا تەرەت قىلىشتەك لەنەتكە لايىق ئىشتىن ھەزەر ئەيلەڭلار».
 مۇسۇلمان يۇقىرىقىدەك ئىشلاردىن ساقلىنىپلا قالماستىن، يولدىكى كىشىلەرگە ئەزىيەتكە سەۋەپ بولىدىغان نەرسىلەرنى يوقىتىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «يولدىكى ئەزىيەتنى يوقىتىش سەدىقىدۇر».
 مۇسۇلمان تەبىئەتكە، ئىنسانلارغا پايدىلىق بولغان نەرسىلەرنى قوغدايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مېۋە بېرىپ تۇرغان دەرەخنى كەسمىگىن، ھاجىتىڭ يوق تۇرۇپ جاندارلارنى ئۆلتۈرمىگىن، مۆئمىنگە ئازار يەتكۈزۈشتىن ھەزەر ئەيلىگىن»( ).
 مۇسۇلمان كۆچەت تىكىش، يېشىل يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈرۈش تەشەببۇسىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، تەبىئەتنى قوغداشقا چاقىرىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر قىيامەت بىرسىڭلار قولىدا بىر تۈپ كۆچەتنى تۇتقان ھالدا كېلىپ قالسا، ئۇنى تىكىۋېتىشكە ئۈلگۈرسە تىكىۋەتسۇن»( ).
 مۇسۇلمان كىشىلەر پايدىلىنىدىغان سۇنى بۇلغاپ مەينەت قىلىۋەتمەيدۇ. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام توختام سۇغا كىچىك تەرەت قىلىشتىن توسقان». پەيغەمبەر ئەلەيھسسالام مۇنداق دەيدۇ: «مۇسۇلمانلار ئۈچ نەرسىدە شېرىكتۇر: ئوت-چۆپ، سۇ ۋە ئوتتا»( ). شۇڭا مۇسۇلمان تېگىشلىك تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ، سۇ مەنبەسىنى قوغدايدۇ، سۇ ئىنشائات قۇرۇلۇشلىرىنى ياخشىلاپ ئىنسانلار، ھايۋانلار ۋە ئۆت-چۆپلەرنىڭ سۇدىن پايدىلىنىشىنى ئاسانلاشتۇرىدۇ، سۇدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ئىسراپ قىلىشتىن ساقلىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەئىدنىڭ قېشىدىن ئۇ تاھارەت ئېلىۋاتقاندا ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، ئۇنىڭغا: «سۇنى نېمانداق ئىسراپ قىلىۋەتتىڭ؟» دېدى، سەئىد: «ئى رەسۇلۇللاھ، تاھارەت ئېلىشتىمۇ ئىسراپ قىلىش بۇلامدۇ؟» دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئەلۋەتتە، ئېقىن دەريا قېشىدا بولساڭمۇ سۇنى ئىسراپ قىلما!» دېدى( ).
 بىز مۇسۇلمانلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىشكە بۇيرۇلغان، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ بىزگە كۆرسىتىپ بەرگەن ھەر تەرەپلىمە، مۇكەممەل ئەخلاق چۈشەنچىلىرى بىز ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن ئەمەلىي ھەرىكىتىمىزگە تەدبىقلىشىمىز لازىم بولغان نەزەرىيە ۋە ھەر بىر مۇسۇلمان ئىتىقاد قىلىشى لازىم بولغان ئەقىدىمىزدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «(ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەر اﷲ نى دوست تۇتساڭلار، ماڭا ئەگىشىڭلاركى، اﷲ سىلەرنى دوست تۇتىدۇ، (ئۆتكەنكى) گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ. اﷲ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر»( ).

مانا بۇ ئىسلام

مانا بۇ ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتلىرىنى ياخشى كۆرۈشنى ئاللاھقا بويسۇنۇش سانايدىغان ئىسلام دىنىدۇر. ئىنسان ئۆز بەدىنى ۋە ھاياتلىقى ئۈچۈن تاماق يەپ، سۇ ئىچكىنىگە ئوخشاش، رۇھىي ھاياتلىقى ئۈچۈن كىشىنىڭ مەنىۋىيىتىنى ۋە رۇھانىيىتىنى بېيىتىپ، شەھۋانىي-ھاۋايى ھەۋەسلىرىدىن يېراق تۇرغۇزىدىغان ئىسلام دىنى بىلەن ھايات يولىنى تۇتىشى كېرەك. بىز بۇ كىچىك كىتاپچىمىزدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ رۇھىي ھاياتىدىكى مۇھىم بىر نوقتا، يەنى ئاياللار بىلەن بولغان مۇناسىۋەت ۋە مۇھەببەتنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمىز. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋەتىلىشى پۈتۈن ئالەمنى، بولۇپمۇ ئاياللارنى ئىسلامنىڭ رەھمەت نۇرىغا چۆمدۈردى، ئاياللارنىڭ ئورنىنى كۆتۈرۈپ، ئۇلارغا ئىھتىرام قىلىشنى ۋاجىپ قىلىپ، ئۇلاردىن زۇلۇمنى كۆتۈرىۋەتتى. جاھىلىيەتتە ئاياللار ناھايىتى ئېتىبارسىز ياشايىتتى. مۆئمىنلەرنىڭ ئەمىرى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىككىنچى خەلىپىسى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ ھالەتنى تەسۋىرلەپ مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بىز جاھىلىيەتتە ئاياللارنى ھېچ نەرسە قاتارىدا كۆرمەيىتتۇق، ئاندىن ئاللاھ تائالا ئۇلار ھەققىدە ئايەتلەرنى چۈشۈرۈپ، بەزى ھوقۇقلارنى بېكىتىپ بەردى»( ). ئىسلام دىنى كەلگەندە ئاياللار توغرىسىدا ئوچۇق كۆرسەتمىلەرنى بېرىپ، ئەرلەرنىڭ ياخشىلىقىنىڭ ۋە ئەخلاقى كامالىتىنىڭ ئاياللارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشىدا ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار ئۆز ئاياللىرىغا ئەڭ ياخشى مۇئامىلە قىلغانلىرىڭلاردۇر»( ).
 شۇنىڭ بىلەن ئايال كىشى ئىسلام دىنىنىڭ شاراپىتىدە باشقا ھەرقانداق جەمىيەتتىكى نە ئاياللار، نە ئەرلەر ئېرىشەلمەيدىغان بىر بۈيۈك مەرتىۋە ۋە مەنزىلگە چىقتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاياللىرىنى ئىنسانلىق پىترىتى بىلەن ياخشى كۆرەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ماڭا بۇ دۇنيالىقتا ئاياللار (يەنى ئايالى) بىلەن خۇش پۇراق ئەتىرلەر ياخشى كۆرسىتىلدى. كۆزۈمنىڭ گۆھىرى، خۇرسەن بولۇپ خۇشال بولىشى نامازدىن ئىبارەت بولدى»( ). بۇ مۇھەببەت، رەھىمدىللىق، مەرھەمەتلىك، كۆيۈمچانلىق ۋە ھېسداشلىق ئوراپ تۇرغان ياخشى كۆرۈش بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئاياللارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولۇڭلار»( ).
 بۇ مۇھەببەت ئاياللارنىڭ ھەقلىرىنى بىكار بولۇپ كېتىشتىن ساقلاپ، كىشىنى ئايال كىشى بىلەن ياخشى مۇئامىلىدە بولۇپ، ئۇنىڭغا ئېھتىرام قىلىشقا، ئاھانەت قىلماسلىققا، ئۇنىڭغا ئىززەت-ئېكرام قىلىپ، مۇلايىم بولۇشقا چاقىرىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «مۆئمىنلەرنىڭ ئىمانى ئەڭ كامىلراقى ئەخلاقى ئەڭ ياخشىراقىدۇر. سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار ئاياللىرىغا ئەڭ ياخشى مۇئامىلە قىلغان كىشىدۇر»( ).
شەرىئەتتە ئايال كىشىنى جاھىلىيەت ئۇنىڭدىن مەھرۇم قىلغان ئەسلى ئورنىغا قويۇپ دەلىل كەلگەن، مەسىلەن: مىراس، گۇۋاھلىق ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان بەزى ئىشلاردىن باشقىلىرىدا ئەرلەرگە ئوخشاش ھوقۇقتىن بەھرىمان قىلىپ، ئۇلارنى ئەرلەرنىڭ بىر پارچىسى، كەمچىلىكلىرىنى تولۇقلىغۇچىسى قىلغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ھەقىقەتەن ئاياللار ئەرلەرنىڭ بىر پارچىسىدۇر، ئەرلەر بىلەن ئوخشاشتۇر»( ). ھەتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئايال كىشىنى دۇنيا رىزقلىرى ئىچىدىكى ئەڭ ياخشىسى ھېساپلىغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «دۇنيا ئۆتكۈنچە پايدىلىنىدىغان نەرسىدۇر، دۇنيادىكى پايدىلىنىدىغان رىزىقلار ئىچىدە، سالىھ ئايال كىشى ئۇلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر»( ). يەنە ئايال كىشىنى دۇنيا سائادىتىنىڭ ئاچقۇچى سانىغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «تۆت نەرسە دۇنيا سائادەتلىرىدىندۇر: سالىھ ئايال، كەڭرى تۇرالغۇ جاي، ياخشى خوشنا ۋە مىنىدىغان ياخشى ئۇلاغ»( ).
 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئايال كىشىنى مۇسۇلماننىڭ ئىمانىنىڭ يېرىمى دەپ ئاتىغان. بۇنداق بولىشى سالىھ ئايال ئېرىنىڭ توغرا قارار چىقىرىپ، ھىدايەت تېپىشىغا سەۋەپ بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «بەندە توي قىلسا ئۇنىڭ دىنىنىڭ يېرىمى پۈتۈنلىىدۇ، قالغان يېرىمىدا ئاللاھتىن قورقسۇن»( ).
 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئايال كىشىنى يەنە ئىنساننىڭ ئانىسىنى ياخشى كۆرىشىدە ياخشى كۆرگەن. ئانىغا ئېھتىرام قىلىشنى، كۆڭۈل بۆلۈپ ئاسراشنى ۋاجىب قىلىپ، جەننەتكە كىرىشنىڭ سەۋەبى قىلغان. جاھىمە سۇلەيھى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلىپ: «ئى رەسۇلۇللاھ، غازاتقا چىقىشىم ئۈچۈن سەندىن مەسلىھەت سوراپ كەلدىم» دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاناڭنىڭ خىزمىتىنى قىل، ھەقىقەتەن جەننەت ئاناڭنىڭ ئايىغى ئاستىدىدۇر» دېگەن( ). ھەتتا ئايال كىشىنى ياخشىلىق قىلىنىشتا ۋە سىلە-رەھىم قىلىنىشتا ئەر كىشىنىڭ ئالدىغا قويغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «ئى رەسۇلۇللاھ، ياخشىلىق بىلەن ھەمرا بولۇشۇمغا كىم ئەڭ لايىق؟» دەپ سورىغان كىشىگە تاكى ئۈچ قېتىم «ئاندىنچۇ؟» دەپ سورىغىچە «ئاناڭ» دەپ جاۋاپ بەرگەن، تۆتىنچى قېتىمدا «داداڭ» دەپ جاۋاپ بەرگەن( ).
 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئايال كىشىنى ئانىلىق سۈپىتىدە ياخشى كۆرگەندەك، يەنە ئۆز ئاياللىرىنى ئۆزىنىڭ جۆرىسى سۈپىتىدە ياخشى كۆرگەن. ئەمىر ئىبنى ئاس پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن «ساڭا كىشىلەرنىڭ ئەڭ سۆيۈملۈكراقى كىم؟» دەپ سورىغاندا، ئۇ «ئائىشە» دەپ جاۋاپ بەرگەن، «ئەرلەردىنچۇ؟» دەپ سورىغاندا، «ئۇنىڭ دادىسى» دېگەن، «ئاندىن كېيىنچۇ» دەپ سورىغاندا «ئۆمەر» دەپ جاۋاپ بەرگەن. ئەمىر ئىبنى ئاس مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە بىرمۇنچە كىشىلەرنى سانىدى، مەن ئۆزۈمنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا زىكىر قىلىنىشىمدىن قورقۇپ داۋاملىق سورىيالمىدىم»( ).
 يەنە شۇنداقلا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاياللارنى (قىزلىرىنى) ئۆز قىزلىرى سۈپىتىدە ياخشى كۆرەتتى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: «يۈرۈش-تۇرۇش، گەپ-سۆز، ئەخلاق ۋە تەمكىنلىكتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىنمۇ بەكراق ئوخشايدىغان بىرسىنى كۆرمىدىم، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كىرسە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئولتۇرغان ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنى سۆيۈپ قۇياتتى ۋە ئۇنى ئۆزىنىڭ ئورنىغا ئولتۇرغۇزاتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ قېشىغا كىرسە، فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئورنىدىن تۇرۇپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى سۆيۈپ قوياتتى ۋە ئۇنى ئۆز جايىغا ئولتۇرغۇزاتتى»( ).
 مۇسۇلمانلارغا، بولۇپمۇ ئاياللارغا بولغان بۇنداق كۆيۈمچانلىق، مىھرىبانلىق ۋە ئىچ ئاغرىتىش بىلەن بولغان ئېسىل مۇئامىلە ئاللاھ تائالانىڭ تۆۋەندىكى بۇيرۇقىنىڭ مەھسۇلى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئەي مۆمىنلەر، ئاياللارغا زورلۇق قىلىپ، ئۇلارنى مىراس قىلىپ ئالماق (يەنى بىر ئادەمنىڭ قولىدىن يەنە بىر ئادەمنىڭ قولىغا ئۆتۈپ تۇرىدىغان مال ئورنىدا قىلىۋالماق) سىلەرگە دۇرۇس بولمايدۇ؛ ئۇلار ئۇپئۇچۇق بىر پاھىشە ئىشىنى قىلمىغان ھالەتتە، سىلەر ئۇلارغا بەرگەن مەھرىدىن بىر قىسمىنى يۇلىۋېلىش ئۈچۈن، ئۇلارغا بېسىم ئىشلەتمەڭلار، ئۇلار بىلەن چىرايلىقچە تىرىكچىلىك قىلىڭلار، ئەگەر ئۇلارنى ياقتۇرمىساڭلار (سەۋر قىلىڭلار )، چۈنكى سىلەر ياقتۇرمايدىغان بىر ئىشتا اللە كۆپ خەيرىيەتلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن»( ).
 ئىبنى كەسر ئۆز تەپسىرىدە مۇنداق دەيدۇ: «ئايەتنىڭ مەنىسى: خۇددى سىلەر ئاياللارنىڭ شۇنداق قىلىشىنى ياخشى كۆرگىنىڭلاردەك، سىلەرمۇ كۈچۈڭلارنىڭ يېتىشىچە ئۇلارغا سۆزلىرىڭلارنى، ئىش-ھەرىكىتىڭلارنى ۋە تەققى-تۇرۇقىڭلارنى چىرايلىقلاشتۇرۇڭلار. ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئاياللىرى ئۈستىدە ئەرلەرنىڭ ھەقلىرى بولغىنىدەك، ئەرلىرى ئۈستىدە ئاياللارنىڭمۇ ھەقلىرى بار (يەنى ئاياللار مۇۋاپىق دەرىجىدە ھوقۇقتىن بەھرىمان بولۇشى كېرەك، مۇۋاپىق دەرىجىدە مەجبۇرىيەتمۇ ئۆتىشى كېرەك). (ئاياللارغا مەھرى بېرىش ۋە ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى قامداش مەجبۇرىيەتلىرى ئەرلەرگە يۈكلەنگەنلىكتىن) ئەرلەر ئاياللاردىن بىر دەرىجە ئارتۇقلۇققا ئىگە. ئاللاھ غالىپتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر»( )
 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى بۇ ئىلاھىي كۆرسەتمىنى ئىجرا قىلىشقا ئالدىراشقان ئىدى. ئىبنى ئابباس رازىيەلاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دەيدۇ: «ئايالىم مەن ئۈچۈن ياسانغاندەك، مەنمۇ ئايالىم ئۈچۈن ياسىنىپ چىرايلىق بولۇشقا تىرىشىمەن، مەن ئايالىمغا ئۇنىڭ مېنىڭ ئۈستۈمدىكى ھەقلىرىنى تولۇق بەرمەي تۇرۇپ، ئۇنىڭدىن مېنىڭ ئۇنىڭ ئۈستىدىكى ھەقلىرىمنى تولۇق ئېلىشنى ياخشى كۆرمەيمەن. چۈنكى ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئاياللىرى ئۈستىدە ئەرلەرنىڭ ھەقلىرى بولغىنىدەك، ئەرلىرى ئۈستىدە ئاياللارنىڭمۇ ھەقلىرى بار (يەنى ئاياللار مۇۋاپىق دەرىجىدە ھوقۇقتىن بەھرىمان بولۇشى كېرەك، مۇۋاپىق دەرىجىدە مەجبۇرىيەتمۇ ئۆتىشى كېرەك). (ئاياللارغا مەھرى بېرىش ۋە ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى قامداش مەجبۇرىيەتلىرى ئەرلەرگە يۈكلەنگەنلىكتىن) ئەرلەر ئاياللاردىن بىر دەرىجە ئارتۇقلۇققا ئېگە. ئاللاھ غالىپتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.»( )

مۇسۇلمان دادىنىڭ ئوغلىنىڭ توي كۈنى ئۇنىڭغا قىلىدىغان نەسىھىتى

رومانتىكىلىققا، ياخشى مۇئامىلىگە، مۇلايىملىق ۋە ئۆز-ئارا ئەپۇچانلىققا يېتەكلەش بىر سالىھ مۇسۇلمان ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇپ، ئۆز ھاياتىغا تەدبىقلاپ ئەمەل قىلىدىغان پروگىراممىدۇر. ئەھلى سۈننى ۋەلجامائەنىڭ ئىمامى ئوغلىنىڭ توي كۈنى ئۇنىڭغا بولغۇسى ئايالىنىڭ ئۇنىڭ ئۈستىدىكى ھەقلىرىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ:«ئەي ئوغلۇم، سەن ئايالىڭنىڭ ھۇقۇقى بولغان ئون خىسلەتنى ئۆزۈڭدە ئۆزلەشتۈرمىگىچىلىك ئائىلەڭدە بەخت بولمايدۇ، ئۇلارنى ئوبدان يادلىۋال ۋە دائىم ئۆزلەشتۈرۈشكە تىرىشقىن:
بىرىنچى ۋە ئىككىنچىسى: ھەقىقەتەن ئايال كىشى ناز قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ ھەمدە ئېرىنىڭ ئۆز مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلىشىنى ئىستەيدۇ. بۇنىڭغا ھەرگىزمۇ بېخىللىق قىلما، ئەگەر ئۇنداق قىلساڭ ئايالىڭ بىلەن ئوتتۇرىڭغا بىر قاتتىق توسۇق قويغان بولىسەن، شۇنىڭ بىلەن ئاراڭلاردىكى مېھىر-مۇھەببەت سۇسلشىدۇ.
ئۈچىنچىسى: ھەقىقەتەن ئايال كىشى قەھىر-غەزەپلىك ئەر كىشىدىن قورقىدۇ، يۇمشاق، مۇلايىم ئەركىشىنى چاكار قىلىۋالىدۇ. سەن ھەر بىرسىنى ئۆز جايىغا قويغىن، ئۇ مۇھەببەت ۋە خاتىرجەملىككە ئەڭ يېقىندۇر.
تۆتىچىسى: ئەرلەر ئاياللارنىڭ خۇش سۆزلىك، چىرايلىق، كىيىملىرى رەتلىك ۋە خۇش پۇراق بولىشىنى ياقتۇرغاندەك، ئاياللارمۇ ئەرلەرنىڭ شۇنداق بولىشىنى ياقتۇرىدۇ. ئايالىڭغا نىسبەتەن دائىم شۇنداق بولۇشقا تىرىشقىن.
بەشىنچىسى: ئۆي دېگەن ئايال كىشىنىڭ مەملىكىتى، ئايال كىشى ئۆيدە ئۆزىنى تەخىتتە ئولتۇرۇپ كۈتۈلىدىغان خانىشتەك ھېس قىلىدۇ. ئۇنىڭ بۇ مەملىكىتىنى خاراب قىلىپ، بۇ تەختىدىن ئايرىۋېتىشتىن ساقلانغىن، چۈنكى ھەر قانداق بىر تەخت ئېگىسى ئۆز تەختىنى تالاشقان ئادەمنى، گەرچە ئۇ ئادەم ئۇنىڭغا تەخت باراۋىرىدە نېمىنى بېرىشىدىن قەتئىينەزەر قاتتىق دۈشمەن تۇتىدۇ.
ئالتىنچىسى: ئايال كىشى ئۆز ئېرىنى كۈتۈشنى ئىستەيدۇ، ھەمدە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆز تۇققانلىرىنى زىيان تارتىشىنى خالىمايدۇ، ئۆزۈڭنى ئۇنىڭ ئەھى بىلەن بىر تارازىغا قويۇپ، ئۇنى چوقۇم ئىككىدىن بىرنى تاللاشقا مەجبۇر قىلما. ئەگەر ئۇ ئەھلىنى تاشلاپ سېنى تاللىسا، بۇ تاللاش خۇددى ۋىروسقا ئوخشاش ئۇنىڭ كۈندىلىك ھاياتىغا تەسىر قىلىپ، ئۇ دائىم بىئارامچىلىق ئىچىدە ئۆتىدۇ.
يەتتىنچىسى: ئايال كىشى ئەگرى قوۋۇرغىدىن يارىتىلغان، بۇ ئايال كىشىنىڭ جامالىنىڭ ۋە ئەر كىشىنىڭ ئۇنىڭغا ھاجىتى چۈشۈشىنىڭ سىرىدۇر. بۇ ئۇنىڭ ئەيىبى ئەمەس، تەمسىلەردە «قاشنىڭ زىننىتى ئۇنىڭ ئەگرىلىكىدۇر» دېيىلىدۇ. ئۇ بىر خاتالىق ئۆتكۈزسە ئۇنىڭغا ئېغىر جازا يۈكلەپ ئۇنى تۈزلەيمەن دەپ سۇندۇرۇپ قويما، ھەقىقەتەن ئۇنىڭ سۇنىشى ئۇنىڭ تالاق قىلىنىشىدۇر. ئۇ خاتالىق ئۆتكۈزسە، ئۆز ھالىغا تاشلاپمۇ قويما، ئۇنداق قىلساڭ ئۇنىڭ ئەگرىلىكى ئېشىپ كېيىن پايدىلانغىلى بولمايدىغان بولۇپ قالىدۇ، لېكىن دائىم بۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىدا بول.
سەككىزىنچىسى: ئايال كىشى خەير-ساخاۋەتنى ئۇنتۇيدىغان قىلىپ يارىتىلغان، ئەگەر سەن ئۇلارنىڭ بىرسىگە بىر ئۆمۈر ياخشىلىق قىلساڭ، ئاندىن سەندىن بىرەر ياقتۇرمايدىغان ئىشنى كۆرسە، «سەندىن ھېچ بىر ياخشىلىق كۆرۈپ باقمىدىم» دەيدۇ. ئۇنىڭ بۇ خۇلقى سېنىڭ ئۇنىڭدىن قېچىشىڭغا سەۋەپ بولمىسۇن، چۈنكى سەن ئۇنىڭ بۇ خۇلقىنى ياقتۇرمىغىنىڭ بىلەن، ئۇنىڭ باشقا خۇلقلىرى سېنى رازى قىلىشى مۇمكىن.
توققۇزىنچىسى: ئايال كىشى مەلۇم مۇددەت جىسمانىي ۋە روھىي ئاجىزلىقنى باشتىن كەچۈرىدۇ، شۇڭا ئاللاھ تائالا بۇنداق ۋاقىتلاردا ئۇلاردىن بەزى پەرىزلەرنى كۆتۈرىۋەتكەن. نامازنى پۈتۈنلەي كۆتۈرىۋەتكەن بولسا، روزىنى ئۇلار بۇ خىل ئاجىزلىقتىن قۇتۇلۇپ، جىسمى ۋە رۇھىي ياخشى ھالىتىگە قايىتقۇچە كېچىكتۈرۈپ بەرگەن. سەنمۇ خۇددى ئاللاھ ئۇنىڭغا ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگەندەك ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگىن. ئەگەر بۇ ۋاقىتلاردا خىزمىتىڭنى ياخشى قىلالمىسا، ئۇنى ئەپۇ قىلىۋەتكىن.
ئونىنچىسى: بىلگىنكى، ئايال كىشى خۇددى سېنىڭ قولۇڭغا چۈشكەن ئەسىرگە ئوخشايدۇ، بۇ ئەسىرگە رەھمەت قىل، ئاجىزلىقلىرىنى ئەپۇ قىل، شۇنداق قىلساڭ، ياخشى ھەمرايىڭ ۋە پايدىلانغۇچىڭ بولۇپ قالىدۇ.
مۇسۇلمان ئانىنىڭ قىزنىڭ توي كېچىسىدە ئۇنىڭغا قىلىدىغان نەسىھىتى
 
مۇسۇلمان ئەرلەر ئىسلامىي رومانتىكىلىققا رىغبەتلەندۈرۈلگىنىگە ئوخشاش، مۇسۇلمان ئاياللارمۇ بۇ رومانتىكىلىققا، يەنى ئۆز يولدىشىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ياخشى ئۇنسى-ئۈلپەت قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىلىدۇ. ئۇممۇ ئىياس بىنتى ئەۋف ئەششەيبانى قىزىنى كەندە پادىشاھى ئەمر ئىبنى ھەجەرگە ياتلىق قىلغان كۈنى ئۆز قىزىغا بەختلىك ئائىلىنىڭ ئاساسىي ۋە ئايال كىشىنىڭ يولدىشى ئالدىدىكى مەجبۇرىيەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نەسىھىتىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئەي گۈزەل قىزىم، ئەگەر نەسىھەت ئەدەب، ياخشى نەسەب ئۈچۈن تەرك ئېتىلىدىغان بولسا، ساڭا نەسىھەتتىن بىھاجەت بولاتتىم، لېكىن نەسىھەت غاپىلغا ئىبرەت، ئاقىلغا ياردەمچىدۇر. ئەگەر ئايال كىشى دادىسى دۆلەتمەن بولغىنى ئۈچۈن توي قىلىشتىن بىھاجەت بولىدىغان بولسا، سەن توي قىلىشتىن ئەڭ بىھاجەت بولغان بولاتتىڭ. لېكىن ئاياللار ئەرلەر ئۈچۈن، ئەرلەر بولسا ئاياللار ئۈچۈن يارىتىلغان. ئەي گۈزەل قىزىم، سەن ئۆزۈڭ تۇغۇلۇپ ئۆسكەن مۇھىتتىن، ئۆزۈڭ ياشاپ كەلگەن ھاياتتىن ئايرىلىپ، ئۆزۈڭ بىلمەيدىغان يېڭى بىر جايغا بارىسەن، ئۇ جايدا سەن بۇرۇن تونىمايدىغان تۇققانلىرىڭ بولىدۇ. يولدىشىڭ سېنىڭ پادىشاھىڭ بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئون خىسلەتنى ئۆزۈڭدە مۇجەسسەملىسەڭ، ئۇلار سېنىڭ بايلىقىڭ بولىدۇ:
بىرىنچى ۋە ئىككىنچىسى: يولدىشىڭغا قانائەت بىلەن باش ئەگ، سۆزىنى ياخشى ئاڭلا، ئىتائەت قىل.
ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچىسى: يولدىشىڭنىڭ كۆزى چۈشىدىغانلىكى جايلارنى ئوبدان مۇھاپىزەت قىل، يولدىشىڭ ئۆيۈڭدىن ياكى سەندىن قەبىھ نەرسىلەرنى كۆرمىسۇن. سەندىن دائىم خۇشپۇراقتىن باشقىنى پۇرىمىسۇن.
بەشىنچىسى ۋە ئالتىنچىسى: يولدىشىڭنىڭ تاماق ۋە ئۇيقۇ ۋاقتىنى ئوبدان بىلىۋال ۋە ئۇنىڭغا دائىم رىئايە قىل،چۈنكى ئەركىشىنىڭ قۇرسىىقىنىڭ ئاچلىقى ۋە ئۇيقۇسىزلىقى ئۇنىڭ تەبىئىتىنى بۇزۇپ، غەزىپىنى ئۇلغايتىدۇ.
يەتتىنچى ۋە سەككىزىنچىسى: ئۇنىڭ پۇل-مېلىنى ئوبدان قوغداپ، ئۇنىڭ ئائىلىسىگە ۋە خىزمەتچىلىرىگە چىقىم قىل، پۇل-مالنى ياخشى باشقۇرۇش بولسا، ئۇنى ئوبدان مۆلچەرلەپ، ياخشى تەقسىم قىلىشتۇر. ئائىلىدىكى ئىشلارنىڭ ئەڭ مۇھىمى ھەممە ئىشقا ياخشى تەدبىر ئېلىشتۇر.
توققۇزىنچى ۋە ئونىنچىسى: ئۇنىڭغا بۇيۇنتاۋلىق قىلما، ئۇنىڭ سىرلىرىنى يېيىۋەتمە، سەن ئۇنىڭغا بۇيۇنتاۋلىق قىلساڭ، ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويىسەن، ئەگەر ئۇنىڭ سىرىنى يېيىۋەتسەڭ، ئۇنىڭ سەندىن يۈز ئۆرىشىدىن ئەمىن بولالمايسەن. ئۇنىڭ كەيپىياتىغا قاراپ ئىش تۇتقىنكى، ئۇ خۇشال ۋاقىتتا قاپىقىڭنى تۈرىۋېلىشتىن، خاپا ھەم غەم-قايغۇلۇق ۋاقىتتا كۈلۈپ يۈرۈشتىن ھەزەر ئەيلە.
 يۇقىرىقىلاردىن ئىسلام شەرىئىتىنىڭ ئايال كىشىگە ئاتا قىلغان ھوقۇق-مەرتىۋىلىرىنى كۆرىۋالالايمىز. بۇ «ئىسلام ئايال كىشىنىڭ زۇلمىتى، ئىسلام دىنى ئايال كىشىنىڭ ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىپ، ئۇنىڭغا زۇلۇم قىلىدۇ» دېگۈچىلەرگە رەددىيەدۇر. چۈنكى ئىسلام دىنى ئايال كىشىنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەرنى ئايالارنى ھۆرمەتلەشكە، ئۇلارنىڭ شەرىئەت بەلگىلەپ بەرگەن ھوقۇقلىرىنى چىرايلىق رەۋىشتە ئادا قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. ئى ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، بۇلارنىڭ ھەممىسى بۇ كىچىك كىتاپچىمىزدە ئايان بولغۇسى. بىز بۇ كىتاپچىمىزدە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتىدىكى بەزى مىساللارنى بايان قىلىش ئارقىلىق، بۇ نۇقتىنى يورۇتۇپ بېرىشكە تىرىشىمىز. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پۈتۈن ئىنسانىيەتكە رىسالەت خىزمىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغىنىغا قارىماي، ئائىلىسىگىمۇ تېگىشلىك نېسىۋىسىنى بەرگەن ئىدى، ھەمدە ئۆز ئۈممىتىنىمۇ شۇنىڭغا بۇيرۇپ: «سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار ئۆز ئەھلىگە ياخشى مۇئامىلە قىلغانلىرىڭلاردۇر. مەن سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىكى ئۆز ئەھلىگە ئەڭ ياخشى مۇئامىلىدە بولغۇچىدۇرمەن»( ) دېگەن.
 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ سۆزىدە ئەر كىشىنىڭ ياخشىلىقىنىڭ مىزانىنى ئائىلىدىكى مۇھەببەت ۋە رەھمەتكە سەۋەپ بولىدىغان ياخشى مۇئامىلە ۋە ياخىشى تىرىكچىلىك قىلغان، بۇ خىل ياخشىلىق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئادىمىلىك تاكامۇللىقىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە كۆتۈرۈپ، كىشىلەرگە، جۈملىدىن ئۆز ئەھلىگە كامالى رەھمەت ۋە مۇھەببەت بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا ئېلىپ بارغان، بۇنىڭغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىنىڭ «ئىختىيار ئايىتى» چۈشكەن ۋاقىتتا قىلغان سۆزلىرى دەلىل بولالايدۇ. ئىمام بۇخارى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ؛ «ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئاياللىرىغا تاللاش ئىختىيارلىقىنى بېرىشنى بۇيرىغان چاغدا، ئۇ مېنىڭ يېنىمغا كىردى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىختىيارلىقنى بېرىشنى مەندىن باشلاپ: «مەن ھەقىقەتەن سىزگە بىر ئىشنى ئەسلەتمەكچى، سىز ئاتا-ئانىڭىزغا مەسلىھەت سالمىغۇچە ئالدىراپ بىر قارار چىقارماسلىقىڭىز لازىم» دېدى. ئۇ ئاتا-ئانامنىڭ مېنى ئۇنىڭدىن ئاجرىشىشقا بۇيرىمايدىغانلىقىنى ئەلۋەتتە بىلەتتى. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «ئى پەيغەمبەر! (ئارتۇق خىراجەت سوراپ سېنى رەنجىتكەن) ئاياللىرىڭغا ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەر دۇنيا تېرىكچىلىكىنى (يەنى پاراۋان تۇرمۇشنى) ۋە دۇنيانىڭ زىبۇ زىننىتىنى كۆزلىسەڭلار، كېلىڭلار، سىلەرگە بىر ئاز نەرسە بېرەي، سىلەرنى چىرايلىقچە قويۇپ بېرەي. ئەگەر سىلەر اﷲ نى ۋە اﷲ نىڭ پەيغەمبىرىنى، ئاخىرەت يۇرتىنى ئىختىيار قىلساڭلار، اﷲ ھەقىقەتەن ئىچىڭلاردىكى ياخشى ئىش قىلغۇچىلارغا چوڭ ساۋابنى (يەنى كۆز كۆرمىگەن، قۇلاق ئاڭلىمىغان ۋە ئىنساننىڭ كۆڭلىگە كەلمىگەن نازۇنېمەتلەر بار جەننەتنى) تەييار قىلدى»( ) دەيدۇ،- دېدى. ئاندىن مەن: «ئى رەسۇلۇللاھ، بۇنىڭ نېمىسىنى ئاتا-ئانامغا مەسلىھەت سالىمەن؟ مەن ئاللاھنى، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى ۋە ئاخىرەت يۇرتىنى تاللايمەن، دېدىم. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ باشقا ئاياللىرىمۇ ماڭا ئوخشاش قىلدى.»
 بۇ ئەگەر بىرەر نەرسىگە دالالەت قىلسا، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەممە ئاياللىرىغا مۇھەببەت، رەھمەت، كۆيۈمچانلىق ۋە مىھرىبانلىق بىلەن قىلغان مۇئامىلىسى نەتىجىسىدە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىنىڭمۇ ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقى، ئۇنىڭدىن رازى ئىكەنلىكى ۋە ئۇنى چىڭ تۇتۇشقا ئالدىرايدىغانلىقىغا دالالەتتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ توققۇز ئايالى ئۇنىڭ ھىمايىسىدە بەخت-سائادەت ۋە خاتىرجەملىك ئىچىدە ياشايىتتى. ئىتالىيەلىك لېكتور ۋىككا ۋېللىر ئىسلامنى ئاقلاپ يازغان كىتابىدا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى شەھۋانىلىق بىلەن ئەيىبلىگۈچىلەرگە مۇنداق رەت قايتۇرىدۇ: «ھەقىقەتەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ جىسمانىي ۋە جىنسىي قۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ياشلىق دەۋرىدە، ئەينى ۋاقىتتىكى ئەرەب يېرىم ئارىلىدەك ئاياللارنىڭ ئورنى تۆۋەن، خالىغانچە ئېلىپ، خالىغانچە تالاق قىلىدىغان بىر جايدا ياشىغانلىقىغا قارىماستىن، ئۆزىدىن يېشى خېلىلا چوڭ بولغان بىرلا ئايال بىلەن، يەنى خەدىجە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەنلا توي قىلغان. تاكى ئارىدىن 25 يىل ئۆتۈپ، خەدىجە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ۋاپات تاپقاندا، ئۆزى 50 ياشقا كىرگەندە ئاندىن باشقا ئاياللار بىلەن توي قىلغان. ئۇنىڭ ئالغان ئاياللىرىنىڭ ئىچىدە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن باشقىسىنىڭ ھەممىسى توي قىلىپ باققان ئاياللار بولۇپ، ئۇلار بىلەن سىياسىي ئېھتىياج ۋە دەۋەت ئىھتىياجى، بەزى قەبىلىلەرنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىش ۋە ئۇلار بىلەن تۇققانلىشىش ئۈچۈن توي قىلغان. ئۇ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن باشقا ھېچ بىر ئايالىنى چىرايىنى، ياشلىقىنى ياكى توي قىلمىغان قىز بولغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ ئالغان ئەمەس. مۇشۇنداق بىر ئادەم شەھۋانىي بولامدۇ؟! ھالبۇكى، ئۇ بىر ئادەم، ئىلاھ ئەمەس. ئۇنىڭمۇ بالىلىق بولغۇسى كېلىشى مۇمكىن، چۈنكى ئۇنىڭ خەدىچە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بولغان بالىلىرى ئۆلۈپ كەتكەن، لېكىن ئۇ يەنىلا بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرگە ئىقتىدا قىلىپ، ئۆز ئاياللىرىنىڭ ئارىسىنى ھېچ ئايرىماستىن، ئۇلارغا باراۋەر مۇئامىلە قىلغان. بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرنىڭ ھايات تەپسىلاتلىرىنى ھېچكىم بىلمەيدىغان تۇرۇپ، ھېچبىر ئىنسان ئۇلارنىڭ كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشىغا ئېتىراز بىلدۈرمەيدۇ-يۇ، بىز كۈندىلىك تۇرمۇشىنى تەپسىلاتلىرى بىلەن بىلىدىغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشىنى ئەيىب سانامدۇق؟!»
 ھەقىقەتەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تارىختا ئۆتكەن ئەڭ بۈيۈك شەخس، ئۇ دۇنيا تارىخىغا ئەڭ چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن، بۇنىڭغا ئۇنىڭ تارىخى بىلەن چۇڭقۇر تونۇشقان ئىنساپلىق غەيرى مۇسۇلمانلار گۇۋاھلىق بەرگەن، مەسەللەردە «ھەق دېگەن دۈشمەن گۇۋاھلىق بەرگەن نەرسىدۇر» دېيىلىدۇ. «دۇنيا تارىخىغا ئەڭ چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن كىشىلەر» ناملىق كىتاپنىڭ ئاپتۇرى مايكىل ھارت مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى دۇنيا تارىخخغا ئەڭ چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن كىشىلەرنىڭ بىرىنچىسىگە تىزىشىم بەزى ئوقۇرمەنلەرنى ھەيرەتتە قالدۇرىشى، ۋە يەنە بەزىلەر بۇنىڭغا ئېتىراز بىلدۈرىشى مۇمكىن، لېكىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دۇنيا تارىخدىكى دىن ۋە دۇنيالىق جەھەتتە تەڭلا ئەڭ بۈيۈك نەتىجە قازانغان يىگانە زاتتۇر».
 بۇنىڭغا يەنە تېز سۈرئەتتە تارقىلىۋاتقان ئىسلام دەۋىتى، ئىسلام دىنىغا كىرگەنلەرنىڭ ئىسلام ئەھكاملىرىنى چىڭ تۇتۇپ، بۇ دەۋەتنى تارقىتىش يولىدا كۈچىنىڭ يېتىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشلىرى، دىنغا يېڭىدىن كىرىۋاتقانلارنىڭ كۆپ بولۇپ، ئۇنىڭدىن يېنىۋالىدىغانلارنىڭ ناھايىتى ئازلىقى شاھىد بۇلالايدۇ. چۈنكى ھەق قاچانكى قەلبكە ئورۇنلىشىپ روھقا سىڭىدىكەن، ئۇلارنى ئايرىۋېتىش مۇمكىن ئەمەس. مانا، بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى قامچىلار بىلەن ئۇرۇش، كۆكرىكىگە تاشلارنى قويۇش، بەتھا سەھراسىنىڭ قىزىقىدا يۈزى بىلەن سۆرەشلەرمۇ ئۇنى ئىمانىدىن ياندۇرالمىدى، ياندۇرالمايلا قالماستىن ئىمانىدا تېخىمۇ مۇستەھكەم قىلدى، ئۇنىڭ بۇ ئازاپلاشلار ئالدىدا قىلغان گېپى پەقەت ۋە پەقەت «ئاللاھ بىردۇر! ئاللاھ بىردۇر!» دىن ئىبارەت بولدى. سەئىد ئىبنى ئەبى ۋەققاس ئانىسىغا ۋاپادار كىشى ئىدى، ئۇ ئىسلامغا كىرگەندە ئانىسى ئۇنىڭغا: «ئەگەر دىنىڭدىن يانمايدىغان بولساڭ، تاماق يىمەي، سۇ ئىچمەي ئۆلىمەن، كىشىلەر سېنى مەن توغىرلىق ئەيىبلەپ، ئانىسىنىڭ قاتىلى دېسۇن!» دەيدۇ. سەئىد ئۇنىڭغا جاۋابەن: «ئانا، ئۇنداق قىلمىغىن، بۇ دىنىمنى ھېچقانداق بىر ئىش ئۈچۈن تەرك ئەتمەيمەن» دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئانىسى بىر كېچە-كۈندۈز يىمەي ئىچمەي ناھايىتى قىينىلىدۇ، ئاندىن يەنە بىر كېچە-كۈندۈزمۇ شۇنداق ئۆتىدۇ. ئۈچىنچى كۈنى ئەتىگەندە ئانا ھالىدىن كېتىدۇ. سەئىد مۇنداق دەيدۇ: «ئانامنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرۈپ: ئانا، بىلگىنكى، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئەگەر سىنىڭ يۈز جېنىڭ بولۇپ، بىر-بىرلەپ چىقىپ تۈگىسىمۇ مەن بۇ دىنىمنى ھېچ بىر ئىش ئۈچۈن تەرك ئەتمەيمەن، خالىساڭ يەپ ئىچكىن، خالىساڭ يىمە ۋە ئىچمە، دېدىم. ئانام مېنىڭ بۇ ھالىتىمنى كۆرۈپ ئاخىرى تاماق يىدى» دەيدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆز ئاياللىرىغا بولغان مۇئامىلىسى
 
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆز ئەھلى بىلەن كۆڭۈل ئېچىشى:
ئىسلام دىنى مۇسۇلمان كىشىنىڭ ئۆز نەپسىنىڭ ھەققىنى بېرىشكە ئۈندەيدۇ، بۇ ھەق بولسا، كىشىنىڭ ئىسلام شەرىئىتى ھالال قىلغان يول بىلەن بەدىنىدىكى ھارغىنلىقلارنى چىقىرىپ، ئاللاھنىڭ ئىبادىتىگە تېخىمۇ جۇشقۇن، روھلۇق ھالەتتە ھازىر بولۇشتۇر. بۇنىڭ شەرتى بولسا، ئىنسان ئويۇنغا بېرىلىپ، ھاياتىنى مەنىسىز ئىشلارغا سەرپ قىلىپ، ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن يارىتىلغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى لازىمدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى ئىسلام دەۋىتىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ئىسلام دىنى پەقەت تىرىشچانلىق دىنى، ئۇ كۆڭۈل ئېچىش، ئارام ئېلىشنى ئېتىراپ قىلمايدۇ دەپ ئېتىقاد قىلىشقان ئىدى. ھەنزەلە ئىبنى ھۇزەيىم ئەلھەنەفىي مۇنداق دەيدۇ: «ئەبۇ بەكىرگە يولۇقتۇم، ئۇ مەندىن، ئى ھەنزەلە، قانداق ئەھۋالىڭ؟ دەپ سورىدى، مەن، ھەنزەلە مۇناپىق بولدى، دېدىم. ئۇ ماڭا: ئاللاھ پاكتۇر! نېمە دەۋاتىسەن؟- دېدى. مەن: بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا بولغىنىمىزدا ئۇ بىزگە جەننەت بىلەن دوزاقنى ئەسلىتىپ، خۇددى ئۇ ئىككىسىنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرىۋاتقاندەك بولىمىز. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدىن چىققىنىمىزدا بولسا، بالا-چاقا، ئائىلە ۋە تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى بىلەن بولۇپ، كۆپىنچىسىنى ئۇنتۇيدىكەنمىز، دېدىم. ئەبۇ بەكىر:-ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەنمۇ شۇنداق بولىمەن، دېدى. بىز بىرلىكتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا باردۇق. مەن: ھەنزەلە مۇناپىق بولدى،- دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: بۇ نېمە ئىش ؟- دەپ سورىدى. مەن، ئى رەسۇلۇللاھ، بىز سېنىڭ قېشىڭدا بولغىنىمىزدا، سەن بىزگە جەننەت ۋە دۇزاقنى ئەسلىتىپ، ھەتتا بىز جەننەت ۋە دوزاقنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرگەندەك بولىمىز، سېنىڭ قېشىڭدىن چىققىنىمىزدا بولسا، بالا-چاقا، ئائىلە ۋە تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى بىلەن بولۇپ، كۆپىنچىسىنى ئۇنتۇيمىز،- دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: جېنىم ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى، ئەگەر سىلەر دائىم مېنىڭ قېشىمدا بولغىنىڭلاردەك بولالىساڭلار پەرىشتىلەر سىلەرگە سىلەرنىڭ ئۆيۈڭلار ۋە يوللىرىڭلاردا ئۇچرىشىپ، سىلەر بىلەن كۆرۈشكەن بولاتتى. لېكىن ئى ھەنزەلە! «ئارىلاپ-ئارىلاپ» دەپ ئۈچ قېتىم دېدى.»( )
 لېكىن بۇ ئىتىقاد ئىسلام دىنى ئۆز ئەھلى بىلەن كۆڭۈل ئېچىش، ئۇلار بىلەن ئۈنسى – ئۈلپەت قىلىش ۋە ئۇلارنى خۇشال قىلىشنى دىننىڭ بىر جۈملىسىدىن قىلغان ۋاقتىدا ئاندىن ئۆزگەردى. بۇ ھەيران قالارلىق ئەمەس، چۈنكى ئىسلام دىنى ئىنساننىڭ بەدىنى، رۇھى ۋە ئەقلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇمۇمىي بىر دىندۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ زىكىر قىلىنمايدىغان ھەرقانداق بىر نەرسە غەپلەتتە قالدۇرىدىغان ئويۇن-تاماشىدۇر. پەقەت تۆت ئىش بۇنىڭدىن مۇستەسنادۇر: كىشىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئوينىشىشى، جەڭ ئېتىنى كۆندۈرىشى، قارىغا ئېتىشنى مەشىق قىلىشى ۋە سۇ ئۈزۈشنى مەشىق قىلىشى»( ). (بۇ ئىشلارغىمۇ ساۋاپ باردۇر)
 بۇ ئىتىقاد يەنە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىنى كۆرگەندە ئۆزگەردى. جابىر ئىبنى سەمۇرە مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بامدات نامىزىدىن كېيىن تاكى كۈن چىققۇچە ناماز ئوقۇغان جايىدا ئولتۇراتتى، ساھابىلەر ئۇنىڭ قېشىدا پاراڭلىشىپ ئولتۇراتتى. گاھىدا ئۇلارنىڭ پاراڭلىرى جاھىلىيەت ۋاقتىدىكى ئىشلارغىمۇ كېتىپ قالاتتى. ئۇلار پاراڭلىشىپ كۈلۈپ كەتسە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا قاراپ كۈلۈمسىرەپ قوياتتى. بۇ ئىتىقاد ئۆزگەردىلا ئەمەس، ئۆز نەفسىنىڭ ھەققىنى بىرىش ۋاجىپقا ئايلاندى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەردىن: «ئى ئابدۇللاھ، ماڭا سېنىڭ كۈندە روزا تۇتۇپ، كېچىسى قىيامدا تۇرىدىغانلىقىڭ يەتتىغۇ ؟» دەپ سورىدى.
ئابدۇللاھ:
-شۇنداق ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا:
-ئۇنداق قىلمىغىن، بەزى كۈنلىرى روزا تۇتۇپ، بەزى كۈنلىرى تۇتما. كېچىنىڭ بەزىسىدە ئۇخلاپ، بەزىسىدە ناماز ئوقۇ، ھەقىقەتەن بەدىنىڭنىڭ سېنىڭ ئۈستىڭدە ھەققى بار. كۆزۈڭنىڭ سېنىڭ ئۈستىڭدە ھەققى بار، ئايالىڭنىڭ سېنىڭ ئۈستىڭدە ھەققى بار، يېنىڭنىڭ سېنىڭ ئۈستىڭدە ھەققى بار، دېدى( ).

 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆز ئەھلى بىلەن كۆڭۈل ئېچىشىدىن نەمۇنىلەر:
 1-پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز ئەھلىنىڭ كۆڭلىنى ئاچاتتى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز ئائىلىسىگە خۇشاللىق ۋە راھەت بېرىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئېچىشقا ھېرىسمەن ئىدى، پۇرسەت چىقسىلا ئۇلارنىڭ ھالال ئويۇن-تاماشا بىلەن كۆڭلىنى ئېچىشىغا يول قويۇپ، ئۇلاردىكى ھارغىنلىقنى تۈگىتەتتى. ئائىشە ئانىمىز مۇنداق دەيدۇ: «ھەبەشىستانلىقلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەسجىتىگە كىرىپ ئويۇن كۆرسەتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەندىن: «ئى ئائىشە، ئۇلارنىڭ ئويۇنىنى كۆرگىڭ بارمۇ؟» دەپ سورىدى. مەن «ھەئە» دەپ جاۋاپ بەردىم. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىشىكنىڭ ئالدىغا كېلىپ تۇرۇپ بەردى، مەن ئىڭىكىمنى ئۇنىڭ مۆرىسىگە قويۇپ، يۈزۈمنى ئۇنىڭ ئېڭىكىگە تېرەپ تۇرۇپ ھەبەشىلەرنىڭ ئويۇنىنى كۆردۈم. ئۇلارنىڭ ئۇ كۈندىكى دەيدىغان گەپلىرى «ئەبۇلقاسىم ياخشى بەندە» ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا «ئەمدى بولدى» دېدى. مەن «ئالدىرىمىغىن، ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى!» دېدىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ماڭا يەنە تۇرۇپ بەردى. بىردەمدىن كېيىن يەنە ماڭا «ئەمدى بولدى» دېدى. مەن «ئالدىرىمىغىن، ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى!» دېدىم. ئەسلىدە مېنىڭ ئۇلارنىڭ ئويۇنلىرىغا قارىغۇم يوق، مەن پەقەت بۇ ماقامىمنى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ماڭا تۇرۇپ بەرگەنلىكىنى باشقىلارنىڭ كۆرۈشنى ئۈمىد قىلغانىدىم.»
2-پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەھلىنىڭ بەزى خاتالىقلىرىنى كۆرمەسكە سالاتتى
 ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى بۈيۈك ئەدەپ ئەخلاق ئۈستىدە قىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىرەرسىنىڭ خاتالىقىنى، ئۆز ئەھلىنىڭ شەرىئەتكە مۇخلىپ بولمىغان خاتالىقلىرىنى ئۇلارنىڭ بىئارام بولۇپ، ئۈمىدسىزلەنمەسلىكى ئۈچۈن يۈزىگە سالمايتى ۋە كۆرمەسكە سالاتتى، ھەمدە غاپىل بولىۋالاتتى. غاپىل بولىۋېلىش دېگىنىمىز: بىر ئىشنى بىلىپ تۇرۇپ بىلمەسكە سېلىۋېلىشتۇر. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: «ئەبۇ بەكىر رەزىياللاھۇ ئەنھا مىنا كۈنلىرىنىڭ بىرىدە مېنىڭ قېشىمغا كىردى، مېنىڭ قېشىمدا ئىككى قىز داپ چېلىۋاتاتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىيىمى بىلەن بېشىنى ئورىۋالغان ئىدى. ئەبۇ بەكىر ئۇلارنى قوغلىغىلى تۇردى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يۈزىنى ئېچىپ: ئى ئەبۇ بەكىر، قويغىن، بۇ دېگەن ھېيىت كۈنلىرى،- دېدى. ئائىشە ئانىمىز يەنە مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا تۇرۇپ بەردى، مەن مەسجىتتە نەيزە ئوينىتىۋاتقان ھەبەشىلەرنىڭ ئويۇنىنى كۆرىۋاتاتتىم، ئۆمەر كېلىپ ئۇلارنى مەسچىتتىن قوغلىغىلى تۇردى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئۆمەر، ئۇلارنى ئوينىغىلى قويغىن. ئى ئەرفىدە ئوغۇللىرى، خاتىرجەم ئويناۋىرىڭلار،- دېدى.( )
3-پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەھلىنىڭ سائادىتىنى ئىشقا ئاشۇراتتى.
 ئۆز-ئارا ياخشى كۆرۈش، ئىناقلىق ۋە كۆڭۈل خاتىرجەملىكىنىڭ ئىپادىسى ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئادەمنىڭ خۇشاللىقىنى ئىزدەشتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز ئەھلىنى خۇشال قىلىدىغان ئىشلارغا ھېرىسمەن ئىدى. ئائىشە ئانىمىز مۇنداق دەيدۇ: «مەن بىر قانچە دوستلىرىم بىلەن قونچاق ئوينايتتۇق، لېكىن ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەيۋىتىدىن ئەيمىنىپ قېچىپ چىقىپ كېتىشەتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بولسا ئۇلارنى مېنىڭ قېشىمغا ئېۋەتەتتى.»( )
4- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز ئەھلى بىلەن ئوينىشىپ، چاقچاقلىشاتتى
 ئىسلامىي كۆرسەتمىلەر ئىچىدە، بەدەن ۋە روھنى ساغلام قىلىدىغان كۆرسەتمىلەر بار بولغىنىدەك، ئىنسان نەپسىنى ساغلام قىلىپ، ئۇنىڭغا خۇشاللىق بېرىدىغان كۆرسەتمىلەرمۇ بار. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ تەرەپلەرگە ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلەتتى. ئۆز ئەھلى ۋە ساھابىلىرى بىلەن چاقچاقلىشىپ ئۇلارنى كۈلدۈرەتتى، لېكىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ چاقچاقلىرى يالغان ئارىلاشمىغان، كىشىنىڭ ئىززەت-نەپسىگە ھۇجۇم قىلمايدىغان، ھەق سۆز بىلەن بولىدىغان، كىشىدىن ھارغىنلىق ۋە مەيۈسلىكنى كەتكۈزىدىغان چاقچاقلاردۇر. ئائىشە ئانىمىز مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى بەقىئدىكى بىر جىنازا نامىزىدىن يېنىپ مېنىڭ قېشىمغا كىردى، مېنىڭ بېشىم ئاغرىۋاتاتتى. مەن: ۋاي بېشىم، دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئى ئائىشە، بېشى ئاغرىۋاتقان ئادەم مەن، ۋاي بېشىم ! –دېدى، ۋە يەنە: «ساڭا نېمىتى، ئى ئائىشە؟ ئەگەر مەندىن بۇرۇن ۋاپات تېپىپ قالساڭ، سېنى ئۆزۈم يۇيۇپ، ئۆزۈم كېپەنلەپ، نامىزىڭنى چۈشۈرۈپ، يەرلىكىڭدە قوياتتىم» دېدى. مەن: ھە! مەن ئۆزلىرىنىڭ مېنى كۆمۈپ قويۇپ قايتىپ كەلگەن ھالەتلىرىنى كۆرگەندەك بولىۋاتىمەن، سىلى قايتىپ كېلىپ، مېنىڭ ھۇجرامدا بىرەر ئاياللىرى بىلەن قۇناتتىلە ھە ؟!-دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنى ئاڭلاپ كۈلۈمسىرەپ قويدى. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپات تاپقاندىكى ئاغرىقى باشلاندى( ).
5-پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز ئەھلى بىلەن سەيلە قىلاتتى.
 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى ھېچقاچان كىشىنىڭ كۆڭلىنى خوش قىلىشتىن خالىي قالمىغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شۇنچە ئېغىر رىسالەت ۋەزىپىسى ۋە ئۇممەتنى يېتەكلەش ۋەزىپىسى ئۇنى ئۆز ئەھلىگە كۆڭۈل بۆلۈشتىن توسۇپ قالمىغان ئىدى. ئۇ ئۆز ئاياللىرى بىلەن سەيلىگە چىقاتتى. مۇسلىم مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ: «...پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېچە بولغاندا ئائىشە بىلەن بىللە پاراڭلاشقاچ مېڭىپ سەيلە قىلاتتى»( ).
6-پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز ئەھلىنىڭ يۇمۇرلۇق گەپلىرىگە كۈلەتتى.
 كۈلۈش بىر پىترى ئىش بولۇپ، ئىسلام شەرىئىتى بۇنىڭغىمۇ كۆرسەتمە بەرگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «سېنىڭ قېرىندىشىڭغا قاراپ كۈلۈمسىرىشىڭ سەدىقىدۇر». ( سەھىھ. تىرمىزى رىۋايەت قىلغان ) ئىسلام دىنىمىز بىزگە قارىغان كىشىنى زېرىكتۈرىدىغان سۆرۈن چىراي، توڭ قاپاق بولماستىن، خۇش چىراي بولۇش لازىملىقىنى ئۆگىتىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۈلەتتى ۋە كۈلدۈرەتتى، سورۇندىن كۆڭۈلسىزلىك ۋە زېرىكىشنى كەتكۈزەتتى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «پەقەت قېرىندىشىڭغا كۈلۈمسىرەشكىلا قادىر بولالىساڭمۇ، ھەر قانداق ياخشىلقنى كىچىك سانىمىغىن».
7-پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز ئەھلىگە خۇشاللىقنىلا تارىتاتتى.
 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەبىئەتلىرىدىن سورۇنداشلىرىنى ھەق سۆز بىلەن بولغان يومۇر-چاقچاقلار بىلەن كۈلدۈرەتتى، ھەمدە ئۆز ئەھلىنىڭ ھارغىنلىقى ۋە زېرىكىشلىرىنى يوق قىلىش ئۈچۈن ئۇلار بىلەن ئولتۇرۇپ، ئۇلارنى كۈلدۈرۈپ كۆڭۈللىرىنى ئېچىپ قوياتتى. ئائىشە ئانىمىز مۇنداق دەيدۇ: «مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئۇماچ ئېتىپ ئاپاردىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەۋدە بىلەن ئىككىمىزنىڭ ئارىسىدا ئولتۇرغان ئىدى، مەن سەۋدەگە «سەنمۇ يىگىن» دېسەم، ئۇ ئۇنىمىدى. مەن «يىمىسەڭ يۈزۈڭگە ئۇماچتىن سۈرىمەن» دېدىم. ئۇ يەنىلا ئۇنىمىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇماچقا قولۇمنڭ تەككۈزۈپ ئاندىن ئۇنىڭ يۈزىگە سۈردۈم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنى كۆرۈپ كۈلۈپ كەتتى، ۋە «سەۋدە، سىزمۇ ئۇنىڭ يۈزىگە سۈرۈڭ» دېدى. ئاندىن ئۇنىڭ قولى يېتىشى ئۈچۈن مەن تەرەپتىكى پۇتىنى چۈشۈرۈپ بەردى. سەۋدەمۇ مېنىڭ يۈزۈمگە ئۇماچتىن سۈردى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنى كۆرۈپ يەنە كۈلدى. شۇ ئەسنادا ئۆمەر: ئابدۇللاھ! ئابدۇللاھ!،- دەپ چاقىرغىنىچە ئۆتۈپ قالدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى كىرەمدىكىن دەپ ئويلاپ:«قوپۇڭلار، يۈزۈڭلارنى يۇيىۋىتىڭلار» دېدى. مەن تا ھازىرغىچە ئۆمەرنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىدىكى ھەيۋىتى سەۋەپلىك ئۆمەردىن ئەيمىنىمەن) (.
8- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز ئەھلىنىڭ خۇشاللىقىغا جۆر بولاتتى.
 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھېكمىتىدىن: ھەر بىر كىشىگە ئۇنىڭغا مۇناسىپ كېلىدىغان، شەرىئەركە زىت بولمىغان يول بىلەن مۇئامىلە قىلاتتى ۋە ئوينىشاتتى. ئائىشە ئانىمىز مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەبۇك غازىتىدىن قايتىپ كەلدى. مېنىڭ بىر كىچىك خۇرجۇنۇم بار ئىدى. شامال كېلىپ ئۇنىڭ ئاغزىنى ئېچىۋەتتى، ئۇنىڭ ئىچىدە مېنىڭ قونچاقلىرىم بار ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئى ئائىشە، بۇ نېمە؟،-دەپ سورىدى. مەن: مېنىڭ قونچاقلىرىم،-دېدىم. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى رەختتىن قانىتى بار بىر قونچاق ئاتنى كۆرۈپ: ئاۋۇ ئوتتۇرىسىدىكى نېمە؟ -دەپ سورىدى. مەن: ئات،-دېدىم. ئۇ: ئاتنىڭ ئۈستىدىكىسى ئۇنىڭ نېمىسى؟ - دەپ سورىدى. مەن: ئاتنىڭ قانىتى،-دەپ جاۋاپ بەردىم. ئۇ يەنە: ئىككى قاناتلىق ئات؟ - دېدى. مەن: ئاڭلىمىغانمىتىلە؟! سۇلايماننىڭ ئېتىنىڭ قانىتى بارغۇ،-دېسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەتتا ئېزىق چىشلىرى كۆرۈنۈپ قالغۇچە كۈلدى.» ( )
9- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز ئەھلىنىڭ خۇشاللىقىنى بەخت دەپ بىلەتتى.
 ئۆز ئەھلىنى خۇشال قىلىش كىشىنىڭ ياخشىلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز ئەھلىنى خۇشال قىلىدىغانلارنىڭ ئالدىنقىسى ئىدى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئولتۇراتتى، بىز بىر توپ كىچىك بالىلارنىڭ ۋاراڭ-چۇرۇڭلىرىنى ئاڭلىدۇق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئورنىدىن تۇرۇپ بىر ھەبەشلىك كىچىك قىزچاقنىڭ ئۇسۇل ئويناۋاتقانلىقىنى ۋە بىر توپ بالىلارنىڭ ئۇنى ئورىۋالغانلىقىنى كۆرۈپ ماڭا: ئى ئائىشە، بۇياققا كېلىپ كۆرگىن،-دېدى. مەن ئىڭىكىمنى ئۇنىڭ مۆرىسىگە قويۇپ بالىلارنىڭ ئويۇنىنى كۆردۈم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: كۆرۈپ قاندىڭمۇ؟ كۆرۈپ قاندىڭمۇ...-دېگىلى تۇردى. مەن ھەر قېتىمدا ياق، دەيىتتىم. مەقسىتىم ئۆمەرنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن مېنىڭ مۇشۇنداق تۇرغانلىقىمىزنى كۆرسۇن دېگەنىدىم. تۇيۇقسىز ئۆمەر كېلىۋىدى، ئادەملەر ھېلىقى قىزچاقنىڭ ئەتراپىدىن قېچىشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: مەن ھەقىقەتەن ئىنسانلار ۋە جىنلاردىن بولغان شەيتانلارنىڭ ئۆمەردىن قېچىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم،- دېۋىدى، ئورنۇمغا قايتىپ كەتتىم( ).
10- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز ئەھلى بىلەن كېچىلەردە مۇڭدىشاتتى.
 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئادەتلىرىدىن: كېچىدە ئۆز ئەھلى بىلەن مۇڭدىشاتتى. بىركۈنلۈك ھايات مەشغۇلاتىدىن كېيىن كېچىدە ئۆز ئەھلى بىلەن مۇڭدىشىش شۇ بىركۈنلۈك مەشغۇلاتتىكى ھارغىنلىقنى تۈگىتىپ، كىشى بىلەن ئەھلىنىڭ ئارىسىدىكى مىھىر-مۇھەببەت ۋە ئالاقىنى كۈچەيتىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى سەفىييە بىنتى ھۇيەي مۇنداق دەيدۇ: «مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئونىدا ئېتىكاپتا تۇرىۋاتقىنىدا، ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ بىردەم پاراڭلاشتىم، ئاندىن قوپۇپ قايىتماقچى بولغىنىمدا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېنى ئاپىرىپ قويماقچى بولدى، بىز بىللە مېڭپ مەسجىتنىڭ ئۇممۇ سەلەمەنىڭ ئۆيى تەرەپتىكى ئىشىكىگە كەلگىنىمىزدە، ئەنسارلاردىن ئىككى كىشى قېشىمىزدىن ئۆتۈپ بىزگە سالام بەردى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: توختاڭلار، بۇ مېنىڭ ئايالىم سەفىييە بىنتى ھۇيەي بولىدۇ،-دېدى. ئۇلارغا بۇ ئېغىر كېلىپ، ( بىز سېنىڭ ھەققىڭدىمۇ يامان گۇمان قىلىمىزمۇ؟ دېگەن مەنىدە ) سۇبھانەللاھ! ( ئاللاھ پاكتۇر )، ئى رەسۇلۇللاھ! ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىقى ئۇنىڭغا بولسۇن )،-دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ھەقىقەتەن شەيتان ئىنساننىڭ قېنى يەتكەن جايلارغىچە يىتىپ بارىدۇ. مەن شەيتاننىڭ ئىككىڭلارنىڭ كۆڭلىگە بىرەر ۋەسۋەسە سېلىپ قويىشىدىن قورقتۇم،-دېدى( ).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆز ئەھلىگە ھېسىيات جەھەتتىكى مۇئامىلىسى
 ئىسلام دىنى كىشىنىڭ ئىنسانلىق تەبىئىتى جەھەتلەرگىمۇ كۆڭۈل بۆلگەن. ئەر-ئاياللاردىكى تۇغما ھىسىيات بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى بولۇپ، ئىنساندىكى جىنسىي تەلەپ چوقۇم قاندۇرۇلۇشقا تېگىشلىك بولغان بىر زۆرۈرىي تەلەپتۇر. ئىسلام دىنى ئۇنى بىر ھايۋانىي تەلەپ سۈپىتىدە تاشلاپ قويۇشقا بۇيرىماستىن، نىكاھتىن ئىبارەت شەرئىي يول ئارقىلىق قاندۇرۇشقا بۇيرىغان. چۈنكى بۇ يول كىشىگە ئىپپەت، پاكىزلىق، خاتىرجەملىك ۋە ھېسىيات جەھەتتىكى ساغلاملىقنى بېرىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:«ئاياللار بىلەن ئۇنسى – ئۈلپەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن (اﷲ نىڭ) ئۇلارنى سىلەرنىڭ ئۆز تىپىڭلاردىن ياراتقانلىقى، ئاراڭلاردا (يەنى ئەر – خوتۇن ئارىسىدا) مېھر ـ مۇھەببەت ئورناتقانلىقى اﷲ نىڭ (كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر، پىكىر يۈرگۈزىدىغان قەۋم ئۈچۈن، شەك ـ شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار»( ). شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلام دىنى مۇسۇلمانلارنى قۇدرىتى يەتكەن چاغدا توي قىلىشقا ئالدىراشقا بۇيرۇيدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنىڭ سەۋەبىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئى ياشلار جامەسى! سىلەردىن كىم توي قىلىشقا قادىر بولالىسا توي قىلسۇن، چۈنكى نىكاھ كۆزنى ھارمدىن ساقلايدۇ، ئەۋرەتنى ھارامدىن قوغدايدۇ ؛ قىلىشقا قادىر بولالمىغان كىشى روزا تۇتسۇن، چۈنكى ئۇ قالقاندۇر، گۇناھ مەئسىيەتتىن ساقلاپ قالىدۇ» ( ) ئىسلام دىنى يەنە راھىبلىق، بويتاقلىق ۋە تەركى دۇنيالىقتىن ئاگاھلاندۇرغان. ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇدناق دەيدۇ: «ئۈچ كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىنىڭ ئۆيلىرىگە كېلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىبادىتىدىن سوراشتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرى ئۇلارنىڭ سورىغانلىرىدىن خەۋەر بەرگەن چاغدا: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نەدە، بىز نەدە؟ ئاللاھ ئۇنىڭ بارلىق گۇناھلىرىنى مەغفىرەت قىلىۋەتكەن تۇرسا، - دېيىشتى. ئۇلارنىڭ بىرسى (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەمەللىرىنى ئاز ساناپ ): مەن كېچىدە پۈتۈن قىييامدا تۇرۇپ چىقىمەن، -دېدى. يەنە بىرى: مەن ئايال كىشىگە يېقىن يولىمايمەن، مەڭگۈ توي قىلماي ئۆتىمەن، -دېدى. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېلىپ: سىلەر مۇنداق مۇنداق دەپسىلەر، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىكى ئەڭ تەقۋا ۋە ئاللاھتىن ئەڭ قورقىدىغان بىرىمەن. مەن بەزىدە روزا تۇتىمەن، بەزىدە ئاغزىم ئوچۇق يۈرىمەن ؛ كېچىلىرى ناماز ئوقۇيمەن ھەم ئۇخلايمەن ؛ توي قىلىمەن. كىمكى مېنىڭ سۈننىتىمدىن يۈز ئۆرۈيدىكەن ئۇ مەندىن ئەمەس، - دېدى.»( )
 ئىسلام دىنى ئەر-ئاياللىق ھىسىياتنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئۇنى ساۋاپ بېرىلىدىغان بىر ئىبادەت قىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئايالىغا يېقىنچىلىق قىلسىمۇ سەدىقىدۇر، - دېدى. ساھابىلەر: ئى رەسۇلۇللاھ، بىرىمىز شەھۋىتىنى قاندۇرسىمۇ ئۇنىڭغا ئەجىر بېرىلەمدۇ؟ - دەپ سوراشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئەگەر بىرسى شەھۋىتىنى ھارام ئارقىلىق قاندۇرسا ئۇنىڭغا گۇناھ يېزىلىدۇ ئەمەسمۇ ؟ شۇنىڭغا ئوخشاش، ئەگەر ئۇ شەھۋىتىنى ھالالدىن قاندۇرسا، ئۇنىڭغا ئەجىر يېزىلىدۇ. – دېدى( ) .
ئىسلام دىنى بۇ تەرەپكە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلگەن، چۈنكى مۇسۇلمان شەرىئەت كۆرسەتكەن يول ئارقىلىق ئۆز نەفسىنى قاندۇرۇپ، رۇھىي خاتىرجەملىككە ئېرىشىدۇ، ئىبادەتلىرىنى راھەت ۋە زېھنى ئوچۇق ھالدا ئادا قىلىدۇ.
بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھىسسىي تۇرمۇشىدىكى بەزى مىساللارغا كۆز يۈگۈرتۈپ باقايلى:
1. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆز ئەھلىگە سادىق بولۇپ، خىيانەت قىلماسلىقى
 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىشى شەيتان ۋەسۋەسسىگە چۈشۈپ قالغاندا ئىقتىدا قىلىدىغان ياخشى ئۈلگە. جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «بىرەرسىڭلارنى بىرەر ئايال ئەجەبلەندۈرسە، دەرھال ئۆز ئەھلىگە كەلسۇن، ئۇ ئۆز ئەھلىدىن شۇ ئايالدىن تاپىدىغان نەرسىنى تاپىدۇ»( ).
2. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز ئەھلىنى سېغىناتتى.
 ھەقىقەتەن كىشىنىڭ سەپەردىن قايتىشقا ئالدىرىشى ئۇنىڭ ئۆز ئەھلىگە بولغان مۇھەببىتى ۋە سېغىنىشىنىڭ ئىپادىسىدۇر. بۇ تەمكىنلىك ۋە كۆڭۈل خاتىرجەملىكى ئېلىپ كېلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە ئېنىق كۆرسەتمە بېرىپ: «سەپەر دېگەن ئازاپتىن بىر ارچىدۇر، ئۇ كىشىنى ئۇيقىدىن بىدار قىلىدۇ، كىشىنى ئاچ ۋە سۇسىز قويىدۇ. سىلەرنىڭ بىرەرسىڭلار سەپەردىن كۆزلىگەن مەقسىتى ھاسىل بولغان ھامان ئۆيىگە قايتىشقا ئالدىرىسۇن»( ).
3. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز ئەھلىگە بولغان مىھىر-مۇھەببىتىنى يېڭىلاپ تۇراتتى.
 سوۋغاتنىڭ ناھايىتى مۇھىم قىممىتى باردۇر، بولۇپمۇ ئۇ ياخشى كۆرىدىغان ئادىمى تەرىپىدىن بېرىلگەندە ئۇنىڭ قىممىتى ھەسسىلەپ ئاشىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە ئېنىق كۆرسەتمە بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئۆز-ئارا سوۋغا بېرىشىڭلار، ئۇ ئاراڭلاردا مىھىر-مۇھەببەت پەيدا قىلىدۇ»( ). پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ئى مۇسۇلمان ئاياللار ! سىلەرنىڭ بىرىڭلار خوشنىسىغا قوينىڭ بىر پارچە ئۇستىخانلىق ئۇرۇق گۆشىنى بېرىشنىمۇ كىچىك سانىمىسۇن»( ).
 4. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز ئەھلىدىن باشقىسىغا كۆز سالمايتتى.
 ئۆز بەدىنىنى ھارامدىن ساقلاپ، ئۆز ئەھلى بىلەنلا كۇپايىلىنىش كىشىنىڭ سەمىمىيلىكى ۋە ئادىللىقىغا دالالەتتۇر. شەيتان بۇنداق كىشىنى توغرا يولدىن ئازدۇرۇپ، رەزىل ئىشلارنى قىلىشقا ۋەسۋەسە قىلىدۇ، ھەقىقەتەن بەندىنىڭ زىنادىن بولغان نىسىۋىسى پۈتىۋىتىلگەن بولۇپ، بۇنىڭدا شەك-شۈبھە يوقتۇر: كۆز زىنا قىلىدۇ، ئۇنىڭ زىناسى قاراشتۇر ؛ قۇلاق زىنا قىلىدۇ، ئۇنىڭ زىناسى ئاڭلاشتۇر ؛ تىل زىنا قىلىدۇ، ئۇنىڭ زىناسى سۆزلەشتۇر ؛ قول زىنا قىلىدۇ، ئۇنىڭ زىناسى تۇتۇشتۇر ؛ پۇت زىنا قىلىدۇ، ئۇنىڭ زىناسى مېڭىشتۇر. قەلب ئارزۇ قىلىدۇ، ئەۋرەت ئۇنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدۇ ياكى يوققا چىقىرىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام توغرىلىقى بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىستە بۇنىڭدىن خەۋەر بەرگەن.
 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز بەدىنىنى ھارامدىن ساقلاشتا بىر نەمۇنە ئىدى. ئائىشە ئانىمىز بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھىجرەت قىلىپ كەلگەن مۆمىن ئاياللارنى ئاللاھنىڭ: «ئى پەيغەمبەر! مۆمىن ئاياللار ساڭا كېلىپ، اﷲ قا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەسلىككە، ئوغرىلىق قىلماسلىققا، زىنا قىلماسلىققا، بالىلىرىنى (جاھىلىيەت دەۋرىدىكىدەك قىز بالىلىرىنى نومۇستىن ياكى كەمبەغەللىكتىن قورقۇپ) ئۆلتۈرمەسلىككە، باشقىلارنىڭ بالىسىنى يالغاندىن ئەرلىرىنىڭ بالىسى قىلىۋالماسلىققا، سەن بۇيرۇغان ياخشى ئىشلاردىن باش تارتماسلىققا بەيئەت قىلسا (يۇقىرىقى شەرتلەر ئاساسىدا) ئۇلارغا بەيئەت قىلغىن، ئۇلار ئۈچۈن اﷲ تىن مەغپىرەت تىلىگىن، اﷲ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر» (سۇرە مۇمتەھىنە 12-ئايەت ) دېگەن بۇيرىقى بويىچە سىنايتى. مۆمىن ئاياللاردىن كىم بۇ شەرتلەرگە قوشۇلسا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا سۆز ئارقىلىقلا: سەندىن بەيئەت ئالدىم، دەيىتتى. ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەيئەت جەريانىدا بىرمۇ ئايال كىشىنىڭ قولىنى تۇتمىدى، ئۇ پەقەت ئاياللارغا: مەن سەندىن ئەنە شۇ شەرتلەر ئاساسىدا بەيئەت ئالدىم، دېيىش بىلەنلا بەيئەت قوبۇل قىلاتتى( ).
5. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز ئەھلىگە مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلاتتى.
 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاياللارنى ھېچنىمە سىانىمايدىغان جاھىلىيەتتىن كەلگىنىگە قارىماستىن، ئۆز ئەھلىگە مۇھەببەت ئىزھار قىلىشنى ئەيىب-نوقسان سانىمايتى، بەلكى ئۇنى ئېسىل ئەخلاق، ياخشى ئۇنسى ئۈلپەت قاتارىدا كۆرەتتى. ئائىشە ئانىمىز مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ باشقا ئاياللىرىغا خەدىچە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا قىلغاندەك كۈندەشلىك قىلىپ باقمىدىم، مەن ئۇنى كۆرمىگەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قوي بوغۇزلىسا: بۇنىڭدىن خەدىچەنىڭ دوستلىرىغا ئەۋەتىپ بېرىڭلار،- دەيىتتى. بىر كۈنى مەن ئاچچىقلاپ: دائىملا خەدىچەمۇ ؟- دېسەم، ئۇ ماڭا: ھەقىقەتەن ئۇنى ياخشى كۆرۈشۈم ماڭا رىزىق قىلىپ بېرىلدى، دېدى.»( ) ئائىشە ئانىمىز يەنە مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەدىچەنى ئەسلىگىنىدە ئۇنى ئەڭ ياخشى رەۋىشتە ماختايىتتى. بىر كۈنى مېنىڭ كۈندەشلىكىم تۇتۇپ: ئۇنى تولىمۇ ئەسلەيدىكەنلا، ئاللاھ سىلىگە ئۇنىڭدىنمۇ ياخشىسىنى بەرگەن تۇرسا ! دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئاللاھ ماڭا ئۇنىڭدىنمۇ ياخشىسىنى بەرگىنى يوق، كىشىلەر ماڭا كاپىر بولغاندا ئۇ ماڭا ئىمان ئېيىتتى ؛ كىشىلەر مېنى يالغانچىغا چىقارغاندا، ئۇ مېنى تەستىقلىدى ؛ كىشىلەر مەندىن مېلىنى ئايىغاندا ئۇ ئايىمىدى ؛ ئاللاھ ماڭا ئۇنىڭدىن باشقا ئايالدىن پەرزەنت بەرمىدى، دېدى( ).
6. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەر-ئاياللىق تۇرمۇشتىكى پاكىزلىقى.
 ئىسلام كۆرسەتمىلىرى ئاللاھنىڭ ناھايىتى گۈزەللىكى، گۈزەللىكنى ياخشى كۆرىدىغانلىقى، سېخىلىقى، سېخىلىقنى ياخشى كۆرىدىغانلىقى، بارچە نوقساندىن پاكلىقى، پاكىزلىقنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە خەۋەر بەرگەن، ھەمدە ئۆز ساھابىلىرىنى ئەڭ چىرايلىق ۋە پاكىز يۈرۈش-تۇرۇشقا، بولۇپمۇ ئۆز ئەھلىگە شۇنداق بولۇشقا بۇيرىغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «سىلەرنىڭ بىرەرسىڭلار ئايالىغا يېقىنچىلىق قىلىپ، ئاندىن يەنە كەلمەكچى بولسا، تاھارەت ئېلىۋەتسۇن»( ). يەنە بەزى رىۋايەتلەردە: بۇ پاكىزلىققا ئەڭ يېقىندۇر، دەپ كەلگەن
7. ھەقىقىي مۇھەببەت...
 ھەقىقىي مۇھەببەت بىر ئىنساننى ھەممە ھالىتىدە ياخشى كۆرۈشتۇر، ئۇ ۋاقىتنىڭ ياكى ياخشى كۆرگەن ئىنساننىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ئۆزگۈرۈپ قالمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز ئەھلىنى ئەنە شۇنداق ياخشى كۆرەتتى. ئائىشە ئانىمىز مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىككىمىز جۇنۇپ ھالەتتە بىر قاچىدىن تەڭ سۇ ئېلىپ يۇيىناتتۇق. ئۇ مېنى ھەيىزدار ھالىتىمدە سۆيۈپ قوياتتى، ئۇ ئېتىكاپتا تۇرىۋاتقاندا بېشىنى ماڭا سۇزۇپ بېرەتتى، مەن ئۇنىڭ بېشىنى يۇيۇپ قوياتتىم، ھالبۇكى مەن ئۇ ۋاقىتتا ھەيىزدار ئىدىم( ).
8. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز ئەھلىنىڭ سىرلىرىنى يېيىۋەتمەيتتى.
 ئىسلام شەرىئىتى ئەر-ئاياللىق تۇرمۇشتىكى نازۇك سىرلارنى ياخشى مۇھاپىزەت قىلىپ، ئۇنى ئاشكارا قىلماسلىققا بۇيرۇيدۇ، چۈنكى ئۇنى ئاشكارىلاش ھايانى يوقىتىدۇ ۋە ئادىمىلىكتىن يېراقلاشتۇرىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئەڭ يامان كىشى، ئۆز ئەھلى بىلەن خىلۋەتتە بىرگە بولۇشقان، ئاندىن ئوتتۇرىدىكى نازۇك سىرلارنى يېيىۋەتكەن كىشىدۇر»( ).
9. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاياللىرىنى ئەركىلىتەتتى.
 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۆڭلى يۇمشاق ۋە كىشىنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىدىغان كىشى ئىدى. ئۆز ئاياللىرىنى ئۇلار ياخشى كۆرىدىغان ئىسىملىرى بىلەن چاقىراتتى. ئۇ ئائىشە ئانىمىزنى: ئى توغاچ يۈزلۈك ( تېرىسى ئاق سۈزۈك، مەڭزىدە سۇس قىزىللىق بار )،-دەپ چاقىراتتى. گاھىدا ئۇنى تېخىمۇ ئەركىلىتىپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى قىسقارتىپ: ئى ئائىش، -دەپ چاقىراتتى( ).
10. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاياللىرىنىڭ ئۆزرىلىك ھالىتىدىمۇ ئۇلار بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ قوپاتتى.
 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز ئەھلىنىڭ ئۆزرىلىك ۋاقىتلىرىدىمۇ ئۇلار بىلەن ئولتۇرۇپ-قوپۇش، يېمەك-ئىچمەكتە بىرگە بولاتتى، ئۇلار بىلەن جىما قىلماستىن، ئۇلارنى سۆيۈپ قوياتتى. بۇ ئىشلار ئۇلارنىڭ قەلبىنى خاتىرجەم قىلىش بىلەن بىرگە، يەھۇدىي ۋە ناسارالار قىلغان ئىشنىڭ ئەكسىنى قىلىپ، شەرىئەتنىڭ بۇ توغرىدىكى ھۆكىمىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈندۇر. چۈنكى ئۇلار ھەيىزدار ئاياللارنى نىجىس ساناپ، ئۇلار بىلەن بىرگە ئولتۇرمايتتى ۋە بىللە يەپ ئىچمەيتى، ئۇلارنى ئۆزلىرىدىن يىراق بولۇشقا بۇيرۇيتى( ).
 ئائىشە ئانىمىز مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېنى ھەيىزدار ھالىتىمدە ئىچ كىيىمىمنى كىيگۈزۈپ قۇچاقلايتتى، لېكىن ئۇ ئۆز شەھۋىتىنى ئەڭ كونتىرول قىلالايدىغان كىشى ئىدى( ).
11. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز ئەھلىنىڭ ھېسىياتىغا ئەھمىيەت بېرەتتى.
 ئەر-ئايالنىڭ بىر-بىرىگە ھاجىتى چۈشۈشى بىر تۇغما ئىش بولۇپ، ئۇ باشقا ھايۋانلاردەك مەۋسۈمىي بولماستىن، دائىملىق ئىشتۇر. شۇڭا كىشى ئايال كىشىنى ئۆزرىلىك ۋاقتىدا تاشلاپ قويماستىن، ئۇنىڭ بىلەن جىمادىن باشقا ھەممە ئىشتا لەززەت ئالسا بولىدۇ. ئائىشە ئانىمىز مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېچىسى مەن ھەيىزدار ۋاقتىمدا مېنىڭ يېنىمدا ناماز ئوقۇيىتتى، مېنىڭ ئۈستۈمدە يۇڭدىن توقۇلغان قىسقا كىيىم بولۇپ، كىيىمىمنىڭ بىر ئۇچى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا تىگىپ تۇراتتى( ).
12. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز ئەھلى بىلەن ھېسىياتىنى چۇڭقۇرلاشتۇراتتى.
 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىنىڭ ھەممىسى ئۈممىتىگە شەرىئەت ئەھكاملىرىنى بايان قىلىپ بېرىش ئۈچۈن بولۇپ، بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىدىن ھەيىزدار ئايال بىلەن جىمادىن باشقا ئىش بىلەن لەززەتلىنىش ۋە ئۇلار بىلەن بىللە يېتىپ-قوپۇش، يېمەك-ئىچمەكتە بىرگە بولۇش قاتارلىقلارنىڭ ھالال ئىكەنلىكى، شۇنداقلا ھەيىزدار ئايالنىڭ بەدىنىنىڭ پاكىزلىقى قاتارلىقلارنى بىلىۋالايمىز. ئائىشە ئانىمىز مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەن ھەيىز كۆرىۋاتقان مەزگىلىمدە ماڭا يۆلىنىپ قۇرئان ئوقۇيتتى»( ).
13. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاياللىرى بىلەن بىرگە يۇيىناتتى.
 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەر ۋاقىت ئۆز ئەھلىنى خۇشال قىلىشقا ھېرىسمەن ئىدى، ئۇ ئاياللىرى بىلەن بىللە بولۇپ بولغاندىن كېيىنكى كىشىنىڭ پەيلىرى بۇشاپ، ھېسىياتى پەسكۇيغا چۈشكەن چاغلاردىمۇ، ئۇلار بىلەن بىللە يۇيۇنغاچ، ئۇلار بىلەن چاقچاقلىشىپ، ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى كۆتۈرەتتى. ئائىشە ئانىمىز مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىككىمىز بىر قاچىدىن سۇ ئېلىپ يۇيۇناتتۇق، ئۆز-ئارا سۇ تالىشىپ، (چاقچاق يۈزىسىدىن ) ماڭىمۇ قوي، ماڭىمۇ قوي ! دېيىشىپ كىتەتتۇق.»( )
14. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاياللىرىنى سۆيۈپ قوياتتى.
 ھېسىياتنى چۇڭقۇرلاشتۇرۇپ تۇرۇش، ئاللاھنىڭ مۇيەسسەر قىلىشىدىن كېيىن، ئائىلە تۇرمۇشىنىڭ ساغلام داۋاملىشىشى ۋە ئائىلە تۇرمۇشىدا يۈز بېرىپ تۇرىدىغان كۆڭۈلسىزلىكلەرنى يۇقىتىدىغان ئەڭ چوڭ سەۋەپتۇر. كىچىك بىر ئىش-ھەرىكەت، گەپ-سۆزمۇ ئەھلىڭىزنىڭ كۆڭۈل تەشنالىقىنى قاندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ مىھىر-مۇھەببىتىگە ئېرىشىشىڭىزنىڭ سەۋەبى بولالايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ تەرەپكە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلەتتى. ئائىشە ئانىمىز مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېنى سۆيمەكچى بولۇۋىدى، مەن: روزىدار،-دېدىم. ئۇ: مەنمۇ روزىدار، -دېدى. ئاندىن مېنى سۆيۈپ قويدى.»( )

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆز ئەھلى بىلەن بولغان ئىنسانلىق تەرىپى
 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام باشقا ئىنسانلارغا ئوخشاش ئىنسان بولۇپ، ئۇلاردىن پەيغەمبەرلىك بىلەن ئۈستۈن بولغان ۋە رىسالەت خىزمىتى بىلەن شەرەپلەندۈرۈلگەن. ئاللاھ تائالا ئۇنى بەندىلەرنى بەندىگە بولغان قۇلچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، ياراتقۇچىنىڭ قۇلچىلىقىغا ئېلىپ چىقىش ئۈچۈن، ھەمدە ئۇلارغا شەرىئەتنى بايان قىلىپ بېرىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن. بۇ ئاللاھنىڭ پەزلى بولۇپ، ئۇنى ئۆزى خالىغان كىشىگە بېرىدۇ. ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: «(ئى مۇھەممەد‍!( ئېيتقىنكى، مەن سىلەرگە ئوخشاش بىر ئىنسانمەن، ماڭا ۋەھىي قىلىنىدۇكى، سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار يالغۇز بىر ئىلاھتۇر، كىمكى، پەرۋەردىگارىغا مۇلاقات بولۇشنى ئۈمىد قىلىدىكەن (ساۋابىنى ئۈمىد قىلىپ ئازابىدىن قورقىدىكەن)، ياخشى ئىش قىلسۇن. پەرۋەردىگارىغا قىلىدىغان ئىبادەتكە ھېچكىمنى شېرىك كەلتۈرمىسۇن»( ). ئۇ بىر ئىنسان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۇلۇھىيەتتىن ھېچنىمە يوقتۇر، ئۇ غايىپنى بىلمەيدۇ، ئاللاھنىڭ ئىزنىسىز ھېچ بىر كىشىگە پايدا ياكى زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ، بۇ ئالەمدىكى ھېچبىر نەرسىنى خالىغانچە تەسەررۇپ قىلالمايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «اﷲ خالىمىغان ئىكەن، ئۆزۈمگە پايدا يەتكۈزۈش، زىياننى ئۆزۈمدىن دەپئى قىلىش قولۇمدىن كەلمەيدۇ، (قىيامەتنىڭ قاچان بولۇشىنى قانداقمۇ بىلەي؟) ئەگەر مەن غەيبنى بىلىدىغان بولسام (دۇنيا مەنپەئەتلىرىدىن) نۇرغۇن مەنپەئەت ھاسىل قىلغان بولاتتىم، زىيان ـ زەخمەتكىمۇ ئۇچرىمىغان بولاتتىم (لېكىن مەن غەيبنى بىلمەيمەن، شۇڭا ماڭا تەقدىر قىلىنغان ياخشى ـ يامانلىق يېتىپ تۇرىدۇ). مەن پەقەت ئىمان ئېيتىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرغۇچى ۋە خۇش خەۋەر بەرگۈچى قىلىپ ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرمەن»( ).
 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئورۇن-مەرتىۋىسىنىڭ شۇنچە يۇقىرى بولىشىغا قارىماي، ئۆزىنى ئارتۇقچە ئۇلۇغلاشنى رەت قىلغان. ئاللاھ ئۇنىڭغا بەرگەن ۋە ئۇ ئارقىلىق شەرەپلەندۈرگەن ئاللاھقا بولغان قۇلچىلىق ماقامىغا رازى بولغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «مېنى ناسارالارنىڭ ئېيسانى ئارتۇقچە باتىل ماختىغىنىدەك ئارتۇقچە ماختىماڭلار، ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە رەسۇلى، دېيىش بىلەن كۇپايىلىنىڭلار»( ).
 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىنسانلىق خۇسۇسىيەتلىرى خۇددى باشقا كىشىلەرگە ئوخشاش، مەڭگۈلۈك ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ ھاياتىمۇ باشقىلارنىڭ ھاياتىغا ئوخشاش بولۇپ، بۇ دۇنيادا مەڭگۈ قالماستىن، ۋاپات تاپقان ئىدى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «مۇھەممەد پەقەت بىر پەيغەمبەردۇر، ئۇنىڭدىن بۇرۇن كۆپ پەيغەمبەرلەر ئۆتتى (ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۆز ئەجىلى بىلەن ئۆلگەن، بەزىلىرى باشقىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن)؛ ئۇ ۋاپات بولسا ياكى ئۆلتۈرۈلسە، ئارقاڭلارغا يېنىۋالامسىلەر؟ (يەنى ئىماندىن يېنىپ مۇرتەد بولامسىلەر؟) كىمكى ئارقىسىغا يېنىۋالىدىكەن (يەنى مۇرتەد بولىدىكەن)، ئۇ اﷲ قا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. اﷲ شۈكۈر قىلغۇچىلارنى مۇكاپاتلايدۇ»( ). شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇمۇ كېسەل، ئاغرىق-سىلاق بولاتتى ۋە بۇنىڭغا داۋا ئىزدەيتتى. ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كىرسەم، ئۇ قاتتىق قىزىپ كېتىپتۇ. مەن: ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، سەن قاتتىق قىزىپ كېتىپسەن،-دېسەم، ئۇ ماڭا: شۇنداق، مەن سىلەردىن ئىككى كىشى قىزىغان مىقداردا قىزىۋاتىمەن، - دېدى. مەن: ئۇ ساڭا ئىككى كىشىلىك ئەجىر بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ ؟ - دېسەم، ئۇ: ئەلۋەتتە، شۇنداق. قانداقلىكى بىر مۇسۇلمانغا پۇتىغا تىكەن كىرىپ كەتكەنچىلىك ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرىراق بىر ئەرزىيەت يەتسە، خۇددى دەرەخ يۇپۇرماقلىرى چۈشكەندەك، ئۇنىڭ خاتالىقلىرىغا كاپارەت بولىدۇ، - دېدى.» ( ) بۇ ھەدىسىتىكى، ساڭا ئىككى كىشىلىك ئەجىر بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ؟ دېگەن سۆزدىكى مەنا سەئىد ئىبنى ۋەققاسى رىۋايەت قىلغان ھەدىس ئارقىلىق روشەن بولىدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: ئەڭ قاتتىق بالاغا گىرىپتار بولىدىغان كىشىلەر كىملەر ؟ دەپ سورىسام، ئۇ ماڭا: پەيغەمبەرلەر، ئاندىن قالسا كىشىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرى، ئاندىن قالغانلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى. كىشىلەر دىنى باراۋىرىدە سىنىلىدۇ. ئەگەر كىشى دىنىدا چىڭ بولسا، بالاسىمۇ قاتتىق بولىدۇ، ئەگەر ئۇ دىنىدا سۇس بولسا، بالاسى ئاز بولىدۇ. ئاللاھ تائالا بىر بەندىسىگە بالا ئەۋەتىپ، ئۇنى پاكلاپ، تاكى ئۇ يەر يۈزىدە ھېچ خاتالىقى بولمىغان ھالەتتە ماڭغۇچىلىك سىنايدۇ، -دېدى( ).
 يەنە شۇنداقلا، ئۇمۇ باشقىلارغا ئوخشاش ياخشى كۆرەتتى ۋە بىزار بولاتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا بىر كىشى كېلىپ، بىر نەرسە بېرىشىنى سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام
ئۇنىڭغا: «مەندە ساڭا بەرگىدەك بىر نەرسە يوق، لېكىن ماڭا قەرىز بولۇپ تۇرسۇن، كېيىن بىرەر نەرسە كېلىپ قالسا، ساڭا بېرەي» دېدى. ئۆمەر: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، ئاتا-ئانام ساڭا پىدا بولسۇن، ئاللاھ ساڭا كىشىگە نەپىقە قىلىشنى يۈكلىمىگەن. سەندە بىر نەرسە بولسا بەرگىن، بولمىسا ئۇنىڭ قەرزىنى ئۈستىڭگە ئېلىۋالما، - دېدى. بۇنى ئاڭلاپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاچچىقى كەلدى، ئۇنىڭ ئاچچىقى كەلسە يۈزلىرى قىزىرىپ كېتەتتى. ئاندىن ئەنسارلاردىن بىر كىشى قوپۇپ: ساڭا ئاتا-ئانام پىدا بولسۇن، بېرىۋەرگىن، ئاللاھنىڭ مېلىڭنى ئازايتىۋىتىشىدىن ئەنسىرىمە، - دېدى. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۈلۈپ: «مۇشۇنىڭغا بۇيرۇلغانمەن» دېدى( ).
 يەنە شۇنداقلا، ئۇمۇ خۇشال بولاتتى ۋە قايغۇراتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بالىسى ئبراھىم ۋاپات بولغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۈنسىز يىغلىدى. ئەبۇ بەكىر ياكى ئۆمەر ئىككىسىنىڭ بىرسى: سەنمۇ ياش تۆكەمسەن ؟ - دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: كۆز ياش تۆكىدۇ، قەلب قايغۇرىدۇ، بىز رەببىمىز رازى بولىدىغان سۆزدىن باشقىنى قىلمايمىز. ئەگەر ھەق ۋەدە، ھەممىنى يىغقۇچى قىيامەت كۈنى بولمىغىنىدا، ھەمدە كېيىنكىلەر ئالدىنقىلارغا ئەگەشمىگەن بولسا، بىز ساڭا ھەقىقەتەن قاتتىق قايغۇرغان بولاتتۇق، بىز سېنىڭ ۋاپاتىڭغا قايغۇردۇق. –دېدى.
 يەنە شۇنداقلا، ئۇمۇ يىغلايىتتى ۋە كۈلەتتى
 ئۇسامە ئىبنى زەيىد مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىزلىرىدىن بىرسىنىڭ بالىسى سەكراتقا چۈشۈپ قالدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىزى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ كېلىشىنى تەلەپ قىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: بىزدىن ئېلىۋېلىنغان ۋە بېرىلگەن نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭدۇر، ھەر نەرسىنىڭ ئاللاھ بەلگىلىگەن ئەجىلى باردۇر. ئاللاھتىن ئەجىر ئۈمىد قىلىپ سەبىر قىلسۇن، دېگەن گەپنى ئەۋەتتى. لېكىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىزى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى چوقۇم كەلسۇن، دەپ قەسەم قىلىپ تۇرىۋالدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بېرىپ بالىنى قۇچىقىغا ئالدى، بالا ئۇنىڭ قۇچىقىدا تىترەپ جان تالىشىپ، تولۇمدەك بولۇپ كەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يىغلىدى. ئۇبادە ئىبنى سامىت: سىلىمۇ يىغلاملا ؟ - دېۋىدى، ئۇ: بۇ ئاللاھ ئىنسانغا بەرگەن رەھمەتتۇر، ئاللاھ ئۆزىنىڭ رەھىمدىل بەندىلىرىگە رەھىم قىلىدۇ، -دېدى( ).
يەنە شۇنداقلا، ئۇمۇ خۇشال بولاتتى ۋە ئازاپلىناتتى. جەئفەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەبەشىستاندىن قايتىپ كەلگەندە، ئۇنىڭ كېلىشى خەيبەر پەتھىسىگە توغرا كېلىپ قالدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ پىشانىسىگە سۆيۈپ تۇرۇپ: مەن خەيبەرنىڭ فەتھىسىگە خۇشال بولدۇممۇ ياكى جەئفەرنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىگە خۇشال بولدۇممۇ بىلمەيمەن، - دېدى( ).
 يەنە شۇنداقلا، ئۇمۇ سەھۋەنلىك ۋە ئۇنتۇپ قېلىشتىن خالىي بولالمايىتتى. ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پىشىن ياكى ئەسىر نامىزىنىڭ بىرىنى ئىككى رەكئەت ئوقىدى. ئاندىن زۇليەدەين ئۇنىڭغا: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى، ئۇنتۇپ قالدىڭمۇ ياكى ناماز قىسقارتىلدىمۇ ؟ دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئۇنتۇپمۇ قالمىدىم، نامازمۇ قىسقارتىلمىدى، - دېدى. ئاندىن ئۇ: سەن ھەقىقەتەن نامازنى ئىككى رەكئەت ئوقۇدۇڭ، - دېدى. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جامائەتكە يۈزلىنىپ: ئۇنىڭ دېگىنى توغرىمۇ ؟ -دەپ سورىدى. جامائەت: شۇنداق ! – دەپ جاۋاپ بېرىشتى. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قوپۇپ قالغان ئىككى رەكئەتنى ئوقىدى ۋە سەھۋەنلىك سەجدىسى قىلدى( ).
 يەنە شۇنداقلا، ئۇمۇ ئېلىم-بىرىم، دۇنيالىق ئىشلىرىدىكى ئىجتىھاتلىرىدا خاتالىقتىن خالىي ئەمەس ئىدى. لېكىن ئۇنىڭغا يەتكۈزۈلگەن ۋەھىي ۋە رىسالەت خىزمىتىدە ئاللاھ ئۇنى بارچە خاتالىقلاردىن ساقلاپ قالغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خورمىنى چاڭلاشتۇرىۋاتقان كىشىلەرنىڭ قېشىدىن ئۆتۈپ كىتىۋېتىپ، يېنىدىكىلەردىن: ئۇلار نىمە ئىش قىلىۋاتىدۇ؟ دەپ سورايدۇ. ئەتراپىدىكىلەر ئۇنىڭغا: ئۇلار ئەركەك خورمىنىڭ شېخىنى ئېلىپ چىشى خورمىغا چېتىپ قويىدۇ، دەيدۇ. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: مەن بۇ ئىشنى بىرەر پايدا بېرىدۇ دەپ ئويلىمايمەن، دەيدۇ. ئاندىن ئۇ كىشىلەر بۇنى ئاڭلاپ خورمىنى چاڭلاشتۇرماي تاشلاپ قويىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئۇلارنىڭ بۇ ئىشى يەتكەندە: ئۇ مېنىڭ پەرىزىم خالاس، پەرىز دېگەن گاھىدا توغرا، گاھىدا خاتا بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر بۇ ئىشتىن بىرەر پايدا چىقسا، ئۇنى قىلىۋىرىڭلار، مەنمۇ سىلەرگە ئوخشاش ئادەممەن.ئەمما قاچانكى سىلەرگە «ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ» دېسەم، ھەرگىز ئاللاھنىڭ نامىدىن يالغان گەپ قىلمايمەن، - دەيدۇ( ). پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ئى رەببىم، مەن بىر ئىنسانمەن، باشقا ئىنسانلاردەك ئاچچىقلىنىپ قالىمەن، مەن ھەقىقەتەن سەندىن زايا بولۇپ كەتمەيدىغان بىر ئەھدىنى سورايمەن، مەن بىرەر مۆئمىنگە ناھەق ئازار بېرىپ، تىللىسام ياكى قامچىلىسام، ئۇنى ئۇنىڭغا كاپارەت قىلىپ بەرگىن، ۋە قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ مىزانىدىكى بىر ياخشىلىق قىلىپ بەرگىن.»( )
 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دەيدۇ: «مەن بىر ئىنسانمەن، سىلەر مېنىڭ قېشىمغا دەۋا قىلىپ كېلىسىلەر، مەن ئاڭلىغىنىمغا قاراپ ھۆكۈم چىقىرىمەن، كىمگىكى خاتا ھالدا قېرىندىشىنىڭ ھەققىدىن بىرەر نەرسە بۆلۈپ بەرسەم، ئۇ ئۇنى ئالمىسۇن، ئەگەر ئالسا دوزاق ئوتىدىن بىر پارچە ئالغان بولىدۇ»( ).
 يەنە شۇنداقلا، ئۇمۇ توي قىلاتتى ۋە پەرزەنتلىك بولۇشنى ئىستەيتتى، ئۇ بۇ جەھەتلەردە بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرگە ئوخشاش ئىدى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «بىز سەندىن ئىلگىرى ھەقىقەتەن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتۇق، ئۇلارغا خوتۇنلار ۋە بالىلار بەردۇق، ھەرقانداق پەيغەمبەر اﷲ نىڭ ئىزنىسىز مۆجىزە كەلتۈرەلمەيدۇ، ھەربىر ۋاقىتنىڭ (ئۆزىگە مۇناسىپ) ھۆكمى بولىدۇ»( ).
 بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆز ئائىلىسى بىلەن بولغان ئىنسانىي مۇئامىلىسى ئۈچۈن بەزى مىساللارنى كەلتۈرىمىز:
1-پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز ئەھلىنىڭ خاتالىقىلىرىنى ئەپۇ قىلاتتى.
 كۈندەشلىك ئىنسانىي تەبىئەت بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز ئەھلىنىڭ كۈندەشلىكىگە كەڭ قۇرساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، ھېكمەت بىلەن ئىش كۆرەتتى. ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئۆيىدە ئىدى. ئۇنىڭ باشقا ئاياللىرىدىن بىرسى بىر قاچىدا تاماق ئەۋەتتى، ئائىشە تاماق ئەكەلگەن خىزمەتچىنىڭ قولىدىكى قاچىنى ئۇرۇپ يەرگە چۈشىرىۋەتتى، ئاندىن ئۇ قاچا چېقىلىپ، تاماق تۈكۈلۈپ كەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قاچىنىڭ سۇنۇقلىرى ۋە تۈكۈلگەن تاماقنى يىغىپ ئالدى، ۋە ئۆيدىكى مىھمانلارغا: ئاناڭلارنىڭ كۈندەشلىكى تۇتۇپ قاپتۇ، دېدى. ھەمدە خىزمەتچىنى كۈتۈپ تۇرۇشقا بۇيرۇپ، ئائىشەنىڭ ئۆيىدىكى ساق قاچىنى ئۇ چېقىۋەتكەن قاچىنىڭ ئورنىغا بەردى( ).
2- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆز ئەھلىگە ۋاپادار ئىدى.
 ئەھدىگە ۋاپا قىلىش، مېھىر-مۇھەببەتنى ئۇنۇتماسلىق بولسا، ئېسىل نەسەبلىك، ياخشى تەبىئەتلىك كىشىنىڭ خىسلىتىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەدىچە رەزىيەللاھۇ ئەنھانى دائىم ئەسلەيىتتى. ئائىشە ئانىمىز مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەدىچەنى ئەسلىگىنىدە ئۇنى ئەڭ ياخشى رەۋىشتە ماختايىتتى. بىر كۈنى مېنىڭ كۈندەشلىكىم تۇتۇپ: ئۇنى تولىمۇ ئەسلەيدىكەنلا، ئاللاھ سىلىگە ئۇنىڭدىنمۇ ياخشىسىنى بەرگەن تۇرسا ! دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئاللاھ ماڭا ئۇنىڭدىنمۇ ياخشىسىنى بەرگىنى يوق، كىشىلەر ماڭا كاپىر بولغاندا ئۇ ماڭا ئىمان ئېيىتتى ؛ كىشىلەر مېنى يالغانچىغا چىقارغاندا، ئۇ مېنى تەستىقلىدى ؛ كىشىلەر مەندىن مېلىنى ئايىغاندا ئۇ ئايىمىدى ؛ ئاللاھ ماڭا ئۇنىڭدىن باشقا ئايالدىن پەرزەنت بەرمىدى،- دېدى.( )
3-پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز ئەھلىگە كۆڭلى يۇمشاقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلاتتى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەيلى جاھىلىيەت دەۋرىدە بولسۇن، ياكى ئىسلامدا بولسۇن، ئايال كىشىگە قول كۈتۈرگەن ئەمەس. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلىسىدىمۇ باشقا ئائىلىلەرگە ئوخشاش ئىشلار يۈز بېرىپ تۇراتتى، ئەمما ھېچقاچان بىرەر ئايالىنى ئۇرۇپ باققان ياكى تىللاپ باققان ئەمەس.
ئائىشە ئانىمىز مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھېچقاچان ئايال كىشىنى ئۇرۇپ باقمىغان»( ) ئائىشە ئانىمىز يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ ھېچقاچان خىزمەتكارنى، ئاياللىرىنى ئۇرۇپ باقمىغان. ئاللاھ يولىدىكى جىھادتىن باشقا ۋاقىتتا بىرەر كىشىگە قول كۆتۈرگەن ئەمەس. ئۇنىڭغا ئىككى ئىش تەڭلەنسە، گۇناھ بولمىسىلا ئاسىنىنى تاللايىتتى. ئەگەر ئۇنىڭدا گۇناھ بولسا، ئۇنىڭدىن كىشىلەرنىڭ ئەڭ يىراقراقى بولاتتى. ئاللاھنىڭ ئەھكاملىرىنى ئىجرا قىلىشتىن باشقا، ھېچقاچان ئۆزى ئۈچۈن ئىنتىقام ئالمايىتتى. پەقەت ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ ھۆرمىتىنى تۆككەن كىشىدىن ئاللاھ ئۈچۈن ئىنتىقام ئالاتتى.»( ) نېمىشقا ئۇنداق بولمىسۇن !؟ ئاللاھ ئۇنى ئالەملەرگە رەھمەت قىلىپ ئېۋەتكەن تۇرسا ! سەھىل بىن سەئىد سائىدىي مۇنداق دەيدۇ: ( ئۇھۇد كۈنى ) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇدۇل چىشى چۈشۈپ، دۇبۇلغىسى سۇنۇپ، يۈزلىرى قاناپ كەتكەندە مەنمۇ بار ئىدىم. مەن كىمنىڭ ئۇنىڭ يۈزىدىكى قاننى يۇيغانلىقىنى، يەنە كىمنىڭ سۇ توشۇپ بەرگەنلىكىنى، نېمە بىلەن ئۇنىڭ يۈزىدە ئېقىۋاتقان قاننى توختاتقانلىقىنى بىلىمەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىزى فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۇنىڭ يۈزىنى يۇيغان، ئەلى سۇ توشۇپ بەرگەن ئىدى. فاتىمە دادىسىنىڭ يۈزىدىكى قاننى يۇيۇپ بولۇپ، بورىنى كۆيدۈرۈپ،كۈلىنى جاراھەتنىڭ ئۈستىگە بېسىپ قاننى توختاتتى. ئۇ كۈنى ئاللاھ ئۆز پەيغەمبىرىنىڭ يۈزىنى جاراھەتلەندۈرگەن قەۋمگە قاتتىق غەزەپ قىلدى. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئى رەببىم ! قەۋمىمنى مەغفىرەت قىلغىن، چۈنكى ئۇلار بىلمەيدۇ،- دېدى.( )
4- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەھلىگە كۆيۈمچان ئىدى.
 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ توققۇز ئايال بىلەن نىكاھلىنىشىدا، ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق سەۋەبى بولۇپ، بۇ سەۋەپلەردىن ئۇلارغا رەھىم قىلىش، ھېسداشلىق قىلىش، ۋە ئىمان ئېيىتقانلىقلىرى ئۈچۈن ئۇلار ئۇچرايدىغان تۈرلۈك بېسىم ۋە قىيىنچىلىقلاردىن قۇتۇلدۇرۇشلار بار ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سەۋدە بىنتى زەمئە بىلەن توي قىلىشى ئەنە شۇ سەۋەپتىن ئىدى. سەۋدە ئەينى ۋاقىتتا 55 ياش (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام 50 ياش ) بولۇپ، بەش بالىسى بار ئىدى. ئەرلەرنى قىزىقتۇرغىدەك چىرايلىقمۇ ئەمەس ئىدى. مەككە ئەھلى بۇ تويغا ئەجەپلىنىشتى، لېكىن ئۇ بۇ توينى پەقەت سەۋدە ئانىمىز ھەبەشىستان ھىجرىتىدىن قايتىپ كېلىپ، يولدىشى ئۆلۈپ كەتكەن ۋاقىتتا ئۇنىڭغا تەسەللى ۋە ياردەم بولۇشى يۈزىسىدىن قىلغان ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ بىلەن بىر مەزگىل ياشىغاندىن كېيىن، ئۇنى ئائىلە تۇرمۇشىنىڭ ئېغىرچىلىقىدىن خالاس قىلىش ئۈچۈن تالاق قىلماقچى بولدى، لېكىن ئۇ: مېنى تالاق قىلمىغىن، مەن نۆۋىتىمنى ئائىشەگە بېرەي،- دېدى ۋە شۇنداق قىلدى. ئاندىن ئاللاھنىڭ: «ئۇلارنىڭ ئۆز-ئارا كېلىشىشى گۇناھ ئەمەس، كېلىشىش ( ئۆزلىشىپ كېتىشتىن ) ياخشى»، دېگەن ئايىتى چۈشتى. سەۋدە ئانىمىز پەقەت ئاخىرەتتە ئۇنىڭ ئايالى بولۇشنى ئۈمىد قىلغان ئىدى.( )
5-پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز ئەھلىگە رەھىمدىل ئىدى.
 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتتە تورۇسقا چىگىلگەن ئۇزۇن ئارغامچىنى كۆرۈپ: بۇ نېمە ئارغامچا ؟ - دەپ سورىدى. ئەتراپتىكىلەر: ئۇ زەينەپنىڭ (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى ) ناماز ئوقۇپ ھېرىپ قالسا، ئۇ ئارغامچىنى تارتىپ تۇرۇشى ئۈچۈن، - دېيىشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنى ئاڭلاپ: ئۇى يېشىۋىتىڭلار ! سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆزى قادىر بۇلالىغان مىقداردا ناماز ئوقۇسۇن ( نەپلە ناماز )، ھېرىپ كەتسە ئولتۇرىۋالسۇن ! – دېدى( ) .
 بۇ دىن ئىلاھىي دىن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز ئەھلىنىڭ ئۆزلىرى قادىر بولالمايدىغان ئېغىر ئىبادەتلەرنى ئۆزلىرىگە يۈكلىۋېلىپ، باشقا ئىشلىرىنى تاشلاپ قويۇشىنى خالىمايىتتى. ئۇ ئىبادەتكە تولۇق يۈزلىنىش ئۈچۈن، ئاللاھ تائالا ھالال قىلىپ بەرگەن دۇنيانىڭ جىمى لەززىتىنى تەرك ئەتكەن بىر ساھابىگە: سېنىڭ كۆزۈڭنىڭ، بەدىنىڭنىڭ، ئايالىڭنىڭ، دوستۇڭنىڭ، مېھمىنىڭنىڭ سېنىڭ ئۈستىڭدە ھەققى باردۇر، - دېگەن.( )
6- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز ئەھلىنى رازى قىلاتتى
 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئەپۇچان بىرى ئىدى، بولۇپمۇ ئۆز ئەھلىدىن يەتكەن شەرىئەتكە مۇخالىپ بولمىغان ئەرزىيەتلەرگە سەبىر قىلاتتى، پەقەتلا كۈلۈمسىرەپ قوياتتى. تۆۋەندىكى ۋەقەلىك بۇنىڭ مىسالى بولالايدۇ:
ئائىشە ئانىمىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن پاراڭلىشىۋېتىپ، ئۇنىڭغا ئاۋازىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ گەپ قىلغىلى تۇردى، بۇنى ئەبۇ بەكىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئاڭلاپ قېلىپ ئۆيگە كىردى، ھەمدە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يەنە ئاۋازىڭنى كۆتۈرگىنىڭنى بىر كۆرەي، - دېگىنىچە ئۇنى كاچاتلىغىلى كەلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئائىشە ئانىمىزنى بەدىنى بىلەن تۇسىۋېلىپ ئۇرغىلى قويمىدى. ئەبۇ بەكىر ئاچچىقلىغىنىچە چىقىپ كەتتى. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئائىشە ئانىمىزغا: قېنى كۆردۈڭمۇ ؟ سېنى قوغداپ قالدىم، - دېدى. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، ئەبۇ بەكىر ئۇلارنىڭ يېنىغا كىرىپ، يارىشىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ: سىلەرنىڭ ئۇرۇشىڭلار ئۈستىگە كىرگەنىدىم، ئەمدى يارىشىۋاپسىلەر، - دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: شۇنداق، شۇنداق. يارىشىۋالدۇق، - دېدى.( )
7-پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز ئەھلىگە ئىشلارنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرەتتى.
 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇئامىلە ئۇسلۇبلىرىدىن: باشقىلارغا ئاسانلىق يارىتىپ بېرىش، كۆيۈمچانلىق ۋە مۇلايىملىق قاتارلىقلار بار. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىر ئەئرابىي كېلىپ مەسچىتنىڭ بىر بۇلۇڭىغا كىچىك تەرەت قىلغىلى تۇردى، ساھابىلەر يۈگۈرۈشۈپ بېرىپ ئۇنى تۇسىماقچى بولىۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى توسۇپ: ئۇنىڭ ھاخىتىنى راۋا قىلغىلى قويۇڭلار، ئاندىن ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر چېلەك سۇ تۆكۈۋېتىڭلار، سىلەر قىيىنلاشتۇرغۇچى ئەمەس، ئاسانلاشتۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتىلدىڭلار، - دېدى( ).
 ئائىشە ئانىمىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆز ئەھلىگە ئىشلارنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ھەفىسە ئىككىمىزگە تاماق ھەدىيە قىلىندى، ھالبۇكى بىز روزىدار ئىدۇق. ئاندىن ئىككىمىزنىڭ ئۇنى يىگۈمىز كېلىپ، ئېغىزىمىزنى ئېچىۋەتمەيلىمۇ دېيىشىپ، روزىمىزنى بۇزۇپ ئۇ تاماقنى يىدۇق. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىرىۋىدى، مەن ئۇنىڭغا: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى، بىزگە تاماق ھەدىيە قىلىنىۋىدى، يىگۈمىز كېلىپ روزىمىزنى بۇزىۋەتتۇق، - دېدىم. ئۇ بىزگە: ھېچقىسى يوق، بۇ كۈننىڭ ئورنىغا باشقا كۈنى روزا تۇتۇڭلار، - دېدى) (.
8- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز ئەھلىگە مۇلايىملىق بىلەن مۇئامىلە قىلاتتى.
 كىشى ئۆز قولى بىلەن ئايالىنىڭ ئاغزىغا بىر لوقما تائام سالسا، ياكى سۇ ئىچكۈزۈپ قويسا، ئايالىنىڭ ياخشى كۆرىشىگە ئېرىشىپلا قالماستىن، يەنە سەدىقىنىڭ ساۋابىغىمۇ ئېرىشىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك پايدىنى تەڭ قازىنىپ، ئايالى بىلەن ھېسىياتى چۇڭقۇرلىشىدۇ، ئىناقلىق كۈچىيىدۇ. ئۆز ئەھلىگە خاتىرجەملىك بېغىشلاپ، ئايالى بىلەن ئارامبەخش تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەئىد ئىبنى ئەبۇ ۋەققاسقا مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھ يولىدا قانداقلا نەپىقە قىلمىغىن، چوقۇم ئۇنىڭ ئەجرىنى كۆرىسەن، ھەتتا ئايالىڭنىڭ ئاغزىغا سېلىپ قويغان لوقمىدىمۇ ھەم شۇنداق) (.
9- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز ئەھلىدىن زېرىكمەيىتتى.
 باشقىلارنىڭ ھېسىياتىغا ھۆرمەت قىلىش كىشىنىڭ قەلبىنىڭ پاكىزلىقى، ئىچكى دۇنياسىنىڭ ساپلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز ئەھلىگە شۇنداق ئىدى. ئۇلارنىڭ ئۆز ئىرادىسى بىلەن بولمىغان خاتالىقلىرى ئۈچۈن ئۇلارغا بېسىم قىلىپ، ئۇسال قىلمايىتتى. ئەممار ئىبنى ياسىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر سەپەردە ئۇلاتى جېيش دېگەن يەرگە چۈشكۈن قىلدى، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئائىشە ئانىمىز بار ئىدى. ئائىشە ئانىمىز يەمەندە ياسالغان مونچىقىنى چۈشۈرۈپ قويدى. كىشىلەر ئۇنى ئىزدەش بىلەن ئاۋارە بولۇپ، تاڭ يورۇپ كەتكىلى ئازلا قالدى. ھالبۇكى، ئۇلاردا تاھارەت ئالغىدەك سۇمۇ يوق ئىدى. ئەبۇ بەكىر ئائىشەگە: كىشىلەرنى ئاۋارە قىلىپ ئۇلارنى تاھارەت ئېلىشتى توسۇپ قويدۇڭ، دەپ كايىغىلى تۇردى. ئاندىن ئاللاھ تائالا تەيەممۇم ئايىتىنى چۈشۈردى. كىشىلەر پاك تۇپراققا قولىنى ئۇرۇشۇپ، تەيەممۇم قىلىپ بامدات نامىزىنى ئوقىدى( ).
10- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز ئەھلى ئۈچۈن ئۆزىنى زىننەتلەپ، خۇشپۇراق ئىشلىتەتتى ۋە ئۆزىنى پاكىز تۇتاتتى.
 كىشىنىڭ نەپسى چىرايلىق جامالنى ياقتۇرىدۇ، ئۇ كۆڭۈلنى راھەت قىلىپ، كىشىنى خۇش قىلىدۇ. ئائىشە ئانىمىز مۇنداق دەيدۇ: مەن ھازىرمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ چاچلىرىنىڭ ئاستىدىكى مىسىكنىڭ پارقىراۋاتقىنىنى كۆرگەندەك بولىۋاتىمەن( ). ئائىشە ئانىمىز يەنە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سىلىنىڭ قېشىلىرىغا كىرگەندە قانداق قىلاتتى، دەپ سورالغاندا: ئالدى بىلەن ئاغزىغا مىسۋاك قىلاتتى، دەپ جاۋاپ بەرگەن( ). پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەر ۋاقىت پاكىز يۈرەتتى، ھېچقاچان تاھارەتسىز ئۇخلىمايىتتى. ئۇنىڭغا ئون يىل خىزمەت قىلىش بىلەن شەرەپلەنگەن خىزمەتچىسى ئەنەس بىن مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن ھېچقاچان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىنمۇ بەكراق خۇشبۇي پۇرايدىغان ئەنبەر ياكى باشقا نەرسىنى پۇراپ باقمىدىم. ئۇنىڭ ئالقىنى يىپەك، تاۋار-دۇردۇندىنمۇ بەكراق يۇمشاق ئىدى( ).
11- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلاتتى.
 ھايا خۇددى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەۋەر بەرگەندەك، كىشىنى دىنىي ئەمىلىدىن قويۇپ قويمىسىلا، پەقەت ياخشىلىقلا ئېلىپ كېلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىگە ئەگەشكەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز ئەھىللىرىگە كۆڭۈللىرىنى ئىزھار قىلىپ، ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئۇتىشى ھەمدە ئائىلىۋى بەختكە ئېرىشىشلىرى ئۈچۈن، ئۆز ھېسىياتىنى ئاشكارا ئىپادىلەيىتتى. ئەمىر ئىبنى ئاس مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلىپ: ئىنسانلاردىن كىم ساڭا ئەڭ سۈيۈملۈك ؟ - دەپ سورىدىم. ئۇ ماڭا: ئائىشە، - دەپ جاۋاپ بەردى. مەن: ئەرلەردىنچۇ ؟ - دەپ سورىسام، ئۇ: ئۇنىڭ دادىسى، -دەپ جاۋاپ بەردى. مەن: ئاندىنچۇ؟ - دېسەم، ئۇ: ئۆمەر، - دېدى. ئاندىن يەنە بىر نەچچە كىشىنى سانىدى. مەن ئۆزۈمنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا زىكىر قىلىنىشىمدىن قورقۇپ داۋاملىق سوراشقا پېتىنالمىدىم( ).
12- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز ئەھلىنى خەتەردىن قوغدايتتى.
 قورقۇش بىر ئىنسانىي تەبىئەت، ئەمما ئارتۇقچە قورقۇش، ئەندىشە بولسا بىر كېسەللىك. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز ئەھلىگە بىرەر خېيىم-خەتەر يېتىشىدىن ئەنسىرەپ ئۇلارنى قوغدايىتتى. ئەنەس مۇنداق دەيدۇ: ئەبۇ تەلھە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن كېتىپ باراتتى، سەفىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىر تۆگىگە مىنگەن ئىدى. تۆگە بىر يەرگە كەلگەندە مۆدۈرۈلۈپ كەتتى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ئايالى تۆگىدىن يىقىلىپ چۈشتى. ئەبۇ تەلھە چاققانلىق بىلەن تۆگىسىدىن سەكرەپ چۈشتى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ! جېنىم ساڭا پىدا بولسۇن. ساڭا بىرەر ئىش بولمىغاندۇ ؟ - دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ياق، لېكىن ئايالىمغا قاراپ باققىن، - دېدى. ئەبۇ تەلھە كېيىمى بىلەن بېشىنى ئوراپ سەفىييەنىڭ قېشىغا باردى ۋە كېيىمىنى سەفىييەنىڭ ئۈستىگە تاشلىدى، سەفىييە ئۆزىنى ئوڭشاپ ئورنىدىن تۇردى. ئەبۇ تەلھە تۆگىنى قايتىدىن راسلاپ بېرىۋىدى، ئۇلار ئىككىسى تۆگىگە مىندى( ).
13- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز ئەھلىنىڭ نىجاتلىق تېپىشىغا ھېرىسمەن ئىدى.
 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز ئەھلىنىڭ ياخشىلىقىغا ھېرىسمەن ئىدى، بولۇپمۇ ئۇلارنى ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشتۈرۈپ، جەننەتكە كىرگۈزۈپ، دوزاختىن يېراقلاشتۇرىدىغان ھەقىقىي نىجاتلىق تېپىشىغا ھېرىسمەن ئىدى. بۇ نىجاتلىق توغرىلۇق ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ھەر بىرجان ئىگىسى ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر. سىلەرنىڭ ئەجرىڭلار (يەنى ئەمەللىرىڭلارنىڭ ساۋابى) قىيامەت كۈنى تولۇق بېرىلىدۇ، كىمكى دوزاختىن يىراق قىلىنغان ۋە جەننەتكە كىرگۈزۈلگەن ئىكەن، ئۇ مۇرادىغا يەتكەن بولىدۇ. دۇنيا تىرىكچىلىكى پەقەت ئالدايدىغان مالدىنلا ئىبارەتتۇر (يەنى ئالدايدىغان نەرسە بولۇپ، ئازغىنا بەھرىمەن بولغاندىن كېيىن تۈگەيدۇ)»( ).
 پەيغەمبەر ئەلەيھىىسسالام ئۆز ئەھلىگە ياخشىلىقنى بايان قىلىپ، ئۇنىڭ يولىغا باشلاپ قوياتتى. ئۇممۇ سەلەمە ئانىمىز مۇنداق دەيدۇ: بىر كېچىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىىسسالام چۆچۈپ ئويغاندى ۋە «ئاللاھ نېمە دېگەن بۈيۈك رەھمەتنى ۋە نېمە دېگەن بۈيۈك پىتنىنى چۈشۈردى ! ئى ھۇجرا ئىگىلىرى ( ئى ئاياللىرىم ) ! كىم ناماز ئۈچۈن ئويغىنىدۇ ؟ ( يەنە بىر رىۋايەتتە نامازغا ئويغىنىڭلار، دەپ كەلگەن ) بۇ دۇنيادىكى قانچىلىغان تون ئىگىلىرى ( دۆلەتمەن ۋە نېمەت ئىگىلىرى ) ئاخىرەتتە يالىڭاچ قالمايدۇ ؟ ! (پۈتۈن نېمەتتىن قۇرۇق قالىدۇ )، - دېدى( ).
14-پەيغەمبەر ئەلەيھىىسسالام ئۆز ئەھلىنىڭ قېشىغا تۇيۇقسىز كىرىپ ئۇلارنى ئوڭايسىزلاندۇرمايىتتى.
 پەيغەمبەر ئەلەيھىىسسالام ئارتۇقچە گۇمان ۋە ھەددىدىن ئاشقان كۈنلەمچىلىكنى يامان كۆرەتتى. ئۆز ئەھلىگە بولغان مۇھەببەت رىشتىسىنى چىڭىتىش ئۈچۈن، ئۇلارنى ئەڭ ياخشى ۋە چىرايلىق ھالىتىدە كۆرۈشنى ئىستەيىتتى. شۇڭلاشقا، قاچانكى بىرەر ئۇزۇن سەپەردىن قايتىپ كەلسە، ئەھلىنىڭ قېشىغا تۇيۇقسىز كىرمەستىن، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى پاكىزلاپ، زىننەتلەپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىىسسالامنى قارشى ئېلىشقا تەييارلىنىۋېلىشلىرى ئۈچۈن، ئۇلارغا ئالدىن خەۋەر قىلىپ قوياتتى. جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىىسسالام بىلەن بىرەر سەپەردىن بىللە قايىتساق، ئۆيىمىزگە كىرمەكچى بولغىنىمىزدا، ئۇ بىزگە: «ئازراق ۋاقىت بېرىڭلار، ئاياللار چېچىنى تارىۋالسۇن، ئېرى سەپەرگە چىقىپ كەتكەن ئاياللار ئۆزلىرىنى ئەرلىرى ئۈچۈن تۈزەشتۈرىۋالسۇن» دەيىتتى.
15- پەيغەمبەر ئەلەيھىىسسالام ياخشىلىقنى ئۆزىدىن ئەھلىگە ئەلا بىلەتتى.
 ئاللاھ پەيغەمبەر ئەلەيھىىسسالامنى مەرد قىلىپ ياراتقان ئىدى. ئۇ دائىم ئۆز ئەھلىنىڭ مەنپەتىنى ئەلا بىلىپ، ئۆزىگە ھەدىيە قىلىنغان ياخشى نەرسىلەرنى ئۇلارغا بېرەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ بىرەرسىڭلارغا ياخشىلىق ئاتا قىلسا، ئۇنى نەپىقە قىلىشنى ئۆزى ۋە ئۆز ئەھلىدىن باشلىسۇن.» پەيغەمبەر ئەلەيھىىسسالامنىڭ بۇ سۆزى قۇرۇق شۇئار بولماستىن، ئۇنى ئەمەلىيەتكە تەتبىقلىغان ئىدى. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: ئانام مەندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىىسسالامغا بىر قاچا ھۆل خورما ئېۋەتتى، ئۇ خورمىدىن بىر ئۇچۇم ئېلىپ بەزى ئاياللىرىغا ئېۋەتتى، يەنە بىر ئۇچۇم ئېلىپ يەنە باشقا ئاياللىرىغا ئېۋەتتى. ئۇ يەنە بىر قانچە ئۇچۇم ئېلىپ شۇنداق قىلدى. ھالبۇكى ئۇنىڭمۇ بۇ خورمىدىن يىگۈسى بار ئىدى( ).
16-پەيغەمبەر ئەلەيھىىسسالام ئۆز ئەھلىگە كەمتەر ئىدى.
 پەيغەمبەر ئەلەيھىىسسالام ساھابىلىرىغا: «كىم ئاللاھ ئۈچۈن كەمتەر بولسا، ئاللاھ ئۇنىڭ شەنىنى كۆتۈرىدۇ» دەپ نەسىھەت قىلاتتى. ھەمدە ئۆزى ھەممە كىشىگە نىسبەتەن بۇنى تەدبىقلىغان ئىدى، بولۇپمۇ ئۆز ئەھلىگە بەكمۇ كەمتەر ئىدى. ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىىسسالام خەيبەردىن ئايالى سەفىييە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بىلەن بىللە قايتتى. مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىىسسالامنىڭ ئايالى تۆگىگە مىنمەكچى بولغاندا، ئولتۇرۇپ ئۇنىڭغا تىزىنى تىكلەپ بەرگەنلىكىنى كۆردۈم. سەفىييە ئۇنىڭ تىزىغا دەسسەپ تۆگىگە مىندى.»( )
17- پەيغەمبەر ئەلەيھىىسسالام ئۆز ئەھلىنىڭ خاتالىقلىرىنى ئەپۇ قىلاتتى.
 پەيغەمبەر ئەلەيھىىسسالام ئۆز ئەھلىنىڭ كۈندەشلىك ھېسىياتىغا ھۆرمەت قىلاتتى، ئۇلار كۈندەشلىك قىلغاندا ئۇلارغا ئاچچىقلىمايىتتى، ئۇلار كۈندەشلىك سەۋەبىدىن بىرەر خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويسا، ئۇلارنى ئەيىبلەپ سەتلىمەيىتتى. ئۇلارنىڭ ھېسىياتىنى توغرا چۈشىنىپ، ھېكمەت بىلەن ئىش كۆرەتتى. ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەلاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئۆيىدە ئىدى. ئۇنىڭ باشقا ئاياللىرىدىن بىرسى بىر قاچىدا تاماق ئەۋەتتى، ئائىشە تاماق ئەكەلگەن خىزمەتچىنىڭ قولىدىكى قاچىنى ئۇرۇپ يەرگە چۈشىرىۋەتتى، ئاندىن ئۇ قاچا چېقىلىپ، تاماق تۈكۈلۈپ كەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قاچىنىڭ سۇنۇقلىرى ۋە تۈكۈلگەن تاماقنى يىغىپ ئالدى، ۋە ئۆيدىكى مىھمانلارغا: ئاناڭلارنىڭ كۈندەشلىكى تۇتۇپ قاپتۇ، سىلەر يەۋىرىڭلار، - دېدى. ھەمدە خىزمەتچىنى كۈتۈپ تۇرۇشقا بۇيرۇپ، ئائىشەنىڭ ئۆيىدىكى ساق قاچىنى ئۇ چېقىۋەتكەن قاچىنىڭ ئورنىغا بەردى( ).
18-پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز ئەھلىنىڭ پىسخىك ھالىتىنى چۈشىنەتتى.
 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇلايىم، كۆيۈمچانلىقى ۋە ئۆز ئەھلى بىلەن دائىملىق ئەسرا بولىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۆز ئەھلىنىڭ كۆڭۈل ھېس-تۇيغۇلىرىنى چۈشىنىشكە ۋە شۇنىڭغا مۇناسىپ توغرا قارار ئېلىشىغا مۇيەسسەر قىلغان ئىدى. ئائىشە ئانىمىز مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، مەن ھەقىقەتەن سېنىڭ مەندىن رازى بولغان ياكى ماڭ ئاچچىقلانغان ۋاقتىڭنى بىلىۋالالايمەن، دېدى. مەن: قانداقسىگە، ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ؟ - دېدىم. ئۇ ماڭا: سەن مەندىن رازى، خۇشال بولساڭ، مۇھەممەسنىڭ رەببى بىلەن قەسەمكى، دەيسەن. ئەگەر مەندىن نارازى، خاپا بولساڭ، ئىبراھىمنىڭ رەببى بىلەن قەسەمكى، دەيسەن، - دېدى. مەن: ھەقىقەتەن شۇنداق، ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى، ئاغزىمدىن شۇنداق چىقىپ كېتىپ قالىدۇ، مېنىڭ ساڭا ئاچچىقلىنىشىم مېنى بۇنىڭدىن ئارتۇق ئىشقا ئاپىرالمايدۇ. – دېدىم( ).
19- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز ئەھلىگە ئادىل ئىدى.
 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز ئەھلى ئارىسىدا، ھەممە ئىشتا ناھايىتى ئادىل ئىدى. ئائىشە ئانىمىز مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزنىڭ ئارىمىزدا كۈننى تەقسىم قىلىشتا ناھايىتى ئادىل ئىدى، ھەر كۈنى ھەممە ئاياللىرىنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇلار بىلەن بىرگە بولماستىن، ھاجەتلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇلارنى يوقلاپ كېلەتتى، كىمنىڭ نۆۋىتى كەلسە شۇنىڭ ئۆيىدە قونۇپ قالاتتى. ھەتتا كېسەل بولۇپ قالغاندىمۇ ئادىللىقنى تەرك ئەتمىگەن ئىدى. ( ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان، ئەلبانى سەھىھ دېگەن ) ئائىشە ئانىمىز يەنە مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى ۋاپات تاپقۇزغان ئاغرىقىدا ئائىشەنىڭ ئۆيىدە بولۇشىنى ئارزۇ قىلىپ، ئەتە كىمنىڭ نۆۋىتى ؟ - دەپ سوراۋەردى، ئاياللىرى ئۇنىڭغا خالىغان يېرىدە تۇرۇشقا ئىزىن بېرىشتى، ئاندىن ئۇ تاكى ۋاپات بولغىچە ئائىشەنىڭ ئۆيىدە تۇردى.»( )

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆز ئەھلى بىلەن بولغان ئىجتىمائىي تۇرمۇشى
1- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز ئەھلىگە مىھرىبان، شەپقەتلىك ئىدى.
 مىھرىبانلىق ھەر ئىشنىڭ زىننىتىدۇر. قاچانكى بىر ئىشتا مىھرىبانلىق بولمايدىكەن، ئۇ قەبىھ ئىشتۇر. ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز ساھابىلىرىگە ئۆگەتكەن ئىلاھىي كۆرسەتمىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەر ئىشتا رەھىمدىل، مىھرىبان ئىدى، ئۆز ئەھلىنى مىھرىبان بولۇشقا بۇيرۇيىتتى، ئۇلارنى تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشلارغا تەكلىپ قىلمايىتتى. ئائىشە ئانىمىز مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئى ئائىشە، مۇلايىم، مىھرىبان بولغىن. ئاللاھ تائالا بىرەر ئائىلىگە رەھمەت قىلىشنى ئىرادە قىلسا، ئۇلارنى ئۆز-ئارا رەھىمدىل، مىھرىبان قىلىدۇ.»( )
2- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز ئەھلىنىڭ خىزمىتىنى قىلاتتى.
 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئېسىل ئەخلاقلىرىدىن: ئۆز ئەھلىنىڭ خىزمىتىدىن باش تارتمايىتتى، ھەمدە ئۇلارنىڭ بەزى ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ بېرەتتى. ئائىشە ئانىمىز، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆيدە نېمە ئىشلارنى قىلاتتى ؟ - دەپ سورالغاندا: ئايىقىنى يامايىتتى، ھەمدە ئەركىشى ئۆيدە قىلىدىغان ئىشلارنى قىلاتتى، - دەپ جاۋاپ بەرگەن. يەنە بىر رىۋايەتتە: سىلەردىن ئەركىشى ئۆيدە قىلىدىغان ئىشلارنى قىلاتتى، ئايىقىنى يامايىتتى، كېيىمگە ياماق سالاتتى، دەپ كەلگەن.( )
3- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز ئىشىنى ئۆزى قىلاتتى.
 ھەر بىر ئىنساننىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ھاجىتى بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ ئىشلىرىنى ئۆزى قىلىپ، ئاياللىرىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتەتتى. ئائىشە ئانىمىز بۇ ھەقتە سورالغاندا: ئۇ ئىنسانلارغا ئوخشاش بىرى ئىدى، كىيىمىدىكى پىتنى ئۆلتۈرەتتى، قوي ساغاتتى، ئۆزىنىڭ ئىشىنى ئۆزى قىلاتتى، - دەپ جاۋاپ بەرگەن( ).
4-پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز ئەھلىگە نەپىقە-چىقىم قىلاتتى.
 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىگە ئەگەشكەنلەرنى مەرھەمەتلىك، سېخىي بولۇشقا بۇيرۇپ مۇنداق دېگەن: ئاللاھ ھەقىقەتەن مەرھەمەتلىكتۇر، مەرھەمەت قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ، سېخىيدۇر، سېخىيلارنى ياخشى كۆرىدۇ»( ). پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىگە ئەگەشكەنلەرنى ئۆز ئەھلىلىرىگە چىقىم قىلىشقا، ئۇنى كىچىك سانىماسلىققا ئۈندەپ مۇنداق دەيدۇ: سەن ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلىنغان بىر دىنار، قۇل ئازاد قىلىشىڭ ئۈچۈن سەرپ قىلغان بىر دىنار، سەن پېقىرغا سەدىقە قىلغان بىر دىنار، ئەھلىڭ ئۈچۈن سەرىپ قىلغان بىر دىنار، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەجىر جەھەتتە ئەڭ بۈيۈكى سەن ئەھلىڭگە چىقىم قىلغىنىڭدۇر»(  ). پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلەر كىشىنىڭ ئۆز ئەھلىگە بولغان مەجبۇرىيەتلىرى توغرىلۇق سورىغاندا مۇنداق دەيدۇ: ئۆزۈڭ يىگەندىن يىگۈزۈشىڭ، ئۆزۈڭ كىيگەندىن كىيگۈزۈشىڭ» دەپ جاۋاپ بەرگەن( ).
5- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز ئەھلىنىڭ راھىتىنى ئىستەيتتى.
 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەر ۋاقىت ئۆز ئەھلىگە ئاسانلىق ۋە راھەت ئىزدەيتتى، بولۇپمۇ قىيىنچىلىق پەيتى بولغان سەپەردە تېخىمۇ شۇنداق ئىدى. ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاياللىرىنى ئېلىپ بىر سەپەرگە چىققان ئىدى، ئۇلار ئولتۇرغان تۆگىنى ئەنجەشە ئىسىملىك بىر خىزمەتچى ھەيدىگەن بولۇپ، ئۇ توۋلاپ تۆگىلەرنى تېز ھەيدىگىلى تۇردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنى كۆرۈپ: ئاستىراق ھەيدىگىن، ئى ئەنجەشە ! قاچىلارنى سۇندۇرۇپ قويىسەن، - دېدى. ( قاچىلاردىن مەقسەت ئاياللىرى بولۇپ، بەزىلەر ئاياللارنىڭ ئاجىز بولغانلىقلىرى ئۈچۈن شۇنداق دېگەن دېسە، يەنە بەزىلەر ئاياللارنىڭ ئاۋازى ئەينەك قاچا شېشىلەردەك سۈزۈك بولغانلىقى ئۈچۈن دەيدۇ، ئاللاھ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر ) بۇنىڭ سەۋەبى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرى تۆگىگە ئارتىلغان كاجۇ ئىچىدە ئولتۇراتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۆگىلەر تېز ھەيدەلسە ئاياللىرىغا بىرەر مالامەت يېتىپ قېلىشىدىن ئەنسىىرەپ شۇنداق دېگەن.
6 - پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز ئەھلىدىن سادىر بولغان خاتالىقلارنى ئەپۇ قىلاتتى.
 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز ئەھلىنىڭ خاتالىقىرىغا مەرتلىك بىلەن، ئۇلارنىڭ قوپاللىقلىرىغا ئوچۇق چىراي بىلەن يۈزلىنەتتى. ئۇلاردىن شەرىئەتكە مۇخالىپ كەلمەيدىغان خاتالىق ئۆتۈلسە، ئەپۇچانلىق بىلەن كۆرمەسكە سالاتتى. ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىز قۇرەيش خەلقى ئاياللارغا گېپىمىز ئۆتىدىغان ئادەملەر ئىدۇق، مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ كەلسەك، مەدىنىلىك ئاياللار ئەرلىرىگە گېپىنى ئۆتكۈزەلەيدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ ئاياللىرىمىز ئۇلارنى ئاياللىرىدىن بۇ ئادەتلىرىنى ئۆگىنىشكە باشلىدى،بىر كۈنى قارىسام ئايالىم ماڭا گەپ ياندۇرىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ماڭا گەپ ياندۇرغانلىقىنى غەلىتە ھېس قىلدىم. ئايالىم: مەن ساڭا جاۋاپ ياندۇرسام ئەجەپ غەلىتە ھېس قىلىپ كەتتىڭغۇ ؟! ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىمۇ ئۇنىڭغا گەپ ياندۇرىدىكەن، ھەتتا ئۇلارنىڭ بەزىلىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بىر كېچە – كۈندۈز گەپ قىلمايدىكەن،- دېدى. شۇنىڭ بىلەن مەن بېرىپ ھەفسەدىن: سەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا جاۋاپ ياندۇرامسەن ؟- دېدىم. ئۇ: ھەئە، - دېدى. مەن: ھەتتا سىلەرنىڭ بىرىڭلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بىر كېچە – كۈندۈز گەپ قىلمايدىغان ئەھۋالمۇ بارمۇ ؟- دەپ سورىدىم. ئۇ: ھەئە، - دېدى. مەن: سىلەردىن بۇنداق قىلغۇچىلار قاتتىق زىيان تارتقۇچىدۇر، سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئاچچىقلانغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ تائالانىڭ غەزەپلىنىشىدىن خاتىرجەم بولالامدۇ ؟ ئەگەر شۇنداق بولغاندا، ئۇ ئايال ھەقىقەتەن ھالاك بولىدۇ، دېگەن گەپ. سەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا گەپ ياندۇرما، بىرەر نەرسىگە ھاجىتىڭ بولسا، ئۇنىڭدىن سورىماي مەندىن سورا، - دېدىم.( )
7- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز ئەھلىنىڭ قىزىقىشلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بېرەتتى.
 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز ئەھلىنىڭ قىزىقىشلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئۇلارنى بەختلىك قىلىشقا ئالدىرايىتتى. ئائىشە ئانىمىز مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا، ھەممە ئاياللاىرىنىڭ كۇنىيىتى بار ئىكەن، مېنىڭلا يوق، - دېسەم، ئۇ ماڭا: ئوغلۇڭ ( جىيەنىڭ ) ئابدۇللاھ بىلەن كۇنىيەتلەنگىن، سەن ئۇممۇ ئابدۇللاھ سەن، - دېدى( ).
8 - پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاياللىرىنىڭ كېسەللىكلىرىگە داۋا قىلاتتى.
 ئىنسان بىرسىنىڭ كۆڭۈل بۆلىشىگە ۋە ئاسرىشىغا مۇھتاج، بولۇپمۇ كېسەل ۋاقىتلىرىدا تېخىمۇ شۇنداق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ نوقتىغا ناھايىتى ئەھمىيەت بەرگەن. ئاياللىرى كېسەل بولۇپ قالغاندا، ئۇلارنىڭ روھىنى كۆتۈرۈشكە، كۆڭلىنى تىنىچلاندۇرۇشقا ھېرىس بولغان ئىدى. ئائىشە ئانىمىز مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاياللىرى ئاغرىپ قالغاندا، ئىخلاس، فەلەق، ناس سۈرىلىرىنى ئوقۇپ سۈفلەپ قوياتتى، ئۇ ئاخىرقى قېتىم ئاغرىپ يېتىپ قالغاندا، مەن ئۇ سۈرىلەرنى ئوقۇپ ئۇنىڭ قولىغا سۈفلەپ، ئاندىن ئۇنىڭ قولى بىلەن ئۇنىڭ بەدىگە سۈردۈم، چۈنكى ئۇنىڭ قولى مېنىڭكىدىن بەرىكەتلىك ئىدى( ).
9- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز ئەھلىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ تۇراتتى.
 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام زىممىسىدىكى يۈكنىڭ ئېغىرلىقى، ئالدىراشلىقىغا قارىماستىن، ئۆز ئەھلىگە كۆڭۈل بۆلەتتى، ئۇلارنى تاشلاپ قويمايىتتى. ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بامدات نامىزىدىن كېيىن، ئۆز ئورنىدا ئولتۇراتتى، كىشىلەر ئۇنى چۆرىدەپ ئولتۇرىشاتتى. كۈن چىققاندا ئۇلاردىن ئايرىلىپ،ئاياللىرىنىڭ قېشىغا بىر – بىرلەپ بېرىپ، ئۇلارغا سالام قىلاتتى. ئاندىن كىمنىڭ نۆۋىتى كەلگەن بولسا، شۇنىڭ قېشىدا بولاتتى( ).
10- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز ئەھلى بىلەن كېڭىشەتتى ۋە ئۇلارنىڭ مەسلىھەتىنى ئالاتتى.
 كېڭىشىش ۋە مەسلىھەتلىشىش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئادىتى ئىدى. ئۇ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن كېڭىشىپ ئۇلارنىڭ مەسلىھەتىنى ئېلىپ، ئۇلارنىڭ پايدىلىق ئوي-پىكىرلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىناتتى. ئۇلارنى ئۈممەتنىڭ غېمىگە ئورتاقلاشتۇراتتى. بۇ ئارقىلىق، ئاللاھ ۋەھىي چۈشۈرمىگەن ئىشلاردا توغرا قارار ئېلىشقا تىرىشاتتى. ئۇرۋە ئىبنى زۇبەيىر مەرۋان ئىبنى ھەكەم ۋە مىسۋەر ئىبنى مەخرەمەنىڭ ھۇدەيبىيە سۈلھىسى توغرىلۇق مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: ھۇدەيبىيە سۈلھىسى تۈزۈلۈپ بولغاندىن كېيىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىشىلەرگە: «ئەي كىشىلەر، ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ، ئاندىن چېچىڭلارنى چۈشۈرۈپ، ئېھرامدىن چىقىڭلار» دېدى. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى بىرمۇ ئادەم ئورنىدىن تۇرمىدى، ھەتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈچ قېتىم دېسىمۇ، ھېچكىم ئورنىدىن تۇرمىدى. سۈلھى ئۇلارغا ئېغىر كەلگەن ئىدى. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇممۇ سەلەمنىڭ قېشىغا كىرىپ، ئۇنىڭغا: كىشىلەرنىڭ قىلغىنىنى كۆرمەمسەن، بۇيرۇقىمنى ئاڭلاشمىدى، - دېدى. ئۇممۇ سەلەمە: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، ئۇلارغا مالامەت قىلمىغىن، سېنىڭ قىلغان سۈلھىيىڭ ئۇلارغا ئېغىر كەلدى. سىرتقا چىققىن، ھېچكىمگە گەپ قىلماستىن، قۇربانلىقنى بوغۇزلا ۋە چېچىڭنى چۈشۈرۈپ ئېھرامدىن چىققىن. شۇنداق قىلساڭ كىشىلەر سەن قىلغاننى قىلىدۇ، - دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇممۇ سەلەمە دېگەندەك، ھېچكىمگە گەپ قىلماستىن قۇربانلىقنى بوغۇزلىدى، ۋە چېچىنى چۈشۈرۈپ، ئېھرامدىن چىقتى. كىشىلەر بۇنى كۆرۈپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىلغاندەك قىىلىشتى. بەزىلەر چېچىنى چۈشۈردى، بەزىلەر قىسقارتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئى ئاللاھىم، چېچىنى چۈشۈرگەنلەرگە مەغفىرەت قىلغىن، دەپ دۇئا قىلدى. ئاندىن ئۇنىڭغا: قىسقارتقانلارغىمۇ، ئى رەسۇلۇللاھ، - دېيىلدى. تاكى ئۈچىنچى قېتىمدا: ۋە قىسقارتقانلارغىمۇ مەغفىرەت قىلغىن، - دېدى( ).
11- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز ئەھلىنىڭ ھوقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا ئۇلاردىن ئىزىن سورايتتى.
 ئاللاھ تائالانىڭ سۆزلىرى ھەقتۇر ! ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: «(ئى مۇھەممەد!) سەن ھەقىقەتەن بۈيۈك ئەخلاققا ئىگىسەن»( ). پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاغرىپ قالغان ۋاقىتلىرىدىمۇ ئۆز ئەھلى ئارىسىدا ئادىل ئىدى، ئۇلاردىن ئىزىن سورىماستىن تەرك ئەتمەيىتتى ۋە ئۇلارنىڭ ھوقۇقلىرىنى زايا قىلىۋەتمەيىتتى. ئائىشە ئانىمىز مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاغرىپ قالغاندا ئاياللىرىنى يىغدى ۋە ئۇلارغا: مەن ھەر بىرىڭلارنى ئايلىنىشقا قادىر بولالمىدىم ( بولالمايمەن )، ئەگەر مۇناسىپ كۆرسەڭلار ئائىشەنىڭ قېشىدا تۇرۇشۇمغا ئىجازەت بەرسەڭلار ! – دېدى. ئاياللىرى ئۇنىڭغا ئىزىن بەردى( ).
12- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز ئەھلىنى بەختلىك، خۇشال-خورام قىلىشنى ياخشى كۆرەتتى.
 كىشىلەرنى، بولۇپمۇ يېقىن تۇققانلىرىنى بەختلىك، خۇشال-خۇرام قىلىش بىر شەرئىي تەلەپ. ئائىشە ئانىمىز مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەرھەمەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرگەندىن كېيىن ئۇنىڭغا، ماڭا دۇئا قىلغىن، دېسەم، ئۇ: ئى ئاللاھ، ئائىشەنىڭ بۇرۇنقى ۋە كېيىنكى، ئاشكارە ۋە يۇشۇرۇن گۇناھلىرىنىڭ ھەممىنى مەغفىرەت قىلغىن، - دەپ دۇئا قىلدى. مەن ھەتتا بېشىم ئىگىلىپ يۇتامغا تەگكۈدەك بولۇپ كۈلۈپ كەتتىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا: مېنىڭ قىلغان دۇئايىم سېنى خۇشال قىلمىدىمۇ ؟ - دېدى. مەن: نېمىشقا خۇشال قىلمىغۇدەك ؟! دېسەم: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن ھەر نامازنىڭ ئارقىسىدا، ئۈممىتىم ئۈچۈن مۇشۇ دۇئانى قىلىمەن، - دېدى( ).
13- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز ئەھلىگە ئەدەپ ئۆگىتەتتى.
 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز ئەھلىگە مۇلايىم ۋە قىزغىن بولۇش بىلەن بىرگە، ھەممە ئىشلىرىدا ھېكمەت بىلەن ئىش قىلاتتى. ئەگەر ئەھلىدىن كۆز يۇمسا بولمىغىدەك خاتالىق ئۆتسە، ئۇلارنى ئۇ خاتالىقنىڭ ئاقىۋىتىدىن قورقۇتۇش، ئاگاھلاندۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن چەكلەش يولىنى تۇتقان ئىدى. ئائىشە ئانىمىز مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا (سەفىييە توغىرلىق ): قويسىلا ئۇ پاكىنەكنى، - دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: سەن ھەقىقەتەن بىر سۆزنى قىلدىڭكى، ئەگەر ئۇ دېڭىز ئارلاشتۇرۇلسا، ئەلۋەتتە ئۇنى بۇلغاشقا يېتەتتى،– دېدى( ).
14- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز ئەھلىدە يۈز بەرگەن مەسلىلەرنى ياخشى ھەل قىلاتتى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇسلۇبلىرىدىن: ئۆز ئەھلىدە يۈز بەرگەن مەسلىلەرنى شەرىئەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك يوللىرى بىلەن، ئەگەر ئۇ شەرىئەتكە ئالاقىدار بولمىسا، ئەقلىي ۋە مەنتىقىلىق سۆزلەر بىلەن ھەل قىلاتتى. ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: سەفىييەگە ھەفىسەنىڭ ئۇنى «يەھۇدىينىڭ قىزى» دېگەنلىكى يەتتى. ئۇ شۇ سەۋەپلىك يىغلاپ ئولتۇرغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىرىپ قالدى ۋە ئۇنىڭدىن: نېمىگە يىغلايسىز ؟ - دەپ سورىدى. ئۇ: ھەفىسە مېنى يەھۇدىينىڭ قىزى دېدى، - دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: سىز ھەقىقەتەن پەيغەمبەرنىڭ قىزى، تاغىڭىزمۇ پەيغەمبەر، ئېرىڭىزمۇ پەيغەمبەر تۇرسا، ئۇ نېمە بىلەن سىزگە پەخىر قىلىدۇ؟!- دېدى. ئاندىن ھەفىسەگە: ئى ھەفىسە، ئاللاھتىن قورقۇڭ، - دېدى.
15- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز ئەھلىنىڭ ئۆزرىسىنى قوبۇل قىلاتتى.
 خاتالىق دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدۇ، بولۇپمۇ كۈندىلىك ئائىلە تۇرمۇشىدا تېخىمۇ شۇنداق. بۇنداق ۋاقىتتا قارشى تەرەپنىڭ ئۆزرىسىنى قوبۇل قىلىش بولسا، ساپ قەلب ۋە ياخشى تەبىئەتنىڭ ئىپادىسى. بۇ جەھەتتە كىممۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يېتەلىسۇن ؟! پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئائىشەنى ساقلاپ تۇراتتى، ئائىشە كېچكىپ قالدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: نېمىشقا كېچىكتىڭ ؟ - دەپ سورىدى. ئائىشە: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، مەن بىرسىنىڭ قىرائىتىنى ئاڭلاپ تۇرۇپ قاپتىمەن. مەن ھېچقاچان ئۇنىڭدەك چىرايلىق ئاۋازنى ئاڭلاپ باقمىغان، - دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇ كىشىنىڭ قىرائىتىنى ئۇزۇن ئاڭلىغاندىن كېيىن: بۇ ئەبۇ ھۇزەيفەنىڭ ئازاد گەردىسى سالىم، ئۈممىتىمدە ئۇنىڭغا ئوخشاش بىرسىنى بار قىلغان ئاللاھقا ھەمدۇ-سانالار بولسۇن، - دېدى( ).
16-پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز ئەھلىنى خۇشال قىلاتتى.
 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز ئەھلىگە ئۇلارنى خۇشال، خاتىرجەم قىلىدىغان نەرسىلەرنى ئاڭلىتىشنى ياخشى كۆرەتتى. ئائىشە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: سەن مېنىڭ ئككىلا دۇنيادا ئايالىم بولۇشقا رازى بولمامسەن ؟ - دېدى. مەن: ئەلۋەتتە رازى بولىمەن، - دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: سەن مېنىڭ ئىككىلا دۇنيادىكى ئايالىم سەن، - دېدى( ).
17- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز ئەھلىگە مېھرىبان ۋە مۇلايىم ئىدى.
 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز ئەتراپىدىكىلەرگە ناھايىتى مۇلايىم ۋە مىھرىبان ئىدى، ئۇلارغا ئېسىل ئەخلاق بىلەن مۇئامىلە قىلاتتى. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:: «(ئى مۇھەممەد!) سەن ھەقىقەتەن بۈيۈك ئەخلاققا ئىگىسەن» . بۇ گۈزەل ئەخلاقنىڭ نېسىۋىدارلىرى تەبىئىيكى ئۇنىڭ ئەھلى ئىدى. ئائىشە ئانىمىز مۇنداق دەيدۇ: مەن ھەيىزدار ۋاقتىمدا قەدەھتە سۇ ئىچسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېنىڭ ئاغزىم تەگكەن يەردىن ئىچەتتى. مەن سۈڭەكلىك گۆشنى غاجاپ يىسەم، مېنىڭ ئاغزىم تەگكەن يەردىن غاجاپ يەيىتتى.»( )
18-پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز ئەھلىگە ناھايىتى ئەپۇچان ئىدى.
 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەمما ئىشتا ئەپۇچان، مۇلايىم ئىدى. گەرچە قەستەن خاتالىق بولسىمۇ ئۆزرە قوبۇل قىلاتتى. خاتالىق ئۆتكۈزگەن كىشى دۈشمىنى بولغان تەقدىردىمۇ ئۆزرىگە يول قوياتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كۈنلۈك ھارغىنلىقتىن كېيىن ئۆز ئەھلىدىن: يىگۈدەك بىر نېمە بارمۇ ؟ - دەپ سورايىتتى. ئۇلار: يوق، - دېسە، ئۇ: ئۇنداقتا مەن روزىدارمەن، دەيىتتى.( ) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا قوپاللىق، قاتتىقلىق بىلەن ئەمەس، كەڭ قۇرساقلىق بىلەن جاۋاپ قايتۇرۇپ، ئۆزرىلىرىنى قوبۇل قىلاتتى.

خاتىمە

ئىسلامدىكى ئەر-ئايال ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت مۇھەببەت، ئۆز-ئارا ئېھتىرام، رەھىمدىللىك، بىر-بىرىنىڭ قەدرىگە يېتىش ئۈستىگە قۇرۇلغان مۇناسىۋەتتۇر. ئايال كىشى ئايال بولۇش سۈپىتى بىلەن ياخشى كۆرىلىدۇ ؛ بىر قىز بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاسرىلىپ، رەھىم قىلىنىدۇ ؛ ئانا بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىززەت-ئىكرام، ئېھتىرام قىلىنىدۇ. ئايال كىشى يېشى چوڭايغانسىرى ئۇنىڭ قەدىر-قىممىتى ئۆسىدۇ ۋە تېخىمۇ ھۆرمەتكە لايىق بولىدۇ. ئىسلامدا ئەر-ئايال ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق كېلىشەلمەسلىك مەۋجۈت ئەمەس، چۈنكى ئەر-ئايال بىر-بىرىنى تولۇقلاپ تاكامۇللاشتۇرۇش ئۈچۈن يارىتىلغان. ئەر كىشىنىڭ نۇقسانىنى ئايال كىشى ياپىدۇ، ئايال كىشىنىڭ نوقسانىنى ئەر كىشى ياپىدۇ. شۇڭا ئىسلام شەرىئىتى ئايال كىشىگە ئۇنىڭ ئەقلىي، جىسمانى ۋە ھېسىيات ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان شەرئىي ۋە ئىجتىمائىي مەجبۇرىيەتلەرنى يۈكلىگەن. ئەر كىشىگىمۇ ئۇنىڭ يارىتىلىشىغا ماس كېلىدىغان مەجبۇرىيەتلەرنى يۈكلىگەن. شۇڭلاشقا ئۇلارنىڭمۇ بىر-بىرىگە ئوخشىمىغان ھوقۇقلىرى بولىدۇ، ئىسلام بەلگىلىگەن بۇ ھوقۇقلار ئەر-ئايال ئوتتۇرىسىدا مېھىر-مۇھەببەت، خاتىرجەملىك بەرپا قىلىشنىڭ ئاساسىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «اﷲ سىلەر (نىڭ ئۇنى ـ ئۈلپەت ئېلىشىڭلار) ئۈچۈن خوتۇنۇڭلارنى ئۆز تىپىڭلاردىن ياراتتى، سىلەر ئۈچۈن ئۇلاردىن ئوغۇللارنى ۋە نەۋرىلەرنى ياراتتى. سىلەرگە تۈرلۈك شېرىن نەرسىلەرنى رىزىق قىلىپ بەردى. ئۇلار باتىلغا (يەنى بۇتلارغا) ئىشىنىپ اﷲ نىڭ نېمىتىگە كۇفرىلىق قىلامدۇ؟»( )
 يەنە شۇنداقلا، ئىسلام ئەر كىشىگە ھارام قىلغان نەرسىلەرنىڭ بەزىلىرىنى ئايال كىشىگە ھالال قىلىپ بەردى ؛ ئايال كىشىگە ھارام قىلغان بەزى نەرسىلەرنى ئەر كىشىگە ھالال قىلىپ بەردى. چۈنكى ئەر بىلەن ئايال ئوخشىمايدىغان تەبىئەتتە يارىتىلغان، شۇڭا ئۇلارغا يۈكلىنىدىغان ۋەزىپە، مەجبۇرىيەت قاتارلىقلارمۇ تەبىئىيلا ئوخشىمايدۇ، ئەلۋەتتە. ماشىنىنى مىسالغا ئالساق، دېزىل مېيىدا ماڭىدىغان ماشىنىغا بېنزىن قۇيغىلى بولمايدۇ ؛ بېنزىندا ماڭىدىغان ماشىنىغا دېزىل مېيى ماس كەلمەيدۇ. ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ماشىنا.
 مانا بۇ بىز ئۈلگىمىز ۋە يولباشچىمىز بولغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىزگە ئۆگەتكەن، ئۆز ئەھلىمىزگە بولۇشقا تېگىشلىك ئەخلاقىمىز. ئۇ بىزگە ھەر بىر ياخشى مۇئامىلىنى ئەجىر بېرىلىدىغان ياخشى ئەمەل ؛ ھەر بىر ناچار مۇئامىلىنى گۇناھ يېزىلىدىغان يامان ئەمەل دەپ ئۆگىتىدۇ. بۇ ئەمەلىي تۇرمۇشقا تەدبىقلىنىدىغان ئىسلام ئەخلاقى بولۇپ، قەغەز يۈزىدە نەزەرىيە پېتى قالىدىغان، تەدبىقلاش مۇمكىن بولمايدىغان ۋە ياكى يازغۇچىسى تەدبىقلاشتىن ئەڭ يىراقتا بولغان نەزەرىيە ئەمەستۇر.
 ئاللاھنىڭ نامى بىلەن سورايمەنكى، ئېيتىپ باققىن، دۇنيادا ئۆز ئەھلىگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىنمۇ بەكرەك ئېسىل مۇئامىلە قىلىدىغان بىرەرسى بارمۇ ؟! پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئۈلگىلىرىگە ئىقتىدا قىلىش، ئىسلام دىنى ئەر-ئاياللارغا بەلىگىلەپ بەرگەن ھەق-ھوقۇقنى بىلمەسلىك، ئۇنىڭغا سەل قاراش سەۋەبىدىن يۈز بېرىۋاتقان ئائىلدىكى مەسلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىنبىر يولىدۇر. چۈنكى بۇ ھەق-ھوقۇقنى ئادا قىلىش كىشىنى ئاللاھنىڭ رەھمەت-مەغپىرىتىگە ئېرىشتۈرىدىغان ئىتائەتنىڭ جۈملىسىدىندۇر. ئۇنىڭغا سەل قاراش ۋە ئۇنى ئادا قىلىشتا سۇسلۇق قىلىش جازاغا لايىق ئىسىياندۇر.
 بۈگۈنكى زاماندا، دۇنيادا، بولۇپمۇ مۇسۇلمانلارنىڭ ئائىلىلىرىدە يۈز بېرىۋاتقان بارچە ئائىلىۋى مەسلىلەرنىڭ ھەممىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگەشمەسلىك، كۆرسەتمىلىرىگە بويسۇنماسلىق قاتارلىقلارنىڭ نەتىجىسىدۇر.
 مانا بۇ بىزنى تاكامۇللۇققا ئاپىرىدىغان، پۈتكۈل كائىناتتىكى بارچە نەرسىگە ئېسىل مۇئامىلە قىلىشقا بۇيرۇيدىغان ئىسلام ئەخلاقىدۇر.
 
www.islamland.com