ئسلام دىنې تىنچلق دىنېدۇر

ئسلام دىنې تىنچلق دىنېدۇر

ئسلام دىنې تىنچلق دىنېدۇر

الإسلام دين السلام باللغة الإيغورية

 

 

 

ئابدۇكېرەم شەيها نىڭ ئوغلى ئابدۇراخمان

د. عبد الرحمن بن عبد الكريم الشيحة

 

 

تەرجىمىسى

ياۋروپا ئىسلام تەتقىقات مەركىزى

المركز الأوروبي للدراسات الإسلامية

 

 

www.islamland.com

 

 

 

ئسلام دىنې تىنچلق دىنېدۇر

ناھايتى شەپقەتلىك ۋە مھربان ئاللانىڭ ئسمي بىلەن باشلايمەن

جىمي ھەمدو سانا ئالەملەرنىڭ رەببي ئاللاھقا خاستۇر، دۇرۇت ۋە سالاملارپەيغەمبرمىز مۇھەممەت ئەلەيھىسىلام ۋە ئۇنىڭ ئەھلي ۋە ساھابلىرغا بولسۇن.

كىرىش سۆز:

ئىسلام نۇرى چاقناشتىن ئىلگىرى زېمىن قانلىق ئۇرۇش تۈپەيلى نەچچە مىليون كىشىنى جېنىدىن ئايرىلغان بىر پارچە لاۋۇلداپ تۇرغان چوققا ئوخشايتتى.ئىنسانلار لۇغىتىدىن خاتىرجەملىك دېگەن سۆزنى ئۆچۈرۈپ تاشلىغان ئىدى.ئەگەر بىز پەقەت ياۋروپا قىتەسىگە قارايدىغان بولساق.چېگراسىنىڭ بىر كۈنمۇ مۇقىم تۇرمىغانلىقىنى،بەلكى ياۋروپا دۆلەتلىرى بىر بىرىگە ھۇجۇم قىلىپ،ئۆزىگە ئەگەشتۈرۈش ۋە قول ئاستىغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن باشقىلارنى بېسىپ باج سېلىقلارنى سالغانلىقىنى ئىنسانلار ئارىسىدا بىر بىرىدىن چىرايى دىننىي مىللىتى ۋە ياكى مەزھەپ ئوخشىماسلىقى ۋە دۇنيا مەنپەئەتى ئۈچۈن ئۆچمەنلىك ئۇرۇقىنى تارقاتقانلىقىنى،ۋە شۇ زامانلاردا ئىنسانلار ھاياتىنىڭ ھېچ ھەققى ھۆرمىتى قالمىغانلىقىنى گەرچە ئۇ ئۇرۇش قىلسۇن ياكى قىلمىسۇن.ئوخشاشلا، ئائلىسى بىلەن قوشۇپ بوغۇزلىنىدىغانلىقىنى مال مۈلۈكلىرىنىڭ بولۇنۇپ قىز ئاياللىرىنىڭ ئىپپىتىگە چېقىلىپ ئاخىرىدا قۇل قىلىپ، بازاردا سېتىلىدىغانلىقىنى ئىنسانلارنىڭ تىنچلىق ياكى مۇقىملىق دېگەن نەرسىنى تاپالمايدىغانلىقىنى، پەقەت ئورۇش تېررورلۇق ئەنسىرەش، قورقۇش، قۇل قىلىنىش يۇرتلىرىدىن پالىنىش.ۋە ھەددىدىن ئاشقان زۇلۇمنىلا بىلىدىغانلىقىنى تاپىمىز ئىنسانلار ئىسلام كېلىشتىن ئىلگىرى ھەر كىشى ئۆزى خالىغان دىنغا، ئېتىقاد قىلسا بولىدىغان ئېتىقاد ھۆرلۈكى ئۇقۇمىنى بىلمەيتتى. بەلكى خەلقنىڭ ئارىسىدا جەزمەن خەلق پادىشاھنىڭ دىنىدا دېگەن قائىدە تارقالغان ئىدى.بىزانتيه ئىمپېراتورىسىدىكى، بىر كىشىنىڭ دۈشمەن بولغان فارىس ئىمپېراتورىسى دىنغا ئېتىقاد قىلىشى چەكلىنەتتى ۋە خائىنلىق سانىلىپ ئۆلتۈرۈلەتتى، شۇنىڭغا ئوخشاش فارىس ئىمپېراتورىسىدىكى، ھېچ كىشىنىڭ باشقا دۆلەتنىڭ دىنىغا كىرىشى چەكلىنەتتى، وه خائىن سانلىپ ئۆلتۈرۈلۈشى ۋاجىپ قىلىناتتى.ھەتتا بىر دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان كىشىلەر ئارىسىدا مەزھەپ ئۆچمەنلىكى تۈپەيلى.ئارسىزوكس ناسارالىرى بىلەن كاتولىك ناسارالىرى، ۋە باشقا ناسارا مەزھەپلەر ئارىسىدا.نۇرغۇنلىغان دىننىي ئۇرۇشلار يۈز بەردى.چۈنكى ئۇ زاماندىكى قائىدە، ھەر قانداق كىشى بىرسى بىلەن قارشىېلىشىپ ئىختىلاپلاشسا ئۇنى تېررورچى ياكى خائىن دەپ ئۆلتۈرۈۋېتەتتى ياكى تۈرمىگە تاشلايتتى.

 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام زېمىن ئەھلىنىڭ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشى، ۋە ھەددىدىن ئاشقان زۇلۇمىنى سۈپەتلەپ مۇنداق دەيدۇ

(جەزمەن ئاللاھتائالا مېنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىشنى ئىلگىرى زېمىن ئەھلىگە قارادى، ۋە توغرا يولدا بولغان بەزى ئەھلى كىتاب مۇوھىتلەردىن باشقا، ئەرەب ۋە ئەجەم ھەممىسىنى ئۆچ كۆردى.

مانا مۇشۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلام پۈتۈن ئالەمگە تىنچلىق ۋە ئاسايىشلىق ئېلىپ كەلدى.ۋە ئاشقانلىقىنى، زۇلۇمنى تىنچ ياشاۋاتقان ئاھالىلەرگە تاجاۋۇز قىلىشنى هارام قىلدى، ۋە ئۇرۇشتا ئەسىرگەچۈشكەنلەرگە ئەسەرلەر ھوقۇقىنى جنيف كېلىشىمنامىسىدىن بىر مىڭ تۆت يۈز يىل بۇرۇن بېكىتى، ۋە ئادىللىققا، باراۋەرلىككە ۋە ئۆچ كۆرۈش ئۈستىگە قۇرۇلغان رەڭ ۋە مىللەت ۋە يۇرت ئايرىيدىغان ئىرقىي ئايرىمىچىلىقلارنى يوقىتىشقا بۇيرۇدى، ۋە ھاكىملارنىڭ پۇقرالار ئۈستىگە يۈرگۈزگەن زورلۇق زومبۇلۇق قىلمىشىنى ۋە دىننى مەجبۇرىي تېڭىپ ئىسلام رىسالىسىنىڭ ئۇلارغا يېتىپ كېلىشىنى توسقانلىقىنى قاتتىق تەنقىدلىدى ۋە ئىسلام دۆلىتىدە ياشاۋاتقان غەيرى مۇسۇلمانلارنىڭ مېلىغا ۋە جېنىغا

ۋە يۈز ئابرويىغا چېقىلىشنى ھارام قىلدى ۋە ئۇلارغا نۇرغۇنلىغان ھەق ھوقۇقلارنى بېكىتىب بېرىپ، كېلىشىم ۋە ئەھدىنامىلارنى ئېھتىرام قىلىشقا، ئاسىيلىق ۋە خائىنلىق قىلماسلىققا چاقىردى.

بىز تۆۋەندە يۇقىرىقى مەزمۇنلارنى بىر قەدەر تەپسىلىي ھالدا بايان قىلىمىز، ئىنشائاللاھ.

ۋە ئاللاھ تائالادىن بۇ كىتابچىنى ئىسلام دىنىنى چۈشىنىشنى مەقسەت قىلغان ھەر كىشىنىڭ قەلبىنى يورۇتۇشقا سەۋەبچى بولۇشنى تىلەيمىز.

 

ئابدۇكېرەم شەيها نىڭ ئوغلى ئابدۇراخمان

 

../../../../../../../Documents/MY%20SITES%20&%20PROJECTS/PROJECTS%20&%20SITES/ISLAML

www.islamland.com

 

 

 

ئىسلامنىڭ مەنىسى.

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن ئىسلامدىكى تىنچلىق ئۇقىمني، چۈشىنىش ئۈچۈن، ئىسلام دېگەن سۆزنىڭ ئومۇمىي مەنىسىنى بېرىش كېرەك.

ئىسلام كه لىمىسى خاتىرجەملىك، قۇللۇقتىن ئازاد بولۇش دېگەندەك نۇرغۇن مەنالارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئىسلام كەلىمىسىنىڭ شەرھى مەناسى: بەندىنىڭ ئالەملەرنىڭ ئىگىسى ئاللاھ تالاغا پۈتۈن روھىي ۋە جەسىتى بىلەن تەسلىم بولۇش دېمەكتۇر.

مانا بو ئىسلام ئاللاھنىڭ ئەمىر پەرمانىغا ئەگىشىش، توسقىنىدىن يېنىش، ۋە ئاللاھ نىڭ بېكەتىكەن قازائي قەدرىگە بويسۇنۇش بىلەن ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: "ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارى ئۇنىڭغا: «(پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەمرىگە) ئىتائەت قىلغىن» دېدى. ئۇ: «ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىغا ئىتائەت قىلدىم»" [1].

مانا بۇ ھەربىر مۇسۇلمان تۇتۇپ مېڭىشقا تېگىشلىك بولغان ھەقىقەتەن ئىسلام دۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:"

(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «مېنىڭ نامىزىم، قۇربانلىقىم، ھاياتىم ۋە ماماتىم (دۇنيادا قىلغان ياخشىلىقلىرىم ۋە تائەت - ئىبادەتلىرىم) ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ا ئۈچۈندۇر"[2].

ئىسلام بولسا جەننەتنىڭ ئىسىملىرىدىن بىرسىدۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: "پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ئۇلارغا دارى سالام (يەنى جەننەت) بار، ئۇلارنىڭ قىلغان (ياخشى) ئەمەللىرى ئۈچۈن ا ئۇلارغا مەدەتكاردۇر" [3].

 ئەسسالام بولسا، جەننەت ئەھلىنىڭ بىر بىرىگە قىلىدىغان سالىمىدۇر. ئاللاھ بىزلەرنى جەننەت ئەھلىدىن قىلسۇن بۇ ھەقتە ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:" ئۇلار ا قا مۇلاقات بولغان كۈندە ئۇلارغا ا تەرىپىدىن يوللىنىدىغان سالام (سىلەرگە) ئامانلىق بولسۇن (دېگەن سۆزدىن ئىبارەت)، ا ئۇلارغا ئېسىل مۇكاپات تەييارلىدى" [4].

ئەسسالام مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى ھۆرمەت سۆزىدۇر.

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بره كاتوهو ئۇ نېمە دېگەن گۈزەل ۋە يېقىملىق بىر كەلىمە، بۇ ھۆرمەت سۆزىنى ئېيتقۇچى ۋە ئاڭلىغۇچىنىڭ كۆڭۈللىرى يېقىنلىشىدۇ، قەلبلىرىدىكى ئۆچمەننى يۇقىتىپ، ئىنسانغا خاتىرجەملىك ۋە نەپسىگە ھوزۇر بېرىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ سۆزنى مۇسۇلماننىڭ ئىمانى تولۇقلىغۇچى ئامىل ساناپ مۇنداق دېگەن:سىلەر مۆمىن بولمىغىچە، جەننەتكە كىرەلمەيسىلەر.ۋە ياخشى كۆرۈشمىگۈچە بولمايسىلەر.ئەگەر سىلەر قىلساڭلار بىر بىرىڭلارنى ياخشى كۆرىدىغان بىر ئەمەلنى دەپ بېرەيمۇ؟سالامنى كەڭرى قىلىڭلار (تونۇغان ۋە تونۇمىغان كىشىلەرگە سالام قىلىش) [5].

 ۋە شۇنىڭدەك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سالامنى ياخشى ئىشلار قاتارىدىن ساناپ. ئىسلامدىكى ئەڭ ياخشى ئەمەللەر توغرىسىدا سورالغاندا.باشقىلارغا تاماق بېرىشىڭ تونۇغان ۋە تونۇمىغان كىشىلەرگە سالام قىلىشىڭ، دەپ جاۋاب بەردى.

ھەقىقەتەن، ئىسلام دىنى پۈتۈن ئىنسانلارنى ياخشىلىقنىڭ يوللارغا يېتەكلەپ. شېرىك ۋە زۇلۇمدىن ئىسلامنىڭ نورىغا چىقىرىشقائىنسانلارنى ئىنسانلارغا ئىبادەت قىلىشتىن.ئىنسانلارنىڭ رەببى ئاللاھقا ئىبادەت قېلىش يوللىرىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن كەلدى.

كېمىكى ئىسلام دىنىغا، خالىس نىيەت بىلەن ئەگەشسە، ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىدۇ، ۋە پات يېقىندا ئاللاھ ئۇ كىشىنى تۈپ تۈز بولغان توغرا يولغا باشلاپ قويىدۇ، بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

"ئى ئەھلى كىتاب! (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) سىلەرگە سىلەر كىتابتا (ئىنجىلدا ۋە تەۋراتتا) يوشۇرغان نۇرغۇن نەرسىلەرنى بايان قىلىپ بېرىدىغان ۋە (يوشۇرغان نەرسىلەردىن) نۇرغۇنىنى كەچۈرىدىغان (ئاشكارىلاپ سىلەرنى پاش قىلمايدىغان) رەسۇلىمىز كەلدى، سىلەرگە ا تەرىپىدىن نۇر (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) ۋە روشەن كىتاب (يەنى قۇرئان) كەلدى،ا شۇ كىتاب (يەنى قۇرئان) ئارقىلىق رازىلىقىنى تىلىگەنلەرنى سالامەتلىك يوللىرى (ا نىڭ شەرىئىتى ۋە ئۇنىڭ ئەھكاملىرى) غا يېتەكلەيدۇ، ئىرادىسى بويىچە ئۇلارنى (كۇفرى) قاراڭغۇلۇقىدىن (ئىماننىڭ) نۇرىغا چىقىرىدۇ ۋە ئۇلارنى توغرا يولغا ھىدايەت قىلىدۇ" [6].

 جەزمەن ئىسلام دىنى ھەقىقىي تۈردىكى، ئىنسانىيەتنىڭ پۈتۈن مەنپەئىتىنى قوغدايدىغان بىر تىنچلىق دىنى. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: (ھەقىقىي مۇسۇلمان دېگەن باشقا مۇسۇلمانلار ئۇ كىشىنىڭ تىلى ۋە قولىدىن زىيان كەلمەيدىغان كىشىدۇر. ھىجرەت قىلغۇچى دېگەن ئاللاھ توسقان يامان ئىشلاردىن يانغان كىشىدۇر) [7].

ۋە يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن، مۆمىن دېگەن خالايىقلار ئۇ كىشىدىن قانلىرى، ۋە ماللىرى ئامان بولغان كىشىدۇر.

 

 

ئىسلام دىنى باشقىلارنى مەجبۇرلاش ئارقىلىق تارقالغانمۇ؟

جەزمەن ئىسلامنىڭ ئاساسلىق تەلىماتلىرى دىن دۈشمەنلىرىنىڭ تارقىتىپ يۈرگەن بۇنداق تۆھمەتلىرىگە رەددىيە بېرىدۇ، بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:"دىندا (ئۇنىڭغا كىرىشكە) زورلاش يوقتۇر، ھىدايەت گۇمراھلىقتىن ئېنىق ئايرىلدى، كىمكى تاغۇت (يەنى ا تىن باشقا بارچە مەبۇد) نى ئىنكار قىلىپ، ا قا ئىمان ئېيتىدىكەن، ئۇ سۇنماس، مەھكەم تۇتقىنى تۇتقان بولىدۇ، اﷲ (بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئىشلىرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر " [8]. ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:"ئەگەر پەرۋەردىگارىڭ خالىسا ئىدى، ئەلۋەتتە، يەر يۈزىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئىمان ئېيتاتتى، سەن كىشىلەرنى مۇسۇلمان بولۇشقا مەجبۇرلامسەن."[9]       .

يەنە ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:"ئى مۇھەممەد!) «(بۇ) ھەق (قۇرئان) پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن نازىل بولىدۇ، خالىغان ئادەم ئىمان ئېيتسۇن، خالىغان ئادەم كاپىر بولسۇن» دېگىن" سۈرە كەف 29.

يەنە ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:"ئەگەر ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار ئىماندىن) يۈز ئۆرۈسە (ساڭا ھېچ زىيىنى يوق)، سېنىڭ ۋەزىپەڭ پەقەت روشەن تەبلىغ قىلىشتۇر" [10].

 يەنە ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:"سەن (ئۇلارغا) ۋەز - نەسىھەت قىلغىن، سەن پەقەت (ئۇلارغا) ۋەز - نەسىھەت قىلغۇچىسەن، سەن ئۇلارغا مۇسەللەت (يەنى ئۇلارنى ئىمانغا مەجبۇرلىغۇچى) ئەمەسسەن"[11]. بۇ ھەقتە كەلگەن ئايەتلەر ئىنتايىن كۆپ، چۈنكى ئىسلام ھەقىقىي بىر ئەقىدىدۇر.ئەقىدىنىڭ دۇرۇس بولۇشى ئۈچۈن، قەلبتىن قوبۇل قىلنغان بولۇشى كېرەك.قەلبتىن رازى بولۇپ قوبۇل قېلىنغان نەرسىنى يەنە بىر ئىنسان كۈچ بىلەن ياكى مەجبۇرلاش بىلەن تارتىپ ئالالمايدۇ،چۈنكى ئىنسان بەزىدە قەلبىدە قوبۇل قىلمغان نەرسىنىمۇ ئېغىزدا دەپ قويىدۇ،شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:"كىمكى ا قا ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن ئىمانىدىن يېنىۋالسا، قەلبى ئىمان بىلەن مۇستەھكەم تۇرسىمۇ مەجبۇرلاش ئاستىدا (ئاغزىدىلا) ئىماندىن يانغانلىقىنى بىلدۈرگەنلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا - كۇفرى بىلەن كۆڭلى ئازادە بولسا (يەنى ئىختىيارىي يوسۇندا مۇرتەد بولغان بولسا)، ئۇ ا نىڭ غەزىپىگە دۇچار بولىدۇ ۋە چوڭ ئازابقا قالىدۇ" [12].

 

 

ئىسلام دىنى كۈچ قۇۋۋەت ۋە بېسىم ئارقىلىق تارقالغانمۇ؟

ھەر قانداق ھۆكۈمەتنىڭ ئۇنى قوغدايدىغان قانۇن نىزاملىرى تەكشۈرۈپ نازارەت قىلىپ تۇرىدىغان، ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلسا، باشقىلارغا ئىبرەت ئۈچۈن جازالايدىغان بىر كۈچى بولىدۇ، مانا بۇ كۈچ ھۆكۈمەتنىڭ ھۆكۈم سۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. بۇ ھەقتە ئوسمان رەزىياللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: ئاللاھ قۇرئان ئايەتلىرى ئارقىلىق ياماندىن يانمىغان كىشىلەرنى يامانلىقىدىن ھۆكۈمەت كۈچى ئارقىلىق ياندۇرىدۇ [13]. گەرچە بۇ ھەدىس رىۋايەت جەھەتتە ئاجىز بولسىمۇ. ئوسمان رەزىياللاھۇ ئەنھۇ نىڭ مەشھۇر سۆزى بولۇپ، مەنىسى: بەزى كىشىلەر بىر جىنايەتنى ئۆتكۈزگەن چاغدا، ئۇنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلسىمۇ ھۆكۈمەتتىن قورققاندەك بۇ ھارام ئىش تۈپەيلى ئاخىرەتتە ئازابلىنىشتىن قورقمايدىغانلىقى ئۈچۈن، ئاللاھ تائالا سۇلتانغا (پادىشاھقا) جىنايەتچىنى باشقىلار ئىبرەت ئېلىپ، بۇ خاتالىقنى يەنە يۈز بەرمەسلىكى ئۈچۈن، جازالاش ھوقۇقىنى بەردى.

بىز ئىسلامنىڭ قانداق يوسۇندا تارقالغانلىقىنى چۈشۈنۈش ئۈچۈن قىسقىغىنە ئىسلامنىڭ ئەڭ دەسلەپتە قانداق ئوتتۇرىغا چىققانلىقىغا قاراپ باقايلى..ھەقىقەتەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىدە ئون ئۈچ يىل قەۋىمى ئىسلامغا ناھايىتى گۈزەل ۋەز نەسىھەتلەر بىلەن چاقىرغان بولسىمۇ،قەۋىمى ئۇنى يالغانچىغا چىقىرىش، ئەرزىيەت يەتكۈزۈش ۋە ھەر جەھەتتىن قىيىن قىستاققا ئېلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئىمان ئېيتقانلارغا زۇلۇم قىلىش بىلەن جاۋاب قايتۇردى، ھەتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەزى ساھابىلەرنىڭ يېنىدىن، ئۇلار ئازابلىنىۋاتقان چاغلىرىدا ئۆتكەندىمۇ سەۋر قىلىشتىن باشقا ئىشقا بۇيرۇمىغان، بۇنىڭ مىساللىرىدىن رەسۇلۇللا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاممار ئبن ياسىر ۋە ئۇنىڭ ئانىسى سۈمەييە ئازابلىنىۋاتقان چاغدا ئۇلارنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ مۇنداق دېدى: ئەي ياسىر جەمەتى سەبىر قىلىڭلار، سىلەرنىڭ ئورنۇڭلار جەننەتتۇر.

ھەتتا مۇشركىلار رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋتىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، ئۇ زاتنى ئۆلتۈرۈش قەستەني قىلغان بولسىمۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ ئىنسابىغا دۇئا قىلىپ؛ ئەي ئاللاھ، قەۋمىمنى مەغپىرەت قىلغىن، بۇلار ھەقنى بىلمەيدۇ دېگەن ئىدى.

ئاللاھ تائالا ئايەتلەر نازىل قىلىش ئارقىلىق بۇ يولدا يەتكەن ئەزىيەتلەرگە ۋە يالغانغا چىقىرىشلارغا سەۋر قىلىشقا بۇيرۇپ تەسەللىي قىلاتتى چۈنكى بۇ ھەق بىلەن باتىل، ياخشىلىق بىلەن يامانلىق ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش ئىدى، بۇ ھەقتە ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: " ئى مۇھەممەد!) سەن (مۇشرىكلارنىڭ سالغان جاپاسىغا) ئىرادىلىك پەيغەمبەرلەر سەۋر قىلغاندەك سەۋر قىلغىن، ئۇلارغا بولىدىغان ئازابقا ئالدىراپ كەتمىگىن "[14]. ئەلەيھىسسالام ئىسلام دىننىي ۋە ئۆزىنىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى، ھەر يىلى مەككىگە ھەر يەردىن كېلىدىغان قەبىلىلەرگە يەتكۈزۈشنى داۋام ئەتتى.

ۋە ئاخىرىدا مەدىنىدىن كەلگەن بىر بۆلۈك كىشىلەر راستىنلا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ياردەم بېرىشكە، ئەگەر مەدىنىگە ساھابىلىرى بىلەن ھىجرەت قىلىپ كەلسە، باشقىلاردىن قوغدايدىغانلىقىغا بەيئەت بەردى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشتىن ئىلگىرىكى ئون ئۈچ يىل دەۋەت جەريانىدا بىر تېمىممۇ قان تۆكمىگەن ئىدى، قۇرەيش مۇشركلىرى بولسا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئەسهابلىرىنىڭ ماللىرىنى مۇسادىر قىلدى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ، ئىككى يىلدىن كېيىن ئىسلام دۈشمەنلىرى كۆپىيىپ ھەددىدىن ئاشقاندا، ۋە يەر زېمىندىن مۇھەممەت ۋە ئۇنىڭ دىنىنى يوق قىلىمىز دەپ ئوتتۇرىغا چىققاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئۇرۇش ئېزىن قېلىندى.

مەدىنە جۇغراپىيىلىك جەھەتتىن قورەيشلەرنىڭ شامغا ماڭىدىغان، تىجارەت كارۋىنى ئۆتىدىغان يول ئۈستىدە بولغانلىقى ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قۇرەيىشلارنىڭ كارۋىنىنى توسۇپ.ئۇلارنىڭ مەككىدە مۇسادىرە قىلىنىپ بولانىغان ماللىرىنى قايتۇرۇپ ئېلىپ، ئۇلارنىڭ ئىقتىسادى يولنى كېسىپ، ئىسلام دەۋىتى ۋە مۇسۇلمانلارغا قىلىنغان توسقۇنلۇقلارنى توختىتىشقا مەجبۇرلاش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ كارۋىنىنى توسۇش ئالدىغا چىققان بولسىمۇ، لېكىن بۇ كارۋاننىڭ يول باشچىسى ئەبۇ سوفىيان ئىشنى سىزىپ قېچىپ قۇتۇلغان ئىدى بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان قۇرەيش ئەسكىرى تەييارلىق قىلىپ، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن يولغا چىقتى، مانا بۇ ئىسلامدىكى تۇنجى ئۇرۇش بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ئەسهابلىرى غەلبە قىلدى.

بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: "ھۇجۇم قىلىنغۇچىلارغا، زۇلۇمغا ئۇچرىغانلىقلىرى ئۈچۈن، (قارشىلىق كۆرسىتىشكە) رۇخسەت قىلىنىدى، ا ئۇلارغا ياردەم بېرىشكە ئەلۋەتتە قادىر، (ئۇلار) پەقەت پەرۋەردىگارىمىز ا دېگەنلىكلىرى ئۈچۈنلا ئۆز يۇرتلىرىدىن ناھەق ھەيدەپ چىقىرىلدى، ئەگەر ا ئىنسانلارنى بىر - بىرىگە قارشىلىق كۆرسەتكۈزمىگەن بولسا، راھىبلارنىڭ ئىبادەتخانىلىرى، چېركاۋلار، يەھۇدىيلارنىڭ ئىبادەتخانىلىرى ۋە ا نىڭ نامى كۆپ يادلىنىدىغان مەسجىدلەر ئەلۋەتتە ۋەيران قىلىناتتى، كىمكى ا نىڭ دىنىغا ياردەم بېرىدىكەن، ئەلۋەتتە ا ئۇنىڭغا ياردەم بېرىدۇ، ا ئەلۋەتتە كۈچلۈكتۇر، غالىبتۇر ¤ ا نىڭ ياردىمىگە ئېرىشىشكە ھەقلىق بولغانلار) شۇنداق كىشىلەردۇركى، ئەگەر ئۇلارنى يەر يۈزىدە ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلساق، نامازنى ئادا قىلىدۇ، زاكات بېرىدۇ، ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ، يامان ئىشلاردىن توسىدۇ، ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتى ا قا مەنسۇپتۇر (يەنى ھەممە ئىشلار ئاخىرەتتە ا قا قايتىدۇ)" [15].

رەسۇلۇللاھنىڭ يىگىرمە ئۈچ يىل پەيغەمبەرلىك ھاياتىدا پۈتۈن ئەرەب يېرىم ئارىلى ئۇ زاتقا بوي سۇندى. بۇ ئۇرۇشلاردا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى مۇسۇلمان ۋە كاپىر بولۇپ، ئۈچ يۈز يەتمىش بەش تىن ئاشمايتتى، مانا بۇنى بىلىشنىڭ ئۆزى ئىسلام دىنىنىڭ قانداق تارقالغانلىقىنى بىلىشكە كۇپايە قىلاتتى !!!

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى ئۇ زاتتىن كېيىن شەھەرلەرنى ئۆزىنىڭ گۈزەل ئەخلاقى ۋە ياخشى مۇئامىلىلىرى بىلەن، ئىسلامغا دەۋەت قىلىش ئارقىلىق پەتھى قىلدى، ئۇنداق بولمىغاندا ئۇلارنىڭ سانى ۋە ئۇرۇش ئەسلىھەلىرى پەتھى قىلنغان شەھەر ئەسكەرلىرىنىڭكىگە باراۋەر بولالمايتتى، يېڭى مۇسۇلمان بولغانلاردىن ئىسمى بەشىر ئەھمەد شاد مۇنداق دەيدۇ: مېنى تولىمۇ بىئارام قىلىدىغان بىر سوئال بار ئىدى ئۇ بولسىمۇ، ناسارالارنىڭ ئىسلام دىني قىلىچ بىلەن تارقالغان دەپ ئېتىقاد قىلىشى ئىدى مەن ئۆزۈمگە نېمىشقا كىشىلەر ھىلى ھەم ئۈزلۈكسىز ھالدا دۇنيانىڭ ھەر جايلىرىدا، ئىسلام دىنىنى ھېچكىم ھېچقانداق بىر شەكىلدە مەجبۇرلىمىسىمۇ ئىختىيارى ھالدا قوبۇل قىلىدىغاندۇ دەپ ئويلاپ كېتەتتىم؟.

ئىسلام دىنى ئۆزىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنى ئىسلام دىنىنى تارقىتىش ۋە قوغداش ئۈچۈن ئەمەلى تەييارلىق قىلىشقا بۇيرىغان بىردىن-بىر دىنمۇ؟ قاراپ باقايلى.

تەۋراتنىڭ ئىككىنچى پارىسى يىگىرمىنچى باپ ئونىنچى بەتتە مۇنداق كەلگەن: ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن مەدىنىگە يېقىنلاشقان ۋاقتىڭدا، شەھەر ئەھلىنى سۈلھىگە چاقىرغىن، ئەگەر ئۇلار سىنىڭ تەلىپىڭنى قوبۇل قىلسا، شەھەرنىڭ ھەممە يوللىرىنى ئاچسا ساڭا بويسۇنغان بولىدۇ، ساڭا قۇل بولغان بولىدۇ، ئەگەر سەن بىلەن سۈلھى قىلىشماي، بەلكى ساڭا قارشى ئۇرۇش قىلسا، ئۇلارنى مۇھاسىرە قىلغىن، پەرۋەردىگارىڭ ئۇ شەھەرنىڭ ھۆكمىنى سېنىڭ قولۇڭغا قايتۇرسا، ئۇ شەھەردىكى ئەرلەرنىڭ ھەممىسىنى قىلىچ بىلەن ئۇرغىن، ئاياللار، بالىلار. چارۋىلار ۋە شەھەردىكى ھەممە نەرسىلەرنى ئۆزۇڭ ئۈچۈن غەنىمەت ئالغىن، پەرۋەردىگارىڭ ساڭا ئاتا قىلغان ھۆكۈمدارلىقتا دۈشمەنلىرىنىڭ غەنىمەتلىرىنى يىگىن، بۇ يەردىكى ئاشۇ مىللەتلەرنىڭ شەھەرلىرىدىن باشقا ساۇا يېراق بولغان بارلىق شەھەرلەرنى شۇنداق قىلغىن، ئەمما پەرۋەردىگارىڭ ھۆكۈمرانلىقنى ساڭا نەسىپ قىلغان ئاشۇ خەلقنىڭ شەھەرلىرىدە بولسا بىرمۇ جاننى ھايات قويمىغىن، بەلكى ھەيسىييىن، ئۇمۇرىييىن، كەنئانىيىين، پىيرۇزىيىين، ھەۋىيىين ۋە يۇسىيىيننىڭ چەكلىگىنىدىك سىنىڭ پەرۋەردىگارىڭ سېنى بۇيرىغاندەك چەكلىگىن.

ئىنجىل مەتەدىمۇ مۇشۇ تېما توغىرسىدا ئونىنچى باپ يىگىرمە بەشىنچى بەتتە مۇنداق كەلگەن:مېنى زېمىنغا تىنىچلىق ئىلىپ كەلدى دەپ خىيال قىلماڭلار، بەلكى قىلىچ ئېلىپ كەلدىم، مەن ئىنسانلارنى دادىنى بالىنىڭ قارشىسىدا، بالىنى دادىنىڭ قارشىسىدا، كىلىننى قىيىن ئانىنىڭ قارشىسىدا ئايرىۋېتىش ۋە ئنساننىڭ دۈشمەنلىرىنى ئۆز ئائىلىسىدە قىلىش ئۈچۈن كەلدىم، كىمكى ئۆزىنىڭ دادىسى ياكى ئانىسىنى، ئوغلى ياكى قىزىنى مەندىن بەكرەك ياخشى كۆرىدىكەن، ماڭا ئەگىشىشكە ھەقلىق بولالمايدۇ، كىرىست بەلگىنىسىنى ئىلىپ ماڭا ئەگەشمىگەن كىشى ماڭا ئەگىشىشكە ھەقلىق بولالمايدۇ،كىمكى ئۇنى ھايات ۋاختىدا تىپىپ زايە قىلىۋەتكەن بولسا ماڭا ئەگىشىشكە ھەقلىق بولالمايدۇ، ھاياتىنى مېنىڭ ئۈچۈن يوق قىلغان كىشى ماڭا ئەگىشىشكە ھەقلىق بولىدۇ.

جوستاف لوبون ئەرەب مەدەنىيىتى ناملىق كىتابىنىڭ 127_128 بېدە مۇنداق دەيدۇ: ئېنىقكى، كۈچ قۇۋۋەت ئىسلام دىنىنىڭ تارقىلىشىدىكى ھەقىقىي ئامىل بولغان ئەمەس. ھەقىقەتەن مەغلۇپ بولغان مۇشرىك ئەرەبلەر ئۆز دىنىدا ئىختىيارلىققا قويۇپ بېرىلگەن ئىدى شۇ چاغدا غەلبە قازانغان مۇسۇلمانلاردىن ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى كاتتا باشلىردىنمۇ كۆرۈپ باقمىغان ئادىللىقنى ۋە ئىسلامدىكى ئاسانلىقلارنى كۆرگەندىن كېيىن، بىر بۆلۈك ناسارا قەۋملىرى مۇسۇلمان بولغان ئىدى.

 

 

ئىسلام پەتھىلىرنىڭ مەقسىدى مال مۈلۈك، ھوزۇر ھالاۋەت ۋە باشقا خەلقلەرنىڭ بايلىقلىرنى بۇلاڭ- تالاڭ قىلىش ئۈچۈن بولغانمۇ؟

ھەقىقەتەن ئىسلام دىنى نىڭ تەلىماتلىرىنى، ئاساسىي پرىنسىپلىرىنى ۋە ئۇلۇغۋار مەقسەت _ نىشانىنى بىلمەيدىغان كىشىلەرنىڭ زىھنىغا بۇ پىكىر كېلىشى ۋە پەقەتلا ماددا ئۈستىگە قۇرۇلغان بۇ تەسەۋۋۇرغا قايىل بولۇشى مۇمكىن.بىز ئۇلارغا شۇنداق دەيمىزكى،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋتنىڭ باشلىنىشىدلا مەككە خەلقى ئۇنىڭ بىلەن سودىلاشقىلى كەلگەن ۋە بىر ئىنسان ئۈچۈن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ پايدا مەنپەئەت دەپ قارالغان نەرسىلەر بىلەن ئۇنى قىزىقتۇرغان ۋە ھەر قانداق ئارزۇ ئارمانلىرى بولسا ئۇنى ئورۇندايدىغانلىقى بىلەن قەسەملەر ئىچىشىكەن ئەگەر ئۇ پادىشاھ بولۇشنى ئارزۇ قىلسا، ئۆزىگە پادىشاھ قىلغانلىقىنى، ئەگەر ئۆيلىنىشنى خالىسا، ئەڭ چىرايلىق ئايال بىلەن توينى قىلىپ قويىدىغانلىقىنى ئەگەر مال مۈلۈك ئىرادە قىلغان بولسا، ئۆزلىرىنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ باي ئىنسان قېلىۋېتىدىغانلىقى ئۇنىڭ بەدىلىگە بۇ مۇشركىلارنىڭ ئىلاھلىرىنىڭ جەمىيەتتىكى ئورۇننى چۈشۈرۈۋېتىپ بارغان ئىسلام دەۋىتىنى تەرك ئېيتىشنى تەلەپ قىلغاندا ئاللاھ تائالاغا بولغان ئىمانىدىن ئېتىلىپ چىققان ئىشەنچ بىلەن مۇنداق دېگەن: ئەگەر سىلەر قولۇمغا كۈننىڭ بىر پارچىسىنى تۇتقۇزساڭلارمۇ، مەن بۇ دەۋىتمىنى ھەرگىز تېرىك ئەتمەيمەن دېدى. ئەگەر ئۇ ھەقىقەتەن بىر يالغانچى داۋاگەر ۋە دۇنيا پەرەس تاماخور بولغان بولسا ئىدى ئىنسان ئۈچۈن دۇنيادا ئەڭ كاتتا پايدا ۋە غەلبە بولغان بۇ سودىلىشىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ئۇنىڭغا بېرىلگەن تەكلىپنى قوبۇل قىلغان بولاتتى.

ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋتىگە نۇسرەت بېرىپ ئوتتۇرىغا چىققاندا، ئۇ ئەتراپىدىكى شەھەر ۋە قەبىلىلەرنىڭ پادىشاھ ۋە ئەمىرلىرىنى ئىسلامغا چاقىرىپ ئەگەر قوبۇل قىلسا، پادىشاھلىقى ۋە مال مۈلكى قولدا قالىدىغانلىقى ھەققىدە مەكتۇپ ئەۋەتتى، ئۇنىڭ قاتارىدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام روم كاتتا بېشى هىره قلىگە ئەۋەتكەن مەكتۇپىدا مۇنداق دېگەن: ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن

روم كاتتا بېشى هىره قلىگە ئاللاھنىڭ ھىدايىتىگە ئەگەشكەنلەرگە سالام، مەقسەت مەن سېنى ئىسلام دىنىغا دەۋەت قىلىمەن مۇسۇلمان بولساڭ ئامان قىلىسەن (دۇنيادا گۇناھ -مەسىيەتتىن ئاخىرەتتە دوۋزاق تىن). مۇسۇلمان بولساڭ ئاللاھ ساڭا قوش ئەجىر بېرىدۇ. ئەگەر يۈز ئۆرىسەڭ پۈتۈن ئه رىس پىرقىسىدىكى كىشىلەرنىڭ گۇناھى ساڭا بولىدۇ.

ئەريىس بولسا ناسارا دىنىدىكى بىر فىرقە بولۇپ ئۇلار ئەريۇس دېگەن راھىبقا ئەگشكەن ئەيسا ئەلەيھىسسالامنى ئىلاھ ئەمەس دېگەنلىكى ئۈچۈن كۆپ باستۇرۇش ۋە ئېزىشكە ئۇچرىغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەكتۇبىدا ھىراقلىگە بۇ زۇلۇمغا ئۇچرىغان پىرقىنى ئەسلەتكەن، ئاللاھ تالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: " «ئى ئەھلى كىتاب! (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) پەقەت ا غىلا ئىبادەت قىلىش، ا قا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەسلىك، ا نى قويۇپ بىر - بىرىمىزنى خۇدا قىلىۋالماسلىقتەك ھەممىمىزگە ئورتاق بولغان بىر سۆزگە (يەنى بىرخىل ئەقىدىگە) ئەمەل قىلايلى» دېگىن، ئەگەر ئۇلار يۈز ئۆرۈسە (يەنى بۇنى قوبۇل قىلمىسا): «(ئى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار جامائەسى!) بىزنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىمىزگە گۇۋاھ بولۇڭلار" [16].

ئەنەس رەزىياللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ؛ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئىسلامغا كىرىش ئۈچۈن ھەر قانداق نەرسە تەلەپ قىلسا، ئۇنى بېرەتتى، بىر كىشى ئۇنىڭ يېنىغا كېلىۋېدى ئىككى تاغ ئوتتۇرىسىدىكى بىر جىلىغا قوينى بەردى ئۇ كىشى قەۋىمىنىڭ قېشىغا قايتقاندىن كېيىن، ئەي قەۋمىم مۇسۇلمان بۇلۇڭلار مۇھەممەت مۇسۇلمان بولغانلارغا نۇرغۇن ماللارنى بېرىدىكەن ۋە ئۇ ھېچ يوقسۇللۇقتىن قورقمايدىكەن. ئەنەس رەزىياللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بەزى كىشىلەر ئىمان ئېيتقاندا، مال دۇنيانى كۆزلەپ مۇسۇلمان بولغان بولسا، ئىسلامغا كىرگەندىن كېيىن ئىمان ئۇلارغا دۇنيا ۋە ئۇنىڭدىكى ھەممە نەرسىدىن سۆيۈملۈك بولۇپ كىتەتتى.

كۈنلەرنىڭ بىرىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەمراھى، ئۆمەر رەزىياللاھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭ قېشىغا كەلدى، ۋە ھۇجرىسىغا قارىۋىدى، خورما دەرىخىنىڭ يوپۇرمىقىدىن ياسالغان بورىدىن باشقا نەرسەكۆرمىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بولسا ئۇ بۇرنىنىڭ ئۈستىدە ياتاتتى، بۇ بورا ئۇنىڭ يۈزىگە ئىز چىقىرىپ قويغان ئىدى ئۆيدە بولسا بىر داس ئارپا ۋە، ئېسىپ قويۇلغان بىر تۇلۇم سۇلا بار ئىدى. مانا بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەرەبلەرنىڭ يېرىمى بوي سۇنغان چاغدىكى ئىگە بولغان خەزىنىسى ئىدى، بۇنى كۆرگەن ئۆمەر ئۆزني تۇتۇۋالالماي، يىغلاپ كېتىۋاتاتتى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەي ئۆمەر! نېمە يىغلايسەن دەپ سورىدى. ئۆمەر بولسا مەن قانداقمۇ يىغلىماي، روم ۋە پارس شاھلىرى دۇنيا نېمەتلىرىدىن ھوزۇر ھالاۋەت ئېلىۋاتسا ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ مەن كۆرگەن نەرسىدىن باشقا ھېچ نەرسىسى يوق ئىكەن دېدى.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەي ئۆمەرئۇلار ئۈچۈن دۇنيا بىز ئۈچۈن ئاخىرەت بېرىلسە، رازى بولمامسەن دەپ جاۋاب بەردى.

ئۇنىڭدىن باشقا بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىن كېيىن دۇنيالىقتىن نېمىلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەنلىكىگە بىر قاراپ باقايلى، ئەمىر ئبىني ھارىس مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندا ئالتۇن -كۈمۈش، قۇل-چۆرە دېگەندەك بايلىقلار قالدۇرۇپ كەتمىدى پەقەت ئاق قېچىرى، قېلىچى ۋە سەدىقە قىلىۋەتىكەن يېرىلا قالغانىدى. بەلكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قالقىنى ئۈچ سا ئارپا بەدىلىگە بىر يەھۇدىيغا گۆرۈگە قويۇلغان ھالدا ۋاپات بولدى [17].

ئۇنداق بولغان ئىكەن، قېنى دۇنيا ھاياتى ۋە مال مۈلكىنى ياخشى كۆرۈش!!!؟؟؟

ئۆمەر ئىبني خەتتاپ ئاللاھ ئۇ كىشىدىن رازى بولسۇن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىككىنچى ئىزباسارى زامانىدا نۇرغۇنلىغان شەھەرلەر فەتىھ بولۇپ مۇسۇلمانلار باياشاتلققا ئېرىشكەن چاغدىمۇ، قورسىقى ئېچىپ كوكىراغان چاغدا مۇنداق بىر مەشھۇر سۆزنى ئېيتقانىدى: ئەي قوسقۇم كورلىدا ياكى كورلىدىما، مۇسۇلمانلارنىڭ قورسىقى تويمىغۇچە، سېنىڭ قورسىقىڭ تويمايدۇ!!! [18].

ئوھۇت ئۇرۇشى بولۇۋاتقان چاغدا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: سىلەر ئاسمان ۋە زېمىندەك كەڭرى بولغان جەننەتكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ئاتلىنىڭلار. بۇ سۆزنى ئۇمەير بىن ھۇمام دېگەن ساھابە ئاڭلاپ،بۇ جەڭنىڭ مۇكاپاتى ئاسمان ۋە زېمىندەك كەڭرى بولغان جەننەتمۇ دەپ سورىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەئە دەپ جاۋاب بەردى بۇنى ئاڭلىغان ئۆمەير پاھ پاھ، دېۋىدى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نېمىگە بۇنداق پاھ پاھ دەپ كەتتىڭ، دېدى ئۇمەير ئەي ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن شۇ جەننەت ئەھلى بولۇشتىن ئۈمىد قىلىپ شۇنداق دېدىم دېۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جەزمەن سەن ئۇنىڭ ئەھلى دېدى بۇنى ئاڭلىغان ئۇمەير خۇرجۇندىكى يەۋاتقان خورمىلىرىنى چىقاردى ۋە مەن بۇ خورمىلارنى يەيمەن دەپ ئولتۇرسام نۇرغۇن ۋاقتىم كەتكۈدەك دەپ خورمىلىرىنى تاشلاپ، ياتقا ئاتلىنىپ شېھىت بولدى[19]

مۇسۇلمانلار تۇنجى قېتىم فەتىھ قىلغان شەھەرلەردىكى غەنىيمەتلەر ئۇلارنىڭ ۋە كېيىنكىلەرنىڭ ياخشى ياشىشىغا يېتەتتى لېكىن ئۇلار بۇنىڭلىق بىلەن كۇپايىلىنىپ قالمىدى. چۈنكى بۇ فەتىھلەردىن بولغان مەقسىتى، باشقىلارنىڭ مال مۈلكىگە ۋە بايلىقىغا ئېرىشىش بولماستىن ئاللاھنىڭ دىنىغا دەۋەت قىلىش ۋە ئۇنى يەتكۈزۈش بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار فەتىھ قىلنغان شەھەر ئاھالىسىنى ئىسلامغا چاقىراتتى.ئەگەر قوبۇل قىلسا پۈتۈن مۇسۇلمانلارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىناتتى قوبۇل قىلمىسا جىزىيە تۆلەشكە چاقىراتتي.

جىزيە بولسا تولىمۇ ئاز مىقداردىكى قوغدىنىش پۇلى بولۇپ، ئىسلام دۆلىتىدىكى پۈتكۈل پاراۋانلىقتىن بەھرىمان بولۇشىدىن باشقا، مۇسۇلمانلار ھەر يىلى ئۆتەيدىغان زاكاتنى ئۆتىمەيتتى، ئەگەر جىزيە تۆلەشكىمۇ ئۇنىمىسا ئاللاھنىڭ دىنىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئۇرۇش ئېچىلاتتى چۈنكى ئىسلامنى ۋە ئۇنىڭ ئۇلۇغۋار نىشانلىرىنى چۈشەنسە، ئىمان ئېيتىشى مۇمكىن بولغان كىشىلەرنىڭ ئالدىنى ئەنە شۇلار توسۇپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن ئۇرۇش ئېچىش ۋاجىپ بولاتتى.

ئىسلام تارىخىدا ھېچقانداق بىر جەڭدە مەغلۇپ بولۇپ باقمىغان كاتتا قوماندان خالىد ئبنى ۋەليد ۋاپات بولغان چاغدا مىنىدىغان بىر تۇياق ئېتى، قېلىچى ۋە بىر خىزمەتچى قۇلىدىن باشقا ھېچقانداق نەرسە قالدۇرمىغان ئىدى.

شۇنداق ئىكەن، قېنى ئۇلاردىكى دۇنيا تاماسى ۋە مال مۈلۈك ۋە ئەيش ـ ئىشرەتنى ياخشى كۆرۈش؟!

مۇجاھىدلار مەقسىتىنىڭ ئاللاھ نىڭ دىنى تارقىتىش ئىكەنلىكىنىڭ دەلىللىرىدىن بىرى شەددات بىن ھادى رەزىياللاھ ئەنھۇنىڭ ھەدىسى بولۇپ ئۇ زات مۇنداق دەيدۇ،بىر يېزىلىق ئەرەبلەردىن بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلىپ مۇسۇلمان بولۇپ مەن سىلەر بىلەن ھىجرەت قىلىمەن دېدى.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىنى غازاتقا چىقىدىغان ساھابىلارغا ھەمرا قىلدى، ئۇلار بۇ ئۇرۇشتا ئولجاغا ئېرىشىكەن غەنيمەتلەرنى ئۇ يېزىلىق ئەرەبنى ئايرىۋەتمەستىن تەڭ تەقسىمات قىلىۋدى يېزىلىق ئەرەب، بۇ سىلەرنىڭ نېمە ئىش قىلغىنىڭلار ؟! دەپ سورىدى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ بولسا سېنىڭ ئۆلۈشۈڭ دېۋىدى يېزىلىق ئەئرابي مەن سىلەگە بۇنىڭ ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى سىلى بىلەن جىھاد قىلىپ بوغۇزۇمغا ئوق تېگىپ ئۆلسەم جەننەتكە كىرەرمەن دەپ بەيئەت قىلدىم دەپ بوغۇزىنى كۆرسەتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەگەر سىز ئاللاھ قا راستچىل بولسىڭىز، ئاللا مەقسىتىڭىزگە يەتكۈزىدۇ دېدى، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇرۇش باشلىنىپ كەتتى ئۇرۇش ئاياغلاشقان چاغدا، ھېلىقى يېزىلىق ئەئرابينىڭ جەسىتىنى كۆتۈرۈپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا ئېلىپ كەلدى، ھەقىقەتەنمۇ ئوق ئۇ كىشىنىڭ بوغۇزىغا تەگىكەن ئىدى.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھېلىقى ئەئرابىمۇ دەپ سورىۋىدى ساھابىلىرى ھە دەپ جاۋاب بېرىۋىدى.ئۇ ئاللاھقا راستچىل بولغانلىقى ئۈچۈن مەقسىتىگە يېتىپتۇ دېدى.ۋە ئۆزىنىڭ تونى بىلەن كېپەنلىدى ۋە جىنازا نامىزىنى ئۆزى چۈشۈرۈپ مۇنۇ دۇئانى قىلدى ئەي ئاللاھ بۇ بەندەڭ سېنىڭ يولۇڭدا ھىجرەت قىلىپ جەڭدە شېھىت بولدى مەن ئۇنىڭغا گۇۋاھلىق بولىمەن....

ئىسلام تارىخى كىتابلىرى بۇنىڭغا ئوخشاش ئىلگىركى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەرزىمەس دۇنياغا بېرىلىپ كەتمىگەنلىكىنى ئۇلارنىڭ مەقسەت نىشانىنىڭ ئاللاھنىڭ دىننى پۈتكۈل ئىنسانلارغا يەتكۈزۈپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: (سېنىڭ سەۋەبىڭدىن بىر كىشىنىڭ مۇسۇلمان بولغانلقى، ساڭا قىزىل تۆگىدىنمۇ سۆيۈملۈكراقتۇر) [20].دېگەن مۇنۇ ۋەدىسىگەئېرىشىش ئىكەنلىكىگە ئوخشاش ھادىسىلەر بىلەن لىق تولغانىدى.

ئوھۇت ئۇرۇشى باشلىنشىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: سىلەر ئاسمان ۋە زېمىندەك كەڭرى بولغان جەننەتكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ئاتلىنىڭلار. بۇ سۆزنى ئۇمەير بىن ھۇمام دېگەن ساھابە ئاڭلاپ، بۇ جەڭنىڭ مۇكاپاتى ئاسمان ۋە زېمىندەك كەڭرى بولغان جەننەتمۇ دەپ سورىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەئە دەپ جاۋاب بەردى بۇنى ئاڭلىغان ئۆمەير پاھ پاھ، دېۋىدى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نېمىگە بۇنداق پاھ پاھ دەپ كەتتىڭ، دېدى ئۇمەير ئەي ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن شۇ جەننەت ئەھلى بولۇشتىن ئۈمىد قىلىپ شۇنداق دېدىم دېۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جەزمەن سەن ئۇنىڭ ئەھلى دېدى بۇنى ئاڭلىغان ئۇمەير خۇرجۇندىكى يەۋاتقان خورمىلىرىنى چىقاردى ۋە مەن بۇ خورمىلارنى يەيمەن دەپ ئولتۇرسام نۇرغۇن ۋاقتىم كەتكۈدەك دەپ خورمىلىرىنى تاشلاپ، ياتقا ئاتلىنىپ شېھىت بولدى [21].

مۇسۇلمانلار تۇنجى قېتىم فەتىھ قىلغان شەھەرلەردىكى غەنىيمەتلەر ئۇلارنىڭ ۋە كېيىنكىلەرنىڭ ياخشى ياشىشىغا يېتەتتى لېكىن ئۇلار بۇنىڭلىق بىلەن كۇپايىلىنىپ قالمىدى. چۈنكى بۇ فەتىھلەردىن بولغان مەقسىتى، باشقىلارنىڭ مال مۈلكىگە ۋە بايلىقىغا ئېرىشىش بولماستىن ئاللاھنىڭ دىنىغا دەۋەت قىلىش ۋە ئۇنى يەتكۈزۈش بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار فەتىھ قىلنغان شەھەر ئاھالىسىنى ئىسلامغا چاقىراتتى. ئەگەر قوبۇل قىلسا پۈتۈن مۇسۇلمانلارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىناتتى قوبۇل قىلمىسا جىزىيە تۆلەشكە چاقىراتتي.

جىزيە بولسا تولىمۇ ئاز مىقداردىكى قوغدىنىش پۇلى بولۇپ، ئىسلام دۆلىتىدىكى پۈتكۈل پاراۋانلىقتىن بەھرىمان بولۇشىدىن باشقا، مۇسۇلمانلار ھەر يىلى ئۆتەيدىغان زاكاتنى ئۆتىمەيتتى، ئەگەر جىزيە تۆلەشكىمۇ ئۇنىمىسا ئاللاھنىڭ دىنىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئۇرۇش ئېچىلاتتى چۈنكى ئىسلامنى ۋە ئۇنىڭ ئۇلۇغۋار نىشانلىرىنى چۈشەنسە، ئىمان ئېيتىشى مۇمكىن بولغان كىشىلەرنىڭ ئالدىنى ئەنە شۇلار توسۇپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن ئۇرۇش ئېچىش ۋاجىپ بولاتتى.

ئىسلام تارىخىدا ھېچقانداق بىر جەڭدە مەغلۇپ بولۇپ باقمىغان كاتتا قوماندان خالىد ئبنى ۋەليد ۋاپات بولغان چاغدا مىنىدىغان بىر تۇياق

ئېتى، قېلىچى ۋە بىر خىزمەتچى قۇلىدىن باشقا ھېچقانداق نەرسە قالدۇرمىغان ئىدى.

شۇنداق ئىكەن، قېنى ئۇلاردىكى دۇنيا تاماسى ۋە مال مۈلۈك ۋە ئەيش ـ ئىشرەتنى ياخشى كۆرۈش؟!

مۇجاھىدلار مەقسىتىنىڭ ئاللاھ نىڭ دىنى تارقىتىش ئىكەنلىكىنىڭ دەلىللىرىدىن بىرى شەددات بىن ھادى رەزىياللاھ ئەنھۇنىڭ ھەدىسى بولۇپ ئۇ زات مۇنداق دەيدۇ،بىر يېزىلىق ئەرەبلەردىن بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلىپ مۇسۇلمان بولۇپ مەن سىلەر بىلەن ھىجرەت قىلىمەن دېدى.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىنى غازاتقا چىقىدىغان ساھابىلارغا ھەمرا قىلدى، ئۇلار بۇ ئۇرۇشتا ئولجاغا ئېرىشىكەن غەنيمەتلەرنى ئۇ يېزىلىق ئەرەبنى ئايرىۋەتمەستىن تەڭ تەقسىمات قىلىۋدى يېزىلىق ئەرەب، بۇ سىلەرنىڭ نېمە ئىش قىلغىنىڭلار دەپ سورىدى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ بولسا سېنىڭ ئۆلۈشۈڭ دېۋىدى يېزىلىق ئەئرابي مەن سىلەگە بۇنىڭ ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى سىلى بىلەن جىھاد قىلىپ بوغۇزۇمغا ئوق تېگىپ ئۆلسەم جەننەتكە كىرەرمەن دەپ بەيئەت قىلدىم دەپ بوغۇزىنى كۆرسەتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەگەر سىز ئاللاھ قا راستچىل بولسىڭىز، ئاللا مەقسىتىڭىزگە يەتكۈزىدۇ دېدى، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇرۇش باشلىنىپ كەتتى ئۇرۇش ئاياغلاشقان چاغدا، ھېلىقى يېزىلىق ئەئرابينىڭ جەسىتىنى كۆتۈرۈپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا ئېلىپ كەلدى، ھەقىقەتەنمۇ ئوق ئۇ كىشىنىڭ بوغۇزىغا تەگىكەن ئىدى.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھېلىقى ئەئرابىمۇ دەپ سورىۋىدى ساھابىلىرى ھە دەپ جاۋاب بېرىۋىدى. ئۇ ئاللاھقا راستچىل بولغانلىقى ئۈچۈن مەقسىتىگە يېتىپتۇ دېدى. ۋە ئۆزىنىڭ تونى بىلەن كېپەنلىدى ۋە جىنازا نامىزىنى ئۆزى چۈشۈرۈپ مۇنۇ دۇئانى قىلدى ئەي ئاللاھ بۇ بەندەڭ سېنىڭ يولۇڭدا ھىجرەت قىلىپ جەڭدە شېھىت بولدى مەن ئۇنىڭغا گۇۋاھلىق بولىمەن....

ئىسلام تارىخى كىتابلىرى بۇنىڭغا ئوخشاش ئىلگىركى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەرزىمەس دۇنياغا بېرىلىپ كەتمىگەنلىكىنى ئۇلارنىڭ مەقسەت نىشانىنىڭ ئاللاھنىڭ دىننى پۈتكۈل ئىنسانلارغا يەتكۈزۈپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: (سېنىڭ سەۋەبىڭدىن بىر كىشىنىڭ مۇسۇلمان بولغانلقى، ساڭا قىزىل تۆگىدىنمۇ سۆيۈملۈكراقتۇر) بىرلىككە كەلگەن ھەدىس. دېگەن مۇنۇ ۋەدىسىگە ئېرىشىش ئىكەنلىكىگە ئوخشاش ھادىسىلەر بىلەن لىق تولغانىدى.

بەلكى ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى مال مۈلۈكى يۈز ئابرويى ۋە ھوقۇق مەنسىپىدىن ئىسلام دىنىغا كىرگەنلىك سەۋەبىدىن ياكى ئائلىسىدىكىلەرنىڭ ئۇلارانى تەرك ئېتىشى ۋە ياكى ئۇلارنىڭ ئوي پىكرى ۋە ۋاقتىنىڭ دىنغا دەۋەت قىلىش بىلەن بولۇپ كەتكەنلىكنىڭ سەۋەبىدىن زىيان تارتقانلىقنى كۆرىمز. ناھاۋەند ئۇرۇشىدا ئۇلۇغ ساھابە نوئمان بىن مۇقرىن ئەلمۇزەني جەڭ باشلىنىشتىن ئىلگىرى مۇنداق دۇئا قىلدى: ھەي ئاللاھ دىنىڭنى ئەزىز قىل مۆمىن بەندىلىرىڭگە نۇسرەت بەرگىن مېنى شېھىتلارنىڭ ئەۋۋەلى قىلغىن بىزگە فەتھني نېسىپ ئەتكىن بۇ ئارقىلىق ئىسلام كۈچەيتىپ ماڭا خۇرسەنلىك بەرگىن، ئەجىبا مۇنۇ كىشىلەرمۇ دۇنيا تاماسى بارمىدۇ؟!

مۇسۇلمانلار بابلىيون قەلەسىنى قورشاۋغا ئالغان چاغدا مۇقەۋقىسنڭ ئەلچىسي مۇسۇلمانلار قوماندانى ئەمىر ئبنى ئاسنڭ قېشىغا كېلىپ نېمىلەرنى كۆرگەنلىكىگە قۇلاق سېلىپ باقايلى: بىز شۇنداق بىر قوۋمنى كۆردۇقكى، ئۇلار كەمتەرلىكنى تەكەببۇرلۇقنى ياخشى كۆرەتتى، ئۇلارنىڭ ھېچبىرىدە دۇنياغا قىزىقىش ۋە ھېرىسمەنلىك يوق ئىدى، ئۇلار توپىنىڭ ئۈستىدىلا ئولتۇراتتى ئۇلارنىڭ قوماندانى بۇنىڭ ئىچىدىكى ئادەتتىكى بىر ئادەمگە ئوخشاش ئىدى ئۇلارنىڭ غوجىدارلىرىدىن قۇللىرىنى، بايلىري بىلەن كەمبەغەلىەرنى پەرق ئەتكىلى بولمايتتى.

يەنە بۇ ھەقتە توماس كارىل ئىسلام دىنى، قىلىچ كۈچى بىلەن تارقالغان دېگەن باتىل شۈبھىلەرگە رەدديە دىگەن كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ: (ئۇلار ئىسلام دىنى قىلىچ بولمىغان بولسا تارقىلالمايتتى) دەيدۇ، ئۇلاردىن سورايمىزكى قېلىچنىڭ پەيدا بولۇشىغا نېمە سەۋەبچى بولغان؟

ئۇ بولسىمۇ بۇ دىننىڭ توغرا ۋە ھەق بولغانلىقىدا ئىدى بۇ يېڭى پىكىر بىر كىشى بىلەن باشلانغان بولۇپ پۈتۈن خەلقنىڭ پىكرىگە قارىمۇ قارشى كېلەتتى.

ئەگەر بۇ يالغۇز كىشى پۈتۈن ئالەمگە قىلىچ تەڭلىگەن بولسا ئەلۋەتتە زايه بولغان بولاتتى، لېكىن ھەق شارائىتنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتىينەزەر تارقىلدۇ، ناسارا دىندىكىلەرنىڭ ۋاقتى كەلگەن چاغدا قېلىچ كۈچىنى قانداق ئىشلەتكەنلىكىنى ھەممە كۆرمىدمۇ؟ بۇلاردىن شارىلماننڭ سەكسون قەبىلىسىدىكىلەرنى قىرغانلىقى تىپىك مىسالىدۇر، مەن بۇ يەردە ھەقنىڭ قېلىچ ياكى تىل بىلەن ۋە ياكى باشقا ئەسۋابلار بىلەن تارقالغانلىقىنى ياقىلاپ ئولتۇرمايمەن، ھەقىقەت ئۆزىنىڭ كۈچىنى دەلىل ئىسپاتلار بىلەن ۋە ياكى قېلىچ بىلەن نامايان قىلىدۇ.

غەلبىگە ئېرىشىش ئۈچۈن پۇت- قولى، ھەتتاكى تىرنىقىغىچە كۈرەش قىلىش كېرەك چۈنكي غەلبىگە لايىق بولغان كىشى ھەرگىز مەغلۇپ بولمايدۇ.

 

 

ئىسلامنىڭ ئاساسىي پرىنسىپلىرى قاتتىقلىق ۋە قوپاللىقنى رەت قىلىدۇ:

ھەقىقەتەن ئىسلام رەھمەت ۋە مەرھەمەت دىنى بولۇپ ھەر قانداق قوپاللىق ۋە زوراۋانلىقني چۆرۈپ تاشلاپ، ئىسلام ئەلچىسىگە ئەگىشىشكە بۇيرۇيدۇ بۇ ھەقتە ئاللاھ تائاملار مۇنداق دېگەن:"ا نىڭ رەھمىتى بىلەن سەن ئۇلارغا مۇلايىم بولدۇڭ؛ ئەگەر قوپال، باغرى قاتتىق بولغان بولساڭ، ئۇلار چۆرەڭدىن تارقاپ كېتەتتى "[22].

ئىسلام تەلىماتلىرى كىشىلەرنى رەھىمدىل شەپقەتلىك ۋە ئاجىز بىچارىلەرگە مېھرىبان بولۇشقا بۇيرۇيدۇ بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: رەھىمدىل كىشىلەرگە ئاللا رەھمەت قىلىدۇ سىلەر زېمىندىكىلەرگە رەھىم قىلىڭلار ئاللاھ سىلەرگە رەھىم قىلىدۇ.

بەلكى ئىسلام دىنىدا ياخشىلىق ئىنسانلارغلا خاس قىلىنغان بولماستىن، ھايۋانلارغا قىلىنغان ياخشىلىقمۇ كىشىنىڭ گۇناھىنىڭ مەغپىرەت بولۇپ جەننەتكە كىرىشىگە سەۋەب بولغان بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: بىر كىشى يولدا كېتىۋاتقان چاغدا، ئۇنىڭغا قاتتىق ئۇسسۇزلۇق يېتىپتۇ.بىر قۇدۇقنى تېپىپ، ئۇنىڭغا چۈشۈپ سۇ ئىچىپتۇ.قۇدۇقتىن چىققاندا بىر ئىتنىڭ ئۇسسۇزلۇقتىن نەم توپىنى يالاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ، ئاندىن ئۇ كىشى بۇ ئىتقا ماڭا يەتىكەن ئۇسسۇزلۇق يېتىپتۇ.دەپ قۇدۇققا چۈشۈپ، ئۆزىنىڭ ئۆتۈكىگە سۇ توشقۇزۇپ، ئۇنى چىشلەپ يۇقىرغا يامىشىپ چىقىپ ئىتنى سۇغۇرۇپتۇ.ئاندىن ئاللاھ ئۇ كىشىدىن رازى بولۇپ، ئۇنىڭ گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىپتۇ.بۇنى ئاڭلىغان ساھابىلەر ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى، ئۇنداق بولسابىز چارۋىلارنى سۇغىرىشتىمۇ ئەجىر بارمۇ؟دەپ سورىغاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەر قانداق ھۆل جىگەردە ئەجىر بار (ھەر قانداق تىرىك ھايۋانلاردا ئەجرى بار) [23].

ھايۋانغا رەھىم شەپقەت قىلماي قېينىغانلىقى ئۈچۈن بىر ئايال ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچراپ دەۋزخي بولغان ئىدى بۇ ھەقتە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: بىر ئايال بىر مۈشۈكنى نە تائام بېرىپ سۇغارماي نە، زېمىندىكى باشقا جانلىقلارنى يېيىشكە قويۇپ بەرمەي، ئۆلۈپ قالغىچە سولاپ قويغانلىقى ئۈچۈن دوزىخى بولدى [24].

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھايۋانلارغا ياخشىلىق قىلىش ۋە كۆيۈنۈش ھەققىدىكى ھەدىسلىرى ناھايىتى كۆپ ئەگەر بۇ ئىسلامنىڭ رەھمىتى ھايۋانلار ئۈچۈن بولسا، ئاللاھنىڭ زېمىنىدا ئەڭ ئېزىز قىلغان، ئىنسانلار ئۈچۈن رەھمىتى قانداق بولماقچى ئىدى...

 

 

ئىسلامدىكى ئۇرۇش ۋە دۈشمەن بىلەن بولغان ئالاقە تۈزۈمى، ئىسلامنىڭ ئادالىتىنى ۋە ئۇنىڭ زۇلۇمنى يامان كۆرىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ.

ئىسلامدىكى ئۇرۇش ئۇقۇمى مۇسۇلمانلارنىڭ ھاۋايى ھەۋىسىگە ئەگىششى بىلەن بولمايدۇ ئۇلارنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئىلىم مەرىپەت ۋە پەن تەتقىقاتلاردىن ماتېماتىكا تىبابەت ئاسترونومىيە، پاراخوت، بىناكارلىق، بېزەكچىلىك سەنىتى ۋە، ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن پەنلەردە باشقىلاردىن ئېشىپ كەتكەنلىكى ئۇنىڭ ئىسپاتى بولالايدۇ.

ئۇلار ئۇرۇش ئەسلىھەلىرىنى ياساشقا،ياكى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كۆڭۈل بۆلمىدى.بۇ ئۇلاردىكى ئوچۇق خاتالىق ئىدى گەرچە ئۇلاردىكى ئىنسانىي تۇيغۇ ۋە مېھرىبانلىق ئۇلارنى ئۇرۇش ئەسلىھەلىرى بىلەن مەشغۇل بولشتىن توسۇپ قويغان بولسىمۇ دۈشمەنلەرنىڭ زېمىندا، پاساتچىلىق تېرىش ئۈچۈن ھەركەتىتن توختىمايدىغانلىقىنى ھېسابتىن چىقىرىۋەتمەسلىكى كېرەك ئىدى،چۈنكى قورقۇتۇش دېگەن ئىبارە قۇرئان كەرىمدە مۇنداق تىلغا ئېلىنغان ئىدى "دۈشمەنلىرىڭلار (بىلەن ئۇرۇش قىلىش) ئۈچۈن، قولۇڭلاردىن كېلىشىچە قورال كۈچى، جەڭ ئېتى تەييارلاڭلار، بۇنىڭ بىلەن، نىڭ دۈشمىنىنى، ئۆزۈڭلارنىڭ دۈشمىنىڭلارنى ۋە ئۇلاردىن باشقا دۈشمەنلەرنى قورقۇتىسىلەر، ئۇلارنى سىلەر تونۇمايسىلەر، ا تونۇيدۇ".

ئەسلىدە مۇسۇلمانلارنىڭ ئادىللىق بىلەن تىنچ ياشاش قائىدىسىگە تاجاۋۇز قىلىدىغانلارنى قورقۇتۇپ تۇرىدىغان كۈچلۈك قوراللار بىلەن ئىستىھكاملىنىشى لايىقراق بولۇپ، قۇرئان كەرىمدە زىكىر قىلىنغان بىر تەلەپ ئىدى.

بۇ يەردىكى قورقۇتۇش تىنچ، ئامان ياشاۋاتقانلارغا تاجاۋۇز قىلىش، ئۇرۇش قىلىشنى ياخشى كۆرۈش، ئاغرىقلارنىڭ كېسىلىدىن جاراھەتلەنگەنلەرنىڭ ئىڭرىغان ئاۋازلىردىن، ئەسىرگە چۈشكەنلەرنى ئازابلاشتىن، ئۆلۈكلەرنىڭ ئەزالىرىنى كېسىشتىن ھوزۇر ئېلىش دېگەنلەرنى ھەرگىزمۇ مەقسەت قىلمايدۇ.

ھەقىقەتەن ئۇرۇشتا غەلبە قىلغان سالاھىدىن ئەسىرگە چۈشكەنلەرنى داۋالىتاتتى ۋە ئۇلارنى سۇغراتتى بەزى ساقايماس جاراھەتلەرگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ قېشىدىن ئۆتكەندە كۆز يېشى قىلاتتى، مۇسۇ ماللارنىڭ نەزىرىدىكى ئورۇش ئەسەبىيەتچىلەرنىڭ خۇمارىدىن چىقىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەت بولماستىن، بەلكى زۇلۇمنى توسۇپ، ئادىللىقنى تارقىتىپ جەمىيەتتە خاتىرجەملىك بەرپا قىلىدىغان ۋە باشقا يات مىللەتلەر بىلەن ئىسلامدا تىنچ ئىتتىپاق ۋە ۋە ياكى سۈلىھ ئىچىدە ياشاشقا چاقىرىدىغان بىر ئۇرۇش بولۇپ،بۇ ئۇرۇش ئىسلام دەۋىتىنى تىنچ يول بىلەن يەتكۈزۈشنىڭ پۈتۈن يولى ئېتىلگەن چاغدايولغا قويۇلدى ۋە ئۇنىڭغا چاقىردى.

بەش خىل ھالەتتە ئۇرۇش قىلىش بۇيرۇلغان

1- ئۆزىنىڭ ۋە ئائلە تاۋاباتىنىڭ نەپسىنى قوغداش، ۋەتەننى قوغداش ئۈچۈنبۇ ھەقتە ئاللاھ مۇنداق دېگەن: "سىلەرگە ئۇرۇش ئاچقان ئادەملەرگە قارشى ا يولىدا جىھاد قىلىڭلار، تاجاۋۇز قىلماڭلار، تاجاۋۇز قىلغۇچىلارنى ا ھەقىقەتەن دوست تۇتمايدۇ" [25].

2- مەزلۇمنى زالىمنىڭ زۇلمىدىن قۇتۇلدۇرۇش، ۋە ئېزلگەنلەرگە ياردەم بېرىش، بۇ بولسا ئىنسانىيەتنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن بولىدىغان ئۇرۇشتۇر بۇ ھەقتە ئاللاھ تائاملار مۇنداق دەيدۇ: "(ئى مۆمىنلەر!) سىلەرگە نېمە بولدىكى، ا نىڭ يولىدا جىھاد قىلمايسىلەر ۋە (دۇئا قىلىپ): «ئى پەرۋەردىگارىمىز! بۇ ئاھالىسى زالىم شەھەردىن بىزنى چىقارغىن، ئۆز دەرگاھىڭدىن بىزگە بىر ئىگىدارچىلىق قىلغۇچىنى مۇيەسسەر قىل، ئۆز دەرگاھىڭدىن بىزگە بىر مەدەتكارنى مۇيەسسەر قىل» دەيدىغان ئاجىز ئەرلەر، ئاجىز ئاياللار ۋە بالىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن جىھاد قىلمايسىلەر" [26]

3- ئەھدە مىساقلارنى بۇزۇپ ۋەدىگە ۋاپا قىلماي خىيانەت قىلىنغان چاغدا، بۇ ھەقتە ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:"ئەگەر ئۇلار ئەھدە بەرگەندىن كېيىن، قەسەملىرىنى بۇزسا ۋە دىنىڭلارنى ئەيىبلىسە، ئۇلارنىڭ (بۇنىڭدىن) چەكلىنىشلىرى ئۈچۈن، كۇفرىنىڭ كاتتىباشلىرىغا ئۇرۇش ئېچىڭلار. ئۇلارنىڭ قەسىمىنىڭ ھەقىقەتەن ئېتىبارى يوق• (ئى مۆمىنلەر جامائەسى! ئەھدە بەرگەندە) ئىچكەن قەسىمىنى بۇزغان، پەيغەمبەرنى (مەككە) دىن ھەيدەپ چىقىرىشنى قەستلىگەن ۋە سىلەرگە ئالدى بىلەن ھۇجۇم قىلغان قەۋمگە ئۇرۇش ئاچمايسىلەر؟ ئۇلاردىن قورقامسىلەر؟ ئەگەر مۆمىن بولساڭلار، قورقۇشۇڭلارغا ا ئەڭ لايىقتۇر" [27]

4-مۇسۇلمانلار جامائەتگە قارشى چىققىپ ئادالەت ۋە ئىسلاھ قىلىشقا ئۇنىمىغان مۇستەبىت ۋە باغيلارنى ئەدەپلەپ قويۇش ئۈچۈن، بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:"ئەگەر مۆمىنلەردىن ئىككى گۇرۇھ ئۇرۇشۇپ قالسا، ئۇلارنىڭ ئارىسىنى تۈزەپ قويۇڭلار، ئەگەر ئۇلارنىڭ بىرى ئىككىنچىسىگە تاجاۋۇز قىلسا، تاجاۋۇز قىلغۇچى تاكى ا نىڭ ھۆكمىگە قايتقانغا قەدەر (يەنى تاجاۋۇزىنى توختاتقانغا قەدەر) ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشۇڭلار، ئەگەر ئۇلار (ا نىڭ ئەمرىگە) قايتسا، ئۇلارنىڭ ئارىسىنى (ھېچبىر تەرەپكە يان باسماستىن) ئادىللىق بىلەن تۈزەپ قويۇڭلار، (ھەممە ئىشتا) ئادىل بولۇڭلار، ا ھەقىقەتەن ئادىللارنى دوست تۇتىدۇ" [28].

5-دىنىنى قوغداش ۋە ئۇنى مەسخىرە قىلىدىغانلاردىن مۇھاپىزەت قىلىش، دىننىي باشقىلارغا يەتكۈزۈشكە تىرىشىۋاتقانلارغا ئۇرۇش ئاچقانلاردىن، ياكى مۇسۇلمان بولماقچى بولغانلارنى ئازابلىغان ۋە ئىسلام دىنىغا كىرىشنى چەكلىگەن كىشىلەرنى توسۇش ئۈچۈن چۈنكى ئىسلام دىنى خەلقارالىق دىن بولۇپ، مۇئەييەن بىر مىللەتكە خاس بولماستىن، بەلكى پۈتۈن ئنسانيەتكە ۋە بارلىق ياخشىلىق ۋە ئادالەتكە بۇيرۇيدىغانلىقىنى بىلگەن ھەر قانداق كىشىنىڭ مۇسۇلمان بولۇشى مۇئەييەندۇر.

كېڭەيمىچىلىك ئۈچۈن باشقىلارنىڭ زېمىنىنى بېسىۋېلىپ، مۇستەملىكە قىلىش ئارقىلىق باشقىلارنىڭ بايلىقلىرىنى تارتىۋېلىش بەدىلىگە كېلىدىغان نەتىجىسى ۋەيرانچىلىق ۋە بۇزغۇنچىلىقتىن باشقىچە بولمىغان باشقىلارغا ئۆزىنىڭ كۈچ قۇۋۋىتىنى كۆرسىتىپ قويۇش ئۈچۈن بولدغان بۇنداق ئۇرۇشلارنى ئىسلام چەكلەيدۇ،چۈنكى ئىسلام دىنىدىكى ئۇرۇشنىڭ مەقسىتى ئاللاھنىڭ كەلىمىسىنى ئۈستۈن قىلىش بولۇپ ھەرگىزمۇ دۇنياۋى مەقسەت ۋە شەخسى ھاۋايى ھەۋەس ئەمەستۇر بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: "يۇرتلىرىدىن چوڭچىلىق ۋە رىيا بىلەن چىققان كىشىلەر (يەنى قۇرەيش مۇشرىكلىرى) گە ئوخشاش بولماڭلار، " [29]

 

 

 

ئىسلامدىكى ئۇرۇش قانۇنى:

گەرچە ئىسلام دىنى زۆرۈر تاپقان چاغدا، ئۇرۇش قېلىشنى يولغا قويغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئەدەپلىرى ۋە قانۇنلىري باردۇربۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: (ئاللاھنىڭ يولىدا ئۇنىڭغا كافىر بولغانلارغا ئۇرۇش ئېچىڭلارخىيانەت قىلماڭلار (ئولجىنى تەقسىم قىلىنماستىن ئۇ بۇرۇن تىقىۋېلىش) ۋاپاسىزلىق قىلماڭلار (ئەھدني بۇزۇش) ئۆلگەنلەرنىڭ بۇرۇن قۇلىقىنى كەسمەڭلار، كىچىك بالىلارنى ئۆلتۈرمەڭلار [30].

 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىرىنچى خەلىپىسى ئەبۇ بەكرى سىددىق قوماندانلىرىنى ئۇرۇشقا ئەۋەتىكەن چاغدا مۇنداق دەيتتى: مەن سىلەرگە ئون ئشني ۋەسىيەت قىلىمەن، ئېسىڭلاردا مەھكەم ساقلاڭلار:خىيانەت ۋە ۋاپاسىزلىق قىلماڭلار، ئولجىنى تەقسىم قىلىنىشتىن ئىلگىرى تىقىۋالماڭلار، ئۆلۈكلەرنىڭ بۇرنى قۇلاقلىرىنى كەسمەڭلار كىچىك بالىلارنى، ئاياللارنى ۋەياشانغانلارنى ئۆلتۈرمەڭلار،خورما دەرەخلىرىنى كېسىپ، ئوت قويىۋەتمەڭلار، مېۋىلىك دەرەخلەرنى يۇلىۋەتمەڭلار،قوي، كالا ۋە تۆگىلەرنى ييشتىن باشقا ئىشقا ئۆلتۈرمەڭلار،ئىبادەتخانىلاردا ئۆزىنى ئىبادەت ئۈچۈن ئاتىغانلارنى ئىبادەت ئۈستىدە بولغانغا قەدەر چېقىلماڭلار [31].

 

 

ئەسىرلەرنىڭ ئىسلامدا ھۆكۈكمى:

ئەسىرلەرنى ئازاپلاشقا، خارلاشقا، قورقۇتۇشقا ۋە ئۇلارنىڭ ئەزالىرىنى كېسىشكە ئاش تاماق بەرمەي، قىيناپ ئۆلتۈرۈشتىن چەكلەيدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:"ئۆزى موھتاج تۇرۇقلۇق، مىسكىنگە، يېتىمگە ۋە ئەسىرگە تائام بېرىدۇ°(ئۇلار ئېيتىدۇ) «سىلەرگە بىز ا نىڭ رازىلىقى ئۈچۈن تائام بېرىمىز، سىلەردىن (بۇنىڭ بەدىلىگە) ھېچقانداق مۇكاپات ۋە تەشەككۈر تەلەپ قىلمايمىز" [32].

بەلكى ئىسلام دىني ئۇلارغا ئىززەت ئېكرام قىلىش ۋە ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتىشقا بۇيرۇيدۇ مۇسئەپ ئىبنى ئۆمەيرنىڭ قېرىندىشى ئابدۇل ئەزىز ئىبنى ئۆمەير مۇنداق دەيدۇ: مەن بەدىر ئۇرۇشىدا ئەسىرگە چۈشكەنلەرنىڭ قاتارىدا بار ئىدىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەسىرگە چۈشكەنلەرگە ياخشىلىق قىلىڭلار دەپ بۇيرىدى. مەن ئەنسارىلارنىڭ قولىغا چۈشىكەن ئىدىم ئۇلارچۈشلۈك ياكى كەچلىك تاماق يېگەندە ئۆزى خورما يەپ، ياخشى تاماقلىرىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەسىيىتى بويىچە ماڭا بېرەتتى [33].

ۋە يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەسىرگە چۈشكەنلەرنى قويۇپ بېرىشكە قىزىقتۇرغان بولۇپ مۇنداق دەيدۇ: ئەسىرنى قويۇپ بېرىڭلار، ئاچ قالغانلارغا تاماق بېرىڭلار، كېسەلنى يوقلاڭلار. بۇخارى رىۋايىتى.

 

 

 

مەغلۇپ بولغانلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىش توغرىسىدا:

 ئەسىرگە چۈشكەنلەرنىڭ يۈز ئابروينى تۆكۈشكە، مال مۈلكىنى بۇلاشقا، ئۇلارنى خارلاپ، ئۆي زېمىنلىرىنى خانىۋەيران قىلىشقائۆچمەنلىك يۈزسىدىن، ئۇلاردىن ئىنتىقام ئېلىشقا يول قويمايدۇ بەلكى ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇپ، ئادالەتنى تۇرغۇزۇشقا، ئىسلاھ قىلىشقا بۇيرۇيدۇ بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:" ا نىڭ ياردىمىگە ئېرىشىشكە ھەقلىق بولغانلار) شۇنداق كىشىلەردۇركى، ئەگەر ئۇلارنى يەر يۈزىدە ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلساق، نامازنى ئادا قىلىدۇ، زاكات بېرىدۇ، ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ، يامان ئىشلاردىن توسىدۇ، ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتى ا قا مەنسۇپتۇر (يەنى ھەممە ئىشلار ئاخىرەتتە ا قا قايتىدۇ)" [34]. ئۇلارنىڭ ئۆزى ئىختىيار قىلغان دىنغا ئېتىقاد قىلىش ھۆرلۈكى بولىدۇ،ئىبادەتلىرىنى قىلىشتا قىيىنچىلىق تۇغدۇرۇلمايدۇ، چىركاۋلىرى ئۆرۈلمەيدۇ،كىرىسلىرى سۇندۇرۇلمايدۇ بۇنىڭ ئەڭ ياخشىسى دەيلى ئۆمەر ئبىنى خەتتاپنىڭ.بەيتۇل مۇقەددەسنى فەتىھ قېلىپ شەھەرگە كىرگەندە ئۇلارغا بەرگەن ئەھىد ئامانى بولۇپ مۇنداق دىيلگەن.(ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.بۇ مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى ئۆمەر ئبىنى خەتتاپنىڭ بەيتۇل مۇقەددەس ئەھلىگە بەرگەن ئامانلىقىدۇر: ئۇلارنىڭ جېنىغا ۋە مال مۈلۈكلىرى،چىركاۋ ۋە كىرىسلىرغا ئامانلىق بېرىلدى....ئۇلارنى دىنى تەرىك ئيتىشقا زورلانمايدۇ، ۋە ئۇلارغا ئەزىيەت بېرىلمەيدۇ).

ئەجەبا ئىنسانلار تارىخى بۇنىڭغا ئوخشاش غەلبە قىلغان كاتتا قومانداننىڭ مەغلۇپ بولۇپ ھەيۋىسى سۇندۇرۇلغانلارغا بۇ قەدەر ئالىيجاناب بولۇپ، كەڭ قورساقلىق قىلغانلىقىغا شاھىت بولغانمۇ؟! ئۇ ئەسەرلەرگە ياشىشى ئۈچۈن خالىغان شەرتلەرنى قويۇشقا تامامەن قادىر ئىدى. لېكىن ئاللاھ ئادالەتنىى ۋە شەرىئەتنى پۈتكۈل ئىنسانلارغا ئوخشاش، تەدبىقلاشقا بۇيرۇيتتى.

ئۇلارغا ئۆزىنىڭ دېنىدا ھالال قىلىنغان تاماقلارنى يېيىشى ۋە ئىچىشى رۇخسەت قىلىنىدۇ، مەدەنىيەت ۋە تۇرمۇش ئىشلىرىدابولسا (خۇددى توي قېلىش تالاق قىلىش ۋە باشقا پۇل مۇئامىلە ئىشلىرى قاتارلىقلاردا)، ئۆزى ئېتىقاد قىلغان دىننڭ ھۆكمى بويىچە بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقى بولدۇ.

 

 

كاپىرلارنىڭ ئىسلام دۆلىتىدىكى ئەھۋالى توغرىسىدا:

كاپىرلاردىن ئەمىنلىك بېرىلگەنلەرگە زۇلۇم قىلىنمايدۇ ھەق ھوقۇقلىرى كېمەيتىلمەيدۇ، نامۇۋاپىق مۇئامىلە قىلىنمايدۇ بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: "كۇففارلاردىن) سىلەر بىلەن ئۇرۇش قىلمىغان ۋە سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارمىغانلارغا كەلسەك، ا ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلاردىن، ئۇلارغا ئادىل بولۇشۇڭلاردىن سىلەرنى توسمايدۇ، شۈبھىسىزكى، ا ئادىللارنى دوست تۇتىدۇ" [35].

بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: قانداق بىر كىشى مۇئاھىد (بىر مۇسۇلمان تەرىپىدىن ھامىيلىققا ئېرىشىكەن كاپىر) قا زۇلۇم قىلسا، ھەققىنى كېمەيتىۋەتسە، كۈچى يەتمەيدىغان ئىشقا سېلىپ بىرەر نەرسىنى ناھەق ئېلىۋالسا، مەن ئۇنىڭ قىيامەت كۈنىدىكى دەۋاگەر بولىمەن [36].

بەلكى ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىنىدۇ،ئۇلارنىڭ ھىدايەت تېپىپ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەختلىك بولۇشى ئۈچۈن ئۇلارغا ئېھتىمام بېرىلىدۇ بۇ ھەقتە ئەنەس رەزىياللاھ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا خىزمەت قىلىدىغان بىر يەھۇدي بالا ئاغرىپ قالدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ساھابىلىرى بىلەن ئۇنى يوقلاپ كېلىشكە بارغاندا، دادىسىنىڭ ئۇ بالىنىڭ بېشىدا ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ئۇ بالىغا مۇنداق دېدى لا ئىلاھە ئىلەللا دەپ ئىمان ئېيتقىن، قىيامەت كۈني مەن ساڭا شاپائەت قىلىمەن بۇنى ئاڭلىغان بالا دادىسىغا قارىدى، دادىسى ئوبۇلقاسىمنىڭ گېپىني ئاڭلىغىن بالام دېدي بالا مۇسۇلمان بولدى،بۇنى ئاڭلىغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام (خۇرسەن بولۇپ بۇ بالىنى دەۋزەخ ئوتىدىن قۇتۇلدۇرۇپ قالغان ئاللاھقا چەكسىز شۈكۈرلەر بولسۇن) دېدى [37].

ئابدۇللا ئىبىن ئەمرۇ دېگەن ساھابە ئۆيدىكىلىرىگە قوي سويۇپ بەرگەن چاغدا گۆشتىن يەھۇدىي خوشنىمىزغىمۇ ھەدىيىلىك قىلدىڭلارمۇ؟ مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ (جىبريل ماڭا دائىم خوشنغا ياخشىلىق قىلىش ھەققىدە ۋەسىيەت قىلىۋەرگەنلىكتىن خوشنىنى مىراستىن نەسىبى بار ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قالدىم) دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان دەيدۇ [38].

 

 

 

ئىسلامنىڭ ئاساسىي پرىنسىپلىرى ئادىلىلىق ۋە تېنچ ئامانلىقني ياقالايدۇ ۋە مۇنۇلارغا چاقىرىدۇ:

1- ئىنساننىڭ جېنى ھۆرمەت ۋە ئېھتىرام قىلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئسلامدىكى ئورنى ۋە مەرتىۋىسى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، ئۇنى قەدىرلەيدۇ ۋە ناھايىتى قىممەتلىك بىلىپ قوغدايدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن قەستەن ئادەم ئۆلتۈرگۈچىگە ئۆلۈمدىن ئىبارەت قىساس قانوني يولغا قويۇلغان،ئەمما خاتا ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغۇچىنىڭ ھۆكۈمى بولسا ئۆلگۈچىنىڭ ئۇرۇق تۇغقانلىرىغا بېرىدىغان دىييەت ۋە كەپپارەتتۇر: دىييەت بولسا ئۆلتۈرۈلگۈچىنڭ ئائلە تاۋاباتىنىڭ تارتقان زىيىنى ۋە، خىراجىتى ئۈچۈن بېرىلىدىغان مەلۇم مىقداردىكى مەبلەغ بولۇپ بۇ ئۆلۈكنىڭ قىممىتى ئەمەستۇر ئامما كەپپارەت بولسا بىر قول ئازاد قىلىش بولۇپ ئەگەر ئۇنى قىلالمىسا، ئىككى ئاي ئارقىمۇ ئارقا روزا تۇتۇش، ئەگەر ئۇنىمۇ قىلالمىسا، ئاتمىش پەقىر مىسكىنگە تاماق بېرىش بولۇپ بۇ ئىبادەت ئارقىلىق بەندە ئاللاھقا يېقىنلىشىدۇ ۋە ئىرادىسىز ئۆتكۈزۈپ قالغان خاتالىقىنىڭ مەغپىرەت بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنسانلارنىڭ ھاياتى بىلەن ئوينىشىدىغان گۇناھكارلار جىنايەتچىلەرنى قورقۇتۇش ۋە ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن بولۇپ ئەگەر ئۇ باشقىلارنى ئۆلتكۈزسە ئۆزىنىڭ ئۆلتۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلگەن چاغدا بۇنداق جىنايەتتىن قول يىغىدۇ، ئەگەر قاتىل ئۆلتۈرۈلمىسە ئىدى جىنايەتتىن قول يېغىش بولمايدۇ ۋە ئۇ جىنايەتنى ئىشلەيدۇ. ئىسلامدىكى بارلىق جازا قانۇنلىرى بۇنىڭ مىسالي بولۇپ، ئىنساننىڭ جېنىنى مۇھاپىزەت قىلىش ۋە ئۇني قوغداش ئۈچۈن يولغا قويۇلغاندۇر، بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: "ئى ئەقىل ئىگىلىرى! سىلەرگە قىساستا ھاياتلىق بار، (يەنى كىشى بىراۋنى ئۆلتۈرگەن تەقدىردە ئۆزىنىڭمۇ ئۆلتۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلسە، ئۇ، ئادەم ئۆلتۈرۈشتىن يانىدۇ، شۇنىڭ بىلەن، ئۇنىڭ ئۆزىمۇ، ئۇ ئۆلتۈرمەكچى بولغان ئادەممۇ ئۆلۈشتىن ساقلىنىپ قالىدۇ). (ناھەق قان تۆكۈشتىن) ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن (قىساس يولغا قويۇلدى)" [39].

ئىسلام قاتىلغا بۇ دۇنيادا جازا بېكىتىش بىلەن كۇپايىلىنىپ قالماستىن، قىيامەت كۈنىمۇ ئاللاھنىڭ قاتتىق ئازابىغا ۋە غەزىپىگە گىرىپتار بولىدىغانلىقىنى بېكىتى بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:"كىمكى بىر مۆمىننى قەستەن ئۆلتۈرىدىكەن، ئۇنىڭ جازاسى جەھەننەم بولىدۇ، ئۇ جەھەننەمدە مەڭگۈ قالىدۇ، ا نىڭ غەزىپىگە ۋە لەنىتىگە دۇچار بولىدۇ. ا ئۇنىڭغا (ئاخىرەتتە) قاتتىق ئازاب تەييارلايدۇ" [40]

2- ئىسلام دىنىدا ئىنسانلار يارىلىشىدا ۋە بارلىققا كېلىشىدە باب- باراۋەردۇر بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:"

ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىر ئىنساندىن (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن) ياراتقان، شۇ ئىنساندىن (يەنى ئۆز جىنسىدىن) ئۇنىڭ جۈپتىنى (يەنى ھەۋۋانى) ياراتقان ۋە ئۇلاردىن (يەنى ئادەم بىلەن ھەۋۋادىن) نۇرغۇن ئەر - ئاياللارنى ياراتقان پەرۋەردىگارىڭلاردىن قورقۇڭلار، بىر - بىرىڭلاردىن نەرسە سورىغاندا نامى بىلەن سورايدىغان ا تىن قورقۇڭلار، سىلە - رەھىمنى ئۈزۈپ قويۇشتىن ساقلىنىڭلار. ا ھەقىقەتەن سىلەرنى (يەنى پۈتۈن ئەھۋالىڭلارنى) كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر" النساء 1.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ. ئىنسانلار ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادىدۇر،ئادەم بولسا تۇپراقتىن يارىتىلغاندۇر.ئەھمەت رىۋايىتى

ئىسلام دىنىدا ئىنسانلارنىڭ يارىتىلىشى بارابولغىنىدەك ھۆرلۈكىمۇ بەراۋەر بولۇپ ئۆمەر ئىبنى خەتتاب ئون تۆت ئەسىر بۇرۇن مۇنداق بىر مەشھۇر شۇئارني كۆتۈرگەن: (ئانىلىرى ھۆر تۇغقان كىشىلەرنى سىلەر قاچاندىن باشلاپ قۇل قىلىۋالدىڭلار) [41].

 3- ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن چۈشۈرۈلگەن ۋە ئۇنىڭدىن باشقىسى قوبۇل قىلىنمايدىغان دىن ئىسلام دىنى دۇر،ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغىچە پۈتۈن پەيغەمبەرلەرگە كەلگەن دىن بىرىدۇر،ئۇ بولسىمۇ ئاللاھ تەرىپىدىن چۈشۈرۈلگەن ساماۋى كىتابلارنىڭ يوليورۇقى بويىچە، ئاللاھ تالاغا يەككە ئىبادەت قىلىشتۇر بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالامۇنداق دەيدۇ: "ا سىلەرگە دىندىن نۇھقا تەۋسىيە قىلغان نەرسىنى، ساڭا (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) بىز ۋەھىي قىلغان نەرسىنى، ئىبراھىمغا، مۇساغا ۋە ئىساغا بىز تەۋسىيە قىلغان نەرسىنى بايان قىلدى. سىلەر دىننى بەرپا قىلىڭلار، دىندا تەپرىقىچىلىك قىلماڭلار"[42]

ۋە يەنە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:"ئى مۇھەممەد! بىز نۇھقا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى پەيغەمبەرلەرگە ۋەھيى قىلغاندەك، ھەقىقەتەن ساڭا ۋەھيى قىلدۇق ھەمدە ئىبىراھىمغا، ئىسمائىلغا، ئىسھاققا، يەئقۇبقا، يەئقۇبنىڭ ئەۋلادلىرىغا، ئىساغا، ئەييۇبقا، يۇنۇسقا، ھارۇنغا، سۇلايمانغا ۋەھيى قىلدۇق، داۋۇدقا زەبۇرنى ئاتا قىلدۇق°بىز نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتۇق، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىلگىرى (ئى مۇھەممەد!) ساڭا بايان قىلغانلىرىمىزمۇ بار، ساڭا بايان قىلمىغانلىرىمىزمۇ بار، ا مۇساغا (بىۋاسىتە) سۆز قىلدى°ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلەردىن كېيىن ا نىڭ ئالدىدا كىشىلەر (يەنى پەيغەمبەر ئەۋەتىلگەن بولسا ئەلۋەتتە ئىمان ئېيتاتتىم ۋە ئىتائەت قىلاتتىم دېگۈچىلەر) گە باھانە بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، (ئىتائەت قىلغۇچىلارغا جەننەت بىلەن) خۇش خەۋەر بەرگۈچى، (ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنى دوزاختىن) ئاگاھلاندۇرغۇچى پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتۇق، ا غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر" [43].

ئىسلام شەرىئىتى ئېرىقچىلىق ۋە گۇرۇھۋازلىققا خاتىمە بېرىپ،ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا خۇسۇمەت،ئاداۋەتلىشىش، ۋە دۈشمەنلىشىشتىن ئىبارەت ناچار ئىللەتلەرنى چۆرۈپ تاشلاپ،بارلىق پەيغەمبەرلەر ۋە ساماۋى كىتابلارغا ئىمان ئېيتىشنى ئىماننىڭ ئاساسلىرىدىن قېلىپ بېكىتتى ۋە بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:"ئېيتىڭلاركى، «ا قا ئىمان ئېيتتۇق، بىزگە نازىل قىلىنغان ۋەھيىگە، ئىبراھىمغا، ئىسمائىلغا، ئىسھاققا، يەئقۇبقا ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىغا نازىل قىلىنغان ۋەھيىگە، مۇساغا بېرىلگەن (تەۋراتقا)، ئىساغا بېرىلگەن (ئىنجىلغا) ۋە پەيغەمبەرلەرگە پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن بېرىلگەن (كىتابلارغا) ئىمان ئېيتتۇق، ئۇلاردىن ھېچبىرىنى ئايرىۋەتمەيمىز (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالارغا ئوخشاش، ئۇلارنىڭ بەزىسىگە ئىمان ئېيتىپ بەزىسىنى ئىنكار قىلمايمىز)، بىز ا قا بويسۇنغۇچىلارمىز»" [44].

  • قۇرئان كەرىم مۇسا ئەلەيھىسسالامني ئاللاھ بىلەن سۆزلەشىكەن ۋە ئۇنىڭغا يېقىن، ئابرويلۇق كىشى دەپ سۈپەتلىنىدۇ، ئاللاھ مۇنداق دېگەن: "ئى مۆمىنلەر! سىلەر مۇساغا ئازار قىلغان كىشىلەر (يەنى بەنى ئىسرائىل) دەك بولماڭلار، ا مۇسانى ئۇلارنىڭ ئېيتقانلىرىدىن (يەنى تۆھمەتلىرىدىن) ئاقلىدى، مۇسا ا نىڭ دەرگاھىدا ئابرۇيلۇق ئىدى" [45].

قۇران كەرىم ئۆزگەرتىلمىگەن ئەسلى تەۋراتنى ھىدايەت ۋە نۇر دەپ سۈپەتلىدى ئاللاھتائالا مۇنداق دېدى:"بىز ھەقىقەتەن (مۇساغا) تەۋراتنى نازىل قىلدۇق، تەۋراتتا (توغرا يولغا يېتەكلەيدىغان) ھىدايەت ۋە نۇر بار، (ا نىڭ ھۆكمىگە) بويسۇنغان پەيغەمبەرلەر يەھۇدىيلار ئارىسىدا (تەۋرات بىلەن) ھۆكۈم قىلىدۇ، (يەھۇدىيلارنىڭ) زاھىتلىرى ۋە ئۆلىمالىرىمۇ (ئۆزگەرتىشتىن) ساقلاشقا بۇيرۇلغان كىتابۇللاھ (يەنى تەۋرات) بويىچە ھۆكۈم قىلىدۇ، ئۇلار تەۋراتنى (ئۆزگەرتىشتىن ساقلاشقا) نازارەتچى ئىدى. (ئى يەھۇدىيلارنىڭ ئۆلىمالىرى!) كىشىلەردىن قورقماڭلار، مەندىن قورقۇڭلار. مېنىڭ ئايەتلىرىمنى ئاز پۇلغا تېگىشمەڭلار (يەنى پۇل - مال، مەنسەپ ۋە پارا ئۈچۈن ئايەتلىرىمنىڭ ھۆكمىنى ئۆزگەرتىۋەتمەڭلار)، كىملەركى ا نازىل قىلغان ئايەتلەر بويىچە ھۆكۈم قىلمايدىكەن، ئۇلار كاپىرلاردۇر" [46].

مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قوۋمى بەنۇ ئىسرائىلنى ئۆز زامانىدا باشقا قوۋملەردىن ئۈستۈن قىلغانلىقىنى زىكرى قىلدى ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:"ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! سىلەرگە بەرگەن نېمىتىمنى ۋە سىلەرنى (بىر زامانلاردا) ھەممە جاھان ئەھلىدىن ئۈستۈن قىلغانلىقىمنى ياد ئېتىڭلار" [47]

  • ۋە شۇنىڭدەك ئەيسا ئەلەيھىسسالامنى ھۆرمەتلىك ۋە مەريەمگە ا نىڭ ئىلقا قىلغان كەلىمىسىدۇر (يەنى ئاتىنىڭ ۋاسىتىسىز، ا نىڭ «ۋۇجۇدقا كەل» دېگەن سۆزىدىن يارىتىلغاندۇر)، ا تەرىپىدىن كەلگەن بىر روھتۇر، بۇ يەردىكى روھ كەلىمىسى ئاللاھنىڭ ئايرم بىر پارچىسى دېگەن بولماستىن، بەلكى ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن دېگەن مەنىدە بولۇپ ھۆرمەت ئۈچۈن كەلتۈرۈلگەن، بۇ خۇددى ئاللاھ تائالانىڭ:"ﷲ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى (كامالى) پەزلىدىن سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى، " [48].

ۋە يەنە "سىلەر بەھرىمەن بولۇۋاتقان نېمەتلەرنىڭ ھەممىسىنى بەرگەن" [49]سۆزلىرىگە ئوخشاش، ۋە يەنە ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:"ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەر ئېيتتى: «ئى مەريەم! ﷲ ساڭا (ئاتىنىڭ ۋاسىتىسىز) ا نىڭ بىر كەلىمىسى (دىن تۆرەلگەن بىر بوۋاق) بىلەن خۇش خەۋەر بېرىدۇكى، ئۇنىڭ ئىسمى، مەسىھ مەريەم ئوغلى ئىسادۇر، ئۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئابرۇيلۇق ۋە قا يېقىنلاردىن بولىدۇ°ئۇ بۆشۈكتىمۇ (يەنى بوۋاقلىق چېغىدىمۇ)، ئوتتۇرا ياش بولغاندىمۇ كىشىلەرگە (پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆزىنى) سۆزلەيدۇ ۋە (تەقۋادارلىقتا كامىل) ياخشى ئادەملەردىن بولىدۇ» [50].

  • ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسى مەريەمنى بولسا ناھايىتى ئىپپەتلىك ۋە راستچىل ئايال دەپ سۈپەتلىدى ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:"مەريەم ئوغلى ئىسا پەقەت (ئۆتكەن پەيغەمبەرلەرگە ئوخشاش) پەيغەمبەردۇر، ئۇنىڭدىن ئىلگىرى نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر ئۆتكەن، ئۇنىڭ ئانىسى ناھايىتى راستچىل خوتۇندۇر، ئۇ ئىككىسى تاماق يەيتتى (يەنە ئۇلارمۇ باشقا مەخلۇقلارغا ئوخشاشلا گۆش، سۆڭەك، تومۇر ۋە پەيلەردىن تەركىب تاپقان ئىدى). ئۇلارغا (يەنى ئۇلارنىڭ ئېتىقادىنىڭ باتىللىقىغا) ئايەتلىرىمىزنى قانداق بايان قىلىدىغانلىقىمىزغا قارىغىن؛ ئاندىن ئۇلارنىڭ ھەقتىن قانداق باش تارتقانلىقىغا قارىغىن"[51].
  • قۇرئان كەرىم ئەسلىسى بۇرمىلانمىغان ئىنجىلنى نۇر ۋە ھىدايەت دەپ زىكرى قىلدى ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:"ئۇلارنىڭ (يەنى بەنى ئىسرائىل پەيغەمبەرلىرىنىڭ) ئارقىسىدىن ئۆزىدىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان تەۋراتنى (يەنى ئۇنىڭ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغانلىقىنى) ئېتىراپ قىلغۇچى ئىسا ئىبن مەريەمنى ئەۋەتتۇق، ئۇنىڭغا ھىدايەت بىلەن نۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىنجىلنى ئاتا قىلدۇق، (ئىنجىل) ئۆزىدىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان تەۋراتنى ئېتىراپ قىلغۇچىدۇر (يەنى ئۇنىڭغا مۇۋاپىقتۇر)، تەقۋادارلارغا ھىدايەت ۋە پەند - نەسىھەتتۇر" [52].

ئەيسا ئەلەيھىسسالامغا ئۆز زامانىدا ئەگەشكەنلەرنى رەھىمدىل ۋە مېھرىبان دەپ سۈپەتلىدى، بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:"

ئۇلاردىن كېيىن پەيغەمبەرلىرىمىزنى داۋاملىق ئەۋەتتۇق، ئارقىدىن مەريەم ئوغلى ئىسانى ئەۋەتتۇق، ئۇنىڭغا ئىنجىلنى ئاتا قىلدۇق، ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرنىڭ دىللىرىغا شەپقەت ۋە مېھرىبانلىقنى سالدۇق، رەھبانىيەتنى ئۇلار ئۆزلىرى پەيدا قىلدى، ئۇلارغا ئۇنى بىز بېكىتمىدۇق، ئۇلار ئۇنى پەقەت نىڭ رازىلىقىنى تىلەپ (پەيدا قىلدى)، لېكىن ئۇلار ئۇنىڭغا لايىق دەرىجىدە ئەمەل قىلمىدى، ئۇلاردىن ئىمان ئېيتقانلارنىڭ ئەجرىنى ھەسسىلەپ بەردۇق، ئۇلاردىن نۇرغۇنى نىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلاردۇر" [53]بۇنىڭ ئۈچۈن ھەربىر مۇسۇلمانغا بارلىق پەيغەمبەرلەر ۋە ۋەھىي ئارقىلىق چۈشۈرۈلگەن كىتابلارغا ئىمان ئېيتىشى ۋاجىپتۇرئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: "شۈبھىسىزكى، نى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغانلار، بىلەن ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ ئارىسىنى (ا قا ئىشىنىپ پەيغەمبەرلىرىگە ئىشەنمەيمىز دېيىش بىلەن) ئاجرىتىۋەتمەكچى بولغانلار، (پەيغەمبەرلەرنىڭ) بەزىسىگە ئىشىنىمىز، بەزىسىگە ئىشەنمەيمىز دېگۈچىلەر - ئۇنىڭ (يەنى ئىمان بىلەن كۇفرىنىڭ) ئارىسىدا (ئوتتۇرا) يول تۇتماقچى بولغانلار °ئەنە شۇلار (ئىماننى دەۋا قىلغان تەقدىردىمۇ) راستىنلا كاپىرلاردۇر، كاپىرلارغا خورلىغۇچى ئازاب تەييارلىدۇق" [54].

 ۋە يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئىلگىرى ئۆتىكەن پەيغەمبەرلەرگە ئىمان ئېيتقانلارني ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇلارنى ئۆزىنىڭ قېرىندىشى بىلىپ، دۇئا قېلىشى ھەم ۋاجىپتۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائاملار مۇنداق دېگەن:"ئۇلاردىن كېيىن كەلگەنلەر: «پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە ۋە بىزدىن ئىلگىرى ئىمان ئېيتقان قېرىنداشلىرىمىزغا مەغپىرەت قىلغىن، دىللىرىمىزدا مۆمىنلەرگە قارشى دۈشمەنلىك پەيدا قىلمىغىن، پەرۋەردىگارىمىز! سەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىسەن، مېھرىبانسەن» دەيدۇ"[55]

مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى بولۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەر پەيغەمبەر ۋەھىمۇ كەلمەيدۇ ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:"مۇھەممەد ئاراڭلاردىكى ئەرلەردىن ھېچبىرىنىڭ ئاتىسى ئەمەس، لېكىن (ئۇ) ﷲ نىڭ پەيغەمبىر ى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاخىرقىسىدۇر (ﷲ ئۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەرلىكنى ئاخىرلاشتۇرغان، ئۇنىڭدىن كېيىن ھېچقانداق پەيغەمبەر كەلمەيدۇ)" [56].

 

 

ئىسلام شەرىئەتى ئىلگىرىكى شەرىئەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان، ئۇنداق بولغان ئىكەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاخىرى مۇھەممەت ئەلەيھى سالامغا ئىمان ئېتىپ باشقا شەرىئەتلەرنى تەرك ئېتىشنى تەقەززا قىلىدۇ.بۇ يەردىكى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئۇنى يالغانغا چىقىرىش بولماستىن ئىلگىرىكى شەرىئەتكە ئىمان ئېيتىپ ئەمەل قىلىشتىن ئىسلام شەرىئىتىگە يۆتكىلىش دېگەننى بىلدۈرىدۇ ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:"كىمكى ئىسلام (دىنىدىن) غەيرىي دىننى تىلەيدىكەن، ھەرگىز ئۇ (يەنى ئۇنىڭ دىنى) قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئۇ ئاخىرەتتە زىيان تارتقۇچىدۇر" [57]

ئىسلام دىنى مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممە پەيغەمبەرلەرگە ئىمان ئېيتقىنىدەك باشقا ساماۋى دىنلارغا ئېتىقاد قىلىمىز دەپ دەۋا قىلىۋاتقانلاردىن پۈتكۈل پەيغەمبەرلەر ۋە ۋەھىي قىلىنغان ساماۋى كىتابلارغا ئىمان ئېيتىشنى تەلەپ قىلىدۇ ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: "ئەگەر ئۇلار (يەنى ئەھلى كىتاب) سىلەر ئىمان ئېيتقاندەك ئىمان ئېيتسا، ئەلۋەتتە، توغرا يول تاپقان بولىدۇ. ئەگەر ئۇلار (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈسە، (سەن بىلەن) ئاداۋەتتە بولغان بولىدۇ، ئۇلارغا قارشى ساڭا كۇپايىدۇر. ﷲ (ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ھىيلە - مىكرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر" [58] ئىسلام دىنى ئۆز ئىچىدە بۆلگۈنچىلىك قىلىپ، ئىختىلاپ تېرىغۇچىلاردىن ئادا جۇدادۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: "دىنىدا بۆلگۈنچىلىك قىلىپ تۈرلۈك پىرقىلەرگە ئايرىلغانلاردىن سەن ئادا - جۇداسەن؛ ئۇلارنىڭ ئىشى پەقەت غىلا خاستۇر (يەنى نىڭ باشقۇرۇشىدىدۇر)، كېيىن (يەنى ئاخىرەتتە) ﷲ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئۆزىگە ئېيتىپ بېرىدۇ ° بىرەر ياخشىلىق قىلغان ئادەم ئون ھەسسە ئارتۇق ساۋابقا ئىگە بولىدۇ، بىرەر يامانلىق قىلغان ئادەمگە پەقەت ئۇنىڭ يامانلىقىغا باراۋەرلا جازا بېرىلىدۇ، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنمايدۇ° (ئى مۇھەممەد! بۇ مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، «پەرۋەردىگارىم مېنى توغرا يولغا يەنى توغرا دىنغا، باتىل دىنلاردىن توغرا دىنغا بۇرالغان ئىبراھىمنىڭ دىنىغا باشلىدى، ئىبراھىم مۇشرىكلاردىن ئەمەس ئىدى»" [59]

ئىسلام دىنى باشقا دىنغا ئەگەشكۈچىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىغا دەۋەت قىلىشتا توغرا ئۇسلۇپتا ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەت ئۇسۇلىني تۇتقان بولۇپ ئىنسانىيەتنى گۈزەل ئەخلاق پەزىلەتكە چاقىرىدۇ ۋە بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:"«ئى ئەھلى كىتاب! (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) پەقەت ا غىلا ئىبادەت قىلىش، ا قا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەسلىك، ا نى قويۇپ بىر - بىرىمىزنى خۇدا قىلىۋالماسلىقتەك ھەممىمىزگە ئورتاق بولغان بىر سۆزگە (يەنى بىرخىل ئەقىدىگە) ئەمەل قىلايلى» دېگىن، ئەگەر ئۇلار يۈز ئۆرۈسە (يەنى بۇنى قوبۇل قىلمىسا): «(ئى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار جامائەسى!) بىزنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىمىزگە گۇۋاھ بولۇڭلار"[60]

ۋە شۇنىڭدەك باشقا دىندىكىلەرنىڭ ھىس تۇيغۇرلىرىنى ھۆرمەت قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئېتىقادى ۋە دىننىي سەۋەبلىك ئۇلارنى ھاقارەت قىلشتىن چەكلەيدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:"مۇشرىكلارنىڭ خۇدانى قويۇپ ئىبادەت قىلىدىغان بۇتلىرىنى تىللىماڭلار، (ئۇنداق قىلساڭلار) ئۇلار بىلمىگەنلىكلىرىدىن ھەددىدىن ئېشىپ ا نى تىللايدۇ" [61] ۋە باشقا دىندىكىلەر بىلەن مۇنازىرە قىلىشقاندا ھېكمەتلىك ئۇسلۇبتا ياخشى ۋەز - نەسىھەت بىلەن قىلىشنى بۇيرۇدىبۇ ھەقتە ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:"ئەھلى كىتاب بىلەن پەقەت ئەڭ چىرايلىق رەۋىشتە مۇنازىرىلىشىڭلار، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى زۇلۇم قىلغۇچىلار (يەنى سىلەرگە قارشى ئۇرۇش قىلغۇچىلار ۋە فىدىيە بېرىشتىن باش تارتقۇچىلار) بۇنىڭدىن مۇستەسنا، ئېيتىڭلاركى، «بىزگە نازىل قىلىنغان كىتابقا ۋە سىلەرگە نازىل قىلىنغان كىتابقا ئىمان ئېيتتۇق، سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار ۋە بىزنىڭ ئىلاھىمىز بىردۇر، بىز قا بويسۇنغۇچىلارمىز» [62].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: "پەرۋەردىگارىڭنىڭ يولىغا (يەنى ئىسلام دىنىغا) ھېكمەتلىك ئۇسلۇبتا ياخشى ۋەز - نەسىھەت بىلەن دەۋەت قىلغىن، ئۇلار (يەنى مۇخالىپەتچىلىك قىلغۇچىلار) بىلەن چىرايلىق رەۋىشتە مۇنازىرىلەشكەن" [63].

بىز ئىلگىرى بايان قىلغىنمزدەك، باشقىلارنى دىنىغا مەجبۇرلاش ئىسلام پىرىنسىپىدىن ئەمەس بۇ ھەقتە ئاللاھ مۇنداق دېگەن:"دىندا (ئۇنىڭغا كىرىشكە) زورلاش يوقتۇر، ھىدايەت گۇمراھلىقتىن ئېنىق ئايرىلدى"[64]

چۈنكى ئىسلامنىڭ پىرىنسىپى ئۇنى باشقىلارغا تاڭماستىن ۋە مەجبۇرلانماستىن توغرا ھالەتتە تەڭلەش بولۇپ، بۇ ئىسلام مەقسەت قىلغان ھىدايەتنى كۆرسىتىپ قويۇشتۇر ئامما ھىدايەتكە مۇۋەپپەق قىلىش ئاللاھنىڭ قولىدىدۇر، بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:"ئى مۇھەممەد!) «(بۇ) ھەق (قۇرئان) پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن نازىل بولىدۇ، خالىغان ئادەم ئىمان ئېيتسۇن، خالىغان ئادەم كاپىر بولسۇن» دېگىن، بىز ھەقىقەتەن كاپىرلار ئۈچۈن تۈتۈن پەردىلىرى ئۇلارنى ئورىۋالىدىغان ئوتنى تەييارلىدۇق، ئۇلار (تەشنالىقتىن) سۇ تەلەپ قىلسا، ئۇلارغا مەدەن ئېرىتمىسىگە ئوخشاش، يۈزلەرنى كۆيدۈرۈۋېتىدىغان (ناھايىتى قىزىق) سۇ بېرىلىدۇ، بۇ نېمىدېگەن يامان شاراب! جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي!" [65].

ئىسلام ھەر قانداق ئىشتا ھەتتا دۈشمىنى بىلەنمۇ ئادىل بولۇشقا بۇيرۇيدۇ، ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:"ئاراڭلاردا ئادىل بولۇشقا بۇيرۇلدۇم، بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىزدۇر، سىلەرنىڭمۇ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، بىزنىڭ ئەمەللىرىمىز ئۆزىمىز ئۈچۈندۇر، سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارمۇ ئۆزلىرىڭلار ئۈچۈندۇر، سىلەر بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدا جېدەللىشىشكە (ئورۇن) يوق (چۈنكى ھەقىقەت ئاشكارىدۇر)، ﷲ (قىيامەت كۈنى) بىزنى (ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن) يىغىدۇ، ئاخىر قايتىدىغان جاي ا نىڭ دەرگاھىدۇر»"[66].

4- ئىسلام ئىنسانىيەت جەمىيىتىگە ياخشىلىق ئېلىپ كېلىدىغان ھەممىگە ئورتاق مەنپەئەتى بولغان، ھەر قانداق ياخشلىققا ياردەملىشىشلەرگە چاقىرىدۇ بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:"ياخشى ئىشقا ۋە تەقۋادارلىققا ياردەملىشىڭلار، گۇناھقا ۋە زۇلۇمغا ياردەملەشمەڭلار، ﷲ (نىڭ ئازابى) دىن قورقۇڭلار، نىڭ ئازابى ھەقىقەتەن قاتتىق" [67].

ئىبني ئۆمەر رەزىياللاھ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىندى: بىر كىشي پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھوزۇرىغا كېلىپ ئەي ئاللاھنىڭ ئەلچىسى قانداق كىشي ۋە قانداق ئەمەل ئاللاھقا ھەممىدىن سۆيۈملۈكراقتۇر؟دەپ سورىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: (كىشلەردىن باشقىلارغا مەنپەئەتلىكرەك بولغني ئاللاھقا ئەڭ سۆيۈملۈكتۇر، ئەمەللەردىن بولسا، بىر مۆمىننىڭ قەلبىگە خوشلۇق بېرىشىڭ ياكى ئۇنىڭدىن بىر خاپىلىقنى كۆتۈرۈۋېتىش ياكى ئۇنىڭ قەرزنى ئۆتۈشۈڭ، ۋە ياكى ئۇنىڭ قورسىقىنى تويغۇزۇشۇڭ، مېنىڭ بىر قېرىندىشىمنىڭ ھاجىتني راۋا قىلىش ئۈچۈن مېڭىشىم ماڭا مۇشۇ مەسچىتتە (پەيغەمبەر مەسچىتى) بىر ئاي ئېتىكاپ قىلىشتن سۆيۈملۈكراقتۇر، كېمىكى ئاچچىقني بسىۋالسا ئاللاھ ئۇ كىشىنىڭ ئەيىبىنى ياپىدۇ، ئاچچىقى كەلگەندە ئۈچ ئېلىشقا قادىر تۇرۇپ ئۇني يۇتۇۋەتسە ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئۇ كىشىنىڭ قەلبىنى ئۈمىدكە تولدۇرىدۇ،قانداق بىر كىشى قېرىندىشىنىڭ بىر ھاجىتى راۋا بولغىچىلىك ئۇنىڭ بىلەن ماڭسا.قىيامەت كۈنى قەدەملەر تېيىلىپ كېتىدىغان چاغدا ئاللاھ ئۇنىڭ قەدىمىنى سابىت قىلىدۇ،ھەقىقەتەن ناچار ئەخلاق ياخشى ئەمەلنى ئاچچىق سۇ ھەسەلنى بۇزغاندەك بۇزىۋېتىدۇ) [68].

 

ئىسلام شەرىئىتى بۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن مۇنۇلارنى بېكىتتى:

  • ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىسى بولغان تۆھيد ۋە پەيغەمبەرلەرنى، ساماۋى كىتابلارنى ئېتىراپ قىلغان ئاساسىدا تىنچ ئامان، ياشاشقا يات قەۋملارني بىر بىرسى بىلەن تونۇشۇشقا چاقىرىدۇ ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: "ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىز ھەقىقەتەن بىر ئەر، بىر ئايالدىن، (ئادەم بىلەن ھەۋۋادىن ئىبارەت) بىر ئاتا بىر ئانىدىن ياراتتۇق ئۆز ئارا تونۇشۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرنى نۇرغۇن مىللەت ۋە ئۇرۇق قىلدۇق، ھەقىقەتەن ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلار ا نىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك ھېسابلىنىسىلەر (يەنى كىشىلەرنىڭ بىر - بىرىدىن ئارتۇق بولۇشى نەسەب بىلەن ئەمەس، تەقۋادارلىق بىلەن بولىدۇ)" [69].

باھارلىق ئىنسانلىرىغا ياخشىلىقني ياخشى كۆرۈشكە قىزىقتۇرۇش،ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىياللاھ ئەنھۇ دىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: (كىم مەندىن مۇنۇ كەلىمىلەرنى ئۆگىنىپ ئەمەل قىلىدۇ ۋە ياكى ئۆگىنىپ ئەمەل قىلىدىغانلارغا ئۆگىتىدۇ دېۋىدى، ئەبۇ ھۇرەيرە مەن ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دېسەم مېنىڭ قولۇمنى تۇتۇپ تۇرۇپ بەش نەرسىنى ساناپ مۇنداق دېدى: ئاللاھنىڭ ھارام قىلغان نەرسىلىرىدىن ساقلانغىن ئادەملەر ئىچىدىكى ئابىد (ئەڭ كۆپ ئىبادەت قىلغۇچى) بولىسەن،ئاللاھنىڭ قىسمىتىگە رازى بولغىن ئىنسانلارنىڭ ئەڭ بېيى بولىسەن،خوشناڭغا ياخشىلىق قىلغىن مۆمىن بولىسەن.ئۆزەڭنىڭ نەپسىڭگە نېمىنى ياخشى كۆرگەن بولساڭ باشقىلارغىمۇ ئۇنى ياخشى كۆرسەڭ مۇسۇلمان بولىسەن، قاقاقلاپ كۆپ كۈلمىگىن.چۈنكى كۆپ كۈلۈش قەلبنى ئۆلتۈرىدۇ) [70].

  • كۆپچىلىكك ۋە ئاۋام خەلىققە نەسىھەت قىلىشقا قىزىقتۇرۇش، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: (دىن دېگەن سادىق بولۇش دېگەنلىكتۇر) دېگەندە. بىز كىم ئۈچۈن سادق بولىمىز ئەي ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى دېسەك ئاللاھ ئۈچۈن (ئاللاھ تائالانىڭ باھارلىق بۇيرۇقلىرىنى ئورۇنداش ھارام ئەتكەنلەرىدن قول يىغىشتا سەمىمىي بولۇش، بۇ ئاللاھ تائالا غا يىگانە ھالەتتە ئىبادەت قىلىشقا مۇجەسسەملەشىكەن، ئۇنداقتانەسىھەت دېگەن ئاللاھ بۇيرۇغان ھەر قانداق ئىشنى كامالىغا يەتكۈزۈپ قىلىشتا سەمىمىي ۋە سادىق بولۇش.) ئاللاھنىڭ كىتابى ئۈچۈن ( ئۇني چۈشۈنۈپ تەپەككۇر قىلىشتا ۋە بۇيرۇق پەرمانلارغا ئىتائەت قىلىپ توسقانلاردىن يىنىشتا سەمىمىي بولۇش)ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئۈچۈن (ئۇنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بىجرىپ چەكلىگەنلىرىدىن يېنىش، سۈننىتىگە ئەگىشىپ ئۇنى قوغداشتا سەمىمى ۋە سادىق بولۇش) ۋە مۇسۇلمانلار نىڭ يولباشچىلىرىغا(ئۇلار ھەققىدە دۇئا قىلىش،توغرا ئىش ھەرىكەتكە بۇيرىسا ئىتائەت قىلىش ياخشىلىق ىغا ياردەمچى بولۇش،يامانلىققا بۇيرۇسا بېجىرمەستىن، ئۇنىڭغا توغرا يولنى كۆرسىتىش ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن گۈزەل ئۇسلۇب بىلەن چەكلەش)ۋە مۇسۇلمانلار ئاممىسىغا (ئۇلارغا دېىنىنى ئۆگىتىش ۋە ئاللاھ تەرەپكە چاقىرىپ ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇش)دەپ جاۋاب بەردى [71].
  • ھەركىم ئۆزىدە بار بولغان بارلىق ئىمكانىيتى بىلەن پۈتۈن توغرا يوللار ئارقىلىق ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇشقا قىزىقتۇرۇش. چۈنكى بۇ ئىسلام ئۈمىمتىدە پىتنە-پاسات ۋە زۇلۇمنڭ تارقىلىپ كېتىشنىڭ، ھەق-ھوقۇقلارنىڭ زايى بولۇپ ئىنسانلار ئارىسىدا ئورمان قانۇنىنىڭ ھاكىم بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان خاتىرجەملىك بەل بېغىدۇر.

ئەمىر مەرۇپ (ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇش) قېلىش ئارقىلق بىلمىگەنگەرگە ئۆگەتكىلي غاپىللارنى ئۇيغۇتۇپ ئەسكىلەرنى تۈزۈتۈپ، ياخشىلارغا ياردەمچى بولغىلي بولىدۇ بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:"سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا خەيرلىك ئىشلارغا دەۋەت قىلىدىغان، ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇپ، يامان ئىشلارنى مەنئى قىلىدىغان بىر جامائە بولسۇن؛ ئەنە شۇلار مەقسىتىگە ئېرىشكۈچىلەردۇر" [72].

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: سىلەرنىڭ بىرىڭلار بىرەر يامانلىقنى كۆرسە ئۇنى قولى بىلەن تۈزەتسۇن ئۇنىڭغا قادىر بولالمىسا، تىلى بىلەن تۈزەتسۇن ئۇنىڭغىمۇ قادىر بولالمىسا قەلبى بىلەن قارشى تۇرسۇن مانا بۇ ئىماننىڭ ئەڭ ئاجىزلىقىدۇر. مۇسلىم رىۋايىتى.

  • ئىلىم ئۆگىنىشكە ۋە ئۇنى ئۆگىتىشكە قىزىقتۇرۇش، ئاللاھتائالا مۇنداق دەيدۇ:"ئېيتقىنكى، «بىلىدىغانلار بىلەن بىلمەيدىغانلار باراۋەر بولامدۇ؟"[73]

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: (ئىلىم ئۆگىنىش ھەربىر مۇسۇلمانغا پەرزدۇر).[74] بىلىم ئارقىلىق ھەر بىر كىشى ئۆزىنىڭ ئۈستىدىكى مەجبۇرىيىتىنى ۋە ھەق ھوقۇقىنى بىلىپ راھەتلىنىدۇ ۋە باشقىلارنى راھەتلەندۈرىدۇ.

  • ئىجتىمائىي مۇھىتني ۋە ئۇنڭدىكي بارلىق ئەسلىھەلەرنى ياخشى مۇھاپىزەت قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆرسەتمە ۋە تەلىماتلىرى ئىنسانىيەتكە پايدىلىق بولغان مۇھىتتىكى ھەر قانداق بىر نەرسىگە زىيانكەشلىك قىلىشتىن قەتتي ئاگاھلاندۇرىدۇ، چۈنكى بۇ كائىنات مەلۇم بىر شەخس ياكى گوروھنڭ مۈلكى بولماستىن ئاممىۋى خەلقنىڭدۇر شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلام مۇھىتقا زىيانلىق تەسىر ئېلىپ كېلىدىغان ھەر قانداق ئىشتىن چەكلەيدۇ ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى:"ﷲ (پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىپ) يەر يۈزىنى تۈزىگەندىن كېيىن، يەر يۈزىدە بۇزۇقچىلىق قىلماڭلار (ﷲ نىڭ ئازابىدىن) قورققان ۋە (رەھمىتىنى) ئۇمىد قىلغان ھالدا دۇئا قىلىڭلار، شۈبھىسىزكى نىڭ رەھمىتى ياخشىلىق قىلغۇچىلارغا يېقىندۇر" [75].

ۋە يەنە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:"ئۇ (ھۇزۇرۇڭدىن) قايتقاندىن كېيىن، زېمىندا بۇزۇقچىلىق قىلىش ئۈچۈن ۋە زىرائەتلەرنى، ھايۋاناتلارنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ (ئۇنىڭ بۇزغۇنچىلىقى ئەمەلدە ئىنسانلارنى ھالاك قىلىش ئۈچۈندۇر، چۈنكى زىرائەتلەرسىز ۋە ھايۋاناتلارسىز ئىنسانلارنىڭ ياشىيالىشى مۇمكىن ئەمەس). ﷲ بۇزۇقچىلىقنى ياقتۇرمايدۇ°ئۇنىڭغا (ۋەز - نەسىھەت قىلىنىپ يامان سۆز - ھەرىكەتلىرىڭدىن قايتىپ) ا تىن قورققىن دېيىلسە، غۇرۇرى ئۇنىڭغا گۇناھ يۈكلەيدۇ (يەنى ھەقتىن تەكەببۇرلۇق بىلەن باش تارتىپ، پىتنە - پاساتتا تېخىمۇ ئەزۋەيلەيدۇ)، ئۇنىڭغا جەھەننەم يېتەرلىكتۇر، جەھەننەم ناھايىتى يامان جايدۇر" [76].

  • خەلقنى يەر يۈزىدە ئومۇمنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشقا دەۋەت قىلىش ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:"ﷲ سىلەرگە زېمىننى مېڭىشقا ئاسان قىلدى، زېمىننىڭ ئەتراپىدا مېڭىڭلار. ﷲ نىڭ (بەرگەن) رىزقىدىن يەڭلار، سىلەر تىرىلگەندىن كېيىن نىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر"[77].
  • مەس قىلغۇچى ئىچىملىك ۋە زەھەرلىك چېكىملىكلەرگە قارشى دەۋەت قىلىش بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:"ئى مۆمىنلەر! ھاراق ئىچىش، قىمار ئويناش، بۇتلار (يەنى چوقۇنۇش ئۈچۈن تىكلەنگەن تاشلار) غا چوقۇنۇش، پال ئوقلىرى بىلەن پال سېلىش شەيتاننىڭ ئىشى، پاسكىنا قىلىقلاردۇر، بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن شەيتاننىڭ ئىشىدىن يىراق بولۇڭلار" [78]
  • ئنسانلارنىڭ يۈز ئابرويىنى، مال مۈلكىنى ساقلاشقا دەۋەت قىلىش ئاللاھ تائالا شان- شەرەپ ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: "زىناغا يېقىنلاشماڭلار، چۈنكى ئۇ قەبىھ ئىشتۇر، يامان يولدۇر" [79]

ۋە يەنە ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:"ئىپپەتلىك ئاياللارنى زىنا بىلەن قارىلىغان، (بۇنىڭ راستلىقىغا ئادىل) تۆت گۇۋاھچىنى كەلتۈرەلمىگەن كىشىلەرنى 80 دەررە ئۇرۇڭلار (يەنى بىراۋغا زىنا بىلەن تۆھمەت چاپلىغان ھەربىر ئادەمنى قامچا ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەر بىلەن 80 نى ئۇرۇڭلار، چۈنكى ئۇلار ئەفىفە ئاياللارغا يالغاندىن تۆھمەت چاپلىغان ۋە كىشىلەرنىڭ ئابرۇيىنى تۆككەن ئادەملەردۇر)، ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىقىنى (ئۇلار يالغانچىلىق ۋە تۆھمەت چاپلاش مەيدانىدا چىڭ تۇرىدىغانلا بولسا) ھەرگىز قوبۇل قىلماڭلار، ئۇلار پاسىقلاردۇر (يەنى ئۇلار بوھتان چاپلاشتىن ئىبارەت چوڭ گۇناھنى ئىشلىگەنلىكلىرى ئۈچۈن، ا نىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلاردۇر)" [80]

ئاللاھ تائالا جەمىيەتتە بۇزۇقچىلىقنىڭ تارقىلىشىنى ياخشى كۆرگەنلەرنى قاتتىق ئازابلايدىغانلىقى بىلەن قورقىدىغان تۇرسا، بۇزۇقچىلىق تارقىتىش ئۈچۈن ھەركەت قىلغان، ياردەملەشكەن ۋە ئاسانلىق يارتىپ بەرگەنلەرنىڭ ھالى نېمە بولماقچى؟! ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:"مۆمىنلەر ئارىسدا بۇزۇقچىلىق تارىلىشىنى ياقتۇرىدىغان ئادەملەر، شۈبھىسىزكى، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە قاتتىق ئازابقا قالىدۇ، اﷲ (سىرلارنى ۋە نىيەتلەرنى) بىلىپ تۇرىدۇ، سىلەر بىلمەيسىلەر" [81]

ئاللاھ تائالا مال مۈلۈك ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:"

بىر - بىرىڭلارنىڭ ماللىرىنى ناھەق يەۋالماڭلار"[82]

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:"سىلەر (باشقىلارغا ئاشلىق قاتارلىقلارنى) ئۆلچەپ بەرگەندە، تولۇق ئۆلچەڭلار ۋە تارازىدا تارتىپ بېرىڭلار، بۇنداق قىلىش (سىلەرگە دۇنيادا) ياخشىدۇر، ئاخىرەتلىكىڭلار ئۈچۈن تېخىمۇ ئوبداندۇر" [83]

 ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:"ئى ئىمان ئېيتقان كىشىلەر! (ھەقىقي) مۆمىن بولساڭلار، اﷲ (نىڭ ئەمرىگە مۇخالىپەتچىلىك) قىلىشتىن ساقلىنىڭلار، (كىشىلەرنىڭ زىممىسىدە) قېلىپ قالغان جازانىنى (يەنى ئۆسۈمنى) ئالماڭلار°ئەگەر ئۇنداق قىلساڭلار، بىلىڭلاركى، اۋە ئۇنىڭ رەسۇلى سىلەرگە ئۇرۇش ئېلان قىلىدۇ، ئەگەر (جازانە قىلىشتىن) تەۋبە قىلساڭلار، (قەرز بەرگەن) سەرمايەڭلار ئۆزۈڭلارغا قايتىدۇ، باشقىلارنى زىيان تارتقۇزمايسىلەر، ئۆزۈڭلارمۇ زىيان تارتمايسىلەر" [84]

  • پايدا مەنپەئىتى ئومۇمىي جەمىيەتتىكىلەرگە قايتىدىغان ئىشلارنى قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش.

خۇددى يېتىملەر ۋە ئائىلە چاقىسى يوقلارغا ئىگە چىققانغا ئوخشاش ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:"يېتىمنىڭ مېلىنى تاكى ئۇ بالاغەتكە يەتكەنگە قەدەر (يېتىمگە) ئەڭ پايدىلىق ئۇسۇلدا تەسەررۇپ قىلىڭلار"[85].

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:(مەن يېتىم بالىنى بېقىۋالغۇچى بىلەن جەننەتتە مۇشۇنداق يىقىن بولىمەن، دەپ كۆرسەتكۈچ بارماقى بىلەن ئوتتۇرا بارمىقىنى ئېچىپ كۆرسەتىكەن) [86]

بارلىق ئىمكانىيىتى بىلەن ئاچارچىلىقنى يوقىتىشقا، ياردەملىشىشكە دەۋەت قىلىش ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: "ئۇ داۋان ئاشمىدى، داۋان ئېشىشىنىڭ نېمىلىكىنى قانداق بىلەتتىڭ؟ داۋان ئېشىش دېگەن) قۇل ئازاد قىلماقتۇر، ياكى ئاچارچىلىق كۈندە تۇغقانچىلىقى بولغان يېتىمگە ياكى توپىدا ياتقان مىسكىن (يەنى ھالى ناچار كەمبەغەل) گە تاماق بەرمەكتۇر"[87]

  • قول ئازاد قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:(قانداق بىر كىشى بىر مۆمىن قۇلنى ئازاد قىلىدىكەن ئاللاھ ئۇنىڭ ھەر بىر ئەزاسىنى ئۇ قۇلىنىڭ سەۋەبىدىن دوزەختە كۆيشىدىن ھەتتا ئەۋرىتنى ئۇنىڭ ئەۋرىتى بەدىلىگە ئازاد قىلىدۇ) [88]

 

 

ئىسلام دىنىنىڭ ئەدەپ ئەخلاقى تىنچ ئامانلىققا چاقىرغۇچىدۇر:

ھەقىقەتەن ئىسلام ئەخلاقى ئىنسانىيەتنىڭ بەخت سائادەتكە ئېرىشىشى ئۈچۈن ياخشىلىق يوللىرىغا بۇيرۇپ، ئنسانلار ئارىسىدا ئاداۋەت ئۇرۇقىنى چېچىش، ئۆچمەنلىشىش ۋە دۈشمەنلىشىشتەك يامان ھەرىكەتلەرنى ھارام قىلغان مانا بۇ ئەدەپ ئەخلاققا رىئايە قىلىنغانداجەمىيەتتە خاتىرجەمچىلىكى ۋە ئامان ئېسەنلىك ھۆكۈم سۈرىدۇ.

ئىسلام دىننىڭ ئەدەپ ئەخلاقى ناھايىتى كۆپ بولۇپ ئۇنىڭ ئۆلچىمى باشقىلارغا ئەرزىيەت يەتكۈزىدىغان ھەر قانداق سۆز ۋە ئىش ھەرىكەت ئاللاھ رازى بولمايدىغان يامان ئەخلاقتۇر ۋە ھەر قانداق بىر كىشى بۇ سۈپەت بىلەن سۈپەتلىنىدىكەن دۇنيادا ئىنسانلارنىڭ نەپرەتلىنىشىگە ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا زۇلۇمنى ۋە بۇزغۇنچىلىقنى تېخىمۇ ئومۇمىي ئېيتقاندا باشقىلارغا سۆزي ياكى ھەرىكەتى بىلەن تاجاۋۇز قىلىشنى، ئامانەتكە خىيانەت قىلىشنى ھارام قىلدى بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:" (ئى مۇھەممەد ! ئۇلارغا) ئېيىتقىنكى، «پەرۋەردىگارىم ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن يامان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى، گۇناھلارنى، (كىشىلەرگە) ناھەق چېقىلىشنى ھارام قىلدى›› [89].

ئاللاھ تائالا ھەدىس قۇدىسىدا مۇنداق دەيدۇ:(ئەي بەندىلىرىم مەن زۇلۇمنى ئۆز نەپسىمگە ھارام قىلغانغا ئوخشاش، سىلەرگىمۇ ھارام قىلدىم زۇلۇم قىلىشماڭلار)[90].

ۋە يەنە مەزلۇمغا نۇسرەت بېرىش زالىمنى توسۇپ قېلىشقا بۇيرۇيدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:(قېرىندىشىڭ زالىم ياكى مەزلۇم بولسىمۇ، ئۇنىڭغا ياردەم قىلغىن) بىر كىشى ئەي ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مەزلۇمغىغۇ ياردەم بېرىمىز، زالىمغا قانداق ياردەم بېرىمىز دەپ سورىدى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى زۇلۇم قىلىشتىن چەكلەپ قالىسەن مانا بۇ ئۇنىڭغا ياردەم قىلغىنىڭ دەپ جاۋاب بەردى.[91]

 بۇنىڭ ئەكسىچە، ئىسلام دىنى گەپ- سۆز ۋە ئىش -ھەرىكەتتە جانلىق ۋە جانسىز مەخلۇقاتلاردىمۇ ئادىل بولۇشقا بۇيرۇيدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:"ا ھەقىقەتەن (كىشىلەر ئارىسىدا) ئادىل بولۇشقا، (جىمى خەلققە) ياخشىلىق قىلىشقا، خىش - ئەقرىبالارغا سىلە - رەھىم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، قەبىھ (سۆز - ھەرىكەتلەر) دىن، يامان ئىشلاردىن ۋە زۇلۇم قىلىشتىن توسىدۇ. نەسىھەتنى قوبۇل قىلسۇن دەپ، ا سىلەرگە پەند - نەسىھەت قىلىدۇ" [92]

ئىسلام دىنىدا ئادىل بولۇش خۇشال بولغاندىمۇ، غەزەپلەنگەندىمۇ مۇسۇماننىغىمۇ كاپىرغىمۇ ئوخشاش تەلەپ قىلىنىدۇ ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى:" بىرەر قەۋمگە بولغان ئۆچمەنلىكىڭلار (ئۇلارغا) ئادىل بولماسلىقىڭلارغا سەۋەب بولمىسۇن، (دۈشمىنىڭلارغا) ئادىل بولۇڭلار، بۇ (يەنى ئۇلارغا ئۆچمەن تۇرۇپ ئادىل بولۇشۇڭلار) تەقۋادارلىققا ئەڭ يېقىندۇر"[93]

بەلكى ئىسلام ئادالەتتىنمۇ يىراق بولغان يامانلىققا ياخشىلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرۇش ئۇ ئارقىلىق قەلبلەرنى بىرلەشتۈرۈپ ئۆچ ئاداۋەتنى يۇيۇشقا رىغبەتلەندۈردى ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:"ياخشى خىسلەت ئارقىلىق (يامان خىسلەتكە) تاقابىل تۇرغىن، (شۇنداق قىلساڭ) سەن بىلەن ئۆزىنىڭ ئارىسىدا ئاداۋەت بار ئادەم گويا سىرداش دوستۇڭدەك بولۇپ قالىدۇ" [94].

 

 

 

خاتىمە

مەن ئىسلام دىنىنىڭ تېرۇرغا تۇتقان مەيدانني كىچىككىنە تىلغا ئالغان بۇ كىتابچىنىڭ ئاخىرىسىدا بۇ مەۋزۇنىڭ ھەققىنى تولۇق ئادا قىلالمىغانلىقىمنى ئېتىراپ قىلىمەن چۈنكى بۇ ناھايىتى ئىنچىكە ۋە نازۇك بىر مەۋزۇ بولۇپ مەن پەقەت ئومۇمىي بىر چۈشەنچە ۋە ئىسلام دىنىنىڭ قارشى پىكىردىكىلەرگە تۇتقان يولى ۋە ئۇلار بىلەن ئومۇمنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزدە تۇتقان ھالدا قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلدىم. چۈنكى، ئىسلامنىڭ مۇستەھكەم تۇتقۇلىرىدىن بىرسى ئاللاھ ئۈچۈن ياخشى كۆرۈش ۋە ئاللاھ ئۈچۈن ئۆچ كۆرۈش بولۇپ ئۇ بۇ پايدا-زىيان ۋە ھاۋايى-ھەۋەس ئۈچۈن بولمايدۇ ئىسلامدا بىرسىنى ئۆچ كۆرۈش ئۇنىڭ زاتىنى ئەمەس بەلكى، ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن ئۆچ كۆرۈش ئاللاھنىڭ ئىتائەتىدىن چىقىپ، بۇيرۇقلىرىنى ئورۇندىماي، چەكلىگەن ئىشلىرىگە جۈرەت قېلىپ ئۆتكۈزگەن ئىش گۇناەـ مەسىيەت ۋە جىنايتى تۈپەيلى بولىدۇ.

بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:"ئەپۇنى دوست تۇتقىن، ياخشىلىققا (يەنى ياخشى سۆز قىلىشقا، ياخشى ئىش قىلىشقا) بۇيرۇغىن، نادانلار بىلەن تەڭ بولمىغىن (يەنى نادانلارنىڭ قىلغىنىنى قىلماي، ئۇلارغا مۇلايىم بولغىن)" [95]

ئىسلام دىنى نېمىدېگەن گۈزەل دىن ھە چۈنكى ئۇنىڭ تەلىماتى ئاللاھ تالا تەرىپىدىن ئىنساننى ئىنسانغا قول بولۇشتىن ئالەملەرنىڭ رەببىگە ئىبادەت قىلىشقا، ئىنسانلارنى كۇپۇر ۋە شىرىكنىڭ زۇلمىتىدىن ئىسلامنىڭ نۇرىغا چىقىرىش ئۈچۈن چۈشۈرۈلگەن ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:"ا مۆمىنلەرنىڭ ئىگىسىدۇ، ئۇلارنى (كۇفرىنىڭ) زۇلمىتىدىن (ئىماننىڭ) يورۇقلۇقىغا چىقىرىدۇ؛ كاپىرلارنىڭ ئىگىسى شەيتاندۇر. ئۇلارنى (ئىماننىڭ) يورۇقلۇقىدىن (گۇمراھلىقنىڭ) قاراڭغۇلۇقىغا چىقىرىدۇ. ئەنە شۇلار ئەھلى دوزاختۇر، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر"[96].

ۋە ئەگەشكۈچىلىرىنى باشقىلارغا ئېھسان قىلىدغان جەمىيەتتە ئادالەتنى بەرپا قىلىشقا كۆپچىللكە ياخشىلىق قىلىپ ئۇلارنىڭ شان شەرىپى ۋە ھەق ھوقۇقلىرىنى قوغداشقا، ئەپۇچان بولۇپ دوستلۇق ۋە مېھرى مۇھەببەتنى زىيادە قىلىشقا ئاللاھنىڭ ھارام قىلغان ھورۇماتلىرىغا يېقىنلاشماي جەمىيەت ئامانلىقىنى قوغداپ، ھەر كىشىنىڭ مېلى ۋە جېني يۈز ئابرويى كاپالەتكە ئېرىشىپ، خاتىرجەم ياشىشى ۋە مەنمەنچىلىكنى تاشلاپ چوڭلار كىچىكلەرنى ئىززەتلەيدىغان كىچىكلەر چوڭلارغا ئېھتىرام قىلىدىغان بايلار كەمبەغەل ۋە موھتاجلارنىڭ ھالىدىن چىقىدىغان بىر مۇسۇلمان قىلپ تەربىيىلەيدۇ، بۇنىڭلىق بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەۋەر بەرگەن ھەقىقىي بىرلىك تۇغىلدۇ.

بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:( ئۆزا ئارا ياخشى كۆرۈش ۋە مېھرىبان بولۇش ۋە، مېھىر شەپقەت قىلىشتا مۆمىنلەرنىڭ مىسالى ئادەمنىڭ جىسمىغا ئوخشاشتۇرئەگەر بەدەندىن بىرەر ئەزا ئاغرىسا بەدەننىڭ قالغان جايلىرىمۇ ئۇيقۇسىزلىق ۋە قىززىش بىلەن تەڭ دەرد تارتىدۇ) بىرلىككە كەلگەن ھەدىس.

ئۈمۈدكى بۇ كىتاچە ھەقىقەتنى ئىزدەپ ئەبەدىي جەننەتكە ئېرىشىپ نەپسىنى مەڭگۈلۈك دەۋزەختىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلارغا يولباشچى بولۇپ قالغۇسى، چۈنكى بۇ ھايات تولىمۇ خەتەرلىك بىر باسقۇچ بولۇپ، بۇ دۇنيادىكىلەرنىڭ ھەممىسىنڭ ئۆلۈمى بىلەن تۈگىسە ئىدى كاشكى، لېكىن ئەڭ چوڭ مۇسىبەت ئۆلگەندىن كېيىن باشلىنىدۇ، بىز مۇسۇلمانلار ئۆلگەندىن كېيىن ھېساب بېرىش ئۈچۈن قايتا تىرىلىدىغانلىقىمىزغا، ياكى مەڭگۈلۈك جەننەت، ۋە ياكى مەڭگۈلۈك دەۋزەخى بولىدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمىز،كىمكى مۇسۇلمان بولۇپ ياخشى ئەمەللەر قىلغان بولسا ئاللاھنىڭ پەزلى بىلەن جەننەتكە كىرىدۇ، ئەگەر يامانلىق قىلىغان، ئىنسانلارنىڭ ھەققىنى ئېلىۋالغان بولسا ئۇ مەزلۇم ئۇ كىشىدىن ھەققىنى ئالدۇ،ئەگەر ئاللاھنىڭ ھەققىگە تاجاۋۇز قىلغان بولسا، ئاللاھ خالىسا ئەپۇ قىلدۇ خالىسا ئازابلايدۇ،ئەمما ھەر قانداق كىشى ئىسلامدىن يۈز ئۆرىسە ۋە كۇپۇرنىڭ ياكى شېرىكنىڭ ئۈستىدە ئۆلسە، ئۇ كىشى دەۋزەختە ئەبەدىي قالىدۇ،شۇنىڭ ئۈچۈن ئاقىل كىشى ئۆزىنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەخت سائادەتكە ئېرىشتۈرىدىغان توغرا يول ۋە توغرا دىننى تاللىشى كېرەك.

ئاخىردابارلىق گۈزەل ماختاشلار ئاللاھ تائالاغا بولسۈن!!!

 

 

 

 

 

www.islamland.com

 

 

 

 

 

 

[1] -سۇرە بەقەرە 131.

[2] - ئەنئام سۈرىسى 162.

[3] - ئەنئام سۈرىسى 127.

[4] - ئەھزاپ سۈرىسى 44.

[5]- مۇسلىم رىۋايىتى.

[6] - مائىدە سۈرىسى15-16.

[7] - بىرلىككە كەلگەن ھەدىس.

[8] - بەقەرە سۈرىسى 256.

[9] - يۇنۇس سۈرىسى 99.

[10] - سۈرەنەھىل 82.

[11] - سۈرە غاشية 22.

[12] - سۈرەنەھىل 106.

[13] - ئبنى ماجه رۋايىتى.

[14] - سۈرە ئەھقاف 35.

[15] - سۈرە ھەج 39_41.

[16] - سۈرە ئال ئىمران 64.

[17] - بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.

[18] - (ئىبىن جوۋزي ئۆمەرنىڭ تارىخى دېگەن كىتابدا زىكىر قىلدى).

[19] - مۇسلىم رىۋايىتى.

[20] - بىرلىككە كەلگەن ھەدىس.

[21] - مۇسلىم رىۋايىتى.

[22] - سۈرە ئال ئىمران 159.

[23] - بىرلىككە كەلگەن ھەدىس

[24] - بىرلىككە كەلگەن ھەدىس.

[25] - سۈرە بەقەرە 190.

[26] - سۈرە نساء 75.

[27] - سۈرە توبة 12-13.

[28] -سۈرە ھۇجۇرات 9.

[29] -سۈرە ئەنفال 47.

[30] - مۇسلىم رىۋايىتى.

[31] - تاباراني، 3-كىتاپ، :226 بەت.

[32] - سۈرە ئنسان 8-9.

[33] - تاباراني رۋايتى 1841.

[34] - سۈرە ھەج 41.

[35] - سۈرە مۇمتەھىنە 8.

[36] - ئەبۇ داۋۇت رىۋايىتى.

[37] - ئبني ھببان رىۋايىتى 2960 - ھەديس.

[38] - تىرمىزى رىۋايىتى 1943.

[39] - سۈرە بەقەرە 179.

[40] - سۈرە نىساء 93.

[41] - ئىبنۇ جوزىنىڭ ئۆمەرنىڭ تارىخى دېگەن كىتابىدىن.

[42] - شورا سۈرىسى 13.

[43] - سۈرە نىسا 163-165.

[44] - بەقەرە سۈرىسى 136.

[45] - سۈرە ئەھزاپ 69.

[46] - سۈرە مائىد 44.

[47] - بەقەرە سۈرىسى 122.

[48] - سۈرە جاسيە 13.

[49] - سۈرە نەھىل 53.

[50] - ئال ئىمران 45-46.

[51] - سۈرە مائىدە 75.

[52] - سۈرە مائىدە 46.

[53] - سۈرە ھەديد 27.

[54] - سۈرە نىسا 150-151.

[55] - سۈرە ھەشىر 10.

[56] - سۈرە ئەھزاپ 40.

[57] - سۈرە ئال ئىمران 85.

[58] - سۈرە بەقەرة 137.

[59] - سۈرە ئەنئام 159-163.

[60] - سۈرە ئال ئىمران 64.

[61] - سۈرە ئەنئام 108.

[62] - سۈرە ئەنكىبۇت 46.

[63] - سۈرە نەھىل 125.

[64] - سۈرە بەقەرە 256.

[65] - سۈرە كەھفە 29.

[66] - سۈرە شۇرا 15.

[67] - سۈرە مائىدە 2.

[68] - تەبراني رىۋايتي

[69] - سۈرە ھۇجىرات 13.

[70] - تىرمىزى رىۋايىتى.

[71] - مۇسلىم رىۋايىتى.

[72] - سۈرە ئال ئمران 104.

[73] - سۈرە زۇمەر 9.

[74] - ئىبنى ماجە رىۋايتى.

[75] - سۈرە ئەئراف 56.

[76] - سۈرە بەقەرە 205.

[77] - سۈرە مۇلىك 15.

[78] - سۈرە مائىدە 90.

[79] - سۈرە ئسرا 35.

[80] - سۈرە نۇر 4.

[81] - سۈرە نۇر 19.

[82] - سۈرە بەقەرە 188.

[83] - سۈرە ئىسرا 35.

[84] - سۈرە بەقەرە 278.

[85] - سۈرە ئىسرا 34.

[86] - بۇخارى رىۋايىتى.

[87] - سۈرە بەلەد 12-14.

[88] - مۇسلىم رىۋايىتى.

[89] - سۈرە ئەئراف 33.

[90] - مۇسلىم رىۋايىتى

[91] - بۇخارى رىۋايىتى.

[92] - سۈرە نەھىل 90.

[93] - سۈرە مائىدە 8.

[94] - سۈرە فۇسسلەت 34.

[95] - سۈرە ئەئراف 199.

[96] - سۈرە بەقەرە 257.