Question

مۇسۇلمان ئايال مۇسۇلمان ئەمەس بىرىگە ياتلىق بولۇشنى خالايدۇ

سوئال: بىر قانچە قېتىم ياتلىق بولۇپ ئاجراشقان ئامېرىكىلىق بىر مۇسۇلمان قىز ، مۇسۇلمان ئەمەس، بىراق ئاللاھقا ئىشىنىدىغان (ئەھلى كىتاپ) بىرىگە ياتلىق بولۇشنى خالايدۇ. مەن ئۇنى قانداق قىلىپ توسۇپ قالسام بولىدۇ؟ ئۇ دەيدۇكى:” مۇنداق قىلىش ئەرلەرگە جائىز بولغان يەردە نېمە ئۈچۈن ئاياللارغا جائىز ئەمەسكەن؟“
Answer
Answer

جاۋاب:
مۇسۇلمان ئايالنىڭ مۇشرىك ئەرگە ياتلىق بولىشى، مۇسۇلمان ئەرنىڭ مۇشرىك ئايالغا ئۆيلىنىشى جائىز ئەمەس. پەقەت خرىستىئان ياكى يەھۇدىي دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان، پاك ئاياللارنى ئېلىش جائىزدۇر. بۇ قۇرئاننىڭ ئايىتى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسى بىلەن سابىت بولۇپ، پۈتۈن ئىسلام ئۇممىتى ئىتتىپاققا كەلگەن بىر مەسىلە.
ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە بۇ كەمتۈك ئەقلىمىز بىلەن قارشىلىق بىلدۈرۈشىمىز توغرا ئەمەس. ئاللاھ قۇرئاندا:« ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى بېرەر
ئىشتا ھۆكۈم چىقارغاندا مۆمىنلەرنىڭ ئۇنىڭغا مۇخالىپەتچىلىك قىلىشىغا بولمايدۇ» دەپ كۆرسەتكەن. بۇ ئايال ئاللاھتىن قورقىشى لازىم. ئاللاھتىن قورققۇچىلارغا ئاللاھ چىقىش يولى بېرىدۇ. ئۇنىڭ ئەھلى كىتاب بولسىمۇ كاپىر بېرىگە ياتلىق بولىشى ئۇنىڭ بىلەن زىنا قىلغانلىقىدۇر. چۈنكى بۇنداق نىكاھ باغلانمايدۇ ۋە باتىلدۇر.

www.islamqa.com