Question

ئەر-ئايال ئارىسىدا قاتتىق ئىختىلاپ بولسا، ئەرگە ئايالنى تالاق قىلىۋېتىش توغرىسىدا نەسىھەت قىلىمىزمۇ؟

مەن بىر تەلىم-تەربىيە كۆرگەن ئادەم، ئايالىم، پەرزەنتلىرىم بار، لېكىن دائىم ئايالىم بىلەن تاكاللىشىپ قالىمىز، كۆپ قېتىم ئارىمىزدىكى ئىختىلاپنى تۈگىتىشكە ئۇرۇنغان بولساممۇ، ھېچ پايدىسى بولمىدى. تالاق قىلىۋېتەي دېسەم قوبۇل قىلمايدۇ، جىنسى تەرەپتىن مەندىن رازى بولمايدۇ. بىزنىڭ ئادىتىمىزدە ئىككىنچى ئايال بىلەن توي قىلىش چەكلىنىدۇ ياكى ئائىلىلىك كىشىلەرگە قىز بەرمەيدۇ، مەن ئارىمىزدىكى ئىختىلاپ بۇ شەكىلدە داۋاملاشسا ئۆزۈمنىڭ خاتالىق سادىر قىلىپ قىلىشىمدىن ئەنسىرەيمەن، مېنىڭ مۇشۇ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشۇم ۋە مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىش ئۈچۈن ماڭا توغرا يول كۆرسىتىش بىلەن بىرگە نەسىھەت قىلغان بولساڭلار؟. ئاللاھ تائالا سىلەرگە ياخشى مۇكاپات ئاتا قىلسۇن.
Answer
Answer

    بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: كىشىلىك تۇرمۇشتا ئائىلە تۇرمۇشى قىيىنچىلىقتىن خالى بولمايدۇ، بەزىسىنى ھەل قىلىش ئاسان بولسىمۇ يەنە بەزىلىرىنى ھەل قىلىش تولىمۇ قېيىن، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشنى ياكى باشقىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشقا ياردەملىشىدىغان كىشىلەر چوقۇم ئەر-ئايال ئارىسىدا، دوستلار ئارىسىدا ياكى ئاتا-بالىلار ئارىسىدا يۈز بېرىدىغان سۈركىلىش، ئىختىلاپ، دە-تالاشلارنى ئومۇمى يۈزلۈك ھەل قىلىشنىڭ سەۋەبلىرىنى بىلىشى كېرەك. بىز سىز بىلەن ئايالىڭىز ئارىسىدا يۈز بەرگەن ئىخىتىلاپنىڭ سەۋەبىنى بىلمەيمىز، شۇنىڭ ئۈچۈن بىز پەقەت ئومۇمى تەرەپتىن سىزگە ۋە سىزگە ئوخشىغان قىيىنچىلىقتىكى كىشىلەرگە پايدىلىق بولغان بەزى كۆرسەتمىلەرنى ئوتتۇرىغا قويىمىز.

    سوئال سورىغۇچى قېرىندىشىم! سىز ئالدى بىلەن ئۆزىڭىز بىلەن ئايالىڭىز ئارىسىدىكى ئىختىلاپنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈڭ، بەلكىم سىز ئارىدىكى ئىختىلاپنىڭ باش سەۋەبچىسى بولۇشىڭىز بۇ ئىختىلاپنى پەقەت ئۆزىڭىز ھەل قىلالىشىڭىز مۇمكىن. بۇنىڭ سەۋەبى بەلكىم سىزنىڭ ئايالىڭىزغا ياخشى مۇئامىلە قىلمىغانلىقىڭىز، ئايالىڭىز ۋە بالىلىرىڭىزغا تولۇق كۆڭۈل بۆلمىگەنلىڭىز ياكى ئۇنىڭدىن باشقا  سەۋەبلەر بولىشى مۇمكىندۇر. ئالدى بىلەن سىز ئۆزىڭىزنىڭ خاتالىقلىرىڭىزنى تۈزۈتۈڭ، ئاندىن خاتالىق سىزدىن ئۆتۈلگەن بولسا ئۇنىڭ سەۋەبلىرىنى يوق قىلىڭ،  سىزمۇ ياخشى بىلىسىز، ئايالغا ياخشى مۇئامىلە قىلىپ، ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۆيگە كېرەكلىك بولغان نەرسىلەرنى تولۇق يەتكۈزۈپ بېرىپ، ئايالنىڭ ئائىلە ئىشلىرى ۋە بالىلارغا ياخشى قارىغانلىقىغا رەھمەت -تەشەككۈر ئېيتىش بولسا، ئايالنىڭ قەلبىدە يولدىشىدىن رازى بولۇشنى، ئەر-ئايال ئارىسىدىكى مىھرېى-مۇھەببەتنى، ئائىلە ئىچىدە كۆيۈمچانلىقنى پەيدا قىلىدۇ.

    ئەمما ئىككىڭلارنىڭ ئارىسىدىكى كىلىشەلمەسلىكنىڭ سەۋەبى ئايالىڭىزنىڭ تەرىپىدىن بولغان بولسا، سىز ئۇ مەسىلىنىمۇ چىرايلىق نەسىھەت قىلىش ۋە ياخشى چارىلەر بىلەن ھەل قىلىشقا تېرىشىڭ، كۆپىنچە ۋاقىتتا ئەرگە نىسبەتەن ئاسان بولىدىغىنى ئايالىنى ئۆزىگە بويسۇنىدىغان قىلىش، ياقتۇرمايدىغان نەرسىنى ياخشى كۆرىدىغان، ياخشى كۆرىدىغان نەرسىنى ياقتۇرمايدىغان قىلىشتۇر. چۈنكى ئايال ئەر بىلەن توي قىلىشقا رازى بولغاندىن كىيىن ئۇ ئەرنىڭ كۆڭۈل بۆلىشى ۋە رىغبەتلىرىگە مۇۋاپىق ياشاشقىمۇ رازى بولىدۇ. بۇ ئايالنىڭ ئۇ ئىشقا رازى بولىشى ياكى ئۇ ئىشنى ياخشى كۈرىشىنى تەقەززا قىلمايدۇ. مانا بۇ ئاياللارنىڭ ئەسلىدىكى تەبىئىتىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئايال دائىم ئېرىگە ئەگىشىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمان ئايالنىڭ كاپىر ئەر بىلەن توي قىلىشى چەكلەنگەن، يەنە دىندار، ئەخلاقلىق ئەر تاللاشقا تەۋسىيە قىلىنغان. ئەر كىشى دىندار ۋە ئەخلاقلىق بولىدىكەن، ئايال چوقۇم ئائىلىدە ئۇنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلىدۇ.

    ئىككىنچى: بەزى ۋاقىتتا ئەر-ئايالنىڭ تەبىئىتى بىر-بىرىگە ماسلاشمايدۇ، ئەر ئايالىغا ياخشى مۇئامىلە قىلاي دېسىمۇ قىلالمايدۇ، ئايالمۇ ئېرىنىڭ يوللۇق بولغان تەلەپلىرىنى ئورۇنداشتىن ئاجىز كېلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئارىسىدا ئايرىلىش كېلىپ چىقىدۇ، ئۇلار ئارىسىدىكى ئىختىلاپ ۋە كېلىشەلمەسلىكنىڭ كۆپلۈكىدىن ئۇلارنىڭ ئەر-ئايال بولۇپ بىر ئائىلىدە ياشىشى ۋاقىتنى زايە قىلىۋېتىشتىن ئىبارەتتۇر.

    سىزنىڭ سوئالىڭىزغا كەلسەك، بىزنىڭ جاۋابىمىز: ئەرنىڭ قارىشىدا ئايال ئىسلاھ بولمىسا، نەسىھەت قوبۇل قىلمىسا، ئىختىلاپقا ئۇ ئايال سەۋەبچى بولسا ئۇ ۋاقىتتا مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ بىر يولى قاپتۇ، ئۇ بولسىمۇ ئۇ ئايالنى تالاق قىلىشتىن ئىبارەت بولۇپ، سىزنىڭ سوئالىڭىزدىن قارىغاندا مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ مۇشۇ يولى قاپتۇ.

    1-ئىككىڭلارنىڭ ئارىسىدىكى ئىختىلاپنىڭ داۋاملاشقانلىقىغا ئۇزۇن بوپتۇ، بۇ ئەھۋالدا ئايالىڭىزنىڭ ئۆزگىرىشى  تەس بولىدۇ.

    2-سىز ياشاۋاتقان مۇھىتتا ئايالىڭىزنى تالاق قىلماي تۇرۇپ ئىككىنچى بىر ئايال بىلەن توي قىلىشنىڭ مۇمكىن بولماسلىقى.

    3- ئايالىڭىزنىڭ سىزنىڭ جىنسى تەلەپلىرىڭىزنى قاندۇرالمىغانلىقى سەۋەبىدىن ھارامغا چۈشۈپ قىلىشتىن ئەنسىرىشىڭىز.

    سىز ئايالىڭىزنىڭ ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىۋېلىشى، تۈزىتىشى ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم پۇرسەت بېرىپ ۋاقىت بەلگىلەپ بېرىڭ، شۇ ۋاقىتتا يەنە ئۆزگەرمىسە ھېچ ئىككىلەنمەي تالاق قىلىۋېتىڭ، ھارامغا چۈشۈپ قىلىشتىن ھەزەر قىلىڭ، چۈنكى سىز ئاللاھ تائالانىڭ شەرىئىتى بويىچە مۇھسىن (يەنى توي قىلغان ئادەم. (ئاللاھ ساقلىسۇن) ئەگەر ھارامغا چۈشۇپ قالسىڭىز، شەرىەتتە سىزگە چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈش جازاسى بېرىلىدۇ. ئىسلام دىنىدا باشقىلارنىڭ ئەخلاقىغا تاجاۋۇز قىلغان، ئاللاھ تائالا چەكلىگەن ھارام ئىشلارنى قىلغانلارغا قاتتىق جازا بېرىلىدىغانلىقى توغرىسىدا نۇرغۇن ئاگاھلاندۇرۇشلار بېكىتىلگەن.

    ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورى