Question

شىيئە بوغۇزلىغان ھايۋاننىڭ گۆشىنى يېيىشنىڭ ھۆكمى

بىز شىيئە مەزھىبىدىكى كىشىلەر بىلەن بىر جەمئىيەتتە ياشايمىز، ئۇلار گەرچە ئىسلامنى دەۋا قىلسىمۇ ئۇلارنىڭ ئېتىقادىنىڭ كىتاپ-سۈننەتكە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى سىلەر ياخشى بىلىسىلەر. ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ نامىنى تىلغا ئىلىپ تۇرۇپ، ساتقىلى ياكى قەبرىلەر، ئۆلۈكلەرگە نەزىر قىلىپ بوغۇزلىغان ئۇلاغلىرىنىڭ گۆشىنى يېسەك دۇرۇس بولامدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.
Answer
Answer

 بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

بوغۇزلانغان مالنىڭ گۆشىنىڭ ھالال بولىشى ئۈچۈن شۇ مالنى بوغۇزلىغان كىشىنىڭ مۇسۇلمان ياكى ئەھلى كىتاب بولىشى شەرت قىلىنىدۇ، مۇشرىكنىڭ، ئوتقا چوقۇنىدىغان ئاتەش پەرەسنىڭ شۇنداقلا ھەق دىندىن يېنىۋالغان مۇرتەدنىڭ بوغۇزلىغان گۆشىنى يىگىلى بولمايدۇ.

     شىئەلەرنىڭ بىر قىسىم ئەقىدە-ئەمەللىرى بولۇپ، بۇ ئۇلارنى ئىسلام دائىرىسىدىن چىقىرىپ تاشلايدۇ. يەنى ئۇلارنىڭ، قۇرئان كەرىم ئۆزگەرتىلگەن، شىيئە ئۆلىمالىرى غەيبى ئىلىملەرنى بىلىدۇ، ئۇلار بارلىق چوڭ-كېچىك خاتالىقلاردىن پاك دەپ ئىتىقاد قىلغىنىدىن تاشقىرى، ئۇلار ئۆلۈكلەردىن ياردەم سورايدىغان، ئاللاھنىڭ غەيرىگە يىلىنىدىغان ۋە ئۇلاردىن ھاجەتلىرىنى تىلەپ دۇئا قىلىدىغان، قەبرىلەرگە سەجدە قىلىدىغان، پەيغەمبەرلەردىن قالسىلا ئىنسانلارنىڭ ئەڭ سەرخىللىرى بولغان ساھابە كىراملارنى تىللايدىغان ۋە ئۇلارنىڭ بەزىسىنى كاپىر دەپ ئېتىقاد قىلىدىغان قەبىھ قىلمىشلىرى مەۋجۇت. يۇقىرىقى ئىشلارنى توغرا دەپ ئىتىقاد قىلغان ياكى ئۇ ئىشلاردىن  بىرەرنى سادىر قىلغان كىشى ئىسلام مىللىتىدىن چىقىپ كەتكەن بولىدۇ ۋە مەزكۇر شەخس بوغۇزلىغان ئۇلاغنىڭ گۆشىنى يىگىلى بولمايدۇ.

     سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات، دىنى پەتىۋا كومىتېتى ئەزالىرىدىن، جەئپەرىيە ئېقىمىدىكى شىئەلەرنىڭ بوغۇزلىغان نەرسىسىنى يىگىلى بولامدۇ؟ چۈنكى ئۇلار قاتتىق خۇرسەن بولغاندا ياكى قايغۇرغاندا ئەلىي، ھەسەن-ھۈسەن ۋە باشقا پىشىۋالىرىنى تىلغا ئىلىپ ئۇلاردىن ھاجەتلىرىنى سوراپ دۇئا قىلىدۇ؟، دەپ سورالغاندا، ئۇلار جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: "ئەگەر ئىش يۇقىرىقى سوئالدا بايان قىلىنغاندەك بولسا، شىيئەلەر ئارىسىدىكى جەئپەرىيلەر ئېقىمى قىيىنچىلىق ياكى خۇرسەنلىكتە ئەلى، ھەسەن-ھۈسەن ۋە باشقا پىشىۋالىرىدىن تىلەكلىرىنى سوراپ دۇئا قىلىدىكەن، (ئاللاھ ساقلىسۇن) ئۇلار ئىسلام دىنىدىن چىقىپ كەتكەن مۇرتەد-مۇشرىكلاردىن بولۇپ، ئۇلار بوغۇزلىغان جانىۋار گەرچە ئاللاھنىڭ نامى بىلەن بوغۇزلانغان تەقدىردىمۇ، ئۇ گۆشنى يىگىلى بولمايدۇ. ئۇ ئۇلاغنىڭ گۆشىنىڭ تاپ بىلەن ھېچ پەرقى يوقتۇر". [دائىمى ھەيئەت پەتىۋا كومىتېتى 2264].

     دائىمى ھەيئەت پەتىۋا كومىتېتى ئەزالىرىدىن بىر كىشى مۇنداق سۇئال سورىغان: مەن مەملىكەتنىڭ شىمالى چېگراسىدىكى قەبىلە رايونىدا ياشايمەن، بىز ئۇ يەردە ئىراق تەۋەلىكىدىكى بەزى قەبىلىلەر بىلەن ئارىلىشىپ ئۆتىمىز، ئۇلارنىڭ مەزھىبى شىيئە بولۇپ، گۈمبەز ۋە مازايى ماشايىخلارغا چوقۇنىدىغان بۇت پەرەسلەردىن، دۇئا قىلسا ياكى بىر نەرسىگە ئىسىم قويسا ئەلىي، ھەسەن-ھۈسەين دەپ ئاتايدۇ، ئورنىدىن تۇرماقچى ياكى ئولتۇرماقچى بولسا، يا ئەلى، يا ھۈسەين دەيدۇ. بىزنىڭ قەبىلىدىكى بەزى كىشىلەر ئۇلار بىلەن توي-تۆكۈن ۋە بەزى مۇراسىملاردا زىچ مۇناسىۋەتتە بولىدۇ، ئۇلارغا بۇ ھەقتە كۆپ نەسىھەت قىلدىم، لېكىن ئۇلار نەسىھەت ئاڭلىمىدى، مەن ئۇلار بوغۇزلىغان مالنىڭ گۆشىنى يىگىلى بولمايدۇ دەپ ئاڭلىدىم، ئەمما بەزى كىشىلەر ئۇنى ئايرىماستىن ئۇلار بوغۇزلىغان ئۇلاغنىڭ گۆشىنىمۇ يەۋىرىدۇ. مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا بىز قانداق قىلىشىمىز كېرەك، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز؟.

     ئۇلار بۇ سوئالغا جاۋاپ بېرىپ: "سىز يۇقىرىدا بايان قىلغاندەك ئۇلار ئەلىي، ھەسەن-ھۈسەين قاتارلىق كىشىلەردىن ھاجەتلىرىنى تەلەپ قىلىدىغان بولسا، ھەقىقەتتە ئۇلار ئىسلام دىنىدىن چىقىپ كېتىدىغان ئشنى سادىر قىلغان مۇشرىكلاردىن بولىدۇ. ئۇلار بىلەن مۇسۇلمان ئاياللارنى ۋە مۇسۇلمان ئەرلەر ئۇلارنىڭ ئاياللىرى بىلەن توي قىلىشىغا يول قويۇلماسلىقى كېرەك. ئۇلار بوغۇزلىغان مالنىڭ گۆشىنى يىگىلى بولمايدۇ.

     ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: ﴿وَلَا تَنكِحُوا الْمُشْرِكَاتِ حَتَّىٰ يُؤْمِنَّ وَلَأَمَةٌ مُّؤْمِنَةٌ خَيْرٌ مِّن مُّشْرِكَةٍ وَلَوْ أَعْجَبَتْكُمْ وَلَا تُنكِحُوا الْمُشْرِكِينَ حَتَّىٰ يُؤْمِنُوا وَلَعَبْدٌ مُّؤْمِنٌ خَيْرٌ مِّن مُّشْرِكٍ وَلَوْ أَعْجَبَكُمْ  أُولَـٰئِكَ يَدْعُونَ إِلَى النَّارِ  وَاللَّـهُ يَدْعُو إِلَى الْجَنَّةِ وَالْمَغْفِرَةِ بِإِذْنِهِ وَيُبَيِّنُ آيَاتِهِ لِلنَّاسِ لَعَلَّهُمْ يَتَذَكَّرُونَ﴾ تەرجىمىسى: «ئى مۇسۇلمانلار! مۇشرىك ئاياللار ئىمان ئېيتمىغىچە ئۇلارنى نىكاھىڭلارغا ئالماڭلار. (ھۆر) مۇشرىك ئايال (ھۆسن - جامالى ۋە مېلى بىلەن) سىلەرنى مەپتۇن قىلغان تەقدىردىمۇ، مۆمىن دېدەك، ئەلۋەتتە، ئۇنىڭدىن ئارتۇقتۇر. مۇشرىك ئەرلەر ئىمان ئېيتمىغىچە مۆمىن ئاياللارنى ئۇلارغا ياتلىق قىلماڭلار، (ھۆر) مۇشرىك ئەر سىلەرنى مەپتۇن قىلغان تەقدىردىمۇ مۆمىن قۇل، ئەلۋەتتە، ئۇنىڭدىن ئارتۇقتۇر. ئەنە شۇلار (يەنى مۇشرىك ئەر ۋە ئاياللار سىلەرنى) دوزاخقا چاقىرىدۇ، ئاللاھ ئۆز ئىرادىسى بويىچە (سىلەرنى) جەننەتكە، مەغپىرەتكە چاقىرىدۇ، كىشىلەر پەند - نەسىھەت ئالسۇن دەپ ئاللاھ ئۇلارغا ئۆز ئايەتلىرىنى بايان قىلىدۇ.» [سۈرە بەقەرە 221-ئايەت]. پەتىۋادا ھەيئەت ئەزالىرىدىن: شەيخ ئابدۇل ئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى باز، ئابدۇراززاق ئەپىيپىى، ئابدۇللاھ غۇدەييان، ئابدۇللاھ ئىبنى قەئۇد قاتارلىقلار. دائىمى ھەيئەت پەتىۋاسى(2264).

     شەيخ ئابدۇللاھ ئىبنى جىبرىن رەھىمەھۇللاھدىن: راپىزىلەرنىڭ بوغۇزلىغان ماللىرىنىڭ گۆشىنى يېيىش توغرىسىدا سورالغاندا، شەيخ بۇ سوئالغا جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "راپىزىلەرنىڭ بوغۇزلىغان ئۇلىغى دۇرۇس بولمايدۇ شۇنداقلا ئۇ مالنىڭ گۆشىنى يىگىلى بولمايدۇ. راپىزىلارنىڭ كۆپىنچىسى مۇشرىك چۈنكى ئۇلار خوشاللىق ۋە قايغۇرغان ۋاقىتلىرىدا ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىپقا سىغىنىپ دۇئا قىلىدۇ. ھەتتا بەيتۇللاھنى تاۋاپ قىلغاندا، ساپا-مەرۋىدە، ئەرەپاتتىمۇ ئاللاھنىڭ غەيرىگە سىغىنىپ دۇئا قىلىدۇ. شۇنداقلا ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئەۋلاتلىرى ۋە باشقا پىشىۋالارغا سىغىنىدۇ، بىز بۇنى كۆپ ئاڭلىدۇق. بۇ چوڭ شېرىك ۋە مۇرتەدلىك بولۇپ، ئۇلار ئۆلۈمگە لايىقتۇر. ئۇلار ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ئۇلۇغلاپ چەكتىن ئاشۇرۇۋېتىدۇ، ھەتتا ئەرەپات مەيدانىدىمۇ ئاللاھ تائالانىڭ سۈپەتلىرى بىلەن ئۇنى سۈپەتلەيدۇ، ئۇلار دىندىن چىقىپ كەتكەن مۇرتەدلەر بولۇپ، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى كائىناتتا خالىغانچە تەسەررۇپ قىلغۇچى، غەيبنى بىلگۈچى، پايدا-زىيانغا ئىگە بولغۇچى دېگەندەك سۈپەتلەر بىلەن ئۇنى ماھىيەتتە كائىناتنى ياراتقۇچى يەككە-يېگانە ئاللاھنىڭ ئورنىغا كۆتۈرىدۇ. ئۇلار يەنە قۇرئان كەرىمگە ئاھانەت قىلىدۇ، ساھابە كىراملارنى قۇرئاننى ئۆزگەرتىۋەتكەن، ئەھلى بەيىتكە ئالاقىدار بولغان ئايەتلەرنى ئۆچۈرىۋەتكەن دەپ گۇمان قىلىپ ئۇلارنى دۈشمەن تۇتىدۇ، ساھابىلارنىڭ ئېتىقادى ۋە ئۇلارنىڭ رىۋايەتلىرىنى قوبۇل قىلمايدۇ".

     شەيخ يەنە: "ئۇلار پېشقەدەم ساھابىلار، ئۈچ خەلىپە، جەننەت بىلەن بىشارەت بېرىلگەنلەر، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرى ۋە ئۇلاردىن باشقا ئەنەس ۋە جابىر، ئەبۇ ھۈرەيرە (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن) قاتارلىق مەشھۇر ساھابىلار ھەققىدە ئەزىيەتلىك سۆزلەرنى قىلىدۇ، ئۇلار ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن ھەدىسلەرنى قوبۇل قىلمايدۇ، ئۆز گۇمانىدا ئۇلارنى كاپىر دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ، ئەھلى بەيتتىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىسلەردىن باشقا  بۇخارى ۋە مۇسلىمدىكى سەھىھ ھەدىسلەرگىمۇ ئەمەل قىلمايدۇ، ئۇ ھەدىسلەرنى يالغان ياكى توقۇلما دەلىلسىز دەپ قارايدۇ. ئۇلار ھەقىقەتنى بىلىپ تۇرۇقلۇق مۇناپىقلىق قىلىدۇ. قەلبىدە بولمىغان نەرسىلەرنى تىللىرى بىلەن ئېيتىدۇ، تىلى بىلەن ئېيتقىنىنى قەلبىدە يوشۇرىدۇ. ئۇلار يەنە: (تەقىيە) يەنى شىيئە بولمىغان كىشىلەرنىڭ دىنى يوق دەپ قارايدۇ. ئۇلارنىڭ بىز دىنى قېرىنداش، دىننى ياخشى كۆرىمىز دېگەنلىرىنىڭ ھەممىسى يالغان، ئۇلارنىڭ ئېتاقىدى مۇناپىقلىقتۇر. شىيئەلەرنىڭ ئەسكىلىكىدىن ئاللاھ ساقلىسۇن"(تۈگىدى).

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ بىلگۈچىدۇر.

ئىسلام سوئال-جاۋاب تورى