Question

ھەق دىننىڭ سۈپەتلىرى

توغرا دىننىڭ سۈپەتلىرى قايسى ؟
Answer
Answer

مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن 
بىر ئەقىدىنىڭ ھەر بىر ئەزاسى ئۆزىنىڭ ئەقىدىسىنى ھەقىقەت دەپ قارايدۇ . بىر دىنغا ئەگەشكۈچى ھەر بىر ئادەم ئۆزىنىڭ دىنىنى ئەڭ ياخشى دىن ۋە ئەڭ توغرا يول دەپ ئىشىنىدۇ . سىز ھەقتىن بۇرالغان دىنغا ئەگەشكۈچىلەر دىن ياكى ئادەم تۈزگەن قائىدە-يۇسۇنلارغا ئەگەشكۈچىلەردىن ئۇلارنىڭ ئىتىقادىنىڭ دەلىلىنى سورىسىڭىز ، ئۇلار سىزگە ئاتا-بوۋىلىرىنى مۇشۇ يولدا بايقىغانلىقىنى ، شۇڭا ئۇلارنىڭ ئىزىغا ئەگىشىۋاتقانلىقىنى دەيدۇ . ئاندىن ئۇلار سىزگە ساغلام ئاساسى بولمىغان ، تېكىستلىرى خاتالىقلار ۋە زىتلىقلاردىن خالى بولمىغان ھىكايىلەرنى ۋە رىۋايەتلەرنى سۆزلەيدۇ . ئۇلار كىمنىڭ يازغانلىقى ياكى دىگەنلىكىنى ، ياكى ئەسلىدە قايسى تىلدا يىزىلغانلىقى ياكى قايسى جايدا تېپىلغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدىغان بۇرۇنقىلاردىن مىراس قالغان كىتاپلارغا تايىنىدۇ . ھەمدە ئۇ نىمىلەر بولسا پەقەت كىشىلەر تەرىپىدىن توپلانغان ئاندىن ئۇلۇغلانغان ، ئاندىن تېكىستنىڭ مەنبىيى ياكى تېكىستنىڭ ئۆزى مۇۋاپىق ئىمىي تەكشۈرۈلمەستىن ، ئەۋلادتىن –ئەۋلادقا مىراس قالغان ئارلاشمىلار . 
بۇ نامەلۇم كىتاپلار ، ھىكايىلەر ۋە قارغۇلارچە دوراشلار دىنلار ۋە ئىتىقادلارنى ئۈنۈملۈك ئىسپاتلار بىلەن تەمىنلىيەلمەيدۇ . بۇ بارلىق ھەقتىن بۇرالغان دىنلار ۋە ئىنسان ئەنئەنىلىرى توغرىمۇ ياكى خاتا؟ 
ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ توغرا بولۇشى مۇمكىن ئەمەس ، چۈنكى ھەقىقەت نۇرغۇن بولماستىن ، بىرلا بولىدۇ . ھەمدە بۇ بارلىق ھەقتىن بۇرالغان دىنلار ۋە ئىنسان ئەنئەنىلىرى ئاللاھ تەرەپتىن كەلگەن بولۇشى ياكى ھەممىسىنىڭ راست بولۇشى مۇمكىن ئەمەس . ئەگەر ئۇلار كۆپ ، ھەقىقەت بىرلا بولسا ، ئۇنداقتا قايسىسى ھەقىقەت ؟ شۇڭا بىز ھەقىقى دىننى ساختا دىندىن پەرق ئىتىدىغان كۆرسەتمىلەر بولۇشى كىرەك . ئەگەر بىز بۇ كۆرسەتمىلەرنىڭ بىر دىنغا ماس كەلگەنلىكىنى بايقىساق ، ئۇنداقتا بىز ئۇنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى بىلىمىز . ئەگەر بۇ كۆرسەتمىلەر ياكى ئۇلارنىڭ بىرى ئۇ دىندا بولمىسا ، ئۇنداقتا بىز ئۇنىڭ ساختا ئىكەنلىكىنى بىلىمىز .
ھەقىقى دىن بىلەن ساختا دىننى پەرىقلەندۈرىدىغان كۆرسەتمىلەر : 
1- دىن ئاللاھ تەرەپتىن كەلگەن بولۇشى ، ئۇنى بەندىلىرىگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن پەرىشتىلەرنىڭ بىرى ئارقىلىق ئەلچىلىرىنىڭ بىرىگە ۋەھىي قىلىنغان بولۇشى كىرەك . چۈنكى ھەقىقى دىن- ئاللاھنىڭ دىنى. ھەمدە ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئىنسانلارنى سوتلايدىغان ، ئۇلارغا ۋەھىي قىلىنغان دىن بويىچە ئۇلار بىلەن ھىساب-كىتاپ قىلىدىغان بىردىن بىر زات . ئاللاھ مۇنداق دىگەن : « ﺑﯩﺰ ﻧﯘﻫﻘﺎ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﯞﻩﻫﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﻩﻙ، ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺳﺎﯕﺎ ﯞﻩﻫﻰ ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﺋﯩﺒﺮﺍﻫﯩﻤﻐﺎ، ﺋﯩﯩﺴﻤﺎﺋﯩﻠﻐﺎ، ﺋﯩﺴﻬﺎﻗﻘﺎ، ﻳﻪﺋﻘﯘﺑﻘﺎ، ﻳﻪﺋﻘﯘﺑﻨﯩﯔ ﺋﻪﯞﻻﺩﻟﯩﺮﯨﻐﺎ، ﺋﯩﺴﺎﻏﺎ، ﺋﻪﻳﻴﯘﺑﻘﺎ، ﻳﯘﻧﯘﺳﻘﺎ، ﻫﺎﺭﯗﻧﻐﺎ، ﺳﯘﻻﻳﻤﺎﻧﻐﺎ ﯞﻩﻫﻰ ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ، ﺩﺍﯞﯗﺩﻗﺎ ﺯﻩﺑﯘﺭﻧﻰ ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ .» [ نىسا( ئاياللار) : 163] ، « ﺳﻪﻧﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﻠﮕﻪﻥ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﯩﮕﻪ: «ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻫﯧﭻ ﻣﻪﺑﯘﺩ (ﺑﻪﺭﻫﻪﻕ) ﻳﻮﻗﺘﯘﺭ، ﻣﺎﯕﯩﻼ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﯖﻼﺭ» ﺩﻩﭖ ﯞﻩﻫﻴﻰ ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ .» ، بۇنىڭغا بىنائەن ، قايسى بىر دىننى مەلۇم شەخىس ئىلىپ كىلىدىكەن ھەمدە ئۇنى ئاللاھقا ئەمەس ، بەلكى ئۆزىگە تەۋە قىلىدىكەن ، شۈبھىسىزكى ئۇ دىن – ساختا دىن .
2- يالغۇز ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا چاقىرشى ۋە شىرىكنى ( كۆپ ئىلاھىزىم) چەكلىشى ، ۋە ئۇنىڭغا ئىلىپ بارىدىغان يوللارنى چەكلىشى كىرەك . ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى تەشۋىق قىلىش بولسا بارلىق پەيغەمبەرلەر ۋە ئەلچىلەرنىڭ دەۋىتىنىڭ ئاساسى ھەمدە ھەر بىر پەيغەمبەر خەلقىگە مۇنداق دىگەن : « ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىڭلار ، سىلەرگە ئۇنىڭدىن باشقا ئىلاھ يوق .» [ ئەئېراف( ئىگىزلىك) : 73 ] بۇنىڭغا بىنائەن ، قايسى بىر دىن شىرىكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن ، ھەمدە ئاللاھقا پەيغەمبەر ،ياكى پەرىشتە ، ياكى بىر ئۇلۇغ شەخىسنى( ئەۋلىيانى) شىرىك قىلىدىكەن ، گەرچە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ئۇنى پەيغەمبەرلەرنىڭ بىرىگە تەۋە قىلسىمۇ ، ئۇ بەرىبىر ساختا دىن .
3- ئۇ ئەلچىلەر تەرىپىدىن ھىمايە قىلىنىدىغان پىرىنسىپلارغا بىردەك بولۇشى كىرەك . مەسىلەن ، يالغۇز ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش ، كىشىلەرنى ئۇنىڭ يولىغا چاقىرىش ، شېرىك ، ئاتا-ئانىغا ئىتائەتسىزلىك قىلىش ، ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈش ، ئاشكاراۋە يۇشۇرۇن بۇزۇق ئىشلاردىن چەكلەش . ئاللاھ مۇنداق دىگەن : « ﺳﻪﻧﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﻠﮕﻪﻥ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﯩﮕﻪ: «ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻫﯧﭻ ﻣﻪﺑﯘﺩ (ﺑﻪﺭﻫﻪﻕ) ﻳﻮﻗﺘﯘﺭ، ﻣﺎﯕﯩﻼ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﯖﻼﺭ» ﺩﻩﭖ ﯞﻩﻫﻴﻰ ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ .» [ ئەنبىيا( پەيغەمبەرلەر) : 25 ] 
« ﺋﯧﻴﺘﻘﯩﻨﻜﻰ، «ﺳﯩﻠﻪﺭ ﻛﯧﻠﯩﭗ (ﺋﺎﯕﻼﯕﻼﺭ)، ﺍﻟﻠﻪ ﻫﺎﺭﺍﻡ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺑﯧﺮﻩﻱ: ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺍﻟﻠﻪ ﻏﺎ ﻫﯧﭻ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﺷﯧﺮﯨﻚ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﻣﻪﯕﻼﺭ، ﺋﺎﺗﺎ- ﺋﺎﻧﺎﯕﻼﺭﻏﺎ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﯖﻼﺭ، ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻗﻮﺭﻗﯘﭖ ﺑﺎﻻﯕﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﻣﻪﯕﻼﺭ، ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﯞﻩ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺭﯨﺰﯨﻖ ﺑﯧﺮﯨﻤﯩﺰ، ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﺍ ﯞﻩ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻥ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭﻏﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﻛﻪﻟﻤﻪﯕﻼﺭ، ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﺋﻪﻣﺮﯨﮕﻪ ﺧﯩﻼﭘﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ (ﻧﺎﻫﻪﻕ) ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﻣﻪﯕﻼﺭ، ﻫﻪﻗﻠﯩﻖ ﺭﻩﯞﯨﺸﺘﻪ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﺵ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻣﯘﺳﺘﻪﺳﻨﺎ. ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺸﯩﯖﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺍﻟﻠﻪ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﯞﺳﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .» [ ئەنئام( چاھارپايلار ) : 151 ] 
« ﺳﻪﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺑﯩﺰ ﺋﻪﯞﻩﺗﻜﻪﻥ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺳﻮﺭﺍﭖ ﺑﺎﻗﻘﯩﻨﻜﻰ، ﻣﯧﻬﺮﯨﺒﺎﻥ ﺍﻟﻠﻪ ﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﻼﻫﻼﺭﻧﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﺪﯗﻗﻤﯘﺋﯚ (ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺍﻟﻠﻪ ﺩﯨﻦ ﻏﻪﻳﺮﯨﻴﮕﻪ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺩﻩﯞﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﻰ ﺑﺎﺭﻣﯘ؟ » [ زۇخرۇف( ئالتۇن بىزەكلەر) : 45 ]
4- ئۇنىڭ بىر قىسمى يەنە بىر قىسمىغا زىت بولماسلىقى كىرەك . شۇندا بىر بۇيرۇقنى چىقىرىپ ، يەنە بىر بۇيرۇق ئۇنىڭغا قارشى بولماسلىقى ياكى بىر نەرسىنى چەكلەپ ئاندىن سەۋەپسىز ئۇنىڭغا شۇنداق ئوخشايدىغان بىر نەرسىنى رۇخسەت قىلماسلىقى ياكى مەلۇم بىر ئىشنى بىر گۇرۇھقا ھارام قىلماي ياكى رۇخسەت قىلىپ ، يەنە بىرىگە ئۇنى ھارام قىلىدىغان بولماسلىقى كىرەك . ئاللاھ مۇنداق دىگەن : « ﺋﯘﻻﺭ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﻣﻪﻣﺪﯗ؟ ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ (ﻣﯘﺷﺮﯨﻜﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﭘﯩﻘﻼﺭ ﮔﯘﻣﺎﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﻩﻙ) ﺍﻟﻠﻪ ﺩﯨﻦ ﻏﻪﻳﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ، ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺯﯨﺪﺩﯨﻴﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ .» [ نىسا ( ئاياللار ) : 82 ] 
5- دىن كىشىلەرنىڭ دىنىنى ، يۈز-ئابرويىنى ، مال-مۈلكىنى ، جانلىرىنى ۋە بالىلىرىنى ئەمىر-پەرمانلار ، چەكلىمە-توسۇقلار ۋە بۇ بەش پىرىنسىپنى قوغدايدىغان ئەخلارقلارنى بىكىتىش ئارقىلىق قوغداشقا كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كىرەك . 
6- دىن ئىنسانلارغا رەھىم-شەپقەت بولۇشى ، ئۇلارنى ئۆزىگە زۇلۇم قىلىش ياكى بىر-بىرىگە زۇلۇم قىلىشتىن خالىي قىلىشى كىرەك . مەيلى ئۇ زۇلۇملار ئۇلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىش بىلەن ، ياكى مال-مۈلۈكلەرنى كونتىرول قىلىۋىلىش بىلەن ، ياكى رەھبەر ، كاتتىلارنىڭ پۇقرالارنى ئازدۇرىشى بىلەن بولسۇن .ئاللاھ مۇساغا( ئۇنىڭغا ئامانلىق بولسۇن) چۈشۈرگەن تەۋرات ئۆز ئىچىگە ئالغان رەھىم-شەپقەتنى بايان قىلىپ مۇنداق دىگەن : « ﻣﯘﺳﺎ ﻏﻪﺯﯨﭙﻰ ﺑﯧﺴﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ (ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻳﺎﺗﻘﺎﻥ ﺗﻪﯞﺭﺍﺕ) ﺗﺎﺧﺘﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﻯ. ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﯨﺪﯨﻦ ﻗﻮﺭﻗﻘﯘﭼﯩﻼﺭﻏﺎ ﻫﯩﺪﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ ﯞﻩ رەھىم-شەپقەت ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. » [ ئەئېراف( ئىگىزلىك) : 154] ، ئاللاھ ئەيسانىڭ ( ئۇنىڭغا ئامانلىق بولسۇن)ئەۋەتىلىشى ھەققىدە مۇنداق دىگەن :« ئۇنى كىشىلەرگە بەلگە ۋە بىز تەرەپتىن بولغان رەھىم-شەپقەت قىلىشىمىز ئۈچۈن ..» [ مەريەم : 21] ، سالىھ( ئۇنىڭغا ئامانلىق بولسۇن)ھەققىدە مۇنداق دىگەن : « ﺳﺎﻟﯩﻬ ﺋﯧﻴﺘﺘﻰ: «ﺋﻰ ﻗﻪﯞﻣﯩﻢ! ﺋﯧﻴﺘﯩﯖﻼﺭﭼﯘ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻣﻪﻥ ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﯨﻢ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻧﺎﺯﯨﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺩﻩﻟﯩﻠﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻼﻧﺴﺎﻡ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺭﻩﻫﻤﯩﺘﻰ (ﻳﻪﻧﻰ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﯩﻚ) ﮔﻪ ﺳﺎﺯﺍﯞﻩﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎﻡ ، » [ ھۇد: 63] ، ھەمدە ئۇ قۇرئان ھەققىدە مۇنداق دىگەن : « بىز قۇرئاننى شىپا ۋە ئىشەنگۈچىلەرگە رەھىم-شەپقەت قىلىپ چۈشۈردۇق .» [ ئىسرا( كېچىدە سەپەر قىلىش ):82] 
7- ئۇ ئاللاھنىڭ قانۇنلىرى ھەققىدە يىتەكلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇشى ، ئىنسانغا ئاللاھنىڭ ئۇنىڭدىكى مەقسىتىنى كۆرسىتىشى ھەمدە ئۇنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكى ۋە قەيەرگە كېتىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ بىرىشى كىرەك . ئاللاھ تەۋرات ھەققىدە مۇنداق دىگەن : « ھەقىقەتەن ، بىز تەۋراتنى چۈشۈردۇق . ئۇنىدا يول كۆرسەتكۈچ ۋە نۇر بار . » [ مائىدە ( داستىخان) : 44] ، ئىنجىل ھەققىدە مۇنداق دىگەن : « ھەقىقەتەن بىز ئۇنىڭغا ئىنجىلنى بەردۇق . ئۇنىدا يول كۆرسەتكۈچ ۋە نۇر بار .» [مائىدە ( داستىخان) : 46]
ئۇ قۇرئان ھەققىدە مۇنداق دىگەن : « ئۇ بولسا ئەلچىسىنى يول كۆرسەتكۈچ ۋە ھەق دىن بىلەن ئەۋەتتى .» [ تەۋبە:33 ] ، ھەق دىن ئاللاھنىڭ قانۇنلىرى ھەققىدىكى كۆرسەتمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ھەمدە كۆڭۈلگەخاتىرجەملىك ۋە تىنىچلىقنى ئىلىپ كىلىدۇ . شۇندا ئۇنىڭدىن شەيتاننىڭ بارلىق ۋەسۋەسىلىرى ھەيدىلىدۇ . ھەمدە ئۇ بالىق سۇئاللارغا جاۋاپ بىرىدۇ ، بالىق قايمۇقۇشلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بىرىدۇ .
8 – ئۇ ئەڭ ياخشى ئەخلاق ۋە ئىش-ھەركەتلەرگە چاقىرشى كىرەك . مەسىلەن ، راستچىللىق ، ئادىللىق ، ئىشەنچىلىك ، ھايالىق ، ئىپپەتلىك ، سېخىيلىق ۋە ھاكازالار . ھەمدە ناچار ئەخلاق ۋە ئىس-ھەركەتلەردىن توسۇشى كىرەك . مەسىلەن ، ئاتا-ئانىغا ئىتائەتسىزلىك قىلىش ، قاتىللىق ، ئەخلاقسىزلىق ، يالغانچىلىق ، زۇلۇم ، ناھەقچىلىك، بىخىللىق ۋە زىناخورلۇق قاتارلىقلار . 
9- ئىشەنگۈچىلەرگە بەخىت ئىلىپ كىلىشى كىرەك . ئاللاھ مۇنداق دىگەن : « تا ھا ، بىز ساڭا قۇرئاننى سېنى جاپاغا سىلىش ئۈچۈن چۈشۈرمىدۇق . » 
[ تا ھا : 1-2 ] ، ئۇ ئادەملەرنىڭ ساغلام تەبىئىتىگە ماس كىلىشى كىرەك : « ئاللاھنىڭ تەبىئىتى ، ئۇ ئىنسانلارنى ئۇنىڭ بىلەن ياراتتى . » [ رۇم : 30 ] ئۇ يەنە ساغلام ئەقىلگە ماس كىلىشى كىرەك ، چۈنكى توغرا دىن بولسا ئاللاھنىڭ قانۇنى . ھەمدە ساغلام ئەقىل بولسا ئاللاھنىڭ ياراتمىسى ، ھەمدە ئاللاھنىڭ قانۇنى بىلەن ئۇنىڭ ياراتمىسىنىڭ بىر-بىرىگە زىت بولۇشى مۇمكىن ئەمەس . 
10- ئۇ ھەقىقەتنى كۆرسىتىشى ھەمدە باتىلدىن ئاگاھلاندۇرىشى كىرەك . توغرا يولغا باشلىشى ۋە ئازغۇنلۇقتىن قاچۇرىشى كىرەك . ھەمدە كىشىلەرنى ئەگرى-توقايلىقى بولمىغان توغرا يولغا چاقىرشى كىرەك . ئاللاھ بىزگە جىنلارنىڭ قۇرئاننى ئاڭلىغاندا ، بىر-بىرىگە مۇنداق دىگەنلىكىنى دەيدۇ : « ظذلار ظئيتتع: «ظع قةؤمعمعز! هةقعقةتةن بعز مذسادعن كئيعن نازعل بولغان، ظذنعثدعن ظعلضعرعكع كعتابلارغا ظذيغذن كئلعدعغان، هةق دعنغا ؤة توغرا يولغا باشلايدعغان كعتابنع (يةنع قذرظاننع) تعثشعدذق» .» [ ئەھقاف: 30 ] ، ئۇ ئۇلارنى جاپا-مۇشەققەتكە قويىدىغان نىمىگە چاقىرماسلىقى كىرەك . ئاللاھ مۇنداق دىگەن : « تا ھا ، بىز ساڭا قۇرئاننى سېنى جاپاغا سىلىش ئۈچۈن چۈشۈرمىدۇق . » [ تاھا : 1-2 ] ،ئۇلارنى ھالاكەتكە ئاپىرىدىغان نىمىگە بۇيرىماسلىقى كىرەك . ئۇ مۇنداق دىگەن : « ئۆزۈڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار . ھەقىقەتەن ئاللاھ سىلەرگە تولىمۇ مىھرىبان بولدى .» [ نىسا(ئاياللار ): 29 ] ئۇ ئەگەشكۈچىلىرى ئارىسىدا ، ئۇلارنىڭ ئىرقى ، جىنسى ياكى قەبىلىسى سەۋەپلىك ئايرىمىچىلىق قىلماسلىقى كىرەك . ئۇ مۇنداق دىگەن : « ظع ظعنسانلار! سعلةرنع بعز هةقعقةتةن بعر ظةر، بعر ظايالدعن، (ظادةم بعلةن هةؤؤادعن ظبارةت )بعر ظاتا بعر ظانعدعن ياراتتذق ظأز ظارا تونذشذشذثلار ظىحىن سعلةرنع نذرغذن معللةت ؤة ظذرذق قعلدذق، هةقعقةتةن ظةث تةقؤادار بولغانلعرعثلار اللةنعث دةرضاهعدا ظةث هىرمةتلعك هئساصلعنعسعلةر (يةنع كعشعلةرنعث بعر-بعرعدعن ظارتذق بولذشع نةسةب بعلةن ظةمةس، تةقؤادارلعق بعلةن بولعدذ)، اللة هةقعقةتةن هةممعنع بعلضىحعدذر، هةممعدعن خةؤةرداردذر .» 
[ ھۇجۇرات( ھۇجرىلار): 13 ]
ھەق دىندا كىشىلەرنىڭ بىر-بىرىدىن ئارتۇقلىقىنى ئايرىيدىغان بىردىنبىر ئۆلچەم بولسا ئاللاھتىن قورقۇش ياكى تەقۋادارلىق . 

[ من كتاب الإسلام أصوله ومبادؤه تأليف د . محمد بن عبد الله بن صالح السحيم. ]

www.islamqa.com