Question

تەرجىمىسى بار مۇسھەف(قۇرئاننىڭ يېزىلمىسى )نىڭ بىر نۇسخىسىنى كاپىرغا بىرىشنىڭ ھۆكمى

دەۋەت مەقسىتىدە غەيرى مۇسۇلمانلارغا ئەسلىدىكى ئەرەپچە تېكىستى بار قۇرئان مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسىنى بىرىشكە بولامدۇ ؟
Answer
Answer

مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن . 
پەزىلەتلىك پېشىۋا مۇھەممەت بىن سالىھ ئۇسەيمىينگە تۆۋەندىكى سۇئالنى سۇنغانىدۇق : 
ئەرەپچە تېكىستنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەمدە تەرجىمە ۋە يەشمە ئۇنىڭ يېرىمىنى ئىگەللەيدىغان قۇرئاننىڭ بىر نۇسخىسىنى كاپىرغا بىرىشنىڭ ھۆكمى نىمە ؟ 
ئۇ مۇنداق جاۋاپ بەردى (ئاللاھ ئۇنى ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن) : 
«ئالىملار ئارىسىدا ھەممىگە مەلۇم نەرسە شۇكى ، كاپىرنى قۇرئانغا ئىگە قىلىشقا بولمايدۇ ، لىكىن كاپىر قۇرئان ھەققىدە كۆپرەك بىلىش ئارزۇسىدا سەمىمىي بولسا ، بىر ئادەم ئۇنى ئاممىۋى كۈتۈپخانىغا ياكى ئۆزىنىڭ شەخسى كۈتۈپخانىسىغا كىلىشكە تەكلىپ قىلسا ، ھەمدە ئۇ يەردە ئۇنىڭغا قۇرئاننى كۆرسەتسە بولىدۇ . » 
ئەگەر سىز ئەرەپچە تېكىستى يوق قۇرئان مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسىنى تاپسىڭىز ، ئاندىن ئۇنى كاپىرغا بەرسىڭىز ئۇنىڭدا چاتاق يوق . ھەمدە ئاللاھ ياخشى بىلىدۇ .
پېشىۋا مۇھەممەت بىن سالىھ ئۇسەيمىين

www.islamqa.com