About the fatwa

Date :

Fri, May 22 2015
Question

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىنى ئوقۇسا ئەجىر-ساۋاپ يېزىلامدۇ؟

قۇرئان كەرىمنى تىلاۋەت قىلغان كىشىگە ئەجىر-ساۋاپ يېزىلىدىغانلىقى توغرىسىدا نۇرغۇن دەلىللەر بايان قىلىندى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىنى ئوقۇغانغىمۇ ئەجىر-ساۋاپ يېزىلامدۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
Answer
Answer

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.

شۇنداق، ئىلىم ئۈگۈنۈش ئۈچۈن ئوقۇغان بارلىق نەرسىلەرگە ساۋاپ يېزىلىدۇ. كىمكى قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىپ مېتودى بىلەن ئىلىم تەلەپ قىلسا، ئۇنىڭغا كاتتا ئەجىر-ساۋاپ يېزىلىدۇ. چۈنكى ئىلىم قۇرئان-ھەدىستىن ئېلىنىدۇ. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىلىم ئۆگەنگەن ۋە ئۆگەتكەن كىشى سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ئەڭ ياخشى كىشىدۇر.» [بۇخارى رىۋايىتى5027-ھەدىس].

     يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قۇرئان ئۆگەنگەن ۋە ئۆگەتكەن كىشى سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ئەڭ ياخشى كىشىدۇر.» [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].

     قۇرئان كەرىمنى ئوقۇش-تىلاۋەت قىلىش توغرىسىدا نۇرغۇن ھەدىسلەر بايان قىلىنغان. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قۇرئان كەرىمنى كۆپ تىلاۋەت قىلىڭلار، شۈبھىسىزكى، ئۇ قىيامەت كۈنىدە ئۆز ساھىبىنى شاپائەت قىلىدۇ.» [مۇسلىم رىۋايىتى 804-ھەدىس]. 

     يەنە بىر ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «سىلەرنىڭ قايسى بىرىڭلار ھېچ گۇناھ- خاتالىق سادىر قىلماستىن مەدىنە شەھرىدىكى بەتھان جىلغىسىغا بېرىپ سېمىز ئىككى تۆگە ئىلىپ كېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ؟ دېۋىدى، ساھابىلار: بۇنى ھەممىمىز ياخشى كۆرىمىز  ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دىدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ مەسچىتكە بېرىپ ئاللاھنىڭ كىتابى بولغان قۇرئان كەرىمدىن ئىككى ئايەت ئۆگەنگىنى ئىككى سېمىز تۆگىدىن ياخشى، ئۈچ ئايەت ئۆگەنگىنى ئۈچ سېمىز تۆگىدىن ياخشى، تۆت ئايەت ئۆگەنگىنى تۆت سېمىز تۆگىدىن ياخشى، ئايەتنىڭ مىقدارى تۆگىنىڭ سانى بىلەن  باراۋەر بولىدۇ، دېدى.» [مۇسلىم رىۋايىتى 803-ھەدىس].

يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ھەدىسلەر قۇرئان كەرىم ئۆگۈنۈشنىڭ پەزىلىتىگە دالالەت قىلىدۇ.

     قۇرئان كەرىمنى تىلاۋەت قېلىشنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا، ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: «كىمكى قۇرئان كەرىمدىن بىر ھەرپ ئوقۇسا، ئۇ كىشى ئۈچۈن ئون ياخشىلىق بولىدۇ، ھەر بىر ياخشىلىق ئۆزىنىڭ ئون باراۋېرىدە بولىدۇ.» [تىرمىزى رىۋايىتى2910-ھەدىس].

     شۇنىڭدەك پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىنى ئۆگەنگەن، ئوقۇغان  ۋە دەرسلىك قىلغان مۆمىن كىشى ئۈچۈنمۇ كاتتا ئەجىر-ساۋاپ بولىدۇ. چۈنكى بۇمۇ ئىلىم ئۆگۈنۈشنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

بۇ ھەقتە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى ئىلىم تەلەپ قىلىش يولىدا ماڭىدىكەن، ئۇ كىشى ئىلىم تەلەپ قىلغانلىقى سەۋەبىدىن، ئاللاھ ئۇنىڭغا جەننەتنىڭ يولىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ.» [تىرمىزى رىۋايىتى2646].

     يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ھەدىس ئىلىم ئۆگۈنۈش، ھەدىس يادلاش ۋە دەرسلىك قىلىش قاتارلىقلار جەننەتكە كېرىشنىڭ ۋە دوزاختىن قۇتۇلۇشتىكى ئاساسلىق ئامىل ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدۇ.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ بىر كىشىگە ياخشىلىقنى ئىرادە قىلسا، ئۇ كىشىنى دىننى چۈشىنىدىغان قىلىدۇ.» [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

     يۇقىرىقى ھەدىسنىڭ مەزمۇنىغا قارايدىغان بولساق، دىننى چۈشۈنۈش قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىپلەرنى ئۆگۈنۈش يولى ئارقىلىق ھاسىل بولىدىغانلىقى، قۇرئان-ھەدىس ئارقىلىق دىننى چۈشەنگەن كىشى، ئاللاھ تائالا ياخشىلىق ئىرادە قىلغان كىشىلەردىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئاللاھ تائالاغا مەدھىيىلەر بولسۇنكى، بۇ ھەقتە نۇرغۇن دەلىللەر بايان قىلىنغان.

شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھنىڭ "نۇرۇن ئەلەددەربى پروگرامما پەتىۋالار توپلىمى" 1-توم 11-بەت