About the fatwa

Date :

Fri, May 22 2015
Question

ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئايالى ئۇنىڭغا ئاۋازىنى كۆتۈرگەنمۇ؟ ۋە خەلىپە ئايالىنىڭ ۋاقىرىشىغا گەپ قىلماستىن سەبرى قىلغانلىقى راستمۇ؟

بەزى تور سەھىپىلىرىدە تارقالغان بۇ قىسسىنىڭ ساغلاملىقى توغرىسىدا سورىماقچىمەن. بىر كىشىنىڭ ئايالى ئۇنىڭغا ۋارقىراپ جاۋاپ قايتۇرغاندا، بەك ئاچچىقى كېلىپ، ئايالى توغرىسىدا شىكايەت قىلماقچى بولۇپ ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ كېرىش ئۈچۈن ئېشىكنىڭ يىنىغا كەلگەندە، ئۆيدىن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئايالىنىڭمۇ خەلىپىگە ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ سۆزلەۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۈمىدسىزلىنىپ خەلىپىگە شىكايەت قىلىشتىن ۋاز كېچىپ كەينىگە قايتقان، دېگەن قىسسىنىڭ ئاساسى بارمۇ؟، ئەگەر شۇنداقلىقى توغرا بولسا، ئايالنىڭ يولدىشىغا ئاۋاز كۆتۈرۈپ سۆزلىشىنىڭ دۇرۇسلىقىغا دەلىل قىلغىلى بولامدۇ؟. ئاللاھ سىلەرگە رەھمەت قىلسۇن!. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
Answer
Answer

     بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.

     بىرىنچى: يۇقىرىدا سۆزلەنگەن ۋەقەلىكنىڭ ئەسلى مۇنداق: بىر كىشى ئايالىنىڭ ئەخلاقى توغرىسىدا ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا شىكايەت قىلىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئېشىكنىڭ يېنىدا ئۇنىڭ چىقىشىنى كۈتۈپ تۇرغاندا، ئۆي ئىچىدىن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئايالىنىڭ ئۇنىڭغا ۋارقىراپ ئۈنلۈك ئاۋازدا سۆزلەۋاتقانلىقىنى، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ جاۋاپ قايتۇرماستىن جىم تۇرغانلىقىنى ئاڭلاپ، كەينىگە بۇرۇلۇپ: مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى بولغان  ئۆمەر ئىبنى خەتتابنىڭ ھالى بۇ تۇرسا، مېنىڭ ھالىم دېگەن ھېچنېمە ئەمەسكەن دەپ قايتىۋاتقاندا، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆيدىن چىقىپ ئۇ كىشىنىڭ قايتىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنى چاقىرىپ: ئى قېرىندىشىم، بىرەر ئىش بىلەن كەلگەنمۇ؟ دەيدۇ. ئۇ كىشى: ئى مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى! مەن سىلىگە ئايالىمنىڭ ئەخلاقىنىڭ ناچارلىقى ۋە ئېغىزىنىڭ يامانلىقى توغرىسىدا شىكايەت قىلىش ئۈچۈن كەلگەن ئىدىم، ئەمما سىلىنىڭ ئاياللىرىنىڭمۇ مېنىڭ ئايالىمغا ئوخشاش سىلىگە ۋارقىراۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ ئىچىمدە: مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى بولغان  ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھالى بۇ بولسا، مېنىڭ ھالىم دېگەن ھېچنېمە ئەمەسكەن دېدىم-دە، ئارقىمغا بۇرۇلدۇم دىدى. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭغا: قېرىندىشىم! ئايالىم مېنىڭ تامىقىمنى ئېتىدىغان ئاشپىزىم، نېنىمنى ياقىدىغان ناۋىيىم، كىيىملىرىمنى يۇيىدۇ ۋە بالىلىرىمنى ئىمىتىدۇ، ئەسلىدە يۇقىرىقى ئىشلارنىڭ بەزىسى ئۇنىڭ مەجبۇرىيىتى ئەمەس، ئۇنىڭ بىلەن كۆڭلۈمنى ھارامدىن تىنچلاندۇرىمەن شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۇنىڭ ئېغىرچىلىقىنى كۆتۈرىمەن، ۋارقىراشلىرىغا سەۋىر قىلىمەن دېدى. ھىلىقى كىشى: ئى مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى! مېنىڭ ئايالىممۇ شۇنداق قىلىدۇ؟ دېدى. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭغا: قېرىندىشىم! سەۋىر قىلغىن قىسقا ۋاقىتتا ياخشى بولۇپ كېتىدۇ، دەيدۇ.

     بۇ ۋەقەلىكنىڭ راستلىقىغا دالالەت قىلىدىغان مەنبەنى تاپالمىدۇق، ھەدىسشۇناس ئالىملاردىن بىرەرسىنىڭمۇ بۇ ۋەقەلىك توغرىسىدا سۆزلىگەنلىكىنى بىلمەيمىز.

     بۇ ۋەقەلىكنى شاپىئىي مەزھەپ پىقھى ئالىملىرىدىن شەيخ سۇلايمان ئىبنى مۇھەممەد ئەلبۇجەيرىمى "شەرھى ئەلمەنھەج" ناملىق ئەسىرى 3- توم 441-442-بەتلەردە بايان قىلىدۇ.

ھەنەپى مەزھەپدىكى پىقھى ئالىملىرىدىن ئەبۇللەيس سەمەرقەندى "غاپىللارنى ئاگاھلاندۇرۇش" ناملىق ئەسىرىنىڭ 517-بىتىدە زىكىر قىلغان. ئىبنى ھەجەر ھەيتەمىي "ئەززەۋاجىر ناملىق ئەسىرى 2-توم 80-بەتتە بايان قىلغان. ئەمما ئۇلارنىڭ ھېچبىرى بۇ ۋەقەلىكنى ئىسنادى بىلەن زىكىر قىلماستىن، بەلكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى "بىر كىشىدىن زىكىر قىلىندى ياكى رىۋايەت قىلىندى" دېگەندەك ۋەقەلىكنىڭ زەئىپلىكىنى ئىپادىلەيدىغان ئىبارىلەر بىلەن بايان قىلدى. مانا بۇ مەزكۇر قىسسىنىڭ مەنبەسىنىڭ ساغلام ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. تۆۋەندىكى قۇرلار ئۇ قىسسىنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى كۈچلاندۇرىدۇ: ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھاياتىغا قارايدىغان بولساق، كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭ ھەيۋىتىدىن ئەيمىنىدىغانلىقى ھەممىگە مەلۇمدۇر. ئىش ئۇنداق بولغانىكەن ئەلۋەتتە ئايالى بەكرەك ئەيمەنمەمدۇ!؟. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئۆمەر ئىبنى خەتتابتىن ئەيمەنگەنلكىمدىن ئۇنىڭدىن بىر ئايەت توغرىسىدا سوئال سورىيالماستىن بىر يىلچە ساقلىدىم.» [بۇخارىي رىۋايىتى4913-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1479-ھەدىس].

     ئەمرۇ ئىبنى مەيمۇن: "ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا خەنجەر ئۇرۇلغان كۈنى مەنمۇ بار ئېدىم، شۇ كۈنى مەن ئۇنىڭدىن ئەيمىنىپ بىرىنچى سەپتە تۇرمىغان ئېدىم، ئۇ زات بولسا ھەيۋىتىدىن كىشىلەر ئەيمىنىدىغان كىشى ئېدى" دەيدۇ. [ھىليەتۇل ئەۋلىيا 4-توم-151-بەت].

     ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇنىڭ ئايالىنىڭ سىرتتىكى كىشىلەر ئاڭلىغۇدەك دەرىجىدە ۋارقىراپ سۆزلىشى، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ گەپ قىلماستىن جىم تۇرۇشى ئېھتىماللىقتىن يىراق ئىش. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئەھۋالىنى بىلگەن كىشى بۇنى ئەلۋەتتە ئىنكار قىلىدۇ. شەيتانمۇ ئۇنىڭدىن ئەيمىنىدىغان ھەتتا ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ماڭغان يولدىن قورقۇپ ماڭمايدىغان تۇرسا، ئىلگىرى ئۆتكەن سەلەپ-سالىھلاردىن ئاياللىرى ۋارقىراپ سۆزلەيدىغان ۋە ۋە ئېرىغا تىل ئۇزىتىدىغان ئەھۋاللار مەلۇم ئەمەس.

     ئەمما ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ: ئايالىم مېنىڭ تامىقىمنى ئېتىدىغان ئاشپىزىم، نېنىمنى ياقىدىغان ناۋىيىم، كىيىملىرىمنى يۇيىدۇ ۋە بالىلىرىمنى ئىمىتىدۇ، ئەسلىدە يۇقىرىقى ئىشلارنىڭ بەزىسى ئۇنىڭ مەجبۇرىيىتى ئەمەس دېگەن سۆزلەر توغرا ئەمەس. چۈنكى ئۆرپ-ئادەتتە ئايالنىڭ ئېرىگە خىزمەت قىلىشى مەجبۇرىيەت ھېسابلىنىدۇ. بولۇپمۇ ئاياللارنىڭ بالا ئېمىتىشى ئۇلارنىڭ مەجبۇرىيىتى بولۇپ، ئايال ئەرنىڭ ئەمرىدىلا بولىدىكەن ئېرىنىڭ بالىلىرىنى ھەقسىز ئېمىتىش ۋاجىپ بولىدۇ.

     سۆزنىڭ خۇلاسىسى: بۇ ۋەقەلىكنىڭ ئەسلى يوق، ئۇنىڭ تېكىستلىرى بۇنىڭ توغرا ئەمەس ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ۋەقەلىكنى ئايالنىڭ ئېرىگە ۋارقىراپ سۆزلىشى دۇرۇس دەپ دەلىل قىلىش توغرا بولمايدۇ.

     ئىككىنچى: ئايالنىڭ ئېرىگە ۋارقىراپ جاۋاپ ياندۇرۇشى ئەدەپسىزلىك ۋە ئەخلاقسىزلىق بولۇپ، ئۇنداق قىلىش دۇرۇس بولمايدۇ.

     شەيخ ئىبنى ئۇسەيمين رەھىمەھۇللاھدىن: ئەر-ئاياللىق تۇرمۇشتا ئايالنىڭ ئېرىگە ۋارقىراپ سۆز قايتۇرۇشى توغرىمۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ بۇنىڭغا مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: بىزنىڭ بۇ ئايالغا بېرىدىغان جاۋابىمىز، ئايالنىڭ ئېرىگە ئۈنلۈك ئاۋازدا جاۋاپ قايتۇرۇشى ئەدەپسىزلىكتۇر. چۈنكى ئەر دېگەن ئۇنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى ئىدارە قىلغۇچى، ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلگۈچىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئايالنىڭ ئېرىنى ئېھتىرام قىلىشى، سۆزلىگەندە ئەدەپ بىلەن سۆز قىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. ئايالنىڭ ئېرىگە ئەدەب ۋە ئېھتىرام بىلەن سۆز قىلىشى، ئۇلار ئارىسىدىكى ئۈنسى-ئۈلپەت ۋە مېھرى-مۇھەببەتنىڭ داۋاملىشىشىدىكى ئاساسلىق ئامىلدۇر. شۇنىڭدەك ئەرمۇ ئايالى بىلەن شۇنداق مۇئامىلىدە بولىشى لازىم. تۇرمۇش ئەر-ئايالنىڭ بىر-بىرىگە كۆيۈنۈشىنى تەقەززا قىلىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَعَاشِرُوهُنَّ بِالْمَعْرُوفِ ۚ فَإِن كَرِهْتُمُوهُنَّ فَعَسَىٰ أَن تَكْرَهُوا شَيْئًا وَيَجْعَلَ اللَّـهُ فِيهِ خَيْرًا كَثِيرًا﴾ تەرجىمىسى: «ئۇلار بىلەن چىرايلىقچە تىرىكچىلىك قىلىڭلار، ئەگەر ئۇلارنى ياقتۇرمىساڭلار (سەۋر قىلىڭلار)، چۈنكى سىلەر ياقتۇرمايدىغان بىر ئىشتا ئاللاھ كۆپ خەيرىيەتلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن» [سۈرە نىسا 19-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].

     بۇ ئايالغا مېنىڭ نەسىھىتىم: ئۆزى ۋە يولدىشى توغرىسىدا دائىم ئاللاھقا بولغان تەقۋادارلىقنى لازىم تۇتىشى، ئېرى تۆۋەن ئاۋازدا سۆزلەۋاتقان بولسا، ئۇنىڭغا ۋارقىراپ جاۋاب بېرىشىنىڭ توغرا ئەمەسلىكى، بەلكى ئېرىغا مۇلايىملىق بىلەن سىلىق سۆزلىشى ئۇنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىكى ئۈچۈن پايدىلىقتۇر. [نۇرۇن ئەلەددەرب پەتىۋاسى(192)].

     بۇ ھەقتە يەنىمۇ كۆپ مەلۇمات كېرەك بولسا (125374- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

     ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ بىلگۈچىدۇر.

     تەرجىمە قىلغۈچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز  

     تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى