Question

نىكاھ بىلەن بىر يەردە بولۇش ئارىسىنىڭ ئۇزاپ كېتىشى شەرىئەتتە ياخشى كۆرەلمەمدۇ؟

نىكاھ خۇتبىسى قىلىنىپ ئايالى بىلەن بىرگە بولۇش ئارىسىدىكى ۋاقىت ئۇزاپ كەتسە قانداق بولىدۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
Answer
Answer
بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر. بىز بۇ سوئالنى مەرھۇم شەيخ ئەللامە مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئۇسەيمىيندىن سورىغان ئىدۇق، شەيخ سۇئالىمىزغا جاۋاپ بېرىپ، مۇنداق دېگەن: "بۇنىڭ ھېچ زىيىنى يوق. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئائىشە ئانىمىز ئالتە ياش ۋاقتىدا ئۇنىڭغا نىكاھ خۇتبىسى قىلغان، توققۇز ياشقا كىرگەندە بىرگە بولغان. نىكاھلانغۈچى بەزى ۋاقىتتا قىزنىڭ ياكى ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ پىكىر-قاراشلىرىنىڭ ئۆزگىرىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، نىكاھ ئەھدىسىدىن كىيىنلا ئايال بىلەن بىرگە بولۇشقا ئالدىرايدۇ، بۇنداق قىلىشمۇ دۇرۇس. ئەمما مېنىڭ قارىشىمچە: ئىككى تەرەپ ئارىسىدا توي بۇزۇلىدىغان ھادىسىلەر ياكى ئىككىسىنىڭ بىرى ۋاپات بولۇش ياكى تالاققا سەۋەب بولىدىغان ئامىللارنىڭ يۈزبېرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، نىكاھ خۇتبىسى توي كۈنى ياكى ئۇنىڭدىن بىرقانچە كۈن بۇرۇن قىلىنسا ياخشى بولىدۇ. ئاللاھ تائالا ھەممەيلەننى ياخشىلىققا مۇيەسسەر قىلسۇن. پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئەلئۇسەيمىين