عن الفتوى

التاريخ :

Fri, May 22 2015
:السؤال

كاپىر خوشنىنىڭ ھاجىتىنى ئادا قىلىش كېرەكمۇ؟

خوشنام كاپىر، ئۇنىڭ مەندىن تەلەپ قىلغان ھاجەتلىرىنى ئادا قىلىشىم توغرا بولامدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
الإجابة:
الإجابة:

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.

     بۇ ئىش سىز ياشاۋاتقان يۇرتنىڭ ئۆرپ-ئادىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئەگەر ئۇ يەردە خوشنىلار  ئۆز-ئارا ھاجەتلىرىنى ئادا قىلىشىدىغان ئادەت بولسا، مىسالغا ئالساق: بىرسى بازارغا بارماقچى بولسا، خوشنىسى ئۇنىڭغا: ماڭا بازاردىن مۇنداق-مۇنداق نەرسە ئالغاچ كېلىڭ دەپ تەلەپ قىلسا، گەرچە خوشنىسى كاپىر بولغان تەقدىردىمۇ ئۇنىڭ دېگەنلىرىنى ئالغاچ كەلسە بولىدۇ. چۈنكى ئۇ خوشنىنى ھۆرمەتلەشنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

     پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خوشنىدارچىلىق ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرگەن كىشى، خوشنىسىنى ھۆرمەت قىلسۇن. [بۇخارى رىۋايەت قىلغان ھەدىسنىڭ بىرقىسمى].

     ئەمما مەزكۇر يۇرتنىڭ ئۆرپ-ئادىتىدە خوشنىلار ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىدىغان ياكى ياردەملىشىدىغان ئىشلار بولمىسا، بۇ ۋاقىتتا ئىشنىڭ يۆلىنىشىگە قاراپ مۇئامىلە قىلىش كېرەك. پەزىلەتلىك شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين پەتىۋالىرىدىن ئىلىندى.  

      ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

      تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى