تەۋھىد كىتابى - ئەلپەۋزان/الفوزان

بۇ كىتاب، تەۋھىد توغرىسىدا يىزىلغان ئالدىنقى قاتاردىكى ئۆزى ئىخچام ۋە چۈشۈنۈشلىك ئەسەر بولۇپ، ئاپتور ئەسەرنى يىزىش جەريانىدا مەشھۇر ئۆلىمالارنىڭ مەزكۇر ماۋزۇدا يازغان كىتابلىرىدىن پايدىلانغان. بۇ ئەسەر مۇسۇلماننىڭ ھەر تۈرلۈك باتىل ئەقىدىلەرنىڭ تەسىرىگە ئۈچرىماسلىقى ئۈچۈنلا ئەھمىيەتلىك بولماستىن، بەلكى ئۇنىڭ ساغلام تەۋھىد ئىلمى بىلەن قوراللىنىشى ئۈچۈن ئاساسلىق مەنبە ھېسابلىنىدۇ.


تەۋھىد كىتابى


<   الأويغورية - ئۇيغۇرچە - uyghur  >
    
    
پەزىلەتلىك شەيخ سالىھ ئىبنى پەۋزان ئەلپەۋزان

ز



تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد يۇسۇپ & نىزامىددىن تەمكىنى

تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى   


كتاب التوحيد

        

فضيلة الشيخ صالح بن فوزان الفوزان




ترجمة: محمد يوسف& نظام الدين تمكيني

مراجعة: نظام الدين تمكيني


بسم الله الرحمن الرحيم
كېرىش سۆز
   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. راستچىل پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامگە، ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابە كىراملىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
  تەۋھىد ھەققىدە يېزىلغان بۇ كىتابنىڭ ئۆزى ئىخچام، مەزمۇنى كەڭ ۋە ئىبارىلىرى ئوڭاي بولۇشىغا ئەھمىيەت بەردىم، كۆپلىگەن ئىسلام بۈيۈكلىرىنىڭ، خۇسۇسەن شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە، ئىبنى قەييىم ۋە مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلۋەھھاب قاتارلىق ئۆلىمالارنىڭ قىممەتلىك ئەسەرلىرىدىن پايدىلاندىم. شۈبھىسىزكى، ئىسلام ئەقىدىلىرىنى ئۈگىنىش بارچە ئىلىملەرنىڭ ئەۋۋىلى ۋە مۇسۇلمانچىلىقنىڭ ئاساسىدۇر. چۈنكى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەمەللەرنىڭ مەقبۇل ۋە ئۆز ئىگىسىگە پايدىلىق بولۇشى ئۈچۈن بۇ ئىلىمنى ئۈگىنىش، ئۈگىتىش ۋە ئەمەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىشنى تەقەززا قىلىدۇ. شۇنداقلا بىز ھازىر دىنسىزلىق، خۇراپاتچىلىق ۋە ماتېرىيالىزمچىلىق ئېقىملىرى دەۋر سۈرۈۋاتقان بىر ئەسىردە ياشاۋاتىمىز. بۇ ئېقىملارنىڭ ھەممىسى ناھايىتى خەتەرلىك ئېقىملاردۇر. كۈنىمىزدىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىز پەقەت قۇرئان ۋە سەھىھ ھەدىسلەرنى ئاساس قىلغان توغرا ئەقىدىنى ئۈگىنىش بىلەنلا يۇقىرىقى خەتەرلىك ئېقىملارغا تاقابىل تۇرالايدۇ، شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ ئېتىقادلىرىنى ئىسلاھ قىلالايدۇ. مانا بۇ ئىسلام ئەۋلادلىرىنىڭ ئىسلامىي ئەقىدىنى توغرا يوسۇندا ئۈگىنىپ يېتىشىشى ئۈچۈن زور ئەھمىيەت بېرىشكە تۈرتكە بولغان سەۋەبنىڭ ئۆزىدۇر.
پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
سالىھ ئىبنى فەۋزان ئەلفەۋزان
    
    

مۇندەرىجە
بىرىنچى باب :ئىنسانىيەت ھاياتىدىكى ئازغۇنلۇق.................................... 4
شېرىكنىڭ ئېنىقلىمىسى ۋە ئۇنىڭ تۈرى ................................................. 8
شېرىكنىڭ تۈرلىرى ....................................................................... 12
كۇفرى ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى ................................................................. 16 نىفاق ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى ................................................................. 21
نىفاقنىڭ تۈرلىرى ..........................................................................22
جاھىلىيەت، پىسق، زالالەت، مۇرتەدلىك .............................................. 26
پىسىق ......................................................................................27
زالالەت (ئازغۇنلۇق)........................................................................29
مۇرتەدلىك ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى .............................................................30
ئىككىنچى باب: تەۋھىدكە زىت ۋە ئۇنىڭغا نۇقسان يەتكۈزىدىغان سۆز-ھەرىكەتلەر.................................................................................33
سېىھىرگەرلىك، جىنكەشلىك، پالچىلىق توغرىسىدا ...................................36
رەمبال ۋە پالچىلىق ھەققىدە ئېنىقلىما..................................................37               
مازار-ماشايىخلارغا ۋە قەبرىلەرگە ئاتاپ قۇربانلىق قىلىش، نەزىر-چىراغ ئۆتكۈزۈشنىڭ ھاراملىقى...................................................................................39
ھەيكەللەرنى تىكلەش ۋە ئۇلارنى ئۇلۇغلاشنىڭ ھۆكمى...............................42
دىننى مەسخىرە قىلىش ۋە شەرئىي چەكلىمىلەرنى مەنسىتمەسلىكنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا ..................................................................................45
ئاللاھنىڭ شەرىئىتى بىلەن ھۆكۈم قىلماسلىق توغرىسىدا.............................49
شەرىئەت بىلەن ھۆكۈم قىلمىغۇچىنىڭ ھۆكمى.........................................53
ھالال-ھارام مەسىلىلىرىنى بەلگىلەش سالاھىيىتىنى دەۋا قىلىش توغرىسىدا.......56
ئىسلامغا قارشى گۇرۇھلارغا ۋە جاھىلىيەت تەرەپدارلىرىغا مەنسۇپ بولۇشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا ..................................................................................60
ماتېرىيالىزم نەزەرىيىسىنىڭ ھاياتلىق پەلسەپىسى ۋە ئۇنىڭ خاتالىقى ..............66
دەم سېلىش ۋە تۇمار ئېسىش توغرىسىدا......................................71
ئاللاھنىڭ غەيرى بىلەن قەسەم قىلىش، مەخلۇقتىن ياردەم سوراش ۋە ئاللاھقا ۋاسىتە قىلىشنىڭ ھۆكمى.................................................................75
مەخلۇقتىن مەدەت ۋە ياردەم سوراشنىڭ ھۆكمى.......................................82
ئۈچىنچى باب: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرى ھەققىدە ئېتىقاد قىلىش زۆرۈر بولغان مەسىلىلەر...........................................................84
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىتائەت قىلىش ۋە ئۇنىڭ يولىغا ئەگىشىشنىڭ ۋاجىپلىقى توغرىسىدا......................................................................91
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ئېيتىشنىڭ زۆرۈرلىكى توغرىسىدا..............94
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇلارنىڭ مەرتىۋىلىرى توغرىسىدا ..................................................................................96
ساھابىيلەرنىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇلار ھەققىدە قانداق ئېتىقاد قىلىش كېرەكلىكى توغرىسىدا...................................................................................99
ئەھلى سۈننە ۋەلجەمائە مەزھبىنىڭ ساھابىلەر ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن پىتنە ۋە ئۇرۇشلار ھەققىدىكى قاراشلىرى.......................................................102
ساھابىلار ۋە ئىسلام بۈيۈكلىرىنى سۆكۈشنىڭ مەنئى قىلىنىشى.....................108
تۆتىنچى باب: بىدئەتلەر.............................................................112
مۇسۇلمانلار ئارىسىدا بىدئەتلەرنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە ئۇنىڭ سەۋەبى توغرىسىدا 117    
ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بىدئەتچىلەرگە تۇتقان پوزىتسىيەسى ۋە ئەھلى سۈننە جامائىتىنىڭ بىدئەتلەرنى رەت قىلىشتىكى پىرىنسىپى..............................123
زامانىمىزدىكى بىدئەتلەردىن بەزى مىساللار.........................................124
بىدئەتچىگە قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەك؟.........................................130

 

بىرىنچى باب
ئىنسانىيەت ھاياتىدىكى ئازغۇنلۇق
(كۇفرى، شېرىك ۋە نىفاق ھەققىدە تارىخىي بايان)

    ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى يالغۇز ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلسۇن ئۈچۈن ياراتتى ۋە بۇ جەرياندا ئۇلار ئېھتىياجلىق بولىدىغان رىزىقلارنى ئاتا قىلدى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَمَا خَلَقْتُ الْجِنَّ وَالْإِنسَ إِلَّا لِيَعْبُدُونِ. مَا أُرِيدُ مِنْهُم مِّن رِّزْقٍ وَمَا أُرِيدُ أَن يُطْعِمُونِ﴾ تەرجىمىسى: «جىنلارنى، ئىنسانلارنى پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈنلا ياراتتىم. ئۇلاردىن مەن رىزىق تىلىمەيمەن ۋە ئۇلارنىڭ مېنى ئۇزۇقلاندۇرۇشىنى تىلىمەيمەن.» [سۈرە زارىيات 56-57 –ئايەتلەر].
     ئىنسان تەبىئىتى ئۆز ھالىغا قويۇپ بېرىلىدىغان بولسا، ئۇ ھامان ئاللاھنىڭ بار ۋە بىر ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدىغان ۋە ئۇنىڭغىلا ئىبادەت قىلىشنى ئۆزلىرى ئۈچۈن بۇرچ دەپ تونۇيدىغان ئاڭغا ئېرىشىدۇ. ئىنسان ۋە جىنلاردىن بولغان شەيتانلار ئۆزلىرىنىڭ ھەر تۈرلۈك ئازدۇرغۇچ ۋاسىتىلىرى بىلەن ئىنساننى ئەسلى پاك تەبىئىتىدىن ئازدۇرىدۇ. شۇنىسى ھەقىقەتكى، ئاللاھنى تونۇش ئېڭى ئىنساننىڭ ئەسلى تەبىئىتىدە مەۋجۇد بولغان بىر خىسلەت بولۇپ، كۇفرى بىلەن شېرىك ئىنسان تەبىئىتىگە سىرتتىن كىرگەن بىر فَأَقِمْ وَجْهَكَ لِلدِّينِ حَنِيفًا فِطْرَةَ اللَّهِ الَّتِي فَطَرَ النَّاسَ عَلَيْهَا لَا  تەرجىمىسى: «ئاللاھنىڭ دىنىغا ئەگەشكىنكى، ئاللاھ ئىنسانلارنى شۇ دىن بىلەن ياراتتى، ئاللاھنىڭ ياراتقىنىدا ئۆزگىرىش بولمايدۇ.» [سۈرە رۇم 30ـ ئايەت].
 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەرقانداق پەرزەنت ئىسلام فىترىتىدە دۇنياغا كېلىدۇ، ئۇنى ئاتا-ئانىسى يەھۇدىي ياكى خرىستىئان ياكى مەجۇسى (ئاتەشپەرەس) قىلىپ تەربىيىلەيدۇ.» [بۇخارىي ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].
     ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدىن بېرى پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ دىنى ئىسلام (يەنى ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە ئېتىقاد قىلىش دىنى) ئىدى. ئاللاھ  تەرجىمىسى: «ئىنسانلار ئەزەلدىن  ھەق دىندىكى بىر ئۈممەت ئىدى، (كېيىن ئۇلارنىڭ بەزىسى ئىمان ئېيتىپ، بەزىسى ئىمان ئېيتماي) ئىختىلاپ قىلىشتى، ئاللاھ (مۆمىنلەرگە جەننەت بىلەن) خۇشخەۋەر بەرگۈچى، (كاپىرلارنى دوزاختىن) ئاگاھلاندۇرغۇچى پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتى.» [سۈرە بەقەرە 213- ئايەتنىڭ بىرقىسمى].  
    توغرا ئەقىدىدىن بۇرۇلۇش، كۇفرى ۋە  شېرىك ئەڭ ئەۋۋەل نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىدە ئوتتۇرىغا چىققان. نۇھ ئەلەيھىسسالام ئىنسانىيەت تارىخىدا ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن بىرىنچى پەيغەمبەر  تەرجىمىسى: «ئى پەيغەمبەر! بىز نۇھقا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى پەيغەمبەرلەرگە ۋەھى قىلغاندەك، ھەقىقەتەن ساڭا ۋەھى قىلدۇق.» [سۈرە نىسا 163ـ ئايەت].
     ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: »ھەزرىتى ئادەمنىڭ زامانىدىن نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىسىغىچە ئون ئەسىر ئۆتكەن. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىسلام (يەنى ھەق) دىندا ئىدى.»  بۈيۈك ئىسلاھاتچى ئالىم ئىبنى قەييىم ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ بۇ سۆزىنى شۈبھىسىز توغرا دەپ تەستىقلىغان. ئاللاھنىڭ مۇنۇ سۆزى بۇ  تەرجىمىسى: «ئىنسانلار ئەسلىدە بىر دىن (يەنى ئىسلام دىنى) دا ئىدى. كېيىن ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشتى (يەنى دىنلار كۆپەيدى، كىشىلەر بۇتلارغا چوقۇنۇشتى).» [سۈرە يۇنۇس سۈرىسى 19ـ ئايەت].
    يەنى ئىنسانلار ئۆزلىرىنىڭ ئەسلىدىكى ھەق دىنىدىن ئۇزاقلىشىش، ھەتتا ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈش نەتىجىسىدە ھەرخىل باتىل دىنلارغا بۆلۈنۈپ، بۇتلارغا چوقۇنغانلىقى سەۋەبتىن ئاللاھ ئۇلارنى ئەسلىدىكى ھەق دىنىغا قايتۇرۇش ئۈچۈن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتكەن. ئەرەبلەرمۇ شۇنىڭدىن كېيىن ئەمر ئىبنى لەھيە كەلگۈچىلىك ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنىدا ئىدى. ئەمر ئىبنى لەھىيە بۇتپەرەسلىك دىنىنى ئەرەب يېرىم ئارىلىدا، خۇسۇسەن ھىجاز زېمىنىدا كەڭ تارقىتىش ئارقىلىق ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەق دىنىنى ئۆزگەرتكەن ۋە تەدرىجىي ھالدا پۈتۈن ئەرەب قەبىلىلىرىنى ھەق دىندىن چىقارغان. ھەتتا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئەۋەتىلگەنگە قەدەر بۇ مۇقەددەس زېمىندا بۇددا دىنى دەۋر سۈرەتتى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر بولۇپ كەلگەندىن كېيىن، ئەرەبلەرنى ھەق دىنغا — ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنى بولغان ئىسلام دىنىغا چاقىردى. ئۈ ئاللاھنىڭ دىنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش يولىدا بارلىقىنى ئاتىدى. نەتىجىدە، ھەق دىن ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. بۇتلار چېقىپ تاشلاندى. ئاللاھنىڭ ھەق دىنى تاكامۇللاشتى. شۇندىن بېرى ئىسلام مىللىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۆزلىرىگە ئۈلگە قىلىپ، ئۇ كۆرسەتكەن توغرا يول ئارقىلىق ئالتۇن دەۋىرگە ئايلاندى. ئىسلام دىنى ئەرەب يېرىم ئارىلىدىن ھالقىپ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بېرىپ يەتتى. ئەپسۇسكى، كېيىنكى ئەسىرلەردە مۇسۇلمانلار ئارىسىدا باش كۆتۈرگەن جاھالەت، باشقا دىنلارنىڭ خۇراپاتلىرىنى قوبۇل قىلىش ئېقىمى، ئازغۇن يولباشچىلارغا ئەگىشىپ ئەۋلىيا ۋە مازار-ماشايىخلارغا چوقۇنۇشلارغا ئوخشاش شېرىك ۋە خۇراپاتلارنىڭ سەۋەبى بىلەن كۆپلىگەن مۇسۇلمانلار ھەقىقىي تەۋھىد روھى ۋە ئۇنىڭ تەقەززاسىدىن يىراقلىشىپ قالدى. ئۇلار قۇربانلىق، نەزىر- چىراغ ۋە دۇئالىرىنى مەزكۇر مازار- ماشايىخلارغا ئاتاپ قىلىدىغان، ئۇلاردىن مەدەت- ياردەم سورايدىغان زالالەتنى ئۆزلىرى ئۈچۈن دىن قىلىۋالدى. ئۇلار ئۆز گۇمانلىرىدا بۇ خىل ئىشلىرىنى ئەۋلىيالارغا چوقۇنغانلىق ئەمەس، بەلكى ئۇلارنى ئاللاھ ئۈچۈن ۋاسىتە قىلغانلىق دەپ ئاتىۋالغان. ھالبۇكى، ئۇلار بۇ قىلمىش ۋە ئېتىقادلارنىڭ ئىلگىرىكى مۇشرىكلارنىڭ ئىش-ھەرىكەت ۋە سۆزلىرىرىدىن ئىكەنلىكىنى ئۇنۇتقان ئىدى. ئاللاھ تائالا مۇشرىكلارنىڭ سۆزلىرىنى  تەرجىمىسى: «بىزنىڭ ئۇلارغا چوقۇنۇشىمىز پەقەت ئۇلارنىڭ بىزنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرۇشى ئۈچۈندۇر.» [سۈرە زۈمەر 3- ئايەت].
    ئىنسانىيەت تارىختىن بۇيان بۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئازغۇنلۇقلارغا دۇچار بولغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ كۆپلىرى، ئاللاھنىڭ پەرۋەردىگارلىقتا يەككە-يېگانە ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ. پەقەت ئىبادەتلەردە بىلىپ- تەرجىمىسى: «ئۇلارنىڭ كۆپلىرى ئاللاھقا  شېرىك كەلتۈرۈپ تۇرۇپ ئىشىنىدۇ (يەنى ئاللاھنى ياراتقۇچى، رىزىق بەرگۈچى دەپ ئىقرار قىلىش بىلەن بىللە، بۇتلارغىمۇ چوقۇنىدۇ).» [سۈرە يۇسۇف 106- ئايەت].  
    ئاللاھنىڭ بارلىقىغا ئىنكار قىلىدىغان پىرئەۋن ۋە دەھرىيلەرگە (كوممۇنىستلارغا) ئوخشاشلار ئاز سانلىقلاردۇر. بۇلارنىڭ رەبنى ئىنكار قىلىشلىرى ئۆزلىرىنىڭ ھاكاۋۇرلۇقىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئەمما ئۇلار ئېچكى دۇنياسىدا ئاللاھنىڭ بار ئىكەنلىكىگە ئىقرار قىلىشتىن  تەرجىمىسى: «ئۇلار ئۇ ئايەتلەرنى ئىچىدە ئېتىراپ قىلدى، لېكىن ئۇلار ئۇنى زۇلۇم ۋە تەكەببۇرلۇق قىلىش يۈزىسىدىن ئىنكار قىلدى.» [سۈرە نەملە 14-ئايەت].
ئۇلارنىڭ ئەقىللىرى ھەرقانداق مەخلۇقنىڭ بىر ياراتقۇچىسى، ھەر قانداق مەۋجۇدلۇقنىڭ بىر ۋۇجۇتقا چىقارغۇچىسى، ئىنچىكە ئىنتىزاملىق ھەم پۇختا پىلان بىلەن يوچۇقسىز ئورۇنلاشتۇرۇلغان كائىناتنىڭ چوقۇم بىر ياراتقۇچىسى بارلىقىنى ئەلۋەتتە ھېس قىلىدۇ. ھەقىقەتكە ئىنكار قىلغۇچىلار ھەر زاماندا مەۋجۇدتۇر. كىمكى بۇ ھەقىقەتكە ئىنكار قىلىدىكەن،  ئۇ كىشى ئەقلىنى يوقاتقان ياكى تەكەببۇرلىقى ئەقلىنى توسۇپ ھەقنى ئىنكار قىلىشىغا ئىلىپ بارغاندىن باشقا نەرسە ئەمەستۇر. بۇ تۈردىكى كىشىلەرنىڭ ئىنكارلىرى ھەقىقەتنى ھېچقاچان ئۆزگەرتەلمەيدۇ.

 

 


شېرىكنىڭ ئېنىقلىمىسى ۋە ئۇنىڭ تۈرى
    شېرىك توغرىسىدا ئېنىقلىما:
    شېرىك: بىراۋنى ئاللاھنىڭ رەبۇنىييەت ۋە ئۇلۇھىييەتتىكى يەككە-يېگانىلىقىغا باشقا نەرسىنى شېرىك قىلىپ ئېتىقاد قىلىش دېمەكتۇر. ئىسلامدىن ئىلگىرى ئەرەبلەر بۇتلارنى بىزنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدىغان ئىلاھلىرىمىز دەپ ئېتىقاد قىلىشى ۋە ئۇلارغا چوقۇنۇشى تولۇق مەنىدىكى شېرىكتۇر. ئەمما كېيىنكى ئەسىرلەردە، مۇسۇلمانلار ئارىسىدا كەڭ تارقالغان شېرىك ئەمەللەر كۆپىنچە، ئىبادەت مەسىلىلىرىدە ئورتاقلاشقان بولۇپ، ئاللاھتىن مەدەت- ياردەم سوراشتا ئەۋلىيا  ۋە مازار-ماشايىخلارنى ئۇنىڭغا ۋاسىتە قىلىش، قۇربانلىق، قورقۇش ۋە ئۈمىدلىنىش، ياخشى كۆرۈش، نەزىر- چىراغ ۋە باشقا دىنىي ئەمەللەرنى ئاللاھنىڭ غەيرىگە قىلىش قاتارلىقلاردىىندۇر. شېرىك ئەمەل -ئىبادەتلەرنى يوققا چىقىرىدىغان، ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئەڭ كەچۈرۈلمەس ئېغىر گۇناھلاردىن سانىلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ بايانى تۆۋەندىكىدىن ئىبارەتتۇر:
    1-شېرىك بولسا: ئاللاھنىڭ ئىلاھلىق خۇسۇسىيەتلىرىدە مەخلۇقنى خالىققا (يەنى بەندىنى ئاللاھقا) ئوخشىتىشتۇر. چۈنكى ئاللاھقا بىراۋنى شېرىك قىلغان كىشى ئۇنى ئاللاھقا ئوخشاتقان بولىدۇ. ھالبۇكى، ئاللاھ ھېچقانداق بىر مەخلۇقاتقا ئوخشىمايدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ  تەرجىمىسى: «ھېچ شەيئى ئاللاھقا ئوخشاش ئەمەستۇر.» [سۈرە شۇرا 11ـ ئايەت].
    ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش ئەڭ چوڭ زۇلۇمدۇر. زۇلۇم دېگەن سۆز، بىر نەرسىنىڭ ئۆز ئورنىغا قويۇلمىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. كىمكى ئاللاھنىڭ غەيرىگە ئىبادەت قىلىدىكەن، ئىبادەتنى ئۆز ئورنىغا قىلمىغان ۋە ئۇ قىلمىشى ئارقىلىق ئۆز نەپسىگە ئېغىر زۇلۇم قىلغان بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿إِنَّ الشِّرْكَ لَظُلْمٌ عَظِيمٌ ﴾ تەرجىمىسى: «شېرىك كەلتۈرۈش ھەقىقەتەن زور گۇناھتۇر.» [سۈرە لوقمان 13-ئايەت].
    2-ئاللاھ ئۆزىگە شېرىك كەلتۈرگەن كىشىنىڭ گۇناھىنى تاكى ئۇ كىشى شېرىكتىن تەۋبە قىلمىغۇچە كەچۈرمەيدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا  تەرجىمىسى: «ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۆزىگە شېرىك كەلتۈرۈش گۇناھىنى مەغپىرەت قىلمايدۇ، خالىغان ئادەمنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىدۇ.» [سۈرە نىسا 48 ـ ئايەت].
    3- ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن كىشىنىڭ (گۇناھىغا تەۋبە قىلىپ پاكلانمىغىچە) جەننەتكە كىرەلمەيدىغانلىقى، شۇنداقلا ئۇ مۇشرىكلىق ھالىتىدە ئۆلسە دوزاخ ئەھلىدىن بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاللاھ تائالا خەۋەر بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿ إِنَّهُ مَنْ يُشْرِكْ بِاللَّهِ فَقَدْ حَرَّمَ اللَّهُ عَلَيْهِ الْجَنَّةَ وَمَأْوَاهُ النَّارُ﴾ تەرجىمىسى: «كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن (يەنى ئاللاھتىن غەيرىيگە ئىلاھ دەپ ئېتىقاد قىلىدىكەن)، ئاللاھ ئۇنىڭغا جەننەتنى ھارام قىلىدۇ، ئۇنىڭ جايى دوزاخ بولىدۇ.» [سۈرە مائىدە 72ـ ئايەت].
     4-ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش ساھىبىنىڭ بارلىق ياخشى  تەرجىمىسى: «ئەگەر ئۇلار شېرىك كەلتۈرسە ئىدى، ئۇلارنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرى، ئەلۋەتتە بىكار بولۇپ كېتەتتى.» [سۈرە ئەنئام 88 ـ ئايەت].
    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَلَقَدْ أُوحِيَ إِلَيْكَ وَإِلَى الَّذِينَ مِن قَبْلِكَ لَئِنْ أَشْرَكْتَ لَيَحْبَطَنَّ عَمَلُكَ وَلَتَكُونَنَّ مِنَ الْخَاسِرِينَ﴾ تەرجىمىسى: «ساڭا ۋە سەندىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگە: ئەگەر سەن ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرسەڭ، سېنىڭ ئەمەلىڭ ئەلۋەتتە بىكار بولۇپ كېتىدۇ، سەن ئەلۋەتتە زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ قالىسەن دەپ ۋەھيى قىلىندى.» [سۈرە زۇمەر 65-ئايەت].
    5- مۇشرىكنىڭ قېنى ھەم مېلى ھالالدۇر. ئاللاھ بۇ ھەقتە فَاقْتُلُوا الْمُشْرِكِينَ حَيْثُ وَجَدتُّمُوهُمْ وَخُذُوهُمْ وَاحْصُرُوهُمْ وَاقْعُدُوا لَهُمْ كُلَّ  تەرجىمىسى: «مۇشرىكلارنى قەيەردە ئۇچراتساڭلار، شۇ يەردە ئۆلتۈرۈڭلار، ئەسىرگە ئېلىڭلار، قورشاڭلار، ئۇلارنىڭ ئۆتىدىغان يوللىرىنى كۆزىتىپ تۇرۇڭلار.» [سۈرە تەۋبە 5-ئايەت].
    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «مەن كىشلەر بىلەن تاكى ئۇلار بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق دەپ شەھادەت ئېيتقۇنچە قەدەر ئۇرۇش قىلىشقا بۇيرۇلدۇم. ئەگەر ئۇلار ئىمان ئېيتسا مەندىن ئۆزلىرىنىڭ جان ۋە ماللىرىنى ساقلاپ قالىدۇ. ئەمما ئىسلامنىڭ ھەققىنى ساقلاپ قالالمايدۇ. ئۇنىڭدىن ھېساب ئېلىش ئاللاھنىڭ ئىشىدۇر.» [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].
    6-ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش گۇناھلارنىڭ ئەڭ ئېغىرىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابە كىراملارغا: «سىلەرگە گۇناھلارنىڭ ئەڭ چوڭىنى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟ دېگەندە، دەپ بەرسىلە ئى رەسۇلۇللاھ! دېۋىدۇق، رەسۇلۇللاھ: گۇناھلارنىڭ ئەڭ چوڭى  ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش ۋە ئاتا- ئانىسىنى قاخشىتىشتۇر، دېدى.» [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].
    ئەللامە ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق بايان قىلىدۇ: "ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتەئالانىڭ ئىنسانىيەتنى يارىتىشتىكى مەقسىتى؛ ئۇلارنى ئۆزىنىڭ گۈزەل ئىسىم ۋە ئالى سۈپەتلىرىنى بىلىشكە، يالغۇز ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشقا، ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا ئادالەتنى بەرپا قىلىش قاتارلىقلارغا بۇيرۇيدىغانلىقىنى بىلدۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿لَقَدْ أَرْسَلْنَا رُسُلَنَا بِالْبَيِّنَاتِ وَأَنزَلْنَا مَعَهُمُ الْكِتَابَ وَالْمِيزَانَ لِيَقُومَ النَّاسُ بِالْقِسْطِ﴾ تەرجىمىسى: «بىز ھەقىقەتەن پەيغەمبىرىمىزنى روشەن مۆجىزىلەر بىلەن ئەۋەتتۇق ۋە ئۇلار بىلەن بىللە ئىنسانلار ئادالەتنى بەرپا قىلسۇن دەپ كىتابنى قانۇننى چۈشۈردۇق.» [سۈرە ھەدىد 25-ئايەت].
    ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنىڭ ئۆز-ئارا ئادالەتنى بەرپا قىلىشلىرى ئۈچۈن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىپ، كىتابلارنى نازىل قىلغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر بەردى. ئادالەتنىڭ ئەڭ بۈيۇكى تەۋھىددۇر. شۇنداقلا تەۋھىد ئادالەتنىڭ بېشى ۋە ئاساسىدۇر. شېرىك بولسا زۇلۇمدۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿إِنَّ الشِّرْكَ لَظُلْمٌ عَظِيمٌ﴾ تەرجىمىسى: «شېرىك كەلتۈرۈش چوڭ زۇلۇمدۇر (زور گۇناھتۇر).» [سۈرە لوقمان 13-ئايەت].
    دېمەك؛ شېرىك زۇلۇملارنىڭ ئەڭ كاتتىسى، تەۋھىد ئادالەتنىڭ ئەڭ بۈيۇكىدۇر. يۇقىرىقى سۆزنىڭ تەقەززاسىغا زىت ئېتىقاد چۈشەنچىسى گۇناھلارنىڭ ئەڭ كاتتىسىدۇر. شېرىك ئادالەتكە مۇتلەق زىت بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ چوڭ گۇناھ ئىكەنلىكىدە شەك يوق. ئاللاھ تائالا مۇشرىكلارنىڭ ھەممىسىگە جەننەتنى ھارام قىلدى، ئۇنىڭ قېىنى، مېلى ۋە ئەھلىنى تەۋھىد ئەھلىگە ھالال قىلدى. مادامىكى ئۇلار ئاللاھقا بەندىچىلىك قىلىشنى تەرك قىلغان ئىكەن، مۆمىنلارنىڭ ئۇلارنى قۇل قىلىشىغا رۇخسەت بەردى. مۇشرىكنىڭ ھېچبىر ئەمەلى ئاللاھ ھۇزۇرىدا مەقبۇل بولمايدۇ. مۇشرىك ئۈچۈن قىلىنغان شاپائەت قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئاخىرەتتە ئۇلارنىڭ بىرەر بىر دۇئاسى ئىجابەت قىلىنمايدۇ ۋە بىرەر ئۈمىدى روياپقا چىقىرىلمايدۇ. مۇشرىك رەببىنى تونۇمايدىغان جاھىللارنىڭ جاھىلىدۇر. ئۇلارنىڭ ئىبادەتتە ئاللاھقا مەخلۇقنى شېرىك قىلىشى چىكىگە يەتكەن جاھىللىق بولۇش بىلەن بىرگە، ماھىيەتتە ئۆز نەپسىگە قىلغان چەكسىز زۇلۇمدىن ئبارەتتۇر. ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگۈچى ئاللاھقا زۇلۇم قىلغان بولماستىن بەلكى ئۆز نەپسىگە زۇلۇم قىلغان بولىدۇ." ["ئەلجەۋابۇل كافىي" ناملىق ئەسەر 109- بەتكە مۇراجىئەت قىلىنسۇن].
    7- شېرىك، ئاللاھ ئۆزىنىڭ ئۇنىڭدىن پاك ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان ئىشتۇر. كىمىكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن، ئاللاھ ئۆزىنى ئۇنىڭدىن پاكلىغان نۇقسانلارنى ئۇ زاتقا چاپلىغان بولۇپ، بۇ چىكىگە يەتكەن سەركەشلىك ۋە قارشىلىشىشتىن باشقا نەرسە ئەمەستۇر.

 

 

    شېرىكنىڭ تۈرلىرى:
    شېرىك تۆۋەندىكىدەك ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ:
    1- چوڭ شېرىك: ئۇ بولسا ساھىبىنى دىندىن چىقىرىدىغان، ناۋادا تەۋبە قىلماي ئۆلۈپ كەتسە ئەبەدى دوزاختا قېلىشىغا سەۋەپ بولىدىغان شىرېك بولۇپ، ئۇ؛ ئاللاھنىڭ غەيرىدىن مەدەت-ياردەم سوراش، كېسەللەرگە شىپالىق تىلەش، مازار- ماشايىخلاردىن ياخشىلىق كۈتۈپ ئۇلارغا قۇربانلىق قىلىش، ئەۋلىيالارنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ ئۇلارغا  ئاتاپ نەزىر- چىراغ ئۆتكۈزۈش، ئۆلۈكلەردىن ھاجەتلىرىنى سوراش، جىن-شەيتانلارنىڭ بىرەر زىيان-زەخمەت يەتكۈزۈشىدىن قورقۇش، سالىھ كىشىلەرنىڭ مازارلىرىغا بىرىپ ھاجەتلىرىنى تىلەش كەبى، ئاللاھتىن باشقا ھېچكىشى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا قادىر بولالمايدىغان ئىشلارنى مەخلۇقتىن ئۈمىد قىلىش قاتارلىق ئىشلارنى ئۆز ئىچىگە   تەرجىمىسى: «ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ، ئۆزلىرىگە پايدا - زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنىدۇ، بۇلار (يەنى بۇتلار) ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا بىزگە شاپائەت قىلغۇچىلار دېيىشىدۇ.» [سۈرە يۇنۇس 18-ئايەت].
    2-كىچىك شېرىك: بۇ تۈردىكى شېرىكنى سادىر قىلغۇچى دىندىن چىقمايدۇ، لېكىن ئۇنىڭ تەۋھىدى ناقىس بولغان بولىدۇ. ئەمما كېچىك شېرىك چوڭ شېرىككە ئىلىپ بارىدىغان ۋاسىتىدۇر. بۇ ئىككى تۈرلۈك بولۇپ، بىرى ئوچۇق شېرىك، يەنە بىرى يوشۇرۇن شېرىكتۇر.
    بىرىنچى: ئوچۇق شېرىك؛ بۇ سۆز ۋە ئەمەللەر بىلەن بولىدىغان شېرىك. مەسىلەن: ئاللاھنىڭ غەيرىنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىش بولسا، سۆز ئارقىلىق سادىر قىلىنغان شېرىكتۇر. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئاللاھتىن باشقىسىنىڭ نامىنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ قەسەم قىلىدىكەن، ئۇ  ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن بولىدۇ.» [تىرمىزى رىۋايىتى].
    "ئاللاھ خالىدى ۋە سىز خالىدىڭىز" دېگەنگە ئوخشاش. ساھابىلاردىن بىرى شۇنداق دېگەندە، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «مېنى ئاللاھ بىلەن تەڭ ئورۇندا قويۇۋاتامسەن؟!، "پەقەت ئاللاھ ئۆزى خالىدى دېگىن" دېگەن.» [نەسائى رىۋايىتى].
    شۇنىڭدەك "ئەگەر ئاللاھ ۋە سىز بولمىغىنىڭىزدا ئىدى" دېيىشمۇ يۇقىرىدىكى سۆزلەرگە ئوخشايدۇ. بۇ سۆزلەرنىڭ توغرىسى: "ئاللاھ خالىسا، كېيىن پالانىچى خالىسا"، "ئەگەر ئاللاھ بولمىغاندا، كېيىن پالانىچى بولمىغاندا ئىدى" دېيىش دۇرۇستۇر. چۈنكى بەندىنىڭ خالىشى ئاللاھنىڭ ئىرادىسىدىن كىيىن كىلىدۇ. بۇ ھەقتە  ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَمَا تَشَاءُونَ إِلَّا أَن يَشَاءَ اللَّـهُ رَبُّ الْعَالَمِينَ﴾ تەرجىمىسى: «پەقەت ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ خالىغاندىلا ئاندىن سىلەر خالايسىلەر (يەنى ئاللاھ خالىمىغىچە سىلەرنىڭ خالىغىنىڭلارنىڭ ھېچ پايدىسى يوق).» [سۈرە تەكۋىر 29-ئايەت].
    بىرىنچى: ئوچۇق شېرىك؛ بۇ سۆز ۋە ئەمەللەر بىلەن بولىدىغان شېرىك. مەسىلەن: ئاللاھنىڭ غەيرىنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىش بولسا، سۆز ئارقىلىق سادىر قىلىنغان شېرىكتۇر. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئاللاھتىن باشقىسىنىڭ نامىنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ قەسەم قىلىدىكەن، ئۇ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن بولىدۇ.» [تىرمىزى رىۋايىتى].
    ئەمما ئەمەل بىلەن بولغان شېرىك بولسا، كۆز تەگمىسۇن دېگەن ئۈمىد بىلەن تۇمار ۋە كۆزمۇنچاق ئېسىش قاتارلىق (ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ سەۋەپ قىلىشىغا لايىق كۆرمىگەن) ئىشلارنى سەۋەب بولۇش سۈپىتى بىلەن بالا-قازانى توسۇپ قالىدۇ ياكى كۆتۈرىۋىتىدۇ دەپ ئېتىقاد قىلسا، بۇ كېچىك شېرىك ھېسابلىنىدۇ. ئەمما مەزكۇر نەرسىلەرنى بالا-قازا ۋە كۆز تېگىش قاتارلىق كىلىشمەسلىكلەرنى بىۋاستە توسۇپ قالىدۇ دەپ ئېتىقاد قىلسا، بۇ ئاللاھنىڭ غەيرىدىن ئۈمىد قىلغانلىق بولۇپ چوڭ شېرىك ھېسابلىنىدۇ.
    ئىككىنچى: يوشۇرۇن شېرىك؛ ئەمەل- ئىبادەتلەرنى رىيا (كىشىلەرگە كۆرسىتىش ياكى ئاڭلىتىش) نىيىتى بىلەن قىلىش دېمەكتۇر. ھەرقانداق بىر ئەمەل- ئىبادەتكە رىيا ئارىلاشقان ھامان شۇ ئەمەلنىڭ ساۋابىنى پۈتۈنلەي بىكار قىلىۋېتىدۇ. چۈنكى رىيا ئارىلاشقان ئەمەل-ئىبادەت ئاللاھ ئۈچۈن قىلىنغان بولماستىن، باشقىلارغا كۆرسىتىش ۋە باشقىلارنىڭ نەزىرىدىن ئۆتۈش ئۈچۈن قىلىنغان بولغاچقا، ئۇنىڭ ساۋابتىن نېسىۋىسى بولمايدۇ. ئاللاھ ئۆزى ئۈچۈن قىلىنمىغان بىر تەرجىمىسى: «كىمكى پەرۋەردىگارىغا مۇلاقات بولۇشنى ئۈمىت قىلىدىكەن، ياخشى ئىش قىلسۇن، پەرۋەردىگارىغا قىلىدىغان ئىبادەتكە ھېچكىمنى شېرىك قىلمىسۇن.» [سۈرە  كەھف 110 ـ ئايەت].   
    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىغا: «سىلە ر ئۈچۈن ئەڭ قورقىدىغان نەرسەم كىچىك شېرىكتۇر، دېگەندە، ساھابىلەر: ئۇ قايسى شېرىك يا رەسۇلەللاھ!؟ دەپ سورايدۇ، رەسۇلۇللاھ جاۋاب بېرىپ: ئۇ رىيادۇر، دەيدۇ.» [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى].
    ئەمەل- ئىبادەتلەرنى دۇنيالىق مەنپەئەتلەرنى كۆزلىگەن ھالدا قىلىشمۇ شېرىكنىڭ بىر تۈرى ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن: ھەجگە بېرىشتا، دىنىي ئىلىملەرنى ئۆگىنىشتە، جىھاد قىلىشتا، مەسچىتلەرگە ئىماملىق قىلىشتا، سەدىقە- ئېھسانلارنى قىلىشتا ۋە باشقا ئىبادەتلەردىمۇ مال- دۇنيا قازىنىشنى  ياكى ئابرۇي تېپىشنى مەقسەت- غايە قىلغان ئادەم كىچىك شېرىكنى سادىر قىلغان بولىدۇ. چۈنكى يۇقىرىقى ئىبادەتلەر پەقەت ئاللاھ ئۈچۈنلا خالىس قىلىنىدىغان ئەمەللەر بولۇپ، ئۇلار پەقەت ئاللاھنىڭلا ھەققىدۇر. بۇ ئىبادەتلەرنى باشقىلار ياكى باشقا مەقسەت بىلەن قىلغانلار ئاللاھقا باشقىلارنى شېرىك قىلغان بولىدۇ.
    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئالتۇن-كۈمۈش، پۇل-مال ۋە كىيىم- كېچەكنىڭ قۇلى بولغان كىشى خار بولسۇن، ئەگەر ئۇنىڭغا ئاسايىشلىق بىرىلسە رازى بولىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭ ئەكسىچە بولسا ئاچچىقلىنىدۇ.» [بۇخارى رىۋايىتى].
    ئىمام ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ "ئەلجەۋابۇل كافىي" ناملىق ئەسىرىنىڭ 115-بېتىدە مۇنداق دېگەن: "مەقسەت ۋە نىيەتلەردىكى شېرىكلەر چەكسىز كەتكەن دېڭىزغا ئوخشايدۇكى، ئۇنىڭدىن نىجاتلىققا چىقالايدىغانلار ناھايىتى ئاز بولىدۇ. كىمكى قىلغان ئەمەللىرىدە ئاللاھتىن باشقا كىمسىدىن مۇكاپات كۈتىدىكەن، ئۇ شۇ نىيىەت ۋە مەقسىتىدە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن بولىدۇ. چۈنكى "ئىخلاس" سۆز- ھەرىكەت ۋە مەقسەت- غايىلەردە يالغۇز ئاللاھنىلا كۆزلەش، ئۇنىڭدىن باشقىسىنى زادى كۆزلىمەسلىك دېمەكتۇر. مانا بۇ، ئاللاھ كۆرسەتكەن توغرا دىندۇركى، ئاللاھ بەندىلىرىنى شۇنىڭغا بۇيرۇغان بولۇپ، بۇنىڭدىن باشقىسى قوبۇل قىلىنمايدۇ. كىمكى بۇ ھەقىقەتتىن باش تارتسا، ئۇنىڭ دەۋەڭلىكىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئاللاھ تائالا مۇنداق تەرجىمىسى: «كىمكى ئىسلام دىنىدىن غەيرىي دىننى تىلەيدىكەن، ھەرگىز ئۇ (يەنى ئۇنىڭ دىنى) قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئۇ ئاخىرەتتە زىيان تارتقۇچىدۇر.» [سۈرە ئال ئىمران 85ـ ئايەت]".
    چوڭ ۋە كىچىك شېرىك ئارىسىدىكى پەرق تۆۋەندىكىدەك بىرنەچچە نۇقتىغا يېغىنچاقلىنىدۇ:
    1- چوڭ شېرىك ساھىبىنى دىندىن چىقىرىدۇ. كىچىك شېرىك ساھىبىنى دىندىن چىقارمايدۇ.
    2- چوڭ شېرىكنى سادىر قىلغان ئادەم ئەگەر تەۋبە قىلماي ئۆلسە، دوزاخ ئەھلىدىن بولۇپ كېتىدۇ. ئەمما كىچىك شېرىكنى سادىر قىلغان كىشىنى ئاللاھ خالىسا كەچۈرىدۇ.
    3- چوڭ شېرىك ساھىبىنىڭ بارلىق ئەمەللىرىنى يوققا چىقىرىدۇ. ئەمما كىچىك شېرىك (رىيادىن باشقىسى) ئەمەللەرنى يوققا چىقارمايدۇ. رىيا ۋە دۇنياۋى غەرەز ئۈچۈن قىلىنغان ئەمەل ئۆزىگە تەۋە بولغان ئەمەللەرنىلا بىكار قىلىدۇ.
    4- چوڭ شېرىك ساھىبىنىڭ مىلى ۋە جىنىنىڭ مۇسۇلمان ئۈچۈن ھالال بولىشىغا سەۋەپ بولسا، كېچىك شېرىك ئۇنىڭ ئەكسىچە بولىدۇ.  

 

كۇفرى ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى
    كۇفرى ھەققىدە ئېنىقلىما:
    كۇفرىنىڭ لۇغەتتىكى مەنىسى؛ يۆرگەش، يېپىش ۋە پەردىلەش دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. ئەمما شەرئىي ئىستىلاھىدىكى مەنىسى: ئاللاھقا، ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىدىن بىرەرسىگە ياكى ئىمانغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردىن بىرەرسىگە ئىنكار قىلىش دېمەكتۇر. كۇفرى ئىماننىڭ زىتتىدۇر. ئاللاھنىڭ بارلىقىغا شەك قىلىش، ئىسلام دىنىدىن يۈز ئۆرۈش، ئىسلام ئەقىدىسىگە زىت ئېقىملارغا ئەگىشىش قاتارلىقلارمۇ كۇفرىنىڭ تۈرلىرىدىن سانىلىدۇ. كۇفرىنىڭ ئەڭ چوڭى ئاللاھنىڭ بارلىقىغا ئىنكار قىلىشتۇر. شۇنداقلا پەيغەمبەرنىڭ راستچىل ئىكەنلىكىگە ئىشىنىپ تۇرۇپ ھەسەت تۈپەيلى ئىنكار قىلغۇچى ۋە يالغان سانىغۇچىنىڭ كۇفرىسى ھەم بۈيۇكتۇر.
    كۇفرى تۆۋەندىكىدەك ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ:
    بىرىنچى: چوڭ كۇفرى، بۇ ئېتىقادقا مۇناسىۋەتلىك بولغان كۇفرى بولۇپ، چوڭ كۇفرىنى سادىر قىلغان ئادەم كاپىر بولىدۇ. چوڭ كۇفرى تۆۋەندىكىدەك بەش قىسىمغا بولىنىدۇ:
    1- كۇفرى ئىنكار: بۇ بولسا ئاللاھقا ياكى دىندا ئىشىنىش زۆرۈر بولغان ئەقىدە مەسىلىلىرىدىن بىرەرسىگە ئىنكار قىلىش ۋە يالغانغا وَمَنْ أَظْلَمُ مِمَّنِ افْتَرَى عَلَى اللَّهِ كَذِبًا أَوْ كَذَّبَ بِالْحَقِّ لَمَّا جَاءَهُ أَلَيْسَ فِي  تەرجىمىسى: «ئاللاھقا يالغان چاپلىغان ياكى ھەق دىن كەلگەندە ئۇنى ئىنكار قىلغان ئادەمدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟، دوزاختا  بۇنداق كاپىرلارغا جاي يوقمىدى؟! (ئەلۋەتتە بار).» [سۈرە ئەنكەبۇت 68ـ ئايەت].
    2- كۇفرى تەكەببۇر: بۇ بولسا ھەقىقەتنى بىلىپ  تۇرۇپ ئۇنى ئېتىراپ ِذْ قُلْنَا لِلْمَلَائِكَةِ اسْجُدُوا لِآَدَمَ فَسَجَدُوا إِلَّا إِبْلِيسَ أَبَى وَاسْتَكْبَرَ وَكَانَ مِنَ  تەرجىمىسى: «ئاز ۋاقتىدا پەرىشتىلەرگە: ‹ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار› دېدۇق، ئىبلىستىن باشقا ھەممىسى سەجدە قىلدى. ئىبلىس سەجدە قىلىشتىن باش تارتتى، تەكەببۇرلۇق قىلدى، ئۈ كاپىرلاردىن بولۇپ كەتتى.» [سۈرە بەقەرە 34 ـ ئايەت].
    3- كۇفرى شەك: بۇ بولسا ئاللاھنىڭ بارلىقىغا ياكى دىننىڭ ھەقلىقىغا شەك قىلىش ياكى گۇمان بىلەن قاراش دېمەكتۇر. ئاللاھ بۇ وَدَخَلَ جَنَّتَهُ وَهُوَ ظَالِمٌ لِنَفْسِهِ قَالَ مَا أَظُنُّ أَنْ تَبِيدَ هَذِهِ أَبَدًا  وَمَا أَظُنُّ السَّاعَةَ قَائِمَةً وَلَئِنْ رُدِدْتُ إِلَى رَبِّي لَأَجِدَنَّ خَيْرًا مِنْهَا مُنْقَلَبًا  قَالَ لَهُ صَاحِبُهُ وَهُوَ يُحَاوِرُهُ أَكَفَرْتَ بِالَّذِي خَلَقَكَ مِنْ تُرَابٍ ثُمَّ مِنْ نُطْفَةٍ ثُمَّ سَوَّاكَ رَجُلًا لَكِنَّا هُوَ اللَّهُ رَبِّي وَلَا أُشْرِكُ بِرَبِّي أَحَدًا﴾ تەرجىمىسى: «ئۇ مۆمىن بۇرادىرىنى بېغىغا باشلاپ كىرىپ، كۇفرىلىق قىلىش بىلەن ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان ھالدا ئېيتتى: بۇ باغ مەڭگۈ يوقالمايدۇ دەپ ئويلايمەن. شۇنىڭدەك قىيامەت بولمايدىغۇ دەپ ئويلايمەن. ئەگەر قىيامەت بولۇپ، مەن پەرۋەردىگارىمغا قايتۇرۇلغاندىمۇ، ئەلۋەتتە بۇ باغدىن ياخشىراق بىر باغنى تاپىمەن. ئۇنىڭغا مۆمىن بۇرادىرى مۇنازىرىلەشكەن ھالدا ئېيتتى: سېنى ئەسلىدە تۇپراقتىن، ئاندىن ئابىمەنىدىن يارىتىپ، ئاندىن سېنى راۋۇرۇس ئىنسان قىلغان زاتنى ئىنكار قىلامسەن؟ لېكىن مەن پەرۋەردىگارىم بولغان ئۈ ئاللاھنى ئېتىراپ قىلىمەن. پەرۋەردىگارىمغا ھېچكىمنى شېرىك قىلمايمەن.» [سۈرە كەھف 35-36-37 38 ـ ئايەتلەر].
    4- كۇفرى ئېئراد: بۇ بولسا ئاللاھتىن ياكى ئۇنىڭ دىنىدىن يۈز  تەرجىمىسى: «كاپىرلار ئاگاھلاندۇرۇلغان نەرسىلەردىن يۈز ئۆرۈگۈچىدۇر.» [سۈرە ئەھقاف 3 ـ ئايەت].
    5- كۇفرى نىفاق: بۇ بولسا ئېغىزىدا ئىمان ئېيتىپ قويۇپ، كۆڭلىدە تەرجىمىسى: «بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار ئېغىزلىرىدا ئىشىنىپ قويۇپ، ئاندىن كۆڭۈللىرىدە ئىنكار قىلدى. ئۇلارنىڭ دىللىرى پېچەتلەندى، شۇڭا ئۇلارنىڭ دىللىرىغا ھىدايەت يېتىپ بارالمايدۇ ۋە ئۇلار ئىماننى چۈشەنمەيدۇ.» [سۈرە مۇنافىقۇن 3- ئايەت].
    ئىككىنچى: كىچىك كۇفرى، بۇ ھەقىقىي مەنىدىكى كۇفرى بولماستىن، بەلكى قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە كۇفرىلىق دەپ ئاتالغان يامان ئىشلاردۇر. بۇ تۈردىكى كۇپرى ساھىبىنى كاپىرلىققا ئىلىپ بارمايدۇ. بۇنىڭغا بىنائەن، كېچىك كۇفرىنى سادىر قىلغان ئادەم گۇناھكار بولسىمۇ، ئىماندىن ئايرىلمايدۇ. كېچىك كۇفرىنىڭ بەزىلىرىنىڭ مىساللىرى تۆۋەندىكىدەك:
    1-كۇفرى نېمەت: ئاللاھنىڭ ئاتا قىلغان نېمەتلىرىگە ناشۈكۈرلۈك قىلىش ۋە ئۇنىڭ ھەققىنى ئادا قىلماسلىق دېمەكتۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ وَضَرَبَ اللَّهُ مَثَلًا قَرْيَةً كَانَتْ آَمِنَةً مُطْمَئِنَّةً يَأْتِيهَا رِزْقُهَا رَغَدًا مِنْ كُلِّ مَكَانٍ  تەرجىمىسى: «ئاللاھ مۇنداق بىر مىسالنى كەلتۈرىدۇ: مەككە ئاھالىسى ئەسلىدە تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىك ئىچىدە ئىدى. ئۇلارنىڭ رىزقى تەرەپ -تەرەپتىن كەڭتاشا كېلىپ تۇراتتى. ئۇلار ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە كۇفرىلىق قىلدى. ئاللاھمۇ ئۇلارنى، ئۇلارنىڭ توزكورلۇقلىرى تۈپەيلى ئاچارچىلىق ۋە قورقۇنچ بىلەن جازالىدى.» [سۈرە نەھل 112ـ ئايەت].  
    2-مۇسۇلماننى ناھەق ئۆلتۈرۈش: مۇسۇلماننى ناھەق ئۆلتۈرۈشنىڭ گۇناھى ئېغىر بولغانلىقتىن كۇفرىلىق دەپ ئاتالغان. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مۇسۇلماننى ھاقارەتلەش پاسىقلىق، ئۇنى ناھەق ئۆلتۈرۈش كۇفرىلىقتۇر.» [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].
    يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مەندىن كېيىن بىر-بىرىڭلارنىڭ بوينىغا قىلىچ ئۇرىدىغان كاپىر بولۇپ كەتمەڭلار.» [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].
    3-ئاللاھنىڭ غەيرى بىلەن قەسەم قىلىش: ئاللاھتىن باشقىنىڭ نامىنى ئاتاپ قەسەم قىلىش كۇفرىلىقتۇر. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئاللاھنىڭ غەيرى بىلەن قەسەم قىلىدىكەن، ئۇ كاپىر ۋە مۇشرىك بولۇپ كېتىدۇ.» [تىرمىزى رىۋايىتى. ھاكىم سەھىھ دېگەن].
    ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە چوڭ گۇناھ سادىر قىلغۇچىنىمۇ مۆمىن دەپ ئاتىدى: ﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا كُتِبَ عَلَيْكُمُ الْقِصَاصُ فِي الْقَتْلَى﴾ تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر! ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئۈچۈن قىساس ئېلىش سىلەرگە پەرز قىلىندى.» [سۈرە بەقەرە 178-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].
    ئاللاھ تائالا قاتىلنى ئىمانلىقلار سېپىدىن چىقىرىۋەتمەستىن بەلكى ئۇنى قىساس ئىگىسى ئۈچۈن بۇرادەر دەپ ئاتىدى. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿فَمَنْ عُفِيَ لَهُ مِنْ أَخِيهِ شَيْءٌ فَاتِّبَاعٌ بِالْمَعْرُوفِ وَأَدَاءٌ إِلَيْهِ بِإِحْسَانٍ﴾ تەرجىمىسى: «قاتىل ئۈچۈن (دىنىي) قېرىندىشى تەرىپىدىن بىرنەرسە كەچۈرۈم قىلىنسا (يەنى ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ئىگىسى قاتىلدىن دىيەت ئېلىشقا رازى بولۇپ قىساس ئېلىشتىن ۋاز كەچسە، ئۇ، جىنايەتچىدىن دىيەتنى) چىرايلىقچە تەلەپ قىلىشى لازىم، (جىنايەتچىمۇ دىيەتنى) ياخشىلىقچە (يەنى كېچىكتۈرمەستىن، كېمەيتىۋەتمەستىن تولۇق) بېرىشى لازىم.» [سۈرە بەقەرە 178-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].
    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَإِن طَائِفَتَانِ مِنَ الْمُؤْمِنِينَ اقْتَتَلُوا فَأَصْلِحُوا بَيْنَهُمَا ۖ فَإِن بَغَتْ إِحْدَاهُمَا عَلَى الْأُخْرَىٰ فَقَاتِلُوا الَّتِي تَبْغِي حَتَّىٰ تَفِيءَ إِلَىٰ أَمْرِ اللَّـهِ ۚ فَإِن فَاءَتْ فَأَصْلِحُوا بَيْنَهُمَا بِالْعَدْلِ وَأَقْسِطُوا ۖ إِنَّ اللَّـهَ يُحِبُّ الْمُقْسِطِينَ. إِنَّمَا الْمُؤْمِنُونَ إِخْوَةٌ فَأَصْلِحُوا بَيْنَ أَخَوَيْكُمْ ۚ وَاتَّقُوا اللَّـهَ لَعَلَّكُمْ تُرْحَمُونَ﴾ تەرجىمىسى: ئەگەر مۆمىنلەردىن ئىككى گۇرۇھ ئۇرۇشۇپ قالسا، ئۇلارنىڭ ئارىسىنى تۈزەپ قويۇڭلار، ئەگەر ئۇلارنىڭ بىرى ئىككىنچىسىگە تاجاۋۇز قىلسا، تاجاۋۇز قىلغۇچى تاكى ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە قايتقانغا قەدەر (يەنى تاجاۋۇزىنى توختاتقانغا قەدەر) ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشۇڭلار، ئەگەر ئۇلار (ئاللاھنىڭ ئەمرىگە) قايتسا، ئۇلارنىڭ ئارىسىنى (ھېچبىر تەرەپكە يان باسماستىن) ئادىللىق بىلەن تۈزەپ قويۇڭلار، (ھەممە ئىشتا) ئادىل بولۇڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئادىللارنى دوست تۇتىدۇ . مۆمىنلەر ھەقىقەتەن (دىندا) قېرىنداشلاردۇر، (ئۇرۇشۇپ قالسا) قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ ئارىسىنى تۈزەڭلار، رەھمەتكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھتىن قورقۇڭلار.» [سۈرە ھۇجرات 9-10-ئايەتلەر].
    يۇقىرىقى ئايەتلەردە بايان قىلىنغىنى دىنى قېرىنداشلىق ئىكەنلىكىدە شەك يوق.
    چوڭ كۇفرى بىلەن كىچىك كۇفرى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەر:
    1- چوڭ كۇفرىنى سادىر قىلغان ئادەم شەكسىز كاپىر بولىدۇ. ئۇنىڭ قىلغان بارلىق ياخشى ئەمەللىرى پايدىسىز بولىدۇ. ئەمما كىچىك كۇفرىنى سادىر قىلغۇچى كاپىر بولمايدۇ، بەلكى ئېغىر گۇناھكار بولىدۇ. باشقا ياخشى ئەمەللىرىمۇ بىكار بولمايدۇ. ئەمما مەزكۇر قىلمىشنىڭ ھەجمىدە جازاغا تارتىلىدۇ.
    2- چوڭ كۇفرىنى سادىر قىلغانلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ. ئەمما كىچىك كۇفرىنى سادىر قىلغانلار ئەگەر دوزاخقا كىرسە ئۇنىڭدا مەڭگۈ قالمايدۇ. ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئۇنى ئەپۇ قىلىپ ئۇنى دوزاخقا كىرگۇزمەيدۇ.
    3- چوڭ كۇفرى ساھىبىنىڭ مىلى ۋە جىنىنىڭ مۇسۇلمان ئۈچۈن ھالال بولىشىغا سەۋەپ بولسا، كېچىك كۇفرى ئۇنىڭ ئەكسىچە بولىدۇ.  
    4- چوڭ كۇفرىنى سادىر قىلغانلارغا دىنىي جەھەتتە ئاداۋەت تۇتۇش، ئۇلارنى دوست تۇتماسلىق لازىم كېلىدۇ. ئەمما كىچىك كۇفرىنى سادىر قىلغانلارغا بولسا، دىنىي ئاداۋەتتە بولۇش ۋە دۇشمەن بولۇشقا بولمايدۇ. بەلكى ئۇ ئاللاھقا بولغان ئىمانى ۋە شەرىئەتكە ئەمەل قىلىشىغا قاراپ ياخشى كۆرۈلىدۇ ۋە دوست تۇتۇلىدۇ.
 

 

 

نىفاق ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى
    نىفاق ھەققىدە ئېنىقلىما:
    نىفاق سۆزىنىڭ لۇغەت مەنىسى: ئىچىدە بىر نەرسىنى يوشۇرۇش دېمەكتۇر. نىفاقنىڭ ئىسلام ئىستىلاھىدىكى مەنىسى: تىلىدا مۇسۇلمانلىقنى سۆزلەپ قويۈپ، دىلىدا كۇفرىلىقنى يوشۇرۇش دېمەكتۇر. مانا بۇ، مۇناپىقنىڭ ھەقىقىي تەرىپىدۇر. بۇ تۈردىكى كىشىنىڭ مۇناپىق دەپ ئاتىلىشىدىكى سەۋەب، ئۇنىڭ شەرىئەتكە بىر ئىشىكدىن كىرىپ يەنە بىر ئىشىكىدىن چىقىپ كەتكەنلىكى  تەرجىمىسى: «شۈبھىسىزكى، مۇناپىقلار دىندىن چىققۇچى پاسىقلاردۇر.» [سۈرە تەۋبە 67- ئايەت].
     مۇناپىقلارنىڭ ئاخىرەتتە كۆرىدىغان جازاسى كاپىرلارنىڭكىدىن ئېغىردۇر، ئەلۋەتتە. چۈنكى مۇناپىقلارنىڭ مۇسۇلمانلارغا يەتكۈزىدىغان زىيانكەشلىكلىرى ۋە مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىگە بولغان خەتىرى  تەرجىمىسى: «مۇناپىقلار چوقۇم دوزاخنىڭ ئەڭ ئاستىنقى قەۋىتىگە تاشلىنىدۇ، ئۇلارغا ھەرگىزمۇ ئازابتىن قۇتقۇزغۇچى مەدەتكار تاپالمايسەن.» [سۈرە نىسا 145 ـ ئايەت].
 تەرجىمىسى: «شۈبھىسىزكى، مۇناپىقلار ئاللاھنى ئالدىماقچى بولۇشىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئالدامچىلىقىغا يارىشا جازا بېرىدۇ.» [سۈرە نىسا 142-ئايەت].
    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿يُخَادِعُونَ اللَّـهَ وَالَّذِينَ آمَنُوا وَمَا يَخْدَعُونَ إِلَّا أَنفُسَهُمْ وَمَا يَشْعُرُونَ . فِي قُلُوبِهِم مَّرَضٌ فَزَادَهُمُ اللَّـهُ مَرَضًا ۖ  تەرجىمىسى: «ئۇلار ئاللاھنى ۋە مۆمىنلەرنى ئالدىماقچى بولىدۇ، ھەقىقەتتە ئۇلار تۇيماستىن ئۆزلىرىنىلا ئالدايدۇ. ئۇلارنىڭ دىللىرىدا كېسەل (يەنى مۇناپىقلىق ۋە شەكلىنىش) بار، ئاللاھ ئۇلارنىڭ كېسىلىنى كۈچەيتىۋەتتى، يالغان سۆزلىگەنلىكلىرى (يەنى يالغاندىن ئىماننى دەۋا قىلغانلىقلىرى ۋە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى مەسخىرە قىلغانلىقلىرى) ئۈچۈن ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ» [سۈرە بەقەرە 9-10-ئايەتلەر].
    نىفاقنىڭ تۈرلىرى:
    نىقاق تۆۋەندىكىدەك ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ.
    بىرىنچى: ئېتىقادى نىفاق: بۇ بولسا ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنى ئېغىزىدا سۆزلەپ قويۇپ، چىن كۆڭلىدە كۇفرىنى يوشۇرۇش ۋە ئىشەنمەسلىك دېگەنلىك بولۇپ، بۇنداقلار گەرچە ئۆزلىرىنى مۇسۇلمانلار قاتارىدىن سانىسىمۇ ئۇلار ھەرگىزمۇ مۇسۇلمانلاردىن ئەمەس، بەلكى ئەشەددىي كاپىرلاردىن سانلىدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئاخىرەتتە كۆرىدىغان جازاسى كاپىرلارنىڭكىدىن ئېغىر بولىدۇ. مۇناپىقلار ھەر زامان ۋە  ھەممىلا جايدا تېپىلىدۇ. ئۇلار ھەمىشە ئۆزلىرىنىڭ ئىككى يۈزلىمىچىلىكى بىلەن مۇسۇلمانلار ۋە ئىسلام دىنىنىڭ زىيىنىغا ئىش ئېلىپ بارغۇچى مەخلۇقلاردۇر. مۇناپىقلار شۇنداق  رەزىل مەخلۇقلاركى، مۇسۇلمانلار كۈچلەنگەن ۋاقىتتا (مېلى ۋە جېنىنىڭ ئامانلىقى ئۈچۈن) ئۇلار ئۆزلىرىنى مۇسۇلمانلار قاتارىدىن كۆرسىتىشكە ئۇرۇنىدۇ. مۇسۇلمانلار ئاجىزلاشقان ۋاقىتلاردا ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ دىللىرىدا يوشۇرۇپ كەلگەن كۇفرىنى ئاشكارىلايدۇ. مۇناپىق زاھىرىدا ئاللاھغا، پەرىشتىلەرگە، كىتاپلارغا، پەيغەمبەرلەرگە، ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرگەن بولۇپ كۆرىنىدۇ، ماھىيەتتە، ئەسلى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى يالغان دەپ ئىنكار قىلىدۇ. بۇ تۈردىكى مەخلۇقلار ھەر مىللەت ۋە جەمئىيەتتە مەۋجۇتتۇر. قۇرئان كەرىم مۇناپىقلارنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلاپ، بەندىلەرنىڭ نىفاق ۋە مۇناپىقلىقتىن ساقلىنىشلىرى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى كۆرسىتىپ بەردى.
    قۇرئان كەرىمدە بەقەرە سۈرىسىنىڭ بېشىدىلا مۆمىنلەر، كاپىرلار ۋە مۇناپىقلاردىن ئىبارەت ئۈچ گۇرۇھ كىشىلەر بايان قىلىنغان بولۇپ، مۆمىنلەرنىڭ بايانى 2 ئايەت بىلەن، كاپىرلارنىڭ بايانى 4 ئايەت بىلەن، مۇناپىقلارنىڭ بايانى بولسا، 13 ئايەت بىلەن تاماملانغان. شۇنىڭدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، مۇناپىقلارنىڭ ئىسلام ئەھلىگە كەلتۈرىدىغان زىيانكەشلىكلىرى ھەقىقەتەن چوڭدۇر. ئۇلاردىن ھەزەر قىلىش لازىم. چۈنكى ئۇلار كۆرۈنىشتە ئىسلامغا، مۇسۇلمانلارغا ياردەم بەرگەندەك ياكى مۇسۇلمانلار بىلەن دوستتەك تۇيغۇنى بېرىدۇ، ماھىيەتتە ئۇلار ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنىدۇر. [ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھنىڭ " مۇناپىقلارنىڭ سۈپىتى" ناملىق ئەسىرىدىن ئىلىندى].
    ئېتىقادتىكى مۇناپىقلىق تۆەندىكىدەك ئالتە تۈرگە بۆلىنىدۇ:
   1- پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنى يالغان ساناش.
   2- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەتكەن نەرسىلەرنىڭ بەزىلىرىنى رەت قىلىش.
   3- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى يامان كۆرۈش.
   4- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن نەرسىلەرنىڭ بەزىلىرىنى يامان كۆرۈش.
   5- ئىسلام دىنىنىڭ ئاجىزلىشىشى بىلەن خۇشال بولۇش.
   6- ئىسلام دىنىنىڭ كۈچىيىشى، روناق تېپىپ گۈللىشىشىنى يامان كۆرۈش.
     ئىككىنچى: ئەمەلىي نىفاق: بۇ بولسا دىنغا ئىشىنىپ، مۇسۇلمان بولۇپ تۇرۇپ مۇناپىقلارغا خاس بولغان بەزى قىلمىشلارنى قىلىش دېمەكتۇر. مۇنداقلار مۇسۇلمانلار قاتارىدىن سانىلىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئىمانى ھەقىقىي مەنىدىكى مۇناپىقلارنىڭكىگە ئوخشاش ساختا ئىمان بولماستىن، بەلكى ئۇلاردا ئىمان ۋە نىپاقلىق سۈپىتى بار كىشىلەردۇر. بىراق ئۇلارنىڭ ئەخلاقى ۋە قىلمىشلىرى مۇناپىقلارغا خاس رەزىل ئەخلاق ۋە قىلمىش بولغانلىقتىن بولارنىڭ ھالى خەتەرلىكتۇر. چۈنكى مۇنداق كىشىلەر مۇسۇلمانلىق بىلەن مۇناپىقلىقنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىش ئېلىپ بارغۇچىلاردۇر. ئەگەر ئۇلارنىڭ مۇناپىقلىقى مۇسۇلمانلىقىنى بېسىپلا كەتسە، ئۇلار ھەقىقىي مەنىدىكى مۇناپىقلاردىن بولۇپ كېتىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمدىكى تۆت ئىللەت تېپىلىدىكەن، ئۈ چىن مەنىدىكى مۇناپىقلىقنىڭ ئالامەتلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن بولىدۇ. كىمدىكى بۇ تۆت ئىللەتتىن بىرى تېپىلىدىكەن، تاكى بۇنى تاشلىمىغىچىلىك ئۇنىڭدا مۇناپىقلىقنىڭ ئالامىتىدىن بىرى مەۋجۇت بولغان بولىدۇ. بۇ تۆت ئىللەت: «ئامانەتكە خىيانەت قىلىش، يالغان سۆزلەش، ۋەدىگە خىلاپلىق قىلىش، جېدەل- ماجىرا قىلىشقاندا ئېغىزىنى بۇزۇش.»  [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].
    يەنى يۇقىرىقى مۇناپىقلىقنىڭ ئىللەتلىرىدىن بولغان ئىشلارنىڭ بىرەرسىنى ئىشلىگەن ئادەمدە مۇناپىقلارغا خاس ئالامەتلەردىن بىرى تېپىلغان بولىدۇ. شۇنىڭدەك، ئۆزىدە بۇ تۆت ئىللەتنىڭ ھەممىسى تېپىلغان ئادەم ھەقىقىي مەنىدىكى مۇناپىقلارنىڭ ئەخلاقىنى ئۆزلەشتۈرگەن بولىدۇ، دېگەنلىكتۇر. بەزى كىشىلەردە ياخشىلىق خىسلەتلىرى بىلەن يامانلىق ئالامەتلىرى، ئىمان بىلەن كۇفرىلىق، چىنلىق بىلەن مۇناپىقلىق بىرگە تېپىلىدۇ. ئۇلار بولارنىڭ مىقدارىغا كۆرە ساۋابلىق ۋە گۇناھتىن بولغان نېسىۋىلىرىنى ئالىدۇ، يەنى ياخشىلىقلىرىنىڭ مۇكاپاتىنى، يامانلىقلىرىنىڭ جازاسىنى تاپىدۇ. مىسالغا ئالساق: نامازنى مەسچىتتە جامائەت بىلەن ئادا قىلىشقا ئىرىنىشمۇ مۇنافىقلارنىڭ سۈپەتلىرىدىندۇر. مۇنافىقلىق ئىنساننىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىكى ئۈچۈن غايەت يامان ۋە خەتەرلىكتۇر. ساھابىلەر ئۆزلىرىدە مۇناپىقلارنىڭ سۈپەتلىرىدىن تىپىلىپ قىلىشىدىن ئاجايىپ ئەندىشە قىلىشاتتى.
    بۇ ھەقتە ئىبنى ئەبى مۇلەيكە مۇنداق دەيدۇ: "مەن ھاياتىمدا رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوتتۇز نەچچە ساھابىسى بىلەن يۈز كۆرۈشۈشكە مۇيەسسەر بولغان، ئۇلارنىڭ ھەممىسى مۇناپىقلىقتىن قاتتىق قورقۇشاتتى".
    ئېتىقادىي نىفاق بىلەن ئەمەلىي نىفاقنىڭ پەرقلىرى:
    1-ئېتىقادتىكى مۇناپىقلىق؛ ئېتىقادتا تىل بىلەن دىلنىڭ بىردەك بولمىغانلىقىدۇر. ئەمما ئەمەلدىكى مۇناپىقلىق؛ ئەمەلدە تىل بىلەن دىلنىڭ بىردەك بولمىغانلىقىدۇر.
    2-ئېتىقادتىكى مۇناپىقلىق بىلەن كىشى دىندىن چىقىدۇ. ئەمما ئەمەلدىكى مۇناپىقلىق بىلەن كاپىر بولمايدۇ. بەلكى گۇناھكار بولغان بولسىمۇ، مۇسۇلمان دېيىلىدۇ.
    3-ئېتىقادتىكى مۇناپىقلىق مۆمىندىن سادىر بولمايدۇ. چۈنكى ئۈ كاپىرلارنىڭ ئىشىدۇر. ئەمما ئەمەلدىكى مۇناپىقلىق گاھىدا مۆمىندىنمۇ سادىر بولىدۇ.
     4- ئېتىقادتىكى مۇناپىقلىقنى ئىشلىگەن ئادەمنىڭ تەۋبىسى ئىمان ئېيتىشتۇر. ئەمما ئەمەلدىكى مۇناپىقلىق سادىر قىلغان ئادەم مۇسۇلمان بولغىنى ئۈچۈن تەۋبە قىلسا، ئاللاھنىڭ مەغپىرىتىگە ئېرىشىدۇ.
    شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: "مۇسۇلمانلارنىڭ بەزىسى كۆپ ھاللاردا مۇناپىقلىقنىڭ ئىللەتلىرىدىن بولغان ئىشلاردىن بىرەرسىنى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپرەكىنى سادىر قىلىپ قويىدۇ- دە، ئارقىدىن بۇ گۇناھى ئۈچۈن تەۋبە قىلىدۇ. ئاللاھمۇ ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ. گاھىدا مۇسۇلمان كىشىنىڭ قەلبىگە مۇناپىقلىقنىڭ بەزى ئىللەتلىرى كىرىپ قالىدۇ، ئاللاھ ئۇنى ئۇنىڭدىن قۇتقۇزىدۇ. مۇسۇلمان ھەرۋاقىت شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىلىرى ئارقىلىق سىنىلىدۇ. بۇ خۇددى ساھابىلەردىن بىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: «يا رەسۇلۇللاھ! گاھىدا كۆڭلىمىزگە شۇنداق ۋەسۋەسىلەر(يامان خىياللار) كېلىدۇكى، بىزگە شۇ ئەسنادا ئاسماننىڭ ئۈسىتىمىزگە يېقىلغىنى ئۇنىڭدىن ياخشىراق كۆرۈنىدۇ، دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: مانا بۇ ئىماننىڭ ئالامىتىدۇر، دەيدۇ.» يەنە بىر رىۋايەتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بۇنى ئېيتىش تولىمۇ ئېغىر دېگىنىدە، ئۇنىڭ ھېلە-نەيرەڭلىرىنى ۋەسۋەسە بىلەن چەكلىگەن ئاللاھقا چەكسىز ھەمدۇ-سانالار بولسۇن، دەيدۇ.» [ئىمام ئەھمەد ۋە مۇسلىم رىۋايىتى]".
    ئاللاھ تائالا چوڭ نىفاق (ئېتىقادىي نىفاق)ئەھلى ھەققىدە مۇنداق  يەنى ﴿ئۇلار گاستۇر، گاچىدۇر، كوردۇر. شۇڭا ئۇلار ئازغۇنلۇقتىن مۇسۇلمانلىققا قايتمايدۇ.» [سۈرە بەقەرە 18-ئايەت].
    شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە مۇنداق دېگەن: "مۇناپىقلار ھەمىشە ئۆزلىرىنىڭ مۇسۇلمانلىقىنى كۆرسىتىپ قويۇپ، چىن قەلبتىن ھەقكە ئىشەنمىگەنلىكلىرى، ئۇلارنىڭ راست تەۋبە قىلغان ياكى ئالدامچىلىق قىلىۋاتقانلىقى بىلىنمىگەنلىك سەۋەبىدىن، مۇناپىقلارنىڭ تەۋبىسى قوبۇل قىلىنامدۇ ياكى قىلىنمامدۇ دېگەن مەسىلە ئۈستىدە ئىسلام ئۆلىمالىرى ئوتتۇرىسىدا  ئوخشىمىغان كۆز قاراشلار بارلىققا كەلگەن." [پەتىۋالار توپلىمى 28-توم 434 ـ 435 ـ بەتلەرگە قارالسۇن].


جاھىلىيەت، پىسق، زالالەت، مۇرتەدلىك قاتارلىقلارنىڭ تۈرى ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈملىرى
    جاھىلىيەت: ئىسلام دىنى بارلىققا كېلىشتىن بۇرۇنقى چاغلار دېمەكتۇر. ئىبنى ئەسىر جاھىلىيەت سۆزىگە مۇنداق ئېنىقلىما بېرىدۇ: "جاھىلىيەت ئىسلامدىن بۇرۇنقى ئەرەبلەرنىڭ ئاللاھنى، پەيغەمبەرنى، شەرىئەتنى ۋە ئەخلاقنى  تونۇمايدىغان، پەقەت ھەر قەبىلە ئۆزىنى ئۈستۈن كۆرۈپ باشقىلىرىنى كەمسىتىش، بىر-بىرىگە قارشى ئۇرۇش ئېچىش، قان تۆكۈش ۋە بۇتلارغا چوقۇنۇشتىن ئىبارەت بىر قاتار جاھالەتلىك ھالىتىدۇر." [ئەننىھايە ناملىق ئەسەر 1-توم 323- بەت].
    جاھىلىيەت بىلىمسىزلىك ياكى ئىلىمگە ئەگەشمەسلىك دېگەن مەنىدىدۇر. شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە مۇنداق دېگەن: "ھەقىقەتنى بىلمىگەن كىشى ئادەتتە جاھىل (بىلىمسىز) دېيىلىدۇ. شۇنداقلا ئۆزى بىلمەي تۇرۇپ بىلگەنلىك دەۋاسى قىلغان كىشى جاھىللارنىڭ جاھىلىدۇر. ھەقىقەتنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇنىڭ ئەكسىنى سۆزلىگەن ياكى بىلمەي تۇرۇپ سۆزلىگەن ئادەممۇ جاھىلدۇر. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئەۋەتىلىشتىن بۇرۇنقى ئىنسانلار ھەقىقىي مەنىدىكى جاھىللار ئىدى. ئۇلاردىن سادىر بولغان بارچە سۆز ۋە ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ ھەقىقەتنى بىلىشتە جاھىل ئىكەنلىكىدىن بولغان ئىدى. شۇنداقلا، ئۆز ۋاقتىدا يەھۇدى ۋە خرىستىئان دىنلىرىنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە مۇخالىپەتچىلىك قىلغانلارمۇ جاھىللاردۇر. يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى ئومۇميۈزلۈك جاھىلىيەتتۇر. ئەمما مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام كەلگەندىن كېيىن، ئومۇميۈزلۈك جاھىلىيەتكە خاتىمە بېرىلگەن بولۇپ،  پەقەت قىسمەن جاھىلىيەتلا مەۋجۇد بولغان. مەسىلەن: دۇنيانىڭ بەزى جايلىرىدىكى ئىنسانلار جاھالەت ھاياتىدا تۇرمۇش كەچۈرسىمۇ، باشقا جايلاردىكىلەر ئۇنداق ئەمەستۇر، بىرەر شەخس جاھالەتتە بولسىمۇ، يەنە باشقا بىرسى ئۇنداق ئەمەس. يېڭىدىن مۇسۇلمان بولغان بىراۋ مۇسۇلمان بولۇشتىن بۇرۇن جاھىلىيەتتە ياشىغان بولسىمۇ، مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن، مەرىپەتلىك ھاياتقا ئۆتكەن بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەۋەتىلگەندىن كېيىنكى ھېچبىر دەۋر جاھىلىيەت دەۋرى بولالمايدۇ. چۈنكى كىشىلەر ئوخشاش بولمىغان دەۋرلەردە قانچىلىك جاھالەت ۋە زالالەتكە چۆمگەن تەقدىردىمۇ، ئىسلام مىللىتىدىن بىر گۇرۇپپا كىشىلەر ھەقىقەتنى نامايان قىلىپ تۈرىدۇ. ئەمما قىسمەن جاھىلىيەت ئىسلام دىيارلىرىدىمۇ مەۋجۇدتۇر. چۈنكى بۇلار بىر تۈركۈم شەخسلەردىن سادىر بولغانلىقتىن ئومۇمغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئۈممىتىم ئىچىدە تۆت ئىش باركى، ئۇلار جاھىلىيەت ئىشلىرىدىندۇر.» [مۇسلىم رىۋايىتى].
    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا: «ھەقىقەتەن سەن جاھىلىيەتنىڭ قالدۇقلىرىدىن قۇتۇلۇپ بولمىغان ئادەمكەنسەن، دېگەن.» [بۇخارى رىۋايىتى].  
    خۇلاسە قىلغاندا، جاھىلىيەت "ئومۇميۈزلۈك جاھىلىيەت" ۋە "قىسمەن جاھىلىيەت" دەپ  ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ:
    ئومۇميۈزلۈك جاھىلىيەت: پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام كېلىشتىن بۇرۇنقى ھالەت بولۇپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەر بولۇپ كېلىشى بىلەن، بۇ تۈردىكى جاھىلىيەتكە خاتىمە بېرىلگەن.
    قىسمەن جاھىلىيەت: ئايرىم دەۋىر ۋە رايون، قىسمەن شەخسلەردە تېپىلىدىغان جاھىلىيەت بولۇپ، ئۇلار ھازىرمۇ شۇ بويۇنچە داۋام قىلماقتا. بۇنىڭدىن مەلۇم بولدىكى، كۈنىمىزدىكى جاھىلىيەت ئومۇميۈزلۈك ئەمەس، بەلكى قىسمەن جاھىلىيەتتۇر.
    پىسىق:
   پىسىق كەلىمىسىنىڭ لۇغەتتىكى مەنىسى: چىقىش دېمەكتۇر. پىسىقنىڭ شەرئىي ئىستىلاھى مەنىسى: ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىقىش دېگەنلىكتۇر. مانا بۇ، ئىسلام ئەھلىنىڭ شەرئىي ئىستىلاھىدا قوللانغان پاسىق سۆزىنىڭ ئۆز مەنىسىدۇر. پىسق ياكى پاسىق سۆزى كاپىرلار ئۈچۈن قوللىنىلغاندەك، مۇسۇلمانلاردىن بولغان ئاسىي ـ گۇناھكارلار ئۈچۈنمۇ قوللىنىلىدۇ.
   پىسق ئىككىگە بۆلۈنىدۇ: بىرى، ئۇنى سادىر قىلغان كىشىنى مۇسۇلمانلىقتىن چىقىرىدىغان پىسق بولۇپ، بۇنداقلار كاپىر  تەرجىمىسى: «شۇڭا ئۈ پەرۋەردىگارىنىڭ ئىتائىتىدىن چىقتى.» [سۈرە كەھف 50-ئايەت].
 تەرجىمىسى: «ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىقىپ كاپىر بولغان پاسىقلارغا كەلسەك، ئۇلارنىڭ جايى دوزاخ بولىدۇ.» [سۈرە سەجدە 20 -ئايەت].
    يۇقىرىقى ئايەتلەردىكى پىسىقى سۆزىدىن كاپىرلار ئىرادە قىلىنىدىغانلىقىغا ئايەتنىڭ داۋامى دەلىل بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق كُلَّمَا أَرَادُوا أَن يَخْرُجُوا مِنْهَا أُعِيدُوا فِيهَا وَقِيلَ لَهُمْ ذُوقُوا عَذَابَ النَّارِ الَّذِي  تەرجىمىسى: «ھەر قاچان ئۇلار دوزاختىن چىقماقچى بولسا، ئۇلار دوزاخقا قايتۇرۇلىدۇ. ئۇلارغا: «سىلەر ئىنكار قىلغان دوزاخنىڭ ئازابىنى تېتىڭلار، دېيىلىدۇ.» [سۈرە سەجدە 20-ئايەت].
    شۇنداقلا قۇرئان كەرىم مۇسۇلمانلاردىن بولغان ئاسىي ـ وَالَّذِينَ يَرْمُونَ الْمُحْصَنَاتِ ثُمَّ لَمْ يَأْتُوا بِأَرْبَعَةِ شُهَدَاءَ فَاجْلِدُوهُمْ ثَمَانِينَ  تەرجىمىسى: «ئىپپەتلىك ئاياللارنى زىنا بىلەن قارىلىغان، بۇنىڭ راستلىقىغا ئادىل تۆت گۇۋاھچىنى كەلتۈرەلمىگەنلەرنى 80 دەررە ئۇرۇڭلار. ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىقىنى ھەرگىز قوبۇل قىلماڭلار، ئۇلار پاسىقلاردۇر.» [سۈرە نۇر 4 ـ ئايەت].
فَمَن فَرَضَ فِيهِنَّ الْحَجَّ فَلَا رَفَثَ وَلَا فُسُوقَ وَلَا جِدَالَ فِي الْحَجِّ﴾ تەرجىمىسى: «ھەج ئايلىرىدا ھەج قىلىشنى نىيەت قىلغان (يەنى ئېھرام باغلىغان) ئادەمنىڭ جىنسىي ئالاقە قىلىشى، گۇناھ قىلىشى ۋە جاڭجال قىلىشى مەنئى قىلىنىدۇ.» [سۈرە بەقەرە 197-ئايەت]. ئۆلىمالار بۇ ئايەتتىكى «فُسُوقَ» كەلىمىسىنى گۇناھ-مەسىيەت دەپ چۈشەندۇرگەن. [شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيەنىڭ "كىتابۇل ئىيمان" ناملىق ئەسىرى 278-بەت].

    زالالەت (ئازغۇنلۇق):
    زالالەت سۆزى، توغرا يولدىن ئېزىش دېگەن مەنانى بېرىدۇ. زالالەت   تەرجىمىسى: «كىمكى ھىدايەت تاپىدىكەن، ھىدايەت تاپقاننىڭ پايدىسى ئۇنىڭ ئۆزى ئۈچۈندۇر. كىمكى ئازىدىكەن، ئازغاننىڭ زىيىنى ئۇنىڭ ئۆزى ئۈچۈندۇر.» [سۈرە ئىسرا 15 ـ ئايەت].
قۇرئان كەرىمدە "زالالەت" سۆزى كۆپ مەنىلەردە قوللىنىلىدۇ.
وَمَنْ يَكْفُرْ بِاللَّهِ وَمَلَائِكَتِهِ وَكُتُبِهِ وَرُسُلِهِ وَالْيَوْمِ الْآَخِرِ فَقَدْ ضَلَّ ضَلَالًا  تەرجىمىسى: «كىمكى ئاللاھنى، ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىنى، كىتابلىرىنى، پەيغەمبەرلىرىنى ۋە ئاخىرەت كۈننى ئىنكار قىلىدىكەن، ئۇ قاتتىق ئازغان بولىدۇ.» [سۈرە نىسا 136 ـ ئايەت].
 تەرجىمىسى: «كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن، ئۈ ھەقىقەتەن ئازغان بولىدۇ.» [سۈرە نىسا 116ـ ئايەت].
    3- مۇسۇلمانلاردىن شەرىئەت ئەھكاملىرىغا خىلاپلىق قىلغۇچى ئاسىي ـ گۇناھكار مەنىسىدە كېلىدۇ. «ئازغۇن پىرقىلەر» دېگەنگە ئوخشاش.
    4- خاتالىق مەنىسىدە كېلىدۇ.  قۇرئان كەرىم مۇسا  تەرجىمىسى: «مۇسا ئېيتتى: مەن ئۈ ئىشنى قىلغىنىمدا ئازغۇنلاردىن (يەنى نادانلاردىن) ئىدىم.» [سۈرە شۇئەرا 20 ـ ئايەت].
   5- ئونۇتقانلىق مەنىسىدە كېلىدۇ. قۇرئان كەرىم ئىككى ئايالنىڭ  تەرجىمىسى: «بۇ ئىككى ئايالنىڭ بىرى ئازسا، يەنى ئۇنتۇپ قالسا ئىككىنچىسى ئېسىگە سالىدۇ.» [سۈرە بەقەرە 282 ـ ئايەت].
    6-بىر نەرسىنىڭ يوقاپ كېتىشى ياكى ئىزىپ قىلىشى مەنىسىدىمۇ كېلىدۇ. مەسىلەن: «تۆگە يوقاپ كەتتى» دېگەنگە ئوخشاش.
   مۇرتەدلىك ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى:
   مۇرتەد سۆزى لۇغەتتە: قايتىش ياكى يىنىۋېلىش دېگەن مەنانى ئىپادىلەيدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَلَا تَرْتَدُّوا عَلَىٰ أَدْبَارِكُمْ﴾ تەرجىمىسى: «ئارقىڭلارغا چېكىنمەڭلار، بولمىسا (ئىككىلا دۇنيادا) زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ قالىسىلەر.» [سۈرە مائىدە 21-ئايەت].
    مۇرتەد سۆزى شەرئىي ئاتالغۇدا: مۇسۇلمان بولغاندىن كىيىن كۇفرىغا قايتىش دېگەننى ئىپادىلەيدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَمَن يَرْتَدِدْ مِنكُمْ عَن دِينِهِ فَيَمُتْ وَهُوَ كَافِرٌ فَأُولَـٰئِكَ حَبِطَتْ أَعْمَالُهُمْ فِي الدُّنْيَا وَالْآخِرَةِ ۖ وَأُولَـٰئِكَ أَصْحَابُ النَّارِ ۖ هُمْ فِيهَا خَالِدُونَ﴾ تەرجىمىسى: «سىلەردىن كىمكى ئۆز دىنىدىن قايتىپ كاپىر پېتى ئۆلسە، ئۇنىڭ ئەمەللىرى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بىكار بولۇپ كېتىدۇ. بۇنداق ئادەملەر ئەھلى دوزاختۇر، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر.»
    مۇرتەدلىك ئىسلامنى بۇزغۇچى ئىشلاردىن بىرەرنى قىلىش ئارقىلىق بولىدۇ. مۇرتەدلىك تۆۋەندىكىدىن ئىبارەت تۆت تۈرگە بۆلۈنىدۇ:  
    1- سۆز بىلەن مۇرتەد بولۇش. مەسىلەن: ئاللاھنى ياكى ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىدىن بىرىنى ياكى پەرىشتىلەرنى سۆكۈش، ئۆزىنىڭ غەيبنى بىلىدىغانلىقىنى دەۋا قىلىش، ئۆلۈكلەردىن مەدەت سوراش، شەرىئەت ئەھكاملىرىنى كەمسىتىش، پەيغەمبەرلىك دەۋاسى قىلىش، ئاللاھتىن غەيرىگە ھاجەتلىرىنى سوراپ دۇئا قىلىش ۋە ئۇنىڭغا سېغىنىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەتتۇر.
    2- ئىش- ھەرىكەت بىلەن مۇرتەت بولۇش. مەسىلەن: بۇتلارغا، دەل ـ دەرەخلەرگە، تاشلارغا، ھايۋانلارغا، ساختا مەبۇدلارغا چوقۇنۇش، قەبرىلەرگە باش ئۇرۇش ۋە ئۇلارغا قان قىلىش، سېھىرگەرلىك قىلىش، سېھىرنى ئۆگىنىش ۋە ئۆگىتىش، ئىنسانلار تەرىپىدىن تۈزۈلگەن يەرلىك قانۇنلارنى ئىسلام شەرىئىتىدىن ئەۋزەل دەپ ئېتىقاد قىلىش ۋە ئۇنىڭ بىلەن ھۆكۈم قىلىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەتتۇر.
    3- ئېتىقاد بىلەن مۇرتەت بولۇش. مەسىلەن: ئاللاھنى شېرىكى بار ياكى بالىسى بار دەپ ئېتىقاد قىلىش. ئەۋلىيالار، قۇتۇبلار، مازار- ماشايىخلار كائىناتتىكى بەزى ئىشلارنى تەسەررۇپ قىلالايدۇ ياكى كىشىلەرگە پايدا يەتكۈزەلەيدۇ، دەپ ئېتىقاد قىلىش. زىنا، ھاراق، ئۆسۈم ۋە ئۇنىڭدىن باشقا  ئاللاھ ھارام قىلغان ئىشلارنى ھالال ساناش، ناماز، روزا، زاكات ۋە باشقا پەرزلەرنىڭ پەرزلىكىگە تېنىش قاتارلىق ئىشلاردىن ئىبارەتتۇر.
    4- شەك بىلەن مۇرتەت بولۇش. مەسىلەن: ئاللاھنىڭ بارلىقىغا ياكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە شەك قىلىش، قۇرئان ئاللاھنىڭ سۆزى ئىكەنلىكىدىن شەكلىنىش، ئىسلام دىنىنىڭ توغرا دىن ئىكەنلىكىدىن شۈبھىلىنىش، قۇرئاننى ھازىرقى ئەسىرگە يارىمايدۇ دېيىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەتتۇر.
    مۇرتەدلىك ئىسپاتلانغاندىن كىيىنكى ھۆكۈملەر:
    بىرىنچى: دىنىدىن يېنىپ مۇرتەت بولغان ئادەمدىن ئۈچ كۈن ئىچىدە تەۋبە قىلىپ ئىسلامغا قايتىشى تەلەپ قىلىىنىدۇ. (شەرىئەت ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن) ئەگەر ئۇ قايتىدىن ئىمان ئېتىپ مۇسۇلمان بولسا، ئۆز ئەركىنلىكىگە قويۇپ بېرىلىدۇ ۋە شۇنداقلا ئۇنىڭغا مۇسۇلمانلارغا قىلىنىدىغان مۇئامىلە قىلىنىدۇ.
    ئىككىنچى: ئەگەر تەۋبە قىلىشتىن باش تارتسا، ئۇنى ئۆلتۈرۈش پەرز بولىدۇ. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام: «كىمىكى دىنىنى ئۆزگەرتسە (يەنى ئىسلامدىن يىنىۋالسا) ئۇنى ئۆلتۈرۈڭلار،» دېگەن. [بۇخارى رىۋايىتى].
   ئۈچىنچى: مۇرتەدتىن تەۋبە قىلىش تەلەپ قىلىنغان ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئۆز مال- مۈلكىنى تەسەررۈپ قىلىشى مەنئى قىلىنىدۇ. ئەگەر ئىسلامغا قايتسا مال-مۈلكى ئۆزىنىڭ بولىدۇ. ئەگەر ئىسلامغا قايتماستىن ئۆلتۈرۈلسە ياكى مۇرتەدلىكتە ئۆلسە ئۇنىڭ بارلىق ئىقتىسادىي ئولجا سۈپىتىدە بەيتۇلمالغا قوشۇۋىتىلىدۇ. ھەتتا بەزى ئەھلى ئىلىملار تەرىپىدىن: دىنىدىن يىنىۋالغان كىشى مۇرتەد بولغان پەيتتىن باشلاپ ئۇنىڭ مال -مۈلكى مۇسۇلمانلار مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىشلىتىلسە دۇرۇس بولىدۇ، دېيىلگەن.
    تۆتىنچى: مۇرتەدنىڭ نەسەب قېرىنداشلىرى ئارىسىدا مىراسخورلۇق ھوقۇقى ئەمەلدىن قالىدۇ. ئۇنىڭ مىراسخۇرى بولمايدۇ، قېرىنداشلىرى ئۇنىڭدىن، ئۇ قېرىنداشلىرىدىن  مىراس  ئالالمايدۇ.
    بەشىنچى: دىندىن يىنىۋالغان ئادەم، مۇرتەتلىك ھالى بويىچە ئۆلسە ياكى ئۆلتۈرۈلسە، ئۈ يۇيۇلماستىن، نامىزى چۈشۈرۈلمەستىن دەپنە قىلىنىدۇ. مۇرتەد مۇسۇلمانلارنىڭ قەبرىستانلىقلىرىغا دەپىنە قىلىنمايدۇ. بەلكى كۇففارلارنىڭ مازارلىقلىرىغا دەپنە قىلىنىدۇ ياكى مۇسۇلمانلارنىڭ قەبرىستانلىقى بولمىغان جايغا كۆمۈۋىتىدۇ.

 

 

 

 

 

 

 

 

ئىككىنچى باب
تەۋھىدكە زىت كېلىدىغان ۋە ئۇنىڭغا نۇقسان يەتكۈزىدىغان سۆز-ھەرىكەتلەر
(ئالقانغا، چىنىغا ئوقۇش ئارقىلىق غەيبنى بىلىدىغانلىق دەۋاسىنى قىلىش)
   غەيب ھەققىدە ئېنىقلىما:
   غەيب كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان مېتافىزىكا ئالىمىگە، ئۆتمۈش، ھازىر ۋە كېلەچەككە ئائىت ئىشلار دېمەكتۇر. غەيبنى  تەرجىمىسى: «ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى غەيبنى بىلمەيدۇ.» [سۈرە نەمل 65- ئايەت].
    غەيبنى بىلىش ئىلمى پەقەت ئاللاھقىلا خاس بولغان ئىشدۇر. ئاللاھ ئۆزىنىڭ ئىرادىسى بىلەن گاھىدا پەيغەمبەرلەرنىڭ بەزىسىگە بىر قىسىم غەيبى ئىشلارنى ئىلاھىي ھېكمەتنىڭ تەقەززاسى بىلەن  تەرجىمىسى: «ئاللاھ غەيبنى بىلگۈچىدۇر. ئۇ ئۆزىگە خاس بولغان غەيبى ئىشلاردىن ھېچ ئادەمنى خەۋەردار قىلمايدۇ. پەقەت ئۆزى مەمنۇن بولغان پەيغەمبەرلىرىگىلا بەزى غەيبلەرنى بىلدۈرىدۇ.» [سۈرە جىن 26-27- ئايەتلەر]. يەنى ئاللاھ خالىغان پەيغەمبىرىگە ئۆزى بىلدۈرۈشنى خالىغان غەيبى ئىشلارنى بىلدۈرىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەرلەر گاھىدا، ئىنسانلارغا بەزى غەيبلەردىن خەۋەر بېرىشتەك پەيغەمبەرلىك مۆجىزىسىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ راستتىنلا ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئەلچى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا مۇھتاجدۇر. ئۇ ئاللاھ بىلدۈرگەن غەيبنى كىشىلەرگە ئۆزىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلى ئورنىدا كۆرسىتىدۇ. ئاللاھ بەزى پەيغەمبەرلەرگە ئۆزى بىلدۈرۈشنى خالىغان قىسمەن غەيبلەرنى بىلدۈرگەن. مەسىلەن: پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىىسالامغا ئاللاھ كېلەچەككە ئائىت بەزى غەيبلەرنى بىلدۈرگەن. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلىرىنىڭ مەككە كۇففارلىرىنىڭ دۈشمەنلىكىدىن ئامان بولغان ھالدا مەسچىتى ھەرەمگە كىرىدىغانلىقى، رۇملۇقلارنىڭ بىرقانچە يىل ئىچىدە ئىرانلىقلارنى يېڭىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا غەيبى ئىشلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئالدىن بىلدۈرۈلۈپ، ئەمەلىيەتتە مەيدانغا چىققانلىقى ئېيتقانلىرىمىزنىڭ جانلىق مىسالىدۇر. بۇلاردىن باشقا قايسى بىر يول بىلەن بولمىسۇن، غەيبنى بىلىدىغانلىق دەۋاسىنى قىلغۇچىلار شۈبھىسىز كاززاپلاردۇر. ئۇلارغا ئىشىنىشكە بولمايدۇ.
    غەيبنى بىلىدىغانلىقىنى دەۋا قىلىدىغان ئالدامچىلار ھەر زاماندا مەۋجۇدتۇر. ئۇلار ئالىقانغا ياكى چىنىغا ئوقۇش، سېھىرگەرلىك قىلىش، پال ئېچىش قاتارلىق ئۇسۇللىرى بىلەن كېلەچەكتىكى ئىشلاردىن، يوقاپ كەتكەن نەرسىلەرنىڭ ئورنىنى، ياكى كىمنىڭ ئالغانلىقىنى يالغاندىن خەۋەر بېرىشىدۇ. بەزى كېسەللەرگە ئۇلارنىڭ بىرەر شەخسنىڭ قەست قىلغانلىقىدىن كېسەل بولغانلىقلىرىنى ئېيتىدۇ. ئۇلار بۇ ئىشلاردا پەقەت جىن- شەيتانلارنى ئىشقا سالىدۇ. جىن- شەيتانلارنىڭ راست ـ يالغان بارلىق سۆزلىرىنى راست دەپ كۆرسىتىدۇ. كىشىلەرنى بۇنىڭ بىلەن قايىل قىلىپ ئىشەندۈرىدۇ. بەزىلىرى مۇنەججىملىك يولى (يۇلتۇزلارغا قاراش) بىلەن پالانى يۇلتۇز چىققان ۋاقىتتا ئۆيلەنگەن ئادەم مۇنداق بولىدۇ، پالانى يۇلتۇز چىققاندا ئۆيلەنگەن ئادەم ئانداق بولىدۇ ۋە پالانى يۇلتۇز كۆرۈنگەندە تۇغۇلغان بالا مۇنداق بولىدۇ، دېگەنگە ئوخشاش يالغان سۆزلەرنى قىلىدۇ. بەزى جاھىل ۋە ئىمانى ئاجىز كىشىلەر بۇ ئالدامچى مۇنەججىملەرنىڭ سۆزلىرىگە ئىشىنىپ، ئۇلاردىن ئۆزلىرىنىڭ كېلەچەك تۇرمۇشى، بېشىغا كېلىدىغانلىرى ۋە باشقا ئىشلىرى توغرۇلۇق مەسلىھەت سورايدۇ. مۇنەججىملەر بىلەن پالچىلار ۋە سېھىرگەرلەر ئۇلارنى يالغان سۆزلىرى بىلەن قايىل قىلىدۇ. نەتىجىدە ئۇلاردىن يول سورىغۇچىلار دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە زىيان تارتىدۇ.
كىمكى غەيبنى بىلىمەن، دەپ دەۋا قىلىدىكەن ياكى غەيبتىن سۆزلىگەنلەرنىڭ سۆزىگە كۆڭلىدىن ئىشىنىدىكەن ئۇ شەكسىز كاپىر بولىدۇ. ئاللاھ بۇ ھالاكەتتىن پاناھ بەرسۇن ... ئامىن.
    ئۆزىنىڭ غەيبنى بىلىدىغانلىقىنى دەۋا قىلغان ئالدامچىلار، غەيبنى بىلىشتىن ئىبارەت ئاللاھقىلا خاس بولغان بۇ ئىلاھىي خۇسۇسىيەتتە ئۆزىنى ئاللاھقا شېرىك قىلىۋالغان بولىدۇ. مۇنداق ئالدامچىلارنىڭ غەيبتىن سۆزلىگەن سۆزلىرىگە ئىشەنگەن ئادەم  مەزكۇر ئالدامچىلارنى غەيبنى بىلىشتە ئاللاھقا شېرىك قىلغان ۋە ئۇلارنىڭ غەيبنى بىلىمىز، دېگەن دەۋاسىغا ئاۋاز قوشقان بولىدۇ. شۇڭا، مۇنەججىملەر، سېھىرگەرلەر، پالچىلار، داخانلار ۋە رامباللار شەكسىز كاپىرلاردۇر. ئۇلارنىڭ غەيبتىن سۆزلىگەن سۆزلىرىگە يۈرەكتىن ئىشەنگەن ئادەممۇ كاپىر بولىدۇ. يۇلتۇزلار ئاللاھ ياراتقان مەخلۇقاتتۇر. ئۇلار ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن ئىش كۆرىدۇ. جىن ـ شەيتانلار ئاسمان پەرىشتىلىرىنىڭ بەزى خەۋەرلىرىدىن  ئوغۇرلۇقچە پايدىلىنىش ئارقىلىق بىر راستقا مىڭ يالغاننى قوشۇپ سېھىرگەرلەرگە، داخانلارغا ۋە رامباللارغا يەتكۈزىدۇ. ئۇلار ئاخماقلارنى ئىشەندۈرىدۇ، خالاس.

 

 

 

 

 

 

 

 


سېىھىرگەرلىك، جىنكەشلىك، پالچىلىق توغرىسىدا
     سېھىر ھەققىدە ئېنىقلىما:
     سېھىر سۆزىنىڭ لۇغەتتىكى مەنىسى: كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان، پەقەت يوشۇرۇن ھالدا مەيدانغا كېلىدىغان ئىشلار دېمەكتۇر. ئەمما سېھىرنىڭ ئىسلام ئىستىلاھىدىكى مەنىسى: ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان ۋە جىن- شەيتانلارنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىدىغان ئىشلار دېگەنلىكتۇر.
    سېھىرنىڭ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى راستتۇر. ئۇ ئىنساننىڭ قەلبىگە تەسىر قىلىدۇ. كىشىلەرنى كېسەل قىلالايدۇ، ئۆلتۇرەلەيدۇ، ئىككى مەھبۇبنى بىر ـ بىرىدىن ئايرىۋېتەلەيدۇ. كىشىلەرنى بىر -بىرىگە ئامراق قىلالىغاندەك، ئۆچ قىلالايدۇ. سېھىر ئومۇمەن، شەيتانلار ۋە نىجىس ئەرۋاھلارغا چوقۇنۇش بىلەن ئىشقا ئاشىدۇ. سېھىرنىڭ گۇناھى شېرىككە ئوخشاشتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سېھىرنى شېرىك بىلەن بىرگە بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «يەتتە ھالاكەتتىن قېچىڭلار: ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش، سېھىر قىلىش .....» [بۇخارى رىۋايىتى].
    سېھىر ئىككى جەھەتتىن شېرىككە ئوخشايدۇ: بىرى: سېھىر جىن ـ شەيتانلارنى ئىشقا سېلىش، ئۇلارغا باغلىنىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. چۈنكى سېھىرگەرلەر شەيتانلارغا چوقۇنىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ  تەرجىمىسى: «لېكىن شەيتانلار كىشىلەرگە سېھىر ئۆگىتىش بىلەن كاپىر بولدى.» [سۈرە بەقەرە 102- ئايەت].  
    يەنە بىرى: سېھىرگەرلەر ئۆزلىرىنىڭ غەيبنى بىلىدىغانلىقىنى دەۋا قىلىدۇ. چۈنكى ئۇلار غەيبلەرنى يالغاندىن سۆزلەيدۇ. بۇ غەيبنى بىلىشتە ئاللاھقا ئۆزىنى شېرىك قىلغانلىقتۇر. شۇڭا سېھىرگەرلەر  تەرجىمىسى: «ئۇلار سېھىرنى سېتىۋالغۇچىغا ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە جەننەتتىن ھېچ نېسىۋە يوق ئىكەنلىكىنى ئۇبدان بىلەتتى.» [سۈرە بەقەرە 102-ئايەت].
     يەنى جەننەتتىن نېسىۋىسى بولمىغانلار بولسا، شۈبھىسىزكى، كاپىرلاردۇر. سېھىرگەرلىك ساھىبىنى ساغلام ئەقىدىدىن چىقىرىپ تاشلايدۇ. سەھابە كىراملار زامانىسىدا سېھىرگەرنى شەرئىي ھۆكۈم بىلەن قەتلى قىلغاندەك، ئۇنى ئۆلتۈرۈش ۋاجىپ بولىدۇ. ئەپسۇسلىنارلىق يىرى شۇكى، خۇددى بۇ ھۆكۈم شەرىئىتىمىزدە ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندەك، مۇسۇلمانلار سېھىر ۋە سىھىرگەرلىككە غاپىللىق ۋە بىپەرۋالىق بىلەن قارايدىغان بولدى، كۆپىنچە كىشىلەر ئۇنى بىر پەن تۈرىدىن دەپ قاراپ، ئۇنىڭ بىلەن پەخىرلىنىدۇ، شۇنداقلا ئۇلارنى مۇكاپاتلايدۇ ۋە ئىلھام بېرىدۇ. بەزى جەمئىيەتلەردە سىھىرگەرلەر ئۈچۈن ئالاھىدە سورۇن ھازىرلىنىپ مۇسابىقىلەر ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئۇ يەرگە مىڭلىغان ھەۋەسكارلار يىغىلىشىدۇ. بۇ بولسا مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز دىنىنى ماھىيەتتىن بىلمەسلىكى ۋە ئەقىدىسىگە سەل قارىشى، دىننى مەسخىرە قىلغۇچىلارغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.
    رەمبال ۋە پالچىلىق ھەققىدە ئېنىقلىما:
    رەمبال ۋە پالچى؛ بۇ كېلەچەكتە بولىدىغان ئىشلاردىن ۋە يوقاپ كەتكەن نەرسىلەرنىڭ جايىدىن خەۋەر بېرىش ئارقىلىق غەيبنى بىلىدىغانلىقىنى يالغاندىن دەۋا قىلغۇچى دېمەكتۇر. بۇ بىزنىڭ ئىستېمالىمىزدىكى، «داخان»، «جىنكەش» نىڭ ئۆزىدۇر. رەمبال، داخانلار جىن-شەيتانلارغا چوقۇنىدۇ ۋە مەلۇماتنى ئۇلاردىن ئالىدۇ. جىن- شەيتانلار ئاسمان پەرىشتىلىرىدىن ئوغۇرلىغان بەزى خەۋەرلىرىنى يالغانلار بىلەن قوشۇپ ئۇلارغا يەتكۈزىدۇ. ئۇلار ئىنسانلارنى ئالدايدۇ. بۇ هَلْ أُنَبِّئُكُمْ عَلَى مَنْ تَنَزَّلُ الشَّيَاطِينُ  تَنَزَّلُ عَلَى كُلِّ أَفَّاكٍ أَثِيمٍ يُلْقُونَ السَّمْعَ  تەرجىمىسى: «ئى پەيغەمبەر! مەككە كۇففارلىرىغا ئېيتقىنكى، سىلەرگە مەن شەيتانلارنىڭ كىمگە چۈشىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟ ئۇلار ھەر بىر ئىغۋا توقۇغۇچى گۇناھكارلارغا چۈشىدۇ. ئۇلار پەرىشتىلەرنىڭ سۆزلىرىنى ئوغۇرلۇقچە ئاڭلايدۇ، شەيتانلارنىڭ تولىسى يالغان خەۋەرلەرنى تارقىتىدىغان يالغانچىلاردۇر.» [سۈرە شۇئەرا 221ـ 223ـ ئايەتلەر].
     غەيبى ئىلىملەرنى بىلىش پەقەت ئاللاھقىلا خاستۇر. رەمچىلەر، پالچىلار، داخانلار ۋە ئۇلاردىن باشقىمۇ ھەر خىل ۋاسىتىلىرى بىلەن غەيبنى بىلىدىغانلىق دەۋاسى قىلغۇچىلار شەكسىز كاپىرلاردۇر. ئەبۇ ھۇرەيرە (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) دىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى كاھىنلارغا، (رەمچىلەرگە، پالچىلارغا ۋە سېھىرگەرلەرگە) يىنىغا بېرىپ ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە ئىشىنىدىكەن، ئۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا كەلگەن دىنغا كاپىر بولغان بولىدۇ.» [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى].
    شۇنىڭدىن قاتتىق ھەزەر قىلىش كېرەككى، سېھىرگەرلەر، رەمچىلەر، داخانلار ۋە پالچىلار كىشىلەرنىڭ ئەقىدىلىرىنى بۇزىدىغان، ئۆزلىرىنى كىشىلەرگە خۇددى كېسەللەرگە شىپالىق بۇيرۇيدىغان دوختۇرلارغا ئوخشاش كۆرسىتىپ، كىشىلەرنى مازار- ماشايىخلارغا ئاتاپ قۇربانلىق ۋە نەزىر ـ چىراقلارنى قىلىشقا بۇيرۇپ ئۇلارنىڭ دىندىن چىقىشىغا سەۋەبچى بولىدىغان ئالدامچىلاردۇر. ئۇلار كىشىلەرنى ئالداپ ئۇلارغا شېرىك سۆزلەر بىلەن يېزىلغان تۇمارلارنى بېرىپ، ئۇنى بويۇنلىرىغا ئېسىش ياكى ياستۇقلىرى ئاستىدا ساقلاشقا تەۋسىيە قىلىدۇ. ھالبۇكى، بۇنداق شېرىك سۆزلەر بىلەن يېزىلغان تۇمارلارنىڭ ھېچ نەرسىگە پايدىسى يوقتۇر. يۇقىرىقى ئالدامچىلارنىڭ بەزىسى جىن ـ شەيتانلارنى ئىشقا سېلىش ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ يىتىپ كەتكەن نەرسىلىرىنىڭ ئورۇنلىرىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. بۇ گاھىدا راست، گاھىدا يالغان چىقىدۇ. ئەمما ئومۇمەن، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدە يالغانلار كۆپ بولىدۇ. شۇڭا ئۇلارغا ئەگەشمەسلىك ۋە سۆزلىرىگە ئىشەنمەسلىك كېرەك. يەنە ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۆزلىرىنى ئەۋلىيا قىلىپ كۆرسىتىپ، كۈيۈپ تۇرغان ئوتقا كىرىپ، ساق-سالامەت چىقىشىدۇ، بەدەنلىرىگە پىچاق ئۇرۇپ ياكى ئۆزلىرىنى ماشىنىنىڭ ئاستىغا ئېتىپ، ھېچقانداق زەخمىلەنمەيدۇ، مانا بۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلار شەيتاننىڭ ئىشلىرىدىن بولۇپ ماھىيەتتە سېھىر ۋە كۆز باغلايدىغان قىلمىشلاردۇر.

 

 


مازار-ماشايىخلارغا ۋە قەبرىلەرگە ئاتاپ قۇربانلىق قىلىش، نەزىر ـ چىراغ ئۆتكۈزۈشنىڭ ھاراملىقى
    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارنى شېرىك گىردابىغا ئىلىپ بارىدىغان بارلىق ئىشلاردىن قەتئىي مەنئى قىلغان. مازار- ماشايىخلارنى ئۇلۇغلاش ۋە ئۇلاردىن ھاجەتلىرىنى سوراشنىڭ خاتا ئىكەنلىكى ناھايىتى ئوچۇق بايان قىلىنغان:
    1-پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەۋلىيا-ئەنبىيالارنى ئۇلۇغلاشتا شەرىئەتنىڭ بەلگىلىمىسىدىن ئېشىپ كەتمەسلىك كېرەكلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: «دىنىي مەسىلىلەردە ھەر ئىشنى ئۆز بەلگىلىمىسىدىن ئاشۇرۇۋېتىشتىن ھەزەر قىلىڭلار! ھەقىقەتەن سىلەردىن بۇرۇنقىلارمۇ دىننىڭ چەكلىمىلىرىدىن چەتنەپ كېتىش بىلەن ھالاك بولغان.» [ئەھمەد رىۋايىتى].  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «خرىستىئانلار مەريەم ئوغلى ئىيسانى مەدھىيىلەشتە دىننىڭ بەلگىلىمىسىدىن چەتنەپ، ئۇنى ئىلاھلاشتۇرىۋالغاندەك، مېنىمۇ مەدھىيىلەشتە ئاشۇرىۋەتمەڭلار. مەن پەقەت ئاللاھنىڭ قۇلىمەن، مېنى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ۋە بەندىسى دەڭلار.» [بۇخارى رىۋايىتى].
   2-پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارنى قەبرە قاتۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا ئەسلىمە يېزىشتىن چەكلىگەن. ئەبى ھەيياج ئەلئەسەدىي مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ: «ئەلى ئىبنى ئەبۇ  تالىپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ماڭا: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېنى بۇيرىغان ئىشقا سېنىمۇ ئەۋەتەيمۇ؟، مېنى ھەيكەل ۋە بۇتلارنى چېقىشقا، قاتۇرۇلغان قەبرىلەرنى تۈزلەشكە ئەۋەتكەن ئىدى، سېنىمۇ شۇنىڭغا ئەۋەتتۇق، دېدى.» [مۇسلىم رىۋايىتى].
    جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قەبىرلەرنى قاتۇرۇپ ئۇنىڭغا ئەسلىمە يېزىشتىن، ئۈستىدە ئولتۇرۇشتىن ۋە ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆي سىلىشتىن مەنئى قىلغان.» [مۇسلىم رىۋايىتى].
    3-پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام قەبرىلەردە ناماز ئوقۇشتىن چەكلىگەن. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاگاھ بولۇڭلاركى! سىلەردىن ئىلگىرىكىلەر ئۆز پەيغەمبەرلىرىنىڭ قەبىرلىرىنى مەسچىتكە ئايلاندۇرىۋالغان، سىلەر قەبىرلەرنى مەسچىت قىلىۋالماڭلار. مەن سىلەرنى ئۇ ئىشتىن مەنئى قىلىمەن.» [مۇسلىم رىۋايىتى].
    مەلۈمكى، بۇ ھەدىستىكى «قەبرىلەرنى مەسچىت قىلىۋالماڭلار» دېگەننىڭ مەنىسى: قەبرىستانلىقلاردا ناماز ئوقۇماڭلار، دېمەكتۇر. كۈنىمىزدىكى كۆپ سانلىق مۇسۇلمانلار پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ چەكلىگەنلىرىنى ئونتۇپ، ھەرخىل شېرىك، ئازغۇنلۇق ۋە خۇراپات قىرلىرىغا چۈشكەن. بەزىلىرى قەبرىستانلىقلارغا مەسچىتلەرنى، بىنالارنى ۋە مۇنارلارنى ياسىۋالغان. ئۇلار قەبرىستانلىقلاردا ئەرۋاھلارغا، ئەۋلىيالارغا ئاتاپ قۇربانلىقلىرىنى، نەزىر ـ چىراقلىرىنى قىلىشىدۇ. ئۆلۈكلەردىن ياردەم ۋە مەدەت سورايدۇ. ئېنىقكى، بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى چوڭ شېرىكنىڭ تۈرىگە كىرىدۇ.
    ئەللامە ئىبنى قەييۇم رەھمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "قەبرىلەرنى زىيارەت قىلىشتا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇيرۇغان ۋە قايتۇرغان ئىشلىرى، ساھابىلارنىڭ تۇتقان يوللىرى بىلەن زامانىمىزدىكى بەزى كىشىلەرنىڭ قەبرە زىيارەتلىرىنى سېلىشتۇرساق، ئىككىسىنىڭ بىر- بىرىگە پۈتۈنلەي قارشى ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. مەسلەن: پەيغەمبـــــــــەر ئەلەيھىسسالام قەبرىلەرگە قاراپ ناماز ئۇقۇشتىن توسقان، لېكىن ھازىرقى ئادەملەر قەبرە ئالدىدا ناماز ئۇقۇشىدۇ. قەبرىلەرنى مەسجىد قىلىۋېلىشتىن چەكلىگەن، ئۇلار قەبرە ئۈستىگە مەسجىد سېلىپ، ئۇلارنى "زىيارەتگاھ" دەپ ئاتىشىدۇ. قەبرە ئۈستىدە چىراق يېقىشتىن چەكلىگەن، ئۇلار قەبرە ئۈستىـــــــدە شام-چىراقلارنى يورۇتىدۇ. قەبرىستاننى ھېيتگاھ قىلىۋېلىشتىن چەكلىگەن، ئۇلار بولسا ئۇ يەرنى ھەرتۈرلۈك مۇراسىملار ئۆتكۈزۈلىدىغان جاي قىلىۋالدى. شۇنداقلا مەزكۇر پائالىيەت سەۋەبىدىن ھەتتا ھېيتلاردا يىغىلغاندىن كۆپراق ئادەملەر توپلىنىدىغان جايلارغا ئايلاندى". پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، يۇقىرىقىدەك ئەھۋال ئاستىدا مەزكۇر قەبرىستانلىقلارغا بىنا قىلىنغان گۇمبەز ۋە قەبرىلەرنى تۈزلىۋېتىشكە بۇيرىغان.
    ئەبى ھەيياج ئەلئەسەدىي مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ: «ئەلى ئىبنى ئەبۇ  تالىپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ماڭا: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېنى بۇيرىغان ئىشقا سېنىمۇ ئەۋەتەيمۇ؟، مېنى ھەيكەل ۋە بۇتلارنى چېقىشقا، قاتۇرۇلغان قەبرىلەرنى تۈزلەشكە ئەۋەتكەن ئىدى، سېنىمۇ شۇنىڭغا ئەۋەتتۇق، دېدى.» [مۇسلىم رىۋايىتى].
    ئەسلىدە قەبرە زىيارەت قىلغۇچى ئۆزىگە ھەم مېيتكە ياخشىلق قىلغـــان بۇلاتتى. ئەمما مۇشرىكلارنىڭ قەبرە زىيارەت مەقسىتى، مېيتنى  ئاللاھ تائالاغا شېرىك قىلىپ، ئۇلارغا دۇئـا قىلش ياكى دۇئادا ئۇلارنى ۋاسىتە قىلش، ئۇلاردىن ھاجەتلىرىنى تىلەش، بەرىكەت بىرىشنى تەلەپ قىلىش ياكى دۈشمەنلەر ئۈستىدىن نۇســـرەت تىلەش قاتارلىق شېرىك ئەمەللەرنى قىلىدىغان بولۇشتى. ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى نەتىجىدە ئۆزى ۋە مېيتكە ھاسىل بولىدىغان ياخشىلىقلاردىن، (يەنى ئۆزى ئالىدىغان ئەجىردىن) ئۇلارغا قىلىنىدىغان دۇئا ۋە ئىستىغپارلاردىن مەھرۇم قىلىشتى. ئۇلارنىڭ يوقىرىقىدەك ئاللاھنىڭ غەيرىدىن ھاجەتلىرىنى سوراش قاتارلىقلار بولسا، ئاللاھقا ئۇلارنى شېرىك قىلغانلىقتۇر. بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆرسەتمىسىگە ۋە ئىسلام دىنىنىڭ ئەقىدە مەسىلىلىرىگە خىلاپلىق ئىشتۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: «ئى ئاللاھ! مېنىڭ قەبرەمنى چوقۇنىلىدىغان ھەيكەلگە ئوخشاش قىلىپ قويمىغىن،» دەپ دۇئا قىلاتتى. [ئەھمەد ۋە مالىك رىۋايىتى]. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاخىر زاماندا بەزى قەبىرلەرنىڭ ھەيكەل ئورنىدا قاتۇرۇلۇپ چوقۇنىلىدىغانلىقىنى (ئاللاھنىڭ بىلدۈرۇشى بىلەن) بىلەتتى. كۈنىمىزدە، بۇ ئېچىنىشلىق ئەھۋاللار يۈز بەرمەكتە. شۇنداق تۇرۇقلۇق رەسۇلۇللاھنىڭ مەسجىدىدە بەزى خۇراپىي ۋە جاھىل كىشىلەرنىڭ يەنىلا مەنئىي قىلىنغان بەزى ئىشلارنى سادىر قىلىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، لېكىن ئۇلار رەسۇلۇللاھنىڭ قەبرىسىگە يىقىن كىلەلمەيدۇ، چۈنكى قەبرە مەسجىتتە بولماستىن بەلكى رەسۇلۇللاھنىڭ ھۇجرىسىنىڭ ئىچىدە تاملار بىلەن قورشالغان. ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلغانلىقتىن، ئۇنىڭ قەبرىسى جاھىللارنىڭ چوقۇنۇشلىرىدىن ساقلىنىپ كېلىنمەكتە. ئۇ تا قىيامەتكىچە ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن شۇنداق ساقلىنىپ قالىدۇ.

 

ھەيكەللەرنى تىكلەش ۋە ئۇلارنى ئۇلۇغلاشنىڭ ھۆكمى
    پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارنى جانلىقلارنىڭ سۈرەتلىرىنى سىزىشتىن، خۇسۇسەن ئىنسانلارنىڭ سۈرەتلىرىنى سىزىش ۋە ھەيكەللىرىنى قاتۇرۇشتىن مەنئى قىلغان. چۈنكى بۇنداق قىلىش كۆپ ھاللاردا كېيىنكىلەرنىڭ ھەيكەللەرگە، بۇتلارغا چوقۇنۇشىغا  سەۋەب بولىدۇ. يەر يۈزىدە تۈنجى قېتىم ئوتتۇرىغا چىققان بۇتقا چوقۇنۇش ئىشىمۇ ئىنسانلارنىڭ رەسىملىرىنى سىزىش ۋە ھەيكەللىرىنى قاتۇرۇش سەۋەبىدىن بارلىققا كەلگەن. نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قوۋمى ئىچىدە، ئۈلگىلىك ياخشى زاتلار بار ئىدى. ئۇلار ئۆلگەندىن كېيىن نۇھ قوۋمى ئۇلاردىن ئايرىلغانلىقىغا قاتتىق ھەسرەت چېكىدۇ. ھەمىشە ئۇلارنىڭ ئىش ـ ئىزلىرىنى خاتىرىلەيدۇ. شۇ ۋاقىتتا شەيتان ئۇلارغا بۇ ئۇلۇغلارنىڭ سۈرەت ۋە ھەيكەللىرىنى ياساپ، ئۇلارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارنى ياد ئېتىشكە ئۈندەيدۇ. نەتىجىدە، نۇھ قوۋمى ئۇلارنىڭ ھەيكەللىرىنى ياساپ چىقىدۇ. ئۇلارنى شۇ ھەيكەللەر ئارقىلىق خاتىرىلەيدۇ، ئەسلەيدۇ ۋە يادلايدۇ. بىراق ئۇلار مەزكۇر ھەيكەللەرگە چوقۇنمايدۇ. زاماننىڭ ئۆتىشى بىلەن سۈرەت ۋە ھەيكەللەرنى ياسىغانلار ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇلاردىن كېيىن كەلگەن نەسىللەر مەزكۇر ھەيكەللەرگە قاتتىق ھۆرمەت بىلدۈرگەنلىكتىن چوقۇنۇشقا باشلايدۇ. ئۇلاردىن كېيىن كەلگەن ئەۋلادلار ئاتىلىرىنىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇ ھەيكەللەرنى ئىلاھ قىلىۋېلىپ ئۇلارغا رەسمىي چوقۇنىدىغان، ئۇلاردىن مەدەت ۋە ياردەملەرنى سورايدىغان بولىدۇ. نۇھ ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر بولۇپ ئەۋەتىلگەندىن كېيىن، ئۇلارنى ھەيكەللەرگە چوقۇنۇش سەۋەبىدىن بارلىققا كىلىدىغان، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ قەباھەتتتىن توسىدۇ. ئەمما ئۇلار نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلماستىن ئۆزلىرىنىڭ مەبۇدلىرىغا ئىبادەت قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى بايان  تەرجىمىسى: «ئۇلار: مەبۇدلىرىڭلارنى ھەرگىز تاشلىماڭلار. ۋەدنى، سۇۋائنى، يەغۇسنى، يەئۇقنى ۋە نەسرىنى ھەرگىز تەرك ئەتمەڭلار دېدى.» [سۈرە نۇھ 23- ئايەت].
يۇقىرىقى ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان بەش ئىسىم، نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى ئۇلۇغلاپ ئەسلەپ تۇرۇش ئۈچۈن ھەيكەللىرىنى قاتۇرغان بەش ئۈلگىلىك كىشىلەرنىڭ ئىسىملىرىدۇر.
  نۇھ ئەلەيھىسسالام قوۋمىنىڭ ئاۋۋالقىلىرى بۇ بەش ئۈلگىلىك كىشىگە ھەسرەت چىكىپ، پەقەت ئۇلارنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن ئۇلارنىڭ سۈرەتلىرىنى سىزىپ ھەيكەللىرىنى تىكلىگەنلىك سەۋەبتىن، كېيىنكىلەر بۇ ھەيكەللەرگە چوقۇنىدىغان بولغان. ئۇلارنىڭ بۇ ھەيكەللەرگە بولغان ئىخلاسى ئۇلارنى نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇشتىن چەكلەپ قويغان ۋە ئۇلارنىڭ تۇفان بالاسى بىلەن غەرق بولۇپ تۈگىشىشىگە سەۋەب بولغان. بۇنىڭدىن بىلىندىكى، جانلىقلارنىڭ رەسىملىرىنى سىزىش ۋە ئىنسانلارنىڭ ھەيكەللىرىنى قاتۇرۇشنىڭ ئاقىۋىتى ياخشى ئەمەستۇر. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام جانلىقلارنى تەسۋىرلىگۇچى رەسساملار، ھەيكەلتاراشلارغا لەنەت قىلغان ۋە ئۇلارنىڭ قىيامەت كۈنى ئەڭ قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدىغانلىقىدىن خەۋەر بىرىپ، سۈرەتلەرنى ئۆچۈرۈۋېتىشكە بۇيرىغان. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسىدە: «جانلىقلارنىڭ رەسىملىرى ئېسىلغان ئۆيگە رەھمەت پەرىشتىلىرى كىرمەيدۇ،» دېگەن. [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].
    كۈنىمىزدە، قاتۇرۇلغان ھەيكەللەر بىلەن سىزىلغان رەسىملەرنىڭ كىشىلەرنىڭ ئۇلارغا چوقۇنۇشىغا سەۋەب بولىشى ئېھتىمالدىن يىراق بولسىمۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىز مۇسۇلمانلارنى ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ رەسىملىرىنى سىزىشتىن، ئىنسانلارنىڭ ھەيكەللىرىنى ياساشتىن توسقان ئىكەن، ئۇنى قىلماسلىقىمىز كېرەك. چۈنكى پەيغەمبەر كىشىلەرنى ھېكمەتسىز ئىشقا بۇيرۇمايدۇ، بەلكى ئۇلارنىڭ دۇنيا -ئاخىرەتلىكىگە پايدىلىق ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ. پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىش ئاللاھقا ئىتائەت قىلغانلىقتۇر.
    خۇلاسە: يەر يۈزىدىكى تۈنجى شېرىك ئىنسانلارنىڭ سۈرەتلىرىنى سېزىش ۋە ھەيكەللىرىنى ياساپ تۇرغۇزۇش ئارقىلىق باشلانغان ئىكەن، سۈرەت ۋە ھەيكەللەرنى ئۆيلەرگە، مەيدانلارغا ۋە باغلارغا ئورنىتىش قاتارلىق ئىشلار ئىسلام شەرىئىتىدە ھارامدۇر. چۈنكى، بۇ ئىشلار شېرىككە ۋە ئەقىدىنىڭ بۇزىلىشىغا سەۋەب بۇلىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە كاپىرلارنىڭ ھىمايە قىلىدىغان ساغلام ئېتىقادىي بولمىغانلىقى سەۋەبلىك يۇقىرىقىدەك ئىشلارنى قىلىۋاتقان بولسا، مۇسۇلمانلار ئۆز كۈچ-قۇۋۋىتى ۋە بەخت- سائادەتلىرىنىڭ مەنبىيى بولغان ساغلام ئەقىدىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، يۇقىرىقى ئىشلاردا كاپىرلارغا ئەگەشمەسلىكى لازىم.

 

 

 

 

 

 

 


دىننى مەسخىرە قىلىش ۋە شەرئىي چەكلىمىلەرنى مەنسىتمەسلىكنىڭ ھۆكمى
    دىننى مەسخىرە قىلىش مۇرتەدلىكدۇر. دىندا قۇرئان ۋە ھەدىسلەر بىلەن بېكىتىلگەن ئىشلاردىن بىرەرسىنى سۆككەن ياكى  مەسخىرە وَلَئِنْ سَأَلْتَهُمْ لَيَقُولُنَّ إِنَّمَا كُنَّا نَخُوضُ وَنَلْعَبُ قُلْ أَبِاللَّهِ وَآَيَاتِهِ وَرَسُولِهِ كُنْتُمْ  تەرجىمىسى: «ئى پەيغەمبەر! ئەگەر سەن ئۇلارنىڭ مەسخىرە قىلغانلىقىنى سورىساڭ، ئۇلار: بىز راستتىن ئەمەس، پەقەت ئىچ پۇشۇقى قىلىپ ئوينىشىپ قويدۇق، دەيدۇ. بۇ مۇناپىقلارغا: سىلەر ئاللاھنىڭ دىنىنى، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى مەسخىرە قىلدىڭلارمۇ؟، دېگىن. سىلەر يالغان قەسەم ئىچىپ ئۆزۈر ئېيتماڭلار، سىلەر ئىمان ئېيتقىنىڭلاردىن كېيىن، پەيغەمبەرنى مەسخىرە قىلىش بىلەن كاپىر بولدۇڭلار.» [سۈرە تەۋبە 65-66-ئايەتلەر].
    يۇقىرىدىكى ئايەت ئاللاھنىڭ دىنى ۋە ئۇنىڭ ئايەتلىرىنى ياكى ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنى مەسخىرە قىلغۇچىنىڭ كاپىر بولىدىغانلىقىغا ئوچۇق دالالەت قىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدىكى بەزى مۇناپىقلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى مەسخىرە قىلاتتى. يۇقىرىقى ئايەتلەر شۇلار ھەققىدە چۈشكەن. مۇناپىقلار ساھابىلەرنىمۇ مەسخىرە قىلاتتى ۋە ئۇلارغا ئازار بېرەتتى. كىشىلەرنى شېرىكتىن توسۇپ تەۋھىدكە چاقىرىدىغان ئايەتلەر چۈشكەن ۋاقتىدا مۇناپىقلار بۇ ئايەتلەرنى مەسخىرە قىلاتتى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەقىقەتەن كاپىر ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلىپ مەخسۇس ئايەتلەرنى چۈشۈرگەن. ئاللاھ  تەرجىمىسى: «ئۇلار سېنى كۆرسە پەقەت مەسخىرە قىلىۋېلىپ: ئاللاھ پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن مۇشۇمۇ؟ ئەگەر دىنىمىزدا چىڭ تۇرمىساق مۇھەممەد بىزنى ئىلاھلىرىمىزدىن ئازدۇرۇۋەتكىلى ئاز قالاتتى، دېدى.» [سۈرە فۇرقان 41- 42 - ئايەتلەر].
    ئۆز ۋاقتىدىكى بۇتپەرەس ئەرەبلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى مەسخىرە قىلاتتى، ئۇنىڭ دىنىنى سۆكەتتى. كۈنىمىزدىمۇ ئاللاھنىڭ دىنىغا چاقىرغانلارنى مەسخىرە قىلىدىغان، ھەقىقەتنى سۆكىدىغان ۋە ئۆزلىرىنىڭ قىڭغىر يوللىرىنى ئىسلام شەرىئىتىدىن ئەۋزەل سانايدىغان ئازغۇنلار ھەر جايدا تېپىلىدۇ. ھەقىقەت دۈشمەنلىرى تا قىيامەتكىچە مەۋجۇدتۇر. بۇ ھاياتلىقنىڭ تەقەززاسىدۇر. ئاللاھنىڭ دىنىنى سۆكىدىغان، پەيغەمبەرنى مەسخىرە قىلىدىغانلار كاپىرلاردۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَمِنَ النَّاسِ مَن يَتَّخِذُ مِن دُونِ اللَّـهِ أَندَادًا يُحِبُّونَهُمْ كَحُبِّ اللَّـهِ﴾ تەرجىمىسى: «بەزى ئادەملەر ئاللاھتىن غەيرىيلەرنى (يەنى بۇتلارنى) ئاللاھقا شېرىك قىلىۋالىدۇ، ئۇلارنى مۆمىنلەرنىڭ  ئاللاھنى دوست تۇتقىنىدەك دوست تۇتىدۇ، (يەنى ئۇلۇغلايدۇ ۋە ئۇلارغا بويسۇنىدۇ).» [سۈرە بەقەرە 165-ئايەت].
    سۆيگۈ بابىدىمۇ مەلۇم قائىدە ۋە تەرتىپ باردۇر. ئاللاھنى پۈتۈن بارلىقىمىزدىن ئارتۇق سۆيمىگىچە مۇسۇلمانلىقىمىز كامىل بولمايدۇ. مانا بۇ، ئەڭ كامالىغا يەتكەن ھەقىقىي سۆيگۈنىڭ نەمۇنىسى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىمۇ ئاللاھتىن قالسا ھەممىدىن ئارتۇق سۆيمىگىچە ئىمان تولۇقلانمايدۇ. بىراق ئاللاھ سۆيگۈسىگە ھېچقانداق سۆيگۈ تەڭ كېلەلمەيدۇ. ئۈ ئالاھىدە چوڭ سۆيگۈدۇر. ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتلىرىدىن بىرەرسىنى ئاللاھنى سۆيگەندەك سۆيۈش شېرىكنىڭ بىر تۈرىگە كىرىدۇ. ئەۋلىيالارنى، مازار ـ ماشايىخلارنى، پىرلەرنى ۋە باشقىلارنى ئاللاھنى سۆيگەندەك سۆيۈش، ئۇلارغا ئاللاھقا ئەقىدە قىلغاندەك ئەقىدە قىلىش شەكسىز كۇفرىلىقتۇر ۋە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلىكتۇر. ئەۋلىيالارنى، مازار ـ ماشايىخلارنى ۋە پىرىلەرنى ئاللاھتىن ئارتۇق كۆرىدىغان ۋە ئۇلاردىن ئاللاھتىن قورققاندىنمۇ بەكراق قورقىدىغان قەۋملەر بار دېسەم ئىشىنەمسىز؟،  بەزى قالاق مۇسۇلمانلار بىرەر ئىشقا قەسەم قىلغىنىدا، ئاللاھنىڭ نامىنى تىلىغا ئېلىپ قەسەم قىلىشتىن ھېچ ئىككىلەنمەيدۇ، قەسەم قېلىۋېرىدۇ. ئەمما ئەۋلىيالارنىڭ، مازار غۇجاملارنىڭ ۋە شەيخلىرىنىڭ نامىنى ئاتاپ قەسەم قىلىشتىن شۇنچىلىك قورقىدۇكى، ئۇلار ئەگەر يالغاندىن قەسەم قىلىپ مەزكۇر زاتلارنىڭ نامىنى ئاتىسام ئۇلارنىڭ غەزىپىگە ئۇچراپ كېتىمەن، ئۇلارنىڭ تەخسىراتىغا كېتىمەن، دەپ ھەزەر قىلىدۇ. مەسچىتلەردە دۇئا قىلىشتىن مازار ـ ماشايىخلارغا بېرىپ دۇئا قىلىشنى ئارتۇق كۆرىدۇ. بۇنداقلارنىڭ بۇ قىلغانلىرى ھەقىقىي مەنىدىكى شېرىكتۇر. ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ سۆزىنى، ئاللاھنىڭ رەسۇلىنى كۆزگە ئىلماستىن، شېرىك ئېتىقاتنى ئۇلۇغلاشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. بۇ ئىشلار كۆپىنچە ئەھۋاللاردا مازارچىلاردىن كۆپ سادىر بولىدۇ.
مەسخىرە ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:
    بىرىنچى: ئوچۇق مەسخىرە بولۇپ، ئۇ ھەقدە ئايەتلەر چۈشكەن ئادەملەرنىڭ مەسخىرىسى بولۇپ، ئۇلار: دىنىي ئۆلىمالارنى، دىنىغا مەھكەم كىشىلەرنى مەسخىرە قىلىپ، سىلەرنىڭ دىنىڭلار ئانداق، مۇنداق، دىنىڭلار ھازىرقى ئەسىرگە يارىمايدۇ، دىن دېگەن قالاقلىق دېگەنگە ئوخشاش ياكى دەۋەتچىنى كۆرگىنىدە، قاراڭلار دىنچى كەلدى، ئۇ بىزگە نەسىھەت قىلارمىش دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەر بىلەن قىلىنغان مەسخىرەلەردىن ئىبارەتتۇر.
ئىككىنچىسى: يوشۇرۇن مەسخىرە بولۇپ، ئۇ خۇددى ساھىلى دىڭىزغا ئوخشايدۇ. مەسىلەن: ئوقۇلۇۋاتقان قۇرئاننى، سۆزلىنىۋاتقان ھەدىسلەرنى، شەرىئەت ئەھكاملىرىنى كۆزگە ئىلمىغانلىقتىن، كۆزلىرىنى قىسىشىپ، لەۋلىرىنى ئۇزارتىپ ۋە قوللىرى بىلەن ئىشارەت قىلىش قاتارلىق ھەرىكەتلەر ئارقىلىق قىلىنغان مەسخىرىدۇر. ئىسلام دىنى يىگىرمە بىرىنچى ئەسرگە ماس كەلمەيدۇ، ئۇ پەقەت ئوتتۇرا ئەسىرگە ماس كىلىدۇ، تەرەققىياتقا ماسلىشالمايدۇ، ئۇنىڭ جىنائىي ئىشلار قانۇنلىرىدا تۇلىمۇ قاتتىق قوللۇق، ۋەھشىيلىكلەر مەۋجۇت. ئۇ نىكاھ قانۇنىدا تالاق ۋە كۆپ خۇتۇنلۇق بۇلۇشقا رۇخسەت قىلىش ئارقىلىق ئاياللارنىڭ ھۇقۇقىنى دەپسەندە قىلدى دېيىش. شۇنداقلا ئىنسانلار تەرىپىدىن تۈزۈلگەن قانۇن ئىسلام قانۇنىدىن ياخشىراق دەپ قاراش. قەبرە ۋە مازارلارغا سېغىنىشتىن چەكلەپ، تەۋھىدكە چاقىرغان ئادەمنى مۇتەئەسسىپ، بۆلگۈنچى دېيىش ياكى ۋەھھابىي بەشىنجى مەزھەبتىكى ئادەم دېيىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى دىننى ۋە دىن ئەھلىنى سۆكۈشتىن ئىبارەتتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىنى تۇتماقچى بولغان ئادەمنىڭ ساقىلىنى مەسىخىرە قىلىپ، ئىسلام تۇك بىلەن ئۆلچەنمەيدۇ دىگەندەك گەپلەرنى قىلىش قاتارلىقلار ساغلام ئەقىدىنى مەسخىرە قىلىش تۈرىگە ۋاستلىق ياكى ۋاستسىز كىرىدۇ. كىشىلەر ئاددىي سانىغان يۇقىرىقى مەسخىرىلەر ئاللاھنىڭ نەزىرىدە بەكمۇ قاتتىق گۇناھ ۋە ئىسيانكارلىق سانىلىدۇ. بۇنداق گۇناھلارنى ئىشلىگەنلەر تەۋبە قىلىپ قايتا ئىمان ئېيتىشقا تېگىشلىكتۇر.

 

 

 

 

 

 

 

 

ئاللاھنىڭ شەرىئىتى بىلەن ھۆكۈم قىلماسلىق توغرىسىدا
    ئىماننىڭ تەقەززاسى بويۇنچە مۇسۇلمانلاردىن ئاللاھ بەلگىلىگەن ھۆكۈملەرنى قوبۇل قىلىش، ئۇلارنى ئىجرا قىلىش ۋە ئىجتىمائىي ھايات، كىشىلىك تۇرمۇشتا شۇنداقلا كىشىلەرنىڭ دەۋالىرىنى سورىغۇچىلارنىڭ شەرىئەت ئەھكاملىرى بويىچە ئىش كۆرۈشى تەلەپ إِنَّ اللَّهَ يَأْمُرُكُمْ أَنْ تُؤَدُّوا الْأَمَانَاتِ إِلَى أَهْلِهَا وَإِذَا حَكَمْتُمْ بَيْنَ النَّاسِ أَنْ  تەرجىمىسى: شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سىلەرنى ئامانەتلەرنى  ئىگىسىگە قايتۇرۇشقا، كىشىلەر ئارىسىدا ھۆكۈم قىلغاندا ئادىل ھۆكۈم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ.» [سۈرە نىسا 58- ئايەت].
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا أَطِيعُوا اللَّهَ وَأَطِيعُوا الرَّسُولَ وَأُولِي الْأَمْرِ مِنْكُمْ فَإِنْ  تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە ۋە ئۆزۈڭلاردىن بولغان ئىش ئۈستىدىكىلەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئەگەر سىلەر بىرەر نەرسىدە ئىختىلاپ قىلىشىپ قالساڭلار، بۇ توغرىدا سىلەر ئاللاھنىڭ كىتابى قۇرئانغا ۋە پەيغەمبەرنىڭ ھەدىسلىرىغا مۇراجىئەت قىلىڭلار. ئەگەر سىلەر ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ھەقىقىي ئىشىنىدىغان بولساڭلار.» [سۈرە نىسا 59-ئايەت].
     ئىمان بىلەن ئاللاھنىڭ شەرىئىتى ئارقىلىق ھۆكۈم قىلماسلىقنىڭ بىر يەرگە كىلەلمەيدىغانلىقى توغرىسىدا ئاللاھ تائالا أَلَمْ تَرَ إِلَى الَّذِينَ يَزْعُمُونَ أَنَّهُمْ آَمَنُوا بِمَا أُنْزِلَ إِلَيْكَ وَمَا أُنْزِلَ مِنْ قَبْلِكَ يُرِيدُونَ أَنْ يَتَحَاكَمُوا إِلَى الطَّاغُوتِ وَقَدْ أُمِرُوا أَنْ يَكْفُرُوا بِهِ وَيُرِيدُ  تەرجىمىسى: «ئى پەيغەمبەر! ساڭا چۈشۈرۈلگەن قۇرئانغا ۋە سەندىن بۇرۇن چۈشۈرۈلگەن كىتابلارغا ئىمان كەلتۈردۇق، دەۋالغان ئالدامچىلارنى كۆردۇڭمۇ؟ ئۇلار ئەرزنى شەيتانلارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بارماقچى بولۇۋاتىدۇ، ھالبۇكى ئۇلار شەيتانلارنى ئىنكار قىلىشقا بۇيرۇلغان. شەيتان ئۇلارنى قاتتىق ئازدۇرۇشنى خالايدۇ.» [سۈرە نىسا 60 ـ ئايەت].
فَلَا وَرَبِّكَ لَا يُؤْمِنُونَ حَتَّى يُحَكِّمُوكَ فِيمَا شَجَرَ بَيْنَهُمْ ثُمَّ لَا يَجِدُوا فِي  تەرجىمىسى: «ئى پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭ بىلەن قەسەمكى، مۇناپىق بولغانلار ئۆز ئارىسىدىكى دەتالاشقا سېنى ھۆكۈم چىقىرىشقا تەكلىپ قىلمىغۇچە، ئاندىن سېنىڭ چىقارغان ھۇكمۈڭگە ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكى قىلچە غوم بولسىمۇ يوقالمىغۇچە ۋە ئۇلار پۈتۈنلەي بويسۇنمىغۇچە ئىمان ئېيتقان بولمايدۇ.» [سۈرە نىسا 65- ئايەت]. ئاللاھ تائالا  يۇقىرىقى ئايەتلەردە، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تەرىپىدىن ئېلىپ كەلگەن دىننىڭ شەرىئەت ئەھكاملىرى بويىچە ھۆكۈم قىلدۇرمىغان ۋە شۇنداق ھۆكۈم چىقارمىغانلارنىڭ ھەقىقىي مەنىدىكى مۇسۇلمانلاردىن بولالمايدىغانلىقىنى قەسەم بىلەن تەكىتلەپ ئېيتقان.
    ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلاردىن بولغان مەسئۇللار ئىچىدىن شەرئى ھۆكۈم بىلەن ھاكىمىيەت تۇتمىغانلارنى كاپىر، زالىم، پاسىق دېگەن ئىستىلاھلار بىلەن ئاتىغان. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَمَن لَّمْ يَحْكُم بِمَا أَنزَلَ اللَّـهُ فَأُولَـٰئِكَ هُمُ الْكَافِرُونَ﴾ تەرجىمسى: «كىملەركى ئاللاھ نازىل قىلغان ئايەتلەر بويىچە ھۆكۈم قىلمايدىكەن، ئۇلار كاپىرلاردۇر.» [سۈرە مائىدە 44-ئايەت].
    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَمَن لَّمْ يَحْكُم بِمَا أَنزَلَ اللَّـهُ فَأُولَـٰئِكَ هُمُ الظَّالِمُونَ﴾ تەرجىمسى: «ئاللاھ نازىل قىلغان بويىچە ھۆكۈم قىلمايدىغان كىشىلەر زالىملاردۇر.» [سۈرە مائىدە 45-ئايەت].
    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَمَن لَّمْ يَحْكُم بِمَا أَنزَلَ اللَّـهُ فَأُولَـٰئِكَ هُمُ الْفَاسِقُونَ ﴾ تەرجىمىسى: «ئاللاھ نازىل قىلغان ئايەتلەر بويىچە ھۆكۈم قىلمىغانلار پاسىقلاردۇر.» [سۈرە مائىدە 47-ئايەت].
    شۈبھىسىزكى، ئىسلام بولۇنمەس پۈتۈن بىر دىندۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا ادْخُلُوا فِي السِّلْمِ كَافَّةً﴾ تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر! ئىسلام دىنىغا پۈتۈنلەي كىرىڭلار (يەنى ئسلام دىنىنىڭ پۈتۈن ئەھكاملىرىغا بويسۇنۇڭلار، بەزى ئەھكاملىرىغا ئەمەل قىلىپ، بەزى ئەھكاملىرىنى تەرك ئەتمەڭلار).» [سۈرە بەقەرە 208-ئايەت].
    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿أَفَتُؤْمِنُونَ بِبَعْضِ الْكِتَابِ وَتَكْفُرُونَ بِبَعْضٍ﴾ تەرجىمىسى: «سىلەر كىتابنىڭ (يەنى تەۋراتنىڭ) بىر قىسىم ئەھكاملىرىغا ئىشىنىپ، بىر قىسىم ئەھكاملىرىنى ئىنكار قىلامسىلەر؟.» [سۈرە بەقەرە 85-ئايەت].
    دىنى تالاش-تارتىشلاردا، ئالىملار ئارىسىدىكى فىقھى ئىختىلاپلاردا، كىشىلەرنىڭ مىراس ئىشلىرىدا، ئائىلە دەۋالىرىدا، ھەق تەلەپ دەۋاسىدا ۋە ئۇنىڭدىن باشقا دىنىي ۋە دۇنيالىق بارلىق ئىشلاردا، ئاللاھ بەلگىلەپ بەرگەن شەرىئەت قانۇنىغا مۇراجىئەت قىلىش مۇسۇلمانلىقنىڭ تەقەززاسىدۇر. شۇنداقلا ھەر قانداق كىشى ئۆزى ئەگىشىدىغان مەزھەپ ئىمامىنىڭ سۆزلىرىنى، پىكىرلىرىنى ۋە پەتىۋالىرىنى دىن پەقەتلا مۇشۇ، دەپ تەئەسسۇپلۇق قىلماستىن، ئۇنى شۇ مەزھەبنىڭ دىندىن ئالغان چۈشەنچىسى ياكى كۆز قارىشى دەپ بىلىشى ۋە ئۇنىڭ قۇرئان بىلەن سەھىھ (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئېيتقانلىقى شەك-شۈبھىسىز دەرىجىدە ئىسپاتلانغان) ھەدىسلەرنىڭ روھىغا مۇۋاپىق بولغانلىرىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. خۇسۇسەن ئەقىدىگە ئالاقىدار بولغان مەسىلىلەردە ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى قۇرئان ۋە سەھىھ ھەدىسكە ئۇيغۇنلىرىنى ئىلىش كېرەك. ئەگەر ئۇنىڭغا زىت كەلسە چىرايلىقچە رەت قىلىش لازىم بولىدۇ. بۇ مەزھەب ساھىپلىرىنىڭ ھەممىسى تەكىتلىگەن سۆزدۇر. كىمكى ئۇ سۆزلەرگە خىلاپلىق قىلىدىكەن، مەزكۇر ئىمامغا ئۆزىنى نىسبەت بەرگەن تەقدىردىمۇ ئۇلارغا ئەگەشكەن بولمايدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿اتَّخَذُوا أَحْبَارَهُمْ وَرُهْبَانَهُمْ أَرْبَابًا مِّن دُونِ اللَّـهِ وَالْمَسِيحَ ابْنَ مَرْيَمَ﴾ تەرجىمىسى: «ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھىبرىلىرىنى، راھىبلىرىنى (يەھۇدىيلار بىلەن ناسارالارنىڭ دىنىي باشلىقلىرىنى، ئۆلىمالىرىنى) ۋە مەريەم ئوغلى مەسىھنى مەبۇد قىلىۋالدى.» [سۈرە تەۋبە 31-ئايەت]. يۇقىرىدىكى ئايەت پەقەت خىرىستىئانلار ھەققىدىكى بايان بولۇپلا قالماستىن بەلكى ئۇلارنىڭ قىلمىشىغا ئوخشاش ئىشلارنى قىلغانلارغىمۇ قارىتىلىدۇ. (يەنى كىمكى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ ئەمرىگە مۇخالىپەتچىلىك قىلىپ، جەمىيەتتە ئاللاھنىڭ شەرىئىتىدىن غەيرى بىلەن ھۆكۈم قىلىدىكەن ياكى ئۆز نەپسى خاھىشى بىلەن ھۆكۈم قىلسا، ئىمان ۋە ئىسلام ئۇنىڭدىن ئادا-جۇدادۇر. ھەتتا ئۇ كىشى مەن مۆمىن دېگەن تەقدىردىمۇ ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا  ئىنكار قىلىپ، ئىمان دەۋاسىنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.
    ھەرقانداق كىشى كىشىلىك تۇرمۇش ۋە ئىجتىمائىي ئالاقىلاردا ئاللاھنىڭ كىتابى بولغان قۇرئان بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىنىڭ ئاساسىغا قۇرۇلغان شەرىئەت ئەھكاملىرى بويىچە ئىش كۆرۈش، تۇرمۇش، ئىبادەت، مەئىشەت، ئىشلەش، دەۋا، ھەق تەلەپ قىلىش ۋە باشقا بارلىق ئىشلارنى شەرىئەت بويىچە ئېلىپ بېرىش ھەر قانداق مۇسۇلماننىڭ ئىمانى بۇرچى ۋە ھەقىقىي مۆمىنلىكىنىڭ نىشانىسىدۇر. ئاللاھنىڭ شەرىئىتى بىلەن ھۆكۈم قىلمىغان كىشىلەردىن ئىماننىڭ چەكلىنىشى؛ شەرىئەت بىلەن ھۆكۈم قىلىشنىڭ ئاللاھقا بولغان چىن ئىمان، ئەقىدە ۋە ئىبادەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. ئىنسانلار ئارىسىدا ئاللاھنىڭ شەرىئىتىنى يۈرگۈزۈش جەمئىيەتگە تېنچلىق ۋە خاتىرجەملىك ئىلىپ كەلگەندىن تاشقىرى، ئۇنىڭدىنمۇ مۇھىم بولغىنى ئاللاھنىڭ شەرىئىتىنى ھاكىمىيەت ئورنىغا كۆتۈرۈش ئىبارەتتۇر. ئاللاھنىڭ شەرىئىتىنى ئىبادەت ئورنىغا ئەمەس بەلكى پايدا -مەنپەئەت ئۈچۈن قوللىنىدىغان كىشىلەرنى ئاللاھ تائالا ئەيىپلەپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَإِذَا دُعُوا إِلَى اللَّـهِ وَرَسُولِهِ لِيَحْكُمَ بَيْنَهُمْ إِذَا فَرِيقٌ مِّنْهُم مُّعْرِضُونَ، وَإِن يَكُن لَّهُمُ الْحَقُّ يَأْتُوا تەرجىمىسى: «ئۇلارنىڭ ئارىسىدا (پەيغەمبەر) ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن، ئۇلار ئاللاھنىڭ ۋە پەيغەمبەرنىڭ (ھۆكمىگە) چاقىرىلسا، ئۇلاردىن بىر جامائە (پەيغەمبەرنىڭ ئالدىغا ھازىر بولۇشتىن) باش تارتىدۇ. ئەگەر ھەقىقەت ئۇلارنىڭ تەرىپىدە بولىدىغان بولسا (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەق ھۆكۈم چىقىرىدىغانلىقنى بىلىدىغانلىقلىرى ئۈچۈن)، پەيغەمبەرگە بويسۇنغان ھالدا كېلىشىدۇ.» [سۈرە نۇر 48-49-ئايەت].
    يۇقىرىقى ئايەتتە بايان قىلىنغاندەك، ئۇلار ئۆز ھەۋايى ھەۋىسىدىن باشقىغا ئەھمىيەت بەرمەيدۇ، كۆزقارىشىغا زىت كەلگەن ھەرقانداق ئىشتىن يۈز ئۆرۈيدۇ. چۈنكى ئۇلار رەسۇلۇللاھنىڭ شەرىئىتى بىلەن ھۆكۈم قىلىش ئارقىلىق ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلمايدۇ.
    شەرىئەت بىلەن ھۆكۈم قىلمىغۇچىنىڭ ھۆكمى:
 تەرجىمىسى: «كىملەركى ئاللاھ چۈشۈرگەن ئايەتلەر بويىچە ھۆكۈم قىلمايدىكەن،  ئۇلار كاپىرلاردۇر.» [سۈرە مائىدە 44- ئايەت]. بۇ ئايەت، ئاللاھ تۈزۈپ بەرگەن شەرىئەت ئەھكاملىرى بويىچە ھۆكۈم قىلماسلىقنىڭ كۇپرىلىق ئىكەنلىىكىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ كۇپرىلىق بەزىدە چوڭ كۇپرى بولۇپ، كىشىنى مۇسۇلمانلىقتىن چىقىرىپ تاشلىسا، بەزىدە ئۇ كىچىك  كۇپرىنىڭ ھۆكمىدە بولۇپ كىشىنى گۇناھكار قىلىدۇ. بۇ، ھۆكۈم قىلغۇچىنىڭ ئەھۋالىغا باغلىقتۇر. يەنى ئەگەر ئۇ ئاللاھنىڭ شەرىئىتىنى كۆزگە ئىلماستىن ياكى ئۇنى ھازىرقى ئەسىرگە ماس كەلمەيدۇ، دەپ ئېتىقاد قىلغانلىقتىن باشقا يەرلىك قانۇنلارنى ئىسلام شەرىئىتىدىن ئەۋزەل سانىغان ھالدا، مەزكۇر قانۇن بىلەن ھۆكۈم قىلغان بولسا، شۇنداقلا ھازىرقى زامان قانۇنلىرى بىلەن ھۆكۈم قىلىش ئارقىلىق كاپىر ۋە مۇناپىقلارنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلسا، ئاللاھنىڭ كىتابى بىلەن ھۆكۈم قىلىش ۋاجىپ ئەمەس دەپ قارىسا، مانا بۇ كىشى كاپىر بولىدۇ. (يەنى بۇ كىشى ئىسلام دىنىدىن چىققان بولىدۇ). ئەگەر ئۇ ئىسلام شەرىئىتىنىڭ ئەۋزەللىكىنى ئېتىراپ قىلىپ تۇرۇپ، تۈرلۈك ئۆزۈرلەر تۈپەيلى يەرلىك قانۇنلار بىلەن ھۆكۈم قىلسا، ئۇ كىشى گۇناھكار بولىدۇ (يەنى كاپىر بولمايدۇ). شۇنىڭدەك، خۇسۇسىي مەسىلىلەردىن بىرەر مەسىلىدە شەرىئەت ھۆكمىنى بىلمىگەنلىكتىن، شەرىئەت بىلەن ھۆكۈم قىلىمەن دەپ خاتالاشقان بولسا، بۇنىڭ ئۈچۈن گۇناھكار بولمايدۇ. بەلكى ئۇنىڭ ياخشى نىيىتىگە يارىشا مۈجتەھىدنىڭ ساۋابى بېرىلىدۇ. بۇ خۇسۇسىي مەسىلىلەردە بولۇپ، ئەمما ئومۇمنىڭ ئىشلىرىغا ئالاقىدار بولغان مەسىلىلەر پەرقلىق بولىدۇ، ئەلۋەتتە.
    شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: "ئەگەر ھاكىم دىندار بۇلۇپ، ئىلىمسىزلىك بىلەن ھۆكۈم قىلسا دوزاخ ئەھلىدىن بۇلىدۇ. ئەگەر ئالىم بۇلۇپ (ئۆزى بىلگەن) ھەققە قارشى ھۆكۈم قىلسا دوزاخ ئەھلىدىن بۇلىدۇ. ئەگەر ئادالەتسىز ۋە ئىلىمسىزلىك بىلەن ھۆكۈم قىلسا، ئۇ دوزاخ ئەھلىدىن بۇلۇشقا تېخىمۇ لايىقتۇر (بۇ خۇسۇسى (يەنى شەخسى) مەسىلىلەردىكى ھۆكۈمدە شۇنداق بولىدۇ). ئەمما ئۇ مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىغا ئالاقىدار بولغان ھۆكۈملەردە، يەنى ھەقنى باتىل، باتىلنى ھەق دېسە، سۈننەتنى بىدئەتكە، بىدئەتنى سۈننەتكە، مەروپنى مۇنكەرگە، مۇنكەرنى مەرۇپكە ئايلاندۇرسا، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىنىڭ بۇيرۇقلىرىدىن چەكلىسە، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى توسقان ئىشلارغا بۇيرۇسا، بۇ پۈتۈنلەي باشقا بىر تۈردىكى مەخلۇق بولۇپ، قىيامەت كۈنىنىڭ ئىگىسى، ھەمدۇ-ساناغا مۇستەھىق بولغان ئالەملەرنىڭ رەببى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۈزى ھۆكۈم چىقىرىدۇ.   ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿لَهُ الْحُكْمُ وَإِلَيْهِ تُرْجَعُونَ﴾ تەرجىمىسى: «ھۆكۈم پەقەت ئاللاھقا خاستۇر، سىلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر.» [سۈرە قەسەس 88-ئايەت].
    ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: ﴿هُوَ الَّذِي أَرْسَلَ رَسُولَهُ بِالْهُدَىٰ وَدِينِ الْحَقِّ لِيُظْهِرَهُ عَلَى الدِّينِ كُلِّهِ ۚ وَكَفَىٰ بِاللَّـهِ شَهِيدًا﴾ تەرجىمىسى: «ئاللاھ ھەق دىننى پۈتۈن دىنلاردىن ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن، پەيغەمبىرىنى ھىدايەت بىلەن ۋە ھەق دىن بىلەن ئەۋەتتى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىگە) گۇۋاھلىق بېرىشكە ئاللاھ يېتەرلىكتۇر.» [سۈرە پەتىھ 28-  ئايەت].
    شەيخۇل ئىسلام يەنە مۇنداق دەيدۇ: "كىمكى ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبىرىگە نازىل قىلىنغان شەرئىي قانۇن بىلەن ھۆكۈم قىلىشنى ۋاجىب دەپ ئىتقاد قىلمىسا كاپىر بۇلىدۇ. كىمكى كىشىلىك تۇرمۇشتىكى دىنى ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەردە ئەقىدىنى چىقىش، شەرىئەتنى ئۆلچەم قىلماستىن، ئۆزى قارىشىدا ئادىل دەپ قارىغان قانۇن بىلەن ھۆكۈم قىلسا كاپىر بولىدۇ. ئاللاھ تائالا ئىنسانىيەتنى تارىخدىن بۇيان ئادالەتنى بەرپا قىلىشقا چاقىرىپ كەلدى. ئىلگىرى ئوتكەن ئۈممەتلەر ئىچىدىن بەزىلەر ئۆز پىشىۋالىرىنىڭ كۆزقاراشلىرىنى ئادالەت دەپ ئېتىقاد قىلدى. شۇنىڭدەك، مۇسۇلمانلار ئىچىدىنمۇ كۈندۈلۈك ھاياتىدا ئۈچرايدىغان دىنى ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە ھۆكۈم چىقىرىشتا ئىلاھى قانۇن بىلەن ئەمەس بەلكى ئاتا-بوۋىلىرىدىن مىراس قالغان ئۆرپ- ئادەتلەرگە تايىنىپ ھۆكۈم چىقارسا، مەزكۇر قانۇن ئىنسانلار ھاياتىغا مەنپەئەتلىكراق دەپ ئېتىقاد قىلسا كاپىر بولىدۇ".
     شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئىبراھىم ئال-شەيخ مۇنداق دەيدۇ: "ئەگەر كىمكى ئاللاھ تائالانىڭ شەرىئىتىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ بىلەن ھۆكۈم قىلمىسا ئاللاھقا ئىسيانكارلىق بولىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، بىر ئىككى قېتىم سادىر قىلىپ سالسا بۇ كېچىك كۇپرى دېيىلىدۇ. ئەمما رېئال تۇرمۇشتا ھەرۋاقىت ئىنسانلار تەرىپىدىن تۇزۇلگەن قانۇنلار بىلەن ھۆكۈم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرسە، ھەتتا "بىز خاتا قىلىۋاتىمىز، شەرئىي ھۆكۈم ئادالەتلىكراق ئىدى" دېگەن تەقدىردىمۇ ئەمەلىيىتىدىكى ئىنكارى قىلمىش ئۇلارنى دىندىن چىقىرىپ تاشلايدۇ".
     شەيخ يۇقىرىدىكى سۆزلىرىدە: مۇسۇلمانلار ھاياتىدا ئاندا-ساندا سادىر بولىدىغان جۈزئى ھۆكۈم بىلەن، ھەرۋاقىت ئۈچراپ تۇرىدىغان ئومۇمى ھۆكۈملەر ئارىسىدىكى پەرقنى ئوچۇق يورۇتۇپ بېرىش بىلەن بىرگە، كىمكى شەرىئەت قانۇنىنى چورۇپ تاشلاپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئىنسانلار تەرىپىدىن تۇزۇلگەن ئاتالمىش قانۇن-تۇزۇملەرنى قويسا، شۇنداقلا مەزكۇر قانۇن-تۇزۇم شەرىئەت قانۇنىدىن ئەۋزەل ياكى رېئال تۇرمۇشقا ئەڭ يىقىن دەپ ئېتىقاد قىلسا، بۇ قاراش ساھىبىنى دىندىن چىقىرىدىغان ۋە تەۋھىدگە زىت كىلىدىغان چوڭ كۇپرى ئىكەنلىكىدە ھېچ شۈبھە يوقلىقىنى جەزىملەشتۇرىدۇ.

 


ھالال-ھارام مەسىلىلىرىنى بەلگىلەش سالاھىيىتىنى دەۋا قىلىش توغرىسىدا
    ئىنسانلارنىڭ ئېتىقاد، ئىبادەت، مۇئامىلات ۋە ئۇنىڭدىن باشقا بارلىق ئىشلىرىدا ئۆزلىرىگە رەھبەر قىلىپ ماڭىدىغان، تالاش ـ تارتىشلىرىنى ئۇنىڭ بىلەن بىر تەرەپ قىلىدىغان شەرىئەت ھۆكۈملىرىنى بەلگىلەش ھوقۇقى پەقەت ئاللاھقىلا خاستۇر. ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ ياراتقۇچىسى ۋە ئۇلارنىڭ مۇشكىلاتلىرىنى ھەل قىلىدىغان قانۇن- سىستېمىلىرىنى  تەرجىمىسى: «يارىتىش ۋە ئەمر قىلىش (يەنى كائىناتنى تەسەررۇپ قىلىش) راستىنلا ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگار ئاللاھنىڭ دەرىجىسى كاتتىدۇر.» [سۈرە ئەئراف 54ـ ئايەت].
    ئاللاھ ئىنسانلار ئۈچۈن نېمىنىڭ پايدىلىق ۋە نېمىنىڭ زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ. رەب بولۇش سالاھىيىتى بىلەن ئۇ پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ مۇشكىلاتلىرىنى ھەل قىلىشقا قادىر. ئىنسانىيەتكە ئادالەتلىك قانۇنلارنى چۈشۈرگەن.  بۇ قانۇنلارغا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنىڭ روھى بويىچە ئىش كۆرۈش، كۈندۈلۈك تۇرمۇشتىكى مۇشكىلات ۋە مەسىلىلەرنى ئىلاھىي قانۇنغا مۈراجىئەت قىلىش ئارقىلىق ھەل قىلىش، ھەر قانداق مۇسۇلمان ئۈچۈن پەرز ۋە رەببىگە قىلغان بەندىچىلىكتۇر. ماھىيەتتە شەرىئەت قانۇنلىرىغا ئەمەل قىلغانلىقنىڭ پايدىسى ئىنسانلارنىڭ ئۆزلىرىگە قايتىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق فَإِنْ تَنَازَعْتُمْ فِي شَيْءٍ فَرُدُّوهُ إِلَى اللَّهِ وَالرَّسُولِ إِنْ كُنْتُمْ تُؤْمِنُونَ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ  تەرجىمىسى: «ئەگەر سىلەر بىر نەرسىدە ئىختىلاپلىشىپ قالساڭلار، بۇ توغرىدا ئاللاھنىڭ كىتابىغا ۋە پەيغەمبەرنىڭ ھەدىسلىرىغا مۇراجىئەت قىلىڭلار. ئەگەر سىلەر ئاللاھقا ۋە قىيامەت كۈنىگە ھەقىقىي ئىشىنىدىغان بولساڭلار بۇنداق قىلىش سىلەر ئۈچۈن پايدىلىقتۇر، نەتىجە ئېتىبارى بىلەن گۈزەلدۇر.» [سۈرە نىسا 59 ـ ئايەت].
 تەرجىمىسى: «ھەر قانداق نەرسە ئۈستىدە ئىختىلاپ قىلىشماڭلار، ئۇنىڭغا ئاللاھ ھۆكۈم چىقىرىدۇ. (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئېيتقىنكى) ئەنە شۇ ئاللاھ مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر.» [سۈرە شۇرا 10 ـ ئايەت].
     ئاللاھ قانۇن چىقىرىش ئىشىدا ئىنسانلارنىڭ ئۆزىگە شېرىك  تەرجىمىسى: «ئۇلارنىڭ ئاللاھ رۇخسەت قىلمىغان نەرسىلەرنى دىن قىلىپ بېكىتكەن مەبۇدلىرى بارمۇ؟!.» [سۈرە شۇرا 21– ئايەت].
    ئاللاھ بېكىتكەن شەرئىي قانۇنلارنى كۆزگە ئىلماي، ئۇنىڭ باشقىسىغا رازى بولۇپ، ئۇنى كۆڭلىدىن قوبۇل قىلغان ئادەم ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن بولىدۇ. دىندا ئاللاھ  ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بېكىتمىگەن نەرسىلەرنى ئىبادەت دەپ ئېتىقاد قىلىش بىدئەتتۇر. بىدئەتنىڭ ھەر قاندىقى زالالەتتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى دىنىمىزدا يوق ئىشنى پەيدا قىلىدىكەن،  ئۇ رەت قىلىنىدۇ.» [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى]. يەنە بىر رىۋايەتتە: «كىمكى دىنىمىزدا يوق ئەمەللەرنى ئىبادەت دەپ قىلىدىكەن، ئۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ.» [مۇسلىم رىۋايىتى].
     سىياسەت ئىشلىرىدىمۇ، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بېكىتمىگەن قانۇن- تۇزۇم بىلەن ئىش كۆرۈش جاھىلىيەتنىڭ ئىللەتلىرىدۇر ۋە  تەرجىمىسى: «ئۇلار جاھىلىيەت دەۋرىنىڭ ھۆكۈملىرىنى تەلەپ قىلامدۇ؟ ئاللاھقا چىن ئىشىنىدىغان قەۋمنىڭ نەزىرىدە ھۆكۈمدە ئاللاھتىنمۇ ئادىل كىم بار؟!.» [سۈرە مائىدە 50ـ ئايەت].  
     شۇنداقلا، ھارام-ھالاللارنى بەلگىلەشمۇ ئاللاھنىڭ ھوقۇقىدۇر. ھېچكىم بۇ ئىشتا ئاللاھقا شېرىك بولالمايدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ مۇنداق وَلَا تَأْكُلُوا مِمَّا لَمْ يُذْكَرِ اسْمُ اللَّهِ عَلَيْهِ وَإِنَّهُ لَفِسْقٌ وَإِنَّ الشَّيَاطِينَ لَيُوحُونَ  تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر ئاللاھنىڭ نامى ئېيتىلماي بوغۇزلانغان ھايۋانلارنى يېمەڭلار. ئۇنى يېيىش ئەلۋەتتە گۇناھتۇر. شۈبھىسىزكى، شەيتانلار ئۆز دوستلىرى بولغان مۇشرىكلارنى سىلەر بىلەن دەتالاش قىلىشقا ۋەسۋەسە قىلىدۇ، يەنى قىزىقتۇرىدۇ. ئەگەر ئۇلارغا ئىتائەت قىلساڭلار، سىلەر چوقۇم مۇشرىك بولۇپ قالىسىلەر.» [سۈرە ئەنئام 121- ئايەت].
     ئاللاھ تائالا يۇقىرىقى ئايەتتە، شەيتانلارنىڭ ھارامنى ھالال، ھالالنى ھارام قىلىشتىن ئىبارەت ئىسيانكارلىقىغا ئەگەشكەن ئادەم ئاللاھنىڭ غەيرىگە ئىتائەت قىلغان بولۇپ، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلەر قاتارىدىن بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. شۇنىڭدەك، ئاللاھ تائالا ھالال قىلغان نەرسىلەرنى ھارام قىلىش ۋە ئۇ ھارام قىلغان نەرسىلەرنى ھالال قىلىشتا بەزى مەنپەئەتپەرەس موللىلارغا ۋە زالىم ھۆكۈمدارلارغا بويسۇنۇشمۇ، ئاللاھنىڭ غەيرىگە ئىتائەت قىلغانلىق بولۇپ، شېرىك دائىرىسىگە كىرىپ قالىدۇ. ئاللاھ تائالا يەھۇدىيلار بىلەن اتَّخَذُوا أَحْبَارَهُمْ وَرُهْبَانَهُمْ أَرْبَابًا مِنْ دُونِ اللَّهِ وَالْمَسِيحَ ابْنَ مَرْيَمَ وَمَا أُمِرُوا  تەرجىمىسى: «ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ دىنىي كاتتىۋاشلىرىنى، موللىلىرىنى ۋە مەريەم ئوغلى مەسىھنى مەبۇد قىلىۋالدى. ھالبۇكى ئۇلار پەقەت بىر ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلغانىدى. ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد بەرھەق يوقتۇر. ئاللاھ ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر.» [سۈرە تەۋبە 31-ئايەت].
    ئىمام تىرمىزى ۋە باشقىلار رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە مۇنداق بايان قىلىنىدۇ: «بىر كۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇدەي ئىبنى ھاتەمگە يۇقىرىقى ئايەتنى ئوقۇۋىدى (يەنى سۈرە تەۋبىنىڭ 31 ـ ئايىتىنى) ئۇ: يارەسۇلەللاھ! بىز ئۇلارغا، يەنى  ئەھلى كىتابنىڭ دىنىي كاتتىۋاشلىرىغا، موللىلىرىغا ۋە ئىيساغا چوقۇنمايتتۇق- دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ئۇلار سىلەرگە ئاللاھ ھارام قىلغان نەرسىلەرنى ھالال قىلىپ بەرسە سىلەرمۇ ئۇلارنى ھالال سانىغان ۋە ئاللاھ ھالال قىلغان نەرسىلەرنى ھارام قىلىپ بەلگىلىسە، سىلەرمۇ ئۇلارنى قوبۇل قىلىپ ھارام سانىغان ئەمەسمۇ؟، دېدى. بۇ ۋاقىتتا ئۇدەي ئىبنى ھاتەم: ھە-ئە، شۇنداق قىلاتتۇق، دېدى.» [تىرمىزى رىۋايىتى].
    ھالالنى ھارام، ھارامنى ھالال قىلىدىغان ئۆلىمالارغا ئەگىشىش ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلىكتۇر. بۇ، ئىمانغا زىت كېلىدىغان چوڭ شېرىكتۇر. چۈنكى، «لا الە الا الله» (ئاللاھتىن باشقا ئىبادەتكە ھەقلىق ھېچقانداق ئىلاھ يوقتۇر) دېگەن تەۋھىد كەلىمىسىنىڭ تەقەززاسى؛ ھارام ۋە ھالالنى بەلگىلەش ھوقۇقى پەقەت ئاللاھقىلا خاس ئىكەنلىكىنى ئىقرار قىلىش بىلەن بىرگە رېئاللىقتا ئەمەل قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ھالال ۋە ھارام مەسىلىسىدە شەرىئەتكە خىلاپ ھۆكۈم بەرگۈچى ئالىملارغا ئەگىشىش ئىنساننىڭ تەۋھىدىنى يوققا چىقىرىدىغان بولسا، مۇلھىد ۋە كاپىرلار تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان، مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىدە ئومۇملاشتۇرۇلىۋاتقان، شۇنداقلا مەزكۇر قانۇن بىلەن ھۆكۈم قىلىۋاتقان، ئۇنىڭغا رازى بولغان كىشىلەرنىڭ ئەھۋالى قانداق بولماقچى ئىدى؟!.

 

 

 

 

ئىسلامغا قارشى گۇرۇھلارغا ۋە جاھىلىيەت تەرەپدارلىرىغا مەنسۇپ بولۇشنىڭ ھۆكمى
    1- كوممۇنىزم، كاپىتالىزم، سېكۇلارىزمچىلار (دىننى ھاكىمىيەتتىن ئايرىغۇچىلار) غا ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ھەر قانداق كۇففار گۇرۇھلارغا مەنسۇپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ تەرىپىنى ئېلىش ئىسلام دىنىدىن چىققانلىق ۋە كاپىر بولغانلىقتۇر. يۇقىرىقىدەك ئېقىملارغا مەنسۇپ بولۇپ تۇرۇپ، لېكىن مۇسۇلمانلىق داۋاسى قىلىدىكەن، ئۇ ئادەم چوڭ نىپاقنى سادىر قىلغۇچى مۇناپىقتۇر. چۈنكى بىر قەلبتە ئىككى زىت ئېتىقاد مەۋجۇد بولۇپ تۇرالمايدۇ. مۇناپىقلار ھەمىشە ئۆزلىرىنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكلىرىنى ئېغىزلىرىدا سۆزلەپ قويۇپ، ئىچكى وَإِذَا لَقُوا الَّذِينَ آَمَنُوا قَالُوا آَمَنَّا وَإِذَا خَلَوْا إِلَى شَيَاطِينِهِمْ قَالُوا إِنَّا مَعَكُمْ إِنَّمَا  تەرجىمىسى: «مۇناپىقلار مۆمىنلەر بىلەن ئۇچراشقانلىرىدا بىز ئىمان ئېيتتۇق، دېيىشىدۇ. مۇناپىق كاتتىۋاشلىرىدىن بولغان شەيتانلىرى بىلەن يالغۇز جايدا تېپىشقاندا بولسا، بىز ھەقىقەتەن سىلەر بىلەن بىللىمىز، پەقەت تىلىمىزنىڭ ئۈچىدىلا ئىمان ئېيتىپ قويۇپ، مۆمىنلەرنى مەسخىرە قىلىمىز، دەيدۇ.» [سۈرە بەقەرە 14-ئايەت].
الَّذِينَ يَتَرَبَّصُونَ بِكُمْ فَإِن كَانَ لَكُمْ فَتْحٌ مِّنَ اللَّـهِ قَالُوا أَلَمْ نَكُن مَّعَكُمْ وَإِن كَانَ لِلْكَافِرِينَ نَصِيبٌ قَالُوا أَلَمْ نَسْتَحْوِذْ عَلَيْكُمْ وَنَمْنَعْكُم مِّنَ  تەرجىمىسى: «ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) سىلەرگە ھادىسە كېلىشىنى كۈتىدۇ، ئەگەر سىلەر ئاللاھنىڭ نۇسرىتىگە ئېرىشسەڭلار، ئۇلار: بىز سىلەر بىلەن بىللە ئەمەسمىدۇق؟ كاپىرلاردىن ئالغان غەنىيمەتلەردىن بىزگىمۇ بېرىڭلا، دەيدۇ. ئەگەر كاپىرلار زەپەر تاپسا، ئۇلار (كاپىرلارغا): بىز سىلەردىن غالىب بولۇپ تۇرۇپ سىلەرنى ئۆلتۈرمىدۇق ئەمەسمۇ؟ سىلەرنى مۆمىنلەردىن ساقلىمىدىقمۇ؟» [سۈرە نىسا 141-ئايەت].
    مۇناپىقلار ئالدامچى مەخلۇقلاردۇر. ئۇلاردىن ھەر بىرىنىڭ ئىككىدىن يۈزى بار. بىرى مۆمىنلەر بىلەن كۆرۈشىدىغان يۈزى، يەنە بىرى، ئۆزىنىڭ كۇففار كاتتىۋاشلىرى بىلەن كۆرۈشىدىغان يۈزىدۇر. ئۇلارنىڭ ئىككى تىلى بار: بىرى تىلىنىڭ ئۇچىدىكى مۇسۇلمانلىقنى سۆزلىسە، يەنە بىرى قەلبىدىكى كاپىرلىقىنى سۆزلەيدۇ. ئۇلار تىللىرىنىڭ ئۇچىدا قۇرئان بىلەن ھەدىسلەرنى تەستىق قىلسىمۇ، قەلبلىرىدە ئىنكار ۋە مەسخىرە قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَإِذَا لَقُوا الَّذِينَ آمَنُوا قَالُوا آمَنَّا وَإِذَا خَلَوْا إِلَىٰ شَيَاطِينِهِمْ قَالُوا إِنَّا مَعَكُمْ إِنَّمَا نَحْنُ مُسْتَهْزِئُونَ﴾ تەرجىمىسى: «ئۇلار مۆمىنلەر بىلەن ئۇچراشقىنىدا: بىز ئىمان ئېيتتۇق دېيىشىدۇ، شاياتۇنلىرى (يەنى مۇناپىق كاتتىباشلىرى) بىلەن يالغۇز جايدا تېپىشقاندا بولسا، بىز ھەقىقەتەن سىلەر بىلەن بىللىمىز، پەقەت تىلىمىزنىڭ ئۇچىدىلا ئىمان ئېيتىپ قويۇپ مۆمىنلەرنى مەسخىرە قىلىمىز، دەيدۇ.» [سۈرە بەقەرە 14-ئايەت].
    مۇناپىقلار ھەقنىڭ قايسى تەرەپتە ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، قۇرئان سۈننەتنىڭ روھىغا ئەگىشىپ خۇرسەن بولۇشنىڭ ئورنىغا، ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ، مۆمىنلەرنى پەس كۆرۈپ ئۇلارنى مەسخىرە قىلىدۇ. مۇناپىقلارنىڭ شەرىئەت ۋە ئۇنىڭ ئەھلىنى مەسخىرە قىلىشتا چىڭ تۇرغانلىقىدىن، ئۇلارنىڭ ھەقىقەت ئالدىدىكى تەكەببۇرلىقىنى روشەن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿اللَّـهُ يَسْتَهْزِئُ بِهِمْ وَيَمُدُّهُمْ فِي طُغْيَانِهِمْ يَعْمَهُونَ﴾ تەرجىمىسى: «مەسخىرە قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن ئاللاھ ئۇلارنى جازالايدۇ، ئۇلارنى گۇمراھلىقلىرىدا قويۇپ بېرىدۇكى، ئۇلار تېڭىرقىغان ھالدا يۈرۈشىدۇ.» [سۈرە بەقەرە 15-ئايەت].
   ئاللاھ تائالا مۇسۇلمان جامائەتلىرى بىلەن بىرگە بولۇشنى بۇيرۇپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اتَّقُوا اللَّـهَ وَكُونُوا مَعَ الصَّادِقِينَ﴾ تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر! ئاللاھتىن قورقۇڭلار، راستچىللار بىلەن بىللە بۇلۇڭلار» [سۈرە تەۋبە 119-ئايەت].
    يۇقىرىدىكى گورۇھلارنىڭ ھەممىسى باتىل ئۈستىگە قۇرۇلغان گورۇھلاردۇر.   كوممۇنىزمچىلار ئاللاھ تائالانىڭ مەۋجۇدلۇقىغا ئىنكار قىلىدۇ، بارچە ساماۋى دىنلارغا دۈشمەنلىك بىلەن قارايدۇ ۋە پۈتۈن دىنلارنى ئىنكار قىلىدۇ. ئۇلار ئەقىلگىلا يۆلىنىپ ئېتىقادسىز ياشاشقا رازى بولىدىغان ۋە ئەزەلدىن سابىت بولۇپ كەلگەن كەسكىن ھەقىقەتلەرگە ئىنكار قىلىدىغان مەخلۇقلاردۇر.
    سېكۇلارىزمچىلار بولسا، دىننى كىشىلەرنىڭ ھاياتىدىن ئايرىشنى مەقسەت قىلىدىغان ئالدامچىلاردۇر. يۇقىرىقىلاردىن قايسى بىرىگە ئۆزىنى مەنسۇپ قىلغان ۋە ئۇلارنىڭ يولىنى توغرا دەپ چىن  ئېتىقاد قىلغان ئادەم ئىسلام دىنىغا كاپىر بولغان بولىدۇ.
     كاپىتالىزمچىلار بولسا، ھالال-ھارام پەرقلىرىنى ئايرىماستىن، قايسى يولدىن كەلسە مال- دۇنيا يىغىش، پېقىرلارنىڭ، يېتىم - يېسىرلارنىڭ ۋە جەمئىيەتتىكى ئاجىزلارنىڭ قېنىنى شوراش ئۈستىگە قورۇلىدىغان شەپقەتسىز جەمئىيەتتۇر. ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي مەنبىيىنىڭ ئاساسى، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئۇرۇش ئىچىشتىن ئىبارەت بولغان جازانىخورلۇقتۇر. جازانە شەخس ۋە دۆلەتنى ھالاك قىلغۇچى، شۇنداقلا يوقسۇل ئىنسانلارنىڭ قېنىنى شورايدىغان ئاساسلىق ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ، ساغلام ئەقلى بار بىر ئىنسان، مەزكۇر ئېدىلوگىيەلەرنىڭ قۇربانى بولۇپ ھايات كەچۈرۈشكە ھېچقاچان رازى بولمايدۇ، ئەلۋەتتە. باتىل گورۇھلار كۆپلىگەن مۇسۇلمان جەمئىيەتلىرىنى ئېگەللىدى. ئۇنىڭ نەتىجىسىدە مۇسۇلمانلار ساغلام ئېتىقاد ۋە توغرا ئىسلامنى يوقاتتى. ياشلار ئىمانسىز، ئىرادىسىز ۋە ۋىجدانسىز بولۇپ يېتىشىپ چىقتى. مانا بۇ يۇقىرىقىدەك باتىل ئېتىقادلارنىڭ مەھسۇلىدۇر.
    2- جاھىلىيەت تەرەپبازلىقىغا ۋە ئىرق پەرقى تۈپەيلى مۇسۇلماننى مۇسۇلماندىن ئايرىيدىغان ئەسەبىي مىللەتچىلىككە مەنسۇپ بولۇشمۇ يَا أَيُّهَا النَّاسُ إِنَّا خَلَقْنَاكُمْ مِنْ ذَكَرٍ وَأُنْثَى وَجَعَلْنَاكُمْ شُعُوبًا وَقَبَائِلَ  تەرجىمىسى: «ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىز ھەقىقەتەن بىر ئەر، بىر ئايالدىن يەنى ئادەم بىلەن ھەۋۋادىن ئىبارەت بىر ئاتا، بىر ئانىدىن ياراتتۇق. ئۆز ئارا تونۇشۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرنى نۇرغۇن مىللەت ۋە ئۇرۇق قىلدۇق. ھەقىقەتەن ئەڭ تەقۋا بولغانلىرىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك ھېسابلىنىسىلەر.» [سۈرە ھۇجۇرات 13- ئايەت].
    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مۇسۇلمانلار ئارىسىدا كىشىلەرنى ئەسەبىي مىللەتچىلىك، قەبىلەۋازلىققا چاقىرغۇچىلار بىزدىن ئەمەس. مۇسۇلمانلار ئىچىدىن ئەسەبىي مىللەتچىلىك ئۈچۈن ئۇرۇشقانلار بىزدىن ئەمەس ۋە مىللەتچىلىك مۇددىئاسى بىلەن باشقىلاردىن نەپرەتلەنگەنلەر بىزدىن ئەمەس.» [مۇسلىم رىۋايىتى].
     پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرنى جاھىلىيەتنىڭ تار مىللەتچىلىكىدىن ۋە نەسەبتىن پەخىرلىنىپ باشقىلارنى خور كۆرۈشتىن پاكلىدى. ئىنسانلار پەقەت تەقۋادارلىق ياكى ئىسيانكارلىقتىن ئىبارەت ئىككى نەرسە بىلەنلا بىر بىرىدىن پەرقلىنىدۇ. تەقۋادارلار ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ھۆرمەتلىك، ئاسىيلار قەدىرسىزدۇر. ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ پەرزەنتلىرىدۇر. ئادەم تۇپراقتىن يارىتىلغاندۇر. ئەرەبلەرنىڭ ئەجەملەردىن (يەنى باشقا مىللەتلەردىن) ھېچقانداق ئارتۇقچىلىقى يوق. مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى ئارتۇقچىلىق پەقەت ئاللاھقا بولغان تەقۋادارلىق بىلەنلا ئۆلچىنىدۇ.» [تىرمىزى رىۋايىتى].
    ئىسلام مىللىتى چوڭ بىر ئائىلىدۇر. ئۇلار ئۆزئار قېرىنداشلاردۇر. ئۇلارنىڭ مىللىتى، تىلى، رەڭگى، ئىرقى ۋە يۇرتلىرى سۈرۈشتە قىلىنمايدۇ. مۇسۇلمانلىق ئۇلارنىڭ ئەڭ ئايرىلماس رىشتىسىدۇر. مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى مىللەتچىلىك، قەبىلىۋازلىق ۋە يۇرتۋازلىق قاتارلىق سەلبىي ئايرىمچىلىقلار ئۇلارنىڭ بىرلىكىنى پارچىلايدىغان يامان ئامىللاردۇر. ئاللاھ مۇسۇلمانلارنى ئۇلار قايسى مىللەت ۋە قەبىلىدىن بولمىسۇن ئۆزئارا بىرلىشىشكە چاقىرىدۇ. بۆلۈنۈشنى وَاعْتَصِمُوا بِحَبْلِ اللَّهِ جَمِيعًا وَلَا تَفَرَّقُوا وَاذْكُرُوا نِعْمَةَ اللَّهِ عَلَيْكُمْ إِذْ كُنْتُمْ أَعْدَاءً فَأَلَّفَ بَيْنَ قُلُوبِكُمْ فَأَصْبَحْتُمْ بِنِعْمَتِهِ إِخْوَانًا وَكُنْتُمْ عَلَى شَفَا حُفْرَةٍ  تەرجىمىسى: «ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ دىنىغا مەھكەم يېپىشىڭلار، ئايرىلماڭلار، ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمەتلىرىنى ئەسلەڭلار، ئۆز ۋاقتىدا سىلەر ئۆزئارا دۈشمەن ئىدىڭلار، ئاللاھ دىلىڭلارنى بىرلەشتۈردى، ئاللاھنىڭ نېمىتى بىلەن ئۆزئارا قېرىنداش بولدۇڭلار. سىلەر دوزاخ چوقۇرىنىڭ گىرۋىگىدە ئىدىڭلار، ئاللاھ سىلەرنى ئىسلام ئارقىلىق ئۇنىڭدىن قۇتقۇزدى. سىلەرنىڭ ھىدايەت تېپىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ ئايەتلىرىنى سىلەرگە شۇنداق بايان قىلىدۇ.» [سۈرە ئال - ئىمران 103-ئايەت].
    ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلا پارتىيىگە مەنسۇپ بولۇشىنى خالايدۇ. ئۈ بولسىمۇ ئاللاھنىڭ پارتىيىسىدۇر. ئاللاھنىڭ پارتىيىسىگە مەنسۇپ بولغانلار ھەر قاچان ئەزىزدۇر. ئاللاھنىڭ ياردىمى ۋە نۈسرىتى ھەمىشە ئۇلارغا خاستۇر. ئەپسۇسكى، ئىسلام دۇنياسى غەربنىڭ سىياسى ۋە كۈلتۈر بوھرانىنىڭ تەسىرى ھارپىسىدا ئەسەبىلىك مىللەتچىلىكىنى قىچىشقا بولمايدىغان بىر ھەقىقەت دەپ ئېتىراپ قىلىپ كەلمەكتە، شۇندقلا ئۆزلىرىنى خالىس ئاللاھنىڭ دىنىغا مەنسۇپ قىلالماي، ئېغىزلىرى تەۋھىد كەلىمىسىنى ئوقۇسىمۇ، كۆڭۈللىرى باشقىلارغا مەنسۇپ بولۇشتىن پۈتۈنلەي ئازات بولالمىغان ھالەتتە ياشىماقتىدۇر. ھازىرقى ئىسلام دۆلەتلىرى ھەرگىزمۇ ئۈلگىلىك ئىسلام دۆلەتلىرى ھېسابلانمايدۇ. بۇلار تار مىللەتچىلىك ئۈستىگە قۇرۇلغان دۆلەتلەر بولۇپ، ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ ئىسلام پىرىنسىپىغا قۇرۇلغان دۆلەت ئىكەنلىكلىرىنى دەۋا قىلىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە بولسا، بۇ دۆلەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ ھاكىم مۇتلەقلىرى ئىسلامدىن شۇنچىلىك يىراقكى، شۇ سەۋەبتىن بۇلار كۇففارلارغا بېقىندى بولۇپ ئۆز ئەركىنلىكىنى يوقاتقاندۇر. ئاللاھنىڭ ھەقىقىي مۆمىنلەرگە ياردەم قىلىدىغانلىقى ۋە ئۇلارنى ھىمايە قىلىدىغانلىقى شەكسىز ھەقىقەتتۇر. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام باشچىلىقىدىكى ھەقىقىي مۆمىنلەر ئاللاھنىڭ بۇ ۋەدىسىگە ھەقلىق بولغان ۋە ئۇنىڭغا ئېرىشكەنلەردۇر. ماھىيەتتە مەزكۇر گورۇھلار ھەقىقەتتىن يۈز ئۆرۈگۈچى ئىنسانلار ئۈچۈن، ئاللاھ ئۇلارغا ئازاپ قىلىپ ئوتتۇرىغا چىقارغانلىقىدا ھېچ شەك يوقتۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق قُلْ هُوَ الْقَادِرُ عَلَى أَنْ يَبْعَثَ عَلَيْكُمْ عَذَابًا مِنْ فَوْقِكُمْ أَوْ مِنْ تَحْتِ  تەرجىمىسى: «ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى،  ئاللاھ سىلەرنىڭ ئۇستۇڭلەردىن نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قوۋمىگە، پىل ئىگىلىرىگە ئەۋەتىلگەن ئازابقا ئوخشاش ياكى ئاستىڭلاردىن پىرئەۋن ۋە قارۇنلارغا ئەۋەتىلگەن ئازابقا ئوخشاش ئازاب ئەۋەتىشكە، ياكى سىلەرنى پىرقىلەر قىلىپ، ئۇرۇشقا سېلىپ بىرىڭلارغا بىرىڭلارنىڭ ئازابىنى تېتىتىشقا قادىردۇر.» [سۈرە ئەنئام 65ـ ئايەت].
   پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: «مادامىكى، ئىش ئۈستىدىكىلەر ئاللاھ تائالانىڭ كىتابى بىلەن ھۆكۈم قىلمايدىكەن،  ئاللاھ  ئۇلارنى ئۆز-ئارا بىر- بىرىگە مۇپتىلا قىلىپ قۇيىدۇ.» [ئىبنى ماجە رىۋايىتى].
    گورۇھۋازلىقتىكى ئەسەبىيلىك ھەقىقەتنى قوبۇل قىلماسلىققا ئىلىپ بارىدۇ. ئاللاھ تائالا يەھۇدىلەردىكى بۇ سۈپەتنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَإِذَا قِيلَ لَهُمْ آمِنُوا بِمَا أَنزَلَ اللَّـهُ قَالُوا نُؤْمِنُ بِمَا أُنزِلَ عَلَيْنَا وَيَكْفُرُونَ بِمَا وَرَاءَهُ وَهُوَ الْحَقُّ مُصَدِّقًا لِّمَا مَعَهُمْ﴾ تەرجىمىسى: «ئۇلارغا: «ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابقا (يەنى قۇرئانغا) ئىمان كەلتۈرۈڭلار» دېيىلسە، ئۇلار: «ئۆزىمىزگە نازىل قىلىنغان كىتابقا (يەنى تەۋراتقا) ئىمان كەلتۈرىمىز» دەيدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىنكى كىتابقا (يەنى قۇرئانغا) ئىشەنمەيدۇ، ھالبۇكى، ئۇ (يەنى قۇرئان) ھەقتۇر، ئۇلارنىڭ قولىدىكى كىتابنى تەستىق قىلغۇچىدۇر.» [سۈرە بەقەرە 91-ئايەت].
    ئىسلام كەلگەندىن كىيىنمۇ جاھىلىيەت دەۋرىدىكى ئاتا-بۇۋىلىرىنىڭ يوللىرىغا تەئەسسۇپلۇق بىلەن ئەگىشىپ، رەسۇلۇللاھ ئېلىپ كەلگەن ھەق دىندىن يۈز ئۆرىگەن جاھىلىيەت ئەھلىنىڭ ئەھۋالىنى بايان قىلىپ ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَإِذَا قِيلَ لَهُمُ اتَّبِعُوا مَا أَنزَلَ اللَّـهُ قَالُوا بَلْ نَتَّبِعُ مَا أَلْفَيْنَا عَلَيْهِ آبَاءَنَا﴾ تەرجىمىسى: ‹‹ھەرقاچان ئۇلارغا (يەنى مۇشرىكلارغا) ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىگە نازىل قلغان ۋەھىگە، يەنى قۇرئانغا ئەگىشىڭلار دىيىلسە، ئۇلار، ياق، ئاتا-بوۋىلىرىمىزدىن قالغان دىنغا ئەگىشىمز دىيىشىدۇ.›› [سۈرە بەقەرە 170-ئايەت].
    خۇلاسە: يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك، باتىل گورۇھلارنى تەسىس قىلىپ پارتىيەلەرنى قۇرغۇچىلار، رەببىمىز ئىنسانىيەتكە مەرھەمەت قىلىپ بەرگەن ئىسلامدىن ئىبارەت مۇقەددەس دىننىڭ ئورنىغا ئۆز ئېدىلوگىيەلىرىنى قۇيۇشنى خالايدۇ.
ماتېرىيالىزم نەزەرىيىسىنىڭ ھاياتلىق پەلسەپىسى ۋە ئۇنىڭ خاتالىقى
    ھاياتلىق ھەققىدە ئىككى خىل نەزەرىيە بولۇپ، ئۇنىڭ بىرى ماتېرىيالىزم نەزەرىيىسى، يەنە بىرى توغرا نەزەرىيەدۇر.
    1-ماتېرىيالىزم نەزەرىيىسىنىڭ ھاياتقا بولغان قارىشى: ئىنسان تەپەككۇرىنىڭ غايىسى بۇ دۇنيا مەنپەئەتلىرىگىلا قارىتىلغان بولۈشى، ھاياتلىقتىكى ۋەزىپىسىمۇ مەزكۇر غايىنىڭ دائىرىسىدىن چەتنىمەسلىكى، شۇنداقلا ئاخىرەت ئىشەنچىسىدىن يىراق ھالدا، بۇ دۇنيالىق ئۈچۈنلا ئۆمۈر سۈرۈشى دېمەكتۇر. بۇ نەزەرىيە خاتادۇر. ئاللاھ بۇ دۇنيا ھاياتىنى ئاخىرەت ھاياتى ئۈچۈن تەييارلىق كۆرۈش ماكانى قىلىپ ياراتقان. بۇ دۇنيا ئاخىرەتلىك ئۈچۈن ئەمەل قىلىش، تەييارلىق كۆرۈش ۋە ھازىرلىنىش ئورنى بولسا، ئاخىرەت مول ھۇسۇل ئېلىش ئورنىدۇر. كىمكى ئۆمرىنى ياخشى ئەمەللەر بىلەن ئۆتكۈزىدىكەن، ئۇ ئىككى دۇنيالىق غەنىمەتكە ئېرىشىدۇ. كىمكى ئۆمرىنى پانى دۇنيانىڭ مەنپەئەتلىرىگە بېغىشلايدىكەن، ئۇنىڭ ئاخىرەتلىكى زايە بولغان بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿خَسِرَ الدُّنْيَا وَالْآخِرَةَ ۚ ذَٰلِكَ هُوَ الْخُسْرَانُ الْمُبِينُ﴾ تەرجىمىسى: «ئۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە زىيان تارتىدۇ، بۇ روشەن زىياندۇر.» [سۈرە ھەج 11-ئايەت].
    ئاللاھ تائالا بۇ دۇنيانى بىكارغا ياراتقان ئەمەس. بەلكى بۇ دۇنيانى چوڭ  تەرجىمىسى: «سىلەردىن قايسىڭلارنىڭ ئەمەلىي ياخشى ئىكەنلىكىنى سىناش ئۈچۈن، ئاللاھ ئۆلۈمنى ۋە تىرىكلىكنى ياراتتى.» [سۈرە مۇلك 2 ـ ئايەت].
    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿إِنَّا جَعَلْنَا مَا عَلَى الْأَرْضِ زِينَةً لَّهَا لِنَبْلُوَهُمْ أَيُّهُمْ أَحْسَنُ عَمَلًا﴾ تەرجىمىسى: «ئىنسانلارنىڭ قايسىلىرىنىڭ ئەمەلى ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى سىناش ئۈچۈن، بىز ھەقىقەتەن يەر يۈزىدىكى شەيئىلەرنىڭ ھەممىسىنى يەر يۈزىنىڭ زىننىتى قىلدۇق.» [سۈرە كەھف 7-ئايەت].
    ئاللاھ تائالا بۇ ھاياتى دۇنيادا ئىنسانلارنىڭ كۆزىگە چىلىقىپ تۇرىدىغان دۇنيانىڭ زىننەتلىرىنى يەنى مال-دۇنيا، پەرزەنت، ئىززەت-ئابروي، ھوقۇق ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ھاياتلىقتىكى بارلىق نېمەتلەرنى ياراتتى.
    ئىنسانىيەت دۇنياسىدا كۆپلىگەن كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ بۇ قىسقا ھاياتى ۋە تەپەككۇر غايىسىنى پانى دۇنيانىڭ ۋاقىتلىق مەنپەئىتى ئۈچۈنلا بېغىشلاپ، ئۆزلىرى ئېرىشكەن نېمەتلەرنىڭ ماھىيىتى ئۈستىدە ئازراقمۇ تەپەككۇر قىلىشمايدۇ. شۇنداقلا ئاخىرەت ھاياتىنى ئويلاپمۇ قويمايدۇ. بەلكى ئاخىرەت ئىسىملىك بىر مەڭگۈلۈك ھاياتلىقنىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلىشىدۇ. ئۇلار بۇ دۇنيا ھاياتىدىن باشقا ھاياتلىق بارلىقىغا ئىشەنمەيدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى بايان  تەرجىمىسى: «ئۇلار: ھاياتلىق پەقەت مۇشۇ دۇنيادىكى ھاياتىمىزدۇر، ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلدۈرۈلمەيمىز، دەيدۇ.» [سۈرە ئەنئام 29ـ ئايەت].
إِنَّ الَّذِينَ لَا يَرْجُونَ لِقَاءَنَا وَرَضُوا بِالْحَيَاةِ الدُّنْيَا وَاطْمَأَنُّوا بِهَا وَالَّذِينَ هُمْ عَنْ  تەرجىمىسى: «شۈبھىسىزكى، بىز بىلەن مۇلاقات بولۇشنى ئۇمىت قىلمايدىغانلار، دۇنيا تىرىكچىلىكىدىن بەھرىمەن بولۇش بىلەنلا رازى بولىدىغانلار ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئارام تاپقانلار، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزدىن غاپىل بولغانلار، ئەنە شۇلار ئۆزلىرىنىڭ قىلمىشلىرى تۈپەيلى جايى دوزاخ بولىدۇ.» [سۈرە يۇنۇس 7- 8- ئايەتلەر].
    ياخشى ئەمەللىرى ئارقىلىق پەقەت دۇنيا مەنپەئىتىنىلا كۆزلىگەن مَنْ كَانَ يُرِيدُ الْحَيَاةَ الدُّنْيَا وَزِينَتَهَا نُوَفِّ إِلَيْهِمْ أَعْمَالَهُمْ فِيهَا وَهُمْ فِيهَا لَا يُبْخَسُونَ  أُولَئِكَ الَّذِينَ لَيْسَ لَهُمْ فِي الْآَخِرَةِ إِلَّا النَّارُ وَحَبِطَ مَا صَنَعُوا فِيهَا  تەرجىمىسى: «قىلغان ياخشى ئەمەللىرى بىلەن پەقەت ھاياتى دۇنيانى ۋە ئۇنىڭ زىبۇ زىننەتلىرىنى كۆزلەيدىغانلارغا ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنىڭ ئەجىرلىرىنى بۇ دۇنيادىلا تولۇق بېرىمىز. دۇنيادا ئۇلارنىڭ ئەجرىدىن ھېچ نەرسە كېمەيتىلمەيدۇ. بۇنداقلارغا ئاخىرەتتە دوزاختىن باشقا نەرسە يوقتۇر. ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرى يوققا چىقىرىلىدۇ. قىلغان ياخشى ئەمەللىرى ھېسابقا ئېلىنمايدۇ.» [سۈرە ھۇد 15- 16- ئايەتلەر].
    يۇقىرىقى ئايەتلەردىكى تەھدىد ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلار، ئەمەللىرى بىلەن بۇ دۇنيا مەنپەئەتىنىلا كۆزلەيدىغانلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنداقلار ھاياتلىقنى قەدىرلىيەلمىگەن ۋە ئۆمۈرلىرىنى پايدىسىز ئۆتكۈزگەن، ئاخىرەتلىك ئۈچۈن نېسىۋىسى بولمىغان، خۇددى ھايۋانلارغا ئوخشاش يېيىش-ئىچىشتىن باشقىنى بىلمىگەن كىشىلەردۇر. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قىممەتلىك ئۆمۈرلىرىنى ئاقىۋەتسىز، ۋاقىتلىق دۇنيا ئۈچۈن زايە قىلغانلاردۇر. ھايۋانلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئاقىۋىتى ئۈچۈن تەپەككۇر قىلالمىغاندەك، ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئەقىل-پاراسەتلىرىنى قوللانمىغانلاردۇر. ئاللاھ ئۇلار توغرۇلۇق مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا أَمْ تَحْسَبُ أَنَّ أَكْثَرَهُمْ يَسْمَعُونَ أَوْ يَعْقِلُونَ إِنْ هُمْ إِلَّا كَالْأَنْعَامِ بَلْ هُمْ أَضَلُّ  تەرجىمىسى: «ئۇلارنىڭ تولىسىنى گېپىڭنى ئاڭلايدىغان ياكى چۈشىنىدىغان ئادەملەر، دەپ ئويلامسەن؟ ئۇلار چۈشەنمەسلىكتە پەقەت ھايۋانلارغا ئوخشاشتۇر. بەلكى ئۇلاردىنمۇ بەتتەر ئازغۇنلاردۇر.» [سۈرە فۇرقان 44 ـ ئايەت].
    ئاللاھ تائالا بۇ خىل نەزەرىيە بىلەن ھايات يۆلۈنۈشى ھاسىل قىلغانلارنىڭ ماھىيەتتە ئىلىمسىز كىشىلەر ئىكەنلىكىنى بايان  تەرجىمىسى: «ئۇلار ھاياتى دۇنيانىڭ تاشقى كۆرۈنىشىنىلا بىلىدۇ، ئۇلار ئاخىرەتتىن پۈتۈنلەي غەپلەتتىدۇر.» [سۈرە رۇم سۈرىسى 7ـ ئايەت].
     گەرچە ئۇلار پەن- تېخنىكا ۋە سانائەت بىلىملىرىدە چەكلىك سەۋىيەگە يەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ھەقىقەتنى بىلىشتە بىلمسىز قالغان جاھىللاردۇر. چۈنكى ئۇلارنىڭ كۆرۈشلىرى ماددىي دۇنيانىڭ كۆرۈنۈشلىرىگىلا قىسقارتىلغان بولۇپ، مېتافىزىكا (ماددا سىرتى) ئالەمىدىن غەپلەتتىدۇر. مانا بۇ تۈردىكى ئالىملارنى ھەقىقىي مەنىدىكى ئالىم دېيىشكە بولمايدۇ. چۈنكى ھەقىقىي ئالىملار ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ھېس قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ غەزىبىگە ئۈچراپ قېلىشتىن  تەرجىمىسى: «ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئىچىدە ئاللاھتىن پەقەت ئالىملارلا قورقىدۇ. (يەنى ئاللاھنى ھەقىقى تۈردە تونۇچىلار ئاللاھتىن قورقىدۇ).» [سۈرە فاتىر 28- ئايەت].
    ئاللاھ قارۇنغا ئاتا قىلغان بايلىققا، ماتېرىيالىستىك نەزەر بىلەن فَخَرَجَ عَلَى قَوْمِهِ فِي زِينَتِهِ قَالَ الَّذِينَ يُرِيدُونَ الْحَيَاةَ الدُّنْيَا يَا لَيْتَ لَنَا مِثْلَ مَا  تەرجىمىسى: «قارۇن ئۆز قوۋمىنىڭ ئالدىغا بارلىق زىننىتى بىلەن ھەشەمەتلىك ھالدا چىقتى. دۇنيا تىرىكچىلىكىنى كۆزلەيدىغانلار: كاشكى بىزگە قارۇنغا بېرىلگەن بايلىق بېرىلسىچۇ، ئۇ ھەقىقەتەن دۇنيالىقتىن چوڭ نېسىۋىگە ئىگە ئىكەن، دېدى.» [سۈرە قەسەس 79ـ ئايەت].
    دۇنيا مەنپەئەتىنىلا كۆزلەيدىغانلار قارۇننىڭ بايلىقىنى چوڭ نېسىۋە دەپ بىلگەنگە ئوخشاش، كۇنىمىزدىمۇ ئىمانى ئاجىز كىشىلەر ئىقتىسادىي ۋە سانائەت جەھەتلەردە تەرەققىي قىلغان كاپىر دۆلەتلەرگە خۇددى قارۇننىڭ قوۋملىرىدەك چۆمچىيىدۇ ۋە ئۇلارنى ئۆزلىرى ئۈچۈن ئۈلگە بىلىدۇ. نەتىجىدە ئۇلاردىكى بۇ خىل ھېسسىيات ئۇلارنىڭ كۇففارلارنى ھۆرمەتلىشىگە ۋە ناچار ئەخلاقلىرىنى دوراشقا ئېلىپ بارىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىلىم-پەنگە قىزىقىشتەك ئىجابىي تەرەپلىرىنى دورىساق، پەن-تېخىكىسنى ئۆگەنسەك بولىدۇ. بىراق ئۇلارنىڭ ئەخلاقىنى ئۆگىنىشكە بولمايدۇ.
2- ھاياتلىق ھەققىدىكى توغرا نەزەرىيە: ئىنسان  بۇ ھاياتلىق دۇنيادىسىكى  مال ـ دۇنيا، كۈچ ـ قۇۋۋەت، ئەقىل- پاراسەت، مەنسەپ ۋە بارلىق نەرسىلەرنى پەقەت ئاخىرەت ھاياتى ئۈچۈن ۋاسىتە دەپ چۈشىنىشى، ھىممىتىنى بۇ دۇنيالىق ۋە ئاخىرەتلىكتىن ئىبارەت ئىككى دۇنيالىق ئۈچۈن بېغىشلىشى كېرەكتۇر. جەننەت ئەھلىنىڭ ئاخىرەتتە ئېرىشىدىغان مۇكاپاتلىرى، ئۇلارنىڭ پانى دۇنيادا قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنىڭ مەھسۇلىدۇر. بۇ دۇنيا جىھاد قىلىش، ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇش، زاكات بېرىش، ئاجىزلارغا ياخشىلىق قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن باشقا بارلىق ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشنىڭ ماكانىدۇر. ئاخىرەت بولسا، پانى دۇنيادا ئىشلىگەن ياخشىلىقلارنىڭ مۇكاپاتىنى ۋە يامانلىقلارنىڭ جازاسىنى كۆرىدىغان ئورۇندۇر. ئاخىرەتتە ئاللاھ جەننەت  تەرجىمىسى: «ئۆتكەنكى كۈنلەردە (يەنى دۇنيادا) ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن خۇشال- خورام يەڭلار، ئىچىڭلار دەيدۇ.» [سۈرە ھاققە 24- ئايەت].

 

 

 

 

 

 

 

 

دەم سېلىش ۋە تۇمار ئېسىش توغرىسىدا
    دەم سېلىش: كېسەللىكلەردىن شىپا تېپىش ئۇمىدى بىلەن دۇئالارنى ئوقۇپ سۇپلەش ياكى سۇغا ئوقۇپ ئۈچۈرۈش دېمەكتۇر. دەم سېلىش ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:
    دەم سېلىشنىڭ بىرىنچى تۈرى: كېسەل كىشىگە قۇرئان ئايەتلىرى ۋە ھەدىستە بايان قىلىنغان دۇئالارنى ياكى ئاللاھنىڭ ئىسىم- سۈپەتلىرىنى ئوقۇش بىلەن بولىدىغان دەم سېلىش بولۇپ، بۇ جائىزدۇر، يەنى قىلسا بولىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭمۇ قۇرئان ئايەتلىرىنى ئوقۇپ دەم سالغانلىقى ۋە باشقىلارنىمۇ شۇنداق قىلىشقا بۇيرىغانلىقى ھەققىدە كەلگەن ھەدىسلەر بۇ ئىشىنىڭ دۇرۇسلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. ئەۋف ئىبنى مالىك مۇنداق دېگەن: «جاھىلىيەت دەۋرىدە دەم سالاتتۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن يارەسۇلۇللاھ! بۇنىڭغا قانداق قارايلا؟ دەپ سورىۋىدىم،  رەسۇلۇللاھ: ئاۋۋال قانداق دەم سالىدىغانلىقىڭلارنى ماڭا ئېيتىپ بېرىڭلار، دەم سېلىش ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلىك دائىرىسىگە كىرىدىغان ئىشلاردىن خالى بولسىلا جائىز بولغان بولىدۇ، دېدى.» [مۇسلىم رىۋايىتى].
    ئىمام سۇيۇتى مۇنداق دېگەن: "ئىسلام ئالىملىرى ئۈچ شەرت بىلەن دەم سېلىشنىڭ جائىز ئىكەنلىكىگە بىرلىككە كەلگەن: قۇرئان ئايەتلىرى ياكى ئاللاھنىڭ ئىسىم- سۈپەتلىرىنى ئوقۇش بىلەن بولۇشى، ئەرەب تىلى بىلەن مەنىسى چۈشىنىشلىك بولۇشى، دەم سېلىشنىڭ ئۆزى شىپا ئەمەس، بەلكى ئاللاھنىڭ ئىزنى ۋە ئىرادىسى بىلەن تەسىر قىلىدۇ، دەپ ئېتىقاد قىلىشتۇر." [فەتھۇلمەجىد 135 ـ بەت].
   دەم سېلىشنىڭ ئۇسۇلى: قۇرئان ئايەتلىرىنى ياكى ئاللاھنىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرىنى ئوقۇپ كېسەلگە سۇپلەش ياكى سۇغا ئوقۇپ ئىچكۈزۈش ئارقىلىق بولىدۇ.
   دەم سېلىشنىڭ ئىككىنچى تۈرى: ئەۋلىيا-ئەنبىيالارنىڭ، جىن-شەيتانلارنىڭ، مازار- ماشايىخلارنىڭ ۋە پەرىشتىلەرنىڭ ئىسىملىرىنى ئاتاش ۋە ئۇلارنى ۋەسىلە قىلىش ئارقىلىق دەم سېلىشتىن ئىبارەت بولۇپ،  بۇنداق دەم سېلىش ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشنىڭ تۈرىگە كىرىدۇ. بۇ شەرىئەت ھۆكمى بويىچە ھارامدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنداق قىلىشتىن مەنئى قىلغان. شۇنداقلا، مەنىسى چۈشىنىكسىز ئىبارىلەرنى ئوقۇش بىلەن دەم سېلىشمۇ جائىز ئەمەستۇر.
    2- تۇمار ئېسىش: تۇمار كىچىك بالىلارنىڭ يامان كۆزلەردىن ۋە ھەسەتتىن ساقلىنىشى ئۈمىد قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ بويۇنلىرىغا ئېسىپ قويۇلىدىغان نەرسە دېمەكتۇر. تۇمارنى گاھىدا چوڭلارمۇ ئاسىدۇ. تۇمار ئېسىش تۆۋەندىكىدەك ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ:
    بىرىنچى: قۇرئان ئايەتلىرىدىن ياكى ئاللاھنىڭ ئىسىم- سۈپەتلىرىدىن يېزىلغان تۇمار بولۇپ، بۇ خىلدىكى تۇمارنىڭ دۇرۇس ياكى ئەمەسلىكى توغرىسىدا ئىسلام ئالىملىرى تۆۋەندىكىدەك ئىككى خىل كۆزقاراشتا بولغان:
     1-جائىز دېگۈچىلەر: بۇلار ئۆز قاراشلىرىنى كۈچكە ئىگە قىلىشتا مەشھۇر ساھابىلاردىن ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن ئائىشە رەزىيەللاھۈ ئەنھانىڭ سۆزلىرىنى ۋە ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەلنىڭ پەتىۋالىرىنى نەقىل كەلتۈرگەن. ئۇلار تۇمار ئېسىشنى چەكلىگەن ھەدىسنى، ئەگەر تۇماردا شېرىك سۆزلەر بولمىسا دۇرۇس دېگەنلىك بولىدۇ دەپ ئىزاھات بەرگەن.
    2- تۇمار ئىسىشنى مەنئى قىلغۇچىلار: بۇلار ئۆز قاراشلىرىنى كۈچكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئىبنى مەسئۇد، ئىبنى ئابباس، ھۇزەيفە قاتارلىق ساھابىلەرنىڭ سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈرىدۇ. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۈ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەم سېلىش، تۇمار ئېسىش ۋە ئەر-خوتۇنلارنى بىر-بىرىگە ئامراق قىلىش ئۈچۈن ئوقۇلىدىغان دۇئا ۋە يېزىلىدىغان تىلسىملارنىڭ بەزىسى شېرىكتۇر، دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم.» [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى].
    بۇ قاراشتىكىلەر تۇمار ئېسىشنىڭ جائىز ئەمەسلىكىنى تۆۋەندىكىدەك ئۈچ سەۋەپ بىلەن كۈچلاندۇرىدۇ:
    بىرىنچى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەم سېلىش، تۇمار ئېسىش ۋە تىلسىم يېزىشنىڭ بەزىسىنى شېرىكتىن سانىغان. شېرىكتىن ساقلىنىش ئۈچۈن بۇنداق شۈبھىلىك ئىشلاردىن يىراق تۇرۇش كېرەك.
    ئىككىنچى: پاساتچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە خۇراپاتلارغا قارشى تۇرۇش مۇھىمدۇر. چۈنكى بۇ ئىشلار ئادەتتە ھارام بولغان ئىشلارغا يول ئاچىدۇ.
    ئۈچىنچى: قۇرئان ئايەتلىرى بىلەن يېزىلغان تۇمارلارنى ئاسقانلارمۇ گاھىدا ئۇنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلىيالماي گۇناھكار بولىدۇ. چۈنكى تۇمار ئاسقانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئادەتتە ھاجەتـخانىغا ئۇنىڭ بىلەن كېرىدۇ. [پەتھۇل مەجىد 136-بەت].
    ئىككىنچى: جىن-شەيتانلارنىڭ، ئەۋلىيا ۋە مازار-ماشايىخلارنىڭ، پەرىشتىلەرنىڭ ۋە ئۇنىڭدىن باشقا مەخلۇقلارنىڭ ئىسىملىرى يېزىلغان تۇمارلار بولۇپ، بۇ تۈردىكى تۇمارلارنى يازغانلار ۋە بىلىپ تۇرۇپ ئۇنى ئاسقانلار ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئۈمىدىنى ئاللاھنىىڭ غەيرىگە باغلايدىكەن، ئاللاھ ئۇنى شۇ نەرسىگە تاشلاپ قويىدۇ.» [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى].
    يۇقىرىقى ھەدىسنىڭ مەنىسى شۈكى، ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىپ، ئۇنىڭغىلا ئېسىلىپ ۋە ئۇنىڭدىنلا ياردەم سورىغانلار ئۈچۈن ئاللاھ يېتەرلىكتۇر. كىمكى ئاللاھنى قويۇپ مەخلۇقتىن ياردەم سورايدىكەن ياكى ئاللاھنىڭ نامىنى ۋە ئايەتلىرىنى قويۇپ مەخلۇقاتنىڭ ناملىرىنى يېزىپ بويۇنلىرىغا ئېسىۋالىدىكەن، ئاللاھ ئۇنداق كىشىگە ياردەم قىلمايدۇ، ئۇنى ئۆزىگە شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىسى بىلەن تاشلاپ قويىدۇ. ھالبۇكى، ئۈ ئېسىۋالغان نەرسىلەر ئۇنىڭغا پايدا-زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئاللاھ ھەركىمنىڭ دەردىگە دەرمان، رەنجىگە شىپا بولغۇچى بىرلا مەدەتكاردۇر. ئۇنىڭدىن باشقىسىغا ئىشەنچ قىلغان ۋە ئېسىلغان ئادەم زىيان تارتقۇچىدۇر.
    مۇسۇلمان كىشى ئەقىدىسىنى بۇزىدىغان ياكى زەھەرلەيدىغان ماددى ۋە مەنىۋىي ھەرقانداق نەرسىدىن ساقلىنىشى، جائىز بولمىغان ئىلاجلارنى قۇبۇل قىلماسلىقى، دەردلەردىن خالاس بۇلۇش مەقسىتىدە تۈرلۈك سەپسەتىۋاز ۋە ئالدامچى كىشىلەرنىڭ ھۇزۇرىغا بارماسلىقى لازىم. چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ مەنىۋىيىتىنى كېسەل قىلغۇچى كىشىلەردۇر. كمكى ئاللاھ تائالاغا تەۋەككۇل قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ بارلىق ئىشلىرىغا كۇپايە قىلىدۇ. بەزى ئادەملەر ئۆزىدە ھېسىي كېسەللىك بولمىسىمۇ، كۆز تىگىش ۋە ھەسەتتىن قورقۇپ تۇمار ئاسىدۇ ياكى ماشىنا، ئات-ئۇلاغ، ئۆي-دۇكانلىرىنىڭ ئىشىكلىرىگە تۇمار ياكى كۆزمۇنچاق ئېسىپ قۇيىدۇ. بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئەقىدىنىڭ سۇسلىقى ۋە ئاللاھ تائالاغا  تەۋەككۇل قىلىشنىڭ زەئىپلىكىدۇر. ئەقىدە سۈسلۇقى ھەقىقى كېسەللىك بولۇپ، ئۇنى پەقەت تەۋھىد ۋە ساغلام ئەقىدىنى ئۆزلەشتۈرۈش ئارقىلق داۋالاش لازىم بولىدۇ.

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 


ئاللاھنىڭ غەيرى بىلەن قەسەم قىلىش، مەخلۇقتىن ياردەم سوراش ۋە ئاللاھقا ۋاسىتە قىلىشنىڭ ھۆكمى
    بىرىنچى: ئاللاھتىن باشقىسىنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىش.
   قەسەم- ئۇلۇغ بىر زاتنىڭ نامىنى ئاتاش ئارقىلىق بىرەر ئىشىنىڭ راستلىقىنى تەكىتلەش دېمەكتۇر. ئۇلۇغلۇققا پەقەت ئاللاھ سازاۋەردۇر.  شۇڭا قەسەم قىلغاندا ئاللاھتىن باشقىسىنىڭ نامىنى ئاتاش توغرا ئەمەس. ئەگەر ئاللاھنىڭ غەيرى بىلەن قەسەم قىلسا، بۇ ئۇلۇغلۇقتا ئاللاھقا مەخلۇقاتنى شېرىك قىلغانلىق بولىدۇ. قەسەم «ۋەللاھى»، «بىللاھى» ۋە «تەللاھى» دېگەن لەۋزلەرنىڭ بىرى بىلەن قىلىنىدۇ. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «كىمكى ئاللاھتىن باشقا بىرىنىڭ نامىنى ئاتاپ قەسەم قىلىدىكەن، ئۇ كاپىر بولىدۇ (يەنى كىچىك شېرىك)»  دېگەن ھەدىسىنى بايان قىلىدۇ. [ئەھمەد رىۋايىتى].
    قەسەم قىلغۇچى قەسىمىدە نامىنى ئاتىغان بىراۋنى خۇددى ئاللاھنى ئۇلۇغلىغاندەك ئۇلۇغلاپ، يالغانغا قەسەم قىلسام نامى ئاتالغان مەزكۇر زات مېنى جازالايدۇ، دېگەن ئېتىقادتا بولسا، ئۇنىڭ قىلغان قەسىمى چوڭ شېرىك تۈرىگە كىرىدۇ. مەلۇمكى، چوڭ شېرىكنى سادىر قىلغان ئادەم كاپىر بولىدۇ. ئەگەر ئۈ قەسىمىدە نامى ئاتالغان كىشىنى ئاللاھقا ئوخشاش ئۇلۇغلىغانلىقتىن ئەمەس، پەقەت ئاۋام خەلقتە ئورتاقلاشقان ئادەتلەرگە ئەگىشىپ، ئېيتقان سۆزىنىڭ مەنسىنى ۋە خەتىرىنى بىلمەستىن شۇنداق قەسەم قىلغان بولسا، ئۇ كىشى كاپىر بولمايدۇ، بەلكى گۇناھكار بولىدۇ.
    بەزى كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ نەزىرىدە ئۇلۇغ سانالغان ئەۋلىيالارنىڭ، پىرىلەرنىڭ ۋە مازار- ماشايىخلارنىڭ نامىنى ئاتاپ  يالغان ئىشقا قەسەم قىلىشتىن چېكىنىدۇ. چۈنكى ئۇلار يۇقىرىقىلاردىن خۇددى ئاللاھتىن قورققاندەك قورقىدۇ. مانا بۇ، چوڭ شېرىكنىڭ ئۆزىدۇر. چۈنكى قەسەم دېگەن ئەڭ ئۇلۇغ بىرىنىڭ نامىنى ئاتاش ئارقىلىقلا قىلىنىدۇ. ئەڭ ئۇلۇغ زات ئاللاھتۇر. ئاللاھتىن باشقىسى ھەقىقىي ئۇلۇغلۇققا ھەقلىق ئەمەس. شۇڭا مۇسۇلمانلار قەسەم قىلماقچى بولغانلىرىدا پەقەت ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىشقا بۇيرۇلغان. قەسەم قىلىش ئۆزىنىڭ راستچىللىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئاللاھنى گۇۋاھ قىلىش دېگەنلىك بولغانلىقتىن، يالغان ئىشقا ئاللاھنى گۇۋاھ قىلىش ئېغىر گۇناھتۇر. چۈنكى بۇ يالغان ئۈستىگە يالغانچىلىقتۇر. راست ئىشلارغا قەسەم قىلىش جائىز بولغان بولسىمۇ، ھەدەپ قەسەم قىلىۋېرىشمۇ ياخشى كۆرەلمەيدۇ. كۆپ قەسەم قىلغۇچىلارنى ئاللاھ ياقتۇرمايدۇ.  تەرجىمىسى: «قەسەمخور، پەس ئادەمگە ئىتائەت قىلمىغىن» دەپ كۆرسەتكەن. [قەلەم سۈرىسى 10- ئايەت].
 تەرجىمىسى: «قەسىمىڭلارغا رىئايە قىلىڭلار، كەلسە- كەلمەس ئىشلارغا قەسەم قىلماڭلار.» [سۈرە مائىدە  89- ئايەت].
    ئاللاھنىڭ نامىنى قوللىنىپ تۇرۇپ تولا قەسەم قىلىش ۋە يالغان ئىشلارغا ئاللاھنى گۇۋاھ قىلىش ئاللاھقا ئەدەپسىزلىك قىلغانلىقتۇر. بۇنداق قىلىش تەۋھىدنىڭ روھىغا ئويغۇن كەلمەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئۈچ خىل ئادەمگە ئاللاھ قىيامەت كۈنى سۆز قىلمايدۇ، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنىمۇ كەچۈرمەيدۇ، ئۇلارنى قاتتىق ئازابلايدۇ: ئاللاھنىڭ نامىنى دەسمى قىلىۋالغان، بىر نەرسە ئالسىمۇ قەسەم قىلىدىغان، بىر نەرسە ساتسىمۇ قەسەم قىلىدىغان ئادەم.» [تەبەرانىي رىۋايىتى].
    ئاللاھنىڭ نامىنى ئاتاپ تۇرۇپ يالغان ئىشقا قەسەم قىلغۇچىلارنى ئاللاھ جازالايدۇ. شۇنداقلا ئۇنىڭ نامىنى ئاتاپ كەلسە- كەلمەس قەسەم قىلىش، ئاللاھ تائالاغا ھۆرمەتسىزلىك قىلغانلىق بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇناپىقلارنى ئۆزلىرى بىلىپ تۇرۇپ يالغاندىن قەسەم ئىچىدۇ دەپ سۈپەتلەيدۇ.
   خۇلاسە:
   1— قەسەم قىلغاندا ئاللاھنىڭ نامىنى ئاتىماستىن، پەيغەمبەرنىڭ ياكى ئەۋلىيالارنىڭ، ئامانەت ياكى خانە كەبىنىڭ نامىنى ئاتاش چەكلەنگەندۇر.  
   2— ئاللاھنىڭ نامىنى ئاتاپ تۇرۇپ يالغان ئىشقا قەسەم قىلىش مۇناپىقلارنىڭ ئادىتىدۇر. بۇنداق قىلغۇچىلار ئېغىر گۇناھكار بولىدۇ.
   3— ئاللاھنىڭ نامىنى ئاتاپ راست ئىشقا بولسىمۇ كەلسە ـ كەلمەس قەسەم قىلىۋېرىش ياخشى ئىش ئەمەس.
   4— قەسەم قىلىشقا توغرا كەلگەندە ئاللاھنىڭ نامىنى  ئاتاپ راست ئىشقا قەسەم قىلىشقا بولىدۇ.
  ئىككىنچى: ئاللاھقا مەخلۇقنى ۋەسىلە قىلىش.
   ۋەسىلە — ئىبادەت، دۇئا ۋە باشقا ھەر قانداق ئەمەلنىڭ قوبۇل بولۇشىنى ئۈمىد قىلىپ ئاللاھ بىلەن ئۆزى ئوتتۇرىسىدا بىرەر نەرسىنى ۋاسىتە قىلىش ئارقىلىق ئاللاھقا يېقىنلىشىش دېمەكتۇر. ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ۋەسىلە ئۆزىنىڭ ياخشى ئەمەللىرىنى ۋاسىتە يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا اتَّقُوا اللَّهَ وَابْتَغُوا إِلَيْهِ الْوَسِيلَةَ وَجَاهِدُوا فِي سَبِيلِهِ  تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر! مەقسەتكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقۇڭلار، ئاللاھقا تائەت ـ ئىبادەت قىلىش، گۇناھلاردىن ساقلىنىشتىن ئىبارەت ئۆز ئەمەللىرىڭلار بىلەن يېقىنچىلىقنى تىلەڭلار.» [سۈرە مائىدە 35 ـ ئايەت].
    ۋەسىلە ئىككى تۈرلۈك بولۇپ، ئۇنىڭ بىرى، يولغا قويۇلغان ۋەسىلە، يەنە بىرى، مەنئى قىلىنغان ۋەسىلەدۇر.
    بىرىنچى: يولغا قويۇلغان ۋەسىلە ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى:
    1- ئاللاھقا ئۇنىڭ ئىسىم ـ سۈپەتلىرى بىلەن ۋەسىلە قىلىش. ئاللاھ تائالا گۈزەل ئىسىم ۋە ئالى سۈپەتلىرى بىلەن ۋەسىلە قىلىپ دۇئا وَلِلَّهِ الْأَسْمَاءُ الْحُسْنَى فَادْعُوهُ بِهَا وَذَرُوا الَّذِينَ يُلْحِدُونَ فِي أَسْمَائِهِ سَيُجْزَوْنَ  تەرجىمىسى: «ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىملىرى بار، ئاللاھنى شۇ گۈزەل ئىسىملىرى بىلەن ئاتاڭلار. ئاللاھنىڭ ئىسىملىرىنى كەلسە ـ كەلمەس قوللىنىدىغانلارنى تەرك ئېتىڭلار. ئۇلار ئاخىرەتتە قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ.» [سۈرە ئەئراف 180 ـ ئايەت].
    2- ئاللاھقا بولغان ئىمان ۋە سالىھ ئەمەللىرى بىلەن ۋەسىلە قىلىش. رَبَّنَا إِنَّنَا سَمِعْنَا مُنَادِيًا يُنَادِي لِلْإِيمَانِ أَنْ آَمِنُوا بِرَبِّكُمْ فَآَمَنَّا رَبَّنَا فَاغْفِرْ لَنَا  تەرجىمىسى: «پەرۋەردىگارىمىز! بىز ھەقىقەتەن بىر چاقىرغۇچىنىڭ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ) رەببىڭلارغا ئىمان ئېيتىڭلار دەپ ئىمانغا چاقىرغانلىقىنى ئاڭلىدۇق، ئىمان ئېيتتۇق. پەرۋەردىگارىمىز! بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن، يامانلىقلىرىمىزنى يوققا چىقارغىن، بىزنى ياخشىلارنىڭ قاتارىدا ۋاپات قىلدۇرغىن.» [سۈرە ئال- ئىمران 193 ـ ئايەت].
    بۇخارى ۋە مۇسلىمدا: ئۇچ ئادەمنىڭ بىر غارغا سولىنىپ قالغانلىقى، ئۇلار غاردىن چىقىپ كېتىشكە ھېچقانداق چارە تاپالمىغاندىن كېيىن، ھەر بىرى ئۆزىنىڭ ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن خالىس قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنى ۋەسىلە قىلىپ دۇئا قىلىش نەتىجىسىدە غاردىن چىقىپ كېتىش ئارقىلىق ھاياتلىرىنى ھالاكەتتىن ساقلاپ قالغانلىق قىسسىسى بايان قىلىنغان. [بۇ ھەدىسنىڭ مەزمۇنى بولۇپ، بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].
   3- ئاللاھقا ئۇنىڭ شېرىكتىن پاك، يەككە ـ يېگانە ئىلاھ ئىكەنلىكىنى ۋەسىلە قىلىش. ئاللاھ تائالا يۇنۇس ئەلەيھىسسالامنىڭ بېلىق قارنىدا تۇرۇپ قىلغان ۋەسىلىسىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿فَنَادَىٰ فِي الظُّلُمَاتِ أَن لَّا إِلَـٰهَ إِلَّا أَنتَ سُبْحَانَكَ إِنِّي كُنتُ مِنَ تەرجىمىسى: «پەرۋەردىگارىم! سەندىن بۆلەك ھېچ مەبۇد بەرھەق يوقتۇر. سەن جىمى كەمچىلىكلەردىن پاكتۇرسەن، مەن ھەقىقەتەن ئۆز نەپسىمگە زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن بولدۇم.» [سۈرە ئەنبىيا 87-ئايەت].
    4- ئاللاھقا بولغان ھاجەتمەنلىكنى ۋە ئاجىزلىقنى ئىزھار قىلىش بىلەن ۋەسىلە قىلىش. ئاللاھ تائالا ئەييۇب ئەلەيھىسسالام شۇنداق  تەرجىمىسى: «ئۆز ۋاقتىدا ئەييۇب، پەرۋەردىگارىغا يالۋۇرۇپ: ھەقىقەتەن مېنى قاتتىق كېسەل ئورىۋالدى، سەن ئەڭ مەرھەمەتلىكسەن دەپ نىدا قىلدى.» [سۈرە ئەنبىيا 83 ـ ئايەت].
    5- ئاللاھقا ھايات سالىھ كىشىلەرنىڭ دۇئالىرىنى ۋەسىلە قىلىش. ساھابىلەر مەدىنىدە قۇرغاقچىلىق يۈز بەرگەن ۋاقىتلاردا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۇ تىلەپ دۇئا قىلىپ بېرىشىنى سورايتتى.  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ تاغىسى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ئۆزلىرى ئۈچۈن ئاللاھقا دۇئا قىلىشىنى تەلەپ قىلاتتى. [بۇخارى رىۋايىتى].
    6- ئاللاھقا ئۆز گۇناھىنى ئېتىراپ قىلىپ، ئۇنىڭدىن يانغانلىقىنى «پەرۋەردىگارىم! مەن ھەقىقەتەن ئۆزۈمگە زۇلۇم قىلدىم. ماڭا مەغپىرەت قىلغىن.» [سۈرە قەسەس 16 ـ ئايەت].
    ئىككىنچى: مەنئى قىلىنغان ۋەسىلە.
مەنئى قىلىنغان ۋەسىلە- ئۆلۈكلەردىن ياردەم ۋە مەدەت تىلەش، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شان-شەرىپىنى، بەزى كىشىلەرنىڭ شەخشىيىتى ۋە ھۆرمىتىنى ۋەسىلە قىلىش دېمەكتۇر. بۇلارنىڭ تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە:
    1- ئۆلۈكلەردىن دۇئا تىلەش توغرا ئەمەس. چۈنكى ئۆلۈكلەر تىرىكلەرنىڭ دۇئالىرىغا موھتاجدۇر. ئۇلار تىرىكلەرگە دۇئا بېرىشكە ۋە ئۇلارنىڭ ھاجەتلىرىنى راۋا قىلىشقا قادىر ئەمەستۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن، ئۇنىڭ روھىدىن ياكى ئۇنىڭ قەبرىسىدىن دۇئا ۋە شاپائەت سورىغان ئەمەس. مەدىنىدە قەھەتچىلىك بولغان ۋاقىتتا ئۆمەر ئىبنى خەتتاب ۋە مۇئاۋىيە ئىبنى ئەبى سۇپيان ۋە ئۇلار بىلەن بىرگە بولغان ساھابىلار، شۇ ۋاقىتتا ھازىر بولغان ئابباس ۋە يەزىد ئىبنى ئەسۋەد قاتارلىق پىشقەدەم ساھابىلەرنى ئاللاھقا ۋەسىلە قىلىپ يامغۇر ياغدۇرۇپ بىرىشىنى تىلەپ دۇئا قىلغان. ئۆمەر ئىبن خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ  ئاللاھقا مۇناجات قىلىپ مۇنداق دېگەن: «ئى ئاللاھ! بىز پەيغەمبىرىمىزنى ساڭا ۋەسىلە قىلىپ سەندىن سۇ تەلەب قىلغىنىمىزدا بىزگە سۇ ئاتا قىلغان ئىدىڭ. ئەمدى پەيغەمبىرىمىز ھايات بولمىغانلىقتىن، ئۇنىڭ تاغىسى ئابباسنى ساڭا ۋەسىلە قىلىپ ساڭا دۇئا قىلىۋاتىمىز. بىزگە يامغۇر ياغدۇرۇپ بەرگىن.» ئۆلۈكلەردىن دۇئا تىلەش ياكى مەدەت ـ ياردەم سوراش، دۇئادا ۋەسىلە قىلىش توغرا بولغان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە ساھابىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قەبرىسىگە كىلىپ دۇئالىرىدا ئۇنى ۋەسىلە قىلغان بولاتتى.  
    2- دۇئادا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۆرمىتىنى ۋەسىلە قىلىش، شۇنىڭدەك ئۇنىڭدىن باشقىلارنىڭمۇ ھۆرمىتىنى ۋەسىلە قىلىپ دۇئا قىلىش دۇرۇس ئەمەس. "رەسۇلۇللاھنىڭ ھۆرمىتىنى ۋەسىلە قىلىپ دۇئا قىلىشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى: «ئەگەر ئاللاھتىن ھاجىتىڭلارنى سورىساڭلار، مېنىڭ ھۆرمىتىمنى ۋەسىلە قىلىپ سوراڭلار، چۈنكى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا مېنىڭ ھۆرمىتىم بۈيۇكتۇر» دېگەن ھەدىس يالغان ھەدىستۇر. مۇسۇلمانلار ئاساسلىنىدىغان مەنبە كىتابلارنىڭ ھېچقايسىسىدا يۇقىرىقى ھەدىسنىڭ ساغلام ئىكەنلىكى قەيت قىلىنمىغان. شۇنداقلا ئەھلى ئىلىملارنىڭ بىرەرسىمۇ بۇ ھەدىسنى دەلىل سۈپىتىدە كەلتۈرمىگەن." [پەتىۋالار مەجمۇئەسى 10-توم 319-بەت]. مادامىكى دەلىل ساغلام بولمايدىكەن، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىش دۇرۇس ئەمەس. چۈنكى ئىبادەت ساغلام ۋە روشەن دەلىل بىلەنلا ئىسپاتلىنىدۇ.
    3- مەخلۇقنىڭ مەخلۇقنى دۇئادا ۋەسىلە قىلىشى دۇرۇس ئەمەس. چۈنكى ئاللاھ تائالا مەخلۇقنىڭ ۋەسىلە قىلىنىشىنى دۇئانىڭ ئىجابەت بولىشىدىكى سەۋەبلەردىن قىلمىدى ۋە شەرىئەتتە ھەم يولغا قويمىدى.
    4- مەخلۇقنىڭ ھەققى بىلەن دەپ ۋەسىلە سوراش تۆۋەندىكى ئىككى تۈرلۈك ئىش سەۋەبلىك جائىز ئەمەس.
    بىرىنچى: ئاللاھتا ھېچكىمنىڭ ھەققى يوقتۇر. ئاللاھنىڭ ئىنسانلارغا ئاتا قىلغانلىرى ۋە ۋەدە قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ساخاۋىتىدۇر. ئاللاھنىڭ قۇرئاندىكى: ﴿وَكَانَ حَقًّا عَلَيْنَا نَصْرُ الْمُؤْمِنِينَ﴾ تەرجىمسى: «مۆمىنلەرگە ياردەم قىلىش بىزگە تېگىشلىك بولدى» [سۈرە رۇم 47-ئايەت] دېگىنى ئۇنىڭ مۆمىنلەرگە قىلغان ئىلتىپاتىدۇر. ئۇ بىرەر خىزمەتنىڭ بەدىلى ئەمەستۇر. ئاللاھقا ئىتائەت قىلغۇچى پەزىلەت ۋە نېمەتتىن ئىبارەت ھەرتۈرلۈك مۇكاپاتقا ھەقلىق بولىدۇ. بۇ بىر مەخلۇقتنىڭ باشقا بىر مەخلۇقنىڭ ياخشىلىقىغا ياخشىلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرىشىغا ئوخشىمايدۇ.
   ئىككىنچى:  ئاللاھ تائالا بىرەر بەندىسىگە پەزلى- مەرھەمەت قىلغان بولسا، بۇ  ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىگە خاس ھەققى بۇلۇپ، ئۇنىڭ ئۆزىدىن غەيرى بىلەن ھېچ ئالاقىسى يوقتۇر. كىمكى ۋەسىلە قىلىشقا ھەقلىق بولمىغان نەرسە بىلەن ئاللاھقا ۋەسىلە قىلسا، ئۆزىگە ئالاقىسى يوق نامەلۇم نەرسە بىلەن ۋەسىلە قىلغان بۇلىدۇ. شۇنداقلا مەزكۇر قىلمىشى ئۇ كىشىگە ھېچقانداق پايدا كەلتۈرەلمەيدۇ. ئەمما «سەندىن ھاجىتىنى تىلىگۇچى بارلىق كشىلەرنىڭ ھەققى ھۆرمىتى بىلەن سورايمەن» دېگەن ھەدىسنىڭ ئىسنادى (رىۋايەت يوللىرى) ئەتىيا ئەلئەۋفىگە چېتىلىدىغان بۇلۇپ، ئۆلىمالار مەزكۇر ھەدىسنىڭ زەئىفلىكىدە بىرلىككە كەلگەن. يۇقىرىقىدەك زەئىپ ھەدىسلەر ئەقىدە ئىشلىرىغا تەۋە بولغان ئۇشبۇ مۇھىم مەسىلىدە دەلىل قىلىنمايدۇ. بۇ ھەدىستە، مۇئەييەن بىر شەخىسنىڭ ھەققى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئومۇمەن سورىغۇچىلارنىڭ ھەققى بىلەن ۋەسىلە قىلىش كۆزدە تۇتۇلغان بولۇپ، ئاللاھ ئۆزىگە ئىلتىجا قىلغۇچىلارنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىنىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان. بۇ ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلەر ئۈچۈن ئۆزىگە ئۆزى ۋاجىب قىلغان ھەق بۇلۇپ، بۇنى ئۇ زاتقا ھېچكىم ۋاجىب قىلغان ئەمەس. دېمەك؛ بۇ  ئاللاھ تائالاغا مەخلۇقنىڭ ھەققى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ چىن ۋەدىسىنى ۋەسىلە قىلغانلىقتۇر.

 

 

 


مەخلۇقتىن مەدەت ۋە ياردەم سوراشنىڭ ھۆكمى
    ئىنسانلاردىن مەدەت ۋە ياردەم سوراش تۆۋەندىكىدەك ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:
       1-ھايات كىشىلەردىن ئۇلارنىڭ قۇدرىتى يېتىدىغان ئىشلاردا  تەرجىمىسى: «ياخشى ئىشقا ۋە تەقۋادارلىققا ياردەملىشىڭلار.» [سۈرە مائىدە 2 ـ ئايەتنىڭ بىرقىسمى].
 تەرجىمىسى: «ئۆز قەۋمىدىن بولغان ئادەم دۈشمىنىگە قارشى ئۇنىڭدىن ياردەم تىلىدى.» [سۈرە قەسەس 15-ئايەت].
    2- ئىنسانلاردىن ئۇلارنىڭ قولىدىن كەلمەيدىغان ۋە كۈچى يەتمەيدىغان ئىشلاردا ياردەم سوراش توغرا ئەمەس. مەسىلەن: ئۆلۈكلەردىن ياردەم ۋە مەدەت سوراش، ھايات كىشىلەردىن كېسەللەرگە شىپالىق تىلەشكە ئوخشاش ئۇلارنىڭ قولىدىن كەلمەيدىغان پەقەت ئاللاھنىڭلا قولىدىن كېلىدىغان ئىشلاردا ياردەم سوراش توغرا ئەمەستۇر. بۇلارنىڭ ھەممىسى شېرىكنىڭ تۈرىگە كىرىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە مەدىنىدىكى مۇناپىقلارنىڭ مۇسۇلمانلارغا بولغان ئەزىيەت ۋە زىيانكەشلىكلىرى ھەدەپ كۈچىيىشكە باشلايدۇ. بىر كۈنى  ساھابىلەردىن بىرى: «تۇرۇڭلار بۇ مۇناپىقلارنىڭ زىيانكەشلىكلىرىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن مەدەت سورايلى» دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: «مېنىڭدىن مەدەت سورالمايدۇ، مەدەت پەقەت ئاللاھتىنلا سورىلىدۇ،» دەپ ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن. [تەبەرانىي رىۋايىتى].
     پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، ئاللاھ ئۈچۈنلا قوللىنىلىشقا تېگىشلىك بولغان «مەدەت» سۆزىنىڭ ئۆزى ئۈچۈن قوللىنىلىشىنى ياقتۇرمىغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەينى زاماندا تەۋھىدنىڭ شەنىنى قوغداشقا كۈچى يېتىدىغان تۇرۇپ، رەببىگە بولغان بۈيۇك ئىمان ۋە كەمتەرلىك، ئەدەب-ئەخلاق يۈزىسىدىن، شېرىككە ئىلىپ بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان «مەدەت» كەلىمىسىنىڭ ئۆزى ئۈچۈن قوللىنىشىنى ئىنكار قىلىش ئارقىلىق، ئۈممىتىنى شېرىككە ئىلىپ بارىدىغان بارلىق سۆز ۋە ئىش-ھەرىكەتلەردىن ئاگاھلاندۇرغان بولۇپ، رەسۇلۇللاھنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن قاندقمۇ ئاللاھنىڭ غەيرى قادىر بولالمايدىغان ئىشلاردا ئۇنىڭدىن مەدەت ۋە ياردەم سورالسۇن؟!. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن مەدەت تىلەش جائىز بولمىغان يەردە، باشقىلاردىن مەدەت تىلەش ھەرگىزمۇ توغرا بولمايدۇ ئەلۋەتتە.

 

 

 

 

 

ئۈچىنچى باب
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرى ھەققىدە ئېتىقاد قىلىش زۆرۈر بولغان مەسىلىلەر
   1- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى سۆيۈش ۋە ئۇنى ئۇلۇغلاش ۋاجىپتۇر.
   مۇسۇلمان ھاياتىدىكى ئەڭ ئەھمىيەتلىك سۆيگۈ ئاللاھ سۆيگۈسىدۇر. مۆمىن كىشى ئاللاھنى ھەممىدىن ئارتۇق سۆيىدۇ ۋە چىن قەلبىدىن  تەرجىمىسى: «مۆمىنلەر ئاللاھنى ھەممىدىن ئارتۇق سۆيگۈچىلەردۇر.» [سۈرە بەقەرە 165- ئايەت].
    ئاللاھنىڭ ئىنسانلارغا قىلغان ئېھسانلىرى سان-ساناقسىز بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنساننىڭ ئاللاھنى ھەممىدىن ئارتۇق سۆيۈشىنى تەقەززا قىلىدۇ. ئاللاھ سۆيگۈسىدىن قالسىلا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆيگۈسى كېلىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ئىنسانىيەتنى كۇپرىنىڭ زۇلمەتلىرىدىن ئازات قىلىپ ئىماننىڭ نۇرىغا ئېلىپ چىققان زاتتۇر. شۇ سەۋەبتىنمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى سۆيۈش ئىماننىڭ جۈملىسىدىن سانىلىدۇ ۋە ئىبادەتلەرنىڭ ئېسىلىدۇر. پەيغەمبەرگە ئەگىشىش، ئۇنى سۆيۈش ۋە ئۇنى ئۆزىگە ئۈلگە قىلىش جەننەتكە كىرىشنىڭ ۋاسىتىسىدۇر. پەيغەمبەرگە چىن مۇھەببىتى بولمىغان ئادەم مۆمىن بولالمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «كىمدىكى تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىسلەت بولىدىكەن، ئۇ ئىماننىڭ ھالاۋىتىنى تېتىغان بولىدۇ: ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەر نەرسىدىن سۆيۈملۈك بولۇشى، بىراۋنى دوست تۇتسا پەقەت ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن دوست تۇتۇشى، مۇسۇلمانلىقتىن يېنىپ كېتىشنى ئوتقا تاشلانغاندىنمۇ بەتتەر يامان كۆرۈشى.» [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].
    پەيغەمبەر سۆيگۈسى ئاللاھ سۆيگۈسىگە ئەگىشىپ كىلىدۇ. مۇسۇلمان كىشى ئۈچۈن  ئاللاھ سۆيگۈسىدىن قالسا پەيغەمبەر سۆيگۈسىنىڭ ھەر قانداق سۆيگۈدىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «سىلەرنىڭ ھېچ بىرىڭلار مېنى ئاتىسىدىن، بالىسىدىن ۋە بارلىق كىشىلەردىن ئارتۇق سۆيمىگىچە مۆمىن بولالمايدۇ.» [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].
    مۇسۇلماننىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى جېنىدىنمۇ ئارتۇق كۆرۈشنىڭ ۋاجىپلىقى توغرىسىدا ھەدىس بايان قىلىنغان. «بىر كۈنى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا، يارەسۇلەللاھ! ھەقىقەتەن سىلە مېنىڭ ئۈچۈن جېنىمدىن باشقا ھەممە نەرسىدىن سۆيۈملۈكراق — دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ،  ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مېنى جېنىڭدىنمۇ ئارتۇق سۆيمىگىچە ھەقىقىي مۆمىن بولالمايسەن، دەيدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ:  سىلە مەن ئۈچۈن ھازىردىن باشلاپ مېنىڭ جېنىمدىنمۇ سۆيۈملۈك دېگىنىدە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: ئەي ئۆمەر ئەمدى بولدى (يەنى ئەمدى ئىمانىڭ كامىل بولدى) دەيدۇ.» [بۇخارى رىۋايىتى].
    يۇقىرىقى ھەدىس پەيغەمبەر سۆيگۈسىنىڭ ئاللاھ سۆيگۈسىدىن قالسا ئەڭ ئەھمىيەتلىك سۆيگۈ ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. پەيغەمبەرنى سۆيۈش ئىماننىڭ تەقەززاسىدۇر. بۇ ئەينى ۋاقىتتا ئۇنى ئاللاھ ئۈچۈن سۆيگەنلىكتۇر. مۆمىن كىشىنىڭ قەلبىدە ئاللاھ سۆيگۈسىنىڭ يۈكسىلىشى بىلەن پەيغەمبەر سۆيگۈسىمۇ يۈكسىلىدۇ. ئاللاھنى سۆيگەن كىشى ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىمۈ سۆيىدۇ، ئەلۋەتتە. پەيغەمبەرنى سۆيۈش دېگەنلىك ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىش ۋە باشلىغان يولىدا يۈرۈش، ئۇنىڭ مۇبارەك سۆزلىرىنى باشقىلارنىڭ سۆزلىرىدىن ئۈستۈن بىلىش ۋە سۈننىتىنى  ئەھيا قىلىشنى تەقەززا قىلىدۇ. ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئىنسانلاردا بولغان ھەرقانداق سۆيگۈ ئاللاھ سۆيگۈسىگە ئەگىشىپ كىلىشى كېرەك. مەسىلەن: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى سۆيۈش ۋە ئۇنى ئۇلۇغلاش، رەسۇلۇللاھنى ئىنسانىيەتكە رەھمەت قىلىپ ئەۋەتكەن ئاللاھنى سۆيۈشنىڭ جۈملىسىدىندۇر. ئىسلام ئۈممىتى ئاللاھنى ئۇلۇغلاش يولىدا ئۇنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى سۆيىدۇ ۋە كاتتىلايدۇ. شۇنىڭدەك رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ياخشى كۆرۈش ئاللاھ سۆيگۈسى  بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىكتۇر.
    ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يۈز ئابرۇي ۋە سۆيگۈ چۈشۈردى. شۇنىڭ ئۈچۈن سەھابە كىراملارنىڭ قەلبىدە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن سۈرلۈكراق ۋە ئىززەتلىكراق بىرەر ئىنسان مەۋجۇت ئەمەس ئىدى. ئەمرۇ ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئىسلامغا كىرگەندىن كىيىن مۇنداق دەيدۇ: «ئىسلامغا كىرىشتىن ئىلگىرى ھېچكىمنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى يامان كۆرگەندەك يامان كۆرمەيىتتىم، مۇسۇلمان بولغىنىمدىن كىيىن ھېچكىم مەن ئۈچۈن ئۇ زاتتىن سۆيۈملۈكراق بولماي قالدى. ئەگەر سىلەرگە ئۇ زاتنى سۈپەتلەپ بىرىش مەندىن تەلەپ قىلىنسا، سۈپەتلەپ بىرەلمىگەن بولار ئىدىم. چۈنكى مەن رەسۇلۇللاھنى ئۇلۇغ سانىغانلىقىمدىن، ئۇ زاتقا تىكىلىپ قارىيالمايتتىم.» [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].
    ئۇرۋە ئىبنى مەسئۇد قۇرەيشلەرگە مۇنداق دېگەن: "ئى قەۋم! مەن كىسراغا، قەيسەرگە ۋە باشقا پادىشاھلارغا ئەلچى بولۇپ باردىم. ئەمما قەۋملىرى ئىچىدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن بەكراق ئۇلۇغلىنىدىغان بىرەر پادىشاھنى كۆرمىدىم. ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى ئۇنى ئۇلۇغلىغانلىقتىن ئۇنىڭغا تىكىلىپ قارىمايدۇ، تۇكۇرسە ئۇلارنىڭ بىرەرسىنىڭ ئالقانلىرىغا چۈشىدۇ-دە، ئۇنى يۈز ۋە كۆكرەكلىرىگە سۈرتۈشىدۇ، ھەتتا ئۇنىڭ تاھارىتىدىن ئاشقان سۇنى تالىشىپ كېتىشىدۇ." [جەلائۇل ئەفھام ناملىق ئەسەر 120-121-بەتلەرگە قارالسۇن].
    2- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى مەدھىيىلەشتە چەكتىن ئاشماسلىق.
    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىنىڭ ئۇنى مەدھىيىلەشتە شەرىئەتنىڭ كۆرسەتمىلىرىدىن چەتنەپ كېتىشتىن توساپ مۇنداق دېگەن: «خرىستىئانلار مەريەم ئوغلى ئىيسانى مەدھىيىلەشتە دىننىڭ بەلگىلىمىسىدىن چەتنەپ كېتىپ، ئۇنى ئىلاھ قىلىۋالغاندەك، مېنى مەدھىيىدە ئاشۇرىۋەتمەڭلار. مەن پەقەت بەندە. مېنى ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسى دەڭلار.» [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى]. يەنى ناسارالار ئەيسا ئەلەيھىسسالامنى مەدھىلەشتە چەكتىن ئاشۇرۇپ ئىلاھلىق دەرىجىسىگە كۆتۈرگەندەك، مېنى يالغان ماختاشلار بىلەن ماختىماڭلار. مېنى رەببىم نېمە بىلەن سۈپەتلگەن بولسا، شۇنىڭ بىلەن سۈپەتلەڭلار. مېنى ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەڭلار.»
    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بەزى ساھابىلەر: «"ئۆزلىرى بىزنىڭ خوجىمىز" دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا رەددىيە بېرىپ: "خوجا ئاللاھ تائالادۇر".» دېگەن. [ئەبۇ داۋۈد رىۋايىتى].
     كىشىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: «يارەسۇلۇللاھ! سىز بىزنىڭ ئەڭ ياخشى كىشىمىز، ياخشىمىزنىڭ ئوغلىسىز، سىز بىزنىڭ خوجىمىزسىز، خوجىمىزنىڭ ئوغلىسىز! دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا رەددىيە بېرىپ، ئەي ئىنسانلار! مېنىڭ ھەققىمدە توغرا سۆز قىلىڭلار. شەيتان سىلەرنى ئازدۇرمىسۇن. مەن ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ۋە ئۇنىڭ بەندىسى بولغان مۇھەممەدمەن. سىلەرنىڭ مېنى ئاللاھ مېنى كۆتۈرگەن بۇ مەرتىۋىدىن ئاشۇرۇۋېتىپ دىننىڭ بەلگلىمىسىدىن چەتنەپ كېتىشىڭلارنى ياقتۇرمايمەن،» دېگەن. [ئەھمەد رىۋايىتى].
    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئىپتىخارى ۋە ھەممىنىڭ سەرخىلىدۇر. ئۇ شۇنداق تۇرۇپ يەنىلا ئۆزى ئۈچۈن "بىزنىڭ خوجىمىز، ئۇلۇغىمىز ۋە ياخشىمىز، ئەۋزىلىمىز" دېگەندەك ئىبارىلەرنىڭ قوللىنىلىشىنى ياقتۇرمىغان. بۇ ئىبارىلەر گەرچە خاتا ياكى مۇبالىغە بولماستىن توغرا مەدھىيە بولسىمۇ، كېيىنكىلەرنىڭ ئاشۇرىۋېتىپ ئۇنى پەيغەمبەرگە مۇناسىپ كەلمەيدىغان ئىلاھىي سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەش دەرىجىسىگە يېتىپ قېلشىدىن ئېھتىيات قىلىپ، بۇ ئىبارىلەرنى ئۆزى ئۈچۈن قوللىنىشتىن كىشىلەرنى مەنئى قىلغان. شۇنداقتىمۇ بەزى تائىپىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەۋسىيەلىرىگە خىلاپلىق قىلىپ كەلمەكتە. ئۇنى مەدھىيىلەش ۋە ئۇنىڭغا ئىخلاس قىلىش شۇئارى ئاستىدا ئۇنىڭدىن ھاجەتلىرىنى سورايدىغان، قەسەم قىلغاندا ئۇنىڭ نامىنى ئاتايدىغان، شۇنداقلا ئاللاھنىڭ ھەققى بىلەن پەيغەمبەر ھەققىنى پەرق قىلماستىن شېرىككە ئىلىپ بارىدىغان بىدئەتلەرنى سادىر قىلدى ۋە قىلىۋاتىدۇ.
   3-مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مەرتىۋىسى.
   پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى مەدھىيىلىگەندە، ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ نەزىرىدىكى يۇقىرى مەرتىۋىسىنى سۆزلەش، ئاللاھ ئۇنىڭغا ئاتا قىلغان ئىنئاملارنى بايان قىلىش ھېچ مۇبالىغە قىلغانلىق ئەمەستۇر. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھ نەزىرىدىكى مەرتىۋىسى، دەرىجىسى ۋە ئورنى ھەقىقەتەن يوقىرىدۇر. شۇنداقلا ئۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەۋزىلى ۋە تۇگەنجىسىدۇر. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن كىيىن ھېچ پەيغەمبەر كەلمەيدۇ. ئۇ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، ئىنسانلارنىڭ سەرخىلى، گۈزەل ئەخلاقلارنىڭ ئۈلگىسى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ سەردارىدۇر. سائادەت بىلەن بەخت ئۇنىڭ يولىغا ئەگىشىشتە، شاقاۋەت بىلەن  پۇشايمان ئۇنىڭ يولىدىن يۈز ئۆرۈشتىدۇر. ئۇ قىيامەت كۈنىدىكى بۈيۈك شاپائەت  تەرجىمىسى: «ئى پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭنىڭ سېنى مەدھىيىلىنىدىغان ئورۇنغا يەنى بۈيۈك شاپائەت مەقامىغا تۇرغۇزۇشى مۇقەررەردۇر.» [سۈرە ئىسرا 79-ئايەت]. قىيامەت كۈنىدىكى بۈيۈك شاپائەت مەقامى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغىلا بېرىلگەن ئالاھىدە بىر ئىمتىيازدۇر. باشقا ھېچقانداق پەيغەمبەرنىڭ شاپائەت قىلىشتىن نېسىۋىسى يوقتۇر. ئاللاھ مۆمىنلەرنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئالىي ھۆرمەت بىلدۈرۈشكە چاقىرىدۇ. ھەتتا رەسۇلۇللاھ بار جايدا ساھابىلارنىڭ يۇقىرى ئاۋاز بىلەن سۆزلىشىشنى ئۇنىڭغا ھۆرمەتسىزلىك قىلغانلىق دەپ سانىغان. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا لَا تُقَدِّمُوا بَيْنَ يَدَيِ اللَّهِ وَرَسُولِهِ وَاتَّقُوا اللَّهَ إِنَّ اللَّهَ سَمِيعٌ عَلِيمٌ  يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا لَا تَرْفَعُوا أَصْوَاتَكُمْ فَوْقَ صَوْتِ النَّبِيِّ وَلَا تَجْهَرُوا لَهُ بِالْقَوْلِ كَجَهْرِ بَعْضِكُمْ لِبَعْضٍ أَنْ تَحْبَطَ أَعْمَالُكُمْ وَأَنْتُمْ لَا تَشْعُرُونَ  إِنَّ الَّذِينَ يَغُضُّونَ أَصْوَاتَهُمْ عِنْدَ رَسُولِ اللَّهِ أُولَئِكَ الَّذِينَ امْتَحَنَ اللَّهُ قُلُوبَهُمْ لِلتَّقْوَى لَهُمْ مَغْفِرَةٌ وَأَجْرٌ عَظِيمٌ  إِنَّ الَّذِينَ يُنَادُونَكَ مِنْ وَرَاءِ الْحُجُرَاتِ أَكْثَرُهُمْ لَا يَعْقِلُونَ  وَلَوْ أَنَّهُمْ صَبَرُوا حَتَّى تَخْرُجَ إِلَيْهِمْ لَكَانَ خَيْرًا لَهُمْ وَاللَّهُ  تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر! سىلەر ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئالدىدا (ھېچقانداق بىر ئىشنى ۋە سۆزنى) ئالدى بىلەن قىلماڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن سۆزۈڭلارنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، نىيىتىڭلارنى ۋە ئەھۋالىڭلارنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. ئى مۆمىنلەر پەيغەمبەرگە سۆز قىلغان چېغىڭلاردا ئاۋازىڭلارنى پەيغەمبەرنىڭ ئاۋازىدىن يۇقىرى قىلماڭلار، سىلەر بىر ـ بىرىڭلار بىلەن توۋلاپ يۇقىرى ئاۋازدا سۆزلەشكەندەك، پەيغەمبەرگە يۇقىرى ئاۋازدا سۆز قىلماڭلار، ئۇنداق قىلساڭلار ئۆزلىرىڭلار تۇيماستىن، قىلغان ياخشى ئەمەللىرىڭلار بىكار بولۇپ كېتىدۇ. شۈبھىسىزكى، پەيغەمبەرنىڭ يېنىدا پەس ئاۋازدا گەپ قىلغانلارنىڭ دىللىرىنى ئاللاھ تەقۋا بىلەن سىنىغان، ئۇلار مەغپىرەت ۋە كاتتا ساۋابقا ئېرىشىدۇ. شۈبھىسىزكى سېنى ھۇجرىلار(يەنى پاك ئاياللىرىڭنىڭ تۇرالغۇ جايلىرى) ئارقىسىدىن توۋلايدىغانلارنىڭ تولىسى ئەقىلسىز كىشىلەردۇر. سەن ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىققىنىڭغا قەدەر ئۇلار سەۋر قىلىپ تۇرۇشسا، ئۇلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە ياخشى بولاتتى. ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر.» [سۈرە ھۇجۇرات 2-3-4-5- ئايەتلەر].
    ئىمام ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: "ئاللاھ بۇ ئايەتلەردە، مۆمىنلەرنىڭ پەيغەمبەرنى قانداق ھۆرمەتلىشى كېرەكلىكىنى، ئۇنى قانداق ئۇلۇغلىشى ۋە ئۇنىڭغا قانداق ئىتائەت قىلىشى لازىملىقىنى ئۆگەتكەن بولۇپ، مۆمىنلەرنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى چاقىرغان چېغىدا ئۇنىڭ ئىسمى بىلەن ئى پەيغەمبەر! دەپ چاقىرماستىن، بەلكى ئى رەسۇلۇللاھ! دەپ  تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر! پەيغەمبەرنى سىلەر بىر - بىرىڭلارنى چاقىرغاندەك چاقىرماڭلا.» [سۈرە نۇر 63-ئايەت].
   ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ شەنىنى كۆتۈرگەنلىكتىن،  تەرجىمىسى: «ئاللاھ ھەقىقەتەن پەيغەمبەرگە رەھمەت يوللايدۇ، پەرىشتىلەرمۇ ھەقىقەتەن پەيغەمبەرگە مەغپىرەت تەلەپ قىلىدۇ. ئى مۆمىنلەر! سىلەر پەيغەمبەرگە دۇرۇت ئېيتىڭلار ۋە ئامانلىق تىلەڭلار.» [سۈرە ئەھزاب 56-ئايەت].
    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ئېيتىشنىڭ (قۇرئان ۋە سۈننەتتە كۆرسىتىلگەندىن باشقا) بەلگىلەنگەن ۋاقىتى ياكى ئۈسلۈبى يوقتۇر. قانداقلا ۋاقىتتا ئۇنىڭغا دۇرۇت ئېيتسا بولىدۇ. ئەمما رەسۇلۇللاھقا دۇرۇت ئېيتىش، ئۇنىڭ ئىش ـ ئىزلىرىنى ئەسكە ئېلىش ئۈچۈن ئايرىم ۋاقىت بەلگىلىۋېلىش (يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى دەپ بىر كۈننى خاسلاشتۇرۇش) قاتارلىقلار بىدئەتتۇر.
    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ھۆرمەتلەش بولسا، ئۇنىڭ سۈننەتلىرىنى ئۇلۇغلاش ۋە ئەمەل قىلىش ئارقىلىق ۋۇجۇتقا چىقىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرى ئۇلۇغلاش ۋە ئەمەل قىلىشتا قۇرئاندىن قالسىلا ئىسلام دىنىنىڭ ئىككىنچى دەستۇرىدۇر. چۈنكى ئۇ ئاللاھ تەرجىمىسى: «ئۇ ئۆز نەپسىي خاھىشى بويىچە سۆزلىمەيدۇ. پەقەت ئۇنىڭغا چۈشۈرۈلگەن ۋەھيىنىلا سۆزلەيدۇ.» [سۈرە نەجىم 3-4-ئايەتلەر].
    مۇسۇلمان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىدىن شۈبھىلىنىش ياكى شەنىنى چۈشۈرۈش قاتارلىق ئىشلاردىن ساقلىنىشى لازىم. شۇنداقلا رىۋايەت يوللىرى ۋە سەنەدلىرىنى سەھىھ ياكى زەئىپكە چىقىرىش ئۈچۈن، ھەدىس ئىلمىگە ئائىت ئىشلاردا چوڭقۇر ئىلىمگە ئىگە بولىشى لازىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرى ھەققىدە جاھىلانە جۈرئەت بىلەن سۆزلىگۈچىلەر كۆپەيگەن ھازىرقى دەۋردە، خۇسۇسەن تەلىم ئېلىشنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى ياشلار ئۆزلىرى ئوقۇپ چىققان بەزى كىتابلارغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ ھەدىسلەرگە سەھىھ ياكى زەئىپ دەپ باھا بېرىش، راۋىلار توغرىسىدا بىلمەي تۇرۇپ ئۇلارغا تىل ئۇزۇتۇش قاتارلىق ئىشلارنى سادىر قىلماقتا. بۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلارنىڭ مەزكۇر شەخسلەر ۋە مۇسۇلمانلارغا زېيىنى ئىنتايىن زور بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاللاھتىن قورقىشى ۋە بۇ ھەقتە ھەددىدىن ئاشماسلىقى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

 


مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىتائەت قىلىش ۋە ئۇنىڭ يولىغا ئەگىشىشنىڭ ۋاجىپلىقى توغرىسىدا
    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇيرىغانلىرىنى ئورۇنداش ۋە ئۇنىڭ مەنئى قىلغان ئىشلىرىدىن چەكلىنىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىش ئىماننىڭ تەلىپىدۇر. مانا بۇ: «مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىمەن» دېگەن شاھادەت كەلىمىسىنىڭ تەقەززاسىدۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى بايان قىلىپ  تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار.» [سۈرە نىسا 59 ـ ئايەت].   
 تەرجىمىسى: «كىمكى پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىدىكەن، ئۇ ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان بولىدۇ.» [سۈرە نىسا 80- ئايەت].
    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَأَطِيعُوا الرَّسُولَ لَعَلَّكُمْ تُرْحَمُونَ﴾ تەرجىمىسى: «ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار.» [سۈرە نۇر 56-ئايەت].
    ئاللاھ پەيغەمبەرگە ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى  تەرجىمىسى: «پەيغەمبەرنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار دۇنيادا چوڭ بىر پىتنىگە يولۇقۇشتىن، يا ئاخىرەتتە قاتتىق بىر ئازابقا دۇچار بولۇشتىن قورقسۇن.» [سۈرە نۇر 63 ـ ئايەت].
    ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ئەگىشىشنىڭ جەننەتكە، ئاللاھنىڭ مەغپىرىتى ۋە مۇھەببىتىگە ئېرىشىشنىڭ قُلْ إِنْ كُنْتُمْ تُحِبُّونَ اللَّهَ فَاتَّبِعُونِي يُحْبِبْكُمُ اللَّهُ وَيَغْفِرْ لَكُمْ ذُنُوبَكُمْ وَاللَّهُ  تەرجىمىسى: «ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى، ‹ئەگەر سىلەر ئاللاھنى دوست تۇتساڭلار ماڭا ئەگىشىڭلاركى، ئاللاھ سىلەرنى دوست تۇتىدۇ، ئۆتكەنكى گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن گۇناھلارنى مەغڭىرەت قىلغۈچىدۇر، بەندىلىرىگە شەپقەتلىكتۇر›.» [سۈرە ئال- ئىمران 31 ـ ئايەت].
    ئاللاھ پەيغەمبەرگە ئەگىشىشنىڭ ھىدايەت ۋە ئۇنىڭغا  تەرجىمىسى: «ئەگەر پەيغەمبەرنىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلساڭلار ھىدايەت يەنى توغرا يول تاپىسىلەر.» [سۈرە نۇر 54ـ ئايەت].
فَإِنْ لَمْ يَسْتَجِيبُوا لَكَ فَاعْلَمْ أَنَّمَا يَتَّبِعُونَ أَهْوَاءَهُمْ وَمَنْ أَضَلُّ مِمَّنَ اتَّبَعَ هَوَاهُ  تەرجىمىسى: «ئەگەر ئۇلار ساڭا ئەگىشىشكە كەلمىسە، بىلگىنكى، ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىنىڭ نەپسىي خاھىشىغىلا ئەگىشىدۇ. ئاللاھ ۋەھىي قىلغان توغرا يولنى قويۇپ نەپسىي خاھىشىغا ئەگەشكەن  ئادەمدىنمۇ ئازغۇن ئادەم بارمۇ؟! ئاللاھ ھەقىقەتەن زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ.» [سۈرە قەسەس 50 ـ ئايەت].
    ئاللاھ تائالا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئەڭ لَقَدْ كَانَ لَكُمْ فِي رَسُولِ اللَّهِ أُسْوَةٌ حَسَنَةٌ لِمَنْ كَانَ يَرْجُو اللَّهَ وَالْيَوْمَ الْآَخِرَ  تەرجىمىسى: «سىلەرگە ـ ئاللاھنى، ئاخىرەت كۇنىنى ئۈمىد قىلغان ۋە ئاللاھنى كۆپ ياد ئەتكەنلەرگە — رەسۇلۇللاھ ئەلۋەتتە ياخشى ئۈلگىدۇر. ئاللاھنى كۆپ ياد قىلىڭلار.» [سۈرە ئەھزاب 21-ئايەت].
    ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ئايەت كەرىمە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى سۆز ۋە ئەمەلدە، شۇنداقلا بارچە ھالەتلەردە نەمۇنە قىلىشنىڭ كاتتا دەلىلىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەم ئاللاھ تائالا ‹‹ئەھزاب›› كۈنىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سەۋر-تاقىتى، چىدام-غەيرىتى ۋە جىھاتلىرىنى، رەببىدىن كەڭرىلىك ۋە يۇرۇقلۇق كۈتۈشلىرىنى ئۆرنەك ۋە نەمۇنە قىلىشقا بۇيرۇدى. قىيامەت كۈنىگىچە ئۇ زاتقا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتى ۋە سالاملىرى بولسۇن!".
    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىش ۋە ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشنىڭ مۇسۇلمانلار ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ كەلگەن ئايەت ۋە ھەدىسلەر ناھايىتى كۆپ بولۇپ، قۇرئاندا بۇ مەسىلە قىرىقتىن كۆپرەك ئايەتتە بايان قىلىنغان. چۈنكى ئىنسانلار پەقەت پەيغەمبەرگە ئەگىشىش ئارقىلىقلا ئۇنىڭغا كەلگەن ھەقىقەتلەرنى تونۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولالايدۇ. ئىنسانلار ئىلاھي ھەقىقەتلەرنى بىلىشكە زور ئېھتىياجلىقتۇر. ئىنسانلارنىڭ ماددىي ئوزۇقلىنىشى كۈندىلىك يېمەك ـ ئىچمەكلەر بىلەن بولغىنىدەك، ئۇلارنىڭ مەنىۋى جەھەتتىكى ئۇزۇقى پەيغەمبەر ئاللاھ تەرىپىدىن ئېلىپ كەلگەن ھەقىقەتلەرنى ئۆگىنىش ۋە ئۇنىڭ روھىغا ئەمەل قىلىش بىلەن بولىدۇ. پەيغەمبەرنىڭ بۇ ئۇلۇغ سوۋغىسىدىن مەھرۇم قالغانلار شاقاۋەت ئىگىلىرىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىبادەتلەرنى ئادا قىلغاندا ئۆزىگە ئەگىشىشكە، يەنى ئۆزى قانداق ئادا قىلىشقا بۇيرۇلغان بولسا باشقىلارنىمۇ شۇ ھالەتتە ئادا قىلىشقا بۇيرىدى.
    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىبادەتلەرنى ئادا قىلغاندا ئۆزىگە ئەگىشىش، ئۆزى قانداق ئادا قىلىشقا بۇيرۇلغان بولسا باشقىلارنىمۇ شۇ ھالەتتە ئادا قىلىشقا بۇيرۇپ مۇنداق دەيدۇ: «مىېنىڭ ناماز ئۇقۇغۇنىمدەك ناماز ئۇقۇڭلار!.» [بۇخارى رىۋايىتى].
    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ھەج ئىبادەتلىرىڭلارنى مەندىن ئۈگۈنۈڭلار.» [مۇسلىم رىۋايىتى].
    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى بىزنىڭ دىنىمىزدا يوق بىر ئىشنى پەيدا قىلىدىكەن رەت قىلىنىدۇ (يەنى قوبۇل قىلىنمايدۇ).» [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].
    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى مېنىڭ سۈننىتىمدىن يۈز ئۆرۈسە ئۇ مەندىن ئەمەس.» [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].
    يۇقىرىقى دەلىللەردىن باشقا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىشكە بۇيرۇپ، ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلىشتىن چەكلىگەن نۇرغۇن سەھىھ ھەدىسلەر مەۋجۇتتۇر.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ئېيتىشنىڭ زۆرۈرلىكى توغرىسىدا
    ئاللاھ تائالا ئىسلام ئۈممىتى ئۈستىگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ۋە سالام يوللاشنى پەرز قىلىپ بەلگىلىدى. ئاللاھ قۇرئان  تەرجىمىسى: «ئاللاھ ھەقىقەتەن پەيغەمبەرگە رەھمەت يوللايدۇ. پەرىشتىلەرمۇ ھەقىقەتەن پەيغەمبەرگە مەغپىرەت تىلەيدۇ. ئى مۆمىنلەر! سىلەر پەيغەمبەرگە دۇرۇت ئېيتىڭلار ۋە ئامانلىق تىلەڭلار.» [سۈرە ئەھزاب 56 -ئايەت].
    «ئاللاھ تائالانىڭ دۇرۇت ۋە سالامى بولسا؛ پەرىشتىلەر ھوزۇرىدا رەسۇلۇللاھنى مەدھىيەلىشى، پەرىشتىلەرنىڭ دۇرۇت ۋە سالامى بولسا؛ دۇئا قىلىشى، ئىنسانلارنىڭ دۇرۇت ۋە سالامى بولسا؛ ئىستىغپار ئېيتىشتۇر.» [بۇخارى ئەبۇ ئالىيەدىن بايان قىلغان].
    ئاللاھ تائالا يۇقىرىقى ئايەتتە، بەندىسى ۋە پەيغەمبىرىنىڭ ئۆز ھۇزۇرىدىكى ئالى مەرتىۋىسى توغرىسىدا خەۋەر بەردى. يەنى ئاللاھ تائالا ئۇ زاتنى ئۆزىگە ئەڭ يىقىن پەرىشتىلەر ھۇزۇرىدا ماختىدى. پەرىشتىلەر رەسۇلۇللاھقا دۇرۇت ۋە سالام يوللىدى. ئاللاھ تائالا ئاسمان ۋە زېمىن ئەھلىنىڭ مەدھىيلىرىنىڭ بىرلىشىشى ئۈچۈن دۇنيا ئەھلىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ۋە سالام يوللاشقا بۇيرىدى. «دۇرۇت ئېيتىڭلار» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى، ئىسلام سالىمى بىلەن سالام بىرىڭلار دېگەنلىكتۇر. ئەگەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ئېيتىلسا، سالام باراۋەر ئېيتلىشى كىرەك. «سەللەللاھۇ ئەلەيھى» ياكى «ئەلەيھىسسالام» دېمەستىن، بەلكى «سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم» دەپ ھەر ئىككىلىسىنى تولۇق ئېيتىش ۋاجىپتۇر.
    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ئېيتىش ئۇنىڭ مۇسۇلمانلار ئۈستىدىكى ھەقلىرىنى ئادا قىلىشنىڭ بىر ۋاسىتىسىدۇر. پەيغەمبەرگە دۇرۇت ئېيتىش بەزى ئورۇنلاردا پەرز ۋە بەزى ئورۇنلاردا سۈننەتتۇر. ئىمام ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ "جەلائۇل ئەفھام" ناملىق ئەسىرىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ئېيتىش زۆرۈر بولغان ئورۇنلاردىن قىرىق بىر ئورۇننى بايان قىلغان. ئۇ دۇرۇت ئېيتىشنىڭ ئەڭ ئەھمىيەتلىك ئورۇنلىرىدىن بىرى نامازنىڭ ئاخىرقى تەشەھھۇدىدا ئولتۇرۇش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئىسلام دۇنياسىنىڭ مەشھۇر ئالىملىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ئېيتىشنىڭ دىندا يولغا قويۇلغانلىقىغا بىرلىككە كەلگەن بولسا، ئۇنىڭ تەشەھھۇدتا ئوقۇلىشىنىڭ ۋاجىپلىقى توغرىسىدا ئوخشىمىغان قاراشلاردا بولغان. ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ئېيتىلىدىغان ئورۇنلارنىڭ بايانىغا داۋام قىلىپ، ۋىتىر نامىزىنىڭ قۇنۇتىدا، جۈمە ۋە ھېيت نامازلىرىنىڭ خۇتبىلىرىدا، ئىستىسقا (سۇ تىلەش) نامىزىدا، ئەزاندىن كېيىن، دۇئادا، مەسچىتكە كېرىش ۋە چىقىشتا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تىلغا ئېلىنغاندا، نامازنىڭ ئاخىرىقى تەشەھھۇدىدا ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئورۇنلاردا ئۇنىڭغا دۇرۇت ئېيتىشنىڭ مۇھىملىقىنى سۆزلىگەن.
    ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ئېيتىشنىڭ پايدىلىرىدىن قىرىق بىر پايدىنى بايان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ بەزىسى تۆۋەندىكىچە: ئاللاھنىڭ ئەمرىنى ئورۇنلىغانلىق ئۈچۈن ساۋابقا ئېرىشىش، دۇئانىڭ ئىجابەت بولۇشى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شاپائىتىگە ئېرىشىش، گۇناھلارنىڭ مەغپىرەت قىلىنىشى، بىر قېتىم دۇرۇت-سالام يوللىغۇچىغا ئاللاھ تائالادىن ئون رەھمەت سالامىنىڭ ھاسىل بولىشى، دۇرۇت ۋە سالام يوللىغۇچىغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ جاۋاپ بېرىشىدىن ئىبارەت كوپلىگەن مەنپەئەتلەر بارلىققا كىلىدۇ.

 

 


پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇلارنىڭ مەرتىۋىلىرى
     ئەھلى بەيت: پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى بولۇپ، رەسۇلۇللاھنىڭ قىزلىرى ۋە ئاياللىرى، ئەبۇ تالىپ ۋە ئابباس، ئال-ئۇقەيل ۋە ئابدۇلمۇتتەلىب قاتارلىقلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇلارغا سەدىقە يېيىش   تەرجىمىسى: «ئى پەيغەمبەرنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر‍‍‍! ئاللاھ سىلەردىن گۇناھنى ساقىت قىلىشنى ۋە سىلەرنى تامامەن پاك قىلىشنى خالايدۇ.» [سۈرە ئەھزاب 33 ـ ئايەت].
    ئىمام ئىبنى كەسىر رەھمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "قۇرئانى كەرىم ئايەتلىرىنى تەپەككۇر قىلغان كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرى ھەم  يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان ئايەتتىكى كىشلەر قاتارىغا كىرىدىغانلىقىدىن ھېچ شۈبھىلەنمەيدۇ. ئەسلىدە گەپنىڭ سىياقى ئۇلارغا دالالەت قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا كىينىكى ئايەتتە: ﴿وَاذْكُرْنَ مَا يُتْلَىٰ فِي بُيُوتِكُنَّ مِنْ آيَاتِ اللَّـهِ وَالْحِكْمَةِ﴾ تەرجىمىسى: «ئەي پەيغەمبەر ئاياللىرى! ئۆيلىرىڭلاردا ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىن ۋە ھېكمەت (پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ ھەدىسلىرى) تىن ئۇقۇلۇۋاتقان نەرسىلەرنى ياد ئېتىڭلار» دېدى. [سۈرە ئەھزاب 34-ئايەت]. يەنى؛ سىلەر ئۆيۈڭلەردە، ئاللاھ تائالا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە نازىل قىلغان كىتاب ۋە سۈننەتكە ئەمەل قىلىڭلار.
    قەتادە ۋە ئۇنىڭدىن باشقىلار يۇقىرىدىكى ئايەتنى تەپسىرلەپ مۇنداق دەيدۇ: پۈتۈن ئىنسانلار ئارىسىدا پەقەت سىلەرگىلا خاسلاشتۇرۇلغان بۇ نىېمەتنى ئېسىڭلارغا ئىلىڭلار. ۋەھالەنكى، ۋەھىي باشقىلارنڭ ئۆيلىرىدە ئەمەس، بەلكى سىلەرنىڭ ئۆيلىرىڭلاردا چۈشىۋاتىدۇ. ئائىشە سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۇلار ئىچىدىكى بۇ نېمئەتكە كۆپراق مۇشەررەپ بولغان ۋە بۇ رەھمەتتىن ئەڭ كۆپ بەھرە ئىلىشقا نائىل بولغاندۇر. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامغا ئائىشە سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھۇجرىسىدىن باشقا ئاياللارنىڭ ھۇجرىسدا ۋەھىي نازىل بولمىغان".
    ئەھلى سۈننە مەزھىپى (يەنى ئەقىدىسى قۇرئان ۋە ھەدىسلەرنىڭ روھىغا ئۇيغۇن كەلگەن جامائەت) پەيغەمبەر ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنى ھۆرمەتلەيدۇ ۋە سۆيىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆز ئائىلىسىدىكىلەر توغرۇلۇق قالدۇرغان ۋەسىيەتلىرىگە ئەمەل قىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىغا  مۇنداق دېگەن: «مەن سىلەرنى ئەھلى بەيتىم ھەققىدە ئاللاھتىن قورقۇشۇڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن.» [مۇسلىم رىۋايىتى].
    ئەھلى سۈننە مەزھىبىنىڭ پەيغەمبەر ئائىلىسىدىكىلەرنى سۆيۈشتىكى پىرىنسىپى ئەڭ ئادالەتلىك ۋە توغرا پىرىنسىپتۇر. ئۇلار پەيغەمبەر ئائىلىسىدىكىلەردىن ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ھەقىقىي رەۋىشتە ئەگەشكەن ۋە دىيانەتلىك بولغانلىرىنى سۆيىدۇ ھەم ھۆرمەتلەيدۇ. ئەمما ئىسلام شەرىئىتىنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى گەرچە ئۇلار پەيغەمبەر ئائىلىسىدىن بولسىمۇ دوست تۇتمايدۇ ۋە ھۆرمەت قىلمايدۇ.  ئاللاھنىڭ دىنىغا سادىق بولمىغان قانداقلا كىشى بولمىسۇن، ئۇنىڭ پەيغەمبەرنىڭ تۇغقىنى بولغانلىقىنىڭ ھېچ نەرسىگە پايدىسى يوقتۇر. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا قۇرئاندىن: ﴿وَأَنذِرْ عَشِيرَتَكَ الْأَقْرَبِينَ﴾ تەرجىمىسى: «يېقىن خىش-ئەقرىبالىرىڭنى ئاگاھلاندۇغىن» دېگەن ئايەت چۈشكەندىن كېيىن، ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئى قۇرەيش جامائەسى! ئۆزۈڭلارنى  ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرۇشقا تىرىشىڭلار، مەن سىلەرنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتقۇزالمايمەن. ئى ئابدۇلمۇتتەلىب ئوغلى ئابباس! مەن سېنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرالمايمەن. ئى سەفىييە! مەن سېنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرالمايمەن. ئى پەيغەمبەر قىزى فاتىمە! مەن سىزنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرالمايمەن. ئى قىزىم! مال ـ دۇنيالىرىمدىن مەندىن خالىغانچە سورىسىڭىز بولىدۇ، بۇنىڭغا مېنىڭ كۈچۈم يېتىدۇ. بىراق سىزنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرۇپ قېلىشقا مېنىڭ چامىم يەتمەيدۇ.» [بۇخارى رىۋايىتى].
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمنىڭكى ئەمەلى (سائادەت دەرىجىسگە يېتىشتە) سۇسلاشقان بولسا، نەسەبى ئۇنى تىزلىتەلمەيدۇ.» [مۇسلىم رىۋايىتى].
    ئەھلى سۈننە ۋەلجەمائە؛ شىيئەلەردەك پەيغەمبەر جەمەتىنىڭ بەزىلىرى خۇسۇسىدا ئۇلارنى بارچە گۇناھلاردىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلىشتىن، نەۋاسىبلاردەك ئۇلارنىڭ ئىچىدىن توغرا يولدا ماڭغانلارغا تەنە-تاپا قىلىش ئارقىلىق ئەزىيەت بېرىشتىن، بىدئەت ۋە خۇراپات ئەھلىگە ئوخشاش ئەھلى بەيتنى ئىبادەتتە ئاللاھ تائالاغا ۋەسىلە قىلىدىغان ۋە ئۇلارنىڭ بەزىسىنى ئىلاھلىق دەرىجىسىگە كۆتۈرۈدىغان شېرىك ئەمەللەردىن ئۆزلىرىنى ئادا-جۇدا دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ.
    ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە بۇ ھەقتە مۆتىدىل ۋە توغرا يولدا بولۇپ، ئۇلارنى مەدھىيىدە ئاشۇرۇۋېتىشنى ياكى مۇناسىپ ھۆرمەت ئۆرنىدىن چۇشۇرىۋىتىشنى ياقتۇرمايدۇ. ئەھلى بەيتتىن بولغان ساغلام ئېتىقادتىكى ھەرقانداق كىشى ئۆزلىرىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى ھۆرمەتلىنىشىنى ئىنكار قىلىدۇ. ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىپ (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۇي ئوغلى) ئۇنى ئىلاھلاشتۇرۇش ئارقىلىق دىننى بۇلغاشنى مەقسەت قىلغان ئازغۇن گۇرۇھلارنى ئوتقا تاشلاپ كۆيدۈرۈپ جازالىغان. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مەزكۇر كىشىلەرنىڭ ئۆلتۈرۈلىشى توغرا دەپ قارىغان، ئەمما كۆيدۈرۈلمەستىن قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن بولسا دېگەن قاراشتا بولغان. بۇ پىتنىنىڭ باشچىسى يەھۇدىي ئەسىللىك ئابدۇللاھ ئىبنى سەبەئ ئىسىملىك ئەبلەخنى ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆلتۈرمەكچى بولغاندا، ئۇ قېچىپ قۇتۇلۇپ قالغان.

 

سەھابە كىراملارنىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇلار ھەققىدە قانداق ئېتىقاد قىلىش كېرەكلىكى توغرىسىدا
    سەھابە دېگەن ئاتالغۇدىن نېمە مەقسەت قىلىنىدۇ؟، ئۇلار ھەققىدە ئېتىقاد قىلىش ۋاجىپ بولغان ئىشلار نېمىلەردىن ئىبارەت؟.
    سەھابە كەلىمىسى؛ سەھابىي سۆزىنىڭ كۆپلۈك ھالەتتە كىلىشى بولۇپ، ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى كۆرگەن ۋە ئۇنىڭ سۆھبىتىگە مۇشەررەپ بولغان، شۇنداقلا مۇسۇلمانلىق ھالىتىدە ۋاپات تاپقان كىشىلەر دېمەكتۇر. ساھابىلەر ئىسلام مىللىتىنىڭ پىشىۋالىرى ۋە ئىنسانلارنىڭ سەرخىللىرىدۇر. ئۇلار پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن ھەمسۆھبەت بولغان، ئىسلام دىنىنىڭ كۈچ تېپىشى ۋە راۋاجلىنىشى يولىدا جانلىرىنى ۋە ماللىرىنى پىدا قىلغان، قىيىنچىلىق ۋاقىتلىرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى تاشلىۋەتمىگەن، ئىنسانىيەتكە توغرا دىننى يەتكۈزۈش يولىدا ئۇنىڭ بىلەن جىھادلاردا ۋە بارلىق قىيىنچىلىقلاردا بىرگە بولغان زاتلاردۇر. وَالسَّابِقُونَ الْأَوَّلُونَ مِنَ الْمُهَاجِرِينَ وَالْأَنْصَارِ وَالَّذِينَ اتَّبَعُوهُمْ بِإِحْسَانٍ رَضِيَ اللَّهُ عَنْهُمْ وَرَضُوا عَنْهُ وَأَعَدَّ لَهُمْ جَنَّاتٍ تَجْرِي تَحْتَهَا الْأَنْهَارُ خَالِدِينَ فِيهَا  تەرجىمىسى: «ھەممىدىن ئىلگىرى ئىمان ئېيتقان مۇھاجىرلار( مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلغانلار) ۋە ئەنسارلار (مەدىنىدە پەيغەمبەرگە قوينىنى ئاچقانلار) دىن، ياخشىلىق قىلىش بىلەن ئۇلارغا ئەگەشكەنلەر(تا قىيامەتكىچە ئۇلارنىڭ يولىدا ماڭغانلار) دىن ئاللاھ رازى بولدى. ئۇلارمۇ ئاللاھتىن مەمنۇن بولدى. ئاللاھ ئۇلارغا ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرنى تەييارلىدى. ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ. بۇ چوڭ بەختتۇر.» [سۈرە تەۋبە 100 ـ ئايەت].
مُحَمَّدٌ رَسُولُ اللَّهِ وَالَّذِينَ مَعَهُ أَشِدَّاءُ عَلَى الْكُفَّارِ رُحَمَاءُ بَيْنَهُمْ تَرَاهُمْ رُكَّعًا سُجَّدًا يَبْتَغُونَ فَضْلًا مِنَ اللَّهِ وَرِضْوَانًا سِيمَاهُمْ فِي وُجُوهِهِمْ مِنْ أَثَرِ السُّجُودِ ذَلِكَ مَثَلُهُمْ فِي التَّوْرَاةِ وَمَثَلُهُمْ فِي الْإِنْجِيلِ كَزَرْعٍ أَخْرَجَ شَطْأَهُ فَآَزَرَهُ فَاسْتَغْلَظَ فَاسْتَوَى عَلَى سُوقِهِ يُعْجِبُ الزُّرَّاعَ لِيَغِيظَ بِهِمُ الْكُفَّارَ وَعَدَ اللَّهُ  تەرجىمىسى: «مۇھەممەد ئاللاھنىڭ رەسۇلىدۇر. ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغان مۆمىنلەر كۇففارلارغا قاتتىقتۇر، ئۆز ئارا كۆيۈمچاندۇر. ئۇلارنى رۇكۇ قىلغان، سەجدە قىلغان ھالدا كۆرىسەن. ئۇلار ئاللاھنىڭ پەزلىنى ۋە رازىلىقىنى تىلەيدۇ. ئۇلارنىڭ يۈزلىرىدە سەجدىنىڭ ئەسىرىدىن نىشانلار بار. ئەنە شۇ ئۇلارنىڭ تەۋراتتىكى سۈپىتىدۇر. ئۇلارنىڭ ئىنجىلدىكى سۈپىتى بولسا، ئۇلار شاخ چىقارغان، كۈچلىنىپ چوڭايغان، ئاندىن ئۆز غولى بىلەن ئۆرە تۇرغان، بولۇقلىقى ۋە كۆركەم كۆرۈنۈشى بىلەن دېھقانلارنى مەمنۇن قىلغان بىر زىرائەتكە ئوخشايدۇ. (مۆمىنلەرنى مۇنداق زىرائەتكە ئوخشىتىش) كۇففارلارنى خاپا قىلىش ئۈچۈندۇر. ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا مەغپىرەت ۋە كاتتا ئەجىر ۋەدە قىلدى.» [سۈرە پەتھى 29-ئايەت].
    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿لِلْفُقَرَاءِ الْمُهَاجِرِينَ الَّذِينَ أُخْرِجُوا مِن دِيَارِهِمْ وَأَمْوَالِهِمْ يَبْتَغُونَ فَضْلًا مِّنَ اللَّـهِ وَرِضْوَانًا وَيَنصُرُونَ اللَّـهَ وَرَسُولَهُ ۚ أُولَـٰئِكَ هُمُ الصَّادِقُونَ . وَالَّذِينَ تَبَوَّءُوا الدَّارَ وَالْإِيمَانَ مِن قَبْلِهِمْ يُحِبُّونَ مَنْ هَاجَرَ إِلَيْهِمْ وَلَا يَجِدُونَ فِي صُدُورِهِمْ حَاجَةً مِّمَّا أُوتُوا وَيُؤْثِرُونَ عَلَىٰ أَنفُسِهِمْ وَلَوْ كَانَ بِهِمْ خَصَاصَةٌ ۚ وَمَن يُوقَ شُحَّ نَفْسِهِ فَأُولَـٰئِكَ هُمُ الْمُفْلِحُونَ﴾ تەرجىمىسى: «(ئۇ غەنىمەتنىڭ بىر قىسمى) دىيارىدىن ھەيدەپ چىقىرىلغان، مال - مۈلكىدىن ئايرىلغان پېقىر مۇھاجىرلارغا خاستۇر، ئۇلار ئاللاھنىڭ پەزلىنى ۋە رازىلىقىنى تىلەيدۇ، ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىدۇ، ئەنە شۇلار (ئىماندا) سادىق ئادەملەردۇر . ئۇلاردىن (يەنى مۇھاجىرلاردىن) مەدىنىدە يەرلىك بولغان، ئىمانى كۈچلۈك بولغانلار (يەنى ئەنسارلار) يېنىغا ھىجرەت قىلىپ كەلگەنلەرنى (يەنى مۇھاجىرلارنى) دوست تۇتىدۇ، ئۇلارغا بېرىلگەن نەرسىلەر ئۈچۈن ئىچى تارلىق قىلمايدۇ، ئۇلار موھتاج تۇرۇقلۇق (مۇھاجىرلارنىڭ مەنپەئىتىنى) ئۆزلىرىنىڭ (مەنپەئىتى) دىن ئەلا بىلىدۇ، ئۆز نەپسىنىڭ بېخىللىقىدىن ساقلانغانلار مەقسەتكە ئېرىشكۈچىلەردۇر.» [سۈرە ھەشرى 8-9-ئايەتلەر].
    يۇقىرىقى ئايەتلەردە ئاللاھ تائالا مۇھاجىرلار بىلەن ئەنسارىلارنى مەدھىيىلەپ، ئۇلارنى ئەڭ ئاۋۋال ئىمان ئېيتقان، ياخشىلىقلاردا ئالدىنقى سەپتە بولغان ئەزىمەتلىك زاتلار دەپ تەرىپلىگەن ۋە ئۇلاردىن رازى ئىكەنلىكىنى جاكارلاپ ئۇلارغا جەننەتنى ۋەدە قىلغان. ئاللاھ تائالا ئۇلارنى رەسۇلۇللاھنىڭ سۆھبىتىگە نائىل بولۇش بىلەن شەرەپلەندۇردى. ئۇلار ئۆز-ئارا بىر-بىرىگە مېھرىبان، كاپىرلارغا قاتتىق قول، مەيدانى ئېنىق، قەلبى پاك، كۆپ ناماز قىلىدىغان، ئىمان ۋە ئىبادەتنىڭ ئەسەرلىرى يۈزلىرىدە نامايەندە بولغان مۆمىنلەردۇر. مۇھاجىرلار بولسا: يۇرتلىرىنى، مال-مۈلكىنى ئاللاھنىڭ دىنىنى ئۈستۈن قىلىش ۋە ئۇنىڭ رازىلىقىنى قازىنىش يولىدا ھىجرەت قىلغان راستچىل مۆمىنلەردۇر. ئەنسارىلار بولسا: ھېجرەت ئەھلىگە قۇچاق ئاچقان، چىن ئىمان بىلەن دىن ۋە مۇسۇلمانلارغا ياردەم بەرگەن، مۇھاجىرلارنىڭ مەنپەئەتىنى ئۆز مەنپەئەتىدىن ئەۋزەل بىلگەن، ئىجتىمائىي جەمئىيەتتە باراۋەرلىكنى بەرپا قىلىش ئارقىلىق بۈيۈك پەزىلەتلەرگە ئېرىشكەن مۆمىنلەردۇر. يۇقىرىقىلار ساھابىلەرنىڭ ئومۇمىي پەزىلەتلىرى ۋە تا قىيامەتكىچە بارلىق مۇسۇلمانلاردىن ئەۋزەل ئىكەنلىكىنىڭ بايانىدۇر. مۇندىن باشقىمۇ، ئۇلارنىڭ بىر ـ بىرىدىن پەرقلىق پەزىلەت ۋە مەرتىۋىلىرى باردۇر. ئۇلارنىڭ پەزىلەتتىكى دەرىجىلىرى، ئىسلام، جىھاد ۋە ھېجرەت قاتارلىق ئىشلارغا بولغان ئاكتىپچانلىقىغا قاراپ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى مەرتىۋىلىرى بەلگىلىنىدۇ.
     ساھابىلەرنىڭ ئەڭ ئەۋزەللىرى ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى، ئۆمەر، ئوسمان ۋە ئەلى (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن) قاتارلىق تۆت ساھابىدۇر. ئۇلاردىن قالسا، جەننەت بىلەن خۇش بېشارەت بېرىلگەن ئون ساھابىدۇر. جەننەت بىلەن خۇش بېشارەت بېرىلگەنلەر يۇقىرىقى تۆت كىشى بىلەن بىرلىكتە تەلھە، زۇبەير، ئابدۇررەھمان ئىبنى ئەۋف، ئەبۇ ئۇبەيدە ئىبنى جەرراھ، سەئىد ئىبنى ئەبۇ ۋەققاس، سەئىد ئىبنى زەيد قاتارلىقلاردۇر. مۇھاجىرلار ئەنسارلارغا نىسبەتەن پەزىلەتتە ئارتۇقتۇر. بەدىر غازىتىغا قاتناشقانلار، رىدۋان بەيئىتىگە ھازىر بولغانلار ۋە مەككە فەتھى قىلىنىشتىن بۇرۇن ئىمان ئېيتقانلار مەككە فەتھىسىدىن كېيىن ئىمان ئېيتقانلاردىن پەزىلەتتە ۋە ھۆرمەتتە ئارتۇقتۇر.
 

ئەھلى سۈننە ۋەلجەمائە مەزھبىنىڭ ساھابىلەر ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن پىتنە ۋە ئۇرۇشلار ھەققىدىكى قاراشلىرى
    پىتنىنىڭ سەۋەبى:
    يەمەنلىك ئابدۈللاھ ئىبنى سەبەئ ئىسىملىك بىر يەھۇدىي ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان  بولغانلىقىنى ئىزھار قىلىش ئارقىلىق مۇسۇلمانلار سېپىگە سوقۇنۇپ كىرگەندىن كېيىن، پۈتۈن كۈچىنى مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىكىنى پارچىلاش ۋە ئىسلام دىنىنىڭ شەنىگە داغ تەككۈزۈشكە مەركەزلەشتۈرىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇزۇندىن بېرى ئورۇنۇپ كەلگەن خەسىس پىلانىنى ئۈچىنچى خەلىپە ئوسمان ئىبنى ئاففان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دەۋرىدىن باشلاپ ئىشقا ئاشۇرۇشقا باشلايدۇ. ئۇ خەلىپە ئوسمان توغرۇلۇق ھەر تۈرلۈك پىتنە ۋە ئىغۋالارنى تارقىتىش ئارقىلىق ئىشىنى باشلايدۇ. نەتىجىدە، بەزى بىلىمسىز، نادان كىشىلەر ئۇنىڭ ئىغۋالىرىغا ئىشىنىپ كېتىپ خەلىپە ئوسمانغا قارشى چىقىدۇ. نەتىجىدە خەلىپە ناھەق ئۆلتۈرۈلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىكى بۇزۇلۇپ ئۇلار ئارىسىدا پىتنە بارلىققا كىلىدۇ. ھەر تەرەپ ئۆزىنىڭ تۇتقان مەۋقەسىنى توغرا دەپ ئېتىقاد قىلغانلىقتىن، مەزكۇر يەھۇدىنىڭ قۇتراتقۇلىق قىلىشى سەۋەبلىك ئۇلار ئوتتۇرىسىدا قانلىق ئورۇشلار يۈز بېرىدۇ. تاھاۋىينىڭ شەرھىدە مۇنداق دېيىلگەن: "مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىكىنى بۇزغانلار ئەسلىدە يەھۇدىيلار ئىدى. ئۇلار ئىسلام دىنىغا بولغان قاتتىق ئۆچمەنلىكلىرى يۈزىسىدىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇبارەك شەنىگە داغ تەككۈزۈش ئارقىلىق بۇ يېڭى دىننى يەرشارىدىن يوق قىلىش نىيىتى بىلەن بۇزغۇنچىلىقلىرىنى باشلىغانىدى. ئابدۇللاھ ئىبنى سەبەئ ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ئىزھار قىلىشتا، خۇددى خرىستىئان دىنىنى پۈچەكلەشتۈرگەن پاۋلۇسقا ئوخشاش ئىسلام دىنىنى پۈچەكلەشتۈرۈشنى مەقسەت قىلغانىدى. ئۈ ئۆزىنىڭ ئىغۋاگەرلىكتىكى ماھارىتى بىلەن مۇسۇلمانلارنى ئازدۇرۇپ ئوسمان ئىبنى ئاففاننى ئۆلتۈرگۈزگەندىن كېيىن، كۇفە شەھىرىگە بېرىپ، ئۇ جايدا ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ئىلاھلىق دەرىجىسىگە كۆتۈرۈش ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنىڭ تەۋھىد ئەقىدىسىنى بۇزۇشقا ئورۇنغان. بۇ خەۋەر ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا يەتكۈزۈلگەندە ئۇنى ئۆلتۈرۈشكە قارار قىلىدۇ، لېكىن ئۈ بىر كېچىدىلا كۆزدىن غايب بولىدۇ. بۇ ۋەقە تارىخى ئەسەرلەردە تەپسىلى قەيت قىلىنغان".
    شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە مۇنداق دېگەن: "خەلىپە ئوسمان ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، بىرلىك پارچىلاندى. مۇسۇلمانلارنىڭ بېشىغا ئېغىر كۈنلەر كەلدى. ياخشى زاتلار خورلاندى. پىتنە ـ ئىغۋالار ھەر جايدا ئومۇملاشتى. مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە مۇسۇلمانلار ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىبنى ئۆزلىرى ئۈچۈن خەلىپە قىلىپ سايلىدى. چۈنكى ئۈ ۋاقىتتا خەلىپىلىككە ئەڭ لايىق كىشى ئەلى ئىدى. خەلىپە ئەلى شۈنچىلىك كۆپ كۈچ چىقارغان بولسىمۇ، ئەپسۇسكى، مۇسۇلمانلارنىڭ پارچىلانغان بىرلىكى ئەسلىگە كەلمىدى. نەتىجىدە، بولىدىغان ئىش بولدى." [پەتىۋالار مەجمۇئەسى 304-305-بەتلەر].
    يەنە مۇنداق دەيدۇ: "ئەمما مۇئاۋىيە بىلەن ئەلى تەرەپتارلىرى ئوتتۇرىسىدا چىققان ئۇرۇشلارغا كەلسەك، مۇئاۋىيە ئەلى بىلەن ئۇرۇشۇشتا خەلىپىلىك تالاشقان ئەمەس. ئەلىمۇ بۇ ئۈرۇشتا ئۆزىنىڭ خەلىپىلىككە ھەقلىق ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلغان ئەمەس. بەلكى ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ئادالەتنى بەرپا قىلىش نىيىتى بىلەن ھەر تەرەپ ئۆزىنىڭ ئىجتىھادىنى توغرا بىلگەن. مۇئاۋىيەمۇ ئەلىگە قارشى ئۇرۇش قىلىشنى خالىمىغان، ئەلىمۇ مۇئاۋىيەگە قارشى ئۇرۇش باشلاتمىغان ئىدى. پەقەت ئەلى ۋە ئۇنىڭ يېنىدىكىلەر مۇسۇلمانلار ئۈچۈن بىرلا خەلىپە تەيىنلىنىشى كېرەك، قانۇنلۈق خەلىپىگە قارشى چىققۇچىلارنى باستۇرۇش ئارقىلىق بىرلىكنى ساقلاش زۆرۈر دېگەن چۈشەنچىدە بولغان. مۇئاۋىيە تەرەپتىكىلەر بولسا، بىر خەلىپىگىلا باغلىنىش ھاجەتسىز، ئوسمان ناھەق ئۆلتۈرۈلدى، ئەلى ئۇنىڭ قاتىلىنى دەرھال تېپىپ ۋاقتىدا جازالىيالمىدى. شۇڭا بىز ئۇنىڭغا باغلىنىشنى خالىمايمىز، بىزنى ھىمايە قىلالايدىغان ۋە ھەققىمىزدە ئىنساپ قىلىشقا قادىر خەلىپىگە بەيئەت قىلىشىمىز لازىم دېگەن چۈشەنچىدە بولغان. نەتىجىدە، بۇ ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش چىققان.
     ساھابىلەر ئوتتۇرىسىدا بولۇپ ئۆتكەن زىددىيەتلەر ۋە ئورۇشلار ھەققىدە ئەھلى سۈننە ۋەلجەمائە مەزھىبىنىڭ كۆز قارىشى تۆۋەندىكىدەك ئىككى نوقتىغا خۇلاسىلىنىدۇ:
    بىرىنچى: ئەھلى سۇننە ۋەلجەمائە مەزھىبىدىكىلەر ساھابىلەر ئوتتۇرىسىدا بولۇپ ئۆتكەن زىددىيەت ۋە ئۇرۇشلاردا  قايسى تەرەپنىڭ ھەقلىق ۋە قايسى تەرەپنىڭ ھەقسىزلىق قىلغانلىقى توغرۇلۇق ھۆكۈم چىقىرىشتىن سۈكۈت قىلىدۇ. بۇ مەسىلە ھەققىدە رَبَّنَا اغْفِرْ لَنَا وَلِإِخْوَانِنَا الَّذِينَ سَبَقُونَا بِالْإِيمَانِ وَلَا تَجْعَلْ فِي قُلُوبِنَا غِلًّا  تەرجىمىسى: «پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە ۋە بىزدىن ئىلگىرى ئىمان ئېيتقان قېرىنداشلىرىمىزغا مەغپىرەت قىلغىن، دىللىرىمىزدا مۆمىنلەرگە قارشى دۈشمەنلىك پەيدا قىلمىغىن. پەرۋەردىگارىمىز! سەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىسەن، بەندىلىرىڭگە چەكسىز مېھرىبانسەن.» [سۈرە ھەشر 10- ئايەت].
     ئىككىنچى: ساھابىلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولغان ئىشلار توغرىسىدىكى رىۋايەتلەرنىڭ تولىسى مۇبالىغە قىلىنغان، شۇنداقلا ئىسلام دۈشمەنلىرى ھەرخىل قىسسىەلەرنى توقۇپ چىققان بولۇپ، بۇ ھەقتە تۆۋەندىكىدەك بىرنەچچە مەسىلىنى كۆزدىن ساقىت قىلغىلى بولمايدۇ:
    1-ساھابە كىراملارنىڭ يۈز-ئابرۇيىنى چۈشۈرۈش نىيىتىدە دىن دۇشمەنلىرىنىڭ توقۇپ چىققان يالغان-ياۋىداقلىرىدىن خالى ئەمەس.
    2-بۇ ھەقتە بايان قىلىنغان قىسسىلەر باشقىلار تەرىپىدىن قوشۇلغان ياكى كەمەيتىلگەن بولۇپ، شۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭغا ئېتىبار بېرىلمەيدۇ.
    3- بۇ ھەقتە بايان قىلىنغان ئەسەرلەرنىڭ ساغلام رىۋايەت قىلىنغىنى ئىنتايىن ئاز بولۇپ، چۈنكى ئۇلار ئۆز نۆۋىتىدە ئىجتىھاد قىلىش ئارقىلىق ھۆكۈم چىقارغان ۋە شۇنىڭغا ئەمەل قىلغان. ئۇلار ئىجتىھادتا توغرىغا مۇۋەپپەق قىلىنغان بولسا، قوش ئەجىرگە نائىل بولىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭدا خاتالاشقان بولسا، بىر ئەجىرگە مۇيەسسەر بولغان بولىدۇ ۋە مەزكۇر خاتالىق كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. ئومەر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر ھۆكۈم قىلغۇچى ئىجتىھاد قىلىپ، توغرا ھۆكۈمگە مۇيەسسەر قىلىنسا، ئۇنڭغا ئىككى ئەجىر بېرىلىدۇ، ئەگەر ئىجدىھاد قىلىپ خاتا كەتسە ئۇنىڭغا بىر ئەجىر بېرىلىدۇ.» [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].
    4- ساھابىلەرمۇ ئىنسان بولغانلىقى ئۈچۈن خاتالىشىدۇ. چۈنكى ئۇلار خاتالىقلاردىن مەسۇم ئەمەستۇر. ئەمما ئۇلارنىڭ خاتالىقلىرىنىڭ يوققا چىقىشىغا يېتەرلىك دەرىجىدە  پەزىلەتلىرىمۇ باردۇر. مەسىلەن: ئۇلارنىڭ قىلغان تەۋبىلىرى ئۇلارنىڭ خاتالىقلىرىنى يۇيۇدۇ. چۈنكى تەۋبە خاتالىق ۋە گۇناھنى يۇيۇشنىڭ چارىسىدۇر. ئۇلارنىڭ مۇسۇلمانلىقتا ئاۋۋالقىلاردىن بولغانلىقى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، ئىسلام دىنىنى راۋاجلاندۇرغانلىقى ئايرىم بىر پەزىلەتتۇر. ئۇلارنىڭ بۇ پەزىلەتلىرى ئۇلارنىڭ خاتالىقلىرىنى يوققا چىقىرىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿إِنَّ الْحَسَنَاتِ يُذْهِبْنَ السَّيِّئَاتِ﴾ تەرجىمىسى: «شۈبھىسىزكى، ياخشى ئىشلار ئارقىلىق يامان ئىشلار يۇيۇلىدۇ.» [سۈرە ھۇد 114-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].
     ساھابىلەرنىڭ مەرتىۋىسىگە تا قىيامەتكىچە ھېچكىم يېتەلمەيدۇ. ئۇلارنىڭ قىلغان ياخشىلىقلىرىنى ھېچكىم قىلالمايدۇ. چۈنكى ئۇلار بۇ دىننى بەرپا قىلغانلاردۇر ۋە پەيغەمبەرنىڭ ياردىمى ئۈچۈن ئالاھىدە تاللانغان زاتلاردۇر. ئۇلارغا تىل تەككۈزۈش ياخشى ئەمەس. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولۇپ ئۆتكەن ئىشلار ئۈچۈن ھۆكۈم چىقىرىشتىن سۈكۈت قىلىش كېرەك.
    شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە مۇنداق دەيدۇ: "پۈتۈن ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە ۋە دىن پىشىۋالىرىنىڭ ھەممىسى ساھابىلارنىڭ بىرەرسىنى گۇناھتىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلمايدۇ. بەلكى ئۇلاردىنمۇ خاتالىق ۋە گۇناھ-مەسىيەت سادىر بولىدۇ. ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى تەۋبىلىرى ئارقىلىق كەچۈرىدۇ ۋە دەرىجىلىرىنى ئالى قىلىدۇ. ياخشىلىقلىرى سەۋەبلىك گۇناھلىرىنى ئۆچۈرىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَالَّذِي جَاءَ بِالصِّدْقِ وَصَدَّقَ بِهِ ۙ أُولَـٰئِكَ هُمُ الْمُتَّقُونَ . لَهُم مَّا يَشَاءُونَ عِندَ رَبِّهِمْ ۚ ذَٰلِكَ جَزَاءُ الْمُحْسِنِينَ . لِيُكَفِّرَ اللَّـهُ عَنْهُمْ أَسْوَأَ الَّذِي عَمِلُوا وَيَجْزِيَهُمْ أَجْرَهُم بِأَحْسَنِ الَّذِي كَانُوا يَعْمَلُونَ﴾ تەرجىمىسى: «راست سۆز (يەنى قۇرئان) نى ئېلىپ كەلگەن كىشى ۋە ئۇنى ئېتىراپ قىلغان كىشىلەر-ئەنە شۇلار تەقۋادارلاردۇر. ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ئۆزلىرى خالىغان نەرسىلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ، ئەنە شۇ ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ مۇكاپاتىدۇر. ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەڭ يامان ئەمەللىرىنى يوققا چىقىرىدۇ، ئۇلارغا قىلغان ئەڭ ياخشى ئەمەللىرى بويىچە ساۋاب بېرىدۇ.» [سۈرە زۇمەر 33-34-35-ئايەتلەر].
    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَوَصَّيْنَا الْإِنسَانَ بِوَالِدَيْهِ إِحْسَانًا ۖ حَمَلَتْهُ أُمُّهُ كُرْهًا وَوَضَعَتْهُ كُرْهًا ۖ وَحَمْلُهُ وَفِصَالُهُ ثَلَاثُونَ شَهْرًا ۚ حَتَّىٰ إِذَا بَلَغَ أَشُدَّهُ وَبَلَغَ أَرْبَعِينَ سَنَةً قَالَ رَبِّ أَوْزِعْنِي أَنْ أَشْكُرَ نِعْمَتَكَ الَّتِي أَنْعَمْتَ عَلَيَّ وَعَلَىٰ وَالِدَيَّ وَأَنْ أَعْمَلَ صَالِحًا تَرْضَاهُ وَأَصْلِحْ لِي فِي ذُرِّيَّتِي ۖ إِنِّي تُبْتُ إِلَيْكَ وَإِنِّي مِنَ الْمُسْلِمِينَ . أُولَـٰئِكَ الَّذِينَ نَتَقَبَّلُ عَنْهُمْ أَحْسَنَ مَا عَمِلُوا وَنَتَجَاوَزُ عَن سَيِّئَاتِهِمْ فِي أَصْحَابِ الْجَنَّةِ ۖ وَعْدَ الصِّدْقِ الَّذِي كَانُوا يُوعَدُونَ﴾ تەرجىمىسى: «بىز ئىنساننى ئاتا - ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇدۇق. ئىنساننى ئانىسى مۇشەققەت بىلەن قورساق كۆتۈرۈپ، مۇشەققەت بىلەن تۇغدى. ئۇنىڭغا قورساق كۆتۈرۈش مۇددىتى ۋە ئۇنى سۈتتىن ئايرىش مۇددىتى 30 ئايدۇر. تاكى ئۇ (بوۋاق ئۆسۈپ) كۈچ - قۇۋۋەتكە تولۇپ، 40 ياشقا يەتكەندە، (ئۇ): پەرۋەردىگارىم! سېنىڭ ماڭا ۋە ئاتا - ئانامغا بەرگەن نېمىتىڭگە شۈكۈر قىلىشنى ۋە سەن رازى بولىدىغان ياخشى ئىشنى قىلىشىمنى ماڭا ئىلھام قىلغىن، مەن ئۈچۈن مېنىڭ ئەۋلادىمنى ئىسلاھ قىلغىن (يەنى مېنىڭ ئەۋلادىمنى ياخشى كىشىلەردىن قىلغىن)، مەن ھەقىقەتەن ساڭا (جىمى گۇناھلاردىن) تەۋبە قىلدىم، مەن ھەقىقەتەن مۇسۇلمانلاردىندۇرمەن، دەيدۇ. ئەنە شۇنداق كىشىلەرنىڭ ياخشى ئىشلىرىنى قوبۇل قىلىپ، يامان ئىشلىرىنى كەچۈرۈم قىلىمىز، ئۇلار (ئاللاھ يامان ئىشلىرىنى كەچۈرگەنلەر بىلەن) جەننەتتە بولىدۇ، بۇ ئۇلارغا قىلىنغان راست ۋەدىدۇر.» [سۈرە ئەھزاب 15-16-ئايەتلەر]. تۇگىدى".
    ئاللاھ سۇبھانە ۋەتائالانىڭ دۈشمەنلىرى ساھابىلەر ئارىسىدا بولغان بەزى ئىشلارنى  دەسمى قىلىپ تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ شان-شەرىپىگە تىل ئۇزاتتى. شۇنىڭدەك يېڭى ئەسىر قەلەم ساھىبلىرى ئىچىدىن بەزى كىشىلەرمۇ ئۇلار ھەققىدە بىلمەي تۇرۇپ بىلجىرلاشقا ۋە ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلىشقا، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىگە تىل ئۇزاتسا يەنە بەزىلىرىنى خاتاغا چىقىرىشقا پىتىنالىدى. ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى شەرقشۇناس دىن دۇشمەنلىرىنىڭ بۇ ھەقتە تىرىغان پىتنىلىرىنى تەكرارلىغاندىن باشقا نەرسە ئەمەس.
    دىن دۇشمەنلىرى ھەرۋاقىت ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىسلام ئۈممىتىنىڭ شانلىق تارىخىغا بولغان قارىشىنى بۇرمىلاش، ئىسلامنى ئەيىبلەش ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىكىنى بۆلۈپ تاشلاش، سەلەپ-سالىھلارغا ئەگىشىش ئورنىغا ئۇلارنى يامان كۆرۈش قاتارلىق شۈبھىلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈشكە ئۇرىنىدۇ. ﴿وَالَّذِينَ جَاءُوا مِن بَعْدِهِمْ يَقُولُونَ رَبَّنَا اغْفِرْ لَنَا وَلِإِخْوَانِنَا الَّذِينَ سَبَقُونَا بِالْإِيمَانِ وَلَا تَجْعَلْ فِي قُلُوبِنَا غِلًّا لِّلَّذِينَ آمَنُوا رَبَّنَا إِنَّكَ رَءُوفٌ رَّحِيمٌ﴾ تەرجىمىسى: «ئۇلاردىن كېيىن كەلگەنلەر: پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە ۋە بىزدىن ئىلگىرى ئىمان ئېيتقان قېرىنداشلىرىمىزغا مەغپىرەت قىلغىن، دىللىرىمىزدا مۆمىنلەرگە قارشى دۈشمەنلىك پەيدا قىلمىغىن، پەرۋەردىگارىمىز! سەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىسەن، مېھرىبانسەن، دەيدۇ.» [سۈرە ھەشر 10-ئايەت].

 

 

 

 

 

 

ساھابىلار ۋە ئىسلام بۈيۈكلىرىنى سۆكۈشنىڭ مەنئى قىلىنىشى
    1- ساھابىلارنى سۆكۈشنىڭ مەنئى قىلىنىشى: ئەھلى سۈننە ۋەلجەمائە مەزھىبىنىڭ پىرىنسىپى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى ھەققىدە تىل ۋە دىلنى يامان سۆز ۋە يامان پىكىرلەردىن پاك تۇتۇشتۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۆمىنلەرنىڭ دۇئالىرىنى يَقُولُونَ رَبَّنَا اغْفِرْ لَنَا وَلِإِخْوَانِنَا الَّذِينَ سَبَقُونَا بِالْإِيمَانِ وَلَا تَجْعَلْ فِي قُلُوبِنَا  تەرجىمىسى: «پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە ۋە بىزدىن ئىلگىرى ئىمان ئېيتقانلارغا مەغپىرەت قىلغىن. دىللىرىمىزدا مۆمىنلەرگە قارشى دۈشمەنلىك پەيدا قىلمىغىن. پەرۋەردىگارىمىز! سەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىسەن، بەندىلىرىڭگە چەكسىز مېھرىبانسەن، دەيدۇ.» [سۈرە ھەشر 10 ـ ئايەت].
    ئەھلى سۈننە مەزھىپى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ سۆزىگە ئەمەل قىلىدۇ: «مېنىڭ ساھابىلىرىمنى سۆكمەڭلار. ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئەگەر ئۇھۇد تېغىدەك ئالتۇننى ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلغان تەقدىردىمۇ، ئۈ، ساھابىلىرىمدىن بېرەرسىنىڭ بىرەر ياخشىلىقىغىمۇ، بەلكى ئۇنىڭ يېرىمىغىمۇ تەڭ كەلمەيدۇ.» [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].
    ئەھلى سۈننە ۋەلجەمائە مەزھىپىدىكى كىشىلەر، راپىزىيلار بىلەن خاۋارىجلارنىڭ ساھابىلەرنى سۆكىشىگە يول قويمايدۇ ۋە ساھابىلەرنى ئۆزلىرى ئۈچۈن ئۈلگە قىلىدۇ. ئەھلى سۈننە ۋەلجەمائە، سەھابە كىراملارنىڭ قۇرئان-سۈننەتتە بايان قىلىنغان پەزىلەتلىرىنى قوبۇل قىلىدۇ ۋە ئۇلارنى ئالتۇن ئەسىرنى بەرپا قىلغان كىشىلەر دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «سىلەرنىڭ ياخشىلىرىڭلار مەن بىلەن ئەسىرداش بولغانلاردۇر.» [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].
     رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۈممەتنىڭ 73 پىرقىگە بۈلۈنۈشى ۋە بىر پىرقىدىن باشقا ھەممىسىنىڭ دوزاختا بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئېيتقاندا، ساھابىلار: ئۇ بىر پىرقىنىڭ قايسى پىرقە ئىكەنلىكىنى سورىشىدۇ، رەسۇلۇللاھ: «ئۇلار بۈگۈن مەن ۋە ساھابىلىرىم تۇتقان يول ئۈستىدە بولغان كىشىلەردۇر،» دەپ جاۋاب بەرگەن. [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى].
    ئىمام مۇسلىمنىڭ مۆتىۋەر ئۇستازلىرىدىن ئىمام ئەبۇ زەرئە مۇنداق دېگەن: "ساھابىلەرنى سۆكىدىغان ئادەمنى كۆرسەڭ بىلگىنكى، ئۇ زىندىقتۇر. چۈنكى قۇرئان ھەق، پەيغەمبەر ھەق ۋە ئۈ ئېلىپ كەلگەن دىن ھەقتۇر. بۇ ھەقىقەتلەرنى بىزگە يەتكۈزگەنلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن دەل شۇ ساھابىلەردۇر. ساھابىلەرنى سۆككەن ۋە ئۇلارنىڭ شەنىگە داغ تەككۈزگەن ئادەم قۇرئان ۋە ھەدىسكە قارشى چىقماقچى بولغان ئادەمدۇر."
    ئەللامە ئىبنى ھەمدان رەھىمەھۇللاھ «نىھايەتۇل مۇبتەدىئىن» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دەيدۇ: "كىمكى ساھابىلەرنىڭ بىرەرسىنى سۆكسە ۋە ئۇ قىلمىشىنى توغرا ياكى ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكى دەپ قارىسا كاپىر بۇلىدۇ. ئەگەر ھالال سانىماي سۆكسىە پاسىق بۇلىدۇ. كىم ئۇلارنى پاسىق سانىسا ياكى ئۇلارنىڭ ئېتقادىغا تىل ئۇزاتسا، ئۇلارنى كاپىر سانىسا كاپىر بۇلىدۇ." [ئەقىدەتۇل سەفارىينى ناملىق ئەسەرنىڭ شەرھى 2-توم 388-389-بەتلەرگە قارالسۇن].
    2- ئىسلامدا پىشىۋالارنى سۆكۈشنىڭ مەنئى قىلىنىشى: پەزىلەتتە ساھابىلەرنىڭ دەرىجىسىگە ئەڭ يېقىن كىشىلەر، تابىئىنلار ئىچىدىكى ئىجتىھادلىق ئەھلى ئىلىملەر ۋە ئۇلارنىڭ ئىزلىرىنى وَالسَّابِقُونَ الْأَوَّلُونَ مِنَ الْمُهَاجِرِينَ وَالْأَنْصَارِ وَالَّذِينَ اتَّبَعُوهُمْ بِإِحْسَانٍ رَضِيَ تەرجىمىسى: «ھەممىدىن ئىلگىرى ئىمان ئېيتقان مۇھاجىرلار ۋە ئەنسارلاردىن، ياخشىلىق قىلىش بىلەن ئۇلارغا ئەگەشكەنلەردىن ئاللاھ رازى بولدى. ئۇلارمۇ ئاللاھتىن مەمنۇن بولدى.» [سۈرە تەۋبە 100- ئايەت].
    سەھابە كىراملارنى سۆكۈش ۋە ئۇلارنىڭ شەنىگە داغ تەككۈزۈش قاتتىق ئېغىر گۇناھتۇر. چۈنكى ئۇلار ھىدايەت يولتۇزلىرىدۇر ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئۈلگىلىرىدۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَمَن يُشَاقِقِ الرَّسُولَ مِن بَعْدِ مَا تَبَيَّنَ لَهُ الْهُدَىٰ وَيَتَّبِعْ غَيْرَ سَبِيلِ الْمُؤْمِنِينَ نُوَلِّهِ مَا تَوَلَّىٰ وَنُصْلِهِ جَهَنَّمَ ۖ وَسَاءَتْ مَصِيرًا﴾ تەرجىمىسى: «كىمكى ئۆزىگە (مۆجىزىلەر ئارقىلىق) توغرا يول ئېنىق بولغاندىن كېيىن، پەيغەمبەرگە (يەنى ئۇنىڭ ئەمرىگە) مۇخالىپەتچىلىك قىلىدىكەن، مۆمىنلەرنىڭ يولىدىن غەيرىيگە ئەگىشىدىكەن، ئۇنى ئۆز يولىغا قويۇپ بېرىمىز، ئۇنى (ئاخىرەتتە) جەھەننەمگە كىرگۈزىمىز، جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي!.» [سۈرە نىسا 115-ئايەت].
    تاھاۋىيەنىڭ شەرھىدە مۇنداق دېيىلگەن: "مۇسۇلمان كىشى ئۈچۈن ئاللاھ ۋە پەيغەمبەر سۆيگۈسىدىن كېيىن، مۆمىنلەر سۆيگۈسىنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى قۇرئان كەرىم تەكىتلەيدۇ. خۇسۇسەن، پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋارىسلىرى بولغان ۋە كىشىلەرنى توغرا يولغا يېتەكلەيدىغان ھەقىقەتپەرۋەر ئۆلىمالارنى سۆيۈش ۋە ئۇلارغا ئەگىشىش زۆرۈردۇر. پۈتۈن ئىسلام ئۈممىتى ئۇلارنىڭ ھىدايەت يۇلتۇزى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋارىسلىرى ئىكەنلىكىگە بىرلىككە كەلگەن. چۈنكى دىن ئۇلارنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن يېتىپ كەلگەن ۋە تا قىيامەتكىچە شۇنداق بولىدۇ. ئەمما ئىسلام ئالىملىرىنىڭ بېرەرسىدىن مەلۇم بىر ھەدىسنىڭ روھىغا خىلاپ كېلىدىغان سۆز ۋە ھەرىكەتلەر تېپىلسا، ئۇنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۆزرىسىنى قوبۇل قىلىش كېرەك.
    ئۆزرە تۆۋەندىكىدەك ئۈچ تۈرگە يىغىنچاقلىنىدۇ:  
    1-ئۇ ئالىم مەزكۇر ھەدىسنىڭ راستتىنلا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئىكەنلىكىگە ئىشەنچ قىلالمىغان بولۇشى ئېھتىمال.
   2- مەزكۇر ھەدىسنى باشقا مەنىدە چۈشەنگەن بولۇشى مۇمكىن.
   3-مەزكۇر ھەدىسنىڭ ھۆكمى مەنسۇخ (يەنى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان) دەپ ئېتىقاد قىلغان بولىشى ئېھتىمال.
   ئۇلارنىڭ بىزدىن ئىلگىرى ھەقىقەتكە يېتەكلىنىشى، رەسۇللاھقا بىرىلگەن دىننى بىزگە يەتكۈزۈشى، بىز بىلمىگەن شەرئى بىلىملەرنى بىزلەرگە روشەن يەتكۇزۇشى، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلاردىن رازى بولۇشى ۋە ئۇلارنىڭمۇ ئاللاھتىن مەمنۇن بولۇشى قاتارلىق ئىشلار سەۋەبلىك بىزلەردىن پەزىلەتتە ئارتۇقتۇر. يَقُولُونَ رَبَّنَا اغْفِرْ لَنَا وَلِإِخْوَانِنَا الَّذِينَ سَبَقُونَا بِالْإِيمَانِ وَلَا تَجْعَلْ فِي قُلُوبِنَا  تەرجىمىسى: «پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە ۋە بىزدىن ئىلگىرى ئىمان ئېيتقانلارغا مەغپىرەت قىلغىن. دىللىرىمىزدا مۆمىنلەرگە قارشى دۈشمەنلىك پەيدا قىلمىغىن. پەرۋەردىگارىمىز! سەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىسەن، بەندىلىرىڭگە چەكسىز مېھرىبانسەن، دەيدۇ.» [سۈرە ھەشر 10 ـ ئايەت].
    ئۆلىمالارنىڭ بەزىلىرىدىن ئىجدىھادى خاتالىقلارنىڭ سادىر بولىشى سەۋەبلىك ئۇلارنىڭ قەدىر-قىممىتى ۋە ئىززەت-ئابرۇيىنى يەرگە ئۇرۇش بىدئەتچىلەرنىڭ يولىدۇر. شۇنداقلا ئىسلام ئۈممىتى دۈشمەنلىرىنىڭ ئىسلام دىنىنى شۈبھىلىك قىلىپ كۆرسىتىش ۋە مۇسۇلمانلار ئارىسغا ئاداۋەت سېلىش، ئۈممەتنىڭ بىشى بىلەن ئاخىرىنى ئايرىپ تاشلاش، ياشلار بىلەن ئۆلىمالار ئارىسىنى يىراقلاشتۇرۇش قاتارلىق ئىشلار دىن دۇشمەنلىرىنىڭ تۇزگەن رەزىل پىلانلىرىدىندۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن پىقھىشۇناش ئالىملارنىڭ ۋە ئىسلامى فىقھىنىڭ قەدرىنى پەسلىتىشكە ئۇرىنىۋاتقان، ئۇنى ئۆگىنىش ۋە ئۇنڭدا بولغان ھەق ۋە توغرىنى پايدىلنىشتىن يۈز ئۆرىۋاتقان بەزى بىر تالىپ ئىلىملار كۆزلىرىنى ئىچىشسۇن، شەرئىي فىقھى ئىلىملىرى بىلەن پەخىرلەنسۇن. ئۆلىمالارنى ھۆرمەت قىلسۇن. ئاداشتۇرغۇچى ۋە غەرەزلىك چاقىرىقلارغا ئالدىنىپ يۇرمىسۇن. ئاللاھ ياخشىلىققا مۇۋەپپەق قىلغۇچىدۇر.

 

 

تۆتىنچى باب
بىدئەتلەر
(بىدئەتنىڭ ئېنىقلىمىسى، ئۇنىڭ تۈرى ۋە ھۆكمى)
    1- بىدئەت ھەققىدە ئېنىقلىمىسى.
    بىدئەتنىڭ لۇغەتتىكى مەنىسى: ئاساسى يوق يېڭىلىقلارنى ئىختىرا قىلىش دېمەكتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿بَدِيعُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ﴾ تەرجىمىسى: «ئاللاھ ئاسمانلار ۋە زېمىننى يوقتىن بار قىلغۇچىدۇر.» (يەنى ئوخشىشى بولمىغان ئاسمان-زېمىننى ياراتتى). [سۈرە بەقەرە 117-ئايەت].
    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿قُلْ مَا كُنتُ بِدْعًا مِّنَ الرُّسُلِ﴾ تەرجىمىسى:  ئېيتقىنكى، «مەن، ئاللاھ ئىنسانلارنى تەۋھىدكە دەۋەت قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن تۇنجى پەيغەمبەر ئەمەسمەن.»  (يەنى مەندىن ئىلگىرىمۇ ئاللاھ تەرىپىدىن ئىنسانلارغا كۆپلىگەن پەيغەمبەرلەر ئەۋەتىلگەن). [سۈرە ئەھقاف 9-ئايەت].
    يېڭىلىق تۆۋەندىكىدەك ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:
    بىرىنچى: زامانىمىزدىكى پەن-تېخنىكا يېڭىلىقلىرىغا ئوخشاش دۇنيا ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك يېڭىلىقلار بولۇپ، ئۇلارنى ئىجاد قىلىش، ئىختىرا قىلىش دىنىمىزدا بۇيرۇلغان ياخشى ئىشلاردۇر.
    ئىككىنچى: دىندىكى يېڭىلىق بولۇپ، دىندا يېڭىلىق پەيدا قىلىشقا قەتئىي يول يوقتۇر. چۈنكى دىن ئەينى زاماندا تەكامۇللىشىپ بولغاندۇر. ئۇنىڭغا يېڭىلىق كىرگۈزۈشكە ئۇرۇنۇش دىننى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنغانلىق بولۇپ، قەتئىي خاتادۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى بىزنىڭ دىنىمىزدا بولمىغان نەرسىنى پەيدا قىلىدىكەن، ئۇ قەتئىي قوبۇل قىلىنمايدۇ. يەنى رەت قىلىنىدۇ.» [بۇخارى رىۋايىتى].

    2- بىدئەتنىڭ تۈرلىرى.
    دىندا بىدئەت تۆۋەندىكىدەك ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ: بىرىنچى تۈرى: سۆز ۋە ئېتىقادتىكى بىدئەت بولۇپ، بۇ ئۆزلىرىنى ئىسلام دىنىغا مەنسۇپ قىلىۋالغان مۇئتەزىلە، جەھەمىيە، راپىزە ۋە ئۇنىڭدىن باشقا بارلىق ئازغۇن مەزھەپلەردىكىلەرنىڭ ئېتىقادىدۇر.
    ئىككىنچى تۈرى: ئىبادەتلەردىكى بىدئەتلەر بولۇپ، بۇ  ئىبادەتنى ئاللاھ تائالا كۆرسەتگەن بويۇنچە ئادا قىلماسلىقتۇر. بۇ خىلدىكى بىدئەتنىڭ تۈرلىرى تۆۋەندىكىچە:
    1- مەلۇم بىر ئىبادەتنىڭ ئەسلى بۇيرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا ئەگەشمەستىن پاكىتسىز ھالدا ئىبادەت شەكىللىرىنى بەلگىلىۋېلىش. مەسىلەن: شەرىئەتتە يولغا قويۇلمىغان ناماز ۋە روزىلار ياكى رەسۇلۇللاھنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى قۇتلۇقلاشقا ئوخشىغان دىندا ئاساسى يوق بايراملارنى ئويدۇرۇپ چىقىش.
     2- ئاللاھ تەرىپىدىن بۇيرۇلغان ئەسلى ئىبادەتلەرگە ئۆزى تەرىپىدىن زىيادە قىلىپ ئادا قىلىش. مەسىلەن: پىشىن ۋە ئەسىر نامازلىرىغا بىر رەكئەتنى قوشۇپ بەش رەكئەت قىلىپ ئادا قىلىش.
    3- ئىبادەتلەرنى بۇيرۇلغان قائىدە بويىچە ئادا قىلماستىن، يېڭى قائىدە تەرتىپلەرنى پەيدا قىلىۋېلىش. مەسىلەن: نامازدىن كىيىنكى زىكىرلەرنى جامائەتنىڭ ئاھاڭغا سىلىپ بىرلىكتە ئوقۇشى ياكى ئىبادەتتە ئۆزىگە تەلەپنى قاتتىق قويۇۋىلىپ رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىن چەتنەشتىن ئىبارەتتۇر.
    4- شەرىئەتتە بۇيرۇلغان ئەسلى ئىبادەتلەرگە ئۆزى تەرىپىدىن ۋاقىت بەلگىلىۋېلىش. مەسىلەن: بارات كېچىسىنىلا كېچە نامىزىغا مەخسۇس قىلىۋېلىش. چۈنكى كېچە نامىزى مەخسۇس بىر كېچە ئۈچۈنلا بەلگىلەنگەن ئىبادەت بولماستىن، بەلكى يىلنىڭ قايسى كېچىلىرىدە بولمىسۇن ئوقۇسا بولىدىغان (ئىختىيارى) ئىبادەتلەردىندۇر. شوڭا ئۇنى بارات كېچىسىگىلا مەخسۇس قىلىۋېلىش بىدئەت سانىلىدۇ.
    3- بىدئەتنىڭ ھۆكمى.
    يۇقىرىقى بىدئەتلەرنىڭ ھەممىسى شەرىئەت ھۆكمى بويىچە ھارامدۇر. ئۇنىڭ بىرەرسىنى سادىر قىلغان كىشى خاتالاشقان بولىدۇ. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر  ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «دىنىڭلاردا يېڭىلىق پەيدا قىلىشتىن ئاگاھ بولۇڭلار. دىندا پەيدا قىلىنغان ھەر قانداق يېڭى ئىش بىدئەتتۇر، بىدئەتنىڭ ھەر قاندىقى ئازغۇنلۇقتۇر.» [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى].
    پەيغەمبەر  ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى بىزنىڭ دىنىمىزدا بولمىغان نەرسىنى پەيدا قىلىدىكەن، ئۇ قەتئىي قوبۇل قىلىنمايدۇ. يەنى رەت قىلىنىدۇ.» [بۇخارى رىۋايىتى].
    يۇقىرىقى ھەدىسلەر دىندا ئاساسى يوق ئىشنى بارلىققا كەلتۈرۈشنىڭ بىدئەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. ھەدىستىكى: «بىدئەتنىڭ ھەر قاندىقى ئازغۇنلۇقتۇر» دېگەن سۆزدىن، ئېتىقاد ۋە ئىبادەتتىكى بىدئەتلەرنىڭ ھاراملىقى، ئەمما بىدئەتنىڭ تۈرىگە قاراپ ھاراملىق دەرىجىسى بەلگىلىنىدىغانلىقى، بەزىدە قەبرە تاۋاپ قىلىش ۋە قەبرە ساھىبلىرىغا قان قىلىش، ئۇلاردىن ھاجەتلىرىنى سوراش قاتارلىق ئىشلار روشەن كۇپۇرلىققا ئىلىپ بارسا، قەبرە قاتۇرۇش ۋە ئۇنىڭدا ناماز ئوقۇش ۋە قەبرە ساھىبىنى ۋەسىلە قىلىپ دۇئا قىلىش قاتارلىق ئىشلار، شېرىككە ۋەسىلە بولىدىغان ئىشلار ئىكەنلىكىنى چۇشۇنۇش مۇمكىن. شۇنداقلا، خاۋارىج ۋە قەدەرىيە، مۇرجىئە ئېتىقاتىدىكى كىشىلەرنىڭ سۆز ۋە ئېتىقاتلىرى شەرئى دەلىلگە خىلاپ بولۇپ، بۇ ئېتىقاتتىكى پاسىقلىق ھېسابلىنىدۇ.
    مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىنىڭ پارلاق دىنىنىڭ روھىدىن ئۇزاقلاشقاندىن كېيىن، بارچە ئەقلىي كۈچىنى بىدئەتلەرنى ئىجاد قىلىش بىلەن زايە قىلىپ، ئىختىرا ۋە ئىجاد قىلىشى تەلەپ قىلىنغان دۇنيا ئىشلىرىدا يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت بۇرچىنى ئونۇتتى. ئەسلىدە، دىنىي ئىشلاردا شەرىئەتنىڭ كۆرسەتمىسىدە چىڭ تۇرۇپ ئۇنىڭدىن چەتنىمەسلىك، دۇنيا ئىشلىرىدا بولسا تەرەققىي قىلىپ ئىلگىرىلەش، يېڭىلىقلارنى يارىتىش ۋە كەشپىياتلارنى ئېچىش كېرەك.
    دىققەت!
    بىدئەتنى «بىدئەت ھەسەنە- ياخشى بىدئەت» ۋە «بىدئەت سەييىئە -يامان بىدئەت» دەپ ئايرىغۇچىلار خاتالاشقانلاردۇر. ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «بىدئەتنىڭ ھەر قاندىقى ئازغۇنلۇقتۇر» دېگەن سۆزىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلاردۇر. ھافىز ئىبنى رەجەب قىرىق ھەدىسنىڭ شەرھىدە: "پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «بىدئەتنىڭ ھەرقاندىقى ئازغۇنلۇقتۇر» دېگەن سۆزى لەۋزى قىسقا، مەنىسى مول سۆز بولۇپ، ئۈ بىدئەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ھەدىس دىنىمىزنىڭ ئاساسى قائىدىلىرىدىن بىرى بولۇپ، «كىمكى بىزنىڭ دىنىمىزدا بولمىغان نەرسىنى پەيدا قىلىدىكەن، ئۇ قەتئىي قوبۇل قىلىنمايدۇ. يەنى رەت قىلىنىدۇ» دېگەن ھەدىسنىڭ ئوخشىشىدۇر. يەنى كىمكى دىندا ئاساسى بولمىغان نەرسىنى دىنغا نىسبەت بىرىدىكەن، (مەيلى ئۇ ئېتىقادى ياكى جىسمانى، ماددى ياكى مەنىۋى ئەمەللەرگە ئالاقىدار بولغان تەقدىردىمۇ) ئۇنىڭ مەزكۇر ئەمىلى رەت قىلىنىدۇ، دىن بۇ تۈردىكى كىشىلەردىن ئادا-جۇدادۇر".
    بىدئەت ھەسەنە بار دەپ دەۋا قىلغۇچىلارنىڭ ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ «بۇ نېمە دېگەن ياخشى بىدئەت» دېگەن سۆزىدىن باشقا  دەلىل ـ ئىسپاتى يوقتۇر. ئۇلار يەنە: قۇرئان كەرىمنى بىر كىتاب قىلىپ جەملەش ۋە ھەدىس شەرىپنى يىزىشقا ئوخشىغان ئىشلاردا سەلەپ-سالىھلار ھېچنىمە دېمىگەن دېيىشىدۇ. ئەمما ئۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنىڭ دىندا ئەسلى بولغان ئىشلاردىن بولۇپ، ئۇلار يېڭىلىق ئەمەس. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ بۇ سۆزىدە بىدئەتنىڭ لۇغەتتىكى مەنىسىنى مەقسەت قىلغانلىقى ناھايىتى ئېنىقتۇر. چۈنكى دىندىن بىرەر دەلىلى بولغان نەرسە ھېچقاچان شەرىئەت ئىستىلاھىدىكى بىدئەتكە كىرمەيدۇ. ئۇلارغا بۇ ھەقتە بېرىلىدىغان جاۋاپ: قۇرئان كەرىمنىڭ بىر كىتاب ھالىغا كەلتۈرۈلۈشى دىندىكى بىر يېڭىلىق ئەمەس، بەلكى بۇ ئىشلارنىڭ دىنىمىزدا ئەسلى باردۇر. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ۋەھيى نازىل بولغان ھامان ئۇنىڭ مۇبارەك ئېغىزىدىن يېزىپ تۇرىدىغان مەخسۇس ۋەھيى كاتىبلىرى بار ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىن كېيىن، سەھابە كىراملار قۇرئان سۈرىلىرىنى جەملەپ بىر كىتاب ھالىغا كەلتۈرگەن. تەراۋىھ نامىزىغا كەلسەك؛ ئۇنىڭ دىنىمىزدا ئەسلى بار بولۇپ، رەسۇلۇللاھ رامىزاننىڭ بەزى كۈنلىرىدە سەھابىلەر بىلەن بىرگە تەراۋىھ ئوقۇغان ۋە ۋاجىپلىق دەرىجىسىگە يىتىپ قىلىشىدىن ئەنسىرەپ بەزى كۈنى تەرك ئەتكەن ئىدى. سەھابە كىراملار رەسۇلۇللاھ ھايات ۋاقتىدىمۇ ئايرىم ھالەتتە تەراۋىھ ئوقۇغان بولۇپ، ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كىيىن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇلارنى خۇددى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن تەراۋىھ ئوقۇغان ۋاقىتتىكىدەك جامائەت بولۇپ ئوقۇشقا بىرلىككە كەلتۇرگەن خالاس. رەسۇلۇللاھنىڭ ھەدىسلىرىگە كەلسەك؛ ئەينى زاماندا رەسۇلۇللاھ سەھابىلاردىن بەزىسىنىڭ ھەدىسلەرنى يىزىۋېلىش تەلىپىگە قوشۇلغان بولۇپ، شۇنداقتىمۇ ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسىنى ۋە خالىغان كىشىنىڭ يىزىشى قاتارلىق ئىشلاردىن مەنئى قىلغان. چۈنكى ئۇ ۋاقىتلاردا قۇرئان تېخى چۈشۈشكە داۋام قىلىۋاتقان بولغاچقا بەزى كىشىلەرنىڭ ھەدىسلەرنى قۇرئان ئايەتلىرىگە ئارىلاشتۇرۇپ قويۇشىدىن ئەنسىرەيتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتى بىلەن بۇ چەكلىمە ئەمەلدىن قالغان بولدى. چۈنكى قۇرئاننىڭ چۈشۈشى توختىغان، ئۇنىڭ ئايەت ۋە سۈرىلىرى ھازىرقى تەرتىبى بويىچە يېزىلىپ توپلىنىپ بولغان ئىدى. ئۇنىڭدىن كىيىن مۇسۇلمانلار ھەدىسلەرنىڭ زايە بولۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئۇلارنى توپلاپ كىتاب ھالىغا كەلتۈرگەن. يۇقىرىقى ئىشلارنىڭ ھېچبىرى بىدئەت ئەمەستۇر. قۇرئان ۋە سۈننەتنىڭ زايا بولۇپ كىتىشىدىن ئەنسىرەپ ئۇنى ھىمايە قىلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن كىشىلەردىن جانابى ئاللاھ رازى بولسۇن.

 

 

 

 


مۇسۇلمانلار ئارىسىدا بىدئەتلەرنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە ئۇنىڭ سەۋەبى توغرىسىدا
    1- مۇسۇلمانلار ئارىسىدا بىدئەتلەرنىڭ پەيدا بولۇشى. بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكىدەك ئىككى مەسىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
    بىرىنچى مەسىلە: بىدئەتلەرنىڭ پەيدا بولغان ۋاقتى. بۇ ھەقتە شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە مۇنداق دەيدۇ: "بىلىڭلاركى، بىدئەتلەر ئومۇمەن ئۈلگىلىك خەلىپىلەر دەۋرىنىڭ ئاخىرىقى چاغلىرىدا پەيدا بولغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ بىدئەتلەرنىڭ پەيدا بولىدىغانلىقىدىن ئالدىن خەۋەر بېرىپ مۇنداق دېگەن: «سىلەردىن ھاياتتا قالغانلار كېيىنكى چوڭ ئىختىلاپلارنى كۆرىدۇ. سىلەر مېنىڭ يولۇمنى ۋە ئۈلگىلىك خەلىپىلەرنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى ئۆزۈڭلارغا ئۈلگە قىلىڭلار.» [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى].
    بىرىنچى بولۇپ ئوتتۇرىغا چىققان بىدئەتلەر قازا ۋە قەدەر توغرۇلۇق تالاش ـ تارتىشلاردىن پەيدا بولغان بولۇپ، بۇنىڭغا ئەگىشىپ شىئەلەر ۋە خاۋارىجلار ئوتتۇرىغا چىققان. ئۈچىنچى خەلىپە ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ھەرۇرىيە گۇرۇھى پەيدا بولغان. بۇ ۋاقىتتا ئىبنى ئۆمەر، ئىبنى ئابباس ۋە جابىر قاتارلىق ساھابىلەر ھايات ئىدى. تابىئىنلار (ساھابىلەرنى كۆرگەنلەر) دەۋرىنىڭ ئاخىرقى چاغلىرىدا خەلىپە ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز ۋاپات بولغاندىن كېيىن، جەھەمىيە گۇرۇھى ئوتتۇرىغا چىققان.
    يۇقىرىقى قازا ۋە قەدەر توغرۇلۇق بىدئەتلەر ھىجرىيەنىڭ ئىككىنچى ئەسىرىدە ساھابىلەرنىڭ ھايات ۋاقتىدا باش كۆتۈرگەن بولۇپ، ساھابىلەر بۇ بىدئەتلەرگە قەتئىي قارشى تۇرغان. كېيىنچە، بۇ بىدئەتلەر كۆپىيىپ مۈئتەزىلە مەزھىپى ئوتتۇرىغا چىققان ۋە مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدىكى بۆلۈنۈشلەر، ئىختىلاپلار بىدئەتلەرنىڭ يىلتىز تارتىشىغا شەرت ـ شارائىت يارىتىپ بەرگەن. شۇ ئەسنالاردا سوپىلىق ۋە قەبرىلەرگە باش ئۇرۇش، ئۆلۈكلەردىن ياردەم سوراش قاتارلىق بىدئەتلەر باش كۆتۈرۈشكە باشلىغان بولۇپ، زاماننىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئالتۇن ئەسىردىن يېراقلىشىپ، بىدئەتلەر راۋاجلىنىپ تۈرلىنىشكە باشلىغان." [پەتىۋالار توپلىمى 10-توم 354-بەت].
    ئىككىنچى مەسىلە: بىدئەتلەر پەيدا بولغان جايلار. ئىسلام مەملىكەتلىرى بىدئەتلەرنىڭ پەيدا بولۇشىدا پەرقلىق بولۇپ، شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە مۇنداق دېگەن: «ساھابىلەر ئولتۇراقلاشقان ۋە ئىمان بىلەن ئىلىم تارقالغان چوڭ شەھەرلەر بەش بولۇپ، ئۇلار: مەككە، مەدىنە، ئىككى ئىراق (كۇفە بىلەن بەسرە) ۋە شامدۇر. بۇ بەش شەھەردە قۇرئان، ھەدىسلەر، فىقھى ئىلىملەر ۋە ئۇنىڭدىن باشقا شەرىئەت ئەھكاملىرى نۇر چاچقان. مەدىنىدىن باشقا تۆت شەھەردىن ئېتىقادىي بىدئەتلەر باش كۆتۈرۈپ چىققان. مەسىلەن: كۇفەدىن شىئە مەزھىپى، بەسرەدىن مۈئتەزىلە مەزھىپى، شامدىن قەدەرىيە مەزھىپى ئوتتۇرىغا چىققان. ئەمما جەھمىيە مەزھىپى بولسا، خۈراساننىڭ بىر ناھىيىسىدە باش كۆتۈرۈپ چىققان. بۇ ئەڭ ئازغۇن مەزھەپتۇر ۋە بىدئەتلەرنىڭ ئەڭ يامىنىدۇر. پەيغەمبەر يۇرتىدىن يەنى مەدىنە مۇنەۋۋەرەدىن مۇساپە جەھەتتە قانچىلىك يىراق بولغان شەھەرلەردە بىدئەتلەرنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى ئېغىرراق بولغان. ئەمما مەدىنە شەھىرى بىدئەتلەردىن ئامان قالغان بىرلا ئىسلام شەھىرى ھېسابلىنىدۇ. گەرچە ئۇنىڭدىمۇ بەزى بىدئەتلەرنىڭ تەشۋىقاتلىرى باش كۆتۈرگەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئىشلىرى مەخپى ئىدى. چۈنكى مەدىنىدە قۇرئان ۋە ھەدىسلەرنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار ۋە بۇ ئىككى دەستۇرنىڭ روھىغا ئۇيغۇن كەلمىگەن پىكىرلەرنى تارقاتقۇچىلار ۋاقتىدا جازالىنىپ تۇراتتى. ئەمما كۇفە، بەسرە، شام ۋە خۇراسان شەھەرلىرىدە بىدئەتلەر ئاشكارا ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنە شەھرى توغرىسىدا مۇنداق دېگەن: «مەدىنىگە دەججال كىرەلمەيدۇ.» [بۇخارى رىۋايىتى]. مەدىنە مۇنەۋۋەرىدە ئىلىم ـ ئىرپان بىلەن ئىمان ـ ئېتىقاد ھىجرىيە 4 ـ ئەسىردىكى ئىمام مالىكنىڭ زامانىغىچە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدىكى ھالىتى بويىچە، بىرخىل داۋام قىلىپ كەلگەنىدى. ئەمما ئاۋۋالقى ئۈچ ئەسىر ئىچىدە مەدىنىگە ھېچقانداق بىدئەت ئاياق باسالمىغان ۋە باش كۆتۈرمىگەن.
    2- بىدئەتلەرنىڭ پەيدا بولۇشىغا تۈرتكە بولغان سەۋەبلەر. شۈبھىسىزكى، قۇرئان بىلەن ھەدىسلەرنىڭ روھىغا ئەمەل قىلىش ۋە بۇ ئىككىسىنى چىڭ تۇتۇش ھەرقانداق بىدئەت ۋە تۈرلۈك خۇراپاتلارغا چۈشۈشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئەڭ ياخشى قالقاندۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ وَأَنَّ هَذَا صِرَاطِي مُسْتَقِيمًا فَاتَّبِعُوهُ وَلَا تَتَّبِعُوا السُّبُلَ فَتَفَرَّقَ بِكُمْ عَنْ  تەرجىمىسى: «بۇ مېنىڭ توغرا يولۇمدۇر. شۇ يولدا يۈرۈڭلار. ناتوغرا يوللاردا ماڭماڭلار. ئۇلار سىلەرنى ئاللاھنىڭ توغرا يولىدىن ئايرىۋېتىدۇ. ئاللاھنىڭ ئەمرىنى تۇتۇپ دوزاختىن ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرگە بۇ ئىشلارنى تەۋسىيە قىلىدۇ.» [سۈرە ئەنئام 153-ئايەت].
    ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە بىر تۈز سىزىقنى سىزدى ۋە ئۇنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: بۇ ئاللاھنىڭ يولى، دېدى. ئاندىن بۇ سىزىقنىڭ ئوڭ ۋە سول تەرىپىگە سىزىقچىلارنى سىزدى ۋە ئۇلارنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: بۇلار يوللاردۇر. بۇ يوللارنىڭ ھەر بىرىدە ئازغۇنلۇققا چاقىرىدىغان شەيتانلار باردۇر، دېدى. وَأَنَّ هَذَا صِرَاطِي مُسْتَقِيمًا فَاتَّبِعُوهُ وَلَا تَتَّبِعُوا السُّبُلَ فَتَفَرَّقَ بِكُمْ عَنْ  تەرجىمىسى: «بۇ مېنىڭ توغرا يولۇمدۇر. شۇ يولدا يۈرۈڭلار. ناتوغرا يوللاردا ماڭماڭلار. ئۇلار سىلەرنى ئاللاھنىڭ توغرا يولىدىن ئايرىۋېتىدۇ. ئاللاھنىڭ ئەمرىنى تۇتۇپ دوزاختىن ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرگە بۇ ئىشلارنى تەۋسىيە قىلىدۇ.» دېگەن ئايىتىنى تىلاۋەت قىلدى.» [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى].
    يۇقىرىقى ئايەت ۋە ھەدىسنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن دەيمىزكى، كىمكى قۇرئان بىلەن ھەدىستىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، ئۇنى بىدئەت ۋە ئازغۇنلۇقنىڭ يوللىرى ئۆزىگە تارتىپ ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن توغرا يولدىن ئايرىلىپ قالىدۇ.
بىدئەتلەرنىڭ باش كۆتۈرۈشىگە تۈرتكە بولغان ئامىللار تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا خۇلاسىلىنىدۇ:
    1- ئىسلام دىنىنىڭ ماھىيىتىنى بىلمەسلىك.
    زاماننىڭ ئۆتۈشى ۋە ئىسلامنىڭ ئالتۇن دەۋرلىرى ئۆتمۈشلەرگە ئايلىنىپ قېلىشى بىلەن مۇسۇلمانلاردا دىنىي بىلىملەر ۋە ئىلىم ـ مەرىپەت ئاجىزلىشىشقا باشلىدى. دىننىڭ ماھىيىتىنى ۋە ھەقىقىي روھىنى بىلمەسلىكتىن ئىبارەت جاھالەت كۈندىن كۈنگە كۆپىيىشكە باشلىدى. ئىشلار خۇددى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئالدىن خەۋەر بەرگەندەك بولدى. ئۇ مۇنداق دېگەن ئىدى: «سىلەردىن ھاياتتا قالغانلار كېيىنكى چوڭ ئىختىلاپلارنى كۆرىدۇ.» [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى].
    رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ ئىلىمنى بەندىلىرىدىن يولۇپ ئېلىۋالمايدۇ. بەلكى ئۇنى ئالىملارنى ۋاپات قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئېلىۋالىدۇ. ھېچبىر ھەقىقىي  ئالىم قالمىغان ۋاقىتتا كىشىلەر بىلىمسىزلەرنى ئۆزلىرى ئۈچۈن يولباشچى قىلىۋالىدۇ، بىلمىگەنلىرىنى ئۇلاردىن سورايدۇ، ئۇلارمۇ بىلمىگەن نەرسىلىرىنى كىشىلەرگە بىلگەن كۆرسىتىپ پەتىۋالارنى ۋە تەلىملەرنى بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆزلىرىنى ۋە باشقىلارنى ئازدۇرىدۇ.» [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].
    بىدئەت ۋە جاھالەتلەرنى ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ئىلىم ۋە ئالىملارنىڭ كۈچى بىلەنلا يەڭگىلى بولىدۇ. ئالىملار بىلەن ئىلىم يوقىلىدىكەن، بىدئەت بىلەن جاھالەتلەرنى توسىدىغان بىرەر قالقان قالمىغان بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا بىدئەت ۋە جاھالەتنىڭ باش كۆتۈرۈپ راۋاجلىنىشى ئۈچۈن كەڭ پۇرسەت تۇغۇلىدۇ.
    2- نەپسىي ھەۋەسلەرگە بېرىلىش.
    قۇرئان ۋە ھەدىسنىڭ روھىدىن يېراقلىشىپ، ئۆزىنىڭ نەپسىي فَإِنْ لَمْ يَسْتَجِيبُوا لَكَ فَاعْلَمْ أَنَّمَا يَتَّبِعُونَ أَهْوَاءَهُمْ وَمَنْ أَضَلُّ مِمَّنَ اتَّبَعَ هَوَاهُ  تەرجىمىسى: «ئەگەر ئۇلار ساڭا ئەگىشىشنى قوبۇل قىلمىسا، بىلگىنكى، ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىنىڭ نەپسىي ھەۋەسلىرىگە ئەگىشىدۇ. ئاللاھ ۋەھىي قىلغان توغرا يولنى قويۇپ ئۆزىنىڭ نەپسىي ھەۋىسىگە ئەگەشكەن ئادەمدىنمۇ ئازغۇن ئادەم بارمۇ؟ ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەقىقەتكە ئەگەشمەسلىك ئارقىلىق ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغان قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ.» [سۈرە قەسەس 50-ئايەت].
أَفَرَأَيْتَ مَنِ اتَّخَذَ إِلَهَهُ هَوَاهُ وَأَضَلَّهُ اللَّهُ عَلَى عِلْمٍ وَخَتَمَ عَلَى سَمْعِهِ وَقَلْبِهِ  تەرجىمىسى: «ئى پەيغەمبەر! ماڭا نەپسىي خاھىشىنى ئىلاھ قىلىۋالغان، ئاللاھ ئازدۇرغان، ھەقنى بىلىپ تۇرغان، ئاللاھ قۇلىقىنى ۋە دىلىنى پىچەتلىۋەتكەن ۋە كۆزىنى پەردىلىۋەتكەن ئادەمنى ئېيتىپ بەرگىن. ئاللاھ ئازدۇرغاندىن كېيىن، ئۇنى كىم ھىدايەت قىلالايدۇ؟!.» [سۈرە جاسىيە 23-ئايەت].
    3- ئۆز پىكرىدە چىڭ تۇرىۋېلىش ۋە ئۆز كاتتىلىرىغا قارىغۇلارچە ئەگىشىش.
ئېنىقكى، كىشىنى توغرا يولغا ئەگىشىشتىن توسىدىغان نەرسە ئۆز پىكرىدە چىڭ تۇرۇۋېلىش ۋە باشقىلارغا قارىغۇلارچە ئەگىشىشتىن ئىبارەت ئىككى نەرسىدۇر. ئۆز پىكرىدە چىڭ تۇرۇۋالىدىغان، باشقىلارنىڭ نەسىھىتىنى قوبۇل قىلمايدىغان، باشقىلارنى مەنسىتمەستىن پەقەت ئۆزىنىلا ئەڭ توغرا يولدا دەپ بىلىدىغان كىشىلەر ھېدايەت تېپىشتىن ئىبارەت بۇ بۈيۈك نېمەتتىن مەھرۇم تەرجىمىسى: «ھەر قاچان كۇففارلارغا: ئاللاھ چۈشۈرگەن قۇرئانغا ئەگىشىڭلار! دېيىلسە، ئۇلار: ياق، ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزدىن قالغان دىنغا
كۈنىمىزدىكى مازار-ماشايىخلارغا باش ئورىدىغان، قەبرىلەرگە چوقۇنىدىغان ۋە تۈرلۈك شېرىك ئىشلارنى دىن دەپ قوبۇل قىلغان بەزى سوپى- ئىشانلارغا ئەگىشىدىغان بىلىمسىز، نادان مۇرىتلارغا ھەقىقەتكە ئەگىشىڭلار دېيىلسە، ئۇلار، ياق بىز ئاتا-ئانا ۋە پىرلىرىمىزنىڭ يولىغا ئەگىشىمىز، دەپ چىڭ تۇرىدۇ.
    4. كۇففارلارنى دوراش.
    ئاللاھنىڭ توغرا يولىدىن ئېزىپ، بىدئەت ۋە خۇراپاتلارغا چۆكۈشنىڭ ئەڭ چوڭ ئامىللىرىدىن بىرى كۇففارلارغا ئۆزىنى ئوخشىتىۋېلىش ۋە ئۇلارنى دوراشتۇر. ئەبۇ ۋاقىد لەيسىي مۇنداق دەيدۇ: «بىز ئىسلامنى قوبۇل قىلغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە ھۈنەينگە باردۇق. ئۇ جايدا مۇشرىكلارنىڭ مەخسۇس دەرىخى بار ئىدى. ئۇلار شۇ دەرەخنىڭ تۈۋىدە ئولتۇرۇپ قوراللىرىنى ھازىرلايتتى ۋە بۇ دەرەخنى بىزگە غەلىبە ئېلىپ كېلىدۇ، دەپ ئېتىقاد قىلغانلىقتىن ھۆرمەتلەيتتى. بىز بۇ دەرەخنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: يا رەسۇلۇللاھ! بىزگىمۇ مۈشرىكلارنىڭكىگە ئوخشاش بىر دەرەخنى مەخسۇس قىلىپ بەرگەن بولسىلا، دەپ سورىۋىدۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ‹سۇبھانەللاھ! سىلەرنىڭ دېگىنىڭلار بۇرۇنقى كۇففارلارنىڭ سۆزىنىڭ ئۆزىدۇر. ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، بۇ ئىسرائىل ئەۋلادلىرىنىڭ مۇسا  تەرجىمىسى: «ئى مۇسا! بىزگىمۇ ئۇلارنىڭ بۇتلىرىغا ئوخشاش بۇت ئورنىتىپ بەرگىن» دېدى. مۇسا: سىلەر ھەقىقەتەن نادان قەۋم ئىكەنسىلەر، دېدى.» [ئەئراف 138-ئايەت]. رەسۇلۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «سىلەرمۇ بۇرۇنقىلارنىڭ يولىغا ئەگىشىۋاتىسىلەر.» [تىرمىزى رىۋايىتى].
    يۇقىرىقى ھەدىس شۇنى ئىپادىلەيدۇكى، ئىسرائىل ئەۋلادلىرىنىڭ مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ئۇنىڭ ئۇلارغا بۇت ياساپ بېرىشىنى سوراشتىن ئىبارەت بۇ خاتا تەلەپنى قويۇشىغا ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىىسالامنىڭ يېڭىدىن مۇسۇلمان بولغان ساھابىلىرىنىڭ ئۇنىڭدىن ئۇلارغا مۇشرىكلارنىڭكىگە ئوخشاش ئۇلۇغلاش ئۈچۈن مەخسۇس دەرەخ بەلگىلەپ بېرىشىنى سورىشىغا تۈرتكە بولغان ئاساسلىق سەۋەب، ئۇلارنىڭ كۇففارلارنى دورىغانلىقى ۋە ئۇلارغا ئۆزلىرىنى ئوخشىتىشقا تىرىشقانلىقى ئىدى. مانا بۇ، كۈنىمىزدىكى كۆپىنچە مۇسۇلمانلارنىڭ ئادىتىگە ئايلىنىپ قالغان ئىللەتلەردۇر. بۈگۈنكى كۈندىكى كۆپىنچە مۇسۇلمانلارمۇ تۇغۇلغان كۈنلىرىنى خاتىرىلەش، قەبىرلەرنى قاتۇرۇش، يادىكارلىق ھەيكەللىرىنى تىكلەش، شەرىئەتتە بۇيرۇلمىغان دىنىي بايراملارنى بەلگىلىۋېلىشكە ئوخشاش باتىل دىن ۋە ئېتىقادلاردىكى بىر بولەك بىدئەت ۋە شېرىك ئەمەللەرنى قىلىپ كەلمەكتە.

 

 

ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بىدئەتچىلەرگە تۇتقان پوزىتسىيەسى ۋە ئەھلى سۈننە جامائىتىنىڭ بىدئەتلەرنى رەت قىلىشتىكى پىرىنسىپى
    بىرىنچى: ئەھلى سۈننە جەمائىتىنىڭ بىدئەتچىلەرگە قارشى مەۋقەسى. ئەھلى سۈننە ۋەلجەمائە ئەزەلدىن بىرى بىدئەت ۋە بىدئەتچىلەرگە رەددىيە بېرىپ كەلمەكتە. شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنى ئۇنىڭ خەتىرىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ كەلمەكتە. بۇ ھەقتە تۆۋەندە بەزى مىساللار بېرىلىدۇ:
    1- ئۇممۇ دەردا رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: «بىر كۈنى ئەبۇ دەردا ناھايىتى غەزەپلەنگەن ھالدا ئۆيگە كىرىپ كەلدى. مەن ئۇنىڭدىن-سىزگە نېمە بولدى؟، دەپ سورىۋىدىم، ئۇ: ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن مۇسۇلمانلارنىڭ بىدئەتلەرگە چۆمۈپ كەتكەنلىكىنى كۆردۈم. بولارنىڭ قىلغان ئىشلىرىدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يولىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان بىرەر شەيئىنىمۇ كۆرمەيۋاتىمەن. بىرلا نەرسە ئۇلارنىڭ ھەممىسى ناماز ئوقۇيدۇ، خالاس — دېدى.» [بۇخارى رىۋايىتى].
    2- بىر ئادەم ئىمام مالىكنىڭ يېنىغا كېلىپ، ھەرەمگە بېرىش ئۈچۈن نەدىن ئېھرام باغلاش كېرەك؟، دەپ سورىدى. ئىمام مالىك ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەلگىلەپ بەرگەن پالانى جايدىن ئېھرام باغلاش كېرەك، دېدى. ئۇ ئادەم: ئەگەر ئۇنىڭدىن يىراقراق جايدىن ئېھرام باغلىساممۇ بولامدۇ؟، دەپ سوراپتى. ئىمام مالىك: بۇنى توغرا كۆرمەيمەن دېۋىدى، بۇ ئادەم نېمە ئۈچۈن؟ دەپ يەنە سورىدى. ئاندىن ئىمام مالىك دېدىكى، سېنىڭ پىتنە ۋە ئىختىلاپلارغا سەۋەب بولۇشۇڭدىن قورقىمەن. ئاللاھ قۇرئاندا: ﴿فَلْيَحْذَرِ الَّذِينَ يُخَالِفُونَ عَنْ أَمْرِهِ أَن تُصِيبَهُمْ فِتْنَةٌ أَوْ يُصِيبَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ﴾ تەرجىمىسى: «پەيغەمبەرنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار دۇنيادا چوڭ پىتنىگە دۇچار بولۇشتىن، يا ئاخىرەتتە قاتتىق ئازابقا قېلىشتىن قورقسۇن» دەپ كۆرسەتكەن.
    يۇقىرىقىلار بۇرۇنقى مۇسۇلمانلارنىڭ بىدئەتلەرگە قارشى مەۋقەسىدىن بەزى ئۈلگىلەردۇر. ئىسلام مىللىتى، خۇسۇسەن ئىسلام ئالىملىرى بىدئەت ۋە خۇراپاتلارغا قارشى كۈرەشلىرىنى ئەسىرلەر بويى داۋام قىلدۇرۇپ كەلمەكتە.

    ئىككىنچى: ئەھلى سۈننە ۋەلجەمائەنىڭ بىدئەتلەرنى رەت قىلىشتىكى پىرىنسىپى: ئىسلام ئۆلىمالىرى بىدئەتلەرنى رەت قىلىشتا قۇرئان بىلەن ھەدىسلەرگە يۆلىنىدۇ. قۇرئان ۋە سەھىھ ھەدىسلەر مۇسۇلمانلار ئۈچۈن مەڭگۈلۈك دەستۇردۇر. بۇ ئىككىسى بىدئەتلەرنى يېڭىشتا، بىدئەتچىلەرگە قارشى تۇرۇشتا ئەڭ كۈچلۈك قورالدۇر. ئىسلام ئۆلىمالىرى قۇرئان ۋە ھەدىسنىڭ روھىغا ئەمەل قىلىش ۋە بىدئەتلەرگە قارشى تۇرۇش ماۋزۇسى ئاستىدا كۆپلىگەن قىممەتلىك ئەسەرلەرنى قالدۇرغان. ئاللاھقا شۈكۈركى، ئىسلام ئۆلىمالىرى ھازىرمۇ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا بىدئەت ۋە تۈرلۈك خۇراپاتلارغا قارشى كۈرەشلىرىنى داۋام قىلدۇرۇپ كەلمەكتە.
    زامانىمىزدىكى بىدئەتلەردىن بەزى مىساللار:
    زامانىمىز مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا ئورتاقلاشقان بىدئەتلەر تۆۋەندىكىچە:
    1- مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە مەۋلۇد ئوقۇپ مۇراسىم ئۆتكۈزۈش.
    «مەۋلۇد» سۆزى تۇغۇلغان دېگەن مەنىدە بولۇپ، خرىستىئانلار ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرلەپ مۇراسىم ئۆتكۈزگەنگە ئوخشاش، بەزى جاھىل مۇسۇلمانلار ئازغۇن موللىلارنىڭ دەستىكى بىلەن رەسۇلۇللاھنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرلەپ، بۇ ئىشنى ئىبادەت سۈپىتىدە ھەر يىلى رەبىيئۇل ئەۋۋەل ئېيىدا جارى قىلدۇرۇپ كەلمەكتە. ھالبۇكى، بىزنىڭ ئىسلام دىنىمىزدا پەيغەمبەرنىڭ بولسۇن ياكى باشقىسىنىڭ بولسۇن تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەش ئادىتى يوقتۇر. مۇسۇلمانلارنىڭ ھەر يىلى مەۋلۇد ئۆتكۈزۈش ئىشلىرى گاھ مەسچىتلەردە، گاھ ئۆيلەردە داۋام قىلدۇرۇلۇپ كەلمەكتە. كۆپىنچە مۇسۇلمانلار مەۋلۇد سورۇنىدا نېمە ئوقۇلىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ. ھەتتا مەۋلۇدنى ئوقۇغان موللىلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ نېمىلەرنى ئوقۇۋاتقانلىقىنى چۈشەنمەيدۇ. ئۇلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى مەدھىيىلىدۇق دەپ، ئۇنىڭ شەنىگە توغرا كەلمەيدىغان سۆزلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەزى ئەرەبـچە قەسىدىلەرنى چۈشەنمەستىن ئوقۇيدۇ. مەزكۇر پائالىيەت جەريانىدا ئوقۇلغان قەسىدىلەردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھقىلا خاس بولغان ئىلاھىي سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەيدۇ ۋە ئۇنىڭ ھەققىدە شېرىك سۆزلەرنى قىلىدۇ. بەزى كىشىلەر بۇ مۇناسىۋەت بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن مەدەت سورايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىسلىرىدە مەدەت ۋە ياردەمنىڭ پەقەت ئاللاھتىنلا سورىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەيدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆزىنى خرىستىئانلارنىڭ ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى ئىلاھلاشتۇرىۋالغىنىدەك ئىلاھلاشتۇرۇۋېلىنىشىنى قەتئىي رەت قىلغان. بۇ ھەقتە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «خرىستىئانلار ئىيسانى مەدھىيىلەشتە دىننىڭ چەكلىمىسىدىن ھالقىغىنىدەك، مېنى مەدھىيىدە ئاشۇرىۋەتمەڭلار. مەن بىر بەندە، مېنى ئاللاھنىڭ قۇلى ۋە ئەلچىسى دەڭلار.» [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].
    مەۋلۇد ئۆتكۈزگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى مەۋلۇد مۇراسىمىغا ھازىر بولىدۇ، دەپ ئېتىقاد قىلىشىدۇ. بۇ ئىنتايىن خاتا ئېتىقادتۇر. مەۋلۇد سورۇنلىرىدا مۇندىن باشقىمۇ ئىمان ۋە ئېتىقادقا زىت كېلىدىغان كۆپلىگەن سەلبىي ھالەتلەر باردۇر. بىز مەۋلۇد ئوقۇغۇچىلارغا شۇنداق دەپ جاۋاب بېرىمىزكى، مەۋلۇد ئوقۇشنىڭ قۇرئان ۋە ھەدىسلەردىن ھېچبىر ئاساسى يوقتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە ياكى ئۇنىڭدىن كېيىنكى ساھابىلەرنىڭ زامانلىرىدىمۇ مەۋلۇد ئوقۇش دېگەن نەرسە مەۋجۇد ئەمەس ئىدى. ئىسلامنىڭ ئالتۇن دەۋرلىرىدىمۇ بۇنداق ئىش يوق ئىدى. پەقەت ھىجرىيەنىڭ 4 ـ ئەسرىدىن كېيىن شىئەلەر تەرىپىدىن مەۋلۇد دېگەن نەرسە ئوتتۇرىغا چىقىرىلدى. شىئەلەر ئېتىقاد جەھەتتە خاتالاشقان بىر ئازغۇن پىرقىدۇر.  
    ئىمام ئەبۇ ھەپسە تاجىددىن ئەلپاكىھانىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "رەبىيئۇل ئەۋۋەل ئېيىدا ئاتالمىش «مەۋلۇت» مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشنىڭ دىندا ئاساسى بارمۇ دېگەن سوئاللار بەزى جامائەتلەر تەرىپىدىن تەكرار سورالغان ئىدى، ئاللاھنىڭ مۇۋەپپىقىيىتى بىلەن مۇنداق جاۋاپ بەردىم: مەۋلۇت مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشنىڭ قۇرئان ۋە سۈننەتتە ئاساسى بارلىقىنى خاتىرلىمەيمەن. ھەتتا سەلەپلەرنىڭ يولىدا ماڭغان دىندا ئۆرنەك بولغان ئۆلىمالارنىڭ بىرەرسىدىن بۇ مۇراسىمغا ئىشتىراك قىلغانلىقىنى بىلمەيمەن. بەلكى ئۇ، كېرەكسىز ۋە شەيتانى نەپسىگە ئەگەشكۈچى كىشىلەرنىڭ پەيدا قىلغان بىدئەتلىرىدىن ئىبارەتتۇر." [مەۋلۇت توغرىسىدا بايان ناملىق ئەسەردىن ئىلىندى].
    شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە مۇنداق دېگەن: "كىشىلەر يېڭىدىن ئوتتۇرىغا چىقىرىۋالغان مەۋلۇد مۇراسىمى؛ بىر بولسا خرىستىئانلارنىڭ ئادىتىگە ئەگىشىش ياكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا سۆيگۈ ئىزھار قىلىش ئۈچۈندۇر. قانداقلا بولمىسۇن، بۇ ئىشنى ساھابىلەر ياكى ئىسلامنىڭ ئالتۇن دەۋرلىرىدىكى كىشىلەر قىلمىغان. ياخشى ئىشلارنى جارى قىلدۇرۇشتا ئۇلار ئەلۋەتتە بىزلەردىن ھەقلىق ۋە بىزلەر ئۈچۈن ئۈلگە ئىدى.  ئەگەر مەۋلۇد دېگەن بۇ ئىش ياخشىلىققا ياتىدىغان بىر ئىجابىي ئىش بولىدىغان بولسا ئىدى، ئۇلار بۇنى ئەلۋەتتە قىلغان بولاتتى. ئۇلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى سۆيۈشتە ۋە ئۇنى قەدىرلەشتە بىزلەردىن ئاكتىپ كىشىلەر ئىدى. ئۇلار قانداقلا بىر ئىشىنىڭ ياخشىلىق ۋە ساۋابلىق ئىش ئىكەنلىكىنى بىلسە ئۇنى ھەرگىزمۇ تەرك ئەتمەيتتى. ئۇلار دىننىڭ ئەڭ راۋاجلانغان ۋە مۇسۇلمانلار دىننىڭ ھەقىقىتى بويىچە ئىش كۆرگەن ئۈلگىلىك ئەسىرلەردە ياشىغان پەزىلەتلىك كىشىلەر ئىدى. ئۇلار بىزگە نىسبەتەن بۇ دىننىڭ غايىسىنى، ماھىيىتىنى ۋە ھەقىقىتىنى ياخشى بىلەتتى. ئۇلارنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بولغان سۆيگۈسى، ئىخلاس ۋە ئەقىدىسى پەقەت ئۇنىڭ يولىغا ئەگىشىش، بۇيرۇغانلىرىنى ئورۇنلاش، توسقانلىرىدىن چەكلىنىش ۋە ئۇ بۇيرۇمىغان ئىشلارنى قىلماسلىق بىلەن بولغان. مانا بۇ، ساھابىلەرنىڭ، تابىئىنلار (ساھابىلەر بىلەن ئۇچراشقان كىشىلەر) نىڭ ۋە كېيىنكى دەۋرلەردە ياشىغان كامىل مۇسۇلمانلارنىڭ پەيغەمبەرنى سۆيۈش، ئۇنىڭغا مۇھەببەت قىلىش، ئىخلاس باغلاش ئارقىلىق ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشىدىكى يولىدۇر.» [شەيخۇل ئىسلام ئبنى تەيمىيەنىڭ "توغرا يولغا ئەگىشىش" ناملىق ئەسەر 2-توم 615-بەت(د. ناسىر ئەلئەقلىنىڭ تەھقىقى)].
    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە خاتىرلەپ مەۋلۇد مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش، ئۇنىڭ بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، بەلكى ئۇنىڭغا ئەگەشتۈرۈپ ئەۋلىيا ۋە پىرلەرنىڭمۇ تۇغۇلغان كۈنلىرىدە داغدۇغىلىق مۇراسىملارنى ئۆتكۈزۈشىگە ئىلىپ بارىدۇ. بۇنداق بىدئەتلەرگە رەددىيە بېرىپ قەدىمدە ۋە ھازىردا كۆپلىگەن ئىلمىي ئەسەرلەر يېزىلغان. ئىسلام ئۆلىمالىرى ئەسەرلەرنى يېزىشتىن باشقا، خۇتبىلىردە، ۋەزلىرىدە ۋە ھەرقانداق بىر سورۇنلاردا، مۇراسىملاردا بىدئەتلەردىن كىشىلەرنى مەنئى قىلىپ كەلمەكتە.
    2- ئۆلۈك ۋە ھايات بەزى كىشىلەر ۋە تارىخى جايلارنى تەۋەررۈك قىلىۋىلىش.
    زامانىمىزدا بەزى مەملىكەتلەردە كەڭ تارقالغان بىدئەتلەرنىڭ بىرى، ئۆلۈكلەرنى ۋە بەزى جايلارنى تەۋەررۈك قىلىش، يەنى ئۇلاردىن بەرىكەت ۋە ياخشىلىق تىلەشتۇر. بەرىكەت پەقەت ئۇنى ئاتا قىلىشقا قادىر بولغان ئاللاھتىنلا سورىلىدۇ. ھەقىقەتەن ئاللاھ بەرىكەت بېرىشكە قادىر يېگانە ياراتقۇچىدۇر. ھەممە ئاللاھقا موھتاجدۇر. ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم مەخلۇقاتلارغا رىزىق بېرىشكە ۋە بەرىكەت ئاتا قىلىشقا قادىر ئەمەستۇر. بەرىكەت ۋە رىزىقنىڭ ئىگىسى ئاللاھتۇر. بەزى جايلارنى تەۋەررۈك بىلىپ، ئۇ جايلاردىن بەرىكەت ۋە خاسىيەت تىلەش شېرىكنىڭ نەخ ئۆزىدۇر. جايلاردىن بەرىكەت ۋە خاسىيەت تىلىگۈچى مەيلى بۇ جاينى سىلاپ يۈزىنى سۈرتۈش بىلەن بۇ جايدىن بەرىكەت ھاسىل بولىدۇ دەپ ئېتىقاد قىلسۇن، مەيلى ئۇ جايدا ياتقان ئۇلۇغلارنىڭ يۈزىسىدىن ئاللاھ بەرىكەت ئاتا قىلىدۇ، دەپ ئېتىقاد قىلسۇن ھەر ئىككى ھالەتتە ئۇ شېرىكنى سادىر قىلغان بولىدۇ. ساھابىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھايات ۋاقتىدا ئۇنىڭ چاچلىرىنى تەۋەررۈك قىلىپ ساقلايتتى. بىراق ئۇلار ئۇنى بەرىكەت ئۈچۈن ۋاسىتە دەپ تونۇمايتتى، پەقەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بولغان ھۆرمىتى ۋە سۆيگۈسى يۈزىدىنلا شۇنداق قىلاتتى. ئۇلارنىڭ بۇ ئىشلىرى بىدئەت ياكى شېرىك دائىرىسىگە كىرمەيتتى، ئەلۋەتتە. بۇنىڭ دەلىلى شۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شۇ ۋاقىتتا ھاياتتا ئىكەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئۇنىڭ ئۆيىنى، قەبرىسىنى ياكى باشقا نەرسىلىرىنى تەۋەررۈك قىلىپ بەرىكەت ھاسىل بولىدۇ دەپ ئېتىقاد قىلمىغانلىقىدۇر. ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن، ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى، ئۆمەر، ئوسمان، ئەلى (ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن رازى بولسۇن) قاتارلىق ئۇلۇغ ساھابىلەرنىڭ ھېچبىرىنى ئۇلارنىڭ ھاياتىدا ياكى ۋاپاتىدىن كېيىن تەۋەررۈك قىلغان ئەمەس. ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەڭ ئاۋۋالقى قېتىم ۋەھىي كەلگەن ۋە ئۇنىڭغا پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسى تاپشۇرۇلغان ھىرا غارىغا بېرىپ ناماز ئوقۇپ دۇئا تەلەپ قىلمايتتى. ھازىرمۇ ھېچكىم بۇ جايلارنى ئالاھىدە ئىبادەت ئورنى قىلىۋالمىغان. ئىسلام دىنىدا جايلارنى تەۋەررۈك قىلىش توغرا بولىدىغان بولسا ئىدى، ئەڭ ئاۋۋال ھىرا غارى تەۋەررۈك قىلىنىشقا تېگىشلىك ئىدى. شۇنىڭدەك، ئاللاھ مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ۋەھىي چۈشۈرگەن ۋە سۆز قىلغان مۇبارەك جاي تۇرى سىناغا بېرىپ بىرەر ساھابىنىڭ دۇئا قىلغىنىنى ياكى ئىبادەت قىلغانلىقىنى ياكى بەرىكەت سورىغانلىقىنى بىلمەيمىز. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسجىدىدىكى رەسۇلۇللاھنىڭ ناماز ئوقۇغان جايىنى ياكى ئۇ خۇتبە ئوقۇغان مېھرابنى بىرەر ساھابىنىڭ ۋە ياكى كېيىنكى شانلىق دەۋر مۇسۇلمانلىرىدىن بىرەرسىنىڭ سۆيگەنلىكىنى ياكى تەۋەررۈك قىلغانلىقىنى بىلمەيمىز. شۇنداق ئۇلۇغ جايلارنى سۆيۈش ۋە تەۋەررۈك قىلىش، ئۇنىڭ بىلەن بەرىكەت تىلەش توغرا بولمىغان يەردە، ئەۋلىيالارنىڭ، پىرلەرنىڭ قەبرىلىرىنى، مازار ـ ماشايىخلارنى ۋە قەدىمىي ئاسارە ـ ئەتىقىلەرنى  تەۋەررۈك بىلىپ، ئۇلاردىن بەرىكەت ۋە ياردەم سوراش قانداقمۇ جائىز بولسۇن؟! ئەمما مەككىدىكى مەسچىتى ھەرەم، مەدىنىدىكى پەيغەمبەر مەسچىتى ۋە پەلەستىندىكى بەيتۇلمۇقەددەسنى ئۇلۇغلاش ۋە بۇ جايلارنى پەزىلەتلىك ماكان دەپ بىلىش دىنىمىزدا بۇيرۇلغان بىر ياخشى ئىش بولۇپلا قالماستىن، دىنىمىزنىڭ تەلىپىدۇر. چۈنكى مەسچىتى ھەرەمدىكى كەبە مۇسۇلمانلارنىڭ قىبلىسى، ئۇنىڭدا ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇش باشقا مەسجىتلەردە يۈزمىڭ رەكئەت ناماز ئوقۇغان بىلەن باراۋەردۇر. پەيغەمبەر مەسچىدىدە ۋە بەيتۇلمۇقەددەستە ئوقۇلغان ئىككى رەكئەت ناماز باشقا مەسچىتلەردە ئوقۇلغان بەش يۈز رەكئەت نامازغا تەڭدۇر.
    3- ئىبادەتلەردىكى بىدئەتلەر.
    كۈنىمىزدە ئىبادەتلەر ساھەسىگە كىرىپ كەتكەن بىدئەتلەر ناھايىتى كۆپتۇر. شەرىئەتنىڭ ئىبادەتلەر ھەققىدىكى كۆرسەتمىسى شۇكى، دىنىمىزدا بەلگىلەنگەن ھەرقانداق بىر ئىبادەتنى كۆرسىتىلگەن مەخسۇس قائىدە، سىستېمىلىرى بويىچە قىلىشتۇر. شەرىئەتتىن دەلىلى بولمىغان ئىشلار ئىبادەت دېيىلمەيدۇ. ھېچكىمنىڭ شەرىئەتتىن دەلىل ـ ئىسپاتسىز ھالدا، ئۆزى خالىغان ئىشلارنى ئىبادەت سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىرىش ھوقۇقى يوقتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «كىمكى بىزنىڭ دىنىمىزدا بۇيرۇلمىغان بىر ئىشنى ئىبادەت دەپ قىلىدىكەن، ئۇنىڭ ئەمەلىي قوبۇل قىلىنمايدۇ.» [مۇسلىم رىۋايىتى].
    ئىبادەتلەر پەقەت ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى كۆرسەتكەن قائىدە ۋە سىستېما بويىچە قىلىنىدۇ. باشقا ئۇسۇللار بىلەن قىلىنغان ئەمەللەر ئىبادەت قاتارىغا كىرمەيدۇ ۋە قوبۇل قىلىنمايدۇ.
كۈندۈلۈك ھاياتىمىزدىكى ئىبادەتلىرىمىزگە دەلىلسىز قىتىلىپ قالغان بەزى ئەمەللەرنى تۆۋەندە بايان قىلىپ ئۆتۈمىز:
    نامازدا نىيەتنى ئېغىز بىلەن قىلىش: (يەنى نىيەت قىلدىم ئىككى رەكئەت بامداتنىڭ پەرزىنى دېيىش) بۇ بىدئەت بولۇپ، رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننتىدىن ئەمەس. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿قُلْ أَتُعَلِّمُونَ اللَّـهَ بِدِينِكُمْ وَاللَّـهُ يَعْلَمُ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ ۚ وَاللَّـهُ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمٌ﴾ تەرجىمىسى: «ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى، ئاللاھقا دىنىڭلارنى (يەنى دىنىڭلارنى دىلىڭلارنىڭ تەستىق قىلغانلىقىنى) خەۋەر قىلامسىلەر؟ ھالبۇكى، ئاللاھ ئاسمانلاردىكىنى ۋە زېمىندىكىنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر.» [سۈرە ھۇجرات 16-ئايەت].
    نىيەتنىڭ ئورنى قەلبدۇر. نامازغا نىيەت قىلىش تىلنىڭ ئىشى بولماستىن بەلكى قەلبنىڭ ئىشىدۇر. شۇنىڭدەك، نامازدىن كىيىن جامائەت بولۇپ بىردەك تەسبىھ ئېيتىش. يەنى نامازدىن كىيىن ئوقۇلىدىغان زىكىرلارنى ھەركىشى ئۆز ئالدىغا ئېيتىش. بەزى مۇراسىم ۋە تىلاۋەت دۇئالاردىن كىيىن سۈرە پاتىھەنى ئوقۇشنى تەلەپ قىلىش. ئۆلگەندىن كىيىن نەزىر ئۆتكۈزۈش ۋە قۇرئان ئوقۇش ئۈچۈن بەزى كىشىلەرنى ئىجارىلاش، ئىسرا ۋە مىئراج كېچىسىنى قۇتلۇقلاش، ھىجرىيە يېڭى يىلىدە مۇراسىم ئۆتكۈزۈش، شۇنىڭدەك رەجەپ ئېيىنى ئۆمرە قىلىشقا خاسلاشتۇرۇش، سۈننەتتە كۆرسۈتۈلگەندىن باشقا مۇئەييەن بىر كېچىنى نەپلە ناماز ئوقۇشقا ياكى مەلۇم بىرەر كۈننى روزا تۇتۇشقا خاس قىلىۋېلىش قاتارلىق ئىشلار دىنىمىزدا ھېچ ئاساسى بولمىغان ئەمەللەردىن بولۇپ، بۇ ئىبادەتلىرىمىزگە سوقۇنۇپ كىرگەن بىدئەتلەردىندۇر.
    ئەھلى تەسەۋۋۇپلارنىڭ بارلىق تۈرلىرىدىكى ئاتالمىش زىكىرلار، يېڭىدىن پەيدا قىلىنغان بىدئەتلەردىن بولۇپ، مەزكۇر زىكىرلار ۋاقىت ۋە ئۇسلۇب، شۇنداقلا شەكلى ئىتىبارى بىلەن شەرىئەتتە يولغا قويۇلغان زىكىرلەرگە مۇخالىپتۇر.
    شەئبان ئېيىنىڭ 15-كۈنىنىڭ كۈندۈزىنى روزىغا، كېچىسىنى نامازغا خاسلاشتۇرۇش، شۇنىڭغا ئوخشاش شېرىككە ئىلىپ بارىدىغان ئەمەللەردىن قەبرە قاتۇرۇش، بەرىكەت تەلەپ قىلىش ياكى ئۆلۈكنى ۋەسىلە قىلىش ئۈچۈن قەبرە ئۈستىگە مەسجىد بىنا قىلىش قاتارلىق ئىشلار مۇسۇلمانلار ئارىسىدا كەڭ تارقالغان بىئەتلەردىن بولۇپ، بۇ ھەقتە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن بايان قىلىنغان سەھىھ ھەدىس يوق.
    خۇلاسە: بىدئەت كۇپرىغا ئىلىپ بارىدىغان ئەمەلدۇر. بىدئەت ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى يولغا قويمىغان ئىشلاردىن بولۇپ، دىندا يېڭىلىقنى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. بىدئەت سادىر بولغاندا، شەيتان چوڭ گۇناھ سادىر بولغان ۋاقىتتىكىدىن بەكراق خۇرسەن بولىدۇ. چۈنكى گۇناھ ئىشلىگۈچى مەزكۇر ئىشنىڭ چوڭ گۇناھ ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ ۋە ھامان بىر كۈنى تەۋبە قىلىدۇ. ئەمما بىدئەت ئىشلىگۈچى مەزكۇر ئەمەلنى ئىشلىگەندە، ئۇنى دىن ۋە بۇ ئارقىلىق ئاللاھقا يىقىنلىشىمەن دېگەن ئېتىقاد بىلەن قىلىدۇ، مەزكۇر ئېتىقادى سەۋەبلىك ئۇنىڭدىن تەۋبە قىلمايدۇ. بىدئەت سۈننەتنى يوقىتىدۇ، بىدئەتچىلەر سۈننەت ئەھلىنى ۋە سۈننەتنى ئەھيا قىلغۇچىلارنى يامان كۆرىدۇ. بىدئەت ساھىبىنى ئاللاھتىن يىراقلاشتۇرۇپلا قالماستىن، مەنىۋىي پاساتچىلىققا ئىلىپ بارىدۇ ۋە ئاللاھنىڭ غەزىپىگە دۇچار بولۇشىغا سەۋەپ بولىدۇ.

    بىدئەتچىگە قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەك؟:
    بىدئەتلەرنى سادىر قىلغۇچى كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۇنىڭ بىدئەت ئىكەنلىكىنى بىلمەستىن قىلىدۇ، ياكى مەلۇم بىرەر ئازغۇن مەزھەپنىڭ رايىغا ئاساسەن ئۇنى بىلىپ تۇرۇپ ئىبادەت دەپ قىلىدۇ. ھەر ئىككى ھالەتتە بىدئەت سادىر قىلغۇچى خاتالاشقان بولۇپ، ئەھلى-ئىلىملارنىڭ ئۇلارغا ۋەز ـ نەسىھەت قىلىشى، توغرىنى كۆرسىتىپ بىدئەت سادىر قىلىشنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى قەتئى ئاگاھلاندۇرۇشى لازىم. ئۇلار نەسىھەتنى قوبۇل قىلىپ ھەقىقەتكە قايتسا، ئۇلارنىڭ بۇرۇنقى خاتالىقلىرى سۈرۈشتە قىلىنمايدۇ. ئۇلارنى مۇسۇلمانلار قېتىغا ئېلىپ ھىمايە قىلىشى كېرەك. ئەگەر ئۈ ئۆز مەزھىپىنىڭ پىكرىدە چىڭ تۇرىۋېلىپ بىدئەت ئىشلارنى تەرك ئېتىشنى قوبۇل قىلمىسا ۋە ئۆزىنىڭ ئازغۇن يولباشچىلىرىنىڭ سۆزىدىن چىقمىسا، ئۇنداقلارغا ئارىلاشماسلىق، ئۇلارنى دوست تۇتماسلىق ۋە كىشىلەرنى ئۇلارنىڭ خەتىرىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇلاردىن يىراق بولۇشقا چاقىرىش كېرەك. چۈنكى باشقا پىكىردىكىلەرگە ئارىلاشقان ئادەم تەدرىجىي ئۇلارنىڭ پىكىرلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. شۇنداقلار يامان ئىشلارنى قىلىدىغان، شەرىئەتكە مۇخالىپەتچىلىك قىلىدىغان قەۋملەرگە ئارىلاشقان ئادەممۇ تەدرىجىي ئۇلارغا ئوخشاپ قالىدىغان ئەھۋاللارمۇ بولىدۇ. شۇڭا مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىنىڭ توغرا ئەقىدىسى، ساپ ئىمانى ۋە توغرا يولىدىن ئېزىپ، خاتالىقلارغا چۈشۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن باتىل ئېتىقادتىكى كىشىلەرگە ۋە يامان ئىش قىلغۇچىلارغا ئارىلاشماسلىقى كېرەك. بۇ ئەڭ ياخشى چارىدۇر. كۇففارلار ئازدۇرالمىغان مۇسۇلماننى، مۇسۇلمان سۈپەتلىك بىدئەتچى خۇراپاتچىلار ۋە مۇناپىقلار تېزلا ئازدۇرۇپ كېتەلەيدۇ. چۈنكى بۇنداقلارنى كىشىلەر ئۇلارنىڭ تاشقى جەھەتتىكى مۇسۇلمانلىق سۈرىتىگە قاراپ مۇسۇلمان قېرىنداش، توغرا يولدا يۈرگۈچى سەپداش دەپ تونۇيدۇ. نەتىجىدە ئۇلار ھېس قىلماستىن ئۇلارنىڭ يولىغا ئەگىشىپ كېتىدۇ. ئەمما كۇففارلاردىن ھەركىم ھەزەر قىلىدۇ. ئۇنىڭغا ئەگەشمەيدۇ.
    جانابى ئاللاھ تائالادىن ئۇلۇغ دىنىمىزغا نۈسرەت بېرىشىنى، دۈشمەنلىرىمىزنى رەسۋا قىلىپ، مۇسۇلمانلارنى ئەزىز قىلىشىنى تىلەيمىز.
    ئاخىرىدا، بىزنىڭ سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە سەھابە كىراملىرىغا چىن يۈرەكتىن سالام ۋە دۇئالىرىمىزنى يوللايمىز.