About the fatwa

Date :

Fri, May 22 2015
Question

مەسچىت ئېچىگە كوممونىستنىڭ دۆلەت بايرىقى ئېسىلغان بولسىمۇ، بۇ مەسچىتتە ناماز ئوقۇش دۇرۇس بولىدۇ

خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقى تۈركىستاندا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەسچىتلىرىدە، مۇنبەر ۋە مېھراب ئۈستىگە ياكى قىبلە تام تەرەپكە دۆلەت بايرىقىنى ئېسىشقا مەجبۇرلىدى. ئۇيغۇر دىيارىدا مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىنىڭ دىنى ئىشلىرىغا ئىگە بولالمايدۇ، ئۇلار مەسچىتلىرىگە خىتاينىڭ دۆلەت بايرىقى ئېسىلىشىنى خالىمايدۇ. يۇقىرىقىدەك ئەھۋال ئاستىدا بۇ مەسچىتلەردە ناماز ئوقۇساق توغرا بولامدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.
Answer
Answer

  بارلىق گۈزەل مەدھىيەلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.

     مۇسۇلمانلارنىڭ ھەرقانداق ۋەزىيەت ئاستىدا يەنى مەسچىت ئېچىگە كاپىر-تاغۇتلارنىڭ بايراقلىرى ئىسىلغان تەقدىردىمۇ، ئاللاھنىڭ ئۆيىنى تەرك ئېتىشى توغرا بولمايدۇ. شۇنداقلا زېمىن ئەھلى ئارىسىدا مۇسۇلمانلار ئۆزىنىڭ مەسچىتلىرىگە ئىگىدارچىلىق قىلىشقا ئەڭ  ھەقلىقتۇر.

      ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش قىيامەتكىچە داۋاملىشىدۇ. ئىنسانلارنىڭ ئىسلام پرىنسىپى ئاستىدا تىنچ ۋە بەختلىك ھايات كەچۈرۈشى، ئۆزلىرىنىڭ ئىززەت، شەرىپى ۋە ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئاللاھ يولىدا سۆز بىلەن، تىل بىلەن، مېدىيا ۋاستىلىرى ئارقىلىق، ھەتتا نۆۋىتى كەلگەندە قورال كۈچى بىلەن كۈرەش قىلىش كېرەك.

     مۇسۇلمانلار مەسچىتنىڭ مېھراب ۋە مۇنبەرلىرىگە بايراق ئېسىلدى دەپ، مەزكۇر مەسچىتتە ناماز ئوقۇشنى تەرك قىلىدىكەن، بىكاردىنلا دىن دۈشمەنلىرىگە زور غەلىبىنى بارلىققا كەلتۇرۇپ بەرگەن بولىدۇ. دىن دۈشمەنلىرىگە مۇسۇلمانلارنى ئاللاھنىڭ دىنىدىن توسۇش، ئىجتىمائىي قۇرۇلمىسىنى بۇزۇش، ئىمان-ئەقىدىسىنى يوق قىلىش ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز ھىلى-مىكىر ئىشلىتىدۇ.

     ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى بۇنداق ھىلى-مىكىرلەردىن ئاگاھ بولۇشى لازىمدۇر. كاپىرلارنىڭ بەلگىلىرى ۋە سۈرەت بار ئورۇنلاردا ناماز ئوقۇش چەكلىنىدۇ دېگەن پەتىۋالارغا ئالدىنىپ قالماسلىق كېرەك. گەرچە ئۇ پەتىۋالار ھەق ۋە توغرا بولسىمۇ، لېكىن ئۇ پەتىۋاغا مۇسۇلمانلارغا كەڭرىچىلىك ۋە ئەركىنلىك بولغان جايلاردا ئەمەل قېلىنىدۇ. ئەمما مەجبۇرلانغان، قىستالغان، زالىم-قانخور ھاكىمىيەت بىلەن قانلىق مەرىكىگە دۇچ كېلىش ئېھتىماللىقى بولغان ئورۇنلاردا، مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا مۇناسىپ بولغان، كەڭرىچىلىك ئاساس قىلىنغان، پايدا-زىيان توغرا مۆلچەرلەنگەن، ۋەقەنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشىگىلا قاراپ پەتىۋا بەرمەستىن، بەلكى ئەتراپلىق ئىزدىنىپ، ئىشنىڭ ماھىيىتىنى چىقىش ۋە تەسەۋۋۇر قىلغان ھالدا مۇۋاپىق ھۆكۈم قىلىش كېرەك.

     ھىجرەتتىن ئىلگىرى كەبە ئىچىدە نۇرغۇنلىغان جاھىلىيەت بۇتلىرى تۇرۇقلۇق، رەسۇلۇللاھ ھەرەم مەسچىتىدە ناماز قىلاتتى. كەبىدە بۇتلارنىڭ بولىشى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى ھەرەمدە ناماز قىلىش، رۇكۇ-سەجدە قىلىش ۋە ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى نامايەندە قىلىش، پەيغەمبەرلىك رىسالىسىنى ئاشكارا يەتكۈزۈش قاتارلىق ئىشلاردىن توسۇپ قالالمىدى. ئەينە ۋاقىتتا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام دەۋەت قېلىۋاتقان ھەقىقەت، ھەرەم مەسچىتى ئەتراپىغا تارالغان باتىللاردىن نەچچە ھەسسە كۈچلۈك ئېدى.

     ھەق ساھىبى ئىرادىسىدىن قەتئى بوشاشماستىن، ھەرقانداق شارائىت ئاستىدا ئۆز ھەققىنى قوغدىشى ۋە ھىمايە قىلىشى كېرەك. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھەقنى يەتكۈزۇش يولىدا بۈيۈك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىدىكى ئاساسلىق ئامىلمۇ، ئۆز ھەققى ۋە مەجبۇرىيىتىدىن ۋاز كەچمىگەنلىكىدىن ئىبارەتتۇر.

     ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ بىلگۈچىدۇر.     

ئىسلام سوئال جاۋاب تورى