Question

كاپىرلارنى دوست تۇتۇش ۋە ئۇلاردىن ياردەم ئىزدەشنىڭ پەرقى

كاپىرلارنى دوست تۇتۇش ۋە ئۇلاردىن ياردەم ئىزدەشنىڭ پەرقى نىمە؟
Answer
Answer

مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن . 
كاپىرلارنى دوست تۇتۇش دىگەنلىك ، ئۇلارنىڭ كاپىرلىق ئىشلىرىغا ياردەم قىلىش ۋە ھەمدەمدە بولۇش دىگەنلىك ، مەسىلەن ، مۇسۇلمانلار كاپىرلار سېپىدە جەڭ قىلىدۇ ، يەنى مەسىلەن ، كاپىرلار بىر مۇسۇلمان دۆلىتىگە ھۇجۇم باشلايدۇ ، شۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمان ئۇلارنى دوست تۇتىدۇ ھەمدە ئۇلارغا ياردەم قىلىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئۇ دۆلەتكە قىلغان ئۇرىشىغا ھەمدەمدە بولىدۇ ، مەيلى ئۇ قورال بىلەن بولسۇن ياكى ئۇلارنىڭ مۇسۇلمانلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشىغا ياردىمى بولىدىغان ھەرقانداق بىر نەرسىنى تەمىنلەش بىلەن بولسۇن . مانا بۇ ئۇلارنى دوست تۇتۇش ، ياكى ھارام قىلىنغان دوستلۇقنىڭ بىر تۈرى ، چۈنكى ئۇ مۇسۇلمانلارغا قارشى ئۇلارغا ياردەم قىلىش ۋە ئۇلارغا قېتىلىشتۇر .
ئۇلارنىڭ ياردىمىنى ئىزدەشكە كەلسەك ، بۇ خىزمەت قىلدۇرلۇش مەقسىتىگە باغلىق . ئەگەر بۇ مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتىگە خىزمەت قىلسا ، ئۇنىڭدا چاتاق يوق ، شەرتى ئۇلارنىڭ ئەسكىلىكىدىن ۋە خائىنلىقىدىن ھىزىي بولىشىمىز كىرەك ، ھەمدە ئۇلارنىڭ بىزنى ئالداش خەتىرى بولماسلىقى كىرەك . بىراق ئۇ خىزمەتلەرنىڭ پايدىسى بولمىسا ،ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ ياردىمىنى تەلەپ قىلىشقا بولمايدۇ چۈنكى ئۇلاردا ياخشىلىق يوق . 
[ لقاءات الباب المفتوح للشيخ محمد بن صالح العثيمين] 20.ب .

www.islamqa.com