Question

ۋەتەنگە مەنسۇپ بولۇش توغرىسىدا

سوئال: ۋەتەنگە مەنسۇپ بولۇش پەرز دېگۈچىلەرگە ئالىملار قانداق جاۋاپ بېرىدۇ؟
Answer
Answer

جاۋاب: 
بارچە ھەمدۇ-سانا ئۇلۇغ ئاللاھقا خاستۇر.
ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ دوستلىرىغا دوست بولۇش، ئۇلارنى دۈشمەن تۇتقانلارغا دۈشمەن بولۇش پەرزدۇر . بەزى بىر مۇسۇلمانلارنىڭ ۋەتىنى ئىسلامىي مەملىكەت بولماسلىقى مۇمكىن، بۇ ۋاقىتتا قانداقمۇ ئۇ شۇ ۋەتەنگە سادىق بولسۇن! ئەگەر ئۇنىڭ ۋەتىنى ئىسلامىي بولسا ئۇنىڭغا ياخشىلىق تىلەش بىلەن بىرگە سادىقلىقىنى بىلدۈرسە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئەمما ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە مەنسۇپ بولغاندەك بولالمايدۇ. چۈنكى ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان ئادەم ئۇنىڭ دوستى ئاللاھقا قارشى چىققان ئادەم ئۇنىڭ دۈشمىنىدۇر. ئۆزىنىڭ قېرىنداشلىرى ئەگەر ئاللاھقا قارشى گۇرۇھلاردىن بولسا، ئاللاھ ئۈچۈن ئۇنىڭغا دۈشمەن بولىشى پەرز. مۇسۇلماننىڭ ۋەتىنى ئىسلامىي بولىشى كېرەك. مۇسۇلمانلار شۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشىشى لازىم. مۇسۇلمان ئادەم ۋەتەن ئەھلىنىڭ تىنچلىقى ۋە خاتىرجەملىكى ئۈچۈن ھەرۋاقىت تىرىشىشى لازىم. ئاللاھ پۈتۈن مۇسۇلمانلارنى توغرا يولغا ھىدايەت قىلغاي. ۋەسەللەللاھۇ ئەلا سەييىدىنا مۇھەممەد ۋەئەلا ئالىھى ۋەسەھبىھى ۋەسەللەم.
ھەممىدىن توغرىسىنى ئاللاھ بىلگۇچىدۇر.
پەتىۋالار توپلىمى 9-توم 317-بەت

www.islamqa.com