Question

كاپىر سوتچىغا ھۆكۈم قىلدۇرۇش ياكى بىلىمسىز بولسىمۇ دانا ئىمامغا ھۆكۈم قىلدۇرۇش

بىز غەرىپتە بىر شەھەردە تۇرىمىز ، بۇ يەردە بىز ھۆكۈم قىلدۇرىدىغانغا ياكى توقۇنۇشلارنى ھەل قىلىدىغانغا بىرە ئىسلامى سوت مەھكىمىسى ياكى ئىسلام مەركىزى تاپالمايمىز .بىزدە بىر ئىسلام دەۋەت مەركىزى بار ، لىكىن ئۇنىڭدا رەئىس ياكى توقۇنۇشلارنى ھەل قىلىپ بىرىدىغانغا بىرەسى يوق .بىر ئايالنىڭ كاپىر سوتچى(قازى) ئالدىدا بالىلىرىنى بېقىش ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىشكە قوشۇلۇشى ئىجرا قىلىنىش لازىم ھىساپلىنامدۇ ؟ كاپىر سوتچىنىڭ ئەگەر بالىلار ئاپىسىنىڭ قېشىدا بولسا دادا بالىلىرىنىڭ خىراجىتىنى قىلىدۇ دىگەن ھۆكۈمى ئىجرا قىلىنىشى لازىم ھىساپلىنامدۇ ؟
Answer
Answer

 

مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن . 
بىز بۇ سۇئالنى پېشىۋا مۇھەممەت بىن سالىھ ئۇسەيمىين (ئاللاھ ئۇكىشىگە رەھىم قىلسۇن ) گە سۇنغانىدۇق ، ئۇ تۆۋەندىكىچە جاۋاپ بەردى : 
بىرىنچى -ئاللاھ سىزنى بەخىتلىك قىلسۇن - ئەگەر دەۋەت مەركىزى بۇ مەسىلىلەرگە ھۆكۈم قىلىپ قويۇشقا قوشۇلسا ، بۇنىڭدا چاتاق يوق . بۇ ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى مەسئۇلىيەت ، چۈنكى بىز مەسىلىلەرنى مۇسۇلمانلارنىڭ ھۆكۈم قىلىپ قويۇشىغا سۇنىشىمىز كىرەك .
بىراق بېقىش ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىش مەسىلىسىگە كەلسەك ، ئەگەر ئانا بېقىش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچسە ، بۇنىڭغا ھۆكۈم قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق ، ئەگەر ئۇ بۇنى ئىقرار قىلسا ، مۇشۇنىڭ ئۆزى يىتەرلىك بولۇپ ئىجرا قىلىنىدۇ .
بالىلارنىڭ خىراجىتىنى قىلىشقا كەلسەك ، ئەگەر ئۇلار ئانا بېقىش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەندىن كىيىن دادىلىرىنىڭ قېشىغا بارسا ، ئۇ ئۇلارنىڭ خىراجىتىنى قىلىش كىرەك .
سۇئال : 
ئەگەر كاپىر سوتچى بالىلار ئانىلىرىنىڭ قېشىدا تۇرغاندىمۇ دادا ئۇلارنىڭ خىراجىتىنى قىلىش كىرەك دەپ ھۆكۈم قىلسا ، بۇ ئىجرا قىلىنامدۇ ؟ 
جاۋاپ : 
سوتچى دادا ئۇلارنىڭ خىراجىتىنى قىلىش كىرەك دەپ ھۆكۈم قىلمىغان تەقدىردىمۇ ، بۇ شەرىئەت بويىچە ئۇنىڭ مەسئۇلىيتى .
سۇئال : 
مىقدارىچۇ ؟
جاۋاپ : 
مىقدارى ئۇرف(يەرلىك ئادەت) تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ .
سۇئال : 
شۇڭا ئەگەر كاپىر سوتچى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن مىقدار يەرلىك ئادەتكە ئاساسەن بولسا ، ئۇنى ئىجرا قىلىشى كىرەكمۇ؟ 
جاۋاپ : 
ئۇنى ئىجرا قىلىشى كىرەك ، لىكىن ئۇ سوتچىنىڭ ھۆكۈمى بولماستىن بەلكى يەرلىك ئادەت .
سۇئال : 
ئەگەر ئەر-خوتۇن ئىككەيلەن بىر مۇسۇلمانغا ھۆكۈم قىلدۇرۇشقا قوشۇلسا ، ئۇنىڭ ھۆكۈمى ئىجرا قىلىنامدۇ ؟ غەرىپتە ئىماملار دىيانەتسىز كىلىدۇ ، شۇڭا ئۇلار ئۇنىڭغا ھۆكۈم قىلدۇرسا بولامدۇ ؟ 
جاۋاپ : 
ئەگەر ھۆكۈم قىلدۇرىدىغانغا باشقا ئادەم بولمىسا ، ئاندىن بولىدۇ . بىراق فىقھىشۇناسلار ئۇنىڭ قازىلىق قىلىشقا مۇناسىپ بولۇشىنى يەنى، شەرىئەتتىن بىلىمگە ئىگە بولۇشىنى شەرت قىلغان . بىراق ئۇنىڭدىن باشقا بىرى بولمىسا ، ئۇلار كۈچىنىڭ يېتىشىچە ئاللاھتىن قورقسۇن .
سۇئال : 
ئەگەر بۇ يەردە ھۆكۈم قىلىشنى بىلىدىغان پەقەت ئادەم بولمىسا ، بىراق بىر دانا مۇسۇلمان ئەر بولسىچۇ ؟ 
جاۋاپ : 
ئەگەر ئۇلار ئۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ ئارىسىنى ئەپلەشتۈرۈپ قويۇش ئاساسىدا ھۆكۈم قىلىپ قويۇشىنى سورىسا ، بۇ بولىدۇ .
سۇئال : 
بىراق بىز بۇ پەقەت ئەپلەشتۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن دىسەك ، ئۇنىڭ سۆزى ئىجرا قىلىنىشى لازىم ئەمەس ، شۇنداقمۇ ؟ 
جاۋاپ : 
ياق ، لىكىن ئۇ ھۆكۈم چىقارسا ھەمدە ئۇلار ئۇنىڭغا قوشۇلسا ، ئۇنداقتا ئۇ ئىجرا قىلىنىشى كىرەك . ئىككى تەرەپ قوشۇلغان ھەرقانداق ئەپلەشتۈرۈش ئىجرا قىلىنىدۇ ، چۈنكى ھەدىستە : « ياراشتۇرۇش مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا دۇرۇستۇر » دىيىلگەن . ھەمدە ئاللاھ ياخشى بىلىدۇ .

www.islamqa.com