قۇرئان كەرىمدىن ئاخىرقى ئۈچ پارىسىنىڭ تەپسىرى ۋە مۇسۇلمانلار ئۈچۈن مۇھىم بولغان ھۆكۈملەر

«قۇرئان كەرىمدىن ئاخىرقى ئۈچ پارىسىنىڭ تەپسىرى ۋە مۇسۇلمانلار ئۈچۈن مۇھىم بولغان ھۆكۈملەر» ناملىق بۇ ئەسەر ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ھازىرگە قەدەر 22خىل تىلدا تەرجىمە قىلىنىپ نەشىر قىلىندى ۋە ئاللاھنىڭ پەزلى بىلەن ئۇيغۇرلارمۇ بۇنىڭدىن ئۆز نېسىۋىسىنى ئالدى. بۇ كىتاپ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ مۇسۇلمانلىرىنىڭ ﺋﯚﺯ ﺩﯨﻨﯩﻨﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ رەۋىشتە ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ پايدىلىقتۇر. كىتاب ئىككى قىسىمغا بۆلۈنگەن بولۇپ، 1-قىسمى قۇرئان كەرىمنىڭ ئاخىرقى ئۈچ پارىسىنىڭ قىسقىچە تەپسىرى شەيخ مۇھەممەد ئەلئەشقەرنىڭ «زۇبدەتۇل تەپسىر» ناملىق ئەسىرىدىن ئىلىنغان. 2-قىسمى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن مۇھىم بولغان ئەھكاملار، ئەقىدىدىن سوئال -جاۋابلار، تەۋھىد توغرىسىدا دىئالوگ، ئىسلامنىڭ ئاساسلىرى، دۇئا ۋە زىكىرلەر، پەزىلەتلىك ئەمەللەر، ئىسلامدا چەكلەنگەن ئىشلار، تاھارەت ۋە ناماز قائىدىلىرى قاتارلىق مۇسۇلماننىڭ بىلىشى زۆرۈر دەپ قارالغان دىنىمىزدىكى مۇھىم ئەھكاملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ كىتاب دىنى ئەھكاملارنى بىلمەيدىغان ياكى بىلىشكە قىزىقىدىغان قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق ئەسەر دەپ قارىلىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىشى ۋە ئەمەل قىلىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.