Question

مۇسۇلمان قىزنىڭ كاپىر ئەرنى ياخشى كۆرۇپ قىلىپ ، ئۇنىڭ بىلەن تۇرمۇش قۇرۇشنى خالىشىنىڭ ھۆكمى

سۇئال: مەن 20 ياشلىق بىر قىزمەن. چەتئەللىك بىر خرىستىئاننى ياخشى كۆرۈپ قالدىم. دىنىمدا مۇستەھكەم تۇرالايدىغانلىقىمغا ئىشەنچىم كامىل بولغان ھالدا ئۇنىڭ بىلەن ئۆيلەنسەم بولامدۇ؟ ئەگەر جاۋابىڭىز« بولمايدۇ» بولسا، ئۇنى ئىسلامغا قانداق دەۋەت قىلىمەن؟ سىلەردە شۇنداقلارنى ئىسلامغا تەرغىب قىلىدىغان جەمئىيەتلەر بولسا ماڭا ئېيتىپ بەرسەڭلار، مەن ئۇنىڭغا ئېيتىپ ئۇنىڭ ئىسلام دىنىغا كېرىشىگە تۈرتكە بولسام دەيمەن؟.

Answer
Answer

جاۋاب:
پۈتۈن ئىسلام ئۇممىتى مۇسۇلمان ئايالنىڭ مەيلى يەھۇدىي بولسۇن، مەيلى خرىستىئان بولسۇن قانداقلا بىر كاپىرغا ئۆيلىنىشىنى جائىز ئەمەس، دېگەن قارارغا بىردەك ئىتتىپاقتۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن: « ئى مۇسۇلمانلار!) مۇشرىك ئاياللار ئىمان ئېيتمىغىچە ئۇلارنى نىكاھىڭلارغا ئالماڭلار. (ھۈر) مۇشرىك ئايال (ھۆسن- جامالى ۋە مېلى بىلەن) سىلەرنى مەپتۇن قىلغان تەقدىردىمۇ، مۆمىن دېدەك، ئەلۋەتتە، ئۇنىڭدىن ئارتۇقتۇر. مۇشرىك ئەرلەر ئىمان ئېيتمىغىچە مۆمىن ئاياللارنى
ئۇلارغا ياتلىق قىلماڭلار، (ھۈر) مۇشرىك ئەر سىلەرنى مەپتۇن قىلغان تەقدىردىمۇ مۆمىن قۇل ئەلۋەتتە، ئۇنىڭدىن ئارتۇقتۇر. ئەنە شۇلار (يەنى مۇشرىك ئەر ۋە ئاياللار سىلەرنى) دوزاخقا چاقىرىدۇ، اﷲ ئۆزئىرادىسى بويىچە (سىلەرنى) جەننەتكە، مەغپىرەتكە چاقىرىدۇ، كىشىلەر پەند- نەسىھەت ئالسۇن دەپ اﷲ ئۇلارغا ئۆز ئايەتلىرىنى بايان قىلىدۇ» (بەقەرە سۈرىسى 221- ئايەت).
« ئى مۆمىنلەر! سىلەرگە مۆمىن ئاياللار ھىجرەت قىلىپ كەلسە، ئۇلارنى سىناپ كۆرۈڭلار، ئۇلارنىڭ ئىمانىنى اللە ئوبدان بىلىدۇ، ئەگەر ئۇلارنى (سىنىغاندىن كېيىن ھەقىقىي) مۆمىنە دەپ تونۇساڭلار، ئۇلارنى كاپىرلارغا قايتۇرۇپ بەرمەڭلار، ئۇلار كاپىرلارغا ھالال ئەمەس، كاپىرلارمۇ ئۇلارغا ھالال ئەمەس، كاپىر ئەرلىرىنىڭ ئۇلارغا بەرگەن مەھرىنى قايتۇرۇپ بېرىڭلار، ئۇلارنىڭ مەھرىلىرىنى بېرىپ نىكاھىڭلارغا ئالساڭلار سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، كاپىر ئاياللارنى ئەمرىڭلاردا ساقلىماڭلار، ئۇلارغا بەرگەن مەھرىڭلارنى تەلەپ قىلىڭلار، كاپىرلارمۇ (ھىجرەت قىلىپ كەلگەن مۆمىن ئاياللىرىغا بەرگەن) مەھرىلىرىنى تەلەپ قىلسۇن، اللەنىڭ ھۆكمى ئەنە شۇ. اللە ئاراڭلاردا ھۆكۈم چىقىرىدۇ، اللە ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر» (مۇمتەھىنە سۈرىسى 10- ئايەت)
شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىيە مۇنداق دېگەن:« پۈتۈن مۇسۇلمانلار قانداقلا بىر كاپىرنىڭ مۇسۇلماندىن مىراس ئالالمايدىغانلىقىغا ۋە كاپىر ئەرنىڭ مۇسۇلمان ئايال بىلەن ئۆيلىنەلمەيدىغانلىقىغا بىردەك ئىتتىپاقتۇر.»( پەتەۋا كۇبرا 3- توم 130- بەت).
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام« ئىسلام ھەر زامان ئۈستۈن بولىدۇ، ھېچ نەرسە ئۇنىڭغا ئۈستۈن قىلىنمايدۇ» دەپ كۆرسەتكەن.( دار قۇتنى رىۋايەت قىلغان، ئالبانىينىڭ سەھىھ كىتابىدا« ھەسەن»دەپ باھالىغان 2778- نومۇرلۇق ھەدىس).
ئەر ئايالنى باشقۇرىدۇ. كاپىر بىرىنىڭ مۇسۇلمان ئايالنى باشقۇرىشى جائىز ئەمەس. چۈنكى ئىسلام دىنى يېگانە ھەق دىن بولۇپ، باشقا بارلىق دىنلار باتىلدۇر.
ئايال كىشى كاپىر بىرىگە ياتلىق بولۇشنىڭ ھاراملىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئۆيلەنگەن بولسا، ئۇ زىنا قىلغان بولىدۇ. ئۇنىڭغا زىنا قىلغۇچىغا بېرىلىدىغان جازا بېرىلىدۇ. ئەگەر مۇنداق قىلىشنىڭ ھۆكمىنى بىلمىگەن ھالدا ياتلىق بولغان بولسا، ئۇ ئۆزۈرلۈك سانىلىدۇ ۋە ئارىسىنى دەرھال ئايرىۋېتىش لازىم كېلىدۇ. چۈنكى بۇ نىكاھ باتىلدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمان ئايال ۋە ئۇنىڭ ئىگە - چاقىلىرى بۇنداق يامان ئاقىۋەتتىن ھەزەر قىلىشى ۋە ئاللاھنىڭ شەرىئىتىگە ئەمەل قىلىشى لازىم. «كىمكى ئىززەت تەلەب قىلىدىكەن، ئىززەتنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا خاستۇر».
خۇلاسە كالام: خرىستىئان ئەر بىلەن ئۆيلەنمەكچى بولغان مۇسۇلمان ئايالغا نەسىھەت قىلىمىزكى، بۇ خرىستىئان ئەر بىلەن ئالاقىسىنى ئۈزسۇن. ئايال كىشىنىڭ يات ئەر بىلەن ئالاقە قىلىشى توغرا ئەمەس. بۇنى بىز بۇرۇنقى پەتىۋادا بايان قىلغان ئىدۇق. ئەگەر بۇ خرىستىئان ئادەم ئۆز ئىختىيارى بىلەن مۇسۇلمان بولسا ئايال ئىگە - چاقىسىنىڭ قوشۇلىشىنى ئېلىپ ئۇنىڭ بىلەن ئۆيلەنسە بولىدۇ. بىز بۇ ئايالغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەسىيىتى بويىچە، دىندار ۋە ئەخلاقلىق بىرىنى تاللىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. ئاللاھ ئۇ ئايالنىڭ ئىشىنى تۈزگەي ۋە توغرا يولغا باشلىغاي.

www.islamqa.com