Question

مۇئىمىنلەر جەننەتتە پەرۋەردىگارىنى كۆرەمدۇ ؟

مۇئىمىنلەرنىڭ ئاخىرەتتە پەرۋەردىگارىنى كۆرىدىغانلىقى ئىسپاتلانغانمۇ ؟
Answer
Answer

مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن . 
ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە ئاتا قىلغان نىئېمەتلىرىنى ساناپ بولغىلى بولمايدۇ . ئاللاھ بۇدۇنيادا مۇئىمىنلەرگە زىيادە نىئېمەتلەرنى خاس قىلدى . يەنى ، ئۇ ئۇلارغا ئىسلامنى نىئېمەت قىلىپ بەردى ، ئۇلارنى قۇرئان بىلەن يىتەكلىنىشكە تاللىدى ھەمدە ئۇلارغا جەننەتتە ئۇلارغىلا بىرىلىدىغان كاتتا نىئېمەتلەرنى خاس قىلىدۇ . ئۇ بولسىمۇ ، ئەدىن جەننىتىدە ئاللاھنىڭ مۇقەددەس يۈزىگە قاراش شەرىپى ۋە ھۆرمىتىگە ئىرىشىش .
ئاللاھ مۇنداق دىگەن : « ئۇ كۈندە يۈزلەر نۇرلۇق بولىدۇ . پەرۋەردىگارىغا قاراپ تۇرىدۇ .» [ قىيامەت : 22-23 ] 
يەنى ، مۇئىمىنلەرنىڭ يۈزلىرى پەرۋەردىگارىنىڭ يۈزىگە قاراش بىلەن گۈزەللىشىدۇ ،پارقىرايدۇ ، خۇشال بولىدۇ . ھەسەن( ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھىم-شەپقەت قىلسۇن ) مۇنداق دىگەن : " پەرۋەردىگارىغا قارايدۇ-دە ، ئۇنىڭ نۇرى بىلەن نۇرلىنىدۇ ." 
ئىبنۇ ئەبباس مۇنداق دىگەن : " «ئۇ كۈندە بەزى يۈزلەر نۇرلىنىدۇ .» يەنى ، نىئىمەتلەردىن نۇرلىنىدۇ . « پەرۋەردىگارىغا قارايدۇ .» يەنى ، پەرۋەردىگارىنىڭ يۈزىگە قارايدۇ . ھەمدە بۇ بولسا سۈننەت ۋە ھەدىيس ئالىملىرىدىن بولغان تەفسىرشۇناسلارنىڭ سۆزى .
ئاللاھ مۇنداق دىگەن : « جةننةتتة ظذلارغا خالعغان نةرسعلةر بار ؤة بعزنعث هوزذرعمعزدا (ظذلارغا) زعيادة (نئمةت) بار. » [ قاف : 35 ] 
بۇ يەردىكى زىيادە نىئېمەت : ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ يۈزىگە قاراش . بۇنى ئەلىي ، ۋە ئەنەس بىن مالىك شۇنداق تەپسىر قىلغان .
ئاللاھ مۇنداق دىگەن : « بەلەن قىلغۇچىلارغا ياخشى نەرسە ۋە زىيادىسى بار . » 
[ يۇنۇس : 26 ] 
ياخشى نەرسە – جەننەت ، زىيادىسى بولسا ھۆرمەتلىك ئاللاھنىڭ يۈزىگە قاراش . بۇنى ئاللاھ ئەلچىسى( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) شۇنداق تەپسىر قىلغان . مۇسلىم سەھىيھىدە(266) سۇھەيىبتىن نەقىل قىلدىكى ، پەيغەمبەر ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) مۇنداق دىگەن : « جەننەت كىشىلىرى جەننەتكە كىرگەندە ، ئاللاھ دەيدۇ : « يەنە بىر نەرسىنى خالىساڭلار ، زىيادە قىلىپ بىرىمەن . » ئۇلار : " يۈزلىرىمىزنى يورۇق قىلمىدىڭمۇ ؟ بىزنى جەننەتكە كىرگۈزمىدىڭمۇ ؟ ئوتتىن قۇتقازمىدىڭمۇ ؟ " دەيدۇ . ئاندىن پەردە كۆتۈرلىدۇ ھەمدە ئۇلارغا پەرۋەردىگارىغا قاراشتىنمۇ سۆيۈملۈك بىر نەرسە بىرىلمىگەن . ئەنە شۇ زىيادە مۇشۇ . ئاندىن بۇ ئايەتنى : « بەلەن قىلغۇچىلارغا ياخشى نەرسە ۋە زىيادىسى بار . » تىلاۋەت قىلدى .
شۇڭا ، جەننەت كىشىلىرىگە ئۇنىڭدا پەرۋەردىگارىنىڭ يۈزىگە قاراشتىنمۇ بەكراق ئۇلارغا ياقىدىغان نەرسىنىڭ بىرىلمەيدىغانلىقىنى بىلگىنىڭىزدە ، ئاللاھ مۇنۇ سۆزى: « ئۇنداق ئەمەس ، جەزمەنكى ئۇلار ئۇ كۈندە پەرۋەردىگارىنى كۆرۈشتىن پەردىلىنىدۇ .» [ مۇتەففىفىين( كەم بەرگۈچىلەر) : 15 ] بىلەن ئاگاھلاندۇرغان گۇناھكارلارنى كۈتىۋاتقان زىيان ۋە مەھرۇملۇقنىڭ قانچىلىك چوڭلۇقى سىزگە ئايدىڭ بولىدۇ . ئاللاھتىن ئامان-ئىسەنلىكنى سورايمىز .
شافىئېينىڭ شاگىرىتلىرىدىن بىرى بولغان رەبىيئې بىن سۇلەيماننىڭ شافىئېيدىن نەقىل قىلغان سۆزلەر نىمىدىگەن گۈزەل-ھە ! ئۇ مۇنداق دىگەن : " مەن مۇھەممەد بىن ئىدرىيس شافىئېينىڭ قېشىدا ئىدىم . ئۇ ئۈستۈنكى مىسىردىن بىر خەت تاپشۇرۋالدى . ئۇنىڭدا مۇنداق دىيىلگەنىدى : " « ئۇنداق ئەمەس ، جەزمەنكى ئۇلار ئۇ كۈندە پەرۋەردىگارىنى كۆرۈشتىن پەردىلىنىدۇ .» دىگەن ئايەت ھەققىدە نىمە دەيسەن ؟ " شافىئېي مۇنداق دىدى : " چۈنكى بۇلار غەزەپ ئىچىگە پەردىلىنىدۇ . بۇ بولسا ئاللاھنىڭ يىقىنلىرىنىڭ( ئەۋلىيالىرى) ئۇنى رازىلىق ئىچىدە كۆرىدىغانلىقىغا دەلىل . " 
بۇ بولسا مۇئىمىنلەرنىڭ جەننەتتە پەرۋەردىگارىنى كۆرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان قۇرئاندىكى دەلىللەرنىڭ بىر قىسمى . 
ئەمما سۈننەت دەلىللىرىگە كەلسەك ، ئۇلار ناھايىتى جىق . مەسىلەن : 
1- بۇخارىي (6088) ، مۇسلىم ( 267) نەقىل قىلغان ئەبۇ ھۇرەيرىنىڭ ھەدىيسىدە ، كىشىلەر : " ئى ئاللاھ ئەلچىسى ، بىز قىيامەت كۈنى پەرۋەردىگارىمىزنى كۆرۈمىزمۇ ؟ " دىدى . ئاللاھ ئەلچىسى : « سىلەر تولۇن ئاي كېچىسى ئاينى كۆرۈشتىن شەكلىنەمسىلەر ؟ » دىدى . ئۇلار : " ياق ! ئى ئاللاھ ئەلچىسى . " دىدى . ئۇ : « سىلەر ھىچقانداق بۇلۇت يوق چاغدا ، قۇياشنى كۆرۈشتىن شەكلىنەمسىلەر ؟ » دىدى . ئۇلار : " ياق ! " دىدى . ئۇ : « سىلەر ئۇنى ئاشۇنداق كۆرىسىلەر . » دىدى . يەنە بىر نەقىلدە : «سىلەر ئۇنى كۆرۈش توغىرسىدا ھىچقانداق شەكلەنمەيسىلەر ياكى تالاشمايسىلەر . ھەمدە ئۇنى كۆرۈش سىلەرگە ھىچقانداق مۇشەققەت ياكى ھارغىنلىق كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ . ئاللاھ ياخشى بىلىدۇ . » دىيلىدۇ . مۇسلىمنىڭ شەرھىيسىدىن يىغىنچاقلاپ ئىلىندى . 
2- ئىككى سەھىيھتە (بۇخارىي (6883 )،مۇسلىم (1002 )) نەقىل قىلىندىكى ، جەرىير بىن ئابدۇللاھ بەجەلىي مۇنداق دىگەن : " بىز پەيغەمبەرنىڭ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) يىنىدا ئولتۇراتتۇق . شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئون تۆتىنچى كېچىدىكى ئايغا قارىدى-دە ئاندىن : « سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارنى بۇ ئاينى كۆرگۈنىڭلاردەك ، ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرۈسىلەر . ئۇنى كۆرۈۋاتقىنىڭلارغا شەكلەنمەيسىلەر .» دىدى . 
3- بۇخارىي( 4500) ، مۇسلىم( 6890) ئەبۇ مۇسادىن نەقىل قىلدىكى ، پەيغەمبەر ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن)مۇنداق دىگەن : « ئىككى كۈمۈش باغ ، ئۇنىڭ قاچا-قۇچىلىرى ھەم بارلىق نەرسىلىرىمۇ ھەم . ئىككى ئالتۇن باغ ، ئۇنىڭ قاچا-قۇچىلىرى ھەم بارلىق نەرسىلىرىمۇ ھەم . ھەمدە كىشىلەر بىلەن ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارىنى كۆرۈش ئوتتۇرسىدا ئەدىن جەننىتىدە ئۇنىڭ يۈزىنى يۇشۇرۇپ تۇرىدىغان ئۆزىنى چوڭ تۇتۇش پەردىسىدىن باشقا نەرسە قالمايدۇ . » 
ئاللاھنى كۆرۈش توغىرسىدىكى ھەدىيسلەر ئوتتۇزغا يىقىن ساھابە تەرىپىدىن نەقىل قىلىنغان . ئۇلارنى ئۆگەنگەن كىشى ، پەيغەمبەرنىڭ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) ئۇنى دىگەنلىكىنى جەزمەن بىلىدۇ .
شۇڭلاشقا ، مۇشۇنىڭدىن كىيىن ئاخىرەت كۈنى ھىچكىم ئاللاھنى كۆرمەيدۇ دەپ بىلجىرلىسا ئۇ قۇرئاننى ، ھەمدە ئاللاھ ئەلچىلىرى بىلەن ئەۋەتكەن نەرسىنى يالغانغا چىقارغان بولىدۇ ھەمدە ئۆزىنى ئاللاھنىڭ مۇنۇ سۆزىدە كەلگەن قاتتىق ئازابقا دۇچار قىلىدۇ : « ئۇنداق ئەمەس ، جەزمەنكى ئۇلار ئۇ كۈندە پەرۋەردىگارىنى كۆرۈشتىن پەردىلىنىدۇ .» [ مۇتەففىفىين( كەم بەرگۈچىلەر) : 15 ] 
ئاللاھتىن ئامان-ئىسەنلىكنى سورايمىز ، ئۇنىڭدىن بىزگە مۇقەددەس يۈزىگە قاراشقا نىسىپ قىلىشىنى سورايمىز ... ئامىين ! 
[ تەھاۋىييە ئەقىدىسىنىڭ شەرھىسى ، 1209 ۋە ئۇنىڭ كەينى . پېشىۋا ھافىز ھەكەمىينىڭ« ئەئېلام سۈننەتۇل مەنشۇرە »141ب غا قاراڭ . ] 
پېشىۋا مۇھەممەد سالىھ مۇنەججىد

www.islamqa.com