Question

ئاتا- ئانىسى قىزىنى تۇغماسلىققا بۇيرىسا ئۇلارغا بوي سۇنۇش ۋاجىپ بولمايدۇ

بىر ئايال ئۈچىنچى بىر پەرزەنتلىك بولماقچى بولۇپ ئېرىگە مەسلىھەت سالسا، ئەر: سىزنىڭ خالىغىنىڭىزچە بولسۇن دەيدۇ، ئەر-ئايال ئىككىلىسى پەرزەنتلىك بولۇشنى ياقتۇرىدىكەن، ئەمما ئايالنىڭ ئانىسى بۇنى رەت قىلىپ قىزىنى تۇغماسلىققا تەۋسىيە قىلىپ جىدەللىشىدىكەن، ھەتتا بۇ سەۋەپتىن ئۇ ئايال قىزى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزمەكچىمۇ بولىدۇ. مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئۇ ئايال ئۆزىنىڭ قىزغىنلىقى بىلەن تۇغامدۇ ياكى ئانىسىغا ئىتائەت قىلىپ، تۇغۇشنى تەرك قىلامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن؟.

Answer
Answer

     بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.

     بىرىنچى: ئىسلام شەرىئىتى نەسلىنىڭ كوپ بولىشىغا قىزىقتۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا تەرغىب

قىلىش پرىنسىپىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. چۈنكى ئۈممەتنىڭ غالىبلىقى ۋە كۈچ-قۇدرىتىنىڭ جۈملىسىدىن؛ ئۇلارنىڭ سانىنىڭ كۆپ بولىشى، شۇنداقلا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغىمۇ  قىيامەت كۈنىسى ئۈممىتىنىڭ كۆپلىكى بىلەن پەخىرلىنىش ھاسىل بولىدۇ. مەقەل ئىبنى يەسار رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مېھرى مۇھەببەتلىك، تۇغۇمچان ئاياللار بىلەن توي قىلىڭلار، چۈنكى مەن باشقا ئۈممەتلەر ئارىسىدا سىلەرنىڭ كۆپلۈكىڭلار بىلەن پەخىرلىنىمەن.» [بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى  ئىرۋائول غەلىل ناملىق ئەسەرنىڭ 1784- بىتىدە سەھىھ دەپ قەيت قىلىدۇ].

     شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين -ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن- يۇقىرىقى ھەدىس توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: "مۇسۇلمانلار تاقىتى يەتكىچە نەسلىنى كۆپەيتىشكە تىرىشىشى لازىم. چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام «مېھرى مۇھەببەتلىك، تۇغۇمچان ئاياللار بىلەن توي قىلىڭلار، چۈنكى مەن باشقا ئۈممەتلەر ئارىسىدا سىلەرنىڭ كۆپلۈكىڭلار بىلەن پەخىرلىنىمەن» دېگەن سۆزى بۇنى كۆرسىتىدۇ. ھەم نەسلىنىڭ كۆپلۈكى ئۈممەتنىڭ كۆپلىكىدۇر، ئۈممەتنىڭ كۆپلۈكى ئۇلارنىڭ غالىبلىقىنىڭ  جۈملىسىدىندۇر.

     ئاللاھ تائالا بەنى ئىسرائىل قەۋمىگە ئۆزىنىڭ نىېمىتىنى ئەسلىتىپ قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَجَعَلْنَاكُمْ أَكْثَرَ نَفِيرًا﴾ تەرجىمىسى: «سانىڭلارنى كوپ قىلدۇق» [سۈرە ئىسرا 6- ئايەتنىڭ بىرقىسمى].

     ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە شۇئەيىب ئەلەيھسسالامنىڭ ئۆز قەۋمىگە مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ: ﴿وَاذْكُرُوا إِذْ كُنتُمْ قَلِيلًا فَكَثَّرَكُمْ﴾ تەرجىمىسى: «ئەسلىدە سىلەر ئاز ئىدىڭلار، ئاللاھنىڭ سىلەرنىڭ سانىڭلارنى كۆپەيتكەنلىكىنى ياد ئېتىڭلار.» [سۈرە ئەئراپ 86- ئايەت].                                                                    

     ھېچقانداق ئادەم بىرەر  ئۈممەتنىڭ  كۆپلۈكى شۇ مىللەتنىڭ  غالىبلىقى ۋە كۈچ-قۇدرىتىنىڭ سەۋەبى ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلمايدۇ. ئۈممەتنىڭ كۆپلۈكى ئۇنىڭ پىقىر ۋە نامراتلىقنىڭ سەۋەبى دەيدىغان ئادەملەر مەسىلىنى خاتا تەسەۋۋۇر قىلغۇچىلاردۇر". [ئىسلام پەتىۋالىرى 3- توم 190- بەت].

     ئىككىنچى: ئاتا-ئانىنىڭ قىزىنىڭ پەرزەنتلىك بولۇشىنى تەرك قىلىش توغرىسىدىكى بۇيرۇقىغا ئىتائەت قېلىشى ۋاجىپ بولمايدۇ. چۈنكى بۇنىڭ ئىككى سەۋەبى بۇلۇپ:

     بىرىنچى سەۋەپ: نەسلىنى كۆپەيتىشنى چەكلەش بولسا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇيرىقىغا خىلاپتۇر.

     ئىككىنچى سەۋەپ: نەسلى قالدۇرۇش ئەر- ئاياللارنىڭ  ئورتاق  ھۇقۇقى  بۇلۇپ،  ئۈچىنچى بىرشەخسنىڭ بۇ ئىشقا ئارىلىشىۋېلىشى توغرا بولمايدۇ. شۇنداقتىمۇ ئايال ئانىسىغا مۇلايىملىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، ئۇنىڭ كۆڭلىنى خوش قىلىشى ۋە ئەڭ گۈزەل مۇئامىلىدە بولىشى كېرەك.

     ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھدۇر.

ئىسلام سوئال جاۋاب تورى