Question

ئايال كىشىنىڭ ئېرىگە بويسۇنماي، ئاچچىقلىنىپ ئۇنىڭغا ۋاقىرىشى توغرىسىدا

مەن تۇرمۇش قۇرغان، ئايالىم مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلىمايدۇ، ماڭا ھۆرمەت قىلمايدۇ، ماڭا يۇقىرى ئاۋازدا جاۋاپ قايتۇرىدۇ. مەن ئايالىمنى رامىزاندا تەراۋىھ نامىزىغا بېرىشىم ياكى خىزمەت سەۋەبى بىلەن ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىنى زىيارەت قىلىشتىن چەكلىگىنىمدە، ئەرزىمەس ئىشلارنى بانا قىلىپ مەن بىلەن ئۇرۇشىدۇ، ئائىلىسىدىكىلەرمۇ ئۇنى شۇنداق قېلىشقا كۇشكۇرتىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى؛ مەن ئايالىمنى ھىجابلىنىشقا، سىرتلارغا چىققاندا ئەتىر ئىشلەتمەسلىك، يىرىم-يالىڭاچ كېيىنمەسلىك قاتارلىق ئىشلارغا بۇيرۇيمەن. مەن بىرەر ئىش سەۋەبىدىن ئايالىمغا سۆز قىلسام ياكى ئاچچىقلانسام، ئۇ دەرھال ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىگە كېتىدۇ، ئائىلىسىدىكىلەر ئىشنى يەنىمۇ چوڭايتىشقا ئۇرۇنىدۇ، بۇ ئىش كۆپ تەكرارلاندى، بەزى ۋاقىتتا مېنىڭ رۇختىمسىز مەن رەنجىپ قالدىم دەپ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىدە قونۇۋالىدۇ.. مەن بۇ ئايالنى تالاق قىلىۋىتىشىم كېرەكمۇ ياكى سەۋىر قىلىپ بىللە ئۆتۈشۈم كېرەكمۇ؟ سەۋىر قىلىپ بىللە ئۆتسەم بۇنىڭغا ساۋاپ بولامدۇ؟ ياكى بۇ سەۋىرچانلىق مېنى خارلىق ۋە ئىززەت-ھۆرمەتنى دەپسەندە قىلغانلىققا ئىلىپ بارامدۇ؟ بۇنداق ھالەتتە تالاق قىلىش زۆرۈرمۇ ياكى ياخشىمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

Answer
Answer

     بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

     بىرىنچى: ئەر-ئايال ھەر ئىككەيلەن بىر-بىرىگە گۈزەل مۇئامىلىدە بولىشى كېرەك. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَعَاشِرُوهُنَّ بِالْمَعْرُوفِ ۚ فَإِن كَرِهْتُمُوهُنَّ فَعَسَىٰ أَن تَكْرَهُوا شَيْئًا وَيَجْعَلَ اللَّـهُ فِيهِ خَيْرًا كَثِيرًا﴾ تەرجىمىسى: «ئۇلار بىلەن چىرايلىقچە تىرىكچىلىك قىلىڭلار، ئەگەر ئۇلارنى ياقتۇرمىساڭلار (سەۋر قىلىڭلار)، چۈنكى سىلەر ياقتۇرمايدىغان بىر ئىشتا ئاللاھ كۆپ خەيرىيەتلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.» [سۈرە نىسا 19-ئايەت].

      ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَلَهُنَّ مِثْلُ الَّذِي عَلَيْهِنَّ بِالْمَعْرُوفِ ۚ وَلِلرِّجَالِ عَلَيْهِنَّ دَرَجَةٌ ۗ وَاللَّـهُ عَزِيزٌ حَكِيمٌ﴾ تەرجىمىسى: «ئاياللىرى ئۈستىدە ئەرلەرنىڭ ھەقلىرى بولغىنىدەك، ئەرلىرى ئۈستىدە ئاياللارنىڭمۇ ھەقلىرى بار (يەنى ئاياللار مۇۋاپىق دەرىجىدە ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇشى كېرەك، مۇۋاپىق دەرىجىدە مەجبۇرىيەتمۇ ئۆتىشى كېرەك). (ئاياللارغا مەھرى بېرىش ۋە ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى قامداش مەجبۇرىيەتلىرى ئەرلەرگە يۈكلەنگەنلىكتىن) ئەرلەر ئاياللاردىن بىر دەرىجە ئارتۇقلۇققا ئىگە. ئاللاھ غالىبتۇر. ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.» [سۈرە بەقەرە 228-ئايەت].

     ئايالنىڭ ئېرىگە بويسۇنۇشى ۋە بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلىشى ۋاجىب بولىدۇ. ئايال كىشى ئېرىنىڭ رۇخسىتىسىز ئۆيدىن چىقماسلىقى، ئېرىنىڭ ئۆز ئۈستىدىكى ھەققىنىڭ زور ئىكەنلىكى ۋە ئېرىگە ئىتائەت قىلىش-بويسۇنۇشنىڭ ئاتا-ئانىغا ئىتائەت قىلىش-بويسۇنۇشتىن يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بىلىشى زۆرۈردۇر. 

     بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەردە مەن ئىنساننى ئىنسانغا سەجدە قىلىشقا بۇيرۇشقا بۇيرۇلغان بولسام ئىدىم، ئاللاھنىڭ ئاياللار توغرىسىدا ئەرلەر ئۈستىگە يۈكلىگەن مەجبۇرىيىتىنىڭ ئېغىرلىقىدىن ئەلۋەتتە ئاياللارنى ئەرلىرىگە سەجدە قىلىشقا بۇيرۇغان بولاتتىم.» [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى، بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانىي رەھىمەھۇللاھ ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا سەھىھ دەپ كەلتۈرگەن].

     مۇئاز ئىبنى جەبەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەگەر مەن ئىنساننى ئىنسانغا سەجدە قىلىشقا بۇيرۇشقا بۇيرۇلغان بولسام ئىدىم، ئەرنىڭ ئايال ئۈستىدىكى ھەق ۋە مەجبۇرىيەتنىڭ چوڭلىقىدىن ئەلۋەتتە ئايالنى ئېرىگە سەجدە قىلىشقا بۇيرىغان بولاتتىم. ئايال كىشى ئېرىنىڭ ھەققىنى ئادا قىلمىغۇچە ئىماننىڭ ھالاۋىتىنى تاپالمايدۇ. ئەر كىشى ئايالىنى ھەتتا ئۇلاغ ئۈستىدىكى ۋاقىتتا تەلەپ قىلسىمۇ ئېرىنىڭ تەلىپىنى قاندۇرۇشى كېرەك.» [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى].

     ئىمام ھەيسەمىي مۇنداق دەيدۇ: يۇقىرىقى ھەدىسنى ئىمام بەززار تولۇق، ئىمام ئەھمەد قىسقارتىپ رىۋايەت قىلغان، راۋىيلىرىنىڭ ھەممىسى ئىشەنچىلىكدۇر. مۇجمەئ ئەززەۋائىد 4- توم 309-بەت].

     پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «بەش ۋاقىت نامازنى تولۇق ئادا قىلىپ، رامىزان روزىسىنى تۇتۇپ، ئىپپىتىنى ساقلاپ، ئېرىگە ئىتائەت قىلغان ئايالغا قىيامەت كۈنىدە: جەننەتكە قايسى ئېشىكتىن كېرىشنى خالىسىڭىز شۇ ئېشىكتىن كېرىڭ دېيىلىدۇ.» [ئىبنى ھەببان رىۋايىتى. شەيخ ئەلبانى سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى660-نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن].

     يۇقىرىقى ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئايالنىڭ ئېرىگە ئىتائەت قېلىش بىلەن ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇش ۋە ئىپپىتىنى ساقلاشنى بىرگە بايان قىلىشتىكى ھېكمەتمۇ ئايالنىڭ ئېرىگە ئىتائەت قىلىشىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشتىن ئىبارەتتۇر.

     ئايالنىڭ ئاتا-ئانا، ئۇرۇغ-تۇققانلىرىنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن ئېرىنىڭ رۇخسىتىنى ئىلىشى شەرت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ھەدىسلەردىن: ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا تۆھمەت (ئىپكى) قىلىنغانلىقى بايان قىلىنغان ھەدىستە، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن: «ئاتا-ئانامنىڭ ئۆيىگە كېتىشكە رۇخسەت بېرەملا؟،» دېگەن سۆزىدۇر. [بۇخارىي رىۋايىتى4141 -ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 2770-ھەدىس].

     ئىمام ئىراقى "تەرھىت تەسرىيب" ناملىق ئەسىرى 8-توم 58-بەتتە: "ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ: «ئاتا-ئانامنىڭ ئۆيىگە كېتىشكە رۇخسەت بېرەملا؟» دېگەن سۆزىدىن ئايالنىڭ ئېرىنىڭ رۇختىسىز ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىگە بېرىشىنىڭمۇ دۇرۇس ئەمەسلىكى ئىپادىلىنىدۇ"، دەپ بايان قىلىدۇ.

     ئىككىنچى: ئېرىگە ئىتائەت قىلمىغان، ئېرىنى ھۆرمەت قىلمىغان، ئېرىگە ۋاقىرىغان ئايال، ئۆز پەرۋەردىگارىغا ئاسىيلىق قىلغان، ئېرىنىڭ ھەققىنى كۆزگە ئىلمىغان ئايال ھېسابلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا ئەر-ئاياللار ئارىسىدىكى كۆڭۈلسىزلىكنى ھەل قىلىشنىڭ يولىنى كۆرسىتىپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿الرِّجَالُ قَوَّامُونَ عَلَى النِّسَاءِ بِمَا فَضَّلَ اللَّـهُ بَعْضَهُمْ عَلَىٰ بَعْضٍ وَبِمَا أَنفَقُوا مِنْ أَمْوَالِهِمْ ۚ فَالصَّالِحَاتُ قَانِتَاتٌ حَافِظَاتٌ لِّلْغَيْبِ بِمَا حَفِظَ اللَّـهُ ۚ وَاللَّاتِي تَخَافُونَ نُشُوزَهُنَّ فَعِظُوهُنَّ وَاهْجُرُوهُنَّ فِي الْمَضَاجِعِ وَاضْرِبُوهُنَّ ۖ فَإِنْ أَطَعْنَكُمْ فَلَا تَبْغُوا عَلَيْهِنَّ سَبِيلًا ۗ إِنَّ اللَّـهَ كَانَ عَلِيًّا كَبِيرًا ، وَإِنْ خِفْتُمْ شِقَاقَ بَيْنِهِمَا فَابْعَثُوا حَكَمًا مِّنْ أَهْلِهِ وَحَكَمًا مِّنْ أَهْلِهَا إِن يُرِيدَا إِصْلَاحًا يُوَفِّقِ اللَّـهُ بَيْنَهُمَا ۗ إِنَّ اللَّـهَ كَانَ عَلِيمًا خَبِيرًا﴾ تەرجىمىسى: «ئەرلەر ئاياللارنىڭ ھامىيلىرىدۇر، بۇ ئاللاھنىڭ ئۇلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن (يەنى ئەرلەرنى كۈچ - قۇۋۋەت، غازاتقا چىقىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئاياللاردىن) ئارتۇق قىلغانلىقىدىندۇر ۋە ئەرلەرنىڭ ئۆز پۇل - ماللىرىنى سەرپ قىلغانلىقىدىندۇر (يەنى ئاياللارنىڭ نەپىقىسى ئەرلەرنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەنلىكتىندۇر). ياخشى ئاياللار ئىتائەت قىلغۇچىلاردۇر، ئەرلىرى يېنىدا بولمىغان چاغلاردا ئاللاھنىڭ پاناھىدا ئەرلىرىنىڭ ھەقلىرىنى ساقلىغۇچىلاردۇر، سىلەر سەركەشلىك قىلىشلىرىدىن قورقىدىغان ئاياللارغا نەسىھەت قىلىڭلار، (بۇ ئۈنۈم بەرمىسە) بىر تۆشەكتە بىللە ياتماڭلار، (بۇمۇ ئۈنۈم بەرمىسە) ئۇلارنى ئەدەبلەش مەقسىتىدە ئاستىراق ئۇرۇڭلار. ئەگەر سىلەرگە ئىتائەت قىلسا، ئۇلارنى بوزەك قىلىش خىيالىدا بولماڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەردىن ئۈستۈندۇر، بۈيۈكتۇر (ئاللاھ ئاياللارغا زۇلۇم قىلغاننى جازالايدۇ). ئەگەر ئەر-خوتۇن ئىككىيلەننىڭ ئىناقسىز بولۇپ قېلىشىدىن قورقساڭلار، ئەرنىڭ تۇغقانلىرىدىن بىر ھەققانىي كىشىنى، خوتۇننىڭ تۇغقانلىرىدىن بىر ھەققانىي كىشىنى ئەۋەتىڭلار، ئاللاھ ئەگەر بۇ ئىككى كىشىنى ئەپلەشتۈرۈشنى خالىسا، ئەر-خوتۇن ئىككىسىنىڭ ئارىسىغا ئىناقلىق سالىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر.» [سۈرە نىسا 34-35-ئايەتلەر].

     سىز ئايالىڭىزغا چىرايلىق نەسىھەت قىلىڭ ۋە ئۇنىڭ خاتا قىلىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈڭ. ئەگەر سىزگە بۇ ئىشتا ياردىمى بولىدىغان ياخشى ئايال ياكى بۇ ھەقتە سۆزلەنگەن ۋەز-نەسىھەتلەر بايان قىلىنغان ئاۋازلىق ئەسەرلەر بولسا تىخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

     ۋەز-نەسىھەتنىڭ ئۈنۈمى بولمىسا، ئۇخلاش ئورنىغا يالغۇز تاشلاپ قۇيۇش، ئۇنىڭمۇ ئۈنۈمى بولمىسا يەڭگىل ئەدەپلەش، ئۇنىڭمۇ ئۈنۈمى بولمىغاندا ئائىلىڭىزدىن ياكى ئايالنىڭ ئائىلىسى تەرەپتىن ئارىدا نەسىھەت قىلىدىغان ۋە ئىككەيلەننىڭ ئارىسىنى ئارىپ قويىدىغان كىشىلەردىن ياردەم تەلەپ قىلىش كېرەك.

     ئۈچىنچى: ئايال ئۆزىنىڭ ھاكاۋۇرلىقىنى داۋاملاشتۇرىدىكەن، سۆزنى ئۇ ئايالنى تالاق قىلىش ياكى بىللە ئۆتۈشكە ۋە بۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان ئىجابىي ۋە سەلبىي نەتىجىلەرگە توختىتىمىز. بۇ مەسىلە ئەرنىڭ ياكى ئارىدا پەرزەنت بولسا ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى بىلەن تۈرلۈك  بولىدۇ. ئەر بۇ مەسىلىدە ياخشى ئويلىنىشى، تەجرىبىلىك كىشىلەردىن ئۈنۈملۈك بولغان مەسلىھەتلەرنى ئېلىشى كېرەك.

     تۆتىنچى: ئايالىڭىز بىلەن بىرگە ئۆتۈشنى تاللىسىڭىز، بەزى ئىشلارغا سەۋىر قىلسىڭىز ئاللاھ خالىسا ئەجىر-ساۋاپقا ئېرىشىسىز. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا قۇرئان كىرىمدە مۇنداق دەيدۇ: ﴿فَإِن كَرِهْتُمُوهُنَّ فَعَسَىٰ أَن تَكْرَهُوا شَيْئًا وَيَجْعَلَ اللَّـهُ فِيهِ خَيْرًا كَثِيرًا﴾ تەرجىمىسى: «ئەگەر ئۇلارنى ياقتۇرمىساڭلار (سەۋر قىلىڭلار)، چۈنكى سىلەر ياقتۇرمايدىغان بىر ئىشتا ئاللاھ كۆپ خەيرىيەتلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.» [سۈرە نىسا 19-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].

     سەۋىرچانلىق ياخشى نەتىجە بېرىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تائالا سەۋىر قىلغۇچىلار بىلەن بىرگىدۇر. ئاللاھ تائالا سەۋرى قىلغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ ياخشى بولىدىغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ ياخشى مۇكاپاتقا ئېرىشىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە قىلدى.

     ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اسْتَعِينُوا بِالصَّبْرِ وَالصَّلَاةِ ۚ إِنَّ اللَّـهَ مَعَ الصَّابِرِينَ﴾ تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر! سەۋر ئارقىلىق ۋە ناماز ئارقىلىق ياردەم تىلەڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن سەۋر قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر.» [سۈرە بەقەرە 153-ئايەت].

     ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿إِنَّمَا يُوَفَّى الصَّابِرُونَ أَجْرَهُم بِغَيْرِ حِسَابٍ﴾ تەرجىمىسى: «پەقەت سەۋر قىلغۇچىلارغا ئۇلارنىڭ ئەجرى ھېسابسىز بېرىلىدۇ.» [سۈرە زۇمەر 10-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].

     ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿فَاصْبِرْ إِنَّ الْعَاقِبَةَ لِلْمُتَّقِينَ﴾ تەرجىمىسى: «سەۋر قىلغىن، شۈبھىسىزكى، ياخشى ئاقىۋەت تەقۋادارلارغا مەنسۇپتۇر.» [سۈرە ھۇد 49-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].

     ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿إِنَّهُ مَن يَتَّقِ وَيَصْبِرْ فَإِنَّ اللَّـهَ لَا يُضِيعُ أَجْرَ الْمُحْسِنِينَ﴾ تەرجىمىسى: «كىمكى ھەقىقەتەن تەقۋادارلىق قىلىدىكەن، سەۋرى قىلىدىكەن (ياخشى مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ)، چۈنكى ئاللاھ ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى بىكار قىلىۋەتمەيدۇ.» [سۈرە يۇسۇپ 90-ئايەت].

     قېرىندىشىم! شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، سەۋىر قىلىش، ئاچچىغىنى يۇتۇش ۋە خاتالىقنى ئەپۇ قىلىش دېگەن ھەرگىزمۇ ئاجىزلىق ۋە ئۆزىنى خار قىلغانلىق ھېسابلانمايدۇ. بۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى پەرقنى كۆپچىلىك كىشىلەر ناھايتى ياخشى بىلىدۇ، شۇنىڭدەك ئايالمۇ ئېرىنىڭ يامانلىققا يامانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، ئۆزىنى تالاق قىلىۋېتىپ يالغۇز ياشاشقا قادىر ئىكەنلىكىنى، ئەمما ئۆزىنىڭ قىلغانلىرىغا ئەر پەقەت ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقى ۋە ساۋاپنى كۆزلەپ سەۋىر قىلغانلىقىنى بىلىشى ۋە چۈشىنىشى كېرەك. شۇنداقلا ئېرىنىڭ ئۆزىنىڭ قىلمىشىغا سۈكۈت قىلىشىنى ئاجىزلىق، ئۆزى بىلەن بىرگە ياشىشىنى بىچارىلىق دەپ قارىماسلىق لازىم.

     مۇشۇنداق ئەھۋاللاردا ئەر كىشى ئايالىنى دائىم ئاللاھ تائالاغا تەقۋادار بولۇشقا تەۋسىيە قىلىشى، بۇزۇقچىلىق ۋە ئايرىلىشقا سەۋەپ بولىدىغان شەيتاننىڭ  يولىغا ئەگىشىشتىن ئاگاھلاندۇرىشى كېرەك. ئەر ئايالىغا ئاللاھتىن قورقۇڭ!، ماڭا ئىتائەتسىزلىك قىلىش بىلەن شەيتاننىڭ ياردەمچىلىرىدىن بولماڭ!. بەزى ۋاقىتتا مېنىڭمۇ سەۋىر قاچام تېشىپ، سىزنىڭ قىلمىشىڭىزغا لايىق رەددىيە بېرىشىم، سىز مېنىڭ رۇخسىتىمسىز ئۆيدىن چىقىپ كەتسىڭىز، تۇيغۇلىرىم سىزنى ئىككىنچى ئۆيگە كىرگۈزمەسلىككە چاقىرىشى مۇمكىن، دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىش ئارقىلىق ئايالىغا ئۆزىنىڭ ئېغىزىدا دېگەن سۆزىنى ئەمەلىيەتتە ئىجرا قىلىشقا قادىر ئىكەنلىكىنى، ئەمما ئايالى، بالىلىرى ۋە ئائىلىسىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن سەۋىر قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇشى كېرەك.

     سىزنى دائىم ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىپ، ئايالىڭىزنى توغرا يولغا يىتەكلەشنى ۋە ئىككىڭلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىسلاھ قېلىشىنى تىلەشكە تەۋسىيە قىلىمىز.

     ئاللاھ تائالا ئىككىڭلارنى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلسۇن.

     ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

 

     تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

     تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

 

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورى