Question

بىر مۇسۇلمان بىر غەيرى مۇسۇلمان مىھمانغا ئۆيىدە كۇفرى قائىدە يۇسۇنلىرىنى ئىلىپ بىرىرىشقا رۇخسەت قىلسا بولامدۇ ؟

بىر غەيرى مۇسۇلمان سىزنى يوقلاپ كەلسە ھەمدە ئۆيىڭىزدە بىر نەچچە كۈن تۇرسا، مۇسۇلمان ساھىپخان ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ دىنىغا ئاساسەن ، ناماز ۋە قائىدە-مۇراسىملارنى ئىلىپ بىرىشىغا يول قويسا بولامدۇ ؟ بۇ مۇسۇلمان ساھىپخان گۇناھكار ھىساپلىنامدۇ؟ چۈنكى باشقا بىر دىننىڭ نامازلىرى ۋە دىنى قائىدە- يۇسۇنلىرى ئىسلام دىنىغا توغرا كەلمەيدۇ..
Answer
Answer

 

مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن .
بىز بۇ سۇئالنى شەيىخ مۇھەممەت بىن سالىھ ئەسىيمەيىنگە سۇنغانىدۇق ، ئۇ مۇنداق جاۋاپ بەردى : مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن ، سىزنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقىڭىز بىلەن ئۇنىڭغا يول قويۇشىڭىزغا بولمايدۇ ، چۈنكى بۇ دىگەن كاپىرلىق ھەمدە ئۇ ئادەمنىڭ دىنى يوق ، ئاللاھ ئيىتقاندەك : 
« ﻛﯩﻤﻜﻰ ﺋﯩﺴﻼﻡ (ﺩﯨﻨﯩﺪﯨﻦ) ﻏﻪﻳﺮﯨﻲ ﺩﯨﻨﻨﻰ ﺗﯩﻠﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻥ، ﻫﻪﺭﮔﯩﺰ ﺋﯘ (ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺩﯨﻨﻰ) ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺋﯘ ﺋﺎﺧﯩﺮﻩﺗﺘﻪ ﺯﯨﻴﺎﻥ ﺗﺎﺭﺗﻘﯘﭼﯩﺪﯗﺭ. » [ ئىمران ئائىلىسى : 85 ] 
« ﺍﻟﻠﻪ ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﺎ (ﻳﻪﻧﻰ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﺪﺍ) ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻧﺎﺯﯨﻞ ﻗﯩﻠﺪﯨﻜﻰ، ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﻨﻜﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﯞﻩ ﻣﻪﺳﺨﯩﺮﻩ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻥ ﭼﯧﻐﯩﯖﻼﺭﺩﺍ، ﺋﯘﻻﺭ (ﻳﻪﻧﻰ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﻪﺳﺨﯩﺮﻩ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﺎﭘﯩﺮﻻﺭ) ﺑﺎﺷﻘﺎ ﭘﺎﺭﺍﯕﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﻤﯩﮕﯩﭽﻪ ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻣﺎﯕﻼﺭ، ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ (ﮔﯘﻧﺎﻫﺘﺎ) ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺴﯩﻠﻪﺭ، ﺍﻟﻠﻪ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﭘﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﯞﻩ ﻛﺎﭘﯩﺮﻻﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ (ﺋﺎﺧﯩﺮﻩﺗﺘﻪ) ﺟﻪﻫﻪﻧﻨﻪﻣﮕﻪ ﺗﻮﭘﻼﻳﺪﯗ. » .
[ ئاياللار( نىسا) : 140 ] 
شۇنداقلا ، بۇ يوقلىغۇچى بۇنى قىلىش ئارقىلىق سىزگە ھۆرمەتسىزلىك قىلىۋاتىدۇ ، چۈنكى ئۇ سىزنىڭ ئۇنى ياقتۇرمايدىغانلىقىڭىزنى بىلىدۇ ، شۇڭا سىز ئۇنىڭ سىزگە ھۆرمەتسىزلىك قىلىشىغا يول قويماسلىقىڭىز كىرەك . 
ھەمدە ئاللاھ ئەڭ بىلىدۇ .

www.islamqa.com