Question

قۇرئاننىڭ تەرجىمىسىنى ئوقۇشنىڭ ئەجرى

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم ، بۇ ،جۈمە كېچىلىرى ياسىين سۈرىسىنى توپ بولۇپ ئوقۇش ھەققىدىكى 2237 -سۇئالغا قارىتىلغان . ئەمەلىيەتتە، مەن سىز تىلغا ئالغان ھەدىيسنى ، يەنى ، پەيغەمبەر (ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن )مۇنداق دىگەن : « كىمكى ئاللاھنىڭ كىتابىدىن بىر ھەرىپنى ئوقۇسا ، بىر ياخشىلىققا(مۇكاپاتقا) ئىگە بولىدۇ ، ھەمدە ھەر بىر ياخشىلىق 10 ھەسسىلىنىدۇ . مەن ، [ئەلىيف لام مىيم] نى بىر ھەرىپ دىمەيمەن ، بەلكى ئەلىيف بىر ھەرىپ ، لام بىر ھەرىپ ، مىيم بىر ھەرىپ .» نى دىمەكچىمەن . مەن بىلمەكچىمەنكى، بۇ ھەدىيس ، ئۆزىنىڭ ئوقۇۋاتقىنىنى ھەقىقى چۈشىنىش ئۈچۈن باشقا بىر تىلدىكى قۇرئاننى ( يەنى، ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى) ئوقۇغۇچىغىمۇ راستمۇ ؟ رەھمەت !
Answer
Answer

مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن .
بىز ئاللاھتىن قېزىقىشىڭىزغا سىزنى مۇكاپاتلىشىنى سورايمىز . سۇئالىڭىزنىڭ جاۋابىغا كەلسەك ، ھەدىستە تىلغا ئېلىنغان ئەجىر قۇرئان مەنىلىرىنىڭ باشقا تىللاردىكى تەرجىمىسىنى ئوقۇغۇچىغا ئەمەس ، پەقەت قۇرئاننى ئەرەپ تىلى ھالىتىدە ئوقۇغۇچىغىلا ئېيتىلغان . شۇنداقتىمۇ بىر ئادەم قۇرئاننىڭ مەنىسىنى چۈشىنىش ھەمدە ئايەت دەۋاتقان نەرسىلەردىن مەنپەئەتلىنىش ئۈچۈن ئۇنىڭ مەنە تەرجىمىسىنى ئوقۇسا ، ئۇنداقتا ئۇمۇ بۇنىڭ ئۈچۈن ئەجىرگە ئېرىشىدۇ ، ئاللاھ ئۇنىڭغا مۇكاپات بېرىدۇ . چۈنكى مۇسۇلمان يەشمىنى(تەفسىر)نى ئوقۇش بىلەن ئەجىرگە ئېرىشىدۇ ، تەرجىمە - تەفسىردۇر . لىكىن تەرجىمىنى ئوقۇغۇچى ھەدىستە تىلغا ئېلىنغان ئەجىرگە ئېرىشىدۇ دەيدىغانغا دەلىل يوق . ئاللاھنىڭ سېخىيلىقى( پەزلى) كاتتىدۇر . ھەمدە ئاللاھ ياخشى بىلىدۇ .
پېشىۋا مۇھەممەت سالىھ مۇنەججىد 

www.islamqa.com