Question

كاپىرنىڭ قۇرئاننىڭ بىر نۇسخىسىنى قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن ئۇنىڭدىن ئىنجىلنىڭ بىر نۇسخىسىنى قوبۇل قىلىش

بىر مۇسۇلمان ئەر مۇنداق دەيدۇ : مەن بىر كاپىرغا قۇرئان مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسىنىڭ بىر نۇسخىسىنى بەرمەكچى بولدۇم ، لىكىن ئۇ : ئەگەر سەن ئەرەپچە ئىنجىلنىڭ بىر نۇسخىسىنى مىنىڭدىن ئالمىساڭ ، ئۇنى سېنىڭدىن ئالمايمەن ، ھەمدە سەن ئىنجىلنى ئوقۇمىغىچە ئۇنى ئوقۇمايمەن ، دىدى . ئۇنى قىلىمەنمۇ-يوق ؟
Answer
Answer

مەدھىيە ئالللاھقا بولسۇن . 
بىز بۇ سۇئالنى پېشىۋا مۇھەممەت بىن سالىھ ئۇسەيمىينگە سۇنغانىدۇق ، ئاللاھ ئۇنى ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن ، ئۇ تۆۋەندىكىچە جاۋاپ بەردى : 
ئۇ ئۇنى قىلماسلىقى كىرەك ، چۈكى ئىنجىل مۇسۇلمانغا تەسىر يەتكۈزىدۇ ،، لىكىن بۇ ئۇ رەزىل ئادەمگە ھىچ قانداق تەسىر قىلمايدۇ ، چۈنكى ئۇ ، مۇسۇلماننىڭ ئىنجىلنىڭ نۇسخىسىنى ئىلىشىنى مەقسەت قىلغان . شۇڭلاشقا ئۇ ئۇنىڭغا قوشۇلماسلىقى كىرەك .ئەگەر ئۇ توغرىغا ماڭسا ، ئۆزىنىڭ پايدىسىغا بولىدۇ ، ھەمدە ئۇ ئازسا ، ئۆزىنىڭ زىينىغا بولىدۇ .
سۇئال : 
ئۇنى ئوقۇشقا كۆڭلىدە ئەمەس ، ئېغىزىدا يالغاندىن قوشۇلسىچۇ ؟ 
جاۋاپ : 
ئۇ ھىچقانداق نەرسىگە قوشۇلمايدۇ ، چۈنكى بۇ ھىلىقى ئادەمنى پەخىرلەندۈرىدۇ . 
ھەمدە ئاللاھ ياخشى بىلىدۇ .
مۇھەممەت بىن سالىھ ئۇسەيمىين

www.islamqa.com