Question

«ئى ئاللاھ بىزگە رەجەپ ۋە شەئبان ئايلىرىدا بەرىكەت بەرگىن، بىزنى رامىزان ئېيىغا يەتكۈزگىن» دېگەن ھەدىس، زەئىپتۇر.

رەجەپ ئېيىنىڭ تۇنجى كېچىسى ئوقۇيدىغان: «ئى ئاللاھ بىزگە رەجەپ ۋە شەئبان ئايلىرىدا بەرىكەت بەرگىن، بىزنى رامىزان ئېيىغا يەتكۈزگىن» دېگەندەك دۇئالارنى ئوقۇش سۈننەتمۇ؟. بۇ توغرىدا چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن. ئاللاھ تائالا ھەممەيلەننى سەھىھ ھەدىسلەرگە تولۇق ئەمەل قىلىدىغانلاردىن قىلغاي!.
Answer
Answer
بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. بىرىنچى: رەجەپ ئېيىنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان سەھىھ ھەدىس يوق. بۇ مەسىلىنى تەپسىلى چۈشىنىش ئۈچۈن (75394) ۋە (171509)- نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىڭ. شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ بۇ توغرىدا مۇنداق دېگەن: "رەجەپ ئېيىنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا سەھىھ ھەدىس يوق. رەجەپ ئېيى ئۆزىدىن ئىلگىرى كەلگەن جىمادۇل ئاخىر ئېيىدىن ھېچ پەرقى يوق، لېكىن رەجەپ ئېيى پەقەت ئۇرۇش قىلىش ھارام قىلىنغان ئايلارنىڭ بىرىدۇر. بۇ ئايدا مەخسۇس ناماز ئوقۇش ياكى روزا تۇتۇش، ئۆمرى ھەج قىلىش پائالىيەتلىرى يولغا قويۇلمىغان، بەلكى بۇ ئايمۇ باشقا ئايلارغا ئوخشاش بىر ئايدۇر". [ئەركىن ئۈچرىشىش ناملىق پىروگراممىسىدىن (17426) ئىلىندى]. ئىككىنچى: ئابدۇللاھ ئىبنى ئىمام ئەھمەد "زەۋائىد ئەلمۇسنەد ناملىق ئەسىرى 2346- ھەدىستە، تەبرانىي "ئەلئەۋسەت ناملىق ئەسىرى 3939-ھەدىستە، بەيھەقىي "ئەششۇئەب" ناملىق ئەسىرى 3534-ھەدىستە، ئەبۇ نۇئەيم "ئەلھىليە" ناملىق ئەسىرى 6-توم269- بەتتە، زانىدە ئىبنى ئەبى رۇقادتىن، ئۇ كىشى زىياد ئەننۇمەيرىدىن، ئۇ كىشى ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، رەجەپ ئېيى كىرگەندە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئى ئاللاھ بىزگە رەجەپ ۋە شەئبان ئايلىرىدا بەرىكەت بەرگىن، بىزنى رامىزان ئېيىغا يەتكۈزگىن» دەيتتى. دەپ بايان قىلىنغان. بۇ ھەدىسنىڭ سەنەدى ئاجىز، چۈنكى ھەدىسنى رىۋايەت قىلغانلاردىن: زىياد ئەننۇمەيرى ئاجىز راۋى بولۇپ، ئىبنى مەئىين رەھىمەھۇللاھ ئۇنى ئاجىز راۋى دېگەن. ئەبۇ ھاتىم: ئۇ ھۆججەتلىككە يارىمايدۇ، دېگەن. ئىبنى ھىببان ئۇ كىشىنى ئاجىز راۋىلاردىن دەپ قاراپ، ئۇنىڭ رىۋايەت قىلغان ھەدىسى ھۆججەت بولالمايدۇ، دېگەن. ["مىيزانۇل ئىئتىدال" ناملىق ئەسەر 2-توم91-بەت]. زانىدە ئىبنى ئەبى رۇقاد بولسا زىيادتىنمۇ بەكرەك ئاجىز بولۇپ، ئىبنى ھىببان: زانىدە ئىبنى ئەبى رۇقاد زىياد ئەننۇمەرىيدىن، ئۇ ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا نىسبەت بىرىلگەن مۇنكەر ھەدىسلەرنى بايان قىلىدۇ. بۇ زانىدەنىڭ ئىشىمۇ ياكى زىيادنىڭ ئىشىمۇ بىلمەيمىز، دەيدۇ. ئىمام بۇخارى رەھىمەھۇللاھ زانىدە ئىبنى ئەبى رۇقاد بايان قىلغان مەزكۇر ھەدىس ئىنكار قىلىنىدۇ، يەنى قوبۇل قىلىنمايدۇ دەپ قارىغان. ئىمام نەسەئىمۇ شۇنداق قارىغان. "ئەلكۈننى" ناملىق ئەسەردە زانىدە ئىبنى ئەبى رۇقادنى ئىشەنچىلىك ئەمەس دەپ بايان قىلىنغان. ئىبنى ھىببان: زانىدە ئىبنى ئەبى رۇقاد مەشھۇر كىشىلەردىن مۇنكەر ھەدىسلەرنى رىۋايەت قىلىدۇ، ئۇنىڭ رىۋايەت قىلغان ھەدىسى ھۆججەتلىككە يارىمايدۇ، ئۇنىڭدىن بايان قىلىنغان رىۋايەتلەر پەقەت نەزەر سېلىش ئۈچۈنلا يېزىلىدۇ، دېگەن. ئىبنى ئۇدەي: زانىدە ئىبنى ئەبى رۇقادتىن مەقدەمى ۋە باشقىلار يالغۇز ھەدىسلەرنى رىۋايەت قىلىدۇ، ئۇنىڭ بەزى ھەدىسلىرى ئىنكار قىلىنمايدۇ، دېگەن. ["تەھزىب ئەتتەھزىيب" ناملىق ئەسەر 3-توم305-306-بەت]. بۇ ھەدىسنى ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ "ئەلئەزكار"ناملىق ئەسىرىنىڭ 189-بىتىدە، ئىبنى رەجەپ رەھىمەھۇللاھ "لەتائىپۇل مائارىپ" ناملىق ئەسىرىنىڭ 121-بىتىدە، شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ "زەئىپ ھەدىسلەر توپلىمە" ناملىق ئەسىرى 4395-ھەدىستە زەئىپ دەپ بېكىتكەن. ئىمام ئەلھەيسەمى: "بۇ ھەدىسنى بەززار رىۋايەت قىلغان، ئىسنادىدا زانىدە ئىبنى ئەبى رۇقاد دېگەن راۋىي بار، ئىمام بۇخارى رەھىمەھۇللاھ بۇ راۋىنىڭ مەزكۇر ھەدىسىنى قوبۇل قىلىنمايدۇ، دېگەن. بىر بۆلەك ئالىملار ئۇ راۋىنى جاھىل دەپ قارىغان". ["مەجمۇئ ئەلزەۋائىد" ناملىق ئەسەر 2-توم165-بەت]. بۇ ھەدىس زەئىپ بولۇش بىلەن بىرگە، مەزكۇر ھەدىستە رەجەپ ئېيىنىڭ ئاۋۋالقى كېچىسى بۇ دۇئانى ئوقۇيدۇ دېيىلمىگەن. بەلكى ئۇ رەجەب ئېيىدا مۇتلەق بەرىكەت تەلەپ قىلىدىغان دۇئا بولۇپ، بۇنى رەجەپ ئېيىدا ياكى ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى ئايلاردا قىلسىمۇ بولىدۇ. ئۈچىنچى: مۇسۇلماننىڭ ئۆز رەببىدىن رامىزان ئېيىغا يەتكۈزۈشىنى سوراپ دۇئا قىلىشى خاتا ئەمەس. ھاپىز ئىبنى رەجەپ رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "مەئلا ئىبنى پەزلى: سەلەپ ئالىملىرى ئالتە ئاي ئاللاھ تائالادىن رامزانغا يەتكۈزۈشنى تىلەپ دۇئا قىلاتتى، يەنە ئالتە ئاي رامزاندا قىلغان ئەمەل-ئىبادەتلىرىنىڭ قوبۇل بولىشىنى تىلەپ ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلاتتى دەيدۇ". يەھيا ئىبنى ئەبى كەسىر مۇنداق دەيدۇ: "سەلەپ ئالىملىرى: ئى ئاللاھ! بىزنى رامىزان ئايغىچە سالامەت قىلسىلا، بىزنى رامىزان ئېيىدا سالامەت قىلسىلا، رامىزانلىق ئەمەل-ئىبادەتلىرىمىزنى قوبۇل قىلسىلا دەپ دۇئا قىلاتتى." [لەتائىپۇل مائارىپ" ناملىق ئەسەر 148-بەت]. شەيخ ئابدۇلكىرىم ئەلخۇدەيردىن (ئاللاھ ئۇ كىشىنى سالامەت قىلسۇن): «ئى ئاللاھ! بىزگە رەجەپ ۋە شەئبان ئايلىرىدا بەرىكەت بەرگىن، بىزنى رامىزان ئېيىغا يەتكۈزگىن» دېگەن ھەدىس سەھىھمۇ؟ دەپ سورىغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ: "بۇ ھەدىس سەھىھ ئەمەس، لېكىن مۇسۇلمان كىشى ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىپ ئۆزىنى رامىزان ئېيىغا يەتكۈزۈشنى تىلەپ، رامزاندا روزا تۇتۇشقا، كېچىسى قىيامدا تۇرۇشقا شۇنداقلا قەدىر كېچىسىنى تېپىشقا مۇۋەپپەق قىلىشىنى تىلەپ دۇئا قىلسا توغرا بولىدۇ"، دېگەن. ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر. مۇپتى: پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى ئىسلام سوئال جاۋاپ تورى