Question

كۆڭۈلدىكىدەك مۇسۇلمان ئەرنىڭ سۈپەتلىرى

تۇرمۇش قۇرۇش ئۈچۈن قانداق قىلغاندا ياخشى مۇسۇلمان يىگىتنى ئۇچرىتالايمەن؟ دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار قايسىلار؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
Answer
Answer
سىزنىڭ تۇرمۇشتا دىندار ھەمراھىڭىزنىڭ بولىشى ۋە يىگىتىڭىزنى تاللاشتىكى ئىسلامىي ئۆلچەملەرنى بىلىش ئۈچۈن تىرىشقانلىقىڭىزغا رەھمەت ئېيتىمىز. تۆۋەندە بىز سىز تاللىماقچى بولغان يىگىتتە بولۇشقا تىگىشلىك مۇھىم سۈپەتلەرنى بايان قىلىپ بېرىمىز: *دىيانىتى: بۇ سىز توي قىلماقچى بولغان يىگىتتە بولۇشى زۆرۈر بولغان ئەڭ مۇھىم تەرەپتۇر. سىز تاللىغان يىگىت كۈندىلىك تۇرمۇشىدىكى چوڭ- كىچىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە ئىسلامنىڭ كۆرسەتمىلىرىدە ماڭىدىغان مۇسۇلمان بولۇشى كېرەك. ئايالنىڭ ۋەلىسى ئۇنى تەكشۈرۈپ كۆرۈشكە تىرىشىشى، پەقەت سىرتقى كۆرۈنۈشى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماسلىقى لازىم. يىگىتتىن سورىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئىشلاردىن بىرى ئۇنىڭ نامىزىدۇر. ئاللاھنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىشقا ئالدىرىمايدىغان كىشى باشقىلارنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىشقا تېخىمۇ تىرىشمايدۇ. ھەقىقىي مۇسۇلمان ئايالىغا بېسىم قىلمايدۇ ۋە خارلىمايدۇ. ئەگەر ئايالىنى ياخشى كۆرسە ئۇنى قەدىرلەيدۇ، ئەگەر ئۇنى ياخشى كۆرمىسە خارلىمايدۇ ۋە ھاقارەت قىلمايدۇ. ئېتىقادسىز كىشىلەردە بۇ سۈپەتلەرنىڭ تېپىلىشى تەس. ئاللاھ قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ: «مۇشرىك ئەر سىلەرنى مەپتۇن قىلغان ھالەتتىمۇ مۆمىن قۇل ئەلۋەتتە ئۇنىڭدىن ئارتۇقتۇر.» [سۈرە بەقەرە 221-ئايەتنىڭ بىر قىسمىنىڭ تەرجىمىسى]. يەنە بىر ئايەتتە: «ھەقىقەتەن ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك ھېسابلىنىسىلەر.» [سۈرە ھۇجۇرات 13-ئايەتنىڭ تەرجىمىسى]. يەنە بىر ئايەتتە: «ياخشى ئاياللار ياخشى ئەرلەرگە لايىقتۇر، ياخشى ئەرلەر ياخشى ئاياللارغا لايىقتۇر.» [سۈرە نۇر 26 -ئايەتنىڭ تەرجىمىسى]. بۇ ھەقتە رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرگە دىنى ۋە خۇلقى يارايدىغان بىرى ئىگىدارچىلىقىڭلاردىكى نىكاھلىنىدىغان ئايالنى سوراپ كەلسە، ئۇنىڭغا بېرىڭلار. ئەگەر ئۇنداق قىلمىساڭلار ئۇ ئايال زېمىندا پىتنە-پاسات بولىدۇ.» [تىرمىزى رىۋايىتى، ئەلبانى سەھىھ ھەدىس دېگەن]. *يىگىتنىڭ دىنى ئېتىقادى ياخشى بولغاندىن سىرت، ئۇنىڭ جەمەتى ۋە ئائىلە كېلىپ چىقىشىغا ھەم ئېتىبار بېرىش كېرەك. ئەگەر بىر ئايالغا ئىككى ئەردىن تەڭ توي تەكلىپى قويۇلسا، ئېتىقاد جەھەتتە پەرقلىنىپ كەتمىسە، ئۇلارنىڭ نەسەبى ۋە ئائىلە كېلىپ چىقىشىغا ئېتىبار قىلىش لازىم. ئەلۋەتتە تەقۋادارلىقتىن باشقا بىر ئىنساننىڭ يەنە بىر ئىنساندىن ئۈستۈن تۇرىدىغان ئالاھىدىلىكى بولمايدۇ، لېكىن ئۇنىڭ نەسەبى ۋە قېنى، ئۇنىڭ جەمەتىدىكى ئېسىل سۈپەتلەر، يېقىن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىكى ياخشى پەزىلەت ۋە ئەخلاقلار ئۇنى ناچار، پەس قىلىقلاردىن توسۇپ قالىدۇ. پەزىلەتلىك دادا ۋە بوۋىنىڭ ئائىلىدىكى ئىش-ھەرىكەتلىرى پەرزەنت ۋە نەۋرىلەرنىڭ ئېسىل پەرزەنتلەردىن بولىشىغا پايدىلىق. بۇ ھەقتە ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: «تامغا كەلسەك، ئۇ شەھەردىكى ئىككى يېتىم بالىنىڭ ئىدى، تام ئاستىدا ئۇلارنىڭ (ھەققى بولغان) خەزىنىسى بار ئىدى (تام ئۆرۈلۈپ كەتسە، خەزىنىسى ئېچىلىپ قېلىپ كىشىلەر ئۇنى ئېلىپ كېتەتتى)، ئۇلارنىڭ ئاتا - ئانىسى ياخشى ئادەم ئىدى. پەرۋەردىگارىڭ ئۇلارنىڭ چوڭ بولغاندا تام ئاستىدىكى خەزىنىسىنى چىقىرىۋېلىشىنى ئىرادە قىلدى، بۇ پەرۋەردىگارىڭنىڭ (ئۇلارغا قىلغان) رەھمىتىدۇر.» [سۈرە كەھف 82-ئايەتنىڭ بىر قىسمى]. ئاللاھنىڭ ئىككى پەرزەنتكە ئاتىسىدىن قالغان بايلىقنى قانداق ساقلىغانلىقىنى كۆردىڭىزمۇ؟ چۈنكى ئۇلارنىڭ ئاتىسى تەقۋادار ۋە ساغلام ئەقىدىدە بولغانلىقى ئۈچۈن، ۋاپاتىدىن كېيىنمۇ ئاللاھنىڭ مەرھىمىتىگە ئېرىشىپ، مال دۇنياسى ئۆز پەرزەنتلىرى قولىغا تەگدى. شۇنىڭدەك سىز تاللىماقچى بولغان ئەر سالىھ ئاتا-ئانىنىڭ پەرزەنتى بولسا، ئاللاھ ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ سەۋەبى بىلەن ئۇنىڭ ئىشلىرىنى ئاسان قىلىپ ئۇنى ئاسراپ تۇرىدۇ. *ئۇنىڭ ئۆزىنى ۋە ئائىلىسىنى قامدىيالىغۇدەك ئىقتىسادى بولغىنى ياخشىدۇر. فاتىمە بىنتى قەيس رەزىيەللاھۇ ئەنھا رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىغا كېلىپ، ئۆزىگە ئۈچ ئەركىشىنىڭ نىكاھلىنىش تەكلىپى قويغانلىقىنى ۋە كىمنى تاللاشنى بىلەلمەيۋاتقانلىقىنى ئېيتقان چاغدا، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: «مۇئاۋىيە بولسا نامرات بىر كىشى، ئۇنىڭ مال-دۇنياسى يوق.» [مۇسلىم رىۋايىتى1480-ھەدىس]. ئۇنىڭ چوقۇم سودىگەر ياكى باي كىشى بولۇشىنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. لېكىن ئۆزى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنى قىيناپ قويمىغۇدەك، باشقىلاردىن سورىمىغۇدەك ئىقتىسادى كىرىمى بولۇشى كېرەك. ئەگەر ئېتىقادى ياخشى كەمبەغەل مۇسۇلمان بىلەن ئېتىقادى ياخشى بولمىغان باي مۇسۇلمان كەلسە، چوقۇم ئېتىقادى ياخشى بولغىنىنى ئىختىيار قىلىش لازىم. *ئاياللارغا كۆيۈمچان، سىپايە بولغىنى ياخشىدۇر. بۇ رەسۇلۇللاھنىڭ يۇقىرىدىكى ھەدىسنىڭ ئاخىرىدا تىلغا ئېلىنغاندەك: «..ئەبۇ جەھمىگە كەلسەك، ئۇنىڭ قامچىسى مۈرىسىدىن چۈشمەيدۇ...» دەپ ئۇنىڭ ئاياللارنى ئۇرۇشقا ئادەتلەنگەن كىشى ئىكەنلىكىگە ئىشارە قىلغان. *سالامەتلىكى ياخشى، بەدىنىدە باشقا بىرەر ئەيىبى يوق، ئاجىزلىق ۋە تۇغماسلىقتىن خالى بولغىنى ياخشى. *قۇرئان ۋە سۈننەتتىن بىلىمى بولۇشى، ئەگەر شۇنداق بىرىگە ئۇچرىسىڭىز بۇ ئەلۋەتتە ناھايىتى ياخشى بولغىنى، ئەگەر ئۇنداق بولمىسا باشقا تەرەپلىرىنى ئويلىشىشىڭىز ۋە باشقا ئارتۇقچىلىقلىرىنى كۆرۈشىڭىز كېرەك. *ئايال كىشىنىڭ يېنىدا مەھرىمى (يەنى دادىسى ياكى ئاكىسىغا ئوخشاش) بولغان ئەھۋال ئاستىدا، توي تەكلىپى قويغىلى كەلگەن ئەرنى كۆرۈپ بېقىشى ۋە ئەرنىڭ ئايالنى كۆرۈپ بېقىشىغا بولىدۇ، ئەمما يالغۇز كۆرۈشۈشكە، سىرتلاردا يالغۇز ئۇچرىشىشقا، سەۋەبسىز قايتا-قايتا كۆرۈشۈشكە بولمايدۇ. *توي قىلماقچى بولغان ئايالنىڭ ۋەلىسى ئۆز ھامىسىدىكى ئايالغا توي تەكلىپى قويغۇچىنى ئۇنى بىلىدىغان ۋە چۈشىنىدىغان ئامانەتدار، دىندار كىشىلەردىن ئۇ توغرىسىدا توغرا كۆز قاراش ۋە مەسلىھەت بېرىشىنى تەلەپ قىلىشى كېرەك. *يۇقىرىقىلاردىن باشقا، سىز ئاللاھقا يۈزلىنىپ ئاللاھتىن بۇ ئىشنى خەيرلىك قىلىپ بېرىشى ۋە نىكاھ ئىشلىرىڭىزدا كۆڭلىڭىزدىكىدەك يىگىتنى رىزق قىلىپ بېرىشىنى تىلەڭ، شۇنداقلا قەلبىڭىزنىڭ مۇئەييەن بىر شەخسكە توختىشى ۋە ئىشتا ئاخىرقى قارارنى ئىلىشىڭىز ئۈچۈن كۆپلەپ ئىستىخارە نامىزى (يەنى ئاللاھتىن مەزكۇر ئىشتا ياخشىلىق تىلەپ ناماز ئوقۇش) ئوقۇشىڭىز لازىم بولىدۇ. يۇقىرىقىدەك سەۋەبلەرنى قىلىش بىلەن بىرگە، ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىڭ. ئاللاھ ئەڭ ياخشى ياردەم بەرگۈچىدۇر. ھەممىگە قادىر قۇدرەتلىك ئاللاھتىن ئىشلىرىڭىزگە ئاسانلىق، تۇرمۇشىڭىزغا سالىھ ھەمراھ، ئىنساپلىق پەرزەنتلەرنى ئاتا قىلىشىنى، شۇنداقلا ئىسلامىي ئائىلە قۇرۇشقا مۇيەسسەر قىلىشىنى سورايمىز. Islam Q&A