خىرىستىئان قېرىندىشىنىڭ توي زىياپىتىگە قاتنىشامدۇ
Answer
مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن .
بىز ئاللاھنى سىزنى ئىسلامغا يىتەكلىگەنلىكى ئۈچۈن مەدھىيلەيمىز ھەمدە ئۇنىڭدىن سىزنىڭ ئىسلامدا چىڭ تۇرىشىڭىزغا ياردەم قىلىش ، ئائىلىڭىزنى ئىسلامغا يىتەكلەش ئارقىلىق نىئمىتىنى تاماملىشىنى سورايمىز .
2- سىز چىركاۋدىكى دىنى خىزمەتلەرگە قاتناشماي توغرا ئىشنى قىلغىلىۋىتىپسىز ، چۈنكى غەيرى مۇسۇلمانلارنىڭ دىنى ئىشلىرىغا ئىشتىراك قىلىش ، ئاز بولغاندا ئېغىر گۇناھ ، ھەمدە كاپىرلىققا ئىلىپ بارىدۇ .
3- تاماقلارغا قوشۇلۇپ ھاراق ئەكىلىنىدىغان قېرىندىشىڭىزنىڭ توي زىياپىتىگە قاتنىشىشىڭىزغا كەلسەك ، بىز ئۆزىڭىز ئېيىتقاندەك قاتناشماسلىققا نەسىھەت قىلىمىز . ئاللاھ دەيدۇ : «.... ، ﺋﯧﺴﯩﯖﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺯﺍﻟﯩﻢ ﻗﻪﯞﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻣﯩﻐﯩﻦ » ، پەيغەمبەر (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) مۇنداق دىگەن : « سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا كىمدە-كىم بىر ئەسكى ئىشنى كۆرسە ،ئۇنى قولى بىلەن ئۆزگەرتسۇن، ئەگەر ئۇ قىلالمىسا ، ئۇنداقتا تىلى بىلەن بولسۇن، ئەگەر ئۇ قىلالمىسا ، ئۇنداقتا قەلبى بىلەن بولسۇن - ھەمدە ئۇ ئەڭ ئاجىز ئىيمان . » (مۇسلىم نەقىل قىلغان ، 49 ) .
سىز بۇ ئىشلارغا ئىشتىراك قىلغىنىڭىزدا ، كۆپىنچە ئەھۋاللاردا سىز ئۇ ئەسكى ئىشلارنى قولىڭىز ياكى تىلىڭىز بىلەن ئۆزگەرتەلمەيسىز-سىزنىڭ قىلالايدىغىنىڭىز بولسا قەلبىڭىز بىلەن ئۆزگەرتىشلا خالاس ، ھەمدە سىز ئىشتىراك قىلىپ قالسىڭىز ھەقىقەتەن ئۇنداق قىلالمايسىز.
پەيغەمبەر (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) مۇنداق دىگەن : ئاللاھقا ۋە كىيىنكى كۈنگە ئىشىنىدىغان كىشى ھاراق ئىچىلىدىغان شىرەدە ئولتۇرمىسۇن .» ( ئەھمەت نەقىل قىلغان ، 14241، ھەمدە ئەلبانىي[ إرواء الغليل ]دە ئۇنى توغرا ھەدىس دەپ تۈرگە ئايرىغان . )
چەكلىنىشنىڭ سەۋەبى ئىنىق تۇرۇپتىكى ، سىزنىڭ ئۇلار بىلەن بىللە ئولتۇرىشىڭىز -سىزنىڭ بۇ ئەسكى ئىشنى توغرا قارىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرىدۇ .
4- بۇ چەكلەنگەن ئىشلاردىن باشقا ، ناۋادا قېرىنداش بۇ مۇرەسسەلەرنى قىلسىڭىز، بۇ سىزنىڭ ئائىلىڭىزنى ئىسلامغا ئۈندەش تىرىشچانلىقىڭىزنى ئاجىزلاشتۇرۋىتىدۇ . ئۈندىگۈچى ئۆزىگە ۋە پەرۋەردىگارىغا قانچە سەمىمىي بولسا ، ئۇنىڭ باشقىلارنى ئۈندەش تىرىشچانلىقلىرى شۇنچە ئۈنۈملۈك بولىدۇ . بىراق ئۇ مۇرەسسە قىلسا ، مەيدانى تۇراقسىزلىق قىلسا ، بۇ ئۇنى باشقىلارنىڭ نەزىرىدە ئىشەنچىسىز كۆرسىتىپ قويىدۇ .
ئاللاھ ياخشى بىلگۈچى.www.islamqa.com