بەختلىك ھاياتقا ئېرىشىش ئۈچۈن پايدىلىق چارىلار

بەختلىك ھاياتقا ئېرىشىش ئۈچۈن پايدىلىق چارىلار ناملىق بۇ ئەسەردە، كىمكى ھاياتىدا بۇنى تەتبىقلىسا گۈزەل ھايات ۋە كەڭرىچىلىك تۇرمۇشقا ئېرىشسە، ئۇنىڭغا ئەھمىيەت بەرمىگەنلەرنىڭ ھاياتى ئۈمىدسىزلىك ۋە ئىزتىراپلىق ئىچىدە ئۆتۈدىغانلىقىنى قۇرئان ۋە سۈننەت روھى ئاستىدا روشەن بايان قىلىپ بېرىدۇ.

 

بەختلىك ھاياتقا ئېرىشىش ئۈچۈن پايدىلىق چارىلار
<ئۇيغۇرچە>
        
پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇراھمان ئىبنى ناسىر سەئدىي

 




 

تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد يۇسۇپ

تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى  

 

 

بسم الله الرحمن الرحيم
 


الوسائل المفيدة للحياة السعيدة

        
ص
فضيلة الشيخ عبد الرحمن بن ناصر بن عبد الله السعدي




ترجمة: محمد يوسف
مراجعة: نظام الدين تمكيني


بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشىشنىڭ ئۈنۈملىك چارىلىرى

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە دائىمى مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن
    بارلىق ھەمدۇ-سەنالار ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. ئاللاھ تائالانىڭ ھېچ شېرىكى يوق يەككە-يېگانە مەئبۇد بەرھەق ئىكەنلىكىگە ۋە پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۇنىڭ پەيغەمبىرى ۋە بەندىسى دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن. شۇنداقلا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە سەھابىلىرىغا دۇرۇت ۋە سالاملار بولسۇن.
    كۆڭۇلنىڭ ئاراملىقى، خوشاللىقى ۋە ئۇنىڭ غەم ـ ئەندىشىلەردىن خالىي بولۇشى ھەرقانداق كىشىنىڭ ئالدىنقى تىلىكىدۇر. بەختلىك تۇرمۇش ئەنە شۇنىڭ بىلەن ھاسىل بولىدۇ. بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشىشنىڭ دىنىي، تەبىئىي ۋە ئەمەلىي سەۋەبلىرى بولۇپ، ئۇلار مۆمىنلەردىن باشقا ھېچكىمدە جۇغلانمايدۇ. ئەمما بەختلىك تۇرمۇش مۆمىنلەردىن باشقىلاردا تىپىلدى دېيىلسە، بىر تەرەپلىمە بەختتىن باشقا نەرسە ئەمەستۇر.
    مەن بۇ قىسقا ئەسىرىمدە ھەرقانداق كىشى ھەۋەس قىلىدىغان بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشىشنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىر قانچىنى بايان قىلىمەن.
    بۇ سەۋەبلەرنىڭ كۆپلىرىنى ھاياتىدا تەتبىقلىغان كىشىلەر گۈزەل ھايات ۋە كەڭرىچىلىك تۇرمۇشقا ئېرىشكەن بولسا، ئۇنىڭغا ئەھمىيەت بەرمىگەنلەرنىڭ ھاياتى ئۈمىدسىزلىك ۋە ئىزتىراپلىق ئىچىدە ئوتتى. بەزى كىشىلەر يۇقىرىدىكى ئىككى تۈرنىڭ ئارىسىدا ئاللاھنىڭ مۇۋەپپەق قىلىشى بىلەن ھايات كەچۈردى.
    بەخت-سائادەتكە تولغان تۇرمۇشقا ئېرىشىشنىڭ ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىدىن بىرى: ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈش ۋە ئىماننىڭ تەقەززاسى بويۇنچە ئەمەل قىلىش.  ئاللاھ تائالا   قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: ﴿مَنْ عَمِلَ صَالِحًا مِّن ذَكَرٍ أَوْ أُنثَىٰ وَهُوَ مُؤْمِنٌ فَلَنُحْيِيَنَّهُ حَيَاةً طَيِّبَةً ۖ وَلَنَجْزِيَنَّهُمْ أَجْرَهُم بِأَحْسَنِ مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ﴾ تەرجىمىسى: «ئەر ـ ئايال مۆمىنلەردىن كىمكى ياخشى ئەمەل قىلىدىكەن، بىز ئۇنى ئەلۋەتتە دۇنيادا ئۇبدان ياشىتىمىز، ئۇلارغا ئەلۋەتتە، قىلغان ئەمەلىدىنمۇ ياخشىراق ساۋاب بېرىمىز.» [سۈرە نەھل 97 ـ ئايەت].  
    ئاللاھ تائالا يوقىرىقى ئايەتتە، كىمكى ئىمان بىلەن ياخشى ئەمەلنى جەملەيدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇنى  بۇ دۇنيادا بەختلىك ھاياتقا ئېگە قىلغاندىن باشقا، ئاخىرەتتە بولسا ئۇنىڭ قىلغان ئەمەلىدىنمۇ ياخشىراق ساۋاب بېرىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. بۇنىڭ سەۋەبى ناھايىتى روشەن بولۇپ، ئاللاھقا ھەقىقىي رەۋىشتە ئىمان ئېيتقان ۋە قەلبنى، ئەخلاقنى، شۇنداقلا دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك بارلىق ئىشلىرىنى سالىھ ئەمەللەرنى قىلىش ئارقىلىق ئىسلاھ قىلىدىغان كىشى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەختكە ۋە خوشاللىققا ئېرىشىشنىڭ ۋاسىتىلىرىنى، كۆڭۈلسىزلىك، غەم ـ قايغۇ ۋە مۇسىبەتلەرگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ چارىلىرى قاتارلىقلارنى قولغا كەلتۈرگەن بولىدۇ. بۇ تۈردىكى كىشىلەر ئاللاھ تائالادىن كەلگەن ياخشىلىقلارنى، ئۇنىڭغا شۈكۈر ئېيتىش بىلەن قوبۇل قىلىپ ياخشى يوللارغا ئىشلىتىدۇ، ئىسراپچىلىق قىلمايدۇ ۋە ياخشىلىقىنى كىشىلەردىن ئايىماستىن، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالادىن بۈيۇك ساۋاپ ۋە ئەجىرلەرنى ئۈمىد قىلىدۇ.
    بۇ تۈردىكى كىشىلەر بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەرگە كۈچىنىڭ يېتىشىچە تاقابىل تۇرۇپ، رېئال ھاياتقا ئاقىلانىلىق ۋە سەبىرچانلىق پوزتسىيەسىدە بولىدۇ ۋە بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ سائادىتىگە زىيانلىق بولىدىغان ئاھۇزارلاردىن ئۆزىنى قوغداپ قالالايدۇ. شۇنداقلا ھايات مۇجادىلىسىدە ھەرخىل تەجرىبە ساۋاقلارغا ئىگە بولىدۇ ۋە بۇ يولدا تارتقان ئەزىيەتلىرى ئۈچۈن ئاللاھ تائالادىن چەكسىز مۇكاپاتلارنى ئۈمىد قىلىپ، گۈزەل ئارزۇ-ئارمانلار ئىچىدە ياشايدۇ.
    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مۆمىننىڭ ئىشى ھەيران قالارلىق، ئۇنىڭ ھەممە ئىشلىرى خەيرىلىكتۇر، ئەگەر ئۇنىڭغا ياخشىلىق كەلسە ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر قىلىدۇ، بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن خەيرىلىكتۇر. ئەگەر مۇسىبەتكە ئۇچرىسا سەبىر قىلىدۇ، بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن يەنە خەيرىلىكتۇر. بۇنداق بولۇش پەقەت مۆمىن كىشىگىلا نەسىب بولىدۇ.» [مۇسلىم رىۋايىتى].
    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۆمىن كىشىگە كەلگەن خوشاللىق ۋە غەم-قايغۇنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئۈچۈن غەنىمەت ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.
    شۇڭا خوشاللىق ياكى غەمكىنلىك نەسىب بولغان ئىككى ئادەمنىڭ، مەزكۇر ئىشلارنى قوبۇل قىلىشتا پەرقلىق ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. بۇ ئۇلارنىڭ ئىمانى ۋە ياخشى ئەمەلىگە كۆرە بولىدۇ. بۇ ئىككى كىشىنىڭ بىرى بېشىغا كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى خوشاللىق شۈكۈر، غەمكىنلىكنى سەبىر بىلەن كۈتىۋالغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ بارلىق غەم ـ قايغۇلىرى، كۆڭۈلسىزلىكلىرى ۋە دەرتلىرى يوقىلىپ، بەختلىك ھاياتقا ئېرىشىدۇ.
    يەنە بىرى بېشىغا كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى ئىسيانكارلىق ۋە ناشۈكۈرلۈك بىلەن كۈتىۋالىدۇ، نەتىجىدە ئۇنىڭ ئەخلاقى بۇزىلىدۇ. نەتىجىدە راھەتسىز، بىئارام ھايات كەچۈرۈشكە مۇپتىلا بولىدۇ. ئۇ ياخشلىققا شۈكۈر قىلىشنى جاپالارغا سەبىر قىلىشنى بىلمىگەنلىكتىن، شۇنچە كۆپ ياخشىلىقلارغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، تېخى يەنە ئېرىشەلمىگەن ياخشىلىقلار ئۈچۈن قايغۇرىدۇ. ئۇ قايغۇرغان ئىشلار ھاسىل بولىشى ياكى بولماسلىقى مۇمكىن. ئەگەر بولدى دېگەن تەقدىردىمۇ، مەزكۇر ئىشتا ئۇنىڭ ھاياتى ئىزتىراپ ئىچىدە ئوتىدۇ.
    ئەگەر ئۇ بەختسىزلىككە ئۇچرىسا ئۆزىنى يوقىتىپ قويىدۇ. ھەممىدىن يامان بولغىنى پىكرى ۋە نەپسى كىسەللىكلەرگە مۇپتىلا بولىدۇ ۋە سەبىر قىلىشنى بىلمىگەنلىكتىن، ئۇنىڭ ھاياتى ھەمىشە نارازىلىق ۋە قانائەتسىزلىك ئىچىدە ئۆتىدۇ.
    بۇلارنىڭ ھەممىسى تەجرىبىلەر ئارقىلىق ئىسپاتلانغان ھەقىقەتتۇر. سىز ھاياتلىق مەيدانىغا چۆكۈپ كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىنى تەپسىلى كۆزىتىدىغان بولسىڭىز، ئۆزىنىڭ ئېتىقادى ۋە ئىمانىنىڭ تەقەززاسى بويىچە ئىش كۆرگەن ئادەم بىلەن ئۇنىڭ ئەكسىچە ياشىغان ئادەمنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى چوڭ پەرقنى ھېس قىلىسىز. ئىسلام دىنى كىشىلەرنى ئاللاھ تائالا بەرگەن رىزىققا قانائەتلىك بولۇشقا چاقىرىدۇ.
    مۆمىن كىشى كېسەللىك، نامراتلىق، غەم ـ قايغۇ ۋە مۇسىبەت قاتارلىقلارغا ئۇچرىغاندا، ئۇنىڭ ئىمانى ۋە قانائىتى سەۋەبلىك ئۇ ئىشلاردا مەن ئۈچۈن  ياخشىلىق بار دەپ چۈشىنىدۇ. ئاچچىقنى تاتلىققا ئۆرىيەلەيدۇ. ئۇ ھەمىشە ئۆزىدىن يوقىرىقىدىكىلەرگە ئەمەس، بەلكى تۆۋەندىكىلىرىگە قارايدۇ. ئۆزىنىڭ ئۇلارغا قارىغاندا ھەر جەھەتتە ئارتۇق ئىكەنلىكىدىن خوشال بولۇپ ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر قىلىدۇ. ئەمما ئىمانى ۋە ئېتىقادىنىڭ تەقەززاسى بويىچە ئىش كۆرمىگەنلەرگە قارىسىڭىز ئۇلارنىڭ بېشىغا كۈلپەت كەلگەندە ئۆزىنى يوقىتىپ قويىدۇ ۋە ئەڭ بەختسىز كۈنلەرنى كەچۈرىدۇ.
    شۇنداقلا، ئىنسانغا قورقۇنچ ۋە ئېغىر كۈنلەر كەلگەندە، چىن ئىمانلىق كىشىلەر كۆڭلى خاتىرجەم ۋە مۇستەھكەم تۇرىۋېرىدۇ ۋە قولىدىن كېلىشىچە ئۇنىڭ چارە ـ تەدبىرلىرىنى قىلىشقا ئەقلى، پىكرى، سۆزى ۋە ئەمەلىيىتى بىلەن يۈزلىنىدۇ. چۈنكى مۇنداق كىشىلەر بۇ خىلدىكى مۇسىبەتلەر، قىيىنچىلىقلار ۋە غەم ئەندىشىلەرنىڭ بېشىغا كېلىدىغانلىقىنى ئالدىن ئالا مۆلچەرلىگەن بولۇپ، ئۇلار بۇ ئىشلاردىن چوچۇپ كەتمەيدۇ، نەتىجىدە كۆڭۈللۈك ۋە بەختلىك ھاياتىنى داۋام قىلىۋېرىدۇ.
    ئەمما ئىمانى يوق ياكى ئىمانى ئاجىز كىشىلەرنىڭ ھالى بۇنىڭ ئەكسىگە بولۇپ، ئۇنىڭ بېشىغا قورقۇنچ، ئەندىشە ۋە قايغۇ كەلگەندە، مېڭىسى چېچىلىدۇ، كۆڭلى قاتتىق بىئارام بولىدۇ ۋە ئۇنى قورقۇنچ قورشىۋالىدۇ. مۇنداق كىشىلەر غەم ـ قايغۇلىرىنى كەتتۈرۈش ئۈچۈن بەزى تەبىئىي سەۋەبلەرگە باش ئۇرمىغىنىدا، كۈچ ـ قۇۋۋىتى ئاجىزلايدۇ، مېڭىسى چارچايدۇ. چۈنكى ئۇلار، ئۆزلىرىنى سەبىرگە يېتەكلەيدىغان ئىماننى يوقاتقان كىشىلەردۇر.
    ياخشى ـ يامان، مۇسۇلمان ـ كاپىر ھەممىسى شۇجائەتنى ھاسىل قىلىشتا ۋە غەم ـ قايغۇلارنى يېڭىش ئۈچۈن تىرىشىشتا ئوخشاشتۇر. بىراق مۆمىن كىشى چىن ئىمانى ، سەبرىسى، ئاللاھ تائالاغا ئىشەنچىسى، ئۇنىڭدىن ساۋاب كۈتىشى ۋە ئاللاھ تائالاغا تەۋەككەل قىلىشنىڭ كۈچى بىلەن قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشتا باشقىلاردىن ئالاھىدە پەرقلىنىدۇ. مۇنداق كىشى ئۈچۈن ھەر قانداق زور قىيىنچىلىقلار ئاسانغا توختايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿وَلَا تَهِنُوا فِي ابْتِغَاءِ الْقَوْمِ ۖ إِن تَكُونُوا تَأْلَمُونَ فَإِنَّهُمْ يَأْلَمُونَ كَمَا تَأْلَمُونَ ۖ وَتَرْجُونَ مِنَ اللَّـهِ مَا لَا يَرْجُونَ ۗ وَكَانَ اللَّـهُ عَلِيمًا حَكِيمًا﴾ تەرجىمىسى: «دۈشمەننىڭ ئارقىسىدىن قوغلاشقا سۇسلۇق قىلماڭلار؛ ئەگەر سىلەر قىينالساڭلار، ئۇلارمۇ خۇددى سىلەرگە ئوخشاش قىينىلىدۇ، سىلەر ئۇلار ئۈمىد قىلمايدىغان نەرسىنى (يەنى شېھىت بولۇشنى، ساۋابنى ۋە غەلىبىنى) ئاللاھدىن ئۈمىد قىلىسىلەر. ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.» [سۈرە نىسا 104ـ ئايەت].
    ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ ياردىمى ۋە مەدەت بېرىشى قىيىنچىلىقلارغا تاقابىل تۇرالايدىغان روھنى ئۆزلىرىدە يەرلەشتۈرىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَاصْبِرُوا إِنَّ اللَّـهَ مَعَ الصَّابِرِينَ﴾ تەرجىمىسى: «سەۋر قىلىڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن سەۋر قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر.» [سۈرە ئەنفال 46ـ ئايەت].
    غەم ـ قايغۇنى يوقىتىشنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى كىشىلەرگە تىلى بىلەن ۋە قولى بىلەن ياخشىلىق قىلىشتۇر. بۇلارنىڭ ھەممىسى ياخشى ئىشلاردۇر. ئاللاھ تائالا بۇ ياخشىلىقلار سەۋەبىدىن ھەر قانداق كىشىنىڭ غەم ـ قايغۇلىرىنى يوق قىلىدۇ. بىراق مۆمىن كىشى بۇنىڭدا كۆپرەك تەلەيلىكتۇر. چۈنكى ئۇنىڭ باشقىلارغا قىلغان قانداقلا بىر ياخشى ئىشى ۋە گەپ ـ سۆزى ئىمانى ۋە ئىخلاسىدىن كېلىدۇ. ئۇ ئاللاھ تائالادىن ساۋاب كۈتكەنلىكتىن قىيىنغا توختايدىغان ياخشىلىقلارنىمۇ كىشىلەردىن ئايىمايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿لَّا خَيْرَ فِي كَثِيرٍ مِّن نَّجْوَاهُمْ إِلَّا مَنْ أَمَرَ بِصَدَقَةٍ أَوْ مَعْرُوفٍ أَوْ إِصْلَاحٍ بَيْنَ النَّاسِ وَمَن يَفْعَلْ ذَٰلِكَ ابْتِغَاءَ مَرْضَاتِ اللَّـهِ فَسَوْفَ نُؤْتِيهِ أَجْرًا عَظِيمًا﴾ تەرجىمىسى: «ئۇلارنىڭ يوشۇرۇن سۆھبتىنىڭ تولىسىدا خەيرىيەت يوقتۇر. پەقەت سەدىقىغە ياكى ياخشىلىققا ياكى كىشىلەرنى ئەپلەشتۈرۈشكە ئەمر قىلغان كىشىلەرنىڭ يوشۇرۇن سۆھبىتى بۇنىڭدىن مۇستەسنا. كىمكى ئۇ ئىشلارنى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى تىلەش يۈزىسىدىن قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا بۈيۈك ئەجر ئاتا قىلىمىز.» [سۈرە نىسا 114ـ ئايەت].     
    ئاللاھ تائالا يورىقى ئىشلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ياخشىلىق ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. ياخشىلىق ياخشىلىقنى كەلتۈرىدۇ ۋە يامانلىقنى يېراق قىلىدۇ. ئاللاھ تائالادىن ساۋاب كۈتىدىغان مۆمىن كىشىگە قىلغان ئىشىدىن ئارتۇق ھەسسىلەپ ساۋاب بېرىلىدۇ. ئۇنىڭدىن غەم ـ قايغۇلارنىڭ يوقىلىشىمۇ، ئاللاھ تائالا بەرگەن ساۋابنىڭ ئەجىرلىرىدىن بىرىدۇر.
    نىرۋىنىڭ چېچىلىشىدىن كېلىپ چىققان غەم ـ قايغۇلارنى كەتكۈزۈشنىڭ سەۋەبلىرى: پايدىلىق ئىلىم ياكى ياخشى ئەمەللەر بىلەن مەشغۇل بولۇشتۇر. چۈنكى بۇ ئىشلار كۆڭۈلنى غەم ـ قايغۇلارنى ئويلاشتىن مەشغۇل قىلىش ئارقىلىق ئادەمگە ئارام بېرىدۇ. بەلكى بۇ كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ۋە ئۇنىڭ سەۋەبلىرىنى بۇ ئىشلار ئارقىلىق ئۇنتۇيدۇ. نەتىجىدە، كۆڭلى خوش، روھى كۆتۈرىلىدۇ. بۇ ئىشلار مۆمىن ۋە كاپىر ئارىسىدا ئورتاقتۇر. لېكىن مۆمىن كىشى ئاللاھ تائالاغا بولغان ئىمانى، ئىشەنچىسى ۋە سەبرىسى بىلەن بارلىق ئىشلىرىدا باشقىلاردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. زور قىيىنچىلىقلار ۋە غەم ـ قايغۇلار بىلەن ئىمتىھان قىلىنغان كۆپلىگەن كىشىلەر ياخشى ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇش ئارقىلىق غەملىرىنى ئۇنتۇپ بەختلىك تۇرمۇشىغا داۋام قىلىدۇ.
    غەم ـ قايغۇنى كەتكۈزۈشنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى، پىكىر خىيالنى بۈگۈننىڭ ئىشلىرى ئۈچۈنلا مەركەزلەشتۈرۈش، كېلەچەكنىڭ غەملىرى ۋە ئۆتمۈشنىڭ ھەسرىتىنى قەتئى ئۇنتۇشتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالادىن غەم، ئەندىشە ۋە قايغۇلاردىن پاناھ تىلەيتتى. ئۆتكەن ئىشلارغا ھەسرەتلىنىش قولىدىن كەلمەيدىغان ئىشقا ئۆزىنى ئاۋارە قىلغانلىقتۇر. چۈنكى ئۆتكەن كەتتى، قايتا كەلمەيدۇ. كېلىچەكنىڭ غېمىنى يېيىش سەۋەبلىك ھازىردىكى ئىشلىرىنى كېچىكتۈرۈشمۇ ياخشى ئەمەس. ئىنسان پەقەت شۈ بىر كۈنىگىلا ئائىت بولۇشى ۋە شۇ بىر كۈنلۈك ئىشىنىلا ئويلاپ ئىش كۆرىشى لازىم. شۇنداق قىلغاندىلا ئارتۇق غەم ـ قايغۇلاردىن خالاس بولغىلى بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈممەتلىرىنى دۇئا قىلىشقا تەشەببۇس قىلغىنىدا، ئاللاھ تائالانىڭ پەزلىنى تىلەش بىلەن بىرگە، قاتتىق ئىشلەش، ئەجىر قىلىش ۋە تىلىگەن نەرسىسىگە يېتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە بۇيرۇيتتى. چۈنكى دۇئانىڭ نەتىجىسى ئەمەل بىلەن بىرلىكتە روياپقا چىقىدۇ. بەندە ئاللاھ تائالادىن دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك ياخشىلىقلارنى تىلەيدۇ ۋە شۇ ياخشىلىقلارنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئىشلەيدۇ. ئاندىن ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ مۇرادىنى بېرىدۇ.
    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئۆزۈڭگە پايدىلىق ئىشلاردا ئاللاھ تائالادىن ياردەم سورىغان ھالدا تىرىشقىن، ئاجىز كەلمەيسەن. ساڭا بىرەر كۆڭۈلسىزلىك يەتسە، ئەگەر ئۇنداق قىلغان بولسام مۇنداق بولاردى، دېمىگىن. لېكىن دېگىنكى: ئاللاھ تائالا بۇيرىغىنى بولدى. چۈنكى"ئەگەر" كەلىمىسى شەيتاننىڭ ئىشلىرىغا يول ئاچىدۇ.» [مۇسلىم رىۋايىتى].
     رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەرۋاقىت ھەرقانداق ئىشتا ئاللاھ تائالاغا يۆلىنىش ۋە ئاجىزلىققا يول بەرمەسلىك بىلەن، ئۆتكەن ئىشلارنى ئاللاھنىڭ تەقدىرى دەپ چۈشۈنۈش ئارىسىنى مەنپەئەتلىك ئىشلار بىلەن باغلاپ چۈشەنچە بېرەتتى.
     ئاللاھ تائالا ئىشلارنى ئىككى تۈرلۈك قىلغان بولۇپ: 1- ئىنسانلار تىرىشچانلىق ئارقىلىق قولغا كەلتۈرەلەيدىغان ئىشلار. بۇنىڭدا ئىنسان قولىدىن كېلىشىچە سەۋەب قىلىشقا بۇيرۇلغان ئىشلار. 2- ئىنساننىڭ قولىدىن كەلمەيدىغان ئىشلار بولۇپ، ئۇنىڭدا ئاللاھ تائالانىڭ تەقسىماتىغا رازى بولۇشتىن ئىبارەتتۇر. بۇ نوقتىغا ئىتىبار بېرىش قەلب خۇرسەنلىكى، شۇنداقلا غەم-قايغۇنىڭ كىتىشىدىكى سەۋەبلەردىندۇر.
     كۆڭۈلنى ئارام تاپقۇزۇشنىڭ ئەڭ چوڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى، ئاللاھ تائالانى كۆپ ياد قىلىشتۇر. زىكىرنىڭ ئىنسان ھاياتىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ناھايىتى چوڭدۇر. ئاللاھ تائالانى ياد قىلىش غەم ـ قايغۇلارنى كەتكۈزۈشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسىدۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿الَّذِينَ آمَنُوا وَتَطْمَئِنُّ قُلُوبُهُم بِذِكْرِ اللَّـهِ ۗ أَلَا بِذِكْرِ اللَّـهِ تَطْمَئِنُّ الْقُلُوبُ﴾ تەرجىمىسى: (تەۋبە قىلغانلار) ئىمان ئېيتقانلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ دىللىرى ئاللاھنى ياد ئېتىش بىلەن ئارام تاپىدۇ، بىلىڭلاركى، دىللار ئاللاھنى ياد ئېتىش بىلەن ئارام تاپىدۇ.» [سۈرە رەئد 28-ئايەت].
   ئاللاھ تائالانىڭ نېمەتلىرىنى تىلغا ئېلىشمۇ غەم ـ قايغۇلارنى كەتكۈزۈشتە چوڭ رول ئوينايدۇ. بۇ ئىش بەندىنى ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر قىلىشقا چاقىرىدۇ. شۈكۈر بولسا ئەڭ ئۇلۇغ ئىبادەت ۋە كاتتا ئەمەلدۇر. بەندە گەرچە ئېغىر كېسەل ياكى پەقىرلىق ھالىتىدە بولسىمۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنىڭغا ئاتا قىلغان نېمەتلىرىنى ئويلىغىنىدا ئۆزىنى بەختلىك ھېسابلايدۇ. بەندە ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىگە ئاتا قىلغان چەكسىز نېمەتلىرى بىلەن، ھاياتتا دۇچ كەلگەن مۇسىبەتلەرنى سىلىشتۇرغىنىدا، مۇسىبەت نېمەتلەرنىڭ ئالدىدا ھېچ نىسبەتنى ئىگەللىمەيدۇ.
    ئاللاھ تائالا بەندىسىنى مۇسىبەت ۋە قىيىنچىلىق بىلەن سىنىغان ۋاقتىدا بەندىدىكى سەبىر، رازىمەنلىك ۋە شۈكۈرنىڭ ماھىيىتى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، ئۇ دۇچار بولغان مۇسىبەتلەر ئاددى كۆرىنىدۇ . بەندە ئاللاھ تائالادىن ساۋاب ئىزدەپ بالا-مۇسىبەتكە سەبىر قىلسا، ئۇ ئاچچىق ھاياتنى تاتلىققا ئۆرۈيەلەدۇ.
    غەم ـ قايغۇنى يوق قىلشنىڭ يەنە بىر چارىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۆۋەندىكى ھەدىستە كۆرسەتكەن بويىچە ئىش كۆرۈشتۇر: «سىلەر ئۆزۈڭلاردىن تۆۋەندىكىلەرگە قاراڭلار، ئۆزۈڭلاردىن يوقىرىدىكىلەرگە قارىماڭلار. بۇ ئاللاھ تائالانىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېمەتلىرىنى تونۇشۇڭلار ئۈچۈن ئەڭ ياخشى پۇرسەتتۇر.» [بۇخارى رىۋايىتى].
    ئىنسانلار بۇ ھەدىسنىڭ روھى بويۇنچە ئىش كۆرىدىغان بولسا ئىدى، روھى ئۈستۈن ۋە قانائەتچان بولغان، كۆپلىگەن ياخشىلىقلارغا ۋە سانسىز نېمەتلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتكەن بولاتتى-دە، ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر قىلاتتى. شۈكۈر نېمەتنى زىيادە قىلىدۇ ۋە غەم ـ قايغۇلارنى يوق قىلىدۇ. بەندە ئاللاھ تائالانىڭ ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن، دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك بارلىق نېمەتلەرنى ئويلىغىنىدا، رەببىنىڭ ئۇنىڭغا كۆپ نېمەتلەرنى ئاتا قىلغانلىقى ۋە كۆپلىگەن مۇسىبەتلەردىن ساقلاپ قالغانلىقىنى كۆرۈۋالالايدۇ. مانا بۇ ئىشلارنىڭ غەم-قايغۇنى كەتكۈزۈپ، قەلبگە خوشاللىق بېغىشلايدىغانلىقىدا ھېچ شەك يوق.
خوشاللىقنى كەلتۈرىدىغان ۋە غەم ـ قايغۇلارنى كەتكۈزىدىغان ئىشلاردىن؛ كۆڭۈلىسزلىكلەرگە ئېلىپ بارىدىغان سەۋەبلەرنى يوق قىلىش ۋە خوشاللىق كەلتۈرىدىغان سەۋەبلەرنى قىلشتۇر. بۇ ئۆتكەنلەرنى ئۇنتۇش ۋە ئۆتمۈش ئۈچۈن ھەسرەتلىنىشنىڭ پايدىسىز ئىش ۋە ئاخماقلىق ئىكەنلىكىنى تونۇش ھەم بارلىق پىكرىنى، ئەقلىنى ھازىرقى كۈنى ئۈچۈن بېغىشلاش كېرەك. شۇنداقلا ئەتىنىڭ غېمىنى كۆپ يەپ، كەمبەغەللىك ۋە كېسەللىككە ئوخشىغان كېلىچەكتىكى ئىشلارنىڭ غېمىنى يىمەستىن، بەلكى بۈگۈنى بىلەن مەشغۇل بولۇش لازىم. چۈنكى كېلىچەك بىز ئۈچۈن مەجھۇل بولۇپ، كىلىدىغان ياخشىلىق ۋە دەرت-ئەلەملەرنى بىلمەيمىز. ئۇ ئاللاھ تائالانىڭ قولىدا. بىز پەقەت بىلگەنلىرىمىزنىڭ ياخشىلىقىنى كەلتۈرۈش، زىيانلىرىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن تىرىشىشىمىز لازىم. ئەگەر ئىنسان كېلىچەك توغرىسىدىكى ئىزتىراپلىقتىن ئۆزۈمنى ساقلاي دېسە، بارلىق ئىشلىرىنى ئاللاھنىڭ ئىسلاھ قىلىپ بېرىشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا تايانسا، ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ھازىرقى ۋە كېلىچەك ھاياتى ياخشىلىنىدۇ، شۇنداقلا غەم-قايغۇ ۋە ئىزتىراپلىق يوقايدۇ.
    كېلىچەك ئىشلىرى ئۈچۈن ئەڭ پايدىلىق ئىش، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئوقۇغان تۆۋەندىكى بۇ دۇئانى ئوقۇشتۇر: «اللَّهُمَّ أَصْلِحْ لِي دِينِي الَّذِي هُوَ عِصْمَةُ أَمْرِي، وَأَصْلِحْ لِي دُنْيَايَ الَّتِي فِيهَا مَعَاشِي، وَأَصْلِحْ لِي آخِرَتِي الَّتِي فِيهَا مَعَادِي، وَاجْعَلِ الْحَيَاةَ زِيَادَةً لِي فِي كُلِّ خَيْرٍ، وَاجْعَلِ الْمَوْتَ رَاحَةً لِي مِنْ كُلِّ شَرٍّ» تەرجىمىسى: «ئى ئاللاھ! ئىشىمنىڭ كاپالىتى بولغان دىنىمنى مەن ئۈچۈن ياخشىلاپ بەرگىن، مەئىشىتىم بولغان دۇنيالىقىمنى مەن ئۈچۈن ياخشىلاپ بەرگىن، قايتىدىغان جايىم بولغان ئاخىرىتىمنى مەن ئۈچۈن ياخشىلاپ بەرگىن، بارلىق ياخشىلىقلاردا مەن ئۈچۈن ھاياتلىقنى زىيادە قىلغىن ۋە بارلىق يامانلىقلاردىن ئۆلۈمنى مەن ئۈچۈن راھەتلىك قىلغىن.» [مۇسلىم رىۋايىتى].
    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دۇئا قىلاتتى: «اللَّهُمَّ رَحْمَتَكَ أَرْجُو فَلَا تَكِلْنِي إِلَى نَفْسِي طَرْفَةَ عَيْنٍ، وَأَصْلِحْ لِي شَأْنِي كُلَّهُ لَا إِلَهَ إِلَّا أَنْتَ» تەرجىمىسى: «ئى ئاللاھ! رەھمىتىڭنى ئۈمىت قىلىمەن، مېنى كۆز يۇمۇپ ئاچقۇچىلىكمۇ ئۆز ھالىمغا قويۇۋەتمىگىن، بارلىق ئىشلىرىمنى ياخشىلاپ بەرگىن، سەندىن باشقا ھېچ مەبۇد بەرھەق يوقتۇر.» [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى].
    مۇسۇلمان كىشى يوقىرىقى دۇئالارنى چىن ئىخلاس بىلەن ئوقۇپ، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە تىرىشىپ ئىشلەيدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك بارلىق ئىشلىرىنى ياخشىلاپ بېرىدۇ ۋە ئۇنىڭ غەمكىنلىكىنى خوشاللىققا ئۆرۈپ بېرىدۇ.
    كىشىگە كۆڭۈلسىزلىكلەر كەلگەندە، ئۇنىڭ غەم ـ قايغۇسىنى يوقىتىشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىلىرىدىن بىرى، كۆڭۈلسىزلىكلىرىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن تىرىشىش ۋە ئەڭ زىيانلىق ئېھتىمالنى ھېسابقا ئالغان ھالدا، بۇ قىيىنچىلىق ۋە مۈشكىلاتلاردىن چىقىش يولى ئىزدەشتۇر. ئۆزىنى ئەڭ زىيانلىق ۋە خەتەرلىك ئىشلارنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىمالىغا كۆندۈرۈش ئارقىلىق كىشى بېشىغا كەلگەن ھەر قانداق چوڭ مۇشكىلاتلارنى يېنىك سانايدۇ، ئۆزىنى يوقىتىپ قويمايدۇ، چىداملىق بولىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن چىقىش يولى ئىزدەپ غەلىبە قىلىدۇ. بەندە ئاللاھ تائالانىڭ ياردىمىگە چىن ئىشەنچ بىلەن قولىدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسۈتىدىكەن، ئۇ چوقۇم غەلبە قىلىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى تەجرىبىدىن ئۆتكەن ئىشلاردۇر.
    پىسخىكا كېسەللىرىگە، ھەتتا جىسمانى ئاغرىقلارغا ئەڭ ياخشى داۋا: شۇم خىياللار كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كۆڭۈلسىزلىكلەرگە ئاچچىقلىنىپ ئۆزىنى ئۇپراتماسلىقتۇر. چۈنكى ئىنسان خىيالى كۆڭۈلسىزلىكلەرگە ۋە بۇ خىياللارنىڭ قايغۇلىرىغا بېرىلگەن ھامان ئۆزىنىڭ تەن ساقلىقىغا زىيان سالغان بولىدۇ. يۈرەك كېسىلى ۋە باشقا كېسەللەرگە يول ئاچىدۇ. چۈنكى كۆپ ئاچچىقلىنىش، غەزەبلىنىش، ئەندىشىنى كۆپ قىلىش ئادەمنى ھەر تۈرلۈك كېسەللىكلەرگە دۇچار قىلىدۇ.
    قەلب ئاللاھ تائالاغا تايىنىپ، ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلغان ۋە كۆڭۈلسىز خىياللارغا بوي ئەگمىگەن چاغدا، ئىنساندىكى بارلىق غەم ـ قايغۇلار ئۆزلىكىدىن يوقىلىدۇ، ھەتتا بەزى كېسەللىكلەرمۇ يوقىلىدۇ ياكى يېنىكلىشىدۇ. كۆڭۈلگە ئىپادىلىگۇسىز خوشاللىقلار ھاسىل بولىدۇ. قانچىلىغان دۇختۇرخانىلار پىسخىك كېسەللىكلىرى بىلەن تولماقتا. مۇنداقلار ئاساسەن ئىمانى ئاجىز، ئىرادىسى بوش ۋە سەبرىسى يوق ئىنسانلاردۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: ﴿وَمَن يَتَوَكَّلْ عَلَى اللَّـهِ فَهُوَ حَسْبُهُ إِنَّ اللَّـهَ بَالِغُ أَمْرِهِ قَدْ جَعَلَ اللَّـهُ لِكُلِّ شَيْءٍ قَدْرًا﴾ تەرجىمىسى: «كىمكى ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا كۇپايە قىلىدۇ،» دەيدۇ. [سۈرە تالاق 3- ئايەت].
    ئاللاھ تائالاغا تەۋەككەل قىلىدىغان ئادەم يۈرەكلىك، خىياللارغا باش ئەگمەيدىغان، ھادىسىلەردىن چوچۇپ كەتمەيدىغان بولۇپ يېتىشىدۇ. چۈنكى ئۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنىڭ ئىشلىرىغا كېپىل ئىكەنلىكىنى ۋە ئۆزىنىڭ ئەڭ قۇدرەتلىك بىر زاتقا يۆلەنگەنلىكىنى بىلىدۇ ـ دە، كۆڭلى خاتىرجەم ھالدا ھاياتلىقنىڭ قىسمەتلىرىنى كۈتىۋالىدۇ.

    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسىدە: «مۆمىن كىشى مۆمىن ئايالنى چەتكە قاقمايدۇ، ئۇنىڭ بېرەر خۇلقىدىن زارلانسىمۇ، ئۇنى رازى قىلىدىغان تەرەپلىرى ئەلۋەتتە بولىدۇ،» دەپ كۆرسەتكەن. [مۇسلىم رىۋايىتى].
    بىز بۇ ھەدىستىن تۆۋەندىكىدى ئىبارەت ئىككى تۈرلۈك چوڭ پايدىنى بايقايمىز:
    بىرىنچى: ئايال كىشىگە، پەرزەنتلەرگە، تۇغقانلارغا ۋە ئائىلىدىكى ھەركىمگە ياخشى مۇئامىلە قىلىش لازىملىقى ۋە ئۇلاردا چوقۇم يېتەرسىزلىكلەر ۋە خاتالىقلارنىڭ بولىشىنى ھېسابقا ئالغان ھالدا مۇئامىلە قىلىش كېرەكلىكىنى، شۇنداقلا، سىز ئۇلاردىن يامان كۆرىدىغان بېرەر يېتەرسىزلىكنى بايقىغان چىغىڭىزدا، ئۇنىڭ ياخشى تەرەپلىرىنى  كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرىسىز ۋە ئىككىسىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرىسىز- دە، ئۇلارنىڭ ياخشى ۋە سىزنى رازى قىلغان تەرەپلىرى ئەيىپ ۋە نۇقسانلىرىدىن ئەلۋەتتە كۆپ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىسىز. نەتىجىدە، خاتالىق ۋە نۇقسانلىرىنى ھېسابقا ئالمايسىز، شۇنداقلا ئۇلارغا بولغان مۇھەببىتىڭىزگە داۋام قىلىسىز.
      ئىككىنچى: ئائىلە ۋە تۇغقانلارغا مۇناسىۋەتلىك مەجبۇرىيەتلەرنى تولۇق ئۆتەش ئارقىلىق غەم ـ قايغۇ ۋە ئەندىشىلەرگە يول بەرمەسلىك. كۆپلىگەن ئەقىللىق كىشىلەر بېشىغا كەلگەنلەرنى خۇددى ئالدىنئالا ئۇنى كۈتىۋاتقاندەك قارشى ئالىدۇ ۋە ئاھ ئۇرۇپ كەتمەيدۇ، ئۆزىنى سەبىرگە زورلايدۇ. نەتىجىدە، كۆڭۈللۈك بەھۇزۇر ھاياتقا داۋام قىلىۋېرىدۇ. بەزى كىشىلەر چوڭ ئىشلار ئۈچۈن ئىددىيە تەييارلىقىدا بولىدۇ، ئەمما كىچىك مۇسىبەت ۋە ئاددى كۆڭۈلسىزلىكلەر ئالدىدا ئۆزىنى ئاۋارە قىلىدۇ ۋە غەمگە چۆمىدۇ. مۇسۇلمان ھەممىگە تەييار ۋە ھەممىنى خاتىرجەملىك بىلەن قوبۇل قىلالايدىغان بولۇش لازىم.
    ئاقىل كشى بىلىدۇكى، ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى ھاياتى خاتىرجەم ۋە ھۇزۇرلۇق ئۆتكۈزگەن كۈنلىرىدۇر. ئۇ بەكمۇ قىسقا بولىدۇ. ئۇنى غەم ـ قايغۇلار بىلەن تېخىمۇ قىسقارتىپ قويۇشقا بولمايدۇ. چۈنكى ئۇ  راھەتلىك ۋە خاتىرجەم ھاياتنىڭ دۈشمىنىدۇر. ھەركىم شۇنداق قىلىش ئارقىلىق راھەت ۋە غەم-قايغۇسىز ياشاشتا مەنىلىك ئۆتىۋاتقان كۈنلىرىنىڭ ئەھمىيىتى بىلىش ئىنتايىن مۇھىم. بىراق مۆمىن كىشى ئۆزىنىڭ ئىمانى سايىسىدا بۇ تەرەپتىن كۆپرەك نېسىۋىگە ئېگە بولىدۇ.
    بىراۋغا قاتتىق كۈنلەر ياكى دىن ۋە دۇنيالىقتا زور قىيىنچىلىقلار كەلسە، بۇلارنى ئۆزىگە ئاتا قىلىنغان سانسىز نېمەتلەر بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرىشى لازىم. مانا بۇ  ۋاقىتتا ئۇنىڭ قولدىن بەرگەنلىرىدىن ئېرىشكەنلىرىنىڭ كۆپلىكىنى بىلىدۇ ۋە خاتىرجەم ھاياتقا داۋام قىلىدۇ.
    قورقۇنچلۇق ئەھۋاللارنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغاندا، ئۇنىڭدىن ئامان قېلىش ئېھتىماللىرىنى سىلىشتۇرغاندا، ئەلۋەتتە ئۇنىڭدىن ساقلىنىش چارىلىرىنىڭ كۆپلىكىنى بىلىدۇ ۋە غەم قىلمايدۇ. ئاجىز ئېھتىماللىقنى كۈچلۈك ئېھتىماللقنىڭ ئۈستىگە قويمىغان كىشى بېشىغا كېلىدىغانلاردىن قورقۇپ قالمايدۇ ۋە غەم قىلمايدۇ. ئەگەر مۇسىبەت كەلسە ئۇنىڭغا نورمال مۇئامىلىدە بولىدۇ.
    بىلىش پايدىلىق بولغان ئىشلاردىن بىرى شۇكى، كىشىلەرنىڭ سىزگە ئازار قىلىشى سىزگە قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ، بەلكى ئۇنىڭ زېيىنى ئۆزىگىدۇر. ئەگەر سىز پىكىر خىيالىڭىزنى ئۇنىڭ بىلەن مەشغۇل قىلسىڭىز بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ زىيىنى سىزگە يەتكەن بولىدۇ. ئەگەر سىز ئۇنىڭغا ھېچ پەرۋا قىلمىسىڭىز، ئۇنىڭ سىزگە زىيىنى بولمايدۇ.
    بىلىڭكى، ھاياتىڭىز پىكىر ـ خىيالىڭىزغا قاراپ ماڭىدۇ. ئەگەر پىكرىڭىز دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك پايدىلىق ئىشلاردا بولسا، ھاياتىڭىز بەخت ۋە سائادەت ئىچىدە بولىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ ئەكسىچە بولسا سىزگە زىيانلىق بولىدۇ.
    غەم ـ قايغۇنى كەتكۈزۈشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى، كىشى ئۆز نەپسىنى باشقىلار ئۈچۈن قىلغان ياخشى ئىشلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ غەيرىدىن مۇكاپات تەلەپ قىلماسلىققا كۆندۈرۈشتۇر. سىز قانداقلا بىركىمگە ياخشىلىق قىلسىڭىز، ئۇنىڭدىن مۇكاپات ياكى رەھمەت كۈتمەسلىڭىز كېرەك. ئاللاھ تائالا سالىھ بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى ھېكايە قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿إِنَّمَا نُطْعِمُكُمْ لِوَجْهِ اللَّـهِ لَا نُرِيدُ مِنكُمْ جَزَاءً وَلَا شُكُورًا﴾ تەرجىمىسى: «(ئۇلار ئېيتىدۇ) سىلەرگە بىز ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن تائام بېرىمىز، سىلەردىن بۇنىڭ بەدىلىگە ھېچقانداق مۇكاپات ۋە تەشەككۇر تەلەپ قىلمايمىز.» [سۈرە ئىنسان 9- ئايەت].
    ئائىلە ئەزالىرى، تۇغقانلار ۋە يېقىنلاردىن سىزگە يامانلىق ياكى زىيان ـ زەخمەت كېلىش ئېھتىمالىغا ئۆزىڭىزنى كۆندۈرسىڭىز، ناۋادا ئۇلارنىڭ بېرەرسىدىن سىزگە يامانلىق ياكى زىيان يەتسە، ئۆزىڭىزنى ھەيرانلىقتىن يوقىتىپ قويمايسىز. سىزنى راھەتلەرندۈرىدىغان ۋە خاتىرجەم قىلىدىغان ئشىلارنى قىلىشقا ئۆزىڭىزنى ئۈندەش ئارقىلىق، سىزنى بىئارام قىلىدىغان ئىشلاردىن خالاس بولالايسىز. سىزدە ئاچچىقنى تاتلىققا ئۆرۈيدىغان سېھرىي كۈچ ۋە ئىقتىدار بولۇش بىلەن بىرگە، كۆڭۈلسىزلىكلەر ئارىسىدىن خوشاللىقنى تىپىپ چىقالايدىغان پاراسەت بولغاندا، غەم-قايغۇ ۋە مۇسىبەتلەرگە دۇچار بولغىنىڭىزدا ئۇنى كۆڭۈل راھىتى بىلەن قوبۇل قىلالايدىغان ئېقتىدار ھاسىل بولىدۇ.
    پايدىلىق ئىشلارنى قىلىش سىزنىڭ ئالدىنقى پىلانىڭىز ۋە ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىڭىز بولسۇن. سىز ئۆزىڭىزگە زىيانلىق ۋە غەم-قايغۇ ئىلىپ كىلىدىغان ئىشلارغا قارىماڭ، ئۇلار بىلەن مەشغۇل بولماڭ. سىز ئۈچۈن مۇھىم بولغان پايدىلىق ئىشلارغا بارچە ھىممىتىڭىز بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىڭ.
    پايدىلىق ئىشلارنىڭ بىرى: بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قويماسلىق. بەلكى بۈگۈننىڭ ئشىىنى ۋاقتىدا ئورۇنلاپ، كېلىچەك ئىشلىرى ئۈچۈن تەييار بولۇش لازىم. چۈنكى تۈنۈگۈندىن قېلىپ قالغان ئىشلار بىلەن بۈگۈنكى ئىش سىزگە ئېغىر كېلىدۇ. ئەگەر ھەر ئىشنى ئۆز ۋاقتىدا ئادا قىلسىڭىز، ئەتىنىڭ ئىشلىرى ئۈچۈن كۈچلىك پىكىر يۇرگۇزۇش ۋە روھلۇق خىزمەت قىلىش شارائىتىنى ھازىرلىيالايسىز.
     سىزگە پايدىلىق بولغان ئىشلار ئارىسىدىنمۇ سىزگە ئەڭ زۆرۈر بولغان مۇھىملىرىنى ئەڭ ئالدىدا ئىجرا قىلىش ئۈچۈن تاللىشىڭىز لازىم. مۇھىم ئىشلار ئارىسىدىنمۇ كۆڭلىڭىز بەكرەك تارتقان ۋە ئۆزىڭىز بەكرەك قىزىقىدىغانلىرىنى ئاۋۋال تاللاڭ. چۈنكى بۇنداق قىلمىغاندا ئىشلار سىزگە ئېغىر كېلىپ قىلىشى مۇمكىن.
    سىز بۇ ئىشلارنى شۇنداق رەتكە سېلىش ئۈچۈن توغرا پىكىر ۋە مەسلىھەتلىشىشنى ئۆزىڭىز ئۈچۈن تولىمۇ زۆرۈر بىلىشىڭىز لازىم. مەسلىھەت ۋە پىلان بىلەن ئىش قىلغان ئادەم كېيىنكى پۇشايماندىن ئامان قالىدۇ. قىلىدىغان ئىشىڭىزنى دىققەت بىلەن تەتقىق قىلىڭ، ئۇ سىزگە چوقۇم پايدىلىق بىلىنسە، ئاللاھ تائالاغا تەۋەككۈل قىلىڭ ۋە ھېچ ئىككىلەنمەڭ.
    بارلىق ھەمدۇ-سانا ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ئۇنىڭ ئەسھابى كىراملىرىغا دۇرۇت ۋە سالاملار بولسۇن.