Question

ئىنساننىڭ دىنغا مۇھتاج بولۇشى

كىشلەر نىمە ئۈچۈن دىنغا مۇھتاج بولىدۇ؟كىشلەر ھاياتىنى تەرتىپكە سىلىش ئۈچۈن قانۇنلا كۇپايە قىلامدۇ؟
Answer
Answer

مەدىھيە ئاللاغا بولسۇن.
ئادەمنىىڭ دىنغا بولغان ئىھتىياج ئۇنىڭ تۇرمۇشتىكى باشقا ھەرقانداق زۈرۈرىيەتلەرگە بولغان ئىھتىياجدىن چوڭدۇر ، چۈنكى ئادەم نىمىنىڭ ئاللاھنى مەمنۇن قىلدىغانلىقنى ،نىمنىڭ ئۇنى خاپا قىلدىغانلىقنى بىلىشكە موھتاج بولىدۇ.ئۇ ئۆزىنىڭ پايدا-مەنپەتىگە ھەركەت قىلىشقا ،ئۇنىڭغا زىيان سالدىغان نەرسىلەردىن ساقلىنىشقا مۇھتاجدۇر.مانا بۇ ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتلەرغا بولغان ئادىللىغى ۋە ئۇنىڭ بەندىللىرگە يوروق بىردىغان نوردۇر.كىشلەر بولسا ئۇلارنى نىمە قىلىش –قىلماسلىقنى ئايرىپ بىردىغان قانۇنلار(شەرىئەت)سىز ياشىيالمايدۇ.كىشىدە ئىختىيارلىق بولغاچقا ئۇ ئۆزىگە نىمىنىڭ لازىم قىلدىغانلىقنى بىلىشى كىرەك ،پايدىلىقمۇ ياكى زىيانلىق ؟ئۇنى ياخشىلامدۇ ياكى بۇزامدۇ؟بۇ نەرسىلەرنىڭ بەزىللىرى تۇغما قابىلىيەت بىلەن بىلنىدۇ،بەزىللىرى ئەقىل بىلەن بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىق بىلنىدۇ،ۋە بەزىللىرى پەقەت ئەلچىلەرنىڭ يوليورۇقلىرى ۋە تەلىماتىدىن بىلنىدۇ.(ئىسلام شەيخى ئىبنۇ تەيمىيەنىڭ ئەسىرى "تەدمىرىييە"گە (213 ،214ب)،"بەخىت ماكاننىڭ ئاچقۇچى" 2 ج383 ب گە قاراڭ .
ئاتىزىمچى ،ماتىريالىزىمچى مەزھەپلەرنىڭ قانچىلىك تەسىرچان ۋە جەلىپ قىلارلىق بولىشتىن قەتئىنەزەر ،ۋە قانچىلىك پىكىر ئىقىمى ۋە نەزىريەرەرنىڭ بولىشىدىن قەتئىنەزەر ، شەخسىلەر ۋە جەمىئەتلەر توغرا دىنسىز ھىچ ئىش قىلالمايدۇ،ئۇلار بەدەن ۋە روھنىڭ ئىھتىياجلىرغا قاۋاپ بىرەلمەيدۇ،بىر شەخىس بۇ يوللارغا سىڭىپ كىرگەنسرى ،جەزمەنكى ئۇ بىخەتەرلىكنى تىخمۇ تاپالمايدۇ،ئۇسسۇزلىقنى تىخمۇ قاندۇرالمايدۇ،ھىمدە توغرا دىندىن باشقا چىقىش يولى قالمايدۇ ،"ئەرنىست رەنەن"مۇنداق دەيدۇ: "بىز سۆيدىغان ھەرقانداق نەرسە يوقىلىشى مۇمكىن،ھەمدە ئەقلى تەپەككۇر ،ئىلىم پەن ۋە ساناەت مەۋجۇتلىغى ئاخىرلىششى مۇمكىن،بىراك دىننىڭ شاللىنىپ كىتىشى مۇمكىن ئەمەس،بەلكى ئۇ ئادەمنى بۇ دۇنيا ئاساسى ھاياتىدا تار يوللارغا قىستاۋاتقان ماتىريالىستىك پىكىر ئېقىملەرنىڭ ساختا ئىكەنلىكىگە ئىسپات سۈپىتىدە قالىدۇ." "ئابدۇللا دەراز"نىڭ ئەسرى "دىن"غا قاراڭ (87 )،"مۇھەممەد فەرىد ۋەجدى" مۇنداك دەيدۇ :دىن ئىددىيىسنىڭ يوقىلىشى مۇمكىن ئەمەس ،چۈنكى ئۇ روھنىڭ ئەڭ يۈكسەك مايىللىغى ۋە ئۇنىڭ ئەڭ ئىسىل ھىسياتى ،بۇ مايىللىق بولۇش بىلەنئادەمنى ھۆرمەتلىك قىلىدۇ ،بەلكى بۇ مايىللىق ئىشىپ بارىدۇ ھەمدە ئادەمنىڭ دىنى تەبىئىتى بولسا گۈزەللىك بىلەن سەتلىكنى پەرىقلەندۈردىغان ئەقىلگە ئىرىشكۈچە ساقلىنىپ قالىدۇ،بۇ تۇغما تەبىئەت ئۇنىڭ ئەقىل پاراسىتىنىڭ سەۋيەسىگە قاراپ ئىشىپ بارىدۇ ". (مەسدە روسسابىق87 ب).
ئەگەر ئادەم پەرۋەردىگارىدىن يىراقلاشسا ،ئۇنداقتا ئۇ ئۆزنىڭ بىلىم ۋە چۈشىنىش سەۋيەسىگە ئاساسەن ئۆزنىڭ پەرۋەردىگارنى،ئۆزنىڭ سۈپەتلىرنى بىلمەسلىك دەرىجىسنى ۋە ئۇنىڭ ئۆزنى بىلمەسلىك ،نىمىنىڭ ئۆزگە پايدىلىق ياكى ناچار ئىكەنلىگنى بىلمەسلىك ،نىمىنىڭ بەخىتلىك ياكى نىمىنىڭ بەخىتسىزقىلدىغانلىقىنى بىلمەسلىك ھەمدە ئۇنىڭ ئاستىرونومىيە ،ماتىماتىكا ۋەھاكازالارغا ئوخشاش ئاساسلىق ئىلىم پەنلەننى بىلمەسلىك دەرىجىسنى تۇنۇپ يىتىدۇ،بۇ نوقتىدا، بىلىملىك ئادەم كىبىرلىك ھاكاۋۇرلۇق ھالىتىدىن كەمتەر ۋە گەپ ئاڭلايدىغان ھالەتكە ئۆتىدۇ،ھەمدە بۇ بارلىق بىلىملىرنىڭ كەينىدە ھەممىنى بىلىدىغان ،ھەممىگە دانا بىر زاتنىڭ بارلىقىنى ھەمدە تەبىەتنىڭ كەينىدە بىر تەڭداشسىز قۇدرەتلىك ياراتقۇچىنىڭ بارلىقىنى تۇنۇپ يىتىدۇ.
بۇ ھەقىقەتەن ئىنساپلىق ئىزدەنگۇچىنى كۆرۈنمەسلەرگە ئىشنىشكە ،بۇ توغرا دىننى ئىتراپ قىلىشقا ھەمدە ئىنسان تەبىئتى ۋە تۇغما تەبىئەتنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشوشقا ھەيدەيدۇ.ئەگەر بىر ئادەم ئۇنى قىلىشتىن مەغلۇپ بولسا ،بۇ ئۆزىنىڭ تۇغما تەبىئتىەە قارشى ماڭغان بولىدۇ ھەم گەپ قىلالمايدىغان ھايۋان دەرىجىسىگە چۈشۈپ قالغان بولىدۇ.
شۇڭا بىز توۋەندىكىچە خۇلاسە چىقىرىمىز :توغرا دېن يەنى بىر "ئاللاھ"غىلا ئشىنىش ،ئۇنېڭغا ئۇ پەرەز قىلغان ئۇسسۇل بىلەن ئىبادەت قىلىش ئاساسىدىكى دىن بولسا ھاياتنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان ئىلمىنتى ،ئەگەر ئادەم دۇنيالارنىڭ پەرۋەردىگارىغا ھەقىقى رەۋىشتە قۇلچىلىك قىلىشنى ،بەخىتكە ئىرىشىشنى ،بۇ دۇنيا ۋە ئۇ دۇنيا نىڭ قاپا مۇشەققىتىدىن ۋە قاپالىرىدىن قۇتۇلۇشنى ئويلىسا ،ئۇ ئادەمنىڭ ئەقلى تەپەككۇرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن بۇ ئىنتايىن موھىمدۇر ،پەقەت مۇشۇ يول بىلەنلا ئەقىل ئۆزنىڭ نەپسىنى قاندۇرالايدۇ،ئۇنىڭسىز ئادەم ئۆزنىڭ ئەڭ ئالى غايىللىرنى ئەمەلگە ئاشۇرالمايدۇ،ئۇ روھنى پاكلايدىغان ھىسياتلاننى تىزگىنلەشتىكى مۇھىم ئىلمىنىت،چۈنكى دىندىكى ئەڭ ئىسىل ھىسياتلار ئۇلارنىڭ نىشانىغا يەتكۈزىدىغان مۇنبەت تۇپراق ۋە تۈگىمەس بۇلاقنى تاپالايدۇ،
ئۇ ئىرادىنى كۈچەيتىش ،شۇنداقلا بىچارىلىك ،ئۈمۈتسىزلىك ئامىلنى قوشۇشقا ئەڭ چوڭ ھەركەتلەندۈرگۈچى ۋە كۈچ بىلەن تەمىنلەشتىكى ئەڭ مۇھىم ئامىلدۇر.بۇنىڭغا ئاساسەن ئەگەر ئادەم تەبىئتىدە ئجتىمائدۇر دەيدىغان ئادەم بولسا ،بىز ئادەم تەبىئتىدە دىنداردۇر دىيشىمىز لازىم .(مەسدەررۇسسابىق84،98ب گە قاراڭ .)چۈنكى ئادەمدە ئىككى كۈچ بار يەنى :بىلىم ۋە ئىرادە كۈچىدىن ئىبارەت .ھەمدە ئۇنىڭ ئاخىرقى بەختى ئۇنىڭ ھەر ئىككىسىگە ئىرىشكەنلىكىگە باغلىق ،تولۇق بىلىم پەقەت تۆۋەندىكىلەرنى بىلىش بىلەنلا ئىرىشىلدۇ :
1ئاللاھنى يەنى ئادەمنى يوقلۇقتىن بارلىققا كەلتۈگەن ،ئۇنىڭغا نېئمەتلەرنى بەرگەن ياراتقۇچىسى ۋە رىزىق بەرگۈچىسنى بىلىش.
2-ئاللاھنىڭ ئىسىم سۈپەتلىرنى ،ۋە بۇلارنىڭ بەندىللەرەە بولغان تەسىرنى بىلىش.
3-ئاللاھ بىلەن ئالاقە قىلىشنىڭ يولنى بىلىش.
4-بۇ يولنى ۋە ئۇ باشلاپ بارىدىغان كاتتا نىئمەتلەرنى بىلىشتىن توسايدىغان توسالغۇلارنى بىلىش.
5-ئۆزۈڭنى ھەقىقەتەن بىلىش ھەم روھىڭنىڭ نىمىگە موھتاجلىقنى ،ئۇنىڭغا نىمىنىڭ ياخشى ۋە نىمىنىڭ ناچار ئىكەنلىكى ،شۇنداقلا كەمچىلىك ۋە ئەتىپلىرنى بىلىش.
بۇ بەش بىلىش ئادەمنىڭ كەمچىلىكلېرنى مۇكھممەللەشتۈردۇ.بىلىم ۋە ئىرادە كۈچنى مۇكەممەللەشتۈرۈش پەقەت ئاللاھنىڭ بەندىللىرى ئۈستىدىكى ھەق ھوقۇقلىرغا دىققەت ئىتبارىنى بەرگەندە ھەمدە ئۇلارنى ئىخلاس بىلەن ئىجرا قىلغاندا ،ئۇنىڭغا مەھكەم يىپىشقاندىلا ۋە ئاللاھنىڭ نىئمەتلىرگە شائىت بولغاندىلا ئەمەلگە ئاشىدۇ .بۇ ئىككى كۈچ پەقەت ئاللاىنىڭ ياردىمى بىلەنلا مۇكەممەللىشىدۇ،شۇڭلاشقا ئىنسان ئاللاھنىڭ ئۆزلىرنىڭ يىقىن دوسلىرنى يىتەكلەيدىغان توغرا يولغا يىتەكلىشىگە مۇھتاج."پايدىلار"18 –19ب گە قاراڭ. 
بايام بىز توغرا دىننڭ ئادەمنىڭ يوشۇرۇن 
كۈچىگە يول كۆرسىتىدىغان ئىلاھى ياردەم ئىكەنلىگىنى بىلدوق،شۇنىڭ بىلەن بىز دىننىڭ يەنە بىر جەمىئەتنى قوغدايدىغان قالقان ئىكەنلىگىنى بىلىمىز ،چۈنكى ئىنسان ھاياتى پەقەت جەمىئەتنىڭ ئەزالىرى ئارىسىدا ھەمكارلىق بولغاندىلا كۈچلۈك بولىدۇ .بۇ ھەمكارلىق ئۇلار ئارىسىدىكى موناسىۋەتلەرنى تەرتىپكە سالىدىغان بىر تۈزۈم بىلەنلا ئىشقا ئاشىدۇ.ئۇلارنىڭ مەجبۇرىيەتلىرنى بەلگۈلەپ بىردىغان ،ئۇلارنىڭ ھەق ھوقوقىنى قوغدايدىغان بۇ تۈزۈم بىرسىنىڭ بۇ تۈزۈمدىن ھالقىپ كىتىشنى توسىدىغان ۋە ئۇنىڭغا ئەگىشىشكە رىغبەتلەندۈرىدىغان بېر خىل كۈچكە ،ئادەملەرنىڭ يۈرىكىگە ئىغىرلىق سالدىغان ،ئۇلارنىڭ چەكلىمىللىردىن ئۆتۈپ كىتىشتىن ساقلايدىغان كۈچكە مۇھتاج بولىدۇ .بۇ كۈچ زادى نىمە؟ مەن دەيمەنكى ،زىمىن يۈزىدە بۇ تۈزۈمنىڭ ھۆرمىتىنى قوغداش،قەمىئەتنىڭ ئۇيۇششى ۋە ئۇنىڭ تۈزۈمنىڭ مۇقۇملىقنى كاپالەتكە ئۇيغۇن كىلىش ھەمدە تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك تەمىنلەشتە دىننىڭ كۈچكە باراۋەر كىلىدىغان كۈچ يوق .بۇنىڭ سەۈەبى ئىنسان باشقا بارلىق جانلىقلاردىن ئۆزنىڭ ئىختىيارى ئىش –پائالىيەتلىرى كۆرگىلى ياكى ئاڭلىغىلى بولمايدىغان يەنى ئۇنىڭ قەلبىنى تەربىيەلەيدىغان ۋە ئۇنىڭ بەدەن ئەزالىرنى يىتەكلەيدىغان دىنى ئەقىدە بىلەن باشقۇرلۇشتا پەرىقلىندۇ .
ئىنسان چوقۇم مەيلى ئۇ دۇرۇس بولسۇن ياكى بۇزوق بولسۇن ئۆز ئەقىدىسى بىلەن يىتەكلىندۇ.ئەگەر ئۇنىڭ ئەقىدىسى دۇرۇس بولسا ،باشقا ىەر قانداق نەرسە ھەم دۇرۇس بولىدۇ،لىكىن ئۇ بۇزۇق بولسا،باشقا ىەر قانداق نەرسە ئوخشاشلا بۇزۇق بولىدۇ.
ئەقىدە ۋە ئىشىنىش ئادەمنى تەرتىپكە سالدىغان ئىككى نەرسىدۇر كۆپ ھاللاردا كۆرىۋاتقىنىمىزدەك ،ئۇلار توۋەندىكىچە ئىككى خىل بولىدۇ:
-پەزلەت ۋە ئادەملىكنىڭ قىممىتنى ۋە باشقا ئالىقاناپ روھلارنى ئۆزلىرنىڭ پىرىنسىپىغا زىت ئىش قىلغاندا ،گەرچە ئۇلار قىسمەن جازادىن ئەپۇ قىلۋېتىلگەن بولسىمۇ ،خىجىللىق ھىس قىلدۇردېغان مەنىۋى قىممەتلەرگە ئىشنىش .
-ئاللاھقا ئۇنىڭ ھەمىشە كۆرۈپ تۇردىغانلىقى ۋە يۈرەكلىرىمىزدىكىنى بىلىپ تۇردىغانلىقىغا ھەمدە مەخپىيەتلىكلەر ھەمدە تىخىمۇ يۇشۇرۇن نەرسىلەرنى بىلىپ تۇردىغانلىقىغا ئىشنىش،شەرىئەتنىڭ كۈچى ۋە ئۇنىڭ بۇيرۇقلىرى، توسۇقلىرنى ئاساس قىلىدۇ،ھەمدە ئادەمنى ئاللاھنىڭ ئالدىدا تارتىنىش ھىس قىلدۇرىدۇ ،ياكى ئۇنىڭغا بولغان موھاببەت بىلەن ،ياكى ئۇنىڭدىن قورقۇپ ۋە ياكى ىەر ئككىلىسى بىلەن ،شۈبھىسىزكى ئەقىدىنىڭ بۇ تۈرى ئىككىسى ئىچىدە كۈچلىكرەكى بولۇپ ،ئىنسان قەلبىگە تەسىرى تىخىمۇ چوڭ بولىدو،ئۇ كۆڭۈل خايىشلېرنىڭ بورانلىرى ۋە ھىسيات ئۆزگۈرىشلىرنى توسۇشقا تىخىمۇ ماھىردۇر ،ھەمدە ئومومى ۋە سەرخىل قەلىپلەرگە تىخىمۇ تەسىرى باردۇر.
مۇشۇ سەۋەپتىن ،دىن ئادەملەرنىڭ باراۋەرلىك ۋە ئادىللىق ئاساسىدا ئۆز ئارا مۇئامىلە قىلىشتىكى ئەڭ ياخشى كاپالەت،شۇڭا ئۇ بىر ئىجتىمائى زۈرۈرىيەت،دىننىڭ ئۇممەتكە بولغان موناسىۋىتى ،يۈرەكنىڭ بەدەنگە بولغان موناسىۋىتىگە ئوخشتىش ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس ،بۇ كۈنلەردە دۇنيادا نورغۇنلىغان دىنلارنىڭ بارلىغىنى بىلىمىز ،ھەمدە ھەر بىر خەلىقنىڭ يىپىشىپ ماڭىدىغان دىنى بار،ئىنسان روھىنىڭ ئارزۇ ئارمانلىرنى قاندۇرىدىغان توغرا دىن قايسى؟توغرا دىننىڭ يوليورۇقلىرى قانداق بولىدۇ؟دوكتور"مۇھۇممەد بىن ئابدۇللا 
بىن سالىھ سەھىم"نىڭ ئەسىرى "ئىسلام ئاساسلىرى ۋە مەنبەلىرى" دىن ئىلىندى.

www.islamqa.com